يۇنان-باكترىيە پادىشاھلىقى
ئومۇمى چۈشەنچە
يۇنان-باكترىيە پادىشاھلىقى(Greco-Bactrian Kingdom) ئوتتۇرا ئاسىيادا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 256-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 125-يىلغىچە مەۋجۇت بولغان بىر قەدىمى دۆلەتنىڭ نامى،يەنە توخارىستان(Tocharistan)مۇ دېيىلدۇ،يۇنانلىقلار باكترىيە(Bactria) دەپ ئاتايدۇ.ئاساسلىق زېمىنى ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە ھىندىقۇش تېغىنىڭ شىمالىدىكى جايلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،غەربتە ئاشكانىلار ئېمپىرىيەسى(Parthian Empire) بىلەن خوشنا كېلىدۇ.زېمىنى ئەڭ كېڭەيگەن ۋاقىتتا شىمالدا سوغدىيانانى جەنۇبتا كابۇل،پەنجاپ ۋە ھىندى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىندىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
يۇنان-باكترىيە پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنى
تارىخى
باكترىيەنىڭ ئەسلى ئاھالىسى پارسىلار بولۇپ ئەھمەنىلەر پېرسىيە ئېمپىرىيەسى( Achaemenid Persian Empire )،ماكېدونىيە ئېمپىرىيەسى(Macedonia)،سەلەۋكىلەر ئېمپىرىيەسى(Seleucid Empire ) قاتارلىق دەۋرلەردە بۇ يەر ئۇلارغا قاراشلىق بىر ئۆلكە بولغان.سەلەۋكىلەر سۇلالىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە تېخىمۇ زور تۈركۈم يۇنانلىقلار ۋە ماكېدونىيەلىكلەر بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 246-يىلى ئەتراپىدا ۋالى ديودوت (Diodotus I)سەلەۋكىلەر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئانتياكنىڭ(Antiochus II )ۋاپات بولۇشى ۋە سەلەۋكىلەر سۇلالىسى لەشكىرى كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىپ شەرققە قاراشقا چولىسى تەگمىگەن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ مۇستەقىللىق جاكارلاپ دۆلەت قۇرغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 238-يىلى پارنى دەپ ئاتىلدىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىنىڭ ئاقساقىلى ئارشاك (Arsaces I) باكترىيەگە قوشنا پارفىيە(Parthia) ھۇجۇم قىلىپ پارفىيە ئېمپىرىيەسى(Parthian Empire)نى قۇرۇپ باكترىيە بىلەن غەربتىكى يۇنان دۇنياسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىۋاستە يولىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.سەلەۋكىلەر ئېمپىرىيەسىنىڭ پادىشاھى سەلەۋك (Seleucus II) پارفىيەگە لەشكەر تارتقاندا باكترىيەمۇ بىر تەرەپتىن ئۇلارغا زەربە بېرىدۇ.
ماكېدونىيە ئېمپىرىيەسىى
ديودوتI نىڭ ئوغلى ديودوتII تەختكە ۋارسلىق قىلغاندىن كېيىن شەرقتىكى ئۆلكىسىنى قايتۇرۋالماقچى بولغان سەلەۋكىلەر ئېمپىرىيەسىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن پارفىيە بىلەن تىنىچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 230-يىلى باكترىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى بىر ۋالى ئوۋتىدېموس( Euthydemus I) ديودوت جەمەتىنىڭ قولىدىن ھاكىميەتنى تارتىۋېلىپ ئۆزى پادىشاھ بولىدۇ.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 208-يىلى سەلەۋكىلەرنىڭ پادىشاھى ئانتياك IIIشەرققە يۈرۈش قىلىدۇ،ئارىئۇ دەرياسى ئۇرۇشى(Battle of the Arius) باكترىيە قوشۇنىنى مەغلۇب قىلىدۇ ھەم باكترىيەنىڭ ئاستانىسى بەلخ(Balkh)نى قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ بىراق ھۇجۇم قىلىپ ئالالمايدۇ.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 206-يىلى ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىدۇ،ئانتياك III باكترىيە پادىشاھلىقنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەم قىزىنى ئوۋتىدېمۇسI نىڭ ئوغلى دېمېترى(Demetrius I)گە ياتلىق قىلىدۇ،بىراق باكترىيەمۇ پارفىيەگە ئوخشاش سەلەۋكىلەر ئېمپىرىيەسىگە ئولپان تاپشۇردىغان بولىدۇ.
دېمېترى I تەختكە ۋارسلىق قىلغاندىن كېيىن ماۋرىيە ئېمپىرىيەسى(Maurya Empire)نىڭ ئاجىزلاشقان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جەنۇبقا چۈشۈپ ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىدۇ ھەم بۈگۈنكى ئافغانىستان ۋە پاكىستانىڭ شىمالى قىسىمىدىكى رايونلارنى باكترىيەگە قوشۇۋالىدۇ.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 183-يىلى ئاستانىسىنى بەلختىن تاكسىلا (Taxila) يۆتكەپ،دۆلەتنىڭ مەركىزىنى قەدىمقى ھىندىستاننىڭ غەربى-شىمالى قىسمىغا كۆچۈرۈپ كېلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن باكترىيە پادىشاھلىقى گۈللەنگەن مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ ھەم يۇنان مەدەنىيىتى بىلەن ھىندى مەدەنىيىتنىڭ قوشۇلىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
دېمېترى I نىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس،مىلادىيەىن بۇرۇنقى 180-يىلى دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن ياكى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قانچە ھۆكۈمران تەرپىدىن ئىگەللىۋېلىنىپ ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالىدۇ،باكتىرىيە پادىشاھلىقىمۇ ئىككىگە پارچىلنىپ كېتىدۇ،بىرى باكترىيەنىڭ ئەسلى زېمنى،يەنە بىرى ھىندىستاندىكى ھىندى-يۇنان پادىشاھلىقىدۇر،ئۇلار ھەمىشە ئۆزئارا قارشىلشىپ تۇرىدۇ.
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 168-يىلى يۇنانلىق ئاقسۆڭەك ئوۋكرات(Eucratides I) باكترىيەنىڭ ئەسلى زېمىنىنى ئىگەللىۋېلىپ پادىشاھ بولىۋالىدۇ،شۇ مەزگىلدە پارفىيەدىكى مىترىدات(Mithradates I) بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەرۋ(Merv)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربى قىسىم زېمىنلىردىن ئايرىلىپ قالىدۇ.پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىنكى باكترىيە پادىشاھلىقى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ،ئاخىرى شىمال تەرەپتىن كەلگەن ساكلار ۋە ياۋچىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 125-يىل ئەتراپىدا گۇمران بولىدۇ.ھىندى-يۇنان پادىشاھلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتېرىياللار ئاز بولۇپ ،بىراق بىز ئۇلارنىڭ جەنۇبقا چۈشكەن ساكلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئىزچىل ئۇچىرغانلىقىنى بىلەلەيمىز،مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 10-يىل ئەتراپىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھمۇ ساكلار تەرپىدىن يوقىتىلغان.
تىل-يېزىقى
باكترىيەلىكلەرنىڭ تىلىنى بۈگۈنكى تىلشۇناسلىق بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا ھىندى-ياۋرو تىللىرى سىستېمىسى ھىندى-ئىران تىللىرى تۈركۈمىنىڭ شەرقى-شىمالى تارمىقىغا تەۋەدۇر،بەزى ئالىملار ئۇلارنىڭ تىلى توخار تىل تۈركۈمىگە تەۋە دەپ قارايدۇ.باكتىرىيە تىلنىڭ باشقا تىللارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى باكترىيە تىلى يۇنان مەدەنيىتنىڭ تەسىرگە ئۇچىرغانلىق تۈپەيلىدىن يۇنان ئېلىپبەسى بويىچە يېزىلغان.
سەنئىتى
قەدىمقى باكترىيەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن،نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەر ۋە ئولتۇراق نۇقتىلىرى بولغان بولۇپ "شەھەرلەر پادىشاھلىقى" دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە بولغان.يۇنان-باكترىيە پادىشاھلىقى دەۋردە سېلىنغان شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرى قېلىن،ئۈستىگە تىكتۆتبۇلۇڭ شەكىللىك راۋاقلار ياسالغان.شەھەر رايونى تەكىشلىكى رەتلىك لايھىلەنگەن.تۇرالغۇلار ياپىلاق تاشلار بىلەن ياسالغان،ئاساسى خام خىش بىلەن قوپۇرۇلغان.ئاستانىدىكى شاھ ئوردىلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قەسىرلىرى تام رەسىملىرى بىلەن زىننەتلەنگەن.
يۇنان-باكترىيە پادىشاھلىقنىڭ پۇلى
يۇنانلىقلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە زور مىقداردىكى پۇل تارقىتىلغان،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى بۇ دەۋردىكى تارىخ ۋە سەنئەتنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىياللاردۇر.بۇ پۇللارنىڭ ئوڭ تەرپىگە يۇنانلىق ھۆكۈمرانلارنىڭ پورتېرتى ئويۇلغان بولۇپ ھەممىسى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا قويۇلغان.بۇ پورتېرلار ناھايىتى جانلىق بولۇپ پۇلنىڭ ئۈستىگە پەقەت پادىشاھلارنىڭ غايىۋى ئوبرازىنىلا سىزىدىغان ئادەتنى بۇزۇپ تاشلاپ،پادىشاھلارنىڭ شەخىسى ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلگەن،بۇ باكترىيە پادىشاھلىقدىكى سەنئەتكارلارنىڭ قابىليىتىنى ۋە ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلدىغان ئىجادى پوزىتسىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈردۇ.يۇنان-ماكېدون بويسۇندۇرغۇچىلىرى دىنى-ئېتىقاد جەھەتتە باكترىيەلىكلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان،شۇڭا پۇلنىڭ ئارقا تەرپىگە يۇنان ئىلاھلىرنىڭ مەسلەن:زېئۇس(Zeus)،ھېراكل(Heracles)،ئاپوللو(Apollo)قاتارلىقلارنىڭ ئوبرازىنى قويغان،بىراق يەرلىك خەلقلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى دىنى-ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمىگەن.بۇ پۇللار ھەرگىزمۇ يەرلىكلەرنىڭ مەدەنيىتىنىڭ ساپ يۇنان مەدەنيتىگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى خىل مەدەنيەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.تارىخ سەۋەب ۋە جۇغراپىيەلىك ئورۇن قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باكترىيە بىلەن يۇنان ۋە ھىندى مەدەنيەتلىرى ئارا كەڭ بېرىش-كېلىش بولغان.
ئىقتىسادى
يۇنان-باكترىيە پادىشاھلىقى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېھقانچىلىقى ۋە چارۋىچىلىقى تېز تەرەقىياتلارغا ئېرىشكەن،بۇغداي،شال،ئۈزۈم تېرىلغان.يۇنان،ماكېدونىيە،كىچىك ئاسىيادىن كەلگەن كۆچمەنلەر زور كۆلەمدە بوزيەر ئۆزلەشتۈرگەن،سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرنى ئېلىپ بارغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردى كېيىن شەھەر ئىقتىسادى گۈللەنگەن.ھەرقايسى خارابىلەردە زور مىقداردىكى پۇللار بايقالغان بولۇپ ،ئۈستىدىكى شاھنىڭ سۈرىتى ۋە ئويما يېزىق تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن پادىشاھلىقنىڭ سىياسى تارىخى،خان جەمەتىنىڭ شەجەرىسى،يىلنامىگە مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پۇللار ئەينى دەۋردىكى گۈللەنگەن ئىجتىمائى،ئىقتىسادى ئالماشتۇرۇشنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
يۇنان-باكترىيە پادىشاھلىقى شەرق-غەرب،جەنۇب-شىمال قاتىنىشىدىكى مۇھىم يولنىڭ كېسىشىش ئورنىغا جايلاشقان،ھىندىستانغا بارىدىغان سودا يولى بىلەن كاشىغەرگە باردىغان سودا يوللىرنىڭ ھەممىسى باكترىيەدىن ئۆتىدۇ.باكترىيە بىلە غەربنى تۇتاشتۇردىغان سودا يولىدىن ئىككىسى بار بولۇپ،بىرسى پارفىيە ئارقىلىق ئەكباتانغا ئاندىن ئانتياكقا بارىدۇ.يەنە بىرسى يولى بولۇپ ھىندىستاندىن سۇ قاتنىشى ئارقىلىق مىسىرغا ۋە سەلەۋكىلەر ئېمپىرىيەسىگە بارىدۇ.جوڭگونىڭ يىپىكى،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەنىڭ ئالتۇنلىرى ،ھىندىستاننىڭ خۇشپۇراق ماتېرىيال،پىل چىشلىرى مۇشۇ يەردى غەربكە توشۇلغان.
مەدەنيىتى
يۇنانلىق كۆچمەنلەر قۇرغان يۇنان-باكترىيە پادىشاھلىقنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى،ئىقتىسادى قۇرۇلىمىسى،مەدەنىيەت تەركىبىنىڭ ھەممىسى قەدىمقى يۇنان مەدەنيىتىگە يىلتىز تارتقان،بىراق بۇ خىل سىرتتىن كەلگەن مەدەنيەت كۆچۈرلىشى،تەرەقىياتى ئوخشاشلا قەدىمى مەدەنيەتكە ئىگە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىك رايونىدا توختىماستىن ھىندى ۋە پارس مەدەنيتىنىڭ تەسىر قىلىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىگە ئۇچىرغان،شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە بىرخىل يۇنان مەدەنيىتىنى ئاساس قىلغان ئارلاشما مەدەنىيەت ھاسىل بولغان.بۇ خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمقى مەدەنيىتىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ مەدەنيىتىگىمۇ ئوخشاش بولىمغان دەرجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
بۇددا نومى"شاھ مىللىندانىڭ سوئالى" دا يۇنان بىلەن ھىندىستان بۇددا دىنىنىڭ ئۇچىرشىشى خاتىرلەنگەن.
مەنبە:ۋىكىپىدىيە تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 05:50 PM
|