مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 396|ئىنكاس: 17

ياۋايى غەزەللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13590
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

غەزەللەر

(1)

دىلبىرىم ! كەلسەڭ بولاتتى مەن يىقىلماستىن بۇرۇن ،

چىن –مۇھەببەت، سۆيگۈگە ھەسرەت قېتىلماستىن بۇرۇن .

كۆزلىرىمدە لىققىدە ياش تەلمۈرۈپ ۋەسلىڭ تامان ،

كەلگىنە ئوتلۇق كۈلۈپ ئەجەل ئېسىلماستىن بۇرۇن .

كەلگىنە مەجنۇن كەبى  مەنمۇ رىيازەتلىك شۇ تاپ ،

مەيلى كۈلمەن كۈللىرىم ھەريان چېچىلماستىن بۇرۇن .

كەلگىنە ، مۇزدەك جىنازام ئالدىدا ماڭغىن ئۇزاپ ،

‹ رازى بول › دەپ قىل نىدا، قەبرەم يېپىلماستىن بۇرۇن ! .

(2 )

ئەي رەپىق ! كۈلكەڭ ماڭا بىباھا رىغبەت ئىكەن ،

ھەم شەرەپلەردىن تويۇنغان راۋۇرۇس ھۆرمەت ئىكەن .

بىر قىيا باقماقلىقىڭ قەلبىمنى تىترەتسە ئەجەپ ،

سېھرى –جادۇ سۆلكىتىڭ دولقۇنى شىددەت ئىكەن .

شەرمى-خۇلقىڭدىن ئېچىلغان چىن ۋاپانىڭ گۇللىرى ،

ئەھلى- ئىمان بىرلە قىلغان سۆزلىرىڭ شەربەت ئىكەن .

بىھايا- ناكەس ئۈچۈن تەييار دىيانەت ئوقلىرىڭ ،

ھەم ساياقلارغا ئېتىلغان نەپرىتىڭ ئىبرەت ئىكەن .

بىل قىيامەتلىك مۇھەببەت تىن پۈتۈلگەن ئەھدىمىز ،

سەن بىلەن بىرگە ياشاش مەن ئۈچۈن جەننەت ئىكەن !.

2012-يىل سىنتەبىر   قەشقەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:31:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنايە ،مەجاز ، ئوخشىتىش ....قاتارلىق سۈپەتلەرنى قوللۇنۇپ تۇرۇپ غەزەل يازالايدىغانلار بولسا  بىر ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنسەم بۇلاتتى. ماۋۇ غەزەلمۇ ئىسىل چىقىپتۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:45:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەزەل دىگەننى تىتىۋىتىدىكەنسىزغۇ

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 06:31 PM
كىنايە ،مەجاز ، ئوخشىتىش ....قاتارلىق سۈپەتلەرنى قوللۇ ...

مەجاز دىگەن نىمە دىگەن گەپ

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 06:46 PM
مەجاز دىگەن نىمە دىگەن گەپ

ئوخشۇتۇش دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بىرقاتاردا كىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:01:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 06:49 PM
ئوخشۇتۇش دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بىرقاتاردا كىلىدۇ

ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش ، سۈپەتلەش ، مۇبالىغە ، جانلاندۇرۇش ، رىتورىك خىتاب ، رىتورىك سوراق دىگەنلەرنى بىلىمەن . لېكىن مەجاز  دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن .

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 07:01 PM
ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش ، سۈپەتلەش ، مۇ ...


مەجاز ئەلشىر نەۋائىنىڭ غەزەللىرىدە بەكراق ئىپادىلەنگەن. نەۋائىنىڭ غەزەلىرىنى ئۇقۇسىڭىز 90%پۇرسەت كىنايە ھەم مەجاز بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 07:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29339
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6412
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:06:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ شىېرلىرىڭىزنى مەن گىزىتتە كۆرگەن.... ئەشۇ ياۋايى سىز بولسىڭىزلا.  ياخشى غەزەل چىقىپتۇ.

ئادالەتكە ھەمرا مەن !!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13590
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3
سۆيۈم ئسيانى دەۋرەيدۇ  ئۇنىڭ سەھراسىدىن كەلدىم ،
كى مەشرەپ ئىشقىنى ئوتلاپ  ئۆلۈم دەرياسىدىن كەلدىم .

جۇنۇندەك چوللىرىم قالدى يىگانە لەھزىسى چاقناپ ،
كىيىكتەك مەنزىلىم توڭلاپ  ئەجەل ئوقياسىدىن كەلدىم .

ئەسىرمەن زۇلپىدا يارنىڭ  قاراقىم بەرگىدە شەبنەم ،
تەبەسسۇم ياغسا ئېيتارمەن ھەرەم مەئۋاسىدىن كەلدىم .

ۋۇجۇتلار  چاڭقىشى  زەمزەم  تىلەيدۇ  كەربالالىقتا ،
ۋەتەندەك تاھىرى مەھكۇم يېتىم زوھراسىدىن كەلدىم .!

4

تەلمۈرۈپ ئىشقىڭدا ياندىم قىممىتىڭدىن ئەي مەلەك ،
شەرمھايالىق، ئېتىقادلىق زىننىتىڭدىن ئەي مەلەك .

ساڭا بولغان ئاشىنالىق جان قۇشۇمغا ئىمتىھان ،
مەيلى بولسام تەركى دۇنيا ھۆرمىتىڭدىن ئەي مەلەك .

پايە مەن تەققاسلىرىڭ زىممەمگە چۈشسە ناگىھان ،
ئارمىغان ئەيلەپ دىلىمغا پۇرقىتىڭدىن ئەي مەلەك .

زىكرى قىپ ئىسمىڭنى ۋەھدەت دەملىرى بولغاي ئادا ،
بەلكى مەشرەپتەك ئادامەن قۇربىتىڭدىن ئەي مەلەك .

2012-يىل سىنتەبىر   قەشقەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 07:12 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5357
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 08:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-15 10:31 PM
كىنايە ،مەجاز ، ئوخشىتىش ....قاتارلىق سۈپەتلەرنى قوللۇ ...

مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىمنى ئۇستاز تۇتسىڭىز بولغۇدەك .........ئۇ .ئادەم يازالايدۇ!

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش