مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1820|ئىنكاس: 43

ھاراقكەش بىلەن ئېشەكنىڭ پەرقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50850
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3050
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2012-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:27:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال بۇ ئىككى ئاتالغۇغا ئىزاھات بېرىۋالاي
ئادەمنىڭ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدىكى خەنزۇتىلىدىكى ئىزاھاتى تۆۋەندىكىچە:
人士 ئەرباپ، زات
智人 ئەقىللىق ئادەم
人物 شەخىس، پىرسۇناژ
دولانلىق تورىدىن «ئالدىساڭ تۈلكە بولۇرسەن، ئالدانساڭ ئېشەك» دېگەن بىر ئېدىيۇمنى ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم. ئېشەكنىڭ تەبىرى ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە بولماس دەپ قارايمەن...
ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى
مۇشۇ كۈنلەردە توي، چايلارنىڭ كۆپلىكى، توي چاي باغاقلىرىنىڭ قىممەتلىكى ئادەمگە ئۆلۈم يېتىم نەزىر چىراق باغاقلىرىدىنمۇ بەكرەك مەيۈسلۈك ئېلىپ كېلىدىغان بۇلۇپ كەتتى. بۈگۈن ناھايتى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈپ تازا چارچاپ كەتكەندە، تاسلا قاپتىمەن، ئاخىرقى ئاپتوبوسقا ئۈلگۈرەلمىگىلى...
ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبوسقا چىقىپ ئولتۇرۇشۇمغا ، قولىدا بىر نەچچە تال سامسا سېلىنغان بىر خاشو خالتىنى كۆتۈرۈۋالغان «ئۇيغۇر دېھقان» دىن بىرى ئاپتوبوسقا چىقىپ، يېنىمدا ئولتۇرۇۋىدى... ئۇنىڭدىن تارقالغان سېسىق بەدبۇي پۇراقتىن سەسكىنىپ، تاسلا قالدىم، بۇ ئاخىرقى ئاپتوبوستىنمۇ ۋاز كەچكىلى.....
بىزدە ھارۋا ھەيدەيدىغانلارنى «ھارۋىكەش»، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ھەيدەپ كىرا قىلىدىغانلارنى «كىراكەش»، باشلىقلارغا خوشامەت قىلىدىغانلارنى «تەخسىكەش» دەپ ئاتىغاندەك، بىكار تەلەت، ھاراق بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزىدىغانلارنى «ھاراقكەش» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانىكەنمىز...
مەن دەل ئاشۇ «ھاراقكەش» ۋە ھايۋانلار دۇنياسىدىكى ئېشەك ھەققىدە ئازراق گەپ ساتماقچى

بىر قانچە بېكەت ماڭغاندىن كېيىن، بۇ مەست ئۇيغۇر چۈشىدىغان يېرىگە كېلىپ، ئاپتوبوستىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. شوپۇر بېلەت پۇلىنى سۈيلىۋېدى، 40 ياشنىڭ ئۈستىدىكى بۇ دېھقان تەپ تارتماي تۇرۇپ:
- پۇل يوق.. دەپ چۈشۈشكە تەمشەلدى.
شوپۇر ئۇنى خېلى قىستاپ، تۆت يانچۇقلىرىنى بىرەر قۇر تەكشۈرتكۈزگەن بولسىمۇ، 3 يىۋەنلىك بىلەتكە چۇشلۇق پۇل چىقمىدى....ئاچچىقى كەلگەن شوپۇر :
- شوۋا ئىچكىلى پۇلۇڭ بار، كىراغا پۇلۇڭ يوقمۇ، ھۇ قەلەندەر، چۈشە ماشىنىدىن!-دېگىنىچە ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈرۋەتتى.
40 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ياشتا تۇرۇپ، جەمئىيەتتە چوڭلار قاتارىغا كىرگەن بۇ ئىنسانغا، بۇ ئەركەككە، بۇ دېھقانغا بۇ ھاقارەتلىك گەپلەر تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس، خۇددى ئۆزىنىڭ «بېنز» ماركىلىق پىكاۋىدىن چۈشكەندەك غېمىدە يوق چۈشۈپ يولىغا راۋان بولدى....
ئالتۇن كۈز دېھقاننىڭ ھوسۇلنى بىر دەقىقە بۇرۇن يىغىۋالمىسا بولمايدىغان ھالقىلىق پەيتى. ئەنە شۇنداق ۋاقىتلاردىمۇ يەنىلا ھاراقتىن ئىبارەت بۇ ئىبلىسنىڭ قولى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قاراپ، شەھەرگە بارغۇچە تەگسىز خىياللارغا پېتىپتىمەن.
بىزدە «ھاراق ئىچكۈچە، ئېشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچسەڭچۇ» دەيدىغان بىر گەپلىرىمىز بارغۇ... شۇنىڭ بىلەن كاللامدا ، ئېشەك بىلەن ھاراقكەشنىڭ قانداق پەرقى باردۇ؟ دەيدىغان غەلىتە سۇئال پەيدا بۇلۇپ بۇ تېمىنى يېزىشقا ۋە بۇ ھەقتە ئازراق ئىزدىنىشكە تۇتۇش قىلدىم.

1-پەرىق: ھاراقنىڭ زېيىنىنى تونۇش جەھەتتە:
جۇڭگودا ھەريىلى 114100 ئادەم ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ، ئومۇمىي ئۆلۈش نىسپىتىنىڭ %1.3 نى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ مېيىپ بولىدىغانلار 2737000 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي مىيىپ بولۇش نىسبىتىنىڭ %3 نى تەشكىل قىلىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە ھەريىلى يۈز بېرىدىغان قاتناش ھادىسىلىرى، خىزمەت ھادىسىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن.
دېمەك: ھاراقتىن ھەر يىلى 114100 ئادەم ئۆلىدىكەن، بۇ ئەقلى بار، تەپەككۈرى بار، پەرىشتىلەر سەجدە قىلغان ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن جۇڭگودەك بىر زېمىندا ئەنە شۇ نىجىس ھاراق سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ، بىراق دۆلىتىمىزدە يىلدا قانچىلىك ئېشەك ئۆلىدىغاندۇ؟  قانچىلىك ئېشەك مېيىپ بولىدىغاندۇ؟ قانچىلىك ئېشەك يولدا تۈز ماڭماي قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىدىغاندۇ؟
مېنىڭچە، ئېشەكلەردىن بىئەجەل ئۆلىدىغانلار، ئۆزىنى مېيىپلىققا مەھكۇم قىلىدىغانلار ، ھاراقكەشلەردەك جىق بولمىسا كېرەك....

2-پەرىق: سالامەتلىكنى ئاسراش جەھەتتە
ھاراقنى كۆپ ئىچسە، جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ. جېگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم زەھەر تازىلايدىغان ئەزا، شۇنداقلا ئۆت سۇيۇقلىقى ھاسىل قىلىدىغان، شېكەرنى ساقلايدىغان مۇھىم ئەزا، ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە جىگەرنى ماي قاپلاپ، ھەزىم قىلىش، شۈمۈرۈش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئىمونىت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، چوڭ مېڭىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم ھاراق ئىچكەندە قان تومۇر تارىيىپ، نەپەسلىنىش تەسلىشىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش يۈرەك مۇسكۇلىنى ماي بىلەن قاپلاپ، يۈرەك ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ھاراق ئىچىش ھەتتا كۆپىيىش ئەزالىرىغا تەسىر يەتكۈزۈدۇ. ھاراقكەشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىدا ئەقلى قابىلىيىتى ئاجىز پەرزەنت ۋە غەيرى تۆرەلمە بولۇش تىراگىيەدىيەسى يۈز بېرىدۇ.
دېمەك: ھاراقكەشلىك - ئۇدۇل دوختۇر كارۋىتىغا، دوختۇر پىچىقىغا، ئامال بولمىغاندا، ئەل جامائەت ئىچىدىكى سەتچىلىك بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش بىلەن ئاقىۋىتى خۇلاسە قىلىندىغان سەلبى قىلمىش. ئەڭ ئەقىللىق ئىنسانلار مۇشۇ بايانلارنى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ يەكۈنلەپ چىقىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرى ھاراقتىن ئۆزىنى تارتماي، كېسەل كارۋىتىغا چىقىۋالىدۇ...
بىراق ئېشەكتىن قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، ئەقلى ئاجىزلىق ۋە ياكى باشقا كېسەللىكلەر بىلەن چارۋا دوختۇرخانىسىغا بېرىۋالغانلىرىدىن قانچىلىك بار دەيسىز؟

3-پەرىق: ئەۋلادلارغا بولغان مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىكى پەرىق
يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە شەھىرىمىزدە KTV لار كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، نادان ياش يىگىت قىزلىرىمىز ئەنە شۇ ئايرىم خانىلاردا كىنولاردىكى قارا جەمئىيەت كاتىۋاشلىرىنىڭ ھوزۇرلىرىنى سۈرەلەيدىغان بولدى... ئەلۋەتتە جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەنمىز، يورۇق ۋە قاراڭغۇ تەرەپلەرنى كۈرۈپ، جاھاننى دەڭسەشمۇ مۇھىم ئىش ئىكەن. شۇ قاتاردا بىزلەرمۇ بىر قانچە قېتىم خىزمەتداشلار بىلەن بۇ «يېڭىلىق»تىن ھوزۇرلىنىشقا باردۇق، ئەپسۇس... مىڭ ئەپسۇس... بۇ ئايرىمخانىلارغا كىرىۋاتقان بالىلارنىڭ بوي تۇرقى ۋە يېشى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز تېنىڭىز شۈركۈنىدۇ....
بۇ يەرگە ئەڭ ئاخىرى تولۇقسىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئەڭ يۇقىرى ئالى مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئايدەك، كۈندەك ئۇكا سىڭىللىرىمىز زىيادە مەپتۇن بۇلۇشقان....
ئەنە شۇ سورۇنلاردا قىزلارنىڭ ھاراق، تاماكىنى ئوغۇللار بىلەن تەڭ ئىستىمال قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس....
ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى، تاماكا چەككەندىن كېيىنكى، ئايرىمخانىلاردىكى ئۇيۇن تاماشىدىن كېيىنكى كىچىك سىڭىللىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددىسى ئەخلاقى پەزىلىتىگە، ئۇنىڭ نېرىسىگە ئىپپىتىگە نېمە دەيمىز ئەمدى.....
كەلگۈسىدە ئاتا بولىدىغان، كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغان ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەخلاق، ئىمان ئېتىقاد، بىلىم، ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم ، بىر باسقۇچ ئۇكا سىڭىللىرىمىز ئەنە شۇنداق يوللاردا ، ئايرىمخانىلاردا، ئايرىم ئورۇنلاردا....
ئۇلار كەلگۈسىدە بىزلەر ئۈچۈن قانداقراق ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ چىقار.....
ئۇنىڭدىن باشقا تېخى باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوماق ئوغلى ياكى قىزىنى ھاراق، تاماكىغا بۇيرۇيدىغان، ئۇلارنى ھاراق، تاماكا سورۇنىغا داخىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەتسىزلىك، بەدقىلىقلىرىدىن ئۇلارغا ئۈلگە بولىدىغان ئاتا-ئانىلارنى بۇ يەردە ساناش بىھۇدە....
ئەمدى دەپ بېقىڭلارچۇ... بىز ئەۋلادلار تەربىيەسىدە، بالىلار نازارىتىدە، ئۆسمۈرلەر ئەخلاقىدا ئەنە شۇنداق يول قۇيۇۋاتقان تۇرساق، ئاتا-ئانىلار شۇنداق «توغرا چۈشىنىدىغان» تۇرسا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساپلىقى قانچىلىك بولار.....
بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېشەكنىڭ نەسلى - ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ساپراق تۇغۇلارمىكىن دەيمەن....
4-پەرىق: دىنى قاراش جەھەتتە
ھاراق ئىچىش ئاللاھنىڭ كىتابى ،پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن قەتئىي ھارامدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:« ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش،قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن،قىماردىن) يانمامسىلەر؟ اﷲ غا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر» (مائىدە سۈرىسى 90- 92- ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەر قانداق مەس قىلغۇچى نەرسە ھاراقتۇر ۋە ھەرقانداق ھاراق ھارامدۇر» ( مۇسلىم رىۋايىتى)
ئەنە شۇنداق يامانلىقى ئاشكارە نەرسىنى ئېشەك چېغىدا ئۇسساپ كەتسىمۇ ئىچىپ سالماس بەلكىم!
5.پەرىق:يۇقۇملۇق  كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش جەھەتتە
 خەلق تورىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 60 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە «ئەجنەبىي كېلىن- كۈيئوغۇل»لاردىن كېلىپ چىققان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئېشىپ، ئاللىقاچان دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپىيىشىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ قالغان. تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «2011-يىللىق جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالىدىن مۆلچەر» دوكلاتىدىن ئىگىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھايات بىمار 780 مىڭ نەپەر بولۇپ، شۇ يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز كېسىلى بىمارى 48 مىڭ نەپەر، ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن قازا قىلغانلار 28 مىڭ نەپەر ئىكەن.
  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 780مىڭ نەپەر ھايات بىمار ئىچىدە ئاياللار %28.6 بولۇپ، ئەيدىز بىمارى 154 مىڭ نەپەر، يۇقۇملانغان بارلىق ئادەملەر ئىچىدىكى نىسبىتى %00.58 ئىكەن. 2011-يىلى شۇ يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 48 مىڭگە يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

  تارقىلىش يوللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 780 مىڭ نەپەر بىمار ئىچىدە يات جىنىسلار ئارا تارقالغانلارنىڭ نىسبىتى % 46.5، ئوخشاش جىنىسلار ئارا تارقالغانلار %17.4، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۇكۇل قىلىشتىن يۇققانلار %28.4، قان بېرىش، قان سېلىش ۋە باشقا قان ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇققانلار %6.6، ئانىدىن بالىغا يۇققانلار %1.1 ئىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىز ۋە يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ۋىلايەت، ناھىيەلەردە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنى داۋالاش- ياردەم بېرىش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 4105 ئەيدىز ئاغرىقى داۋالاندى، 5000غا يېقىن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىق پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ۋە غەمخورلۇق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىندى؛ ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلاپ، جەمئىي 478 مىڭدىن كۆپ تۇغۇتلۇق ئايال تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندى، شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇغۇتلۇق ئاياللارغا تۇغۇتنى ئۆزلۈكىدىن توختىتىش، دورا بىلەن توسۇش، مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈش، سۈنئىي ئېمىتىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر قوللىنىلدى.
يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەرگە قارىتىلغان ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى ۋە خىزمەت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، 11 ۋىلايەت(ئوبلاست)، 29 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە دورا بىلەن داۋالاش مەھەللە ئامبۇلاتورىيەسىدىن 31ى بار بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭ 444 كىشى داۋالاندى، ھازىر 2989 كىشى داۋاملىق داۋالانماقتا؛ توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر، زەھەر چەككۈچىلەر نىسبەتەن مەركەزلەشكەن 22 ناھىيە، شەھەردە ئوكۇل ئەسۋابلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، گاندون تارقىتىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلاپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەرگە جەمئىي 800 مىڭ گاندون تارقىتىلدى،
2011-يىلدىكى ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ئەيدىز كېسىلى 1981 -يىلى ئامېرىكىدا بايقالغان.1983-يىلى فىرانسىيە بۇ كېسەلگە "ئەيدىز ''دەپ نام قويغان. بۇ كېسەل 1985- يىلى جۇڭگودا،1995- يىلى شىنجاڭدا( قومۇلدا) بايقالغان.بۇ كېسەلنى قۇمۇلغا ئىچكىرىدىن بىر ئاققۇن ئېلىپ چىققان. ئەڭ يېڭى ئىستاتېسكىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭدا ھازىر 33974 نەپەر ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ،ئۇيغۇرلار 27058 نەپەر،خەنزۇلار 2337 نەپەر،خۇيزۇلار 1315 نەپەر،3264 نەپىرى باشقا مىللەتلەر ئىكەن .ئايال يۇقۇملانغۇچىلار 10593نەپەر بولۇپ%31.2نى ئىگەللىگەن. ئۆلگەنلەر4540 گە يەتكەن.

قاراڭە بۇ سانلىق مەلۇتلارغا،... 33000 مىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن 27000 مىڭى ئۇيغۇر دېگەن خەتنى ئوقۇيالىغانسىز......
ھاراق، چېكىملىك، ھارام زىنا بۇلار ئەڭ يېقىن قېرىنداشلاردۇر... ھاراقكەشتە ھايا بولمايدۇ... ھايا بولمىغان يەردە ، ئىپپەت قەدىر قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئىپپەت يوقالسا، ئەلۋەتتە ئەيدىزدەك خەلقئارالىق كېسەل پەيدا بولىدۇ دە....
بىراق، ھازىرغىچە ئېشەك ياكى باشقا ھايۋانلاردا مانا مۇشۇنداق غەيرى مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن ، ئەيدىزدەك كېسەل تارقالغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇققۇ دەيمەن.....
بۇنىڭدىن باشقا تېخى ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە ھاراقتىن كېلىپ چىققان باشقا پاجىئەلەرنى، ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ئۆمرىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزۋاتقان سانسىز كىشىلەر توپى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يازمىدىم.
رابغۇزىنىڭ « قىسسەسۇل ئەنبىيا» ناملىق كىتاۋىدا، ياراتقۇچى ئادەمنى ياراتقاندىن كېيىن، پەرىشتە بىلەن ئادەمنىڭ بەسلىشىپ، پەرىشتىلەرنى يېڭىۋالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. سىز بىز ئەنە شۇ پەرىشتىلەرنى يېڭىۋالغان ئەقىللىق ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى تۇرۇپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەجداد ۋە ئەۋلادقا پالاكەت ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ھاراقنى يەنە ئىچەمدۇق؟
يەنە ھاراق ئىچمەكچى بولسىڭىز، خوشە دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنى ئېشەك بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۈرۈڭ!
سىز بىزنىڭ ئىچىدىغان ئەمەس، ئۆگىنىدىغان، تەرەققى قىلىدىغان، يۈكسىلىدىغان، بىر- بىرىمىزگە ھەمدەم بولىدىغان ئەڭ ياخشى ئالتۇن پەسلىمىز ھازىر....
مەنبە: مەشئەل تورى
http://www.xjmaxal.cn



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:06:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ئېسىل تېيما  بوپتۇ ، بۇ تېيمىنى جەمىيتىمىزدىكى بارلىق ياشلار كۆرەلىگەن بولسا ، بۇ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى . سىز دىگەندەك بۇ ھاراقنى ئادەملەر ، سەسكەنمەي ئىچدىكەن .لىكىن ئاشۇ ھاراقنى ئىشەككە قۇيۇپ بەرسە ، پۇراپ باقمايلا سەسكىنىپ كىتىدۇ .      قالتىس ياخشى تېيما يوللاپسىز ، ئۇلۇغ اللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن . ئاللاھ  ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە  ئىنساپ ئاتا قىلسۇن . رەخمەت ئامان بولۇڭ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13008
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1263 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:29:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋاننىڭ ئادەم بولمىقى مىڭ يىل يىراق، ئادەمنىڭ ھايۋان بولمىقى بىر شىشە ھاراق.

زەنجىردەك بوغارمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 565 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:52:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر  بىر  دەريا  بۇلۇپ ،  شۇ دەريانىڭ سۈيىگە  بىر  تېمىم ھاراق  چۈشۈپ  كەتسە  ئاشۇ  دەريانىڭ  سۈيىدە ئۆسكەن  ئوت چۆپنى  يىگەن  قوينىڭ  گۈشىنى  يىمەيمەن ،.،،.،.

قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2099
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 02:43:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 01:52 AM
ئەگەر  بىر  دەريا  بۇلۇپ ،  شۇ دەريانىڭ سۈيىگە  بىر  تېمى ...

دەھششەتقۇ ؟  ما ئىنكاسنى ئۇقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن!

يىقىنياقى تور ساقچىلىرى ئۇمۇميۈزلۈك ھەركەتكە كەلدى، تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا بەك دىققەت قىىشىنى سورايمەن!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5937
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 02:53:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى، داۋاملىق مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
نىشانىڭىزدىن  بوشاشماسلىققا نېسىپ قىلسۇن!

ھايات ھېچكىمنى ئالدىمىدى ، ئەكسىچە بىز قەلبىمىزگە ئاسىيلىق قىلدۇق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4856
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1147 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 08:28:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ جېنىغا تىگىدىغان بولدىدە بۇ تېما...تور دۇنياسىدا‹‹ پالانىغا ياردەم قولىمىزنىڭ سۇنايلى››، ‹‹...... ... ... جىددى ياردەمگە موھتاج›› دىگەن تېمىلار يوللىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىقتىسادى ياردەمگە موھتاج ئادەملەر ئىنتايىن جىق. ھاۋاق ئىچكەن پۇلىمىزنى ئاشۇ بىچارە قېرىنداشلىرىمىزغا بەرسەك، شىنجاڭدىكى بارلىق ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ بىر كۈنلۈك ھاراق ئىچكەن پۇلىغا نۇرغۇن كىشىلەرنى موھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولاتتى. خۇدايىم ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ھىدايەت بىرىپ، ياخشى كىشىلەر توپىغا قوشۇلىشىنى نىسىپ قىلسۇن.

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15614
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 902 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 09:27:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 01:52 AM
ئەگەر  بىر  دەريا  بۇلۇپ ،  شۇ دەريانىڭ سۈيىگە  بىر  تېمى ...




  پاھ ! پاھ ! نىمە دىگەن يۈكسەك ئىرادە بۇ ؟! ئىش دىگەننىڭ كىچىك ۋاقتىدىن ئەمەس بەلىكى ، شۇ ئىشنىڭ مىكۇرۇبى شەكىللنىش ھالىتىگە كىلىپ بولغۇچە ئالدىنى ئالىمىز دەڭلار زەنجىر ئاداش ؟ ھې ھې ھې

ئانچە-مۇنچە ئاشخانلاردا تاماق يەمىسلەر ؟ ئىنكاسىڭلاردىكى تەقۋالىقىڭلارغا قارىسامغۇ ،سىللارنىڭ كوچىدىكى ئاشخانلاردا تاماق يىيىش ئەمەس بەلكى ،ئاشخانا دىگەن ئىسىمنىمۇ ئاڭلىغۇڭلار يوقتەك .

  ئاشخانلاردىكى بەزى قورمىلار يەنى داپەنجى ۋە بەزى گۆشلۈك سەيلەرنىڭ تەمىنى چۈچۈمەل چىقىرىشز ئۈچۈن ئاز مىقتاردا ھاراق ئېشلىتىغان ئېشلىرى بار . بۇ كەمگۈچە ئاشخاندىن تاماق يەپ سالمىدىڭلار ھەقەچان ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 09:27 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yalkuni + 10 ~~~~~~~~~~~

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12990
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 5203 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 10:10:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىر كىشى بالىلىرىنىڭ ھاراققا بىرىلىپ كەتكىنىگە ئاچچىقلىنىپ بالىلىرىغا بىر ئەمەلى تەنبىھ بىرىش ئۈچۈن بىر چىلەك ھاراقنى ئېشەكنىڭ ئالدىغا قۇيۇپتۇ ، ئېشەك ھاراقتىن سەسكىنىپ ھاراقنى تىپىپ ئۆرىۋىتىپتۇ. دادىسى بالىلىرىغا قاراپ :
- بالىلىرىم ، كۆردۈڭلارمۇ ، ئىشەكمۇ چىغىدا ئىچمىدى بۇ نىجىسنى ، ئەمدى سىلەرنىڭ ئېشەكچىلىكمۇ ئەقلىڭلار يوقمۇ ئەمدى .
  بالىلىرى بىر بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ ، ئاندىن چوڭ ئوغلى قۇپۇپ :
    - ئۇكىلۇرۇم ، مۇشۇ ئېشەك قىلغان ئىشنى قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن ، خۇشە

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 10:16:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس   ھارااقكەشتە ھايا يوق

شۇنچلىك تاتلق سۆيۈش سۆيۈلۈشنىڭ ئارقىسىدا جان تەن چىدىغۇسىز قىسمەتلەر بولدىكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش