نەرسە سېتىۋالمەن ياكى كىتاب سېتۋالىمەن دېگەن ئۇچۇرلارنى توردا تولا كۆرىمىز. لىكىن شېئىرنى سېتۋالمەن دېگەنلەرنى كۆرۇپ باقمىغانتىم.بۇگۇن شۇنداقراق بىر ئىشقا يولۇقتىم. باغاق بېسىش دۇكىنمىزغا باغاققا شېئىر يېزىپ بېردىغان بىر ئاكىمىز بار ئىدى. تېخى تۇنۇگۇن ئۇ باشلاپ كەلگەن خېرىدانىڭ 800دانە باغاق زاپاسنى تاپشۇرپ ئالغان ئىدىم.
___باغاققا شېئىرنى يېزىپ بەرسەڭ ئاكا شېئىرنى سېتىۋالىمەن دېدى. ھېلىقى توي قىلماقچى بولغان بالا. بۇگەپنى ئاڭلاپ سەل تېڭرىقاپ قالدىم.بالنىڭ ئەلپازدىن چاقچاق قىلىۋاتقانلىقى قەتئىي بىلىنمەيتتى. باغاق ئۈچۈن يېزلىدىغان شېئىرنى سېتىۋالمەن دېسە بۇ كۈلكىلىك تۇيۇلشى مۇمكىن. بەلكىم پايدسىغا ساتماقچىدۇ دەپ گۇمانغا چۇشۇپمۇ قالىمىز. بالىنىڭ شۇ سۆزى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى. ئۇ بالنىڭ قارىشچە،ئەجىر قىلغان كىشى چوقۇم ھەققە ئېرشىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۆزى ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ شېئىر يېزىپ بەرگەن كىشىگە ھەق بېرىش كېرەك.بىزدە "دولان قوشقىرى مىليۇن پۇلغا سېتىلىدىكەن ".دېگەن خەۋەر توردا ئېلان قىلىنسا ھېچكىم ئەجەبلىنىپ قالمايدۇ. بىرە داڭلىق شېئىرنى پۇلغا ئالدىكەن دېسە كۆپچلىك سەل ھەيران قالار بەلكىم.
بۇ بالىنىڭ قانچە باھا قويۇشىدىن قەتئىنەزەر ئىشقىلىپ ئۇ شېئىرنى پۇلغا سېتىۋالماقچى ئىكەن. ئۇيغۇرلاردا كىتاب سېتىۋلىشقىمۇ پۇل قسىندىغان،مەردلىك قىلالمايدىغان ئىللەتلەر بار. كىتابخانىغا قارسىڭىز تولۇپ تاشقان ئادەملەر پەقەت شۇ ئوقۇپ ،ئوقۇپ قاتلاپ مەينەت قىلىپ جايىغا قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ.
شېئىر يازغۇچى ئەلۋەتتە خەلق ئۈچۈن شېئىر يازىدۇ،بەزىلەر ئىچ پۇشقىنى چىقىرىش ئۈچۈن يازىدۇ.لىكىن پۇل تاپاي دەپ يازىدىغانلار بولمسا كېرەك. ئاۋاممۇ شېئىرنى باھالاش ۋە پۇلغا سۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ.
بىر مۇنەۋۋەر شېئىر نى مەسلەن ئاتاقىلىق شائىرلىرىمىزدىن روزى سائىت ياكى مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى سېتىۋالىمەن دەپ باققان ئادەملەر بارمۇ؟ يوق ، بىزدە سېتىۋالغۇچى بىرەر نەپكە ئېرىشمىسە بىر نەرسە سېتىۋالمايدۇ. شۇڭا قولىمزدا شۇنداق بىر نەرسە پەيدا بولۇپلا قالسا:" نېمە پايدسى باركەن "دېگەن سوئال نەرسە سېتۋالغانلارغا قويۇلىدىغان بىرىنچى سوئال. بىزلەردە قانچلىك نادىر يازما بولسىمۇ ئىقتسادى قىممەتكە ئېرشەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشلەرمۇ ھېچقانداق ماددى رىغبەتكە ئېرشەلمەيدۇ.چۈنكى قىممەتلىك ئەسەرلەر بەربىر كىتابخانا ياكى كۇتۇبخانلاردا بار،توردىمۇ ئوقۇۋالساق بولىدۇ . بىز ساگىناجى دەپ كىرىگەن دېىۋانلارغا پۇل بېرەلەيمىز، ساخاۋەتلىك قىلىپ قېينچلىققا يولۇققانلارغا پۇل بېرەلەيمىز،گازلىق ياكى توكلۇق تونۇر ،ئىلكتۇرنلۇق كۆرپە ئىشلەپچىقارغانلارغا دۆلەت پاتنىت بېرىدۇ. پۇل تاپقۇسى بار كارخانچىلار بولسا بۇلارنى پۇلغا سېتىۋالىدۇ.ئاندىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ پايدسىغا بىزگە ساتىدۇ.
لىكىن بىرەر پارچە ئەدەبىى ئەسەرنى (كىتابنى ئەمەس)پۇلغا باھالاپ سېتىۋالىمەن دېگۇچىلەر يوقكەن، چەتئەللەردە پالانچى مەشھۇر شەخسنىڭ مايكسىنى ،خېينى، ئىشقىلىلپ كالتە ئىشتىنىدن باشقا نەرسلىرنى سېتۋىلىپ ئەسەر -ئەتىقە قاتاردا ساقلايدىغانلار بار ئىكەن. بۇلارغا قاراپ پۇلنى خەجلەيدىغان يەر تاپالمايۋاتقان خەقكەن،ئىسراپچلىق دەپ قوبۇل قىلالمايمىز.شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشلارغا يەنە بىر تەرەپتىن زەڭ سالساق ،بۇنداق پائالىيەتلەرگە ئۇلارنىڭ مەشھۇر كىشلىرنى قەدىرلەش،ھۆرمەتلەش ئىستىكى يۇشۇرۇنغان ئىكەن.
شېئىرنى سېتىۋالمەن دېگەن بالىنىڭ سۆزىدىن مەن قانداقتۇر يوغانچلىق ۋە ھەشەمەتچلىكنى ھېس قىلمدىم. بۇنى قانداقتۇر ئەخمەقلىك دەپمۇ قارىيالمدىم.بالىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايىدىن ،ياخشى شېئىر بولسا سېتىۋىلىش كېرەك دىگەن بىر چۈشەنچىنى ھېس قىلدىم.
مەيلى شېئىر بولسۇن مەيلى داڭلىق ئەسەرلەر بولسۇن ئاز -تولا ئىقتسادى قىمممەتكە ئىگە بولسۇن كىتابنىڭ تېشىغا چىقرىلىپ قويغان باھا سىز بىلەن بىزدەك ئاۋام ئۈچۈن ماتىريالغا كەتكەن چىقىملارنى چىقىرۋىتىپ قويغان باھاسى خالاس.لىكىن بىر ئەسەرنىڭ ھەقىقى قىىممتىگە ئايرىم بىر باھا قويۇپ باقساق دەيمەن. شۇنداق قىلساق كىم بىلىدۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت بازارلىرىمىزمۇ ئېچلىىپ تەرەققى قىلىپ كىشلەردە ئىلىمنىڭ ھەقىقى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا پايدسى بولۇپ قالامدۇ؟
بەلكىم ئاشۇ چاغدا ئىلىم ئەھلىلىرنىڭ ئورنى تېخىمۇ كۆتۇرۇلشى مۇمكىن
2012.9.16 يېزلدى
سۆيگۇ ئۇچقۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 01:54 PM