<<قۇشقاچلار>>
يانفۇنلىرى تىن ئالماي سايرايدىغان <<قۇشقاچلار>>،
تانسا نەدە،مەي نەدە،قوغلايدىغان <<قۇشقاچلار>>،
ئەرنى كۆرسە غىلجىڭلاپ نازلايدىغان<<قۇشقاچلار>>،
ئاخشاملىرى ھەمىشە دانلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
بولۇپ بېرەر تەپ تارتماي ئولتۇرۇشنىڭ <<رەڭ>>لىرى،
تېخى شاللاق ئەر بىلەن ئىچىپ كەتكەن مەيلىرى،
ئەپتى شەھۋەت بۇرايدۇ،بەك تېتىقسىز گەپلىرى،
بولۇپ خەققە ئويۇنچۇق نايناقلىغان<<قۇشقاچلار>>.
ياشاش نۇمۇس ئەمەسمۇ ئىپپىتىنى پۇل قىلىپ،
خەلقىئالەم ئالدىدا قىممىتىنى نۆل قىلىپ،
ئۆتەر شۇنداق سەۋەبتىن ئۆز-ئۆزىنى تۇل قىلىپ،
ھەرقەدەمنى پۇل ئۈچۈن چامدايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
كۈندە نەچچە پەردازلاپ، بوياپ قاش-كۆز،رەڭگىنى.
ئون كىشىگە ئون ياڭزا بېرەر ۋەدە،لەۋزىنى،
ھالال كەسىپ-ئىش تۇتماي،قوغلاپ ئىشرەت پەيزىنى،
مېھمانخانا ،ئارامگاھ قاتنايدىغان <<قۇشقاچلار>>.
ئەجەپ ئۇستا بىكاردىن دان تېپىشتا ھۆنەرگە،
چاپىنىدا خەقلەرنىڭ تەرلەپ پەيزى سۈرەرگە،
لىق تۇرسىمۇ بۇيرۇتۇپ نازۇ-نېمەت شىرەگە،
مەست يىگىتنى_ئەخمەقنى جايلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
داپ يۈزلىرى بارغانچە ئوخشاپ ئاياغ چەمىگە،
داغ تەگكۈزدى پاك ئايال-ئانىلارنىڭ شەنىگە،
تەنبىھ قىلساق يېنىشلاپ ھېچ ئالمايدۇ زەنىگە،
قىلمىشلىرى خەلقىمگە ياقمايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
نەوكە،ئەيش-ئىشرەتكە بەكمۇ ئىجىل -ئامراقلار،
نەدىن پەيدا بوپ قالدى ئارىمىزدا مۇنداقلار،
بىزدىن شۇنى كۈتكەنمۇ،ئەخلاق سۆيەر ئەجدادلار،
پاك مۇھەببەت سۆيگۈنى خارلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
يىگىتلەر
ئوقۇۋاتقان قىزلارنى قوغلاشماڭلار يىگىتلەر،
بۇدۇشقاقتەك پېشىگە چاپلاشماڭلار يىگىتلەر.
چوڭ بولدۇڭلار يۈگەنسىز،كۈندە قېچىپ مەكتەپتىن،
بىلىم ئالسۇن بۇ قىزلار،پۇتلاشماڭلار يىگىتلەر.
يەتمىدىڭلار مەرىپەت،پەن-بىلىمنىڭ قەدرىگە،
تۆت-بەش تەڭگە پۇل تېپىپ تاقلاشماڭلار يىگىتلەر.
ئالداپ ساددا قىزلارنى شېرىن سۆزدە ئازدۇرۇپ،
<<سىز گۈزەل>>دەپ يالغاندىن ماختاشماڭلار يىگىتلەر.
ئاشىقلىقتىن گەپ ئېچىپ،دەرستىن بۆلۈپ زېھنىنى،
قىزچاقلارنىڭ بەختىگە چوت چاپماڭلار يىگىتلەر.
<<پۇلدار بىز>>دەپ دام سېلىپ،سانتانانى پىرقىرىتىپ،
كەلگۈسىنى قولتۇقلاپ ئەپ قاچماڭلار يىگىتلەر.
نادان يۈرۈپ تاپقان پۇل،ۋاقىتلىقتۇر بەرىبىر،
ئۆزۈڭلارنى قىزلارغا داڭلاشماڭلار يىگىتلەر.
تالاي قىزنىڭ ئۈمىدى-تەلىيىنى كاج قىلىپ،
<<سىزنى تۈنجى سۆيدۈم>>دەپ ئالداشماڭلار يىگىتلەر.
ياشلىق قايتا كەلمەيدۇ،زەپەر قۇچقاي بۇ قىزلار،
تەقدىرىنى مايمۇندەك ئويناتماڭلار يىگىتلەر.
سىلەر بىلەن تۈگىگەي بىلىمسىزلىك-نادانلىق،
زەيدە قالغان تۆمۈردەك،داتلاشماڭلار يىگىتلەر.
ئاپتور:ئابدۇۋەلى راخمان(ھەققانىي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 10:27 PM