مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 4

ئاي مۆككەن كېچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68665
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3913
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:06:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەرلەر مۇھەببەتنى ئەركىن پەرۋاز قىلغان قۇشقا ئوخشىتىدۇ، ئاياللار بولسا مۇھەببەتنى بىخەتەر،پۇختا ئىللىق ئۇۋىغا ئوخشىتىدۇ، قۇش بىلەن ئۇۋا بىرلەشسە بەخت گۈلى پۇرەكلەپ ئېچىلىدۇ، ئەمما ئۇ ئارزۇ قىلىپ كىلۋاتقان شۇ بىخەتەر، شۇ ئىللىق ئۇۋا ئۇنىڭ كاللىسىدىكى شئېرىى تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەندە شامدەك كۆڭۈل كۆزىدىن ياش ئاققۇزماقتا ئىدى. لىكىن ياش ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىنى نەمدىگىنى بىلەن قەلبگە قونغان ھەسرەت چاڭلىرىنى يۈيۈشقا قادىر بولالمىدى، چۈنكى ئۇ زامان جاسوسىنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇغان خۇشاللىقلىرىنى ھايات ۋارىقىدىن ئۆچۈرۇپ تاشلىغان ئىدى.
گۇگۇم ئۇنىڭ ھۆزۇرلىنىپ ئچېۋاتقان بىر قاچا سۈتىگە ئارلىشىپ قايماق رەڭگە ئۆزگەردى، زۇمرەت ئاسمىنى تۇن لىباسىنى كىيىشى بىلەن كېچە قاغىلىرى   بىردەمدىلا ئاسماننىڭ كۆك رەڭلىك جاڭگىلىدا قارا پەيلىرىنى نامەيەم قىلىپ كۆرەڭلەپ قاراپ تۇرماقتا ئىدى، زۇلمەتلىك تۇن ئۇنىڭ بارلىق خۇشاللىقلرىنى يالماپ،ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا چۆمگەن گۈزەل تۇرمۇشنى ئىگىلىۋالدى.
ئۇ دۇنيا خاراپخانىسىدا رەپىقىسىز، ھەمدەمسىز قالغان ئايال گاھى كۇلۇپ›گاھى مىسكىن خىياللارنى سۈرۇپ بۇ ئىككى يۈزلىمىچى دۇنياغا نەپرەتلەنمەكتە ئىدى.
ئۇ غىرىپلىق غالجىر قوشۇنىنىڭ ئەسىرلىكىدىن قۇتۇلماقچى بولغاندەك،يالغۇزلۇق خىلۋەتخانىسىدىن چىقىپ تېمتاس كېچىدە ئۆزى بىلمىگەن نىشانغا قاراپ ماڭدى.
    كېچە، ئاسمان گۈمبىزى خۇددى قازاننى كۆمتۇرۇپ قويغاندەك ھەممە يەر قاپقاراڭغۇغۇ،گويا قارا تۇن پۈتۇن ئالەمنى ئىگىۋالماقچى بولغاندەك،ئاسماننىڭ يۈلتۇز كىلىنلىرى ئاسمان ئايۋىننىڭ نىل رەڭلىك داستىخىنى يۈزىدىكى ئاينىڭ كۆمۈشتەك تاۋىقىنى ئىلىپ نەلەرگىدۇر ئۆزنى پىنھانغا ئىلىشقان ئىدى.
قەلب دەرياسى ئاستا دولقۇنلاشتىن بىسىققان ،ئايال، تېمتاس كېچىدە تەگسىز خىياللارئېچىدە ئايلىنىپ يۈردى. ئۇنىڭ يۈرىكىنى نەپرەت تۆمۇرى بېسىپ تۇراتتى، يۈرەك ھە ربىر نەپەسلىنىش ئۈچۈن قانچىكى تىركىشسە ،نەپرەت ئوتى شۇنچە لاۋۇلداپ يۈرىكىنى تۆمۇردەك تاۋلايتتى، ئۇ خۇددى مەست كىشىلەردەك خىلى بىر يەرلەرنى ئايلىنىپ چىقتى، لىكن يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك چۇۋالچاق خىياللىرىنى بىريەگە يىغالمىدى، ئۇ ھارغىن پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ گۈللۈككە يانداش قويۈلغان ئورۇندەققا كىلىپ ئولتۇردى.
    ئۇ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ يىللارنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالماقتا ئىدى، يىللار ئۇنىڭغا سائەتتەك چىكىلداپ سىرلىرىنى تۆكۈپ بىر ۋاتىدۇ، يىللار ئۇنىڭ جاراھەتلەنگەن قەلب يارىسىغا سەۋىر مەلھىمى سۈرۋاتىدۇ، ئۇ ئەمدى بىر دەم بولسىمۇ كۆڭلى ئارام تاپقاندەك ھېس قىلدى.غەمنىڭ ئارقىسىدىن شادلىقنى تىلەش،تويدىن كىيىن ماتەمنىمۇ كۆرۇش، مانابۇ ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى ئۇ بۇ قانۇنىيەت ئالدىدا گۇۋاچىسىز قالغانلىقى ئۈچۈن تەقدىر ئىلاھى قۇدىرەت قولى بىلەن يازغان  ھۆكۈمنامىگە ئامالسىز قايىل بولىدىغانلىقىنى ئىتىارپ قىلماي نەچارە ، ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى،ئۇ ۆكز ئالدىدىكى بۇ رۇشەن رىئاللىقتىن ئاخىرى ئۆزىگە مەنىۋى تەسەللى تاپقاندەك خىياللىرى گويا دەريا ئۆركەشلىرىدەك دولقۇنلىدى.
     ئۇ دىلنىڭ غۇبارىنى روھ چېھرىسىدىن يۈيۈپ تاشلاپ بارلىق خۇشاللىقلىرىنى ئازاپ ساندۇقىغا قاچىلاپ، ھەسرەت قۇلۇپىنى سىلىپ، قەلب جاراھىتىنىڭ قان يىرىڭلىرى سىڭگەن بۇ چىلان تۇپىراققا كۆمۇۋىتىپ بىر ئۆمۇر يىگانە ياشاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەنھالىق خىلۋەت خانىسىغا قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدىدا ھەسرەت ۋە قايغۇنىڭ كۆلەڭگىسى ئەگىپ سايە تاشلاپ يۈرەتتى، يۈرىكىنى بولسا نەپرەت ئوتى پولاتتەك قىلىپ تاۋلاتتى. بۇيۈرەك شۇنداق نەپرەتكە تولغان يۈرەككى،ئۇنى ھەرقانداق بىر ئۇستا پولات تاۋلىغۇچىمۇ ئېرىتىپ قايتا تاۋلاشقا ،ھەتتا يانار تاغنىڭ ھارارەتلىك ماگمىلىرىمۇ ئېرىتىشكە قابىل ئەمەس.


مەنبە: ئۆزۈم.  
2012-يىلى ئىيون. يەكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 01:11 PM  


مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6900
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1218 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 02:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم ،  چۈشىنكسىزلا  بىر خىل ھېسيات .

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 829
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1220 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 08:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-17 02:38 PM
ئىككى قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم ،  چۈشىنكسىزلا  بىر خىل ھېسيات ...

بېر خىل ھېسيات.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13008
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1263 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:59:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى؛كىچىنىڭ گۈزەللىگى ئۇنىڭ جمجىتلىغىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4173
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:22:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈكۈت

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش