غەزەللەر
ھەركىم ھەر نىمە دەيدۇ،دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ،
قىنىپ مۇڭداشقىدەك سىرداش تاپالماي شۇنچە غەمكىن مەن.
يوللاردا تولا ئادەم ،تونۇشماي بولمىدۇق ھەمدەم،
تەنھالىقتا تەلمۈردۈم،ئاداشماي شۇنچە تەمكىنمەن.
سىغىنسام سىرغىدى كۆز ياش،بىرىپ كەلدىم چىدام بەرداش،
"ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن ئەقىدەمگە يىغلايمەن".
يىراق مەنزىلگە كۆز تىكسەم،بۇلۇت كۆكسىدە ماتەم ياش،
يەر يىرلغۇدەك تەۋرەر ،بۇ ئاچچىق بىر پىغان دەيمەن.
دەرىخا دەر قەدەمدە مىڭ پىغان ئەپسۇس،
دادىخا ئىغىر دەرتتە،بۇ ئاخىرقى سۈكۈت دەيمەن
2
كۆرمىدىم دەپسەن مىنى،كۆزلىرىڭ روشەن ئەمەس،
ئەمما كۆردىم مەن سىنى ئاۋالقى قىز گۈلشەن ئەمەس.
قىپقىزىلدۇر لەۋلىرىڭ بۇرنىڭ قاناپ كەتكەنمىكىن،
قاش قاپاقلار ھەم كۆكۈش،ئۆزگە ھال مەلۇم ئەمەس.
ئار،نۇمۇس بىر قىز ئۈچۈن زىننەت ئەمەسمۇ شەرم ھايا،
بىر بولمىسا تىل بىرگە دىل،تارتشما كەسكىن بولدى بەس.
بەلدىن ئاشقان چاچلىرىڭ چاڭگا بوپتۇ ساپسىرىق،
ئوخشىغان سەن كىملىگە،نىمىگە قىلدىڭ ھەۋەس.
.
2012-يىلى ئاۋغۇست قەشقەر
مەنبە : ئارامى