|
|
|
|
دىۋېي بەگلىكى(翟魏国)
دىۋېي بەگلىكى بولسا جوڭگونىڭ 16 بەگلىك(16国) دەۋردىكى دىڭلىڭلار(丁零) بۈگۈنكى خېنەن(河南)دىكى سېرىق دەريا(黄河)نىڭ جەنۇبىدا قۇرغان بىر ھاكىميەت.
ئەسلىدە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشايدىغان تيلېلار(铁勒)نىڭ جەنۇبقا كۆچۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەلگەنلىرى دىڭلىڭلار دەپ ئاتالغان.مىلادىيە 338-يىلىدىكى فېڭشۈي ئۇرۇشى(淝水之战)دىن كېيىن سېرىق دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان دىڭلىڭلار شىنئەن(新安،خېنەندىكى بىر ناھىيە)دە ئىسيان كۆتۈرۈپ ئالدىنقى چىن(前秦)غا قارشى تۇرغان.مىلادىيە 338-يىلى دىڭلىڭلارنىڭ سەردارى دىلياۋ(翟辽)سېرىق دەريانىڭ جەنۇبىدىكى خۇاتەي(滑台)دە ئۆزىنى ۋېي تيەنۋاڭ(魏天王) دەپ ئاتاپ ۋېي بەگلىكى(魏国)نى قۇرۇپ چىققان، بۇ بەگلىك تارىختا دىۋېي بەگلىكى(翟魏国) دەپ ئاتالغان.
دىۋېي بەگلىكى سېرىق دەريانى دالدا قىلىپ شەرقى جىن(东晋)،كېيىنكى يەن(后燕)،غەربى يەن(西燕) قاتارلىق ئۈچ بەگلىك ئوتتۇرسىدا مۇئامىلە قىلغان ھەم كېيىنكى يەن بەگلىكىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا ھەمىشە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان.مىلادىيە390-يىلى شەرقى جىن سۇلالىسنىڭ سانغۇنى ليۇ لاۋجى(刘牢之) دىلياۋنىڭ ئوغلى دىجاۋ(翟钊)نىڭ قولىدا مەغلۇب بولغان،شۇ يىلى ئاۋغۇستتا ليۇ لاۋجى يەنە جۈەنچېڭ(鄄城،شەندوڭدىكى بىر ناھىيە)نى ھۇجۇم قىلىپ ئالغان،دىجاۋ لىياڭ(黎阳،خېنەندىكى بىر ناھىيە)غا قېچىپ بېرىۋالغان.ئۇندىن كېيىن ليۇ لاۋجى شەرجى جىن سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر سانغۇنى جۇشۈ(朱序) بىلەن بىرلىشىپ خۇاتەيگە ھۇجۇم قىلغان،نەتىجىدە دىجاۋ مەغلۇب بولۇپ دەريادىن ئۆتۈپ شىمالغا قېچىپ كەتكەن.مىلادىيە 392-يىلى كېيىنكى يەن بەگلىكىنىڭ بېگى مۇ روڭچۈي(慕容垂) قوشۇننى ئىككىگە بۆلۈپ سېرىق دەريادىن ئۆتۈپ دىۋېي بەگلىكىنى يوقاتقان.
دىڭلىڭ ۋە دىۋېي بەگلىرى:
دىڭلىڭ
1.دىبىن (翟斌)--- (330-394) 2.دىجېن (翟真)--- (384-385) 3.دىچېڭ (翟成) --- (385) 4.دىلياۋ (翟辽) ---(385-388)
دىۋېي
1.دىلياۋ(翟辽)---(388-391) 2.دىجاۋ(翟钊)---(391-392)
مەنبە:ۋىكىپىدىيە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 02:41 PM
|
|
|
|
|
|