دەھشەت خاككىرلىق تېخنىكىسى (چاقچاق) -
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى خاككىرلىققا قىززىققۇچى ،..لىكىن ئۆگىنەلمەي يىغلاپ ئولتۇرغان يىغلاڭغۇ تورداشلىرىم
نۇرغۇنلىرىڭلار ئىھتىمال خاككىرلىققى قىزىقىسىلەر ئەمما قانداق ئۆگىنىشنى بىلمەيسىلەر ھەقىچان ..مانا بۈگۈن سىلەرگە قانداق قىلىپ خاككىرلىق ئۆگىنىشنى تەپسىلىي سۆزلەپ سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بىرىمەن ...
ئەمىسە دەرىسىمنى باشلاي :
ھە راس بۇ ماقالە مىنىڭ نەچچە مىڭ قېتىملىق تەجرىبە ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق يەكۈنلەنگەن ۋە راستلىقى دەلىللەنگەن .مىنڭ قان تەر بەدىلىمگە كەلگەن قىممەتلىك مىۋەم ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ مىنىڭ روخسىتىمىسىز كۆچۈرىشىگە ۋە ساقلىۋىلىشىغا رۇخسەت يوق .ئەگەر يەنە كىمكى بۇ ماقالەمنى ئۇقۇپ ھۆنەرلەرنى ئىگەللەپ بولغاندىن كىيىن يەنىلا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا خاككىرلىقنى ئۆگىنەلمىسە مەن بۇ مەخپىي ماقالەمنى ئۇنىڭغا ھەقسىز سوۋغا قىلىمەن .
ھۆنەرنىڭ 1- قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىنى قارا قىلىمىز (بۇنى خاككىرلىرىمىز 黑别人电脑 دەيدۇ.)
1.بىر تۇڭ قارا سىر ۋە سۈرتكۈچ سېتىۋالىمىز .
2.باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارىمىز (مېڭىپ بارسىڭىزمۇ ،ماشىنا ئولتۇرۇپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ )
3.ئۇنىڭ ئۆيىدىكى كومپىيوتىرىنى قارا سىر بىلەن قاپقارا قىلىپ سىرلايمىز .ئەگەر سىز مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇنىڭ كومپىيوتىرىنى قارا قىلالىغان بولسىڭىز ..سىزنى تەبرىكلەيمەن ..1- ھۆنەرنى ئۆگىنىپ بولدىڭىز .
ھۆنەرنىڭ 2 - قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىدا ئارقا ئىشىك )后门(ۋە ياغاچ ئات (木马)قالدۇرۇپ قويىمىز ?
كۆپچىلىك بىلىسلەر ياغاچ ئات يەنى مۇما ئارقىلىق نۇمۇر ئوغورلىغىلى بولىدۇ .
1.ئويۇنچۇق دۇكىنىغا بېرىپ بىر دانە ياغاچ ،يەنە بەش خىل مىتال دۇكىنىغا بېرىپ بىر دانە ئۈشكە سېتىۋالىمىز .
2.باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارىمىز (مېڭىپ بارسىڭىزمۇ ،ماشىنا ئولتۇرۇپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ ) 。
3.ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كىيىن ئۈشكە ئارقىلىق ئۇنىڭ كومپىيوتىرىنىڭ ئاساسىي ئاپاراتىنىڭ كەينىدىن بىر دانە تۈشۈك ئاچىمىز ئاندىن ياغاچ ئاتنى ئىچىگە كىرگۈزىۋىتىمىز .
ھۆنەر 3- قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھەرخىل مەخپىي نۇمۇرىغا ئېرىشىمىز ?
1.تىنىچ ھالەتتە كەينىگە چۈشۈپ ئېرىشىش ئۇسۇلى :سىز بىر دەرەخنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ تورخانىغا كىرىپ ئۇنىڭ كەينىدە جىم تۇرۇپ ئۇنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى كۆرىۋالىسىز .
2.ھەركەتلىك كەينىگە چۈشۈپ ئېرىشىش ئۇسۇلى :دوستىڭىزنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ بارىسىز ،ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ مەخپىي نۇمۇر باسقاندا كۆرىۋالىسىز (تەلەپ :ئەستە تۇتۇش قابىليتىڭىز ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىز چوقۇم ياخشى بولىشى كىرەك .تۆت كۆز ،كالۋالارنىڭ بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرىمەن )
ھۆنەر 4- كىچىكتىن باشلاش ئۇسۇلى بويىچە باشقىلارنىڭ ھېساۋات نۇمۇرى ۋە مەخپىي نۇمۇرىغا ئېرىشىش
1.خالىغان بىر مەخپىي نۇمۇرنى كىرگۈزىمىز .سىزگە aaaaa دىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن .(توربەتنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەڭ كىچىك ساندىن باشلايمىز )
2.ئەگەر بولمىسا ئىككىنجى خىل ئۇسۇل aaaabدىن باشلاپ سىنايمىز .
3.ئەگەر بولمىسا ئۈچنجى خىل ئۇسۇل aaaac دىن باشلاپ سىنايمىز
4.ئەگەر يەنە بولمىسا سىز زىرىكمەي داۋاملىق .........دىن باشلاپ سىناپ بېقىڭ (ۋاقىت سەل كۆپرەك كىتىدۇ ياشىنىپ قالغان تورداشلىرىمىنىڭ بۇ ئۇسۇلنى مەشىق قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن ).
ھۆنەر 5- قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ مۇنبەر تورىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىمىز ؟قەدەم باسقۇچلىرى :
1.شۇ توربەتنىڭ بىكەت باشلىقى ۋە بارلىق باشقۇرغۇچىلىرىنى تىنىچ خالىي بىر جايغا تاماققا تەكلىپ قىلىمىز .
2.بارلىق دوستلىرىڭىز ۋە ئاەملىرىڭىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغان قىلغان ئۇ تىنىچ خالىي جايغا ئېلىپ بارىسىز .(پىچاق ،كالتەك ،توقماق ،بولقا ،بازغانلارنى ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ )
3.پەرىزىمچە سىز قارشى تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۇ مۇنبەر تورى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالمىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم يېرىم پالەچ بوپ قالدى .ئەگەر يەنە چۈشەنمىگەن بولسىڭىز 110 غا تىلىفۇن قىلىڭ
مەنبە:ساقلىۋالغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 06:15 PM