كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،
قوزغاپ ئاتەش يۈرەكتە ھەۋەس.
ھايال ئۆتمەي ئايلىنار ئوتقا،
تۇرغۇن سۇدەك قوزغالغان نەپەس.
كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،
قىلىپ جىلۋە-نازىڭغا شەيدا.
ئالتۇن بويۇڭ كۆيدۈرگەن جاندىن،
بولار سۆيۈش ئىستىكى پەيدا.
كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،
بوستان چېچىڭ يەلپۈنۈپ تال-تال.
شامال سۆيگەن ياپراقتەك تىترەر،
تاغدەك مەزمۇت ۋۇجۇدۇم غال-غال.
كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۆزۈمگە قاراپ،
تىكلەپ نۇردەك بېشىڭنى ئېگىز.
شېرىن تۇيغۇ قاقشايدۇ دىلدا،
ئۇزاق سانچىپ قويغاندەك بېگىز.
كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۈزۈمگە قاراپ،
جىمجىت ئاۋاز چىقىرىپ يەردىن.
نازۈك تىۋىش ئاڭلىنار لەرزان،
سىناق ئېلىپ بىپەرۋا ئەردىن.
كۈلۈپ ئۆتسەڭ كۈزۈمگە قاراپ،
تۈزۈپ قابىل دانىشتەك پىلان.
سويلاپ ياتار باغرىمدا كۆشەپ،
جەھلى قاتتىق زەھەرلىك يىلان.
مەنبە: ئىجادىيىتىم