مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7199|ئىنكاس: 89

مانا بۇ ھەقىقى قەشقەرلىق !!!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3977
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 03:59:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى<< قەشقەر چاقچاقلىرى>>، <<قەشقەر پاراڭلىرى،>> بەزىلەر << قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گەپلىرى>> دەپ ماۋزۇ قويغان تېمىلارنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى كىنايە سۆزلەرنىڭ جايىغا چۈشكەنلىرىگە مەمنۇنىيەت ئىلكىدە كۈلۈشكەن بولساق، بەزى تېمىلارنى ئوقۇپ قەشقەرنى ھەقىقى چۈشەنمەيدىغانلىقىمىزنى ھىس قىلدىم .
  ئەمما بىر مىللەت ،ياكى بىر قەۋم توپىدا قىسمەن كۆرۈلۈپ قالىدىغان يېتەرسىزلىكلەرنى شۇ توپنىڭ خاس تىپ سۈپىتىدە كۆرۈش خاتاغا يول قويغانلىق بولىدۇ.
بىر مىللەت ياكى بىر قەۋمنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە شۇ قەۋمنىڭ ئىلغار كىشىلىرىنى ئاساس قىلىپ تونۇش  ،چۈشۈنۈش تەكىتلىنىدۇ.
   گەپنىڭ ئاساسىغا كەلسەم، مەن مانا شۇ چاقچاقلارنى كۆرۈپ مەلۇم جەھەتتە ''راستلا ئەجەپ خەخ ئىكەن '''دەپ قالغانلارنىڭ بىرسى دۇرمەن. ئەمما يېقىندا مەن بىر دوستۇم بىلەن قەشقەرگە باردىم؛ قەشقەرنىڭ مىللى خاسلىققا تولغان مەنزىرلىرىنى تاماششا قىلىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ھېيتگاھ جامەسىگە ئۇدۇل كېلىدىغان بىر بازارغا كېلىپ قالدۇق، ۋە قەشقەرنىڭ شىمىسكىسى (گازىر) بەك تەملىك دەپ شىمىشكە ئېلىپ چاقتۇق، راستلا بەك تەملىك ئىكەن... قايتايلى دەپ تۇرىشىمىزغا دوستۇم- توختا مېنىڭ يېزا تەۋەسىدىكى ئۆيۈمدە بىرنەچچە مو يېرىم بار ئەمەسمۇ، مۇشۇ گازىرنىڭ خېمىدىن بولسا ئېلىپ كېتىپ تېرىۋالاي دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز قايتىپ كېلىپ ئۇ كىشىدىن سورىدۇق:
_ تاغا مۇشۇ گازىرنىڭ خېمىدىن بارمۇ سىلىدە؟
_ بار ئۇكىلىرىم ،ئەلۋەتتە بار.- دىدى ئۇ كىشى ناھايىتى ئىللىقلىق بىلەن_ ئەمما يېنىمدا يوق ،ئۆيدە ئىدى، قانچىلىك لازىمتى؟
_ ماڭا يۈز گىرامچە بولسا بولاتتى ،بىر تېرىپ باقاي دىگەنتىم -دىدى دوستۇم.
ئۇ كىشى شۇھامان ئورنىدىن تۇرۇپ _ ھەقايسىىلىرى مۇشۇ غالتىكىمگە قارىغاچ بىردەم تۇرۇپ تۇرۇشسىلا مەن بېرىپ ئەكىلەي-دىدىدە، بىز - بولدىلا كېيىن كېلەيلى دىمەكچى بولساقمۇ ئۈلگۈرەلمىدۇق ،پەرەڭدەك كېتىپ قالدى. بىز ئاھلاھىزەل يىرىم سائەتچە تۇرۇپ قالدۇق ،ئۇنىڭغىچە 6-7 خېرىدار غالتەكنىڭ ئىگىسىنى سوراپ بىز ساتالمىغاندىكىن كېتىپ قېلىشتى...بىز بىكار تۇرغاچ گۇمانلىنىشقا باشلىدۇق؛
_ ھەي ئەدەش- دىدىممەن - بۇ ئەدەم بىزنى ھىچ بولمىغاندا بىرەر ئىككى يۈز يۈەنگە قويىدىغان بولدى ، شۇنچىلا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بىزدىن شۇنىڭغا لايىق نەپ ئالماي قالمايدۇ بۇ خەق ...
- مەيلى چاتاق يوق ئەمدى قانداق قىلىاتتۇق ( بۇ ئەلۋەتتە ھېلىقى بىز كۆرگەن چاقچاقلارنىڭ تەسىرى ئىدى) بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرەرمىز-دىدى
...شۇنداق قىلىپ ئۇ كىشى بىر يېرىم سائەتلەردە ھاسىراپ ھۆمىدەپ يېتىپ كەلدى، بىز بىر پاتمان گۇمانلارنىڭ ئىلكىدە بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ -نىمە دەر بۇ ئادەم ئەمدى- دىگەن مەنانى بېرىشتۇق.

دوستۇم يانچۇقىدىن پۇل چىقارغاچ -- تاغا سىلنى  ئاۋارى قىلىۋەتتۇق-ھە قانچە پۇل بىرىمەن؟ -دىدى.
ئۇكىشى تولىمۇ خاتىرجەم ھالدا - 3 كوي بەسلە بولىدۇ ئۇكام...-دىدى، بىز بۇگەپنى ئاڭلاپ بېشىمىزدىن بىر تۈگمەن تېشنى ئېلىۋەتكەندەك، يەڭگىللەپ قالدۇق، شۇنداقلا كۆزلىىمىزدىن بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىمىزنىڭ قۇياش نۇرىدەك بالقىپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ سېزىپ يەتتۇق، ئالدىمىزدا خۇددى بىر ئاپتاپ بىزگە نۇر چېچىۋاتقاندەك تۇيۇلدى...چۈنكى  بۇ بىزگە ئىشىنىپ غەلە ساندۇقىدىكى پۇللارنىمۇ يىغۇشتۇرماي يىرىم سائەتتىن ئارتۇق يوق بولۇپ كېتىشكە كۆزى قىيغان كىشى ئىدى.
  مانا ئادەم مۇشۇنداق بولسىمۇ بولىدىكەنغۇ دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم مەن ؛ بىر-بىرىگە ئىشىنىش ئادەمدە مېھرى-مۇھەببەت ئېقىنى ھاسىل قىلىدىكەن ئەمەسمۇ!
  شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستۇم -بولدى تاغا 50يۈەنلا تۇتۇپ قالسىلا بەك چاپتۇتىۋەتتۇق....
--ياقاياق بولمايدۇ ئۇكام، ساتقان نەرسەمگە لايىق ئالمىسام ھارام بولىدۇ...
    شۇنداق قىلىپ بىز ناھايىتى ھۆرمەت ئىھتىرام بىلەن ئۇرۇق تۇققانلار بىر-بىرىگە قىيالماي ئايرىلىشقاندەك ،خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدۇق ، ياتاققا كىرىپمۇ بىر ھازاغىچە شۇ ئىشنى دىيىشتۇق، يۇرتقا قايتىپمۇ سورۇنلا بولسا بۇ گەپنى باللارغا دەپ بەردۇق ، ئاڭلىغان دوسلارمۇ ئالەمچە سۆيۈنىشلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ...
مانا بۇ ھەقىقى ئەجدادىمىز، مانا بۇ ھەقىقى قەشقەرلىك ، مانا بۇ نەسلىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلمىغان، دەۋرنىڭ  ئىللەتلىرىنى يۇقتۇرىۋالمىغان ھەقىقى قەشقەرلىك  ئۇيغۇر  ئىدى...


مەنبە .http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=12180

بۇ دوستىمىز باشقا جايدىن ئەزىزانە يۇرت قەشقەر دىيارىغا كىلىپ ئۇچرىغان كىچىككىنە بۇئىش ئارقىلىق قەشقەر دىيارىدىكى كىشلەرنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئەمەس بەلكىم ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ يەتكەن .
ئەملىيەتتە قەشقەر خەلىقى ئەزەلدىن ئاقكۆڭۈل ، مىھماندوسىت ، ئەزەلدىن ئۆز رىسقىنى ھالال تىپىپ يەيدىغان خەلق . بۇرۇنمۇ شۇنداقتى . ھازىرمۇ ھەم شۇنداق .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 11:13 PM  


ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

Aytugh بۇ ئىنكاسنى 36-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

دۇنيا مىھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر. ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىشىنىش ۋە چۈشىنىش قانچە چوڭقۇرلاشقانسىرى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئازارچىلىق ۋە گۇمانخورلۇق، ئۆز ئارا شۈبھىيلىنىش يوقىغان بولاتتى....بۇ تېمىنى ئوقۇپ مەنمۇ ئىلل ...
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
marziyya + 30 ماختاشقا تېگىشلىك
qog + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلەكچى بولسىڭىز ‹‹ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى ›› غا كىرىڭ !!!
www.1miskal.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15615
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 6976 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:18:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئۆز رىسقىنى ئۆزى ھالالدىن تىپىپ يەيدۇ . بۇنداق ئۇيغۇرلار پۈتۈن دىيارىمىزدا مەۋجۇت .  دۇنيادا يامان ئادەمدىن ياخشى ئادەم جىق .

دىيارىمىزمۇ ئەدەپ  ئەخلاققا تولغان بىر يۇرت .

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1611
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1614
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1259 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:24:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ھالال ئىشلەيدىغان ياخشى نىيەتلىك ئىسىل كىشلىرىمزنىڭ تېخىمۇ جىقىيىشى مىللەتنىڭ تەقەززاسى.  مۇشۇنداق روھ  ئەزەلدىن ئەجداتلىرىمزدىكى بۇزۇلماي تەۋرەنمەي كەلگەن ئەقىدە ئەخلاقنىڭ يىلتىزى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 07:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3655
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:37:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ma kaylisla ukam biz kaxkalikqa  axenda tutsa sepi ba kiqisa eti ba alta  xaga dang kiwa   balan esil hah juma  biz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:44:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز تولا سېسىق گەپلەرنى قىلىپ قويغان بىلەنمۇ قەشقەرلىكلەر يەنىلا شۇنداق ئاقكۆڭۈل،تېرىشچان،مېھماندوست خەلىق. بۇنداق كىشىلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ھەر تىنىقمدا بىر سۇئال ؟!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9531
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9005
تۆھپە نۇمۇرى: 518
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:59:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى سېسىق گەپ ئەمەس ،سۆزمەنلىك دىيىش كېرەك . شۇنداق ، بىزدە تۈز نىيەتلىك ،ياخشى كىشلەر يەنىلا كۆپ ..............

سۈرەتكە تولۇپتۇ كۈنلەر ئالبومى،
ئاختۇرساڭ بەرى بار ياخشى ياماننىڭ.
ئاقىدۇ   بەزىدە   شارقىراپ  دەريا،
گاھ سۇلار يولىدۇ ئاستى ساماننىڭ ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84918
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 544
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-9-10
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 08:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلە چەتەلگە چىقىپ مەن ئۇيگۇر دەپ بېقىڭلا  ھەسەن قەشقەر لىقمۇ  قەشكەردىن كەلدىڭمۇ دەيدۇ . چەتەللىكلە قەشقەر دىن باشقا ھېچكانداق شەھەر لىرمىزنى بىلەيدۇ . قەشقەرنى پۇتۇن دۇنيا بىلدۇ ...... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3286
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 08:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1988-يىلى شىنجاڭ تىلۋىزىيەسدە قويۇلغان سەنئەت پىرۇگىراممىسى ئارقلىق قەشقەرگە بولغان قىزىقىشىم باشلانغان. چوڭ بولسام چۇقۇم قەشقەرگە بىرىپ كۆرۈپ كىلىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
قەشقەر ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78072
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 08:21:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
no74islam يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 08:08 PM
سىلە چەتەلگە چىقىپ مەن ئۇيگۇر دەپ بېقىڭلا  ھەسەن قەشقە ...

نەدە ئۇيگۇر دەپ مىللەت بار؟  توغرىسى ئۇيغۇر،

ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ،شۇنىڭ ئۇچۇن سەن قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10324
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4566 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 08:28:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ،ساپ كىشلىرىمىز ھەممە يەردە بار ،قەشقەردە تىخىمۇ كۆپ ،كىچىكىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىد بولدۇم ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش