ئۆزىڭىز كىم؟
ئۇيغۈر ئۇيۇل تاش ئەسلى ھەم مىھرىبان ۋەتەنداش،
دىل سىرلىرى تونۇشلۇق قىسمەتلىرى تەقدىرداش.
يەتتە ئىمان بەش ئىسلام نىشانىغا نۇر قاياش،
ئىككى ئالەم بەختىدۇر ھەق يولىدا تىك ياشاش،
بىر سۇئال بار جاۋاپسىز ئۆزىڭىز كىم- قېرىنداش؟
مىڭ يىل بۇرۇن بۇغراخان بەيئەت قىلغان ئىسلامغا،
ئۇ- قۇل ئەمەس پادىشاھ نامى مەشھۇر جاھانغا.
ئەۋلادىبىز مەھمۇدنىڭ -دەپ چۈشۈمىز پاراڭغا،
ئەپسۇس داۋام ئەگەشتۇق كۆڭۈل دىگەن ساراڭغا،
بىر سۇئال بار جاۋاپسىز ئۆزىڭىز كىم قېرىنداش؟
كۈچ ئۆملۈكتە بىلگەننىڭ يۇلتۇزلىرى نۇر چاچتى،
قۇمدەك ھەريان چېچىلغان ئۆز بويىغا ھەم تاشتى.
بىساۋاقسىز يۈرگەندىن يېقىنلىرى ھەم قاچتى،
رىقابەتلىك دۇنيادا ئىزلەنگەنلەر كۆپ ئاشتى،
بىر سۇئال بار جاۋاپسىز ئۆزىڭىز كىم قېرىنداش؟
راست-بارىنى ئاۋامغا ئاتىغانلار يوق ئەمەس،
ئابدىقادىر داموللام ئۇستاز ئارا بىر ھەۋەس.
ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئەل-ۋەتەندە كۆڭلى بەس-!
بۇ ئويغۇنۇش دەۋرىدە بىز يۈرەمدۇق مەست-ئەلەس،
بىر سۇئال بار جاۋاپسىز ئۆزىڭىز كىم قېرىنداش؟
سىرغا تولغان ئالەم بۇ ئاچقۇچلىرى ئىلىمدە،
<<ئوقۇ>>بىلەن تەستىقكى بۇ سۆز قۇرئان كەرىمدە.
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە،
مۇشەققەتلىك سىناقتا قول بەرمىسىلا تەسلىمگە،
بىر سۇئال بار جاۋاپسىز ئۆزىڭىز كىم قېرىنداش؟
بار ھەركىمگە نېسىۋە سائادەتنىڭ تۆرىدە،
ئېغىز بىلەن ئەمەس ئىش قىلسا ئەمەل ئۆزىدە.
ھاياتلىقى ھەر جانغا ئامانەتتۇر بىلگەنگە،
ھەر تىنىققا بىر ھىساپ بار ھىساپقا كەلگەندە،
بىر سۇئال بار جاۋاپسڭز ئۆزىڭىز كىم قېرىنداش؟
مەنبە:لاۋا0989(ئجادىيەتلىرى)دىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 01:21 PM