قۇسۇر
(ئۇچقۇنى)
ئاران تۇرغان قۇسۇر تاپقىلى،
تۇمان بولۇپ ئاينى ياپقىلى.
يا بولمىسا ئىككى پۇتۇڭنى،
بىر ئۆتۈككە تەييار تىققىلى.
شۇنداق ئۇستا ھەممە نەرسىنى،
بىخ ھالەتتە ئۇرۇپ چاپقىلى.
كۆڭلى تىنماس ئۇجۇقتۇرمىسا،
كۆمۈپ سۆكۈپ تۇنجۇقتۇرمىسا.
بولماس ئۆزى كۈيەلمىگەنكىن،
چوغنى دەسسەپ ئۇمۇقتۇرمىسا.
كۆپلەپ ھەسەل بەرمەمدۇ ھەرە،
ئۈركۈتمىسە،ھۇدۇقتۇرمىسا.
گۈل ئۈنمەيدۇ تىكەن بېغىدا،
ئادەم چاقار ھەسەت دېغىدا.
چىشلەمدۇ ئۆز قېرىندىشىنى،
خام گۆش يىگەن ھايۋان چېغىدا.
ئادەم تۇرۇپ قورۇيدۇ نىچۈن،
ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېغىدا.
ئۇچقۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 11:34 PM