ئۇچراشتۇردى بىزنى شۇ تەغدىر ،
ياقا - يۇرتقا ئوقۇشقا كېلىپ .
بارغانسېرى يېقىنلىشىپ بىز ،
تونۇشتۇق بىز دوستلاردىن بولۇپ .
ھەممە ئىشلار جايىدا شۇنداق ،
كۈنلەر ئۆتتى قوغلاپ ئەتىنى .
سوقتى يۈرەك بىر كۈن سەن ئۈچۈن ،
پۇشايمان يوق سۆيگەن مەن سېنى .
جەلپ قىلدى مېنى ئۆزۈڭگە ،
ھەربىر سۆزۈڭ ھەربىر ھەركىتىڭ .
كۆز ۋە خىيال ئۈزۈلمەي سەندىن ،
ئويدا پەقەت گۈزەل جامالىڭ .
بولاتتىم مەن تىرىك مۇردىدەك ،
كۆرمىسەم گەر شۇ رۇخسارىڭنى .
ئىزلەپ يۈردۈم سېنىڭ سايەڭنى ،
پۇشايمان يوق سۆيگەن مەن سېنى .
يالغۇز كۆيۈپ يۈردۈم بىر مەزگىل ،
بۇ كۈنلەرمۇ بارمىدى ئۇزاق .
ئىزھار قىلدىم قەلبىمنى ساڭا ،
بارچە ئىشقا سەۋەپچى ھاراق .
رەھمىتىم بار ئاشۇ ھاراققا ،
دادىل قىلدى مىسكىن يۈرەكنى.
دېمىگەندىن دېگەن مىڭ ئەلا ،
پۇشايمان يوق سۆيگەن مەن سېنى .
بىر قېتىملىق ھەمكارلىق بىلەن ،
يېقىنلاشتى ساڭا بۇ يۈرەك .
بولمىسا گەر مۇشۇ ھەمكارلىق ،
يەنە مىسكىن تۇراتتى يۈرەك .
ئاتا - بوۋا ئەجدادتىن قالغان ،
خاسىيەتلىك ئۇسۇلغا رەھمەت .
دەپ ئويلىدىم خۇددى << كەنجى>>دەك ،
پۇشايمان يوق سۆيگەن مەن سېنى .
شۇ ھەمكارلىق سەۋەبى بىلەن ،
گەپ تارقىدى خەۋەر تارقىدى .
قۇرۇق گەپ ھەم غەيۋەتلەر بىلەن ،
مىسكىن يۈرەكنى دەرتكە قاپلىدى .
بىز ئىككىمىز يۈرۈپمۇ بوپتۇق ،
غەيۋەتخورنىڭ سېسىق ئاغزىدا ،
ئازار يېدى ئاشىقنىڭ كۆڭلى ،
پۇشايمان يوق سۆيگەن مەن سېنى .
مەنغۇ گەپكە پەلەك پەرۋايىم ،
مۇھىمى ئەڭ سېنىڭ ھېسلىرىڭ .
رەنجىمەيمەن ھەرگىزمۇ سەندىن ،
چۈنكى بىلىمەن بەك نازۇك كۆڭلۈڭ .
قۇرۇق گەپ ھەم غەيۋەتلەر بىلەن ،
يىراقلاشتى بىر جۈپ قوش يۈرەك .
چىدىساق گەر مۇشۇ چاغلاردا ،
پۇشايمان يوق سۆيگەن مەن سېنى .
شۇ كۆڭلۈڭدە مەن زادى نېمە ؟
بۇ مەسىلە ماڭا نامەلۇم .
بولمىساممۇ مەن ساڭا لەيلى ،
يۈرۈگۈمدە سەن ماڭا مەجنۇن .
ساڭا كۆيۈش سېنى قەدىرلەش ،
ۋە شۇ كۈلكەڭدۇر مېنىڭ بەختىم .
يالغۇز كۆيسە مەيلى بۇ قەلبىم ،
پۇشايمان يوق سۆيگەن مەن سېنى .
قەدىرلەيمەن ھازىرنى پەقەت ،
ئىنتىلىمەن ئەتىگە ئەبەد .
چىقارمايمەن سېنى كۆڭلۈمدىن ،
مەيلى كەلسە باشلىرىمغا دەرت .
بەرمىگىن سەن مەيلى يۈرەكنى ،
تەن بەرمەيمەن تەغدىر ئالدىدا .
تەئەللۇقتۇر ساڭا بۇ يۇرەك ،
قىينالساممۇ ھىجران بابىدا .
ئاللاھ ئىگەم سالامەت قىلسۇن ،
تىنچ-ئامان خاتىرجەم قىلسۇن ،
سۆزۈمنى ئاڭلا جانىم مەرھابا ،
پۇشايمان يوق سۆيگەن مەن سېنى .
فەرھاد .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا farhad193 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 06:05 PM