|
|
|
|
كېرەكمۇ (ئۇچقۇنى)
كۆز ئالدىمدا جەمئىيەت، بېرەي ساۋاق، كېرەكمۇ؟ سوراپ باقاي،زېرىكسەڭ، بەزمەقاۋاق كېرەكمۇ؟ كىممۇ كەيىپ سۈرمىگەن، نەشە قاپاق كېرەكمۇ؟ ئەخمەق ،سورۇن كۆرمىگەن، پىۋە ھاراق كېرەكمۇ؟ بارمۇ بويتاق بۈگۈندە، سەتەڭ نايناق كېرەكمۇ؟ يۈز ئاچمىغان قىز نەدە، ئايرىم ياتاق كىرەكمۇ؟ يۈرسەك مودا چاكىنا، مەتۇ ئەخلاق كېرەكمۇ؟! ئوينا يايرا ،غەم تەشۋىش ساڭا شۇنداق كېرەكمۇ؟ بۇ قىسمەتكە ئامال يوق، ئويلاش،قانداق،كېرەكمۇ؟ ئەل-يۇرت دىمە بەس! ساڭا- تۈرمە قازناق كېرەكمۇ؟ جېق سۆزلىمە ساڭا جان، تۈمۈر تاۋاق كېرەكمۇ؟ ئىش تاپمىغىن بىزگە شۇ- يامان ئاتاق كېرەكمۇ؟
تەڭ ئۇخلايلى ئويغانما، بىزگە ئويغاق كېرەكمۇ؟! بىز ياشايمىز <ئادەمدەك >، ۋىجدان سوراق كېرەكمۇ !؟
ئۇچقۇنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 08:29 PM
|
|
|
|
|
|