مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1645|ئىنكاس: 19

بىلىش زۆرۈر بولغان شەرىئەت ئىستىلاھلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83100
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4293
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 10:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىلىش زۆرۈر بولغان شەرىئەت ئىستىلاھلىرى



ئىبادەتكە سالاھىيەتلىك بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان شەرىئەت ئىستىلاھلىرى 7 بولۇپ ئۇلار : پەرز ، ۋاجىب ، سۈننەت ، ھارام ، مەكرۇھ تەھرىمى ، مەكرۇھ تەنزىھى ، مۇباھتۇر .

1-پەرز

پەرز دېگەن نېمە ؟

پەرز - ئۇنىڭ بۇيرۇلغانلىقى قۇرئان-كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر ( راستىنلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى بىر توپ جامائەت تەرىپىدىن بىر خىل ئىبارە بىلەن رىۋايەت قىلىنىپ ، شۈبھىسىز دەرىجىدە ئىسپاتلانغان ) ھەدىسلەرنىڭ ئېنىق ۋە كەسكىن دەلىللىرى بىلەن بېكىتىلگەن ئەمەللەر دېمەكتۇر .

مەسىلەن : قۇرئان كەرىمنىڭ دەلىللىرى بىلەن بېكىتىلگەن بەش ۋاخ ناماز ، زاكات ، روزا ۋە ھەج قاتارلىقلارغا ، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنىڭ دەلىللرى بىلەن  بېكىتىلگەن نامازدا قۇرئان ئوقۇش ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئەمەللەر .

پەرزنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

پەرزنىڭ ھۆكۈمى : ئۇنى ئورۇنلاش زۆرۈردۇر . ئورۇنلىغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ . ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن ئورۇنلىمىغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا تۇتقان بولىدۇ . ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ .

پەرز قانچە تۈرلۈك بولىدۇ ؟

پەرز ئىككى تۈرلۈك بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرى ، پەرز ئەين ، يەنە بىرى ، پەرز كىفايەدۇر .

پەرز ئەين دىگەن نېمە ؟

پەرز ئەيىن_مۇسۇلمانلاردىن ھەر بىر شەخسنىڭ بىۋاستە ئۆزى ئورۇنلىشىغا بۇيرۇلغان پەرز دېمەكتۇر .

مەسىلەن : بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ، ھارام ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق  بولۇشقا ئوخشاش ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئەمەلدۇر .

پەرز ئەيننىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

پەرز ئەين دەپ ئاتالغان ئەمەللەرنى مۇسۇلمانلاردىن ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆزى ئورۇنلىشى شەرتتۇر . باشقىلارنىڭ ئورۇنلاپ قويۇشى بىلەن ئادا تاپمايدۇ .

پەرز كىفايە دېگەن نېمە ؟

پەرز كىفايە_ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر .

مەسىلەن : ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ ، يامان ئىشلاردىن توسۇش ، دىنى ئىلىم ياكى پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدىن قايسىبىرىدە مۇتەخەسسىس بولۇش ، جىنازا نامىزىغا قاتنىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەمەللەردۇر .

پەرز كىفايە بولغان ئىشلار پەرز ئەينغا ئايلىنامدۇ ؟

پەرز كىفايە بولغان ئىشلار گاھىدا پەرز ئەينغا ئايلىنىپ قالىدۇ .

مەسىلەن : مەلۇم بىر مەھەللىدە ياكى بىرەر شەھەردە بىر كىشىدىن باشقا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىدىغان ئادەم چىقمىسا ، خەلققە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ ، ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرىش شۇ ئادەمنىڭ ئۈستىگە پەرز ئەين بولۇپ بەلگىلىنىدۇ . شۇنىڭدەك ، بىرەر ئىلىم ساھاسىدە ئوقۇپ مۇتەخەسىس بولۇش ئادەتتە پەرز كىفايە بولۇپ ، مەلۇم بىر ئىلىم ساھاسىدە ئوقۇشقا تاللانغانلار ئۈچۈن شۇ ساھادە ئوقۇش پەرز ئەينغا ئايلىنىدۇ .

پەرز كىفايەنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

پەرز كىفايە ئەمەللىرىنى مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن ئورۇنلىمىغانلارنىڭ ئۈستىدىكى بۇ پەرزنى ئورۇنلاش بۇرچى ئادا تاپىدۇ . ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن ھېچبىرسى بۇ پەرزنى ئورۇنلىمىغان بولسا ، پۈتۈن مۇسۇلمان ئاممىسى گۇناھكار بولىدۇ ۋە تەرك قىلىنغان بۇ پەرز ئۈچۈن ھەممىسى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ .

2-ۋاجىب دېگەن نېمە ؟

ۋاجىب_بۇيرۇلغانلىقى قۇرئان كەرىم دەلىللىرى بىلەن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ، شۇ مەسىلىگە نىسبەتەن دالالىتى كەسكىن بولمىغان ئايەتلەر ۋە غەيرى مۇتەۋەتىر ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى بىر ياكى ئىككى ساھابە قاتارىدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك ، كەسكىن دەلىل ئىسپاتلار قاتاردىن ئورۇن ئالالمىغان ) ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن ئەمەللەر دېمەكتۇر .

مەسىلەن : قۇربانلىق قىلىش ، فتىر سەدىقىسى ، ھېيىت نامازلىرى ، ۋىتىر نامىزى قاتارلقلار .

ۋاجىپنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

ۋاجىبنى ئورۇنلاش خۇددى پەرزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر . ۋاجىپ ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ . ئۇنى تەرك ئەكەن كىشى پەرزنى تەرك ئەتكەننىڭ گۇناھىدىن بىر دەرىجىدە تۆۋەن گۇناھكار بولىدۇ . ۋاجىبقا ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولمايدۇ ، بەلكى گۇناھكار بولىدۇ .

3-سۈننەت

سۈننەت سۈننەت دېگەن نېمە ؟

سۈننەت_پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ، ئىش - پائالىيەتلىرى ، ئەمەل - ئىبادەتلىرى ۋە باشقىلاردىن سادىر بولغان ئىشلاردىن شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى دېمەكتۇر . سۈننەتنىڭ يەنە بىر مەنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرز ، ۋاجىب ئەمەللەرنىڭ سىرتىدا قىلغان ۋە بىزنىمۇ قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ئىبادەتتۇر . مەسىلەن : بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش ، تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشاش ئەمەللەر .

سۈننەت قانچە تۈرلۈك بولىدۇ ؟ سۈننەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرى ، تەكىتلىك سۈننەت ، يەنە بىرى ، تەكىتسىز سۈننەتتۇر .

تەكىتلىك سۈننەت دېگەن نېمە ؟

تەكىتلىك سۈننەت_پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە ئورۇنلاشقا ئادەتلەنگەن ۋە ئۆزۈرسىز قەتئىي تەرك ئەتمىگەن ئەمەللەر دېمەكتۇر .

مەسىلەن : بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش ، تاھارەتتە مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشاش ئەمەللەر .

تەكىتلىك سۈننەتنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

تەكىتلىك سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ . تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ . بىراق ئاللاھنىڭ كايىشىغا ئۇچراش خەۋپى بار .

تەكىتسىز سۈننەت دېگەن نېمە ؟

تەكىتسىز سۈننەت_پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورۇنلاشقا ئادەتلەنمىگەن بولۇپ ، گاھىدا ئورۇنلىغان ، گاھىدا ئۆزۈرسىز تەرك ئەتكەن ئەمەللەر دېمەكتۇر .

مەسىلەن : ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزدىن بۇرۇنقى تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇشقا ئوخشاش ئەمەللەر . تەكىتسىز سۈننەت " مۇستەھەب " دەپ ئاتىلىدۇ .

تەكىتسىز سۈننەتنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

تەكىتسىز سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ ، تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ . ئاللاھ تائالانىڭ كايىشىغىمۇ ئۇچرىمايدۇ .

4-ھارام

ھارام دېگەن نېمە ؟

ھارام-ئۇنىڭ قەتئىي تۈردە مەنئى قىلىنغانلىقى قۇرئان كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى بىلەن شۈبھىسىز ۋە كەسكىن ھالدا ئىسپاتلانغان ئىشلار دېمەكتۇر .

مەسىلەن : زىنا قىلىش ، ھاراق ئىچىش ، ئۆسۈم يېيىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش گۇناھلار .

ھارامنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلغان كىشى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ . تەۋبە قىلىپ قايتمىسا دوزاخنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ . ھارامنى تەرك ئەتكەن كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ . ھارامنى ھالال سانىغان كىشى كاپىر بولىدۇ .

5-مەكرۇھ تەھرىمى

مەكرۇھ تەھرىمى دېگەن نېمە ؟

مەكرۇھ-ياقتۇرمايدىغان ئىش دېگەنلىك بولۇپ ، مەكرۇھ تەھرىمى مەنئى قىلىنغانلىقى غەيرى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئىشلار دېمەكتۇر . مەكرۇھ تەھرىمى ھارام تەرەپكە ئېھتىمالى كۈچلۈكرەك بولغان ئىشلاردۇر .

مەسىلەن : تاھارەت ئالغاندا سۇنى ئىسراپ قىلىش ياكى نۇرمالدىن ئاز قوللىنىش ، نامازدا تۇرغاندا كۆزنى يۇمۇۋېلىش ياكى ئۇياق-بۇياققا قاراش قاتارلقلارغا ئوخشاش ئىشلار . ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسا ، باشقىلارنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىش ( يەنى باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇش ) ، باشقا بىرى نىكاھلانماقچى بولغان ئايالغا ئۇنىڭ ئىزنىسىز نىكاھلىنىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلار .

مەكرۇھ تەھرىمىنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

مەكرۇھ تەھرىمىنى ئىشلىگەن كىشى ھارامنى ئىشلىگەندىن بىر دەرىجە تۆۋەنرەك گۇناھكار بولىدۇ . ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشى ساۋابقا ئىرىشىدۇ . مەكرۇھ تەھرىمىنى ھالال سانىغان كىشى كاپىر بولمايدۇ . بەلكى گۇناھكار بولىدۇ .

6-مەكرۇھ تەنزىھى

مەكرۇھ تەنزىھى دېگەن نېمە ؟

مەكرۇھ تەنزىھى_مەنئى قىلىنغانلىقى غەيرى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن ئىشلار دېمەكتۇر . مەكرۇھ تەنزىھى ھالال تەرەپكە ئېھتىمالى كۈچلۈكرەك بولغان ئىشلاردۇر .

مەسىلەن : ئاممىۋى سورۇنلارغا ۋە مەسجىدلەرگە بېرىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ خام سامساق ۋە خام پىيازغا ئوخشاش ھىد-بۇيى يېقىمسىز نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىنغىنىغا ئوخشاش ئىشلار .

مەكرۇھ تەنزىھىنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

مەكرۇھ تەنزىھىنى ئىشلىگەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ . ئەمما ئۇنى تەرك ئېتىش ئەۋزەلدۇر .

7-مۇباھ

مۇباھ دېگەن نېمە ؟

مۇباھ _ ئۇنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىش ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلغان ئىشلار دېمەكتۇر .

مەسىلەن : يېيىش-ئىچىش ، ئولتۇرۇش-قوپۇشلارغا ئوخشاش ئىختىيارى ئىشلار .

مۇباھنىڭ ھۆكۈمى نېمە ؟

مۇباھ بولغان ئىشلارنى ئىشلەش ياكى تەرك ئىتىش ھېچقانداق گۇناھ ياكى ساۋاب بولمايدۇ .

مۇباھ ئىشلارنىڭ ئىبادەت قاتارىغا ئۆتىشى

قانداق قىلغاندا مۇباھ ئىشلارنى ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ ؟

مۇباھ ئىشلارنى ياخشى نىيەت بىلەن ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ .

مەسىلەن : ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنلاش ۋە ئىبادەتلەردە پائالىيەتچان بولۇش نىيىتى بىلەن يېيىش ۋە ئىچىش ، مېڭىنى ياخشى دەم ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاش نىيىتى بىلەن ئۇخلاش ۋە تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئارقىلىق شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى ياخشى ئورۇنلاش نىيىتى بىلەن تەن ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتكە ياتىدۇ ۋە بۇ ئىشلارغا ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلىدىن چوقۇم ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ .

شەرىئەت ئىستىلاھلىرىنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىنىدۇ :

( 1 ) ھەر قانداق ئەمەل-ئىبادەتتىكى پەرز ئىسمىنى ئالغان ئىشلاردىن بىرەرسى قەستەن ياكى سەۋەنلىك ( ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى بىلمىگەنلىك ) بىلەن تەرك قىلىنسا ياكى نۇقسان بىلەن قىلىنسا ، شۇ ئەمەل-ئىبادەتلەر بۇزۇلغان بولىدۇ ، ئۇنى قايتىدىن ئورۇنلاشقا توغرا كېلىدۇ .

مەسىلەن : نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بولغان پائالىيەتلەردىن رۇكۇ ياكى سەجدىلەردىن بىرەرسىنىڭ تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازنىڭ ئىناۋەتسىز بولغىنىغا ئوخشاش .

( 2 )ھەر قانداق ئەمەل-ئىبادەتلەردىكى ۋاجىب ئىسمىنى ئالغان ئىشلاردىن بىرەرسى تەرك قىلىنسا ، بۇ ئەمەل-ئىبادەتلەر بۇزۇلمايدۇ ، ئىناۋەتسىزمۇ بولمايدۇ . ئەمما ۋاجىبنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ .

مەسىلەن : ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلارنىڭ ئىككىنجى رەكئىتىدىن كىيىنكى ئولتۇرۇشنى سەۋەنلىكتىن تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ نامازنىڭ ئاخىرىدا سەجدە سەھۋە قىلىشى بىلەن نامىزى تولۇقلانغانغا ئوخشاش . ئەمما ۋاجىبنى قەستەن تەرك ئەتكەننىڭ مىسالى : نامازنىڭ ۋاجىبلىرىدىن بولغان ھەر رەكئەتتە فاتىمە سۈرىسىنى ئوقۇشنىڭ قەستەن تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازنىڭ بۇزۇلغىنى ۋە ئىناۋەتسىز بولغىنىغا ئوخشاش .

ھەر قانداق ئەمەل-ئىبادەتلەردىكى سۈننەت نامىنى ئالغان ئىشلاردىن بىرەرسىنىڭ ياكى ھەممىسىنىڭ قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن تەرك قىلىنىشى بىلەن شۇ ئەمەل-ئىبادەتلەر بۇزۇلمايدۇ ۋە نۇقسان بىلەنمۇ سۈپەتلەنمەيدۇ .

مەسىلەن : نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولغان ھەر بىر رەكئەتنىڭ بېشىدا بىسمللاھ دېيىشنىڭ تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازنىڭ نۇقسانلىق بىلەن سۈپەتلەنمىگىنىگە ئوخشاش .

( 4 )ھەر قانداق ئەمەل-ئىبادەتلەردىكى مەكرۇھ دېگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى ياكى بىردىن كۆپىنى سادىر قىلىش بىلەن شۇ ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ دۇرۇسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .

مەسىلەن : پەرز نامازلاردا بىرىنجى رەكئەتتە ئوقۇغان ( فاتىمە سۈرىسىدىن باشقا ) سۈرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزۈرسىز ھالدا ، ئىككىنجى رەكئەتتە ئوقۇش مەكرۇھتۇر . ئەمما ئۇنىڭ بىلەن نامازنىڭ سۈپىتىگە ۋە قوبۇل بولىشىغا قەئىي تەسىر يەتمەيدۇ . چۈنكى « مەكرۇھ » نىڭ مەنىسى-يۇقىردا ئېيتىلغىنىدەك - ياقتۇرۇلمىغان ئىش دېگەنلىك بولۇپ ، ئىبادەتنى بۇزمايدۇ ، سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .

( 5 ) شەرت_بىرەر ئەمەلنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن مەۋجۇد بولۇشى شەرت قىلىنغان ، ئەمما شۇ ئەمەلنىڭ ماھىيىتىدىن سانالمايدىغان نەرسە دېمەكتۇر .

مەسىلەن : تاھارەت نامازنىڭ شەرتىدۇر . تاھارەت بولمىسا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ . بىراق تاھارەت نامازنىڭ قاتارىدىن سانالمايدۇ .

( 6 ) جائىز_دۇرۇس يەنى قىلسا بولىدۇ ، دېگەنلىكتۇر . مەسىلەن : ناماز ئوقۇيدىغان جايدا نىجاسەت بولسا ، ئۇنى تازىلاپ ، ئەسىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق بۇ جايدا ناماز ئوقۇش جائىز « دۇرۇس » دېگەنلىكتۇر .

مەنبە : دىن ۋە ھايات  ئاپتۇرى مۇھەممەد يۈسۈف

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 11:50 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
شاتۇتى + 100 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81189
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4337
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن .  بىر مۇسۇلمان  چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم چۈشەنچىلەركەن. بىلمەيدىغان مەزمۇنلارنى بىلىۋالدىم.

دەردكە مۇپتىلا بولساڭ،ئىي اللە دەردەم بار، دىمەي، ئىي دەرد! مېنىڭ ئاللاھىم بار ، دېگىن ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3450
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:26:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېم  يوللېغان تېما  بۇ  ئەجەپ ياخشې  تېما  ئېكەن ئاللاھ  ئەجېرېنې  بەرسۇن  جېق  ئېشلارنې  بېلېۋالدېم   

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1556
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14412
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:33:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


  ھە مانا ئىسلامى تىما يوللانسا مۇشۇنداق چەك-چىگىرسى ئىنىق بولغان ھۆكملىرى تولۇق يوللانمامدۇ دەيمەن .

çok sevmek hataysa, ben büyü

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5742
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:06:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت....بىلىشكە تېگىشلىك  بىلىملەرنى بىلىۋالدىم...

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

ئاللاھ يولىداشاتۇتدەك سۆزلەيمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82545
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:09:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، مۇھەر بىر مۇسۇلمان بىلىشقا تىگىشلىك تىمىكەن ، شەخسەن مەنمۇ بەزىتەنزىھى ، مۇباھ نىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيتتىم ، ساقلىۋالدىم ، بۇنى قايتا قايتا ئۇقۇپ تۇرىمەن ، رەخمەت سىزگە

دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
بۇدۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئۆتكۈنچىدۇر،بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ.
شۈكرى ئاللاھ!

ئاللاھ يولىداشاتۇتدەك سۆزلەيمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82545
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:16:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
{3PW97SAL]0P80QOP~T)P_V.jpg
norabla يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 11:26 PM
كېم  يوللېغان تېما  بۇ  ئەجەپ ياخشې  تېما  ئېكەن ئاللاھ   ...


ئىملايىڭىزنى تۇغۇرلىۋېلىڭ، بۇ كونوپكىدىن ئوبدان كۆرۈپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاتۇتى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 10:17 AM  


دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
بۇدۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئۆتكۈنچىدۇر،بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ.
شۈكرى ئاللاھ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 1213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28802
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4034 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 12:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83100
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4293
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84523
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 796
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-8-31
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قېرىندىشىم ناھايىتى قىممەتلىك تېما يوللاپسىز. بىلمىگەننى بىلىۋالدىم.
سىزدىن 2 سوئال سوراپ باقاي، بىلسىڭىز ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويارسىز؟
1. جايىز دېگەن سۆز توغرا دېگەن سۆزمۇ؟
2. ئۆتكەندەك بوغالتىر ئىسىملىك تورداش بىر تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە قايسى بىر تور بەتتىن مەنبە قىلىپ «ئەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئايالىنى يۇيۇشى، ئايالنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئەرنى يۇيۇشى جايىز» دەپ يېزىپتىكەن. مەن «ئەر تەرەپ ياكى ئايال تەرەپ ئۆلۈپ كەتسە نىكاھ بۇزۇلىدۇ، بۇنداق بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ يۇيۇشىغا قاتنىشىش نامەھرەم بولمامدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدىم، لىكىن سوئالىمغا جاۋاب بەرگەن-بەرمىگەننى ئۇقمىدىم، چۈنكى ئۇ تېما كىيىن ئۆچۈرۈلۈپتىكەن. سىز بۇ ھۆكۈم توغرىسدا بىلەمسىز؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش