سىز
ھەي قىزچاق سۆيگۈمنى بىلىپ يەتتىڭىز.
شۇندىمۇ مېنىڭدىن يىراق كەتتىڭىز .
يىگانە ئارالدا قالدىمغۇ تەنھا ،
يۈتمەكتە ،ئازابىم بولۇپ دەرت دېڭىز .
قەلبىمگە مۇھاببەت رىشتى چاتتىڭىز ،
مال بىلىپ سۆيگۈمنى ئېلىپ ساتتىڭىز .
شۇندىمۇ ئىزدىدىم سىزدىن ئىللىقلىق ،
پەرۋاسىز ،مەن ئۈچۈن مۇز بوپ قاتتىڭىز.
ئايدىڭنىڭ زۆھرەسى بولۇپ ياندىڭىز ،
خار قىلىپ سۆيگۈمنى مەندىن تاندىڭىز .
كۆزۈمدىن ياش ئەمەس ئاقتىغۇ قان-قان ،
ئاھىمدىن ئېتەكىم بولدى قان دېڭىز .
بىلىمەن سۆيگۈمنى چۇقۇم سەزدىڭىز ،
شۇندىمۇ، ھىجراندا مېنى ئەزدىڭىز .
نىگار دەپ ۋەسلىڭىز بولسام ئىنتىزار ،
يول ئېلىپ ئۆزگىگە مەندىن تەزدىڭىز .
بىر قاراپ مەيلىمنى مېنىڭ ئالدىڭىز ،
بولمايدۇ ئەمدىلىك ماڭا (ئالدىڭىز ) .
بولمىغاچ ئازاپتىن چىكىمەن پىراق ،
ھالىمغا كۈلكىلىك كۈلۈپ قالدىڭىز .
نەچچە رەت ئايرىلىش خېتى يازدىڭىز ،
رەت قىلدىم مېنىڭچە چۇقۇم ئازدىڭىز .
مۇھاببەت بېغىنى چەيلىمەڭ ھەرگىز ،
مەن ئۈچۈن سەۋدالىق گۆرى قازدىڭىز .
قەلبىمدىن چىن سۆيگەن نىگارسىزتىڭىز ،
مەن ئۈچۈن پەرىشتە سىياق قىزتىڭىز .
سىز بىلەن مەنىلىك ئىدى بۇ ھايات ،
ئەتەمگە بېسىلغان ئاشۇ ... ئىزتىڭىز .
مەنبەسى: ئەپچىلەم