ئىككى كىشىنىڭ بىلگىنى سىر ئەمەس. چۈشكەن ئولجىنى قاچۇرماي يېيىش. دوستۇڭ دوستۇمدۇر، دۈشمىنىڭ دۈشمىنىم. ئاقىۋىتىنى ئويلىغانلار قەھرىمان بولالمايدۇ. دۇنيا بىر كۈندۇر، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن. دوستۇم بولالمىساڭ، دۈشمىنىم ھايات قالماس. سەن، سەن بولغىن! قەتئىي بىز بولۇپ قالما. ئاتا-بوۋىسىنى تونۇمىغانلار، ئىتنىڭ پېشىدىن كەتمەس. ئىنسان بالىسىغا ئىشەنمە ئۆلۈر، دەرەخكە يۆلەنمە قۇرۇر. ھاياتتا ھېچقانداق نەرسە تاساددىپى ئەمەستۇر. ياخشىلىق مەخپىي قىلىنىدۇ، مەخپىي قالمايدۇ. ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار… ياشاشنىڭ… سۆيۈشنىڭ … ئۆلۈشنىڭ… سوقۇشۇشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سوقۇشۇپ يەڭسەڭ، مەغلۇپ مۇئامىلىسىگە ئۇچرىمايسەن. ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز. بىز قورالنى بېلىمىزغا ئاستۇق، قورال بىلەن كۆكرىكىمىزگە ئېتىلايلى دەپ. ئۆلۈم، ئۆلۈم دەيسەن، ئۆلۈم دىگەن نېمىكىن ئۇ، جېنىم؟ ھاياتىم پىدادۇر سەن ئۈچۈن مېنىڭ. ئوخشاش تىلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس، ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولغانلار ئىتتىپاقلىشالايدۇ. ئۆلگەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن يىغلاپ قالما، ئۆلسەڭ ئارقاڭدىكىلەرنى يىغلىغان ھالدا قويما. بوران قانچە كۈچەپ چىقسىمۇ، تىك قىيادىن ئالىدىغىنى ئۈستىدىكى بىر قەۋەت توپىدۇر. ئەگەر سېنى بىرى ئالدىغان بولسا بۇ ئۇنىڭ گۇناھى، ئەگەر ئۇ كىشى سېنى داۋاملىق ئالدايدىغان بولسا بۇ سەندىكى گۇناھ. ھەرگىز ھېچكىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلما، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاخىرقى چىقىش يولىدۇر. ئاقىل كىشىلەر يېڭىلىقلار ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىدۇ، پەسكەشلەر بولسا باشقا كىشىلەرنىڭ ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ.
مەنبە:ھىكمەت دۇردانىلىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 09:15 PM
|