مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1213|ئىنكاس: 16

شەيدائىي: خوتەن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ جەننىتى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43073
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6020
تۆھپە نۇمۇرى: 792
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 11:51:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ جەننىتى !

-خوتەن  تەسىراتلىرىدىن پارچىلار

   - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىزلەر؟ يېقىندا دوستۇم باتۇر بىلەن ئابدۇسالام ئىككىسىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا گۈزەل يۇرتىمىز خوتەننىڭ تاغۇ-دەريا، باغۇ-بوستانلىرىنى، چۆل-باياۋان، تەكلىمانلىرىنى كېزىپ دالا ساياھىتى ئېلىپ باردۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە  كونا-يېڭى، قېرى-ياش دوسىتلاردىن بولۇپ 30 نەچچە ئادەم قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ ۋاقتى قىس بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى كۆڭۈللىك ئۆتتى. تۆۋەندە بىر قىسىم دوسىتلارنىڭ پائالىيەتتە ئورۇنلاپ ئۆتكەن يۇرتىمىزغا ئاتالغان ئېيتىشىش تۈسىنى ئالغان كومىدىيەسىنى (گەرچە مەخسۇس ئارتىسلار رول ئالغان سەھنە ئەسىرى بولمىسىۇ شۇنداق دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم) كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىگە سۇندۇم. كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ يۇرتىمىز خوتەن توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچە، ھېسىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە مەن !   
      قېنى ئەمىسە باشلاندى، چارچاپ قالماي باشتىن ئاياغ ئوقۇپ چىقىڭ، ئاخىرى تېخىمۇ قىزىقارلىق !
ئابدۇسالام: بۈگۈن بىز ئىككىمىز كۆپچىلىككە بىر پەس نەغمە قىلىپ بەرمەيلىمۇ؟
باتۇر: ھە، ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېنى ئەمىسە ئاۋال سىز باشلامسىز!
ئابدۇسالام: بۈگۈن ھاۋا خېلى يامان ئەمەسكەن ھە.
باتۇر: شۇنداق.
ئابدۇسالام: قاراڭ، بۈگۈنكى پائالىيتىمىزگە يىغىلغان دوسىتلار نېمىدىگەن قىزغىن ھە!
باتۇر: قانداق كۆردىڭىز؟
ئابدۇسالام: قانداق كۆردىڭىز؟... ئۇلارنىڭ چاۋاك ساداسىنى ئاڭلىمىدىڭىزما؟
باتۇر: ئاڭلىمىدىمغۇ.
ئابدۇسالام: قاراڭلار ئۇنىڭ ئاڭلىمىدىم دېگىنىنى، دوسىتلار چاۋاكلىرىڭلارنى بىزدىن ئايىمىغايسىلەر؟!
باتۇر: ھە، ئازراق ئاڭلىدىم.
ئابدۇسالام: بۇ ئادەمنىزە، نەغمە-ناۋانى تېخى باشلىماي تۇرۇپ تاماشىبىنلاردىن چاۋاك تەلەپ قىلىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان، نەغمىڭىزنى باشلىسىڭىز، كۆرسەتكەن نومۇرىڭىزدىن دوستلار رازى بولسىلا ئالقىش دىگەن ئۆزلىكىدىن چىقمامدۇ، مەن ئۇ ئادەمگە ئوخشىمايمەن، ئالقىش تەلەپ قىلدىغان بۇنداق ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن. كۆرسەتكەن نومۇرۇڭ ياخشى بولسىلا تاماشىبىنلار ئۆزلۈكىدىن ئالقىش ياڭرىتىدۇ، مانا بۇ تالانت. قېنى كۆپچىلىك سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ، مېنىڭ دېگىنىم توغرىمۇ يا خاتا؟ ئەگەر سىلەر مېنىڭ دېگىنىمنى توغرا دەپ قارىساڭلار ماڭا ئاتاپ ئالقىش ياڭراتمىساڭلارمۇ بولىدۇ، سىلەر پەقەت قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ قويساڭلارلا كۇپايە.ياق! ياق! ياق... قولۇڭلارنى پۇلاڭلاتمايسىلەرغۇ دوسىتلار، مېنىڭ دېگىنىمنى خاتا دەپ قارامسىلەر قانداق؟
باتۇر: سىززە، تېخى ئويۇنمۇ كۆرسەتمىگەن تۇرسىڭىز يەنە نېمە دەپ تاماشىبىنلاردىن ئالقىش سورايسىز؟
ئابدۇسالام: بۇ قىزغىنلىقنىڭ ئويۇن قويۇشقا تېخىمۇ پايدىسى بار، سىز... سىز بۇنىمۇ ئۇقمامسىز؟ سىزگە ئوخشاش قانداق كۆردىڭىز، ئازراق ئاڭلىدىم دېگەنلەر نېمە دىگەن گەپ، بۇنىڭدا قانداقمۇ قىزغىنلىق بولسۇن!
باتۇر: مەندە قىزغىنلىق بولمىسا ھەسرەتكە چۆممەمدىم.
ئابدۇسالام: ھەسرەت؟ نېمە ھەسرەت ئەمدى ئۇ!؟
باتۇر: ھازىرقى ئۆزگۈرۈشىڭىز بەك ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق، مەن قانداق ئىنكاس قايتۇرالماي قېلىۋاتىمەن.
ئابدۇسالام: شۇنداق، مېنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىدىكى تۇرمۇش تالانتىمدا بولىدىغان ئۆزگۈرۈشلەر ئەڭ چوڭ.
باتۇر: ھە، مەندىمۇ ھېسيات بار دە!
ئابدۇسالام: مەندە ھېسيات بولغاندىن باشقا يەنە مۇھەببەتمۇ بار. يەنە تېخى دەرىجىدىن تاشقىرى كەسكىن دەڭە!  
باتۇر: دەرىجىدىن تاشقىرى كەسكىن؟ ئۇنداق بولسا قېنى سىز سۆزلەڭ.
ئابدۇسالام: يېقىندىن بۇيان ما جاھىل خوتەنلىكنىڭ كۈنلىرى ياخشىلاندى. ئىلگىرى، كوچىدىكى كىشلەر ھەممىسى مانا مۇنداق ئىدى ( ئىككى قولىنى يېڭىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالىدۇ، بىر تەرەپتىن تىترەپ بىر تەرەپتىن ماڭىدۇ)
باتۇر: تۇرقى ئاۋاق، كىيىمى يېلىڭ ئىدى.
ئابدۇسالام: راست، راسىت... شۇنداق ئىدى.
باتۇر: جۈدەپ سارغىيىپ كەتكەن، تويۇنۇپمۇ غىزالىنالمايىتتۇق.
ئابدۇسالام: ( ئىتتىرىشىپ ئۆز ئارا ئورۇشىدۇ)
باتۇر: نېمانداق ئادەمگە سوقۇلىسىز، بىر تۇرۇپ ئادەمنى ئۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىپ قويامسىز؟ ساقچىخانىغا بېرىپ پاش قىلىمەن جۇمۇ.
ئابدۇسالام: گومىنداڭنىڭ چىرىكلىرى بىكارغىمۇ ئادەم ئۇراتتى، كۆرگەن قىسمەتلىرىمىزچۇ تېخى؟ ئۇلارغا دەي دەپ كەلسەم يامۇلنىڭ ئادەملىرى ۋارقىراپ چىقاتتى، ئۇلارنى ھېچكىم باشقۇرالمايتتى.
باتۇر: شۇنداق، ئۇ چاغلاردا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشى بىلەن كىمنىڭ كارى بار دەيسىز!
ئابدۇسالام: توغرا دەيسىلەر، بىز خوتەنلىكلەرنىڭ جاھىللىقى دەل شۇنىڭدىن قېلىپ قالغان.
باتۇر: قېنى تەپسىلىرەك سۆزلەپ باقمامسىز.
ئابدۇسالام: ئاددىيسى توي قىلىشنى مىسالغا ئالسام، بۇرۇندا كىشلەرنىڭ تويدىكى كېلىن كۆچۈرۈشى ناھايىتى ئاددىي ئىدى،  كېلىننى ئىشەك ھارۋىسى ئۈستىدە يۆتكەيتتى.  
باتۇر: ھە، كېلىنچەكنى ئېشەك ھارۋىسىدا يۆتكەيتتى دەڭ، ئۇنداقتا ھازىرچۇ؟
ئابدۇسالام:  ھازىر چۇ ؟ دۇت...دۇت...دۇت... پا..فا فا فاف... فات ..........جان لازىم بولسا يىراققا قاچ!!!!!!!!!
باتۇر: ھە، كىچىك ماشىنىلاردا يۆتكەيدىكەن-دە!
ئابدۇسالام: يەنە بەزى تويلاردا قىز مېلى ھېسابىدا ئالتۇن، كۈمۈش ئۈنچە مەرۋايىتلارنى سوۋغا قىلىشىدۇ ئەمەسمۇ.
باتۇر: يەنە نېمە سوۋغا قىلىدۇ؟
ئابدۇسالام:  كەڭ بەلۋاغلىق تور بىلەن كومپىيۇتېر سوۋغا قىلىدۇ.
باتۇر: توغرا، ھازىر دېگەن پەن-تېخنىكا دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى.
ئابدۇسالام: يەنە بار، كىشلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ناھايىتى چوڭ.
باتۇر: ھە، ئۇنداق بولسا تەپسىلىرەك سۆزلەپ باقمامسىز.
ئابدۇسالام: سۆزلەپ كەلسەم ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىمۇ بار ئەمەسمۇ.
باتۇر: نېمە-نېمىلەر بار؟
ئابدۇسالام: سىپىرلىق تېلىۋىزور، ئولتۇرا نېپىز DVD، پۇرچاق سۈتى چىقرىش ماشىنىسى، شىرنە چىقىرىش ماشىنىسى، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، توكلۇۇق توڭلاتقۇ، كىر ئالغۇ، بۇستارتقۇ، گاز ئۇچاق قاتارلىقلارمۇ ئاپتۇماتېكلىشىپ كەتتى ئەمەسمۇ.
باتۇر: شۇنداق، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىمۇ بىرى بىرىدىن مودا، تېخنىكىلىق سۈپىتىمۇ يۇقىرى دەڭە.
ئابدۇسالام: يەنە بار، خوتەنلىكلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گىلەم، تام گېلەم، ئاسما گېلەملەرنىڭ گۈل نۇسخىلىرىمۇ نەپىس، ھەم لەرزان، باھاسى تېخى ئەرزان دەڭە.
باتۇر: شۇنى دەڭە، ئېلىكتىرلەشكەن ماشىنىلار ئەنئەنىۋى قول توقۇمىچىلىقنىڭ ئورنىنى ئالدى. مەھسۇلات، سۈپەت ئېشىپ كومپىيۇتېر ئارقىلىق تېخىمۇ نەپىس كۆركەم لايھىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئابدۇسالام: يەنە كىشلەرنىڭ كىيىنىشىگە قاراپ باقمامسىز، ئەرلىرى كاستىيوم بورولكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ مودا مودا ياسىنىپ مھمانسارايلارغا يول ئالماقتا، ئۆزگۈرۈش ئەڭ چوڭ بولغىنى يەنىلا ئاياللارنىڭ كىيم-كېچىكى.
باتۇر: ھە، ئاياللاردا نېمە ئۆزگۈرۈشلەر بار؟
ئابدۇسالام: ئالدى بىلەن، ئاياللارنىڭ روھى قىياپىتى ياخشى، كوچىدا ماڭسا كىشىلەرگە باھارنىڭ ئىللىق شامىلىدەك تويغۇ بىرىدۇ، قىياپىتى مەغرۇر. ( مەغرۇر قىياپەتتىكى ئايالنىڭ يول مېڭىۋاتقان كۈرۈنىشىنى دورايدۇ )
باتۇر: شۇنداق، ئىلگىرى ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ئورنىمۇ يوق ئىدى، سىرتقا چىقسىمۇ بېشىنى كۈتۈرەلمەي يۈرەتتى.
ئابدۇسالام: ئاياللاردا پارلاق تەبەسسۇم بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن كىشلەر گىرىم قىلىدۇ.
باتۇر: گىرىم قىلىش بىر خىل مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسكەنلىكنىڭ ئىپادىسى، گىرىم قىلغاندا ئۆزىنى روھلۇق ھىس قىلغىلى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلەپ، باشقىلارغا گۈزەللىك تويغۇسى ئاتا قىلغىلى بولىدۇ.
ئابدۇسالام: ئەلۋەتتە، كىشلەر پەقەت سەھنىگە چىققاندىلا قېنىق گىرىم قىلدۇ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا پەقەت سۇس گىرىم قىلدۇ. ھە راسىت، قايسى كۈنى مەن بازاردا سىڭلىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇمۇ گىرىم قىلىۋاپتۇ.
باتۇر: قاچان دەيسىز؟ مىنىڭ سىڭلىم ئىدارىدا خىزمەت قىلغاندىكىن كۈندە گىرىم قىلىدۇ-دە!
ئابدۇسالام: ئۇ كۈنى سىزنىڭ سىڭلىڭىز بارغۇ، يۈزىگە توق قىزىل يۈز مېيى، قېنىق لەۋ گىرىمى سۈرۈپ، تېرىلىرى كۈرۈنۈپلا تۇرىدىغان بەدىنىگە ئەپ مودا كىيىم كىيىۋاپتۇ، قولىدا ئاللىقانداق بىر نېمە كۆتۈرىۋاپتۇ،
باتۇر: قەيەردە كۆردىڭىز؟
ئابدۇسالام: ئاۋۇ بازاردا بولمامدۇ، شۇ قايناق بازاردا... مەن ئۇنىڭغا سالام قىلغان بولساممۇ ئۇ پەرۋا قىلمىدى.
باتۇر: زادى قەيەردىراق كۆردىڭىز؟
ئابدۇسالام: بىر مودا كېيىم-كىچەك دوكىنىنىڭ ئەينىكىنىڭ كەينىدىلا تۇرماسمۇ،
باتۇر: توۋا !... ئۇ مېنىڭ سىڭلىممىكەن؟ مودا كېيىم-كېچەك دوكانلىرىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى سۇلياۋ ياكى تاش ماترىياللىرىدىن ياسالغان مودىل تۇرسا، ئەگەر ئۇ مودىل بولماي راسىتلا ئادەم بولغان بولسا سىزگە پەرۋا قىلماي قالامتى؟
ئابدۇسالام: ھە، گېپىڭىزچە سىزنىڭ سىڭلىڭىز ئادەم ئەمەسكەندە، مەن ئەتىلا ئۇنىڭغا دەپ قوياي...
باتۇر: سىڭلىمنىڭ ئىدارىدىكى خىزمىتى بەك ئالدىراش، ھەم ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ مودا كېيىم-كېچەك دوكىنىغا بېرىپ مودىل بولۇپ يۇرمەيدۇ، دېسىڭىز دەۋەرمەمسىز، خويمۇ زېرىكتىمغۇ سىزدىن.
ئابدۇسالام: توۋا، يەنە ئاچچىقلاپ كەتتىڭىز دە، ھا...ھا...ھا... مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويدۇم. يېقىندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەنە بىر ئۆزگۈرۈش بار، سىز بايقىدىڭىزمۇ يوق؟
باتۇر: ياق، نېمە ئۆزگۈرۈش ئىكەن ئۇ؟
ئابدۇسالام: بازارغا كېلىدىغان ئېشەكلەر ئازىيىپ، ئالۋاستىلار كۆپىيىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟!
باتۇر: ھا ھا ھا... جادۇگەر خوتۇنلار كۆپىيىپ كېتىپتۇ دەڭ        !
ئابدۇسالام: ياقەي، جادۇگەر خوتۇنلار ئەمەس، ئالۋاستى ماركىلىق توكلۇق موتېسىكلىتلار كۆپىيىپ كېتىپتۇ.
باتۇر: ھە، شۇنداق، شۇنداق دېھقانلارنىڭ ھەممىسى باي بولدى، نۇرغۇن ئادەملەر توكلۇق موتېسىكلىتقا مىنىپ بازارغا بارىدۇ.
ئابدۇسالام: قايسى كۈنى مەن بازاردا قاش-كىرپىكلىرى، ساقاللىرى ئاپئاق ئاقارغان بىر بوۋاينىڭمۇ توكلۇق موتېسىكىلىتقا مىنىپ بازارغا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، موتوسېكلىتىسنىڭ كەينىگە بىر قانچە تاغار ياڭاق ئارتىپ بازارغا كېتىۋاتماسمۇ؟
باتۇر: ھە، ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي دەڭ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يېشى خېلىلا چوڭ بولسا كېرەك.
ئابدۇسالام: شۇنداق، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىسام، ئۇ بۇ يىل 78 ياشقا كىردىم دەپ جاۋاب بەردى.
باتۇر: ھە، قارىغاندا سالامەتلىكى ياخشى ئىكەندە!
ئابدۇسالام: ئۇ بوۋاي تەن سالامەتلىكىنىڭ ئاكىسىنىڭكىدەك ياخشى ئەمەسلكىنى ئېيىتتى.
باتۇر: ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى باركەن؟  
ئابدۇسالام: ئۇنىڭ موتېسىكلىتىنىڭ ئارقىسىغا ئارتىۋالغان بىر قانچە تارغار ياڭاقنى ئۇنىڭ ئاكىسى بىر قولى بىلەنلا ئۇنىڭ موتېسىكلىتىغا ئېلىپ بىرىپتۇدەك، ئۇنىڭ ئاكىسى بۇ يىل 86 ياشقا كىرىپتۇ.
باتۇر: ھە، 80 ياشتىن ئاشقان ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكى شۇنداقمۇ ياخشى بولامدىكەن؟
ئابدۇسالام: ئۇنىڭ دېيىشچە ئۇنىڭ ئاكىسنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى سالامەتلىكى ئەڭ ياخشىلارنىڭ بىر دېيىشكە بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى سالامەتلىكى ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ تاغىسى ئىكەن، بۇ ياڭاقلارنى ئۇنىڭ تاغىسى ياڭاق دەرىخى ئۈستىگە چىقىپ بىر-بىردىن ئۈزۈپ يىققان ئىكەن.
باتۇر: ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاغىسى بۇ يىل قانچە ياشتا ئىكەن؟
ئابدۇسالام: 99 ياش. ئۇنىڭ تاغىسنى ھاممىسى سۈپۈرگە بىلەن ئورۇپ قورقۇتۇپ ياڭاق دەرىخى ئۈستىگە چىقرىپ قويغان ئىكەن.
باتۇر: ئاپلا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھاممىسى قانچە ياشتا ئىكەن؟
ئابدۇسالام: 103 ياش. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى 100 يىللىق ياڭاق دەرىخىنى ئۇنىڭ ھاممىسىنىڭ ئاكىسى تىكىپ پەرۋىش قىلىپ چوڭ قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ چىشى پاتمايدىكەن.
باتۇر: ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھاممىسىنىڭ ئاكىسى قانچە ياشتا باركەن؟
ئابدۇسالام: 109 ياش. ياپىرىم!! تۇرمۇش سەۋىيىسى يوقىرى كۆتۈرۈلدى، كىشلەرنىڭ ئۆمرىمۇ بارغانسىرى ئۇزاردى، 100 ياشلىق بوۋايلار ناھايىتى كۆپ ھازىر، خوتەن ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۆزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر يۇرتىغا ئايلانماقتا!
باتۇر: شۇنى دەڭە، مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ 100 ياشقا كىرگەن كىشىدىن 8 ئى بار.
ئابدۇسالام: ئۇلارنىزە، ھەممىسى 100 ياشتىن ئېشىپ ياشاۋېتىپتۇ-دە!
باتۇر: شۇنداق. ھەر بىر ئادەم يېرىم مودىن يەرنى ئېگىلەپ، دەرەختەك شاخلاپ، يەر جاھاننى قاپلاپ، يىلتىزدەك تەرەققىي قىلىپ، ئېگىز بولۇتتەك چوقچىيىپ....
ئابدۇسالام: توختاڭ ... توختاڭ توختاڭ، ئۇ ئادەممۇ يا ...؟
باتۇر: 8 تۈپ قېرى ياڭاق دەرىخى.
ئابدۇسالام: ماڭا چاقچاق قىلىپسىز-دە! ئۆتەپ بېرىڭە نېرى.

     ئاپتۇرنىڭ بايانى:
راست !  خوتەن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ جەننىتى،
     ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ! چاقچاق قىلمىدىم، ۋاقتىڭلار يەتسە بىر  كىلپ كۆرۈپ كېتىڭلار! خوتەن ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئەلۋەك ماكانى، بۇيەردە ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى مىللىي خاسلىق ئۆز ئەينى، ئۆز ئەسلى بىلەن ساقلاپ قېلىنغان. ئۇزاق تارىختىن بىرى «جاھىل خەق!» دەپ نام ئالغان ئەقىل پاراسەتلىك، باتۇر خوتەن خەلقى ئۆزىنىڭ شۇ جاھىللىقى بىلەن ئۇيغۇر روھىنىڭ نۇرغۇن ئېسىل ئەستىلىكلىرىنى خۇددى پاختا ئىچىدە چوغ ساقلاپ كەلگەندەك ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق، زامانىۋىلىق بىلەن دەۋرىيلىك شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خوتەندىكى بۇ خىل مىللىي خاسلىقلار قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ؟ ئېسىل ئەنئەنە، مىللىي خاسلىق ئەۋلادتىن ئەۋلاتقىچە داۋاملىشىپ يەنە بىر قانچە يىل دەۋىر سۈرەمدۇ ياكى ..... بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە خوتەنگە كىلىپ خوتەننىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن بىر كۆرۈپ كېتىڭ !   

  مەنبە: شەيدائىي  كۈندىلىك مەشىق ئەسەرلەر  خاتىرىسىدىن تاللاپ يوللاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 12:38 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4709
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:08:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەندى يەنە مۇنداق گەپلەرمۇ بار....... باشقا يۇرتتىن بىر كىشى خوتەنگەن ساياھەتكە كەلسە  يول بويىدا بىر بوۋاي يىغلاپ ئولتۇرغىدەك ، ئۇ ئادەم كېلىپ بوۋا نىمە بولدى سىلىگە دىسە «ئانام ئۇردى »دىگۈدەك ھويلا تەرەپنى كۆرسىتىپ ،
بۇ ئادەم ئەجەپلىنىپ  بوۋاينىڭ ئانىسنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ ھويلىغا كىرسە
بىر موماي تونۇر بېشىدا نان يېقىۋاتقۇدەك .
بۇئادەم   چوڭ ئانا يولدا يىغلاپ ئولتۇرغىنى سىلىنىڭ باللىرى بولامدۇ دىسە
ھەئە دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
نىمىشقا ئۇرغانلىرىنى سوراپ باقسام بولامدۇ ؟دەپ سورىغانىكەن .
موماي  بالام دادامنى خاپا قىلىپتۇ .شۇڭلاشقا ئۇردۇم دەپ دىۋان تەرەپنى كۆرسەتكەن ئىكەن   بىر  بوۋاي  ئولتۇرغۇدەك ..........          كېرىيە لايسۇدا جىقمىكەن دەيمەن
ئۆمۈر چولپانلىرىنى    ئاللاھ ئىگەن ئۆمرىنى تېخىمى ئۇزۇن قىلغاي بۇ ئەزىزلەرنىڭ.

مىسرانىمنى مىسرانىم قىلغان مىسرانىم ئەزالىرى.خۇددى ئوقوغۇچى بولمىسا ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى بولمىغاندەكلا.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4495
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:26:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپمۇ بىر قىزىقتۇرۇپ قويدىڭىزيا ئادەمنىڭ بارغۇسىنى كەلتۈرۈپ؟!

مەن ئادەم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29846
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7303
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 02:59:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ خوتەن ئۇيغۇرلىرىغا تىنىچلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

نورىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11857
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 09:15:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئەلۋەك ماكانى، بۇيەردە ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى مىللىي خاسلىق ئۆز ئەينى، ئۆز ئەسلى بىلەن ساقلاپ قېلىنغان. ئۇزاق تارىختىن بىرى «جاھىل خەق!» دەپ نام ئالغان ئەقىل پاراسەتلىك، باتۇر خوتەن خەلقى ئۆزىنىڭ شۇ جاھىللىقى بىلەن ئۇيغۇر روھىنىڭ نۇرغۇن ئېسىل ئەستىلىكلىرىنى خۇددى پاختا ئىچىدە چوغ ساقلاپ كەلگەندەك ساقلاپ كەلمەكتە.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11857
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 09:18:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ‹‹  مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن  ئەلا  ››  ، خوتەنگە كېلىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى  تەۋسىيە قىلىمەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 09:19 AM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11857
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 09:27:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇزلۇق بابىدا يەكتا شاھانە خوتەن،  
جاھان خەزىنىسىدە دۇردانە خوتەن.
شۆھرىتىڭدىن بارچە ئەل ھەيرانە خوتەن،
يىپەك، قاشتېشىڭ بىرلە يىگانە خوتەن  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئۇزۇن سەپەر ...

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39900
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 2143 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 10:06:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لايسۇ يېزىدىسىن جىق چىقىدۇ بۇنداق ئۆمۈر چولپانلىرى .



تەھرىرلىنىدۇ.....

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئاللاھ يولىداشاتۇتدەك سۆزلەيمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82545
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:19:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بىر خوشنىمىزمۇ 110ياشقا كىرگەن ھازىر مۇ بار ، مىنىڭ بوۋاممۇ 99 ياشتا ۋاپات بولغان

دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
بۇدۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئۆتكۈنچىدۇر،بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ.
شۈكرى ئاللاھ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 12:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەڭ چوڭ دىگەندە 93 ياشقا كىرگەن بىر بوۋاينى كۆرگەنتىم .مۇشۇنداق 100 ياشتىن ئاشقانلارنىمۇ بىر كۆرگۈم بار .

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش