مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1396|ئىنكاس: 14

شەيتان توۋلىغان بالا! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3311
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەيتان توۋلىغان بالا



يەكشەنبە كۈنى ئەركىن يېرىم كىچە ئەتراپىدا ۋاقىراپ چۇچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتى، ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆمىرىدە كۆرگەن چۈشىنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى ئىدى، مىنى قۇتقۇزۋېلىڭلار-مىنى قۇتقۇزۋېلىڭلار دىگەن ئاۋاز قۇلاق تۈۋىدە ياڭرايتى،باشلىرىغا چىرايلىق بادام دپپا كىيۋالغان بىرنەچچە جۇپ ياش ياپ-يىشىل چىمەنلەر ئۈستىدە بىر-بىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ چىھرىدىن سەبىلىك ۋە نۇر يېغىپ تۇراتتى،ئەتراپ قۇياش نۇرىدا يالتىرايىتتى،ئۇيەر-بۇ يەردە ۋاقىرشىپ ماجاڭ ئويناۋاتقان كىشلەر بىلەن لىق ئىدى،كۅن شۇنداق ئىسسىق بولسىمۇ ئەتراپ شۇنداق سۇغ كۇرنەتتى،ۋايجان قىچىىڭلار! پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان باللار ئۇپۇر-تۇپۇر بۇلۇپ ئورنىدىن قوزغالدى،قۇپ-قارا يۅغان بىر ئۆمىچىك ئۇلارغا ھەيۋە قىلىپ پۇتلىرىنى ھاۋاغا كىرىپ تۇراتتى،قېچىڭلار-قېچىڭلار،ئۆمىچىك بىردەم بىر ياڭغا-بىردەم بىر ياڭغا ئىتىلىپ قوغلىماقتا ۋۇجۇدۇم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك شۈركۈنەتتى،مەنمۇ قېچىشقا ئىنتىلدىم بىراق قەتتى جايىمدىن مىدىر قىللالمايتىم،بىردەمدە يىلىقى چىرايلىق كىينىۋالغان بادام دوپلۇق باللاردىن بىرنەچچىسى ئۆمىچىكنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا يىقىلدى،ۋايجان-ۋايجان ئۆمىچىك ئاستا-ئاستا ماڭا قاراپ سۇرلىۋاتاتتى،ئەتراپتىكى باشقا كىشلەر تاماششا كۅرۋاتامدۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ ھەر كىم ئۆزئىشى بىلەن مەشغۇل بولغاندەك كۅرىنەتتى،ۋايجان ئۆمىچىك يوغان پۇتلىرى بىلەن مىنى باسماداپ قىپ-قىزىل قنىمنى شۇراۋاتاتتى بۇ مۇدىھىشتىن پۇتۇن بەدىنىم ماغدۇرسىزلىنىپ قاپ-قاراڭغۇ بىر قۇدۇققا بشىمچىلاپ چۅشۋاتاتتىم،توۋا دەيتتىم ئىچىمدە باشقىلار بىخارامان ئولتۇرىدۇ،بۇ ئۆمىچىك باشقىلار بىلەن كارى يوق ماڭىلا ئېسلۋاتىدۇ.قۇدۇق ئاستىدىن ھەرخىل ۋھىمىلىك ئاۋازلار،پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغان ئۉمىچىكلەر زەھەرلىك سەت چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خرىس قىلۋاتاتتى،ۋۇجۇدۇمغا ۋەھىمىلىك بىر قورقۇنۇش ياماشتى،ۋايجان مىنى قۇتقۇزىۋىلىڭلار-مىنى قۇتقۇزىۋىلىڭلار.نىمە بولدۇڭ بالام ئانام بشىمنى قۇچقىغا ئېلىپ ئاغىزىنى قىمرلىتىپ مۇققەدەس كىتاپلاردىكى ئايەتلەرنى ئۇقۇپ  ھە دەپ ماڭا ھۇرگىلى تۇرۇپتۇ.بالام يەنە شۇ قورقۇنشلۇق چۇشنى كۆرگەن ئوخشىمامسەن،بالام نىمە بولغاندۇ ساڭا  كۇندە مۇشۇ قابائەتلىك چۈشنى كۆردۇم دەيسەن،ساڭا بىر دىمىدە قىلدۇرۇپ ئىچۈرمىسەم بولمدى،دىگۈنىچە بىر ھازا يۈتۈلۈپ قېقىلىپ كەتتى،نەپەسلىرى بۇغۇلۇپ كالپۇكلىرى كۈكۈرۈپ ھاسىراپ كەتتى،ئانا دۇرىللىرىنى ئەچقاي،بالام دۇرا تۈگۈگۈلى ئۈچ-تۇتكۇن بوپ قالدى،نىمىشقا دىمىدىڭىز،بالام سەن شۇنداق بىسەرەمجان يۈرسەڭ،ۋاي ئانا چۈش دە بۇ چۈش دىگەن،ياخشى چۈش ياراتقۇچى تەرەپتىن يامان چۈش شەيتان تەرەپتىن دەپتىكەن،يول باشلۇغۇچىمىز ئانا،بالام شۇنداق بولسىمۇ دىقەت قىللى.ساڭا گۆز تەگمىسۇن بالام،ئاران بىرتاللا بالام سەن،بەزەندە چۈشنىڭ ئادەمنىڭ كىيىن بولىدىغان ئىشلارنىڭ زاھىر بولىشى مۇنۇ سېسىق كىسەلنىڭ،كىچىكىنە ھاۋايى نەپسىنى دەپ ئازغان ئازغۇنلارنىڭ قىسمىتى بولىشى مومكىن.

-ئاكا سىزنى مۇشۇ كىسەلنى داۋالاشقا ئۇستا دەپ ئاڭلاپ ئىزدەپ چىقتىم، مانا ماۋۇ بەش كۈن بۇرۇن كۆرۈنگەن تەكشۈرۈش قەغەزلىرىم، ئۇلار ئىككى مىڭ يۈەن ئەكىلىڭ دەپتى، بىر ھەپتىنىڭ ياقى بارمىغان يىرىم قالمىدى، ئاخىرى ھەل قىلالماي يىغلاپ يۈرسەم خوشنىمىز سىلنىڭ با يىرىڭلىنى دەپ بەردى، ئۇ بۇرۇن مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ قىلىپ قىشىڭلىدا داۋالىنىپتىكەن، مەن يېزىدا دىھقانچىلىق قىلىمەن، بىرلا ئانام بار، دادام تۈگەپ كەتكىلى بەش يىل بولدى. ئانامنىڭ كاناي ياللۇغى كېسىلى بار ئىدى، ئانامنىڭ دورىسى تۇگەپتىكەن، شوپۇرغا بۇيرىساق تولا ئۇنتۇلۇپ قالدى، ئانام بالام ئۆزەڭ بىرىپ ئەككەلگىن دەپ قالدى.
- ئۇكام كىسەللىك ئەھۋالىڭىزنى دەڭا؟
بۇ كېسەل ماڭا چاپلاشقىنى ئىككى ئاي بولۇپ قالدى جۇما، ئىككى ئايدىنمۇ ئاشتىغۇ دەيمەن. شۇ كۇنى ماشنىغا چىقسام، بىزنىڭ مەھەللىلىك بىر نەچچە باللا شەھەرگە ئۇينىغىلى چىقىپتىكەن، بالىلار بىلەن شەھەر چۆگۈلەپ قالدۇق.ئۇلار بىلەن چاچ ياسىتىمىز دەپ بىر سەتراچخانىغا كىرىشتۇق. توختىجان ئەللىك يۈەنلا ئېلىڭلار، بىزمۇ ئەللىك يۈەندىن بېرىمىز دىۋىدى، بىر چاغدا چىرايلىق بىر قىزنىڭ شەرەتلەپ توۋلىغىنىنى بىلىمەن، بولغان ئىش مۇشۇ. بىر ھەپتىدىن  كېيىن مانا مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، ماڭا بىر ياردەم قىلىپ قويۇڭلار.
مەن ئۇنۇڭ تەكشۈرۈش قەغەزلىرىگە كۆز يۈگۈرتتۈم،ئۇنۇڭغا دەسلەپكى سىبلىس دەپ دىياگىنوز قويۇلغان ئىدى، كېسەلنى تەپسىلى كۈزۈتۈش جەريانىدا ئۇنىڭدا قانداقتۇر ئۇنۇڭدىنمۇ چوڭ بىر كىسە لنىڭ بارلىغىنى ھىس قىلدىم ۋە  ئۇكام قولىڭىزغا خەت قىلىپ بىرەي، خاپا بولماي چوڭراق دۇختۇرخانىغا كىرىپ قايتا بىر تەكشۈرتۈپ چىقىڭا  دىدىم. ئۇ يەنە نەگە چىقارمەن دىگىنىچە نارازى بولغان ھالدا چىقىپ كەتتى.
ئەيدىز كىسلى دىدىم يۈرگۈم مۇجۇلغان ھالدا تىتىلداپ، ئەيدىز كىسلى چىقىپ قالمىغىدى ئىلاھىم، نېمە بولدى خەلقىمگە، ياشلىرىمىزغا... بەش ئالتە يىلنىڭ ياقى ئاق تاماكا دەستىدىن نۇرغۇن ياشلىرىمىز قىرىلىپ تۈگەپ كەتتى، ئەمدى بۇ يامان نىيەتلىك نىجىسلارنىڭ دەستى بىلەن قانچىلغان شاھزادىلىرىمىز ئەيدىز ۋاباسىنىڭ قۇربانىغا  ئايلىنىپ كىتەر؟!

ئەيدىز(aids)كېسىلى بولسا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەردە بولىدىغان ئېرىشمە خاراكتېرلىك ئىممونىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى ئالامىتى بولۇپ، بۇ كېسەل 1981-يىلى ئامېرىكىدا لەۋۋازلىق(كوتلۇك)بىلەن شۇغۇنلانغۇچى گىلتان ئىسىملىك بىر ياۋروپالىقنىڭ مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە پۈتۈن يەر شارىدا(1998-يىل يىل ئاخىرىغا قەدەر)13 مىليون 900مىڭ كىشى مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلدى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 33 مىليون 400 مىڭ كىشىگە يەتتى. 8 مىليون 200 مىڭ ئۆسمۈر بالىلار ۋە بوۋاق مۇشۇ كېسەل پالاكىتىدىن يىتىم قالدى.


ھازىر بۇ كېسەل كۈنىگە 16 مىڭ ئادەم يوقۇملۇنىشتەك تىز سۈرئەتتە تارقالماقتا، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى چۆچۈتىدىغان سانلىق مەلۇمات. مۇشۇ 20 يىل مابەينىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار نەچچە مىليارد دوللار خەجلەپ بۇ كېسەلنى تەتقىق قىلىپ تۈرگە ئايرىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىملىك دورا بايقالمىغاچقا، بۇ كېسەل ھازىرغىچە داۋاسى يوق كېسەل بولۇپ قالدى. بۇ كېسەل تۇنجى بولۇپ بايقالغان گىلتان ئىسىملىك كىشى لەۋۋازلىق(كوتلۇك) بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇپ، كەيىپ بۇ كېسەلنىڭ مەنبەسى لەۋۋازلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.


لەۋۋازلىق(كوتلۇك) ئالەم ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە لەنەت ئوقۇيدىغان بەدقىلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، قانۇنىيەتلىك فونكىسىيگە ئىگە ئورگانىزمنى ئوز فونكىسىيسى بويىچە ئىشەنمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان. لەۋۋازلىق ھەققىدە قۇرئاندا مۇنداق بايانلار بار : "ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالام ۋاقتىدا ھەزرىتى لوت قەۋمىدىن بىر نەچچە ئەر كىشى كېلىپ ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالامغا لەۋۋازلىق قىلىش توغرىسىدا قىزىقتۇرغان ۋە بۇ ھەقتە ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالامنى قىستىغان.


بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە: ئەي ، قەۋم ، مىنىڭ قىزلىرىم سىلەرگە ھالال، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇڭلار. شۇلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىڭلار، دېگەن. بىراق لوت قەۋمى جاھىللىق بىلەن لەۋۋازلىق قىلىشتا چىڭ تۇرغاچقا، ئاللا تەرىپىدىن پۈتۈن قەۋم بويىچە ھالاك قىلىنغان." دېمەك، لەۋۋازلىق قەۋمى، ئىنسانىيەتنى ھالەك يولىغا باشلايدىغان تەبىئىي قانۇنىيەتنىڭ جازاسىغا يولۇقتۇرىدىغان بەدقىلىقتۇر.قۇرئاندا بايان قىلىنغان ھەزرىتى لوت قەۋمىنىڭ ھالەك قىلىنىشى كېيىنكى ئىنسانلار ئۇچۇن ئىبرەت ئىدى، ئەگەر ئىنسانلار قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدىكى ئەزالىرىنى ئوز فونكىسىيگە خىلاپ ئىشلەتسە ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىشى تۇرغان گەپ ئىدى. دەرۋەقە شەرىم-ھايانى، ئادەمىي ئەخلاقنى ئۇنتۇغانلار لەۋۋازلىق بىلەن شۇغۇنلاندى. تەبىئىي قانونىيەتمۇ ئوز موجىزىسىنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى ھالەك قىلدى.

قۇرئاندا بۇ ھەقتە: "ئاللا ھەرۋاقىت تەبىئەتتە ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە مۆجىزىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق ئاللا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ" دېيىلگەن.

دېمەك، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي قانۇنىيەتنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئەخلاقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان كىشىلەر ئۇچۇن كورسەتكەن بىر موجىزىسىدىن ئىبارەت.

دەرۋەقە بىر قىسىم ئالىملار ئەيدىز كېسىلى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، "بىز بۇ كېسەلنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى مەڭگۈ بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن" دېدى. لېكىن بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن، قۇرئاندىكى بېشارەتلىك مەلۇماتلاردىن ئەيدىز(aids) كېسىلى ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەت تەرىپىدىن يارىتىلغان تەبىئەت دۇنياسىدا ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان (ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالام زامانىدىن باشلاپ) كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزم ئىكەنلىكى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھېچقانداق كېسەل پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىگە پايدىلىق مۇھىت ۋە شارائىت(لۋۋۋازلىق) تا ئوسۇپ كۆپىيىپ، ئوز زەھىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.


ھازىرغىچە تىببىي ئىلىم ئەيدىز(aids)كېسىلىنى داۋاسى يوق ساقايماس كېسەل دەپ ھۆكۈم قېلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئالدىنى ئېلىش يولىنىڭ پەقەت ئوز-ئۆزىنى قەدىرلەش، پاكلىقنى ساقلاش، لەۋۋازلىقتىن قول ئۇزۇش، زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەسلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇ مەنە جەھەتتىن "قۇرئان كەرىم" ۋە ھەدىسلەردىن تارتىپ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ئېچىپ بەرگەن قانۇنىيەتلەر بويىچە يول تۇتۇشىمىز، ئوز پاكلىغىمىزنى، نەسلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلىشىمىز، ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمىزدە ئاشۇ مۇقەددەس تەلىماتلارنى تەتبىقلىشىمىز كېرەك.

ئاھ قېرىنداشلىرىم دىققەت قىلايلى، بىكاردىن -بىكار ھېلىقىدەك نىجىس شەيتان توۋلىسا ئازغۇنلۇق قىلىپ كېتىپ قالمايلى دەپ توۋلىغۇم كەلدى.  كۆز ئالدىمغا قاتتىق ناننى كۆتىرىۋالغان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دەسىتىدىن ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، تېخى جاھاننىڭ خولىقىنى كۆرمىگەن، يىگىرمە نەچچە ياشلىق يىگىت، مېنى بىر داۋالاپ قويۇڭلار دەۋاتقان بالا، يېڭى دورىلار تېخى كەشپ قىلىنمىغاچقا  كېسەلنى داۋالىيالماي تىت –تىت-تىت بولىۋاتقان دوختۇر..
ھەر ئىككىسى دەۋردىن ئىنتايىن خاپا. ئاغرىنما، دىدىم ئىچىمدە سېنىڭ زاماندىن ئاغرىنىشقا ھەققىڭ يوق، چۈنكى «ھەق ئىگىسى ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ  ئۇلارنى بىز قاتتىق جازالار بىلەن جازالىدۇق »دىگەن ئابزاس شىرەيىم ئۈستىدە ئېچىقلىق تۇرۇپتۇ، كۆزلىرى قىزارغان، كالپۇكلىرىنى مايمۇننىڭ قوڭىدەك بويىۋالغان ئىككى قىز مېنى تېتىقسىز ناز - كەرەشمە بىلەن توۋلاۋاتاتتى... مەن تەڭرىمگە سېغىنىپ پاسكىنا شەيتاندىن پاناھ تىلىدىم، ھەممىمىز بىرلىكتە پاسىكىنا شەيتاندىن پاناھ تىلەيلى، ئامىن!

مەنبە؛ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن ئوغلى،

پايدىلانغان سان-سىپىر قانۇنىيەتلەر،يارەپ ئامبۇلاتۇريەسى تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 12:24 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5371
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2060 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 12:56:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ناھايىتى ياخشىكەن ،دەلىللىرى ئېنىق ھەم قايىل قىلارلىق ، لېكىن ئىملا خاتالىقى كۆپكەن

زەنجىردەك بوغارمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 565 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:49:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي يەنە شۇنىجىس ئەيدىز،،....
يۇرت تەرەپتىكى ياشلارھەقىقەتەن بەك ساددا،نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيدۇ ۋە ياكى  كۆپ ئويلىمايلا  ئاسانلاخەقنىڭ گىپىگەئىشىنىپ مۇشۇنداق ئۆمۈربۇيى پۇشايمان قىلدىغان ئىش چىقىدۇ.،.،.،
شۇڭا  ياشلارغا  دەيدىغىنىم  .،.،ھاياتنى  قەدىرلەپ  قىز چوكانلاردىن  يىراق تۇرايلى ....!!!

قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2099
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 02:47:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 01:49 AM
ھەي يەنە شۇنىجىس ئەيدىز،،....
يۇرت تەرەپتىكى ياشلارھەقى ...

قاچانىياقى  بۇنداق قىزىققچى بوپ كەتكەنسىلەر ! ھاياتنى قەدىرلەپ جۇڭگو پۇتبولدىن يىراق تۇرايلى دىگەن شۇئارنى ھەجەپ ئۆزگەرتىۋىتىپسىلەر ! ھىلىغىچە قىز-چوكانلار چىقىپ  ئەدىپىڭلارنى بەرمىسۇن، تارتاي دەومۇ تارتقىلى بولمىسا!  ئەمدى تاڭسىڭ بولساق سىزدىگەندەكمۇ بوپ قالا

يىقىنياقى تور ساقچىلىرى ئۇمۇميۈزلۈك ھەركەتكە كەلدى، تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا بەك دىققەت قىىشىنى سورايمەن!

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1497
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15612
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 902 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 09:17:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ئۇ بالىمۇ نىمىمۇ قىلىدۇ .قايسى شەيتان تولاۋەرسە شۇ شەيتاننىڭ كەينىدىن مىڭىپ دەيمەن .
  ھىچ بولمىغاندا ئۇ بالىنىڭ ،مايمۇنىىڭ كاللىسىچىلىك بولسىمۇ تەپەككۇر قىلغۇدەك كاللىسى  باردۇ ؟  -مىنى شەيتان چاقىرۋاتىدۇ دەپ نەدىكى تاشلاندۇق كوچىلاردىدا  ئۇۋا تۇتىلۋالغان ،تازلىقنى سۆيمەيدىغان شەيتاننىڭ كەينىدىن ماڭغۇچە ، تازلىقنى سۆيدىغان پاكىز تەننازراق شەيتاننىڭ كەينىدىن ماڭمامدۇ دەيمەن  قاپاقباش گاچا تاز .

قىلغۇلىقنى قىپ بولۇپ ، ئەمدى بۇ يەردە بىزگە يىشىنى چۆپنىڭ سۈيدەك ئىقىتىپ دەرت تۆكۈپ بەرسە ، بىز نىمە قىلىپ بىرەلەيمىز ؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 09:18 AM  


خۇدايىمنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن، بۈگ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60479
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4351
تۆھپە نۇمۇرى: 685
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:57:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىم  ئۆز  بېشىغا  كەلگەندە بىلىدۇ ،خەقنىڭ قىسمىتىگە توۋا دىيىش  كىرەك ،چوڭ  سۆزلىگەن  بىلەن خەقمۇ شۇنداق بۇلۇشىنى  بىلسە كىرەمدۇ ؟؟؟توۋا  دەيلى ،ئالدىراپ كۈلىدىغان زامان ئەمەس بۇ  .......!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yalganqilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 02:06 PM  


گەر يۈرەك بولسىمۇ بىر پارچىلا گۆش،
نى ئوتتا كۈيۈپ بولمايدۇ  خازان.
گە ئۇندا بولسىدى بىر پارچە پولات،
مەۋجۈتلىكىگە بولماستى  ئمكان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84771
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 03:58:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پاسىق كاپىرلارغا بىرىلگەن جازا ..................
مۇسۇلماننىڭ ئىمانى بۇنداق مەينەتچىلىكتىن يىراق تۇرۇشقا داۋاملىق ئۈندەيدۇ .
بۇنداق مەينەت كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى     (((  كۈچلۈك ئىمان  )))
پەقەت ۋە پەقەت  (((  كۈچلۈك ئىمان  ))) .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3201
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 05:45:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق نىجىستىن ىۇداساقلىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80329
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-5-19
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 08:36:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق كىسەلدىن خۇدا ساقلىسۇن مۆمىن بەندىلەرنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9256
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،ھاياتنى  قەدىرلەپ  قىز چوكانلاردىن  يىراق تۇرايلى ....!!!



ھەقسىز  كىنو  ..  http://www.138991.cn

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش