«لەيلى-مەجنۇن»فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى ھىندىستان كىنو سىتودىيىسى ئىشلىگەن.) كىرىش سۆز: لەيلى بىلەن مەجنۇن روھى بىر، ئەمما جىسمى باشقا-باشقا ئاشىق –مەشۇقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئىلاھى مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇھەببەت. ئۇلار ياشىغان دەۋىردە ئىككى قەبىلە بولۇپ، ئۇلار ھامرىس ۋە سەرۋەر قەبىلىلىرى ئىدى. بۇ ئىككى قەبىلە باشلىقلىرى ئىناق ئۆتۈشەتتى. لەيلى بىلەن مەجنۇن بىر-بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشەتتى. ئۇلارنىڭ سۆيگىسى ئىلاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئايلاندى، خۇددى ئاللاھ ئۆزى خالاپ ئورۇنلاشتۇرغاندەك. ئۇلارنىڭ سۆيگۈ ئوتى ھەر كۈنى كۆرشۈپ تۇرىدىغان مەكتەپتە باشلانغان ئىدى. ئۇستاز بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەجنۇندىن باشقا ھەممەيلەن يازدى. مەجنۇن قەلبىگە ئورناپ كەتكەن لەيلىنىڭ ئىسمىنى يازدى. ئۇستاز بۇ خەتنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، مەجنۇننى قاتتىق ئۇردى. بۇ تاياق لەيلىنى ئازاپلىدى. بۇنى كۆرگەن ئۇستازنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى. باشقىلار ئۇلارنىڭ سۆيگۈسىگە يامان كۆزدە قارىدى ھەمدە سۆز-چۆچەك قىلىشتى. لەيلىنىڭ دادىسى بۇنى ئاڭلاپ، لەيلىنى مەكتەپكە بارغۇزمىدى ھەم سىرىتقىمۇ چىقارمىدى. بىر كۈنى لەيلى بىلەن مەجنۇن ئۆيدە ئادەم يوق ۋاقىتتا ئۆيىدىن قېچىپ كېتىشتى. بۇ ئىشتىن ھەر ئىككى قەبىلە باشلىقلىرى دەرغەزەپ بولدى-دە، ئۇرۇش قىلماقچىمۇ بولۇشتى. ئۇلار بوستانلىققا كەلگەندە كۆرگەن مەنزىرە ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەجنۇننىڭ دادىسى لەيلىنىڭ دادىسىدىن ئۇلارنى بىئارام قىلماسلىقنى ئۇلارنىڭ بىللە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا لەيلىنىڭ دادىسى ئاچچىقلىنىپ، بۇ ئويۇننىڭ كەلگۈسىدە بىر پاجەئە بولىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىگە ئىزا-ئاھانەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، لەيلىنىڭ قولىنى تارتىپ سۆرەپ ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارنى ھېچكىشى كۆرمىدى. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىدى. قىسىقىچە مەزمۇنى: ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ.بىر كۈنى لەيلى خىزمەتچىسى بىلەن بىرلىكتە بازارغا زىبۇ-زىننەت ئالغىلى چىقىپ توساتتىن قەيىتنى كۆرۈپ قالىدۇ.قەيىتمۇ لەيلىنى تونۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ-دە، بىر-بىرىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيدۇ. لەيلى خىزمەتدىشىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىلاجىسىز قەيتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قەيىتمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، لەيلىنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆرۈۋالىدۇ. قەيىت يېرىم كىچە بولغاندا ھېچكىشىگە تۇيدۇرماي، لەيلىنىڭ ياتقان قورۇسىغا كىرىپ، بازاردىن ئالغان زىبۇ-زىننەتنى لەيلىگە تاقاپ قويىدۇ. لەيلى بۇنى قەيىتنىڭ بەرگەنلىگىنى بىلىپ قەيىتكە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۇچىيىدۇ. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، لەيلىنىڭ دادىسى لەيلىنى باشقا شەھەردىكى بىر پادىشاھقا مەجبۇرى ياتلىق قىلىۋىتىدۇ. بىراق لەيلى قەيىتنى ياخشى كۆرگەچكە، بۇ تويغا قوشۇلماي، قاتتىق ئازاپتا قالىدۇ. توي كىچىسى لەيلى پادىشاھقا قەيىتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پادىشاھنى يېنىغا يېقىن كەلتۈرمەيدۇ. پادىشاھ لەيلىنى قايىل قىلالماي ئاقىۋەت ئۇنىڭ قەيىت بىلەن توي قىلىشىغا ئامالسىز ماقۇل بولىدۇ. لەيلى بىلەن قەيىتنىڭ توي بولىدىغان كۈنى جابىر ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن، يالغاندىن تىۋىپ بولۇپ، ياسىنىۋىلىپ، پادىشاھنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋىتىدۇ ھەمدە لەيلىنى ئاتقا ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. قەيىت جابىرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلايدۇ. جابىر لەيلىگە پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرىدۇ. قەيىت بىلەن لەيلى چۆل-باياۋاندا كۇرمىڭ جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، ئاخىرى بىر –بىرى بىلەن جەم بولىدۇ، لىكىن لەيلى جابىرنىڭ پىچىقى دەستىدىن قەيىتنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزۈدۇ. قەيىت لەيلىنىڭ پاجەئەلىك ئۆلۈمىنى كۆرۈپ، قاتتىق ئازاپلىنىپ، لەيلىنىڭ يېنىدا جان ئۈزۈدۇ. بۇ فىلىم لەيلى بىلەن مەجنۇندىن ئىبارەت بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ تىراگىدىيىسى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چىن مۇھەببىتىگە سادىق، مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە ئۆلۈمدىنمۇ قورىقمايدىغان باتۇر ، قەيسەر روھىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 17-سىتەبىر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 08:11 PM
|