مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3866|ئىنكاس: 20

‹‹شاھنامە›› 1-بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2512
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24118
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7216 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


قەدىرلىك مۇنبەرداشلار مەن بۇلتۇر ئالتىنچى ئايدا ئىران شائىرى ئوبۇلقاسىم پىردەۋسنىڭ دۇنياغا مەشھۇر زور ھەجىملىك  شېئىرى داستانى <<شاھنامە>>نى نەسرىلەشتۈرۈپ رومان شەكلىدە قايتا بايان قىلىشنى باشلىغان ئېدىم.
شۇندىن بېرى بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن.ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ ئونىنچى بۆلۈمىنى ئىشلەۋاتىمەن.بۇ ئىشنى يېڭىدىن باشلىغان چېغىمدا مەزمۇنغىلا ئېتىبار بېرىپ ئىملاغا ۋە تىل تەسۋىرلىرىگە دېگەندەك ئېتىبار بېرىپ كېتەلمىگەن ئىكەنمەن.شۇڭا بۇ قېتىم بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى قايتا تەھرىرلەپ تىل ۋە ئىملا جەھەتتە خېلى كۆپ تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىپ قايتا يوللۇدۇم.مۇنبەرداشلارنىڭ ئوقۇپ ھوزۇرلىنىشىنى،قىممەتلىك پىكىر -تەكلىپلىرى بولسا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


شاھنامە
1- كەيۇمەرس

  ئۇلۇغ شائىر ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى بۇ داستانىنى ئىراننىڭ تۇنجى پادىشاھى كەيۇمەرس ھەققىدىكى رىۋايەتتىن باشلايدۇ.رىۋايەتچى  سۆزمەن دىھقان قەدىمكى شاھلار تارىخى ھەققىدىكى نەقىللەردىن سۆز ئېچىپ شۇنداق بىر سۇئالنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ:
-جاھاندا شاھلىق تاجىنى ئەڭ ئاۋۋال قايسى ئىنسان كىيگەن؟
ھەكىملەر  بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشەلمىدى.
دىھقاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغلى بۇ سۇئالنى قايتا تەكرارلىدى:
-جاھاندا ئۇلۇغلۇق ئەڭ ئاۋال كىمگە يار بولغان؟ئەڭ دەسلەپكى ئۇلۇغ نامغا سازاۋەر بولغۇچى
زادى كىم؟
بۇ سۇئالغا ئاخىر قەدىمكى نامىلەرنى،باتۇرلۇق قىسسە داستانلىرىنى كۆپ  ئوقۇغان ھەممىدىن ئۇقۇمۇشلۇق بىر دانا جاۋاپ بېرەلىدى:
-جاھاندىكى بارلىق پادىشاھلار بىردەك كەيۇمەرس ئىسىملىك پادىشاھنى چوڭ سانىشىپ ‹‹شاھلارنىڭ پىرى،ئەڭ دەسلەپكى پادىشاھ››دەپ تەرىپلىشىدۇ.
ھەمەل دەۋرى،يەر جاھان قۇياش تەپتىدىن ئىسسىپ ،جاھان يورىغان،سۇلار شوخ ئويناپ ئاققان،يەر يۈزى ياشىرىپ ،گۈل-چىچەكلەر كۈلگەن،ئاسمان چېھرى خۇش كۈلكىگە تولغان خاسىيەتلىك بىر پەسىلدە كەيۇمەرس جاھان شاھىنشاھى بولۇپ تەختكە ئولتۇردى.ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا  ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى شاھلىق تەختىنى نېسىپ قىلغان ئىدى.
تۇنجى پادىشاھ كەيۇمەرس شاھ ئوردىسىنى ئىگىز تاغلار ئارىسىغا قۇرغان.شاھلىق سەلتەنىتىنى تاغلار ئارىسىدا داۋام ئەتكەن.ئۇ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا كىيگەن شاھلىق تونى يولۋاس تېرىسىدىن تىكىلگەن ئىدى.كىيىنكى زامانلاردىكى شاھ ۋە چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز تەخىتلىرى ۋە ئەمەلدارلىق كۇرسى دىۋانلىرىغا يولۋاس تېرىسى قاپلىتىشى ياكى يولۋاس- شىرلارنىڭ تېرىلىرىدىن تىكىلگەن ئىسىل كىيىملەرنى كىيىشى كەيۇمەرستىن قالغان ئۇدۇممۇ –ياكى ئۇلارنىڭ خەلىقنى ئۆز ئىمتىيازىدىن ئەيمەندۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ھەيۋە مىكىرىسىمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.
كەيۇمەرس خەلىقپەرۋەر ئادىل پادىشاھ ئىدى.خەلقنى شۈلۈپ يېمەيتتى.بەلكى ئىنسانىيەتكە ئۇستاز بولۇپ ئۆز ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئىختىرا قىلىپ   پۇقرالىرىنى پەرۋىش قىلاتتى.ئۇ تۈرلۈك ھۈنەر كەسىپلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇپ پۇقرالىرىنىڭ قورسىقىغا ئاش -ئوزۇق،ئۇچۇسىغا كىيىم- كېچەك ئاتا قىلالىدى.گەرچە ئۇ ئاران ئوتتۇز يىللا شاھلىق تەختىدە ئولتۇرالىغان بولسىمۇ، ئەدلى- ئادالىتى شاھلىق پاراسىتى تۈپەيلى ئەل قەلبىدە  قۇياش كەبى مەڭگۈ نۇر چاچتى.ئول زاماندا جاھاندا قانچىلىك ئادەم ياكى  جانلىق بولسا كەيۇمەرسنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپلا قالسا ئۇنى ئىزدەپ كىلىشەتتى، ئىگىلىپ قۇللۇق بىلدۈرىشەتتى.پەرمانىغا جان- دىلى بىلەن ئىتائەت قىلىپ ئۆز بەختىنى تېپىشاتتى.
كەيۇمەرىسنىڭ يۈزلىرى خۇرشىد كەبى نۇر چېچىپ تۇرىدىغان،ئەقىل- ھۈنەردە تولغان،دىدارى دۇنيانىڭ بارلىق خۇشاللىقلىرىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىيامەك ئىسىملىك، سائادەتمەن بىر ئوغلى بار ئىدى.شاھنىڭ دۇنيادا تاپقان بارلىق دەپى- دۇنيا تەئەللۇقاتلىرى، بارى يوقى شۇنىڭ ئىدى.ئوغلىنىڭ مىھرىدە كىچە -كۈندۈز كۆيۈپ ئاقاتتى.ئەگەر جۇدالىق خىيالى كۆڭلىدىن كىچىپ قالغۇدەك بولسا باھار بۇلۇتىدەك ياشلار تۆكەتتى.
يىللار بىر- بىرىنى قوغلىشىپ جەڭگە ماڭغان  ئەسكەرلەردەك بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىشتى.  كەيۇمەرسنىڭ دۆلىتى يىلسېرى گۈللەپ ياشنىدى. ئۇ پۇتۇن جاھانغا شاھلىق قىلسىمۇ لىكىن بىرمۇ دۈشمىنى يوق ئىدى.شۇڭا بەخىرامان ئېدى.
ئەمما، پادىشاھ شۇنى تېخى بىلمەيتتىكى،تولىمۇ  قۇدرەتلىك،بەكمۇ ياۋۇز بىر دۈشمەن ئۇنىڭ شانۇ- شەۋكىتىگە ھەسەت قىلىپ،  بۈيۈك ھۆكمىرانلىقىغا قارشى يۈرۈش قىلىشقا يوشۇرۇن تەييارلىنىۋاتاتتى.بۇ ياۋۇز دۈشمەن دەل شۇملۇق ئىلاھى- دىۋە ئەھرەمەن ئېدى.‹‹ئالا ئېنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق››دېگەندەك دىۋە ئەھرەمەننىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلاردىنمۇ ۋەھشى بىر ئوغلى بار ئېدى.بۇئوغلى  ئۇ دىۋىنىڭ بارلىق  قوشۇنلىرىغا باشچىلىق قىلاتتى.نىھايەت، بىر كۈنى ياتقان يىلان ئويغاندى.ئەھرەمەن دىۋە كەيۇمەرسنىڭ تەختىنى كۆزلەپ ،‹‹ئۇنى چوقۇم يىڭىپ چىقىمەنغۇ؟!›› دەپ ئۆزىنى-ئۆزى بەزلەپ، ھەددى- ھېساپسىز لەشكەرلەر بىلەن جاھان شاھىغا قارشى يۈرۈش باشلىدى.ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ تامامى دىۋە- پەرى، جىن -ئالۋاستىلاردىن بولۇپ  جاھان بۇ بەدبەشىرە مەخلۇقلارنىڭ سۈر- ھەيۋىسىدىن، ۋەھىمىلىك ھايقىرتىشلىرىدىن ئادەمزاتقا تارلىق قىلماقتا ئېدى.ھايۋان جېنىدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى يىرتقۇچلارنىڭ زېيىنىدىن ساقلايدۇ.ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ئۆزى ئەزىز ئەتكەن بەندىسىنى قانداقمۇ يىرتقۇچلارنىڭ  خار –زەبۇن قىلىشىىغا تاشلاپ بېرەلىسۇن؟!  ھەقنىڭ پەرمانى بىلەن پەرىشتە ئىسراپىل دەرھال كەيۇمەرس شاھنىڭ  دەرگاھىغا بىر پەرى قىز  سۈرىتىدە  بولۇپ كىلىپ، دىۋە ئەھرەمەننىڭيامانلىق  ئالامانلىرىدىن خەۋەردار قىلدى.
ناپاك دىۋىلەرنىڭ دەھشەتلىك، مۇدھىش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان ھامان شاھزادە سىيامەكنىڭ  دىلى غەزەپكە تولدى.شۇڭا تېزلىكتە  قۇدرەتلىك قوشۇن  يىغىپ جەڭگە ئاتلانماقچى بولدى. دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، بۇ شىر قامەت ئەزىمەت يولۋاس تېرىسىدىن تىكىلگەن جەڭ تونىنى كىيىپ، دىۋە بىلەن يەكمۇ- يەك ئېلىشىش ئۈچۈن تەييارلىنىپ مەيدانغا چۈشتى.ئۇ چاغلاردا ساۋۇت -دوبۇلغىلار تېخى ئىختىرا قىلىنمىغان بولغاچقا، پالۋانلار يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن جەڭ كىيىملىرىنى مۇداپىئە  كىيمى سۈپىتىدە كېيىشەتتى. يەكمۇ- يەك ئېلىشىش باشلاندى. لىكىن، ھەددىدىن زىيادە ئەزىزلىنىپ راھەتتە ياشىغان، خەۋپتىن قورقۇپ تۈزۈكرەك چېنىقالمىغان،بىرەر قېتىملىق دەھشەتلىك جەڭنىمۇ  كۆرۈپ باقمىغان ئارزۇلۇق شاھزادە دىۋىنىڭ تەڭدىشى بولالماي قالدى .
ئۇلار بىرنەچچە قەپەس ئېلىشا -ئېلىشمايلا سىيامەك دىۋىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى.ئەھرەمەن دىۋە سىيامەكنى خۇددى بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك بېشىدىن ئىگىز كۆتىرىپ بېشىچىلاپ يەرگە ئۇردى.سىيامەكنىڭ بېشى مىجىلىپ ئۇستىخانلىرى سۇندى.قىپقىزىل قانلىرى ئۇ قوغدىماقچى بولغان ۋەتىنىنىڭ تۇپرىقى بىىلەن ئارىلىشىپ قىپقىزىل لاي بولۇپ كەتتى.پاناھسىز قالغان چېرىكلەر قاتتىق ھودۇقۇشۇپ داۋاملىق جەڭ قىلىشقا رايى بارماي دەرھال كەينىگە يېنىشتى. ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىدىن قورقۇشۇپ تەرەپ -تەرەپلەرگە پېتىراپ قېچىشتى.دۈشمەن لەشكەرلىرى ئۇلارنى سۈر-توقاي قىلىپ ساينىڭ تېشىدەك قىرىۋېتىشتى.قاچقان دۈشمەننى يەڭمەك ۋە ئۆلتۈرمەك تېخىمۇ ئاسان ئىدى.
كەيۇمەرس شاھ ئوغلىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان قاتتىق ‹‹ئاھ›› تارتىپ تەختىدىن دومىلاپ چۈشتى.يارانلىرى يۈگرىشىپ كىلىپ ئۇنى يۆلىۋېلىپ، يۈزلىرىگە گۇلاپ چېچىىپ ھۇشىغا كەلتۈرۈشتى.ئۇ ئوغلىنىڭ دەردىدە يۈز ۋە  بەدەنلىرىنى تاتىلاپ،شاھلىق تونلىرىنى يىرتىپ پارچىلاپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ ئېغىر ئازاپلىنىپ يىغلايتتى. شاھنىڭ ۋە لەشكەرلەرنىڭ جەڭدىن  رايى يېنىپ كەتتى.ئۇلار  ئاسماندەك كۆك ماتەم لىباسلىرىنى كىيىشىپ، توپ-توپ بولۇشۇپ ھازا ئېچىشتى.بۇ مەملىكەتتىن خوشاللىق خاتىرجەملىك كۆتۈرۈلدى.ئۇلار مانا شۇ تەرىزدە ساق بىر يىل ماتەم تۇتۇشتى.
بىر يىلدىن كىيىن ئاللاھ پادىشاھ كەيۇمەرسكە بىر پەرىشتىدىن ئادالەت خەۋىرىنى ئەۋەتىپ شىرىن- سۇخەن سۆزلەرنى قىلدى. ئۇلارنى دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشقا، قىساس ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلدى:
-ئەي ئەھلى كەيۇمەرس!بەس، تىنىچلان ئەمدى!ئەس ھوشۇڭنى يىغ،ئاللاھنىڭ پەرمانىغا قۇلاق سال!ئاللاھ سېنى لەشكەرلىرىنى يىغىپ ، دىۋىگە قارشى يۈرۈش قىلىشقا، بەدنىيەت دىۋىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇشقا،دىۋىنىڭ پاسكىنا ئايىقىدىن پاك زىمىننى تازىلاشقا  بۇيرىدى.
كەيۇمەرس دەرھال قۇللۇق بىلدۈرۈپ سەجدىگە باش قويدى.كۆزلىرىدىن ئەلەم ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلمەكتە ئىدى.شۇ ۋەقەدىن كىيىن شاھىجاھان قايتىدىن لەشكەر يىغىدى. ئالدىراش لىق بىلەن ئۇرۇش تەييارلىقلىرىغا كىرىشىپ كەتتى.
سىيامەكنىڭ يالغۇز بىرلا ئوغلى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىسمى ‹‹ھۇشەڭ››دەپ  ئاتىلار ئىدى.ئۇ سىيامەكنىڭ دۇنيالىقتىكى بىر تاللا يادىكارلىقى بولۇشىغا قارىماي ئەقىل بىلىمدە تولغان،باتۇرلۇقتا ھىچكىممۇ تەڭ تۇرالمايدىغان ئاجايىپ بىر ئەزىمەت بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى.پادىشاھ ئەنە شۇ ئارزۇلۇق نەۋرىسىنى چاقىرتىپ كىلىپ ، نەۋرىسىگە بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىرىنى قويماي سۆزلەپ بەردى.ئەمدى ھەقىقەتنى يوشۇرۇدىغان، سەۋرى قىلىپ يۈرىۋېرىدىغان پەيت ئەمەس ئىدى.ئۇ نەۋرىسىگە شۇنداق پەرمان قىلدى:
- ئەي ئەزىز نەۋرەم،مەن بۇ ئۇلۇغ لەشكەرگە باش بولۇپ چىقىپ، ياۋۇز دىۋىنى ۋە لەشكەرلىرىنى يوقۇتۇپ  ئاتاڭ سىيامەك ئۈچۈن قىساس ئېلىشىم كېرەك ئىدى.لىكىن قېرىدىم،كۈچ مادارىمدىن ئايرىلدىم.بۇ ئاجىز تىنىم بىلەن قانداقمۇ كۈچلۈك دۈشمەنگە رەقىپ بولاي؟! ئەمما ئۈمىدىم سەندىدۇركى، سەن ياش نەۋقىران ۋە تەڭداشسىز باتۇر ئەزىمەت بولۇپ يىتىشىپ چىقتىڭ. شۇڭا سېنى قوشۇنغا باش قىلىشنى قارار قىلدىم.پەرمانىمغا قۇلاق سالغايسەن،ئۈمىدىمنى ھەرگىزمۇ  يەردە قويمىغايسەن!
شۇ پەرماندىن كىيىن ھۇشەڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلار ۋە چەرەندە –پەرەندىلەردىن بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللىدى. بارلىق لەشكەرلەرنى باشلاپ، يەر يۈزىنى سەلدەك قاپلاپ دۈشمەنگە قارشى يۈرۈش باشلىدى.پۈتكۈل جاھاننى بۇ لەشكەر- ئالاماننىڭ غوۋغا چۇقانلىرى ۋە چاڭ -توزانلىرى قاپلاپ كەتتى.
قارا دىۋە ئەھرەمەن جاھاننى تاشقىن سۇ كەبى بېسىپ كىلىۋاتقان بۇ سان- ساناقسىز لەشكەرلەرنىڭ سۈر -ھەيۋىسىدىن قورقۇپ پۇت قوللىرىدا قان قالماي  تىترەپ كەتتى. شۇ دەمدە بېسىپ كېلىۋاتقان قوشۇندىكى ھايۋانلارنىڭ دەھشەتلىك نەرە ساسادالىرى ھەرقانداق شىر يۈرەك ئەزمەتنىمۇ تەمتىرىتىپ قوياتتى. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى روبىرو بولغاندىن كىيىن تەكەللەپسىزلا جەڭنى باشلىۋېتىشتى.قوراللارنىڭ چاقۇر- چۇقۇر ئاۋازلىرى،شىر- يولۋاسلارنىڭ دەھشەتلىك ھۆركىرەشلىرى،باتۇر لەشكەرلەرنىڭ نەرە تارتىشلىرى،دۈشمەن لەشكەرلىرىنىڭ ۋايجان- ۋايەيلىرى قوشۇلۇپ دەھشەتلىك جەڭ ئاۋازلىرى كۆككە يەتتى.چاڭ- توزانلارمۇ ئاۋاز بىلەن بەسلەشكەندەك كۆككە كۆتىرىلەتتى.ئەزرائىلنىڭ ئۆلۈم بازىرى تازا قىزىدى.قانلار دەريا بولۇپ ئاقتى.باشلار پىلىكىدىن ئۈزۈلگەن قوغۇن- تاۋۇزلاردەك دومىلىشىپئۈستى -ئۈستىگە دۆۋىلىنىپ كەتتى.
باتۇر ھۇشەڭ يىرتقۇچ قاپلاندەك توسقۇنسىز ئىلگىرىلەپ ئەھرەمەن دىۋىنىڭ ئالدىغا  ئېتىلىپ كىلىپ  شىددەتلىك جەڭ باشلىۋەتتى.ئەھرەمەن دىۋە بۇيۈك تاغدەك زور قامەت بىلەن ئۆزى تامان يوپۇرۇلۇپ كەلگەن جاھان پالۋىنىنى كۆرگىنىدە  بىر قورقۇنچىسى مىڭ بولدى.لىكىن قېچىشنى نومۇس بىلىپ نەيزىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردى.ھۇشەڭ ئۇنىڭ بېلىدىكى كەمىرىدىن تۇتىۋېلىپ بۇرۇن دىۋە ئاتىسىنى قانداق كۆتۈرگەن بولسا شۇ تەرىزدە كۆتىرىپ بېشىدىن پىرقىرىغۇچتەك پىرقىرىتىپ نەچچىنى ئايلاندۇرىۋەتكەندىن كىيىن غەزەپ بىلەن يەرگە ئۇرۇپ ئۇستىخانلىرىنى سۇندۇردى.ئاندىن ئىپلاس بېشىغا شەمشەر ئۇرۇپ بېشىنى تىنىدىن جۇدا قىلىپ ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئالدى.دىۋىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن لەشكەرلىرىنىڭ جاسارىتى سۇنۇپ بېشى كىسىلگەن يىلاندەك ئۆزلىرىنى ھەر ياقلارغا ئۇرۇپ باقتى.لىكىن قۇتۇلۇش ئىمكانى بولمىدى.دۈشمەن لەشكىرى تامام قىرىلىپ جەڭ تامام بولدى.
شۇ ئىشتىن كىيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي پەرزەنت ئىنتىقامىنى ئېلىپ ئارزۇسىغا يەتكەن ،ئۆلۈم سائىتى يېقىنلىشىپ ئەزرائىل ماماتلىق ئىشىكىنى چەككەن كەيۇمەرس بۇ ۋاپاسىز جاھاننى تاشلاپ ئوغلى بىلەن كۆرۈشمەك ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتتى.
جاھان ئىشلىرى مانا مۇشۇنداق،دۇنيا ئالدامچى كىلۇر.ئەي ئىنسان،بىر چاغلاردا بەختى- دۆلىتىڭ كۈلۈپ ئالەمدە مۇنەۋەر بولغان چېغىڭدا ئۆزۈڭنى بىلەلمەي قالىسەن .بۇ چاغدا بەختى -دۆلىتىڭ مەڭگۈلۈكتەك ،دۇنيادا ساڭا قارشى ھىچبىر كۈچ يوقتەك ھىس قىلىپ كۆرەڭلىكتىن خۇدۇڭنى يوقۇتىسەن.لىكىن شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تام خوشنىدۇر.بىرى كەتسە يەنە بىرى سېنى ئۇنتۇپ قالماي يوقلاپ تۇرىدۇ.
2- ھۇشەڭ
(قىرىق يىل پادىشاھ بولغان)
ئەھرەمەن دىۋىگە قارشىئېلىپ بېرىلغان  جەڭنىڭ  غەلىبىسىدىن كىيىن ئادالەتپاناھ باتۇر ھۇشەڭ بوۋىسىنىڭ ئورنىغا شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى.پەلەك شاھلىق تەختىنى ئۇنىڭ بېشىدا قىرىق يىل سايىۋەن قىلدى.ھۇشەڭ تەخىتكە ئولتۇرغان كۈنىلا ئەل يۇرتقا شۇنداق جاكانامە ئېلان قىلدى:
-ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا يەتتە ئىقلىمنىڭ پادىشاھلىقىنى ئاتا قىلدى.ئۇنىڭ قوللىشى مەدىتىلا بولىدىكەن- ماڭا ھەرقانداق چاغ، ھەرقانداق جايدا غەلىبە نۇسرەت كۈلۈپ باقىدۇ.مەن بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەت ئىشلىرىنى ھەق ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپ ،دۇنيانى يېڭىۋاشتىن ئاۋاتلاشتۇرۇشقا بەل باغلىدىم.شۇڭا ھەممە پۇقرا خاتىرجەم تىرىكچىلىكىنى قىلسۇن.زۇلۇم قىلغۇچىلار زۇلۇمنى توختاتسۇن،ئەگەر كىمىكى پەرمانىمغا قارشى چىقىدىكەن، ئاقىۋىتىنىڭ نىمە بولىدىغانلىقىنى بىلسۇن.ئاللاھ زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.ئاللاھنىڭ دۈشمىنى مىنىڭمۇ ئەشەدددى دۈشمىنىمدۇر.مەن دۈشمىنىمگە تاشتىن قاتتىق ،زىمىستاندىن سوغۇقمەن.مۆمىنلەرگە باھار ئاپتىپىدەك ئىللىقمەن.كىمدە -كىم باشقىلاردىن زۇلۇم كۆرسە ماڭا كىلىپ دىسۇن. مەن ئۇلارنىڭ ئەنتىنى ئېلىپ بېرىمەن.
ھۇشەڭنىڭ ئەدلى- ئادالىتى بىلەن ئەلدە ئادالەت ئورنىدى.خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ئەدلىدىن سۆيۈنمەيدىغان،پاراسىتىگە بارىكاللا ئېيتمايدىغان بىرمۇ كىشى يوق ئىدى.
ھۇشەڭنىڭ  ئەڭ ئالى تۆھپىلىرى: بىرىنچىدىن تاشتىن تۆمۈرنى ئايرىپ چىقىش ۋە تۆمۈردىن پايدىلىنىپ تۆمۈرچىلىك كەسپىنى راۋاج تاپقۇزۇش ،ئىككىنچىدىن ئېرىق -ئۆستەڭ قازدۇرۇپ دەريا سۇيىنى چۆلگە چىقىرىش،بۇ سۇدىن پايدىلىنىپ  دىھقانچىلىق كەسپىنى راۋاج تاپقۇزۇش بولدى.
تۆمۈر قوراللارنىڭ ياسىلىشى دىھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ دىھقانلارنىڭ جاپاسىنى يىنىكلەتتى.ھەركىم ئۆز رىسقىنى ئۆزى تېپىپ يىيەلەيدىغان بولدى. بۇندىن بۇرۇن بۇنداق ئادەتلەر يوق بولۇپ ئادەملەرنىڭ ئاش- ئوزىقى تاغ -ئىدىرلاردىكى ياۋا مىۋىلەر ئىدى.كىشىلەر ھەمىشە ئاچ- توق يۈرىشەتتى.بىر تېرىدىن باشقا يېپىنچىسىمۇ يوق ئىدى. كىيىن ئۇ يەنە ئوتنىمۇ ئىجاد قىلىپ كىشىلەرگە سوغۇقتا قالغاندا ئىسسىنىشنى ۋە يىمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يىيىشنى ئۈگەتتى.
ئوت ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت بار.پادىشاھ بىر كۈنى بىر گورۇھ ئادەملىرى بىلەن تاغ تەرەپكە كىتىۋېتىپ توساتتىن غايەت زور بىر ئەژدىھاغا دۇچ كەلدى.بۇ بەدىنى تولىمۇ ئۇزۇن، شۇنداقلا ھەيۋەت كەلگەن قارا ئەژدىھا بولۇپ  قان تولغا ئىككى كۆزى جۈپ تونۇرنى ئەسلەتسە ،ئاغزىدىن پۈركۈلۈپ چىقىۋاتقان ئۇلۇغ ئوت قەيەرگە چۈشسە شۇ يەردىن دەھشەتلىك يانغىن كۆتۈرۈلۈپ ئەتراپنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتەتتى.باتۇر ھۇشەڭ ئۇنىڭغا بىر باقتىيۇ قورقۇپ قېچىش ئورنىغا گوياكى شىردەك ھۆركىرەپ تاغدىن غايەت چوڭ تاشتىن بىرنى قومۇرىۋالدى- دە بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ خۇددى كىچىك بىر تاشنى ئاتقاندەك ئەژدىھاغا قارىتىپ ئاتتى.ئەژدىھا زەخمىلەنگەن بەدىنىنى سۆرەپ قاچتى.ئۇنىڭغا ئېتىلغان ئىككىنچى تاش ئۇدۇل بېرىپ قىيا تاشقا تىگىپ چۇل-چۇل قىلىۋەتتى.لىكىن ئۇنىڭدىن ھاۋا گۈلدۈرلىگەندىكىدەك دەھشەتلىك ئاۋاز چىقىش بىلەن تەڭ ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ چىقىپ تاشنى قىپقىزىل يالقۇن قاپلاپ كەتتى.بۇ ئىشتىن كىيىن گەرچە ئەژدىھا ئۆلمىگەن بولسىمۇ ھۇشەڭ ئوتنىڭ سىرىنى بىلىۋالدى.تۆمۈربىلەن تۆمۈرنى  ياكى تاشنى يەنە بىر تاشقا ئۇرسا ئۇنىڭدىن ئۇچقۇن چاچراپ، ئۇچقۇندىن  ئوت پەيدا بولىدىكەن.ئوتتىن پايدىلىپ قىش كۈنلىرى ئىسسىنىپ سوغدىن پاناھلانغىلى، قىش- زىمىستاننىڭ سوغىدا جاننى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆي ۋە ئۆڭكۈرلەرنى ئىسسىتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى.كېيىن ئۇ  پۇقرالىرىغا تاشتىن ئوت ھاسىل قىلىشنى،خام نەرسىلەرنى پىشۇرۇپ يىيىشنى ئۆگەتتى.بۇ ئەسلى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن مەرھىمىتى ئىدى.لىكىن شەيتان ئىنسانلارنى  ئېزىقتۇرۇپ ھەققانىيەتنى كۆرۈدىغان كۆزلەرنى كور قىلىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن  ئازغۇن بەندىلەر ياراتقۇچىنى تونىماي ئەكسىچە  يارالغۇچىنى ئېزىزلەپ ئوت ئاتەشنى باش ئۇرىدىغان مەبۇد قىلىۋېلىشتى.توغرا يولنى بىلمەي  ئازغۇنلۇق يولىغا قاراپ ماڭدى. ئاتەشپەرەسلەر دىنى مانا شۇ كۈندىن،ئەنە شۇ ۋەقەدىن پەيدا بولغان. ئۇلار مانا شۇ كۈننى  ‹‹سەدە ›› دەپ ئاتاپ  كەچقۇرۇنلىرى ئوت يېقىپ گۇلخان سېلىپ، گۈلخان ئەتراپلىرىدا يۇرت كاتتىلىرى بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بەزمە مەشرەپلەر قۇرۇپ،تۈرلۈك  ئويۇن- تاماششالار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولدى. ئۇلار شۇ كۈننى‹‹ سەدە بايرىمى›› دەيدىغان بايرام قىلىۋېلىشتى.    ھۇشەڭ كامىل ئەقىللىق پادىشاھ ئىدى.كىچەيۇ- كۈندۈز پۇخرانىڭ غېمىنى يەر  ئىدى.ئۇلارنىڭ يۇرتىدا ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلار بەكمۇ كۆپ ئىدى.ھۇشەڭ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىسىم قويۇپ ئۇلارنى بىر -بىرىدىن پەرىقلەندۈردى.ئۇندىن باشقا ئۇلارنى تۇتۇپ كىلىپ بېقىپ كۆندۈرۈپ،  ئۆي ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇردى.مەسىلەن: ئۇ پۇقرالىرىغا ئۆكۈز،ئىشەك ، ئاتلارنى قانداق تۇتۇشنى،قانداق بېقىشنى،قانداق ئىشلىتىشنى بىر بىرلەپ ئۆگەتتى.
بەزى چوڭ ھايۋانلارنىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ. ئۇلارنڭ چوڭلىرىنى قوشقا قېتىپ،سۆرەمگە سېلىپ يەر تېرىشنى،ئېغىل -قوتان سېلىپ شۇ يەرگە سولاپ بېقىشنى، يۇڭلىرىدىن يىپ ئىگىرىپ ئاغامچا ئىشىپ باغلاشنى،تۇغدۇرۇپ كۆپەيتىپ پايدىلىنىشنى، ئەركەك -چىشىلىرىنى جۇپتىلىرى بىلەن ساقلاشنى ئۆگەتتى. بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار ‹‹دېھقان›› دەپ ئاتالدى.ئۇلار تېرىشتىن تارتىپ يىغىشقىچە بولغان ئىشلاردا ھايۋانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ جاپانى ئازايتىشنى ئۆگىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققى قىلدۇردى. ھۇشەڭ يەنە دۆلەت مالىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دىھقانلارغا باج-سېلىق تۆلەشنى پەرمان قىلىپ ئۆگەتتى.ئۇ زامانلاردا پۇل تېخى ئىجاد بولمىغان بولغاچقا پۇخرالار ئۆزلىرى تېرىپ ئالغان ئاشلىقلىرى ۋە باققان چارۋىلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى ئارقىلىق دۆلەت خەزىنە بېجىنى تاپشۇراتتى.
ئۇ يەنە دىتىغا ماس كەلگەن ھايۋانلارنىڭ  تېرىلىرىنى ئاشلىتىپ كۆن- خروم ياساشنى، ئۇنىڭدىن كىيىم -لىباس تىكىپ كىيىشنى ئۆگەتتى.دىمەك ھۇشەڭ ھەم پادىشا بولۇپلا قالماي دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، تۆمۈرچىلىك،يىمەك- ئىچمەك، كىيىم- كىچەكتىن قاتارلىق  نۇرغۇن كەسىپلەر ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىجاد قىلىپ كىشىلەرگە ئۆگەتكەن داڭلىق ئالىم ۋە ئىختىراچى ئىدى.مانا شۇنداق ئۇلۇغ زاتقىمۇ دۇنيا باقىۋەندى بولمىدى.ئەزرائىل ئامانىتىنى سوراپ كەلگەندە يۇۋاشلىق بىلەن جان تەسلىم قىلدى. ئۇنىڭدىن ياخشى نام بىلەن ئىجاد قىلغان نەرسىلىرى قالدى. دىمەك شۇ ھەقىقەت ئايان بولدىكى، ئۆلمەيدىغان ئادەم يوق.تۇغۇلماقلىق، ئۆلمەكلىك ھەممىگە بار.بارلىققا كەلگەن نەرسە ھامان بىر كۈن  يوقۇلىدۇ.لىكىن بىر نەرسە يوقالمايدۇ .ئۇ بولسىمۇ ياخشى نام ۋە ياخشىلىق!

3-تەھمۇرەس
ھۇشەڭنىڭ ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە تەڭدىشى يوق بىر باتۇر ئوغلى بار ئىدى.ئىسمىنى ‹‹تەھمۇرەس دىۋىبەند›› دەپ ئاتىشار ئىدى.ھۇشەڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن تەھمۇرەس ئاتىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقىپ پادىشاھ بولدى.ئۇ شاھلىققا ئولتۇرغاندىن كىيىن سان- ساناقسىز لەشكەر ۋە سەركەردىلەرنى توپلىدى.لەشكەرلىرىگە مول مەزمۇنلۇق، پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ شۇنداق سۆز دۇرلىرىنى چاچتى:
-دادامدىن قالغان بۇ تاجۇ -تەخت ۋە دۆلەت قۇشى ماڭا تولىمۇ ياراشتى.تېخىمۇ يارىشىدىغىنى بولسا  گۇرزە ،قىلىچ ،نەيزە ،ئوقيا دىگەندەك ھەربى قۇرال ياراقلار،مەن شۇنداق قەتئى نىيەتكە كەلدىمكى ،سىلەر بىلەن بىرلىكتە جاھان كىزىپ يامانلارغا قارشى جەڭ قىلماقچى، پۇتكۈل دۇنيانى يامانلار ئاسىلاردىن تازىلىماقچى،دۈشمەن لەشكەرلىرىنى ئەسىر ئېلىپ قۇل-غۇلام، ،خوتۇن- قىزلىرىنى تۇتۇپ كېلىپ  چۆرە- دىدەك قىلىپ  دەرگاھىمنى بىزىمەكچى بولىۋاتىمەن. دۇنيادا ھەممە ئىنسان ماڭا قارام بولۇپ بويسۇنسۇنكى،ماڭا  باش ئەگمىگەن دىۋە- پەرىلەرمۇ قالمىسۇن.بۇ جەرياندا جاھان كۆرۈپ كۆزۈمنى ئاچاي،ئېچىلمىغان سىرلارنى ئېچىپ ئاشكار قىلاي دەپ ئويلاۋاتىمەن.
شاھ تەھمۇرەسمۇ ئاتا ئىزىنى بېسىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىجاد قىلدى.ئىنسانىيەتكە ئۇستاز بولۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى.ئۇ ئالدى بىلەن قوي يۇڭىنى قىرقىپ، ئۇنى ئۇرچۇققا سېلىپ ئىگىرىشنى، ئۇنىڭدىن ماتا ۋە گىلەم توقۇشنى ئۆگەتتى.ئۇندىن باشقا ئات ئىشەكلەرگە ئوخشاش تېز ماڭار جانىۋارلارنى تۇتۇپ كۆندۈرۈپ بېقىشنى،ئارپا، سۇلۇلارنى بىرىپ قىشتىن ئۆتكۈزۈشنى ئۆگەتتى.يەنە باشقا كىچىك  ھايۋانلارنىمۇ كۆزىتىپ ئىت بىلەن مۈشۈكنى تۇتۇپ كىلىپ ئۆيدە ئۆي ھايۋىنى سۈپىتىدە  بېقىشنى ئۆگەتتى.ۋەزىپە جەھەتتە  ئىتنى ئۆي ساقلاشقا،مۈشۈكنى چاشقان تۇتۇپ زىيانداشلارنى يوقۇتۇشقا سالدى.ئۇندىن باشقا قۇشلارنىمۇ كۆزىتىپ قايسىسى  پايدىلىق ،قايسى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقتى.مەسىلەن: توخۇنى ئكييدە  بېقىپ تۇخۇمىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگەتتى. بولۇپمۇ خۇرازنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭ  بولۇپ، ھەر كۈنى سۈبھىدە  چىرايلىق ئاۋازى بىلەن ئۈنلۈك چىللاپ  ئادەملەرنى سەھەر تۇرۇشقا، غەپلەتتىن ئويغۇنۇشقا ئۈندەيتتتى.ئۇ يەنە بۈركۈت،لاچىن، قارچۇغىلارنى ئوۋ قۇشلىرى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقتى. ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كىيىك، توشقان، قىرغاۋۇللارنى ئوۋلاشنى،گۆشلىرىنى يەپ تېرىلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگەتتى.جاھان خەلقى ئۇنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىغا ھەيرانلىق بىلەن باقاتتى. ئۇنى ئۇستاز تۇتۇشاتتى. ئۇ  نىمە  ئىش قىلسا شۇنى دوراپ پايدىلىق نەرسىلەرنى تېز ئۆگىنىۋالاتتى.بۇ ئىشلاردىن كىيىن ئۇ كىشىلەرگە ئېيتتى:
-بۇ ئىشلارنى قىلىشنى يادقا ئېلىۋېلىڭلار .(قۇشلار، ھايۋانلارنى قانداق ئوۋلاش، قانداق بېقىش، قانداق پايدىلىنىشنى ئىسىڭلاردا چىڭ تۇتۇۋېلىڭلار)بۇلارنى ئاللاھ ئىگەم ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ،ئىنسانلارنىڭ دوستى بولۇشقا ياراتقان.ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭلار ۋە ھەر كۈنى خۇداغا شۇكرى -سانالار ئېيتىڭلار.
سۇلتان تەھمۇرەسنىڭ ‹‹شېدەس›› ئىسىملىك ئەقىللىق ۋە ساپ -نىيەت بىر ۋەزىرى بار ئىدى.پۈتۈن ئەلدە ئۇنىڭ  ئابرۇي- ئىناۋىتى يۇقۇرى ئىدى.ئۇ نەگە قەدەم باسسا، شۇ يەردە يېڭىش تاپاتتى. ئۇ زات كۈندۈزلىرى تاماق يىمەي روزا تۇتۇپ، كەچلەردە قامىتىنى ئىگىپ  ناماز  ئوقۇپ خۇداغا ئىبادەتلەر قىلاتتى.ئۇ شاھ ئۈچۈن يورۇق يۇلتۇز،يامانلار ئۈچۈن تاقاق- توغان ئىدى. ياخشىلارنى قوللاپ قۇۋۋاتلەپ، يامانلارنى جازالايتتى.شۇڭا ئۇنى ھەممە دوست كۆرەتتى.ئۇ  ھەمىشە شاھنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيتتى.سەمىمىلىك راستچىللىقنى تەكىتلەيتتى.ئۇنىڭ شاراپىتىدىن شاھقا ھالاللىق نىسىپ بولۇپ ،بېشىغا ئادالەت نۇرلىرى يېغىپ،پۈتكۈل ئەلدە مۇنەۋۋەر بولدى.
يەنە بىر ئاجايىپ ئىش شۇكى، شاھ تەھمۇرەس  دىۋىلەر بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئەھرەمەن دىۋىنى يەڭدى.ئۇنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى.ھايۋان ئورنىدا كۆندۈرۈپ سىرتلارغا چىققاندا مىنىدىغان ئات قىلىۋالدى.دىۋىنىڭ يالىنى تىزگىن قىلدى، ئۈستىگە ئىگەر -توقۇملارنى توقۇدى.   ئۇنى ئات ئورنىدا مىنىپ چىقىپ سىرتلاردا  جاھان كەزسە ئەھلى خالايىق ھەيران قېلىشاتتى.لىكىن بۇ ئىشتىن دىۋىلەر قاتتىق خورلۇق ھىس قىلىشتى.شۇڭا  تەھمۇرەسكە قارشى جەڭ قىلىش، ئۇنىڭ تاجۇ- تەختىنى تارتىۋېلىپ قىساس ئېلىش مەقسىدىدە بر يەرگە توپلىنىشقا باشلىدى.شاھ تەھمۇرەس بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق جىلە بولدى.كىيىن ئۇمۇ تەرەپ- تەرەپلەرگە جاكا جاكالاپ ئەسكەر يىغىشقا تۇتۇندى.نەتىجىدە  ئۇمۇ قۇم- تۇپراقتەك ناھايىتى كۆپ لەشكەر توپلاپ دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىشنى كۈتۈپ تۇردى.
دىۋە -جىنلارنىڭ لەشكەرلىرى قارا دىۋىنىڭ قوماندانلىقىدا سەپ -سەپ بولۇپ بېسىپ كىلىشمەكتە ئىدى.ئۇلار شۇنچە كۆپ، ئەلپازى شۇنچە يامان ئىدىكى،  يەر-جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپ ھۆركىرىگەن،ھايقىرىغان دەھشەتلىك ئاۋازلار زىمىندىن ئۆتۈپ ئاسمانغا قەدەر ئاڭلىنار ئىدى. دۈشمەنلەرنىڭ شۇنچە ھەيۋە- ھەشەم بىلەن كەلگىنىگە يارىشا  ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتمىدى. جىن –ئالۋاستىلارنىڭ ھالاكىتى-مەغلۇبىيىتى بىلەن ئىرانلىقلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى.  بۇ ئۇرۇشتا سان- ساناقسىز دىۋىلەرنىڭ بېشى كىسىلدى. ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ  خوتۇنى ئەرسىز،بالىلىرى ئاتىسىز قالدى.قالغانلىرىنى بولسا لەشكەرلەر ئەسىر قىلىپ باغلاپ، خارلاپ- سۆرەپ ئېلىپ كىتىشتى.ئەسىرگە چۈشكەنلەر زارى- زار يىغلاپ ئىلتىجالار قىلىشاتتى:
-ئەي ئۇلۇغ شاھ،ئەي جاھان پالۋانى! بىزنى ئۆلتۈرمىسەڭ،ئۆز ئەركىمىزگە قويتۇۋەتسەڭ. قۇدرىتىڭنى بىلدۇق.قىلمىشىمىزنى تونۇدۇق.توۋا قىلايلى،بۇندىن كىيىن ساڭا ھەرگىز  ئاسىلىق قىلماي،پەرمانىڭدىن چىقماي قارام پۇخرالىرىڭ بولايلى.ھەرۋاقىت پەرمانىڭدا بولۇپ نىمە دىسەڭ شۇنى قىلايلى.باج -ئۇلپاڭ تاپشۇرايلى.ئەگەر سەن  بىزگە رەھىم قىلىپ ئۆلتۈرمىسەڭ،گۇناھىمىزدىن كەچسەڭ ئكزۈڭەىمۇ،پۇخرالارغىمۇ ياخشىدۇر.  بىز ئۇنىڭ بەدىلىگە سىلەرگە مەڭگۈ ئەسقاتىدىغان يېڭى بىر ھۈنەر ئۆگىتىپ قويايلى!
شاھنىڭ ئەسلى  ئۇلارنى قويۇۋەتكۈسى يوق ئېدى. لېكىن دىۋىلەردىن مەڭگۈ ئەسقاتىدىغان يېڭى ھۈنەرنىڭ  گىپىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ئەركىنلىك بەردى.ئۇلارنىڭ پۇت- قوللىرىدىن زەنجىر ، قوۋۇق -كىشەنلەر  ئېلىپ تاشلاندى. كىيىن دىۋىلەر ۋەدىسىدە تۇرۇپ ئىرانلىقلارغا ئەرەپچە، پارىسچە، رۇسچە،چىنچە،سوغدىچە،پەھلەۋىچە بولۇپ ئوتتۇزدىن ئارتۇق تىل ۋە يېزىقنى ئۆگىتىپ قويۇشتى.ئىرانلىقلارنىڭ دىلىغا مەرىپەت نۇرلىرى تولۇپ خەت يازالايدىغان ۋە ئوقۇيالايدىغان بولۇشتى.
شاھ تەھمۇرەس شۇنداق ئۇلۇغ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ جاھاندا ئوتتۇز يىل پادىشاھلىق قىلدى.مۇشۇ كەمگىچىلىك ھىچكىم ئۇنىڭدەك  كۆپ نەرسىلەرنى ئىختىرا قىلىپ باقمىغان، ئىنسانىيەتكە ئۇنىڭدەك كۆپ بەخت ياراتمىغان ئىدى.شۇم ئەجەل ئاخىرى شۇنداق ئۇلۇغ پادىشاھنىڭمۇ جېنىنى ئېلىپ تېنىنى تۇپراققا تاپشۇردى.
ئەي چەرخى پەلەك! يۇلۇپ تاشلاش سېنىڭ ئادىتىڭ بولسا كېرەك .سەن يۇلۇپ تاشلىغۇچى سېتەمكار تۇرۇپ بىزنى تېرىپ ئۆستۈرگىنىڭ نىمىسى!؟ بىرىنى  بۈگۈنى قۇياشتەك يۇقۇرى قىلىپ ئەرشىئەلاغا كۆتەرسەڭ.ئەتىسى خەستەك قەدىرسىز ۋە  پەس قىلىپ تەھتى سەراغا تاشلايدىكەنسەن. مەيلى شاھ، مەيلى گاداي،  ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىكى ئويۇنچۇقلىرىڭ ئىكەن .گېزى كەلسە  ھىچكىممۇ سەن سۇنغان ئەجەل شەربىتىنى ئىچىپ جانسىز كېسەككە ئايلىنىپ تۇپراققا قوشۇلۇش تەقدىرىدن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن.


-جەمشىد
پۇتۇن دۇنياغا داڭقى كەتكەن.نۇرغۇن ئادەملەر نامىنى بىلىدىغان.ھاراقكەشلەر بىلەن قىمارۋازلار پىر قىلىۋالغان جەمشىد دەل شاھ تەھمۇرەسنىڭ ئوغلى ئىدى.
‹‹شاھنامە››دە جەمشىد  ئەڭ دانا،ئەڭ كۆپ نەرسە ئىختىرا قىلغان، ئەڭ ئادىل ،ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ شاھ قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.
جەمشىدنىڭ نەسەبى توغرىسىدا: ‹‹جەمشىدنامە›› دېگەن كىتاپتا يېزىلىشىچە پادىشاھ جەمشىدنىڭ نەسەبى نوھ ئەلەيھىسسالامغا تۇتۇشىدۇ.نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆت ئوغلى بار ئېدى.چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ياپەس،ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى سام،ئۈچۈنچىسىنىڭ ئىسمى ھام، كەنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى كەنئان.
ياپەس ئەۋلادىدىكىلەردىن چىققان داڭلىق شاھلاردىن ئەمىر تېمۈر ساھىپقىران،چىڭگىزخان،تۇغلۇق تۆمۈرخان قاتارلىقلار بار.
سامنىڭ ئەۋلادىدىكىلەر: سام مەغرىپكە پادىشاھ بولغان ئىكەن.ئۇنىڭ ئەرفەھشەد ناملىق ئوغلىنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن.ئۇلارنىڭ بىرى -ھۇد پەيغەمبەر.بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھەزرەتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قەدەر يېتىدۇ.ئىككىنچى ئوغلى ھامان بولۇپ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىكىلەردىن ئەڭ مەشھۇرى رۇستەمى داستاندۇر.ئۈچىنچى ئوغلى كەيۇمەرس ئادەم بولۇپ ئۇنىڭ ئوغلى سىيامەك،سىيامەكنىڭ ئوغلى ھۇشەڭ،ھۇشەڭنىڭ ئوغلى شاھ تەھمۇرەس، شاھ تەھمۇرەسنىڭ ئوغلى جەمشىدتۇر.
تۆۋەندە مەزمۇننىڭ تولۇقلىنىشى ئۈچۈن ‹‹جەمشىدنامە››گە كىرگۈزۈلگەن،‹‹شاھنامە››دە بولمىغان جەمشىد ھەققىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەرنى دىققىتىڭىزلەرگە سۇنۇمىز.
   شاھ تەھمۇرەس ئۆلگەندىن كېيىن جەمشىد ئەيىش -ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىپ يۇرت بىلەن كارى بولمىدى.يۇرت ياتلار قولىدا ئاياغ- ئاستى بولدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوردىدىكىلەر جەمشىدنى ‹‹كىچىك بالا›› چاغلاپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى.ئوردىدىكى كاتتىلار مەسلىھەتلىشىپ ئۇنى يۇرت كۆرۈپ،مۇساپىر بولۇپ،ئىسسىق- سوغاقنى باشتىن كەچۈرۈپ ئادەم بولۇپ كەلسۇن دېيىشىپ ئات،كىيىم –كېچەك ۋە توققۇز تۆگە بېرىپ شەھىرى كىياندىن قوغلاپ چىقىرىشتى.ئاندىن ئۇنىڭ ئاغىسى قاھاراماننى پادىشاھ قىلىپ تىكلەشتى.
جەمشىد دەسلەپ بەلختە ئۈچ يىل تۇردى.ئاندىن ھىندىستانغا كەلدى.ئۇ يەردە تۆت يىل تۇردى.بۇ جەرياندا سەككىز تۆگىنى سېتىپ خىراجەت قىلدى. قولىدا پەقەت بىرلا تۆگىسى قالدى.شۇڭا نامراتچىلىقتا كۆپ قىينالدى.بەزىدە ئۈچ-تۆت كۈنلەپ ئاچ قالغان چاغلىرىمۇ بولدى.ئۇ بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋېتىپ شاھانە لىباس كىيگەن،تەختىراۋاندا ئولتۇرۇپ كاتتا ئەمەلدارلاردەك  كېتىۋاتقان بىر كىشىنى كۆردى.ئۇ كىشى تاھىر ئىسىملىك  قىمارۋاز ئېدى.ئۇ جەمشىدنى تونۇپ قالدى.رەھمى كېلىپ يېنىغا چاقىرىۋالدى ۋە تاماق ئېلىپ بەردى.كېيىن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ ئكيىدە تۇرغۇزدى.تاھىرنىڭ ئۆيىدە ھەر كۈنى ئاچچىقى يامان قىمارۋازلار قىمار ئوينايتتى.جەمشىد بىكارچىلىقتا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقىپ قالدى ۋە قىمار ئويناشنى ئۆگەندى.جەمشىد ھۆسن –جامال،ئەقىل -پاراسەتتە،چېچەنلىكتە كامالەتكە يەتكەن ئېدى.قىمارۋازلار ئۇنىڭ ھۆسنى -جامالىغا ئاشىق بولۇپ ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىسىنى ئايىمىدى. جەمشىد زېرەك بولغاچقا قىمار ئويناشتا بارا-بارا يېتىلىپ ھەممىدىن ئۇستا بولۇپ كەتكەن ئېدى.شۇڭا  قىماردا ھىندىستاندىكى بارلىق قىمارۋازلارنى ئۇتۇۋېلىپ گاداي قىلىۋەتتى.ئۇ نۇرغۇن بايلىققا ئېگە بولغان بولسىمۇ مەرت مەردانىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇتۇۋالغان بايلىقلىرىنى نامراتلارغا سەدىقە قىلىۋېتىپ يەنە نامراتلىشىپ قالدى.ئەل ئۇنى ھۆرمەتلەپ ‹‹مىرزا جەمشىد››دەپ ئاتىدى.
بىر كۈنى بۇلغار پادىشاھىنىڭ ئىنىسى لەيلىۋەش ئون ئىككى مىڭ قېچىرغا لەئەل-ياقۇت، زۇمرەت،ئالتۇن –كۈمۈش،ئالماس،گۆھەرلەرنى يۈكلەپ كېلىپ كارۋان سارىيىغا چۈشتى.ئۇ قازاق پادىشاھىنىڭ قىزى مەلىكە دىلسۇزغا ئاشىق بولغان بولۇپ بۇ يەرگە ھەم قىمار ئوينىغىلى ھەم شۇ قىزنى قولغا چۈشۈرگىلى كەلگەن ئېدى.لەيلىۋەش ئۇ قىزنى قىرىق قېچىردىكى جاۋاھىرلارنى بېرىپ سېتىۋالدى.
لەيلىۋەش مەلىكە دىلسۇزغا ھەددىدىن زىيادە ئاشىق ئېدى.لېكىن ھەر قېتىمدا ئۇ مەلىكىنىڭ قوينىغا كىرسە خۇددى ۋۇجۇدىغا ئوت تۇتاشقاندەك بولۇپ يېتىشقا جۈرئەت قىلالماي يۈگۈرۈپ قوپۇپ كېتەتتى.كۈنلەردىن بىر كۈنى لەيلىۋەش جەمشىد بىلەن قىمار ئوينىماقچى بولدى.لېكىن جەمشىدتە پۇل قالمىغان ئېدى.پۇل ئىشىنى ھەل قىلماق بولۇپ دوستلىرىنى چاقىردى.ئۇنىڭ توققۇزمىڭ دوستى بار ئېدى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر ھەمياندىن ئەشرەپى قەرىز بېرىۋىدى ،توققۇزمىڭ ھەميان پۇل يىغىلدى.جەمشىد ئەنە شۇ پۇللىرىنى دەسمى سېلىپ  لەيلىۋەش بىلەن قىمار ئويناشقا چۈشتى.لېكىن لەيلىۋەش ھەممە پۇللارنى ئۇتۇۋالدى.
جەمشىد داۋاملىق قىمار ئوينىشى كېرەك ئېدى.لېكىن پۇل قالمىدى.قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ھىيلە ئىشلەتتى. توققۇز تاغارغا سامان تىقىپ ئاغزىنى مەھكەم بوغۇپ ئۈستىنى زىلچە گىلەم بىلەن يېپىپ قويدى.ئاندىن لەيلىۋەشكە:
-بۇ توققۇز تاغاردىكىنىڭ ھەممىسى ئالتۇن.مەن شۇلارنى دەسمى قىلىپ قىمار ئوينايمەن-دەپ قايتىدىن قىمار ئويناشقا كىرىشتى.بۇ نۆۋەت جەمشىد لەيلىۋەشنىڭ ئونمىڭ قېچىردىكى بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇتۇۋالدى.
كېيىن جەمشىد ھاجەت قىلغىلى سىرتقا چىقىپ ئۆگزىدە تۇرغان مەلىكە دىلسۇزنى كۆرۈپ قالدى.مەلىكە دىلسۇزمۇ مىرزا جەمشىدنى كۆردى. بۇ كۆرۈشۈشتە ھەر ئىككىسىنىڭلا بىر-بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قالدى.ئۇلار بىردەم ھەزىل-چاخچاق قىلىشقاندىن كېيىن جەمشىد يېنىپ كىرىپ لەيلىۋەش بىلەن يەنە قىمار ئوينىدى.لەيلىۋەش بۇ دۆرەم مەلىكە دىلسۇزنى قىمارغا تىكتى.جەمشىد مەلىكە دىلسۇزنىمۇ ئۇتۇۋالدى.لەيلىۋەش مەلىكىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا زادىلا چىدىمايتتى.شۇڭا ‹‹بۇ دۆرەم ئۆزۈمنى تىكەي،مېنىمۇ ئۇتۇۋالسا قۇل بولۇپ يېنىدا يۈرەرمەن.ھەر كۈنى مەلىكنى كۆرۈپ تۇرالايمەن››دەپ ئويلاپ ئۈچىنچى قېتىملىق قىماردا ئۆزىنى تىكتى.جەمشىد ئۇنىمۇ ئۇتۇۋالدى. ئەينى چاغدىكى قانۇن بويىچە  لەيلىۋەش جەمشىدنىڭ قۇلى بولدى. جەمشىد قىماردىن يېنىپ ئۇتۇۋالغان  بايلىقلارنى ۋە لەيلىۋەش بىلەن مەلىكىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتتى.بايلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، لەيلىۋەشنى بوسۇغىغا زەنجىر بىلەن  ئىتقا ئوخشاش باغلاپ قويدى. ئاندىن مەلىكە دىلسۇز بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ئولتۇرۇپ بىرگە مەي ئىچىشكەچ ئەيىش-ئىشرەت بىلەن مەشغۇل بولدى.قۇل بولغان كىشى خوجايىن  ئۈچۈن ئىشلىشى،ئەمگىگى ئارقىلىق  قىممەت يارىتىشى كېرەك ئېدى.شۇڭا جەمشىد كېيىنكى كۈنلەردە لەيلىۋەشنى ھاممامچىغا ئالتە پۇللۇق مەدىكارچىلىققا تۇتۇپ بەردى.ھاممامچى ئۇنى ھەر كۈنى ھاممامغا ئوت قالىغىلى سالدى.
  ئەمدى گەپنى تۇران پادىشاھىدىن ئاڭلايمىز.بىر كۈنى تۇران شاھى ئوۋدىن يېنىپ كېلىۋېتىپ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ ئەتراپنى تاماششا قىلىۋاتقان ئاجايىپ گۈزەل بىر مەلىكىنى كۆرۈپ قالدى.بۇ مەلىكە دەل مەلىكە دىلسۇز ئېدى.تۇران شاھى بىر قاراشتىلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى ۋە يېنىدىكىلەردىن ئۇ قىزنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈردى.ئادەملىرى جەمشىد بىلەن لەيلىۋەشنىڭ ۋەقەلىرىنى سۆزلەپ بەردى.شاھ كۆڭلىدە:‹‹بىراۋنىڭ خوتۇنىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالسام ياخشى بولماس،جەمشىد ئۇنى قىماردا ئۇتۇۋالغان ئىكەن دېمەك مەنمۇ ئۇنى شۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قولغا چۈشۈرەي›› دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە جەمشىدكە ئادەم ئەۋەتىپ ئوردىسىغا چاقىرتتى.جەمشىد كەلگەندىن كېيىن شاھ ئۇنىڭغا دېدى:
-ئەي مىرزا جەمشىد،ئاڭلىسام سىز قىمار ئويناشقا بەكلا ئۇستا ئىمىشسىز.بۇلغار پادىشاھىنىڭ ئىنىسى لەيلىۋەشنىڭ ئون ئىككى مىڭ قېچىردىكى بايلىقلىرى بىلەن ئۆزىنى ۋە خوتۇنىنى ئۇتۇۋاپسىز.مەنمۇ قىمارنى خېلى ئويناپ قويۇمەن.بۈگۈن سىزنى چاقىرتىشىمدىكى سەۋەپ مەن بىلەنمۇ قىمار ئويناڭ.يا مېنىڭ ئىلكىمدىكى بارلىق بايلىقلار بىلەن شاھلىقىمنىمۇ ئۇتۇپ پادىشاھ بولۇپ كېتىڭ،يا ھەممە نىمىڭىزدىن ئايرىلىپ كالتە –سالتاڭ بولۇپ قۇرۇق قول قېلىپ يۇرتۇڭىزغا كېتىڭ.
جەمشىد قوشۇلدى.قىماردا تۇران شاھى جەمشىدنىڭ لەيلىۋەشتىن ئۇتۇۋالغان ئون ئىككى مىڭ قېچىردىكى بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇتۇۋالدى.جەمشىد سىرتقا چىقىپ دوستلىرىدىن توققۇزمىڭ ھەميان ئالتۇن قەرز ئېلىپ كىرىپ يەنە ئوينىۋىدى، ئۇنىمۇ ئۇتۇۋالدى.بۇ چاغدا جەمشىدنىڭ مەلىكە دىلسۇزدىن باشقا ھېچنەرسىسى قالمىغان ئېدى.شاھنىڭ تەلىپى بويىچە جەمشىد  مەلىكنى چاقىرتىپ كەلدى.مەلىكە ئىشىكتىن كىرىشى ھامان تۇران شاھى چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ مەلىكنى تەختكە تەكلىپ قىلدى.مەلىكە:
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،جوۋىماڭ،سىزدەك ئۇلۇغ شاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇش  بىزدەك غېرىپ –مۇساپىرلارنىڭ ھەددى ئەمەس.-دەپ تەختتە ئولتۇرۇشقا ئۇنىمىدى.شۇنىڭ بىلەن مەلىكىگە ئالتۇن سەندەل قويۇپ بېرىلدى.
بۇ قېتىمقى قىمارنى تۇران شاھى جەمشىد بىلەن ئەمەس مەلىكە دىلسۇز بىلەن ئوينىدى.جەمشىد بىر چەتتە ساتار چېلىپ ئولتۇردى.مەلىكە دىلسۇز قىمارغا جەمشىدنى تىكتى.تۇران شاھى بولسا جەمشىدتىن ئۇتۇۋالغان ماللارنى تىكتى.مەلىكە دىلسۇز ئۇتۇۋالدى. پادىشاھ ھەممە خەزىنىسىنى تىككەنىدى، ئۇنىمۇ ئۇتۇۋالدى.تۇران پادىشاھى ھىندىستاننىڭ (ئۇ چاغدا ھىندىستان تۇراننىڭ زېمىنى ئېدى) تۆت يۈز قىرىق تۆت شەھىرىنى تىككەنىدى، مەلىكە دىلسۇز  ئۇنىمۇ ئۇتۇۋالدى.شۇنىڭ بىلەن تۇران شاھىنىڭ شاھلىق سالاھىيىتى قالمىدى.شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىغا جەمشىد پۈتكۈل تۇران زىمىنىغا پادىشاھ بولدى.تۇران شاھىنى بولسا ئۆزىگە ۋەزىر قىلىۋالدى.
شۇ ۋەقەدىن كېيىن پادىشاھ جەمشىد رۇم پادىشاھى خۇنكار بىلەن جەڭ قىلىدۇ.يىلدىن -يىلغا كۈچىيىپ بارا -بارا ئەتراپتىكى باشقا مەملىكەتلەرنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالىدۇ.‹‹جەمشىدنامە ›› دەھشەتلىك جەڭنامىلەر،بىر-بىرىدىن قالتىس باتۇر- قەھرىمانلارنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك باتۇرانە كۈرەشلىرى،ئاجايىپ قىسسەلەر،مۇھەببەت ھىكايلىرى،دىۋە -پەرىلەر،ئاجايىپ ماھىر سېھرىگەرلەر،بىر-بىرىدىن گۈزەل،خۇلقى،خاراكتىرى تۈپتىن  پەرىقلىنىدىغان ئۇز مەلىكىلەر،تەخت تالىشىش ،جاھانغا خوجا بولۇش يولىدىكى قانلىق كۈرەشلەر  تەسۋىرلەنگەن ئاجايىپ ئېسىل قەھرىمانلار داستانىدۇر.بۇ داستاندا جەمشىدنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن تارتىپ تاكى پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە بويسۇندۇرغانلىقىغا قەدەر بولغان ئومۇمى ۋەقەلەر جانلىق ئوبرازلىق تىل،قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر بايانى،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن بېيىپ كىشىنى ماگنىت كەبى ئۆزىگە تارتقۇدەك  گۈزەل تەسۋىرلەر بىلەن ھەرقانداق كىشىنى مەپتۇن قىلىۋالىدىغان نادىر داستاندۇر.بۇ داستاننى ئوقۇش ئۈچۈن قولىغا ئېلىپ بىرنەچچە بەت ئوقۇپ قالغان كىشىنىڭ كىتاپنى قويۇپ قويغۇسى كەلمەيدۇ.ۋەقەلىكلەر ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپلا كېتىپ ئارام ۋە تاماقنى، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ.تاكى پۈتۈن ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ يېشىمىنى بىلمىگۈچە كۆزىگە ئۇيقۇمۇ كەلمەيدۇ.
بۇ داستاندا جەمشىدنىڭ باتۇرلىرىدىن شەرمەست ھەبەشى، بەرتەن زەڭگى،ھامان،بامان،پەررۇخ ئادى،كەتۇرى زەڭگى،قۇززات،كىرشەست قاتارلىقلارنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك باتۇرلۇق –قەھرىمانلىق ئىش پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ.ئۇلاردىن باشقا ، بادرەڭ ئەزىز،بادرەپتار،كەمەك كىيانى،تەرىقۇلئەقىل،ئەتلەس ھاكىم قاتارلىق ئەييار ۋە ھۆكۈمالىرىنىڭ سېھرى-كارامەت، ئەقىل- پاراسەت،ھەييارلىق ماھارەتلىرى بايانىمۇ ئاجايىپ قىزىقارلىق بولۇپ گۈل-ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈۋەتكەن.بۇلاردىن باشقا بۇ داستاندا ئاجايىپ مۇھەببەت قىسمەتلىرىگىمۇ نۇرغۇن ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ ھەر جەھەتتىن كىشىنى جەلب قىلىدۇ.ئۇ ۋەقەلەرگە قىزىققۇچىلار شۇ كىتاپنى تېپىپ كۆرسە بىز ئەمدى پادىشاھ جەمشىدنىڭ ‹‹شاھنامە››دە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلىرى بىلەن داۋاملىق تونۇشىمىز.

جەمشىد ۋاپادار ئوغۇل ئىدى.چوڭ ئىشلارغا ئىرادە باغلىغان ئۇلۇغ پادىشاھ ئىدى.دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن جەمشىد  دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئەل خىزمىتى ئۈچۈن بېلىنى مەھكەم باغلىدى.دادىسىنىڭ ۋەسىيەت قىلغان چېغىدىكى پەندى- نەسىھەتلىرىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ باردى.ئۇنىڭغا يەر يۈزىدىكى بارلىق شەھەر-مەملىكەتلەر تەۋە بولدى. جىمىكى ئادىمىزاتقا ھۆكمى ئۆتۈپلا قالماي قۇشلار، ھايۋانلار،جىن- ئالۋاستىلار،دىۋە -پەرىلەرگىچە ھەممىسىگە ھۆكمى ئۆتەتتى.شۇڭا ئۇنىڭ ئابرۇي- ئىناۋىتى كۈنسېرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. تەختى ئۇنىڭ ئەدلى- ئادالىتىدىن خۇددى جاھانغا  يەنە بىر قۇياش چىققاندەك  پارلاپ كەتتى.ئۇ ئەھلى خالايىققا شۇنداق خىتاپ قىلدى:
  -ماڭا پادىشاھلىق ئەزەلدىن باقى.كۈچۈم ھەرقانداق ئۇلۇغ پادىشاھتىن ئارتۇق.ئەقلىممۇ شامالدىن تېز.مەن ياخشىلارنىڭ دوستى. ياخشىلار بىلەن جاھاننى ئاۋات، كۈنلىرىنى دائىما شاد قىلىمەن.يامانلارنىڭ يولىنى توسۇپ، قوللىرىنى كىسىپ تاشلايمەن.
جەمشىد ئۇلۇغ پادىشاھ بولۇپلا قالماي يەنە ئۇلۇغ ئالىم ئېدى.ئۇ مەملىكەت ئىشلىرىنى ئىزىغا سېلىپ بولغاندىن كىيىن ئىنسانلارغا پايدىلىق تۈرلۈك نەرسىلەرنى كەشپ قىلىشنى باشلىدى.دۇنيادا ھىچبىر ئىنسان ئۇنىڭدەك كۆپ نەرسىلەرنى ئىجاد قىلغان ئەمەس.
ئۇ ئالدى بىلەن 50يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ شاھانە ئاتەشدانلاردا تۆمۈرلەرنى قىزىتىپ گۈرزە قاتارلىق ھەر خىل قۇرال- ياراقلارنى، نىقاپ ،قالقان،قالپاقلارنى ۋە چېرىكلەرگە، ئاتلارغا  كىيدۈرۈپ قىلىچ نەيزىلەردىن قوغدايدىغان ساۋۇت- دوبۇلغىلارنى كەشىپ قىلىپ ئۇستىلارغا ياساتتى. ياساتقان ئىسىل جەڭ  قۇراللىرى بىلەن سەركەردىلەر ۋە لەشكەرلەرنى قۇراللاندۇرۇپ ‹‹زەپەر قۇچۇڭلار››دىدى. ئۇندىن بۇرۇن بۇنداق نەرسىلەر يوق ئىدى.ئۇ كىچە- كۈندۈز مىڭە ئىشلىتىپ يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى ،يېڭى ھۈنەرلەرنى ئىختىرا قىلاتتى.شۇڭا ئۇنى ‹‹ئىنسانىيەتنىڭ ھۈنەر پىرى›› دىسەك ھەرگىز ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز.
ئۇ يەنە ئەللىك يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئادەملەرگە  يىپەكتىن،يۇڭدىن،كەندىردىن ۋە پاختىدىن يىپ ئىگىرىپ ماتا، گەزمال قاتارلىق ھەرخىل رەختلەرنى توقۇشنى،بۇ رەختلەردىن كىيىم پىچىپ ھەرخىل كىيىملەرنى تىكىشنى، ھەر خىل مۇراسىملاردا كىيىشنى،ھەم كىيىملەرنى سۇدا يۇيۇپ پاكىزلەپ  كىيىشنى ئۆگەتتى.
بۇ ئىشلاردىن كىيىن ئۇ ئىنسانلارنى كۆزىتىپ ئۇلارنى قولىدىن كىلىدىغان ئىشلىرى ۋە ھۈنەر قابىلىيىتى بويىچە ئەھلى -تەبىقىلەرگە ئايرىشنى باشلىدى.مەسىلەن :دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئىبادەت يولىنى تۇتقانلارنى بىر گورۇھ قىلىپ ئىنسانلاردىن ئايرىدى. ئۇلارغا تاغ -دالىلاردىن ماكان قىلىپ بەردى ۋە شۇ يەردە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بۇيرىدى.ئۇلارنى ‹‹كاتۇزى››دەپ ئاتىدى.ئىككىنچى قىلىپ، ئىش ئەمگەكتىن نەيزە توخماقنى ئەلا بىلىدىغان،جەڭ جىدەللەردە ئەسقاتىدىغان كىشىلەرنى تەشكىللەپ،ئۇلاردىن  سەركەردە،سىپاھ ۋە لەشكەرلەرنى تەيىنلەپ خاس لەشكەرلەر تەبىقىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇلارنى ‹‹نىسارا›› دەپ ئاتىدى.شاھلارنىڭ تاجى -تەختى، ئەل -ئاۋامنىڭ ئاراملىق بەختى شۇلارنىڭ قولىدا ئىدى.ئۇندىن بۇرۇن پادىشاھلارنىڭ  مەخسۇس لەشكەرلىرى يوق بولۇپ ،ئۇرۇش بولۇپ قالسا پۇتۇن پۇخرالارنى ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ جەڭگە قاتناشتۇراتتى.ئۇ يەنە ئۈچىنچى گورۇھنى ئايرىپ چىقىپ ئۇلارنى ‹‹نەسۇدى›› دەپ ئاتىدى.ئۇلارنىڭ غېمىنى ھىچكىم قىلمايتتى. بەلكى ئۇلار پادىشاھتىن  تارتىپ لەشكەر -سەركەردىلەرگىچە  ھەممىنىڭ غېمىنى قىلاتتى. خاس يەر تېرىپ، دىھقانچىلىق- چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ  ئىنسانلارنى ئاش- ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيتتى.ئۇلار مىننەت قىلىشنى،تەنە- دەككە قىلىشنى،ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلاشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئالىجاناپ كىشىلەر ئىدى.
پادىشاھ جەمشىد يەنە مۇتەپەككۇرلار،دانىشمەنلەر،ئىجاد ئەھلىلىرىنى بىر گورۇھ قىلىپ ئايرىپ ‹‹ئەختۇھۇشى›› دەپ نام بەردى. ئۇلارنىڭ پاكىز روھى ۋە پىكرى دائىم ئويغا بەنىد بولۇپ دۇنيا ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلاتتى ۋە يېڭى نەرسىلەرنى ئىختىرا قىلاتتى.
پادىشاھ جەمشىد بۇ  ئىشلاردىن كىيىن يەنە 50يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يەنە نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىپ ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئاسانچىلىقلارنى يارىتىپ بەردى .ئەل ئاۋاتلاشتى.
پادىشاھ جەمشىد  ناپاك دىۋىلەرنىڭ بىكارچىلىقتا ئىش تېرىپ ئەلگە ئاپەت كەلتۈرىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىمۇ مۇۋاپىق ئىشقا مەشغۇل قىلدى. يەنى ئۇلارنىڭ ئىشى سۇغا توپا سېلىپ ئاندىن ئۇنى دەسسەپ پېتىقلاپ لاي قىلىش، بۇ لاينى قېلىپقا سېلىپ يەرگە تۆكۈپ خىش قۇيۇش ،ئۇلارنى قۇرۇتۇپ يىغىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆي ئىمارەت سېلىش بولدى.بۇ ئىشلار ئاجايىپ ئۈنۈم بېرىپ  مۇنچا ،ئۆي ۋە ھەيۋەتلىك ساراي -ئىمارەتلەر،قەسىر -ئايۋانلار پەيدا بولدى.شەھەرلەر تېخىمۇ ئاۋاتلاشتى.
پادىشاھ جەمشىد ئەمدى قەسىر -ئايۋانلارنى ،تاج- تەختلەرنى، گۈزەل خانىش مەلىكىلەرنى نۇر بىلەن بىزەپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن  يەنە بىر  مەزگىل تاشتىن گۆھەر ئىزدەشكە باشلىدى.ئۇ بۇ ئىشىدىن ئۈنۈم كۆرۈپ ياقۇت،كەھرىۋا،قاشتېشى، ئالتۇن ،كۈمۈش قاتارلىق نەرسىلەرنى تاشتىن ئايرىپ ئېلىشنى ياكى ئارىسىدىن ئىزدەپ تېپىشنى كەشىپ قىلدى. بىلمىگەنلەر:‹‹شاھ جەمشىدنىڭ  سىرلىق ئەپسۇنى باركەن، ئۇنى ئوقۇسا تاش نىمىگە ئۆزگەر دىسە شۇنىڭغا ئۆزگىرىدىكەن›› دىيىشەتتى.گۆھەر تاش ئىختىراسىدىن كىيىن ئۇ يەنە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىشقا كىرىشىپ  ئەتىر، مۈشكى –ئەنبەر، ئۇد،گۇلاب ۋە كاپۇرلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ كىشىلەرنىڭ خۇشبۇي ماددىلاردىن راھەتلىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى .جاھاننى خۇشپۇراق  قاپلاپ سېسىق پۇراققا خۇشتار ئالۋاستىلارنىڭ نىسىۋى كىمىيىپ كەتتى.
جەمشىددىن بۇرۇن كىسەل بولغان كىشىلەر كىسەل ئازابى تارتىپ مەلۇم مۇددەتىن كىيىن ئۆلۈپ كېتەتتى.كېسەللەرنى داۋالاشنى ھىچكىم بىلمىگەچكە ،كىشىلەر كىسەلنى ئۆلۈمنىڭ باشلىنىشى دەپ تونۇيتتى.ئۇنىڭغا ئامال يوق دەپ قارىشاتتى.جەمشىد بىھۇدە ئۆلۈملەرنى ئازايىتىپ،  كىشىلەرنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك كېسەللەرنى داۋالاش سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ تبابەتچىلىك ئىلمىنى بارلىققا كەلتۈردى.كىشىلەر كىسەل بولۇپ قالسا ئوت -گىياھلار،دەل-دەرەخلەر،ۋە ھەر خىل مەدەنلەردىن دورا ئورنىدا پايدىلىنىپ كىسەللىرىنى داۋالاشنى  ئۆگىنىۋېلىشتى.كىشىلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزاردى.
شاھ جەمشىد بىر كۈنى دەريا بويىدا سەيلى قىلىۋېتىپ دەريادا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارنى كۆرۈپ ئىلھامى كەلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ  ئىنسانلارنىمۇ سۇغا كىرەلەيدىغان ،سۇ ئۈستىدە ئۇياق –بۇياقلارغا ماڭالايدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشلىۋەتتى.مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن بۇ ئىشتىمۇ مۇۋەپەقىيەت قازاندى.يەنى  كىمە- قولۋاقلارنى ياساپ سۇ ئۈستىدە ئۈزۈشنى، يۈك توشۇشنى ئىجاد قىلدى.ئۇ ئادەملىرىنى باشلاپ،سۇ ئارقىلىق يۇرتتىن- يۇرتقا، دېڭىزدىن- دېڭىزغا يۈرەلەيدىغان،بۇرۇن بېرىپ باقمىغان يەرلەرگىمۇ بارالايدىغان، كۆرۈپ باقمىىغان يەرلەرنىمۇ كۆرەلەيدىغان بولدى.
سۇنى بويسۇندۇرۇپ ئۇلۇغلۇق تاپقاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنى بارلىق ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان، ‹‹پۈتكۈل ئالەمنىڭ خوجىسى مەن›› دەپ ھېساپلايدىغان بولدى.ئۇ قۇشلاردەك كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلالمىغىنى بىلەن يە يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى بويسۇندۇرۇپ بولغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسماننىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ  كۆكتە  ئۇچالايدىغان بولۇشنى،ئۆزىنىڭ بارلىق ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئۇلۇغ زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ھېرىسلىقىغا چۈشتى.لىكىن بۇ ھەقتە  بىر مەزگىل ئىزدەنگەن بولسىمۇكۆكتە قۇشلاردەك ئەركىن پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى.توساتتىن ئۇنىڭ ئېسىگە دىۋىلەر ۋە جىن ئالۋاستىلارنىڭ ئۇچالايدىغانلىقى كەلدى.‹‹ توغرا، ئۇلارمۇ مەن  شاھ جەمشىدنىڭ  ئىلكىدە ئەمەسمۇ؟! ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  چوقۇم ئۇلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىشىم كېرەك!›› ئۇ ياغاچچىلارغا بۇيرۇپ ئىسىل ياغاچلاردىن بىر چوڭ تەخت ياسىتىپ ئۇنى قىممەتلىك تاشلار، ئالتۇن- كۈمۈشلەر بىلەن چىرايلىق بىزەتكۈزدى ۋە ئۈستىگە سايىۋەن بېكىتكۈزدى.شاھ بىرەر جايغا بارماقچى بولسا  مۇرت دېۋىلىرىدىن تۆتى ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. بۇ تەختنى كۆتۈرۈپ ئاسماندا ئۇچۇپ  پادىشاھنى بىردەمدىلا  دىگەن يېرىگە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى.ئۇ ئۇچۇپ ئۆتكەن يەردىكى خەلق ئۇنىڭ تەختىنى كۆرسە دەرھال باش ئۇرۇپ  تازىم قىلىپ قۇللۇق بىلدۈرىدىغان بولدى.  بۇ ئىش  بىلەن ئۇنىڭ ئابرۇي –ئىناۋىتى شان- شۆھرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.جەمشىدنىڭ پەرمان چۈشۈرۈپ  ئۆزى  ئۇچار تەخت ياسىتىپ ئاسماندا  ئۇچۇشنى باشلىغان ئەشۇ كۈننى يېڭى يىل بايرىمى قىلىپ بىكىتتى.بۇ كۈندە جىمى خالايىق  جەمشىدكە تەنتەنە قىلىشىپ بېشىدىن ئالتۇن- تىللا، دۇرى- گەۋھەرلەر چېچىشاتتى.بەزمە- مەشرەپ قۈرۇپ يەپ -ئىچىپ ئويناپ كۈلۈشەتتى.شۇ تەرىقىدە جەمشىد ۋە خەلقى يەنە ئۈچيۈز يىلدەك ئويناپ كۈلۈپ بەختلىك ياشىدى.كىسەللەر تىزگىنلەنگەن،دىۋىلەر،جىن- ئالۋاستىلار بەند قىلىنغان،يامانلار  تامام بويسۇنغان بولغاچقا  ھەممە ئادەم شاد- خۇشال ئۆمۈر كەچۈرىشەتتى. ھەممە ياق ناخشا –ساز، خۇشال كۈلكە –چاخچاقلار بىلەن تولغان، ھەممە ئادەم بەخت ئامەتتىن خۇدىنى يوقىتىشقان، ئۆزىدىن باشقا ھەممىنى ئۇنتۇشقان ئىدى.
كۈنلەردىن بىر كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئاداققى دۈشمىنى شەيتان لەئىن ئىنسانلارنىڭ بۇ خۇشال بەختىيار تۇرمۇشىغا چىداپ تۇرالماي دۈشمەنلىك ھەركەتلىرىنى باشلىۋەتتى. شاھ جەمشىد شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كىبىرى ھەسسىلەپ ئاشتى.ئىنسانلاردىن يۈز ئۆرىدى.تەمەخور،ماختانچاق غەيۋەت- شىكايەتكە ئامراق بولۇپ قالدى.
بىر كۈنى شاھ جەمشىد كاتتا دەستۇرخان ھازىرلاپ لەشكەرلەر، ئاۋام-خەلق ۋە كۆڭلى يېقىنلار ئارىسىدىن مىڭلاپ قېرى دانالارنى،ئەزىز مۆھتەرەملەرنى مەقسەتلىك ھالدا  چاقىرتىپ كەلدى.  ئۇلارنى ھوزۇرىدا مىھمان قىلغاچ گەپ باشلاپ تازا كۆرەڭلەپ ماختىنىشقا باشلىدى:
  -مەن جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان بولۇشقا مۇناسىپ بىردىن بىر ئادەم.مەن بولمىغان بولسام بۇ جاھان ھىچنىمىگە يارىمىغان بولاتتى.نىمىشقا دىسەڭلار، مەن دۇنيادا بۇرۇن يوق بولغان  ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى كەشىپ قىلدىم.ئۇلارنى يوقتىن بار قىلىپ نامرات،ئاجىز دۇنيانى باشقا بىر دۇنياغا ئايلاندۇردۇم .جاھاننى بىلىم -ھۈنەرگە كۆمۈپ تاشلىدىم.ئۆزۈم نېمىنى خالىسام جاھاننى شۇ يولغا باشلىدىم.ھەر بىرلىرىڭىز تەپەككۇر قىلىپ بېقىشسىڭىز بولىدۇ.يىمەك- ئىچمىكىڭىز،كىيىم -كىچىكىڭىز،تۇرالغۇ جايىڭىز،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىڭىز،كېسەلنى يوقۇتۇپ ئۆلۈمنى بويسۇندۇرىدىغان دورا- دەرمەكلىرىڭىزدىن تارتىپ ھەممىنى مەن بەردىم.ئەزەلدىن ھىچكىم ئامال قىلالمىغان،ھىچكىم چەكلىيەلمىگەن ئۆلۈمنى مانا مەن بويسۇندۇردۇم،مانا مەن چەكلىدىم.تەندە جېنىڭىز،ئەقىل- پاراسىتىڭىز،غەيرەت- جاسارىتىڭىز،خوشال- كۈلكە پاراغىتىڭىز ھەممىسىنى مانا مەن بەردىم. ئادىمىزاتتىن باشقا، ئۇچار قۇش،ھايۋانات،بېلىق- لەھەڭ،ئەجدىھا،دىۋە-پەرى ،جىن ئالۋاستىلاردىن تارتىپ جاھاندا باربولغان  ھەممە نەرسىنى ئۆزۈمگە  بويسۇندۇردۇم.ئۆز ئىلكىمگە ئالدىم.قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ مەندىن باشقا يەنە كىممۇ جاھاننىڭ خوجىسى بولالىسۇن؟! شۇڭا بۈگۈندىن تارتىپ مىنى‹‹ پۈتكۈل جاھان ئاتىسى›› دەپ ئاتاڭلار!
ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقەت بولسىمۇ لىكىن مىننەت ئىنساندىكى ئەڭ چوڭ گۇناھ ئىدى.كىبىر- تەمەننا چەكتىن ئېشىپ كەتسە ياخشى ئاقىبەت  ئېلىپ كەلمەيتتى. ئەڭ مۇھىم تەرىپى شۇ ئېدىكى، جاھاننىڭ بىردىن بىر خوجىسى ۋە ياراتقۇچىسى،ئىنسان بەختىنىڭ ئەڭ چىن كاپالىتى ئاللاھ تائالا ئىدى. ھىچقانداق بەندە بۇ  ئالى دەرىجىگە مۇناسىپ ئەمەس ئىدى.كىمىكى بۇ ئۇلۇغ ئورۇنغا خىرىس قىلسا ئاسى مۇناپىققا،پۇتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىناتتى.شۇڭا دانىشمەن ئۆلىمالار بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ بەرمەستىن  خۇددى يولۋاستىن قاچقان قوي پادىسىدەك تېزلىكتە ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشتى،ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممىسى پادىشاھتىن بىردەك يۈز ئۆرۈشتى. جەمشىد ھەيۋەت چوڭ سارايدا تەنھا يالغۇز قېپقالدى.جەمشىد بۇندىن بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى ئەڭ دانىشمىنىبولغان  بولسىمۇ، لىكىن جاھاننىڭ ھەقىقى خوجىسىنى، ئۆزىنىڭمۇ ياراتقۇچىسى بارلىقىنى-ئۆزىدىكى كۈچ-قۇۋۋەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە  ئۇلۇغ كۈچنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت ئاللاھ ئۆزىگە ئىلتىپات قىلغان ئالى مۇكاپاتلار ئىكەنلىكىنى، بۇ تەمەننا سۆزلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىشنىڭ قانداق  خەتەر ئېلىپ  كىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.چۈنكى شۇ دەمدە شەيتان ئۇنىڭ ھەققانىيەتنى كۆرىدىغان كۆزىنى كور،ھەقنى تونۇيدىغان پاراسىتىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويغان ئىدى.  ئارىدىن يەنە يىگىرمە يىل ئۆتۈپ جەمشىدنىڭ يېنىدا ھەتتا بىرەر سىپاھمۇ قالمىدى. مەنمەنلىك، تەكەببۇرلۇق ئوڭۇشلۇق كىتىۋاتقان جاھان ئىشلىرىنى تەتۈرىگە بۇرىۋەتتى.
جاھان ئىشلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى بىر قېرى دانىشمەن شۇنداق دىگەن ئىكەن:
-قايسى شاھ ،ھەقنى ئۇنتۇپ ياراتقۇچىغا ناشۈكۈرلۈك قىلىدىكەن.ئۇ تۈگىمەس بالالارغا دۇچار بولىدۇ!
مانا ئەمدى بۇرۇنقى بارلىق ھوزۇر- ھالاۋەتلەر  ئىگىسىدىن يۈز ئۆرىگەن ئاسىي قۇل جەمشىتتىن يۈز ئۆرىدى.شاھلىق شان -شەۋكىتىنىڭ نۇرلىرى كۈنسېرى خىرەلەشتى. ئۇ كۈن بويى توۋا قىلىپ ياراتقۇچىدىن گۇناھىنى تىلىگەن  بولسىمۇ پەقەت پايدىسى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ جەمشىد ئەڭ ئۇلۇغ ئىنساندىن  بارا- بارا  ئەڭ ئاددى ئىنسانغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك مىليۇنلاپ ئادەمنىڭ ھاجىتىدىن ئەمەس، ھەتتا  بىر ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمىغۇدەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدى. كىتاپتا جەمشىد ھەققىدىكى قىسسىلەر مانا مەشەدە ئاخىرلىشىپ  ئىككى مۈرىسىدە  ئادەم مىڭىسى بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغان  ئىككى يىلان ئەژدىھاسى بار  زالىم پادىشاھ  زەھھاك ھەققىدىكى  ئاجايىپ قىسسىلەر باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ‹‹شاھنامە››نىڭ ۋەقەلىكلىرى ئادەمنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان نادىر قىسسە ئەپسانىلار قاينىمىغا كىرىپ كېتىدۇ.
5- زالىم پادىشاھ زەھھاك
جەمشىدنىڭ پادىشاھلىقى يەتتە يۈز يىل داۋاملاشقان.جەمشىد دەۋرىنىڭ خاراپلاشقان كىيىنكى مەزگىلىدە دۇنيادا جەمشىددىن ئۆزگە مەرداس ئىسىملىك يەنە بىر پادىشاھ بار ئىدى.ئۇنىڭ مەملىكىتىنى ‹‹نەيزىۋازلار سەھراسى›› دەپ تەرىپلىشەر ئېدى.مەرداس خەيرى –ئىھسان قىلىشنى، ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى  ئادەت قىلغان ئادىل شاھ ئىدى.ئۇنىڭ يايلاقتا چوپانلارغا باقتۇرىدىغان سان- ساناقسىز  قوي، تۆگە،ئۆچكە ۋە يىلقىلىرى بار ئىدى.مال- چارۋىلىرى مول بولۇپلا قالماي، سۈتلىرىمۇ بەرىكەتلىك ئىدى.شاھنىڭ پەرمانى بىلەن چارۋىلارنىڭ سۈتلىرى سۈتكە ئېھتىياجلىقلارنىڭ خالىغانچە ھەقسىز پايدىلىنىشى ئۈچۈن  بېرىۋىتىلگەن ئىدى.
بۇ پادىشاھنىڭ ئۆزى شۇنچە ياخشى بولغىنىغا  قارشى‹‹ساردىن نار چۈشەر،ناردىن -پايپىلىقۇش›› دېگەندەك ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتىر ۋە ئىش -ئادەتتە دادىسىنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان بىر ئوغلى بار ئىدى.ئىسمى زەھھاك ئىدى.  ئۇنىڭ ئاچچىقى يامان ،كۆڭلى قارا،مىھرى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان،كېچە -كۈندۈز مال دۇنيا يىغماقنىڭ كويىدىلا يۈرىدىغان،تەنتەك ۋە ناپاك بىر ئىنسان ئىدى.ئەھلى يۇرت ئۇنى ‹‹بىۋەرەسىپ››  دەپ ئاتىشاتتى.بۇ پەھلىۋىچە سۆز بولۇپ ‹‹ئونمىڭ كۆز قۇلاق›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ‹‹ئونمىڭ كۆز قۇلاق›› ئۇنىڭ  باقتۇرىۋاتقان ئون مىڭ شاش توسۇن ئاتلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ ، ھەر كۈنى دىگۈدەك بۇ ئاتلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى توقۇقلۇق تۇراتتى.بۇ جەڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئەمەس،ھەشەم سۆلەت ئۈچۈن شۇنداق قىلىناتتى.
شەيتان ناپاك ئىنسانلارنى دوست تۇتىدۇ. چۈنكى، يامان خۇيلۇق كىشى يامان ئىش قىلىشتىن ئايانمايدۇ.نومۇس نىمە،ۋىژدان نىمە بىلمەيدۇ.چىۋىن نىجاسەتتىن ھوزۇرلانغاندەك، ئۇلارمۇ يامان ئىش ھەركەتلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ. قانچىكى كۆپ ئەسكى ئىش قىلالىسا شۇنچىكى خوش بولىدۇ. ‹‹كۆڭۈل كۆڭۈلنى تاپار›› دىگەندەك،  نىجاسەت سۈپەت شەيتان بىر كۈنى پاك نىيەت بىر ئىنسان سىياقىغا كىرىۋېلىپ  زەھھاكنى ئىزدەپ كەلدى.ئۇ ياغلىما گەپلەرنى كۆپ قىلىپ زەھھاكنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىپ  ئۇنى توغرا يولدىن ئازدۇردى. بېشىنى شۇ دەرىجىدە ئايلاندۇرىۋالدىكى،شۇ كۈندىن باشلاپ زەھھاكئانچە –مۇنچە مېڭىپ سالىدىغان  توغرا يولدىن بىراقلا چىقتى.ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان ئىبلىسنى ‹‹دانىشمەن ئۇستاز›› دەپ ئاتىۋېلىپ، سۇغا دىسە سۇغا،ئوتقا دىسە ئوتقا سەكرەشكە تەييار تۇرغۇدەك ئىخلاس قىلىپ كەتتى. ئۇلار ئارىسىدا كۈن بويى كۇس-كۇس پاراڭ ئۈزۈلمەيتتى. بۇ ئەلۋەتتە ناپاك، رەزىل ئىشلارنىڭ پىلانى ئىدى.
بىر كۈنى ئىبلىس زەھھاك بىلەن خاس ئولتۇرۇپ شۇنداق بىر سۆز ئېيتتى:
-        ئەي شانۇ -شەۋكەتلىك شاھزادە، دۇنيادا پەقەت مەنلا بىلىپ باشقا ھىچ ئىنسان بىلمەيدىغان، ناھايىتى مەخپى، لىكىن، ئىنتايىن پايدىلىق بىر سۆز بار ئىدى. شۇ سۆزنى سىزگە ئېيتسام بولۇرمۇ- بولماسمۇ؟!
-        نىمە تىلىڭنى چاينايسەن،پايدىلىق سۆزۈڭ بولسا قېنى  تېز ئېيت!
-        سىلى ئاۋال مەندىن ئاڭلىغان بۇ سۆزنى ئىككىنچى بىر ئىنسانغا تىنماسلىق توغرىسا قەسەم بەرسىلە،ئاندىن مەن بۇ سۆزنى ئېيتالايمەن.
گۆدەك شاھزادە ئاقىۋىتى ئۈستىدە ئويلانماي تېزلىكتە قەسەم قىلدى:
-تەڭرى ھەققىدە قەسەم قىلاي،سەندىن نىمە ئاڭلىسام بىر ئۆزۈملا بىلىمەن.ئىككىنچى بىر ئادەمگە ئېيتمايمەن.مەڭگۈ سىر قىلىپ ساقلايمەن.
پۇرسەتنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىبلىس (شەيتان)دەرھال ھىلە-نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سالدى.  توسۇپ بولغۇسىز ئاداۋەت بالاسىنى تېرىيدىغان،بالالار خەزىنىسى ھېساپلىنىدىغان قۇتراتقۇ سۆزلىرىنى ئاشكارىلاپ زەھھاكتىن شۇنداق سۇئال سورىدى:

-ئەي ،ئاقىل ۋە پەھلىۋان يىگىت! شاھلىق تەختىدە سەن ئولتۇرماي نىمە ئۈچۈن باشقا بىر ئىنسان ئولتۇرىدۇ؟
- سەن ئېزىپ قالمىغانسەن؟تەختتىكى نەدىمۇ باشقا بىر ئىنسان بولسۇن.ئۇ ئۆز ئاتامغۇ؟
-مەن ئېزىپ قالمىدىم،ناھايىتى سەگەكمەن.ئاتا دىگەن مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان،ئاجىز -غېرىپ ئىنسانلارغىلا كېرەك.سىزگە كېرەك ئەمەسقۇ دەيمەن؟!
-بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟ ئاتىنىمۇ كېرەك قىلمايدىغان بالا بولامدىكەن؟!
-بالا؟! سىلى قاچانغىچە بالا بولىۋېرىلا؟ چوڭ بولغانلىقلىرىنى تېخىچە تۇيمىدىلىمۇ؟
-گەپنى تولا ئايلاندۇرمىغىنە؟ سەن زادى نىمە دىمەكچى؟
-بولىدۇ.گەپنى ئوچۇق دەي.سىلىمۇ بىلىلا،مەن يۇلتۇزلارغا قاراپ پال ئاچالايمەن. ئاچقان پالىم ناھايىتى توغرا چىقىدۇ.تۈنۈگۈن كېچە  يۇلتۇزلارغا قارىسام ،ئاتىلىرىنىڭ بەخت يۇلتۇزىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ. نۇرى خىرەلىشىپ ئۆچۈپ قالايلا دەپ قاپتۇ.ئەمدى ئۇنىڭدىن ئۈمىد قالماپتۇ.
-نىمە  ؟! شاھ ئاتامنى ئۆلۈپ كىتىدىكەن دىمەكچىمۇسەن؟
-ئۆزى ئۆلۈپ كىتىپلا قالماي، بەلكى تەختى -بەختىمۇ قولدىن كەتكۈدەك.
-جۆيلىمە؟ ئۆلگىڭ كىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟!  
-مىنىڭ ئۆلۈمىمنىڭغۇ كارى چاغلىق.مەن ئۆلگەن بىلەن بولىدىغان ئىش ھامىنى بولىدۇ- دە؟ مىنىڭ ئۆلۈمىم ئاتىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى توسۇپ قالالمايدۇ –ئەمەسمۇ؟
-ئەمىسە سەندەك شۇم ئېغىزنى ساقلاپ قالامتىم؟
-مەن شۇم ئېغىز ئەمەس،مەندە كەلگۈسى بالا -قازانى ئالدىن بىشارەت قىلىپ دەپ بىرەلەيدىغان،بالا- قازانى بەخت- ئامەتكە ئاياندۇرىدىغان،  يوشۇرۇن تەڭرى ھىكمەتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان خاسىيەتلىك بىر ئېغىز بار.ئۇنى يوقۇتۇپ بەخت ئىشىكىنى تاقىۋېتىمەن دىسىلىرى ئۇمۇ مەيلى.
-گېپىڭنى ئاڭلىغانچە گاڭگىراپ قېلىۋاتىمەنغۇ؟ بىردە ئۆلۈم ئاپىتىنى ئەسكەرتىسەن، بىردە بەخت -ئامەتنى تىلغا ئالىسەن.قايسى گېپىڭ راست؟
-ئەي دانا شاھزادە،ئامەت بىلەن ئاپەتنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكى،بىرى كەتسە يەنە بىرىنىڭ دەرھال  كىلىدىغانلىقى سىلىگە سىر ئەمەسقۇ؟!
-ئاتامنىڭ ئۆلۈمى بىر ئاپەت تۇرسا،ئورنىغا  كىلىدىغان ئامەت دىگىنىڭ  قايسى ئەمدى؟
- مەن سىلىگە تەڭرى ھىكمىتىنى ئاشكارا قىلاي.تەقدىرى قىسمەتتە شۇنداق پۈتۈلگەنكى،مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ئاتىلىرى بىراۋنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەي،ئۇنى كىم ئۆلتۈرسە شاھلىق تەختى شۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەي.
- بۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ ئامالى يوقمۇ؟
-ئاتىلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى توساپ قېلىشنىڭ ئامالى يوق.لىكىن تاجى- تەختنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئامالى بار.
-قانداق ئامال؟ تېز ئېيت؟
-بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە شاھزادە،ئاندىن ئېيتاي!
-كەچتىم،قېنى تېزراق ئېيت.
-ئەمىسە مىنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلسىلا!
-ۋۇي سەن بۈگۈن ئەجەپ قەسەم بىلەنلا قالدىڭغۇ؟ئېيتامسەن ياكى مەڭگۈ سۆزلىيەلمەس قىلىۋېتەيمۇ؟
-بولدى-بولدى.تېرىكمىسىلە شاھزادەم.ئېيتسام ئېيتاي.ئەمىسە ۋەدىلىرىدە تۇرسىلا. بىردىنبىر ئامال شۇكى،شاھ ئاتىلىرىنى ئۆزلىرى ئۆلتۈرسىلىلا،ئاتىلىرىغا كەلگەن ئەجەل قىسمىتى ئورۇنلىنىپ تەخت باشقىلارنىڭ قولىغا ئەمەس دەل ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىغا ئۆتىدۇ.ئاپەتكە يانداشقان ئامەت دەل مانا شۇ!
   بۇ گەپتىن شاھزادە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.پايدىنى ئويلىغىنىدا  ئىبلىسقا قول سېلىشقا پېتىنالمىدى.شەيتاننىڭ ھىلە - مىكىرگە تولغان،قۇسۇرسىز ماسلىشىپ كەلگەن شۇم سۆزلىرى ئاخىر شاھزادىنى ئەسىر قىلىۋالدى.ئۇ يارالمىشىدىن كۆڭلى قارا، ئەقىلسىز، نامەرت  بىرنىمە بولغاچقا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا ئىشىنىپ ئاخىر ئۆز ئاتىسىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈش  نىيىتىگە كەلدى.
شاھ مەرداس شۇنداق بالىجان پادىشاھ ئىدىكى، ئوغلى زەھھاكنى دۇنيادا ھەممىدىن بەك ئەزىز كۆرەتتى. ‹‹دۇنيادىكى بارلىق خۇشاللىقىم،بەختىم، ئامىتىم مۇشۇ ئوغلۇم›› دەپ ھېساپلايتتى.پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىقلىرىغا ئوغلىنىڭ بىر قېتىملىق رەنج -مۇشەققىتىنى تېگىشمەيتتى.ئوغلىنى مۇشۇ كەمگىچە ھىچقانداق ئاتا ئوغلىغا كۆرسىتەلمىگەن يۈكسەك مىھرى- مۇھەببەت بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان،ئۇنىڭدىن ھىچنىمىسىنى ئايىمىغان ئىدى.دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان ئاتا-بالىلارغا مىسال ئېلىشقا توغرى كەلسە بۇ ئىككىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغىنىنى تاپقىلى بولمايتتى.ئىپلاس شەيتان مانا شۇنداق ھەممىدىن مىھرىبان ئاتا –بالا ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقىنى ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن چاچتى. زەھھاك ئاخىرى ئۆز ئاتىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈردى.مەن بۇ چىكىدىن ئاشقان جىنايەتنى تەپسىلى بايان قىلىشنى خالىمىدىم.
شۇنداق قىلىپ ئىبلىسنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن زەھھاك ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ شاھلىق تەختىگە ئولتۇردى.ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇخىل ئەڭ رەزىل جىنايەتنى ئۆتكۈزگىچىلەرنىڭ تۇنجىسى ۋە ئەڭ ئەشەددىسى ئىدى.
ئىبلىس تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ زەھھاكنى سۆزىدىن چىقماس قىلىۋالغاندىن كىيىن ئۇنى ۋاستە قىلىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە  زىيانكەشلىك قىلىش رەزىل مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن زەھھاك بىلەن‹‹سۆزىدىن چىقماسلىق،نىمە دىسە شۇنى قىلىش››توغرىسىدا ئەھدى- پەيمان قىلىشتى. ئىبلىسنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇپ يامان- ئەسكى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆگىتىشى  ۋە چەكتىن ئېشىشى زەھھاك دەۋرىدىن باشلاپ يۇقۇرى پەللىگە چىققان.
ئىبلىس شەيتان زەھھاكنى قانداق كونتىرۇل قىلىپ قانداق ئۇسۇللار بىلەن   ئۇنى‹‹ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ زالىم پادىشاھ››قا  ئايلاندۇراركىن؟!ۋەقەنىڭ راۋاجىغا قىزىقسىڭىز قىسسىمىزنىڭ داۋامىنى كۆرگەيسىز.
ئىبلىسنىڭ ئاشپەزلىك قىلىشى
زەھھاك ئىبلىسقا شۇ قەدەر ئىخلاس قىلىپ كەتتىكى،دۇنيادا ئۇنىڭدەك پاكدىل،ئۇنىڭدەك ھۇشيار،ئۇنىڭدەك ئاقىل، دانىشمەن،كۆيۈملۈك ،ساداقەتمەن ۋە سۆزگە چىچەن، كۆڭۈلدىكىنى دىمىسىمۇ تاپالايدىغان ئىككىنچى بىر ئىنسان تېپىلمايتتى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىبلىس ئىكەنلىكىنى ، پاك دىل ئىنسان سىياقىغا كىرىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇڭا ئىبلىسنى دائىم  ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختايتتى.
ئىبلىسمۇ زەھھاكنى دۇنيادىكى ئەڭ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ماختاپ ئۇنى ئەڭ دانا،ئەڭ باتۇر،دۇنيادا تېپىلغۇسىز نىجاتلىق ئىگىسى،پۇتكۈل جاھاننىڭ خوجىسى قىلىپ تەسۋىرلەيتتى. زەھھاكنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىدىن بىرى شۇ ئېدىكى، ئۇ  ھەممىدىن بەك قورسىقىغا ئامراق ئېدى.ئىبلىس بۇنى بىلىۋالغاندىن كېيىن بۇ ئاجىزلىقىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئۈنۈملۈك كونترۇل قىلىش ئۈچۈن مۇكەممەل بىر پېلان تۈزۈپ چىقتى.بۇ پېلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  ئۇ ئۆزى ئەمدى  ئەڭ ئۇستا بىر ئاشپەزنىڭ رولىنى ئېلىشى كېرەك ئېدى.بۇ چارىنى قوللانغاندا  زەھھاكنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئامراقلاشتۇرغىلى،ھىچقاچان  سۆزىدىن چىقمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغىلى،رەزىل مەقسىدىنى ئەڭ تېز،ئەڭ ئۈنۈملۈك  رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشۇرۇغىلى بولاتتى. شۇڭا ئۇ زەھھاكنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىلتىجا قىلدى:
  -ئەي ئۇلۇغ شاھىم،مەندە ھازىرغىچىلىك ھېچكىمگە  كۆرسەتمىگەن يەنە بىر كارامەت ھۈنەر بار.مەن ئاشپەزلىككە،لەززەتلىك تائاملارنى پىشۇرۇشقا بەكمۇ  ماھىر.ئەگەر شاھىمغا مەنزۇر كەلسە ئەتىدىن باشلاپ ئۆزلىرى ئۈچۈنلا ئاشپەزلىك قىلىپ داستىخانلىرىنى تۈرلۈك نازۇ- نىمەتلەرگە تولدۇرىۋەتسەم ،ئېغىزلىرىغا ھازىرغىچىلىك ھېچكىم يەپ باقمىغان شىرىن تائاملارنى تېتىتسام دەيمەن!
  -تولىمۇ ياخشى گەپ قىلدىڭ.دۇنيا ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىنىڭ بىر خىلى ئىسىل يىمەك -ئىچمەكلەرنىڭ لەززىتىنى تېتىشتۇر.لەززەتلىك تائاملارنى تەييارلاش ئۈچۈن ساڭا نىمە كېرەك؟كېرەكلىك نەرسىلىرىڭنى ئېيت. تەييارلاپ بېرەيلى!
زەھھاك ئىبلىسنىڭ تەلىپى بويىچە ھەشەمەتلىك بىر ئاشخانا ياسىتىپ ماتېريال ۋە  ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپبولغاندىن كېيىن  ئاچقۇچىنى ئىبلىسقا بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئىبلىس زەھھاكنىڭ خاس ئاشپىزىگە ئايلاندى.زەھھاك ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ئەتكەن تامىقىنى يىمەيتتى. ئۇ چاغلاردا ئادەملەرنىڭ يىمەك -ئىچمەك مەدىنىيىتى بەك ئىپتىدائى ھالەتتە بولۇپ، تېخى ھىچكىم گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى بىلمەيتتى.پەقەت ھەر خىل كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەر، ئۇن تائاملىرىنىلا يىمەكلىك قىلىشاتتى.
ئىبلىس ئالدى بىلەن زەھھاكنى تۇخۇم سېرىقى بىلەن باقتى.تۇخۇم سېرىقىدىن ئۇنىڭ قول-پۇت بەدەنلىرىگە قۇۋۋەت قوشۇلدى.زەھھاك ئۇنى يەنە ماختاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئىبلىس:
  -شاھىم،ماختىغانلىقلىرى ئۈچۈن مىڭ رەھمەت،قەدرىمنى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن بېشىمدا مېڭىپ يۈرۈپ خىزمەتلىرىنى قىلساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.ئەتىۋارلىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەتە يەنە بىر يېڭى تائام پىشۇرايكى لەززىتى ئۆمۈر بويى ئەسلىرىدە قالسۇن! –دېدى.
ئىبلىس شۇم پىلانىنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېچىچە ئويلۇنۇپ ئەتىسى كەكلىك ۋە قىرغاۋۇل گۆشلىرىدىن ئىسىل، يېڭى تائام پىشۇرۇپ زەھھاكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.بۇ تائام ھەقىقەتەن زەھھاك ھازىرغىچە يىگەن ھەرقانداق تاماقتىن لەززەتلىك ئىدى.(بۇرۇن گۆشلۈك تائام يەپ باقمىغان ئىدى) شۇڭا تائامنىمۇ خاس ئاشپەزنىمۇ تازا ماختىدى.ئىبلىس قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.ئۈچىنچى كۈنى ئىبلىس قۇش ۋە قوزا گۆشلىرىدىن تەييارلانغان ئالى غىزاسىنى ئېلىپ كەلدى.ئۇنىڭغا سەۋزە قاتارلىق لەززەت قوشقۇچى كۆكتاتلارنى قېتىپ گۆش ۋە شورپىنىڭ تەمىنى تېخىمۇ لەززەتلىك چىقىرىۋەتتى.زەھھاك ئۇنىڭ ھۈنىرىنى ماختاپ ئۈلگۈەلمەيتتى.ئىبلىس تەسىرلىنىپ يىغلىغان،ساداقىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان قىياپەتلەرگە كىرىۋالاتتى.تۆتىنچى كۈنى ئىبلىس بۇقا گۆشىدىن تائام پىشۇرۇپ،ئۇنىڭغا گۇلاپ چېچىپ پۇرىقىنى ئىسىللاشتۇرۇپ، يانداقچىسىغا لالىرەڭ ئۈزۈم شەربەتلىرىدىن قوشۇپ ئېلىپ كەلدى.
بۇ قېتىمقى تاماق زەھھاكقا شۇ قەدەر تېتىپ كەتتىكى، ماختاش سۆزلىرىنى يامغۇردەك ياغدۇرىۋەتتى.ئاندىن خوشلۇقىدا ئىبلىسنى كاتتا ئىنئاملار بىلەن مۇكاپاتلىماقچى بولۇپ سورىدى:
  -ئەي ئاشپەز،بۈگۈن ئۆمرۈم بويى تېتىپ باقمىغان ئەڭ لەززەتلىك تائامغا ئېغىز تىگىپ ئالەمچە خوشال بولدۇم.شۇڭا سىنى كاتتا مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدىم.مەندىن تىلەيدىغان قانداق ئارزۇيۇڭ بولسا  قىلچە قورۇنماي دە.مەن سېنى ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزۈپ قوياي!
ئىبلىس مۇغەمبەرلىك بىلەن دىدى:
  -ئەي پادىشاھى ئالەم ،بولدى كايىمىسىلا،ماڭا دۇنيادا سىلىنىڭ خوشاللىقلىرى ۋە تەنلىرىنىڭ ساقلىقىدىن باشقا ھىچقانداق چوڭ مۇكاپات يوق.ئەبەدى شاد ۋە خوشال ياشىغايلا.مىنىڭ سىلىدىن كۈتىدىغان ھىچقانداق بىر ئارزۇ- تەلىپىم يوق.پەقەت بىرلا تىلىكىم بار.ئەگەر ئالىلىرى مىنى شۇ تىلىكىمگە يەتكۈزسىلە مەن سىلىدىن ئالەمچە  خوشال بولغان بولاتتىم.
  -سەن مىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىم ۋە مىھرىبانىمسەن،سەندىن كۆپ ياخشىلىقلارنى كۆرگەن بولساممۇ تېخىچە قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى قايتۇرغۇدەك بىرەر نەرسە بېرەلمىدىم.بولدى مەندىن نىمە تەلەپ قىلساڭ شۇنى بېرەي.تەلىپىڭنى تارتىنماي ئېيتقىن!
  -مەن شاھىمدىن ھىچنىمە تەلەپ قىلمايمەن.پەقەت يېقىنلىقىمىز ھۆرمىتى،قۇل- چاكارلىق بۇرچۇمنىڭ ئىزھارى سۈپىتىدە سىلىگە تازىم قىلىپ ئىككى قوللىرىنى سۆيۈپ كۆزۈمگە سۈرتىۋالساملا ماڭا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.بۇ مەن ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا سوۋغىدۇر.
نادان پادىشاھ زەھھاك  ئىبلىسنىڭ رەزىل ئىچكى مەقسىدىنى  بىلمەستىن ئۇنىڭ بۇ ياغلىما گەپلىرىگە ئىشىنىپ  ،ئۇنىڭ سۆيۈۋېلىشى ۋە كۆزىگە سۈرتىۋېلىشى ئۈچۈن ئىككى قولىنى ئىبلىسقا سۇنۇپ جىم تۇرۇپ بەردى.
ئىبلىس خوشلۇقتىن كالچاراپ كېلىپ زەھھاكنىڭ ئىككى قولىنى سۆيدى.سۆيدى-يۇ شۇ ھامان غايىپ بولدى. شاھمۇ ،ئەتراپىدىكىلەرمۇ بۇ ئاجايىپ ئىشتىن ھەيران قېلىشتى.لىكىن ئارقىدىنلا بۇ نىڭدىنمۇ ئاجايىپ ۋە قورقۇنۇشلۇق ئەھۋال يۈز بېرىپ  زەھھاكنىڭ ئىككى مۈرىسىدە تولىمۇ ياۋۇز ۋە بەدبەشىرە  ئىككى يىلان باشلىق ئەجدىھا پەيدا بولدى.قاتتىق قورقۇپ كەتكەن پادىشاھ  نالە- زار قىلىپ يىغلاپ كەتتى. لىكىن يىغىمۇ ،پۇشايمانمۇ پايدا بەرمىدى. شاھ ئاپەتنى يوقۇتۇپ تىنىچلىنىش ئۈچۈن جاللاتلارغا بۇيرۇپ ئىككى ئەجدىھانىڭ كاللىسىنى كەستۈرىۋەتتى. لېكىن پايدىسى بولمىدى.كېسىلگەن باشلار ئورنىدىن بىردەمدىلا يەنە يېڭى ئەجدىھا باشلىرى قايتا ئۆسۈپ چىقتى.بۇ ئىش تەكرارلاندى.باش  قانچە قېتىم كېسىلسە شۇنچە قېتىم يەنە ئۆسۈپ چىقىۋەردى.بۇ ئىككى ئەجدىھا دائىم ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىدە دەرەخ شېىخىدەك پۇلاڭلاپ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قورقۇنۇچ سېلىپ تۇراتتى.
پادىشاھنىڭ پەرمانىغا بىنائەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدن ئەڭ ئۇستا تىۋىپ ۋە ئەڭ بىلىملىك دانىشمەن ھۆكۈمالارنى يىغىپ كېلىپ دانا تەدبىر بىلەن بۇ ئىككى ئەجدىھانى يوقاتماقچى بولغان بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلارنى يوقۇتۇشقا ھىچكىممۇ ئامال قىلالمىدى.بۇ ئاخىرى داۋاملىشىدىغان  مەقسەدلىك سۈيىقەست ئېدى.يەنى ئىبلىس زەھھاك ۋە بۇ ئەجدىھالاردىن پايدىلىنىپ ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان ئېدى.ئاشپەزلىك قىلىش سۈيىقەستنىڭ باشلىنىشى ئېدى.مانا ئەمدى يامان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت كەلدى.   ئىبلىس شەيتان باشقا بىر ئىنسان سىياقىغا كىرىپ يەنە مەيدانغا چىقتى. بۇ دۆرەم ئۇ ئۆزىنى يىراق ئەلدىن كەلگەن دانىشمەن تىۋىپ قىلىپ كۆرسىتىپ شاھ ھوزۇرىغا كىرىپ كەلدى.ئۇ قالتىس چارە كۆرسەتكەن، كۆيۈنگەن قىياپەتكە  كىرىۋېلىپ شۇنداق دېدى:
-        ئەي ئۇلۇغ شاھىم، بۇ ئىش ئەسلى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى.ئەمما يۈز بېرىپ بوپتۇ.ئەمدى بۇنىڭغا چارە يوق.ئاپەت يۈز بەرگەن ئىكەن ،ئۇنى يوقاتقۇلۇق،يوقاتقىلى بولمىسا ئاپەتنى تىنجىتقۇلۇق. ھىكمەت كىتاپلىرىدىن ئايان بولۇپ تۇرۇپتىكى،مۈرىلىرىدىكى بۇ ئىككى ئەجدىھانى يوقاتقىلى بولمايدىكەن.ئەمما تىنجىتقىلى بولىدىكەن.تىنجىتىشنىڭ چارىسى شۇكى، ئۇلارغا ھەر كۈنى يىمەكلىك بېرەيلى.ئۇلارغا يىمەكلىك بەرسەكلا سىلىگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.ئەگەر ئۇلار بىر كۈن يىمەكسىز قالسىلا ئاچلىق دەستىدىن سىلىنى ئامان قويماسلىقى مۈمكىن.
   -ئەي دانا، قېنى ئېيتقىنا! بۇلارغا زادى قانداق يىمەكلىك بەرسەك بولار؟
ئىبلىس نەيرەڭ ئىشلىتىپ  ئەجدىھالار بېشى بىلەن پادىشاھ چۈشەنمەيدىغان باشقا بىر تىلدا سۆزلەشكەن قىياپەتتە بولۇۋېلىپ  خېلى ئۇزاق ئويۇن كۆرسەتتى. ئاندىن كېيىن  شاھقا مۇنداق دېدى:
-ئەجدىھالار بىلەن سۆزلەشتىم،ئۇلارغا ئاددى يىمەكلىك كېرەك ئەمەسكەن.ئۇ نە گۆش،نە ئاش -ئوزۇق،نە مىۋە- چېۋە دېگەندەك ئىنسانلار يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەيدىكەن.ئۇنىڭغا ‹‹ئالاھىدە يېمەكلىك›› كېرەك ئىكەن.
-‹‹ئالاھىدە يېمەكلىك››؟ ئۇ قانداق ‹‹ئالاھىدە يېمەكلىك›› يەيدىكەن؟
-ئۇ باشقا نەرسىنى ياقتۇرمايدىكەن.پەقەت ھەر كۈنى يېڭى ئادەم مىڭىسىنىڭ قېتىقىنىلا ئىچىدىكەن.ئادەم مېڭىسى قېتىقىنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي  بىرىپ تۇرساقلا ئۇلار تىنجىپ يۇۋاشلاپ قالىدىكەن.ئەگەر ئۇنداق قىلماي يەنە يوقۇتۇشقا ھەركەت قىلساق ئۇ غەزەپلىنىپ ئالىلىرىنىڭ بېشىنى چىشلەپ ئۈزۈپ تاشلاشتىن باش تارتمايدىغاندەك تۇرۇدۇ.
زەھھاك ‹‹قېرى تىۋىپ››نىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نىمە قىلارىنى بىلمەي ئاھۇ- نادامەت چەكتى. لىكىن پايدا بەرمىدى.ئۆز بېشىغا قەست قىلىپ تىكىلىپ تۇرغان ئاجايىپ دەھشەت ئىككى ئەجدىھادىن زادى قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟
جەمشىد خاندانلىقىنىڭ ھالاكىتى
ئادەمدىن ئامەت قاچقاندا ئۇنىڭدىن ھەممە ئادەم  تەڭلا يۈز ئۆرۈيدىكەن.ئوردا ئەھلى پادىشاھ جەمشىددىن بىردەك يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىماس بولۇشتى.ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنى پادىشاھ قىلىش ئۈستىدە بىر قارارغا كىلىپ بولۇشالماي كۆپ تالاش-تارتىش قىلىشتى. باشچىسىز قالغان ئەلدە ئۇرۇش يېغىلىقلىرى كۆپىيىپ، ئەل ئاپەت ئىچىدە قالدى.ھەركىمنىڭ شاھ بولغۇسى كېلەتتى.ھەركىمنىڭ زىمىن ،بايلىق ئىگەللىگۈسى كېلەتتى.شۇڭا تەرەپ- تەرەپلەردە شاھلىق دەۋاسى قىلغۇچىلار،شاھلىق تەختىنى تالاشقۇچىلار كۆپىيىپ ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ كېتىشتى.شەخسىيەتچىلىك ئەدەپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن دۆلەت زىمىنى تەۋەلىكىدىكى ھەر بىر قەبىلە ئۆز ئاقساقاللىرىنى شاھ قىلىپ تىكلىۋېلىشتى.‹‹‹ئىككى قوچقار بىر قوتانغا پېتىشماس›› دىگەن گەپ بار.‹‹قوچقار››لار كۆپىيىپ كەتكەن تۇرسا‹‹بىر  قوتان›› غا قانداقمۇ سىغسۇن؟! شۇنىڭ بىلەن ‹‹قوچقار››لار ھەممىسى بىر- بىرىنى يوقۇتۇپ زىمىن بايلىقلىرىنى يالغۇز ئىگەللەپ خانلار- خانى بولۇش كويىغا چۈشۈشتى.ئىران لەشكەرلىرىگە،پۇخرالىرىغا شاھ بولمىسا بولمايدۇ –دە، ‹‹ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق››دېگەندەك ئىران زىمىنىدىن ئۇلارغا شاھ بولۇشقا لايىق كەلگۈدەك  بىرەر ئىنسانمۇ يارىمىدى. ئۇلار ئۆز ئىچىدىكىلەرنى ياراتمىغاندىن كىيىن كۆزلىرىنى ئەرەپلەرگە تىكتى.يەنى ئىراننىڭ لەشكەر ۋە پۇقرالىرى زەھھاكنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولۇشتى.شۇنىڭ بىلەن نامدار مۆتىۋەر ئەزىزلەردىن قىرىق كىشىلىك بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ  زەھھاكنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىران زىمىنىغا شاھ بولۇپ بىرىشنى ئۆتۈنۈشتى.
قۇرسىقى ئېچىپ ئوزۇق غېمى قىلىپ تۇرغان ياۋۇز ئاچ بۆرىگە بىراۋلار يۇمشاق  قوزا گۆشى بەرمەكچى بولسا  رەت قىلاتتىمۇ؟!  ئۇ شۇئان ماقۇل بولدى.تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقماق بولۇپ ،ئۇلار بىلەن تېزلىكتە ئىران زىمىنىغا كىلىپ شاھلىق تەختىگە ئولتۇردى.
‹‹ئەسكىنىڭ ئىشى -جېدەل›› دېگەندەك ئۇ ئىراندا  شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپلا لەشكەر توپلاشقا كىرىشتى.قارام بەگلەر ئۇنىڭغا ئەسكەر ۋە سەركەردىلەرنى يىغىپ بېرىشتى. زەھھاك يىغىلغان قوشۇن بىلەن جەمشىد تەرەپكە لەشكەر تارتىپ ئۇنىڭغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلدى.جەمشىد ئەتراپىدا قالغان ئازغىنە كىشىلىرى بىلەن نىمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئاخىرى ئۇ تاجۇ -تەختىنى زەھھاكقا تاشلاپ بېرىپ يوشۇرۇنچە  قېچىپ كەتتى. تا يۈز يىلغىچە ھىچكىمگە كۆرۈنمىدى.ئىنسانلار ئۈچۈن نەچچە يۈز يىل ئادىل شاھ بولۇپ ،دۇنيانى يېڭى- يېڭى نەرسىلەر بىلەن بىزىگەن،ئىنسانلارغا باشپاناھ بولۇپ بەخت ئاتا قىلغان جەمشىدنىڭ بىر قېتىملىق مەنمەنچىلىكى،ئۇلۇغلۇقىنى پەش قىلىپ مىننەت قىلىشى بىلەن يۈز ئۆرىگەن قەۋىم ياخشىدىن يۈز ئۆرۈپ ياماننى،پەرىشتىدىن يۈز ئۆرۈپ ئالۋاستىنى يار تۇتۇپ،  ئۆزلىرىگە پاسىبان قىلىپ، مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان زۇلۇم دەۋرىگە قەدەم قويۇشتى.
يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن جەمشىدنىڭ چىن دەرياسى تەرەپتە بايقالغانلىق ئۇچۇرى كەلدى.زەھھاك ئۇنى چاپارمەنلىرىگە تۇتقۇزۇپ كىلىپ تېنىنى ھەرە بىلەن ھەرىدەپ ئىككى پارچە قىلىپ ئازاپلاپ  ئۆلتۈردى.پۈتكۈل يەر يۈزىگە يەتتە يۈز يىل پادىشاھ بولغان،بارلىق پادىشاھلاردىن بۈيۈك ھېساپلانغان  ئۇلۇغ ھۆكۈمران جەمشىدنى زەھھاك دۇنيادىن ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا يوق قىلدى. جەمشىد دۇنيادا شۇ كەمگىچىلىك ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان ۋە ئەڭ ئۇزۇن پادىشاھلىق قىلغان مەشھۇر خانلار-خانى ئېدى.يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار،جىنلار،دىۋە پەرىلەر،ئۇچار قۇش، ھايۋانات،چەرەندە -پەرەندىلەردىن تارتىپ قېنى بارلىكى ھاياتلىقنىڭ ھەممىسىگە ھۆكمى ئۆتكەن ئىدى.ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان نەرسىلىرىمۇ ھەددى- ھېساپسىز ئىدى.قول ئاستىدىكىلىرى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ بېشىدىن ئامەت قۇشى قېچىۋىدى.ئىلكىدە باربولغانلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇرۇق قالدى.ياۋۇز دۈشمەن ئۇنىڭ ئېزىز جېنىغا قەست قىلىپ ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئۆلتۈرگۈزۈپ ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلار،رىزىق تالاشقۇچىلارغا ئىبرەت قىلدى.  بۇرۇنقى شان- شەرەپ، ئەجىر- تۆھپە، تۈگىمەس بايلىق،چەكسىز ھوقۇق، ياخشلىق  دىگەنگە ئوخشاش بۇرۇن ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامىنى چىقارغان ئىجابى نەرسىلەرنىڭ ھىچقايسىسى ئەسقاتمىدى. بۇ دۇنيا مانا مۇشۇنداق، ئىنسان ئازغىنە بەختكە ئېرىشىپ شىرىن تۇرمۇش پەيزىنى سۈرۈشكە باشلىغاندا، بۇ شاتلىقى، بەخت ئامىتى كەتمەسكە كەلگەندەك، مەڭگۈ داۋاملىشىدىغاندەك تۇيۇلۇپ شاتلىقتىن تىرىمىزگە سىغماي قالىمىز.بىز شاتلىنىپ شەرەپ كۆكىدە تازا ئۇچۇپ،يەرگە چۈشۈشنى خىيالمۇ قىلماي  خىرامان تۇرغان بىر چېغىمىزدا بىۋاپا پەلەك شۇنداق بىر ئويۇن كۆرسىتىدۇكى، شادلىقلىرىمىز بىردەمدە كەچكۈز غازاڭلىرىدەك تۆكۈلۈپ، ئاپەت شاماللىرىدا توزۇپ تۈگەيدۇ.بۇ بەش كۈنلۈك ئالەمدە  ئاللاھتىن ئۆزگە بىزنىڭ ئىشەنگۈدەك يەنە كىمىمىز ياكى نىمىمىز بار؟!  

زەھھاك شاھلىق تەختىگە چىقىپ  مىڭ يىل شاھلىق قىلدى.تامامى جاھان ئۇنىڭ ھۆكمىرانلىقىغا ئۆتتى.ھەممە يەرنى جىن- ئالۋاستى، دىۋە -شاياتۇنلار قاپلاپ كەتتى.ياخشىلار  خار،ئەسكىلەر ئەزىز؛ھۈنەر ئەمگەك خار،جادۇ- ئەپسۇنلار ئەزىز بولۇپ كەتتى.جاھاندا زۇلۇم -زۇلمەت ھۆكمىرانلىق ئورۇننى ئىگەللەپ، ئەدلى- ئادالەت كىشىلەرنىڭ پەقەت چۈشىدىلا كۆرەلەيدىغان شىرىن چۈشلىرىگە ئايلىنىپ قالدى.
بىز ئالدىنقى قىسسىمىزدە زەھھاكنىڭ ئىككى مۈرىسىدە شەيتان تۈپەيلى ئىككى ياۋۇز ئەجدىھا پەيدا بولغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدۇق.ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇ ئەجدىھالار كۈندە ئىككى  بىگۇناھ  ئادەمنىڭ مىڭە قېتىقى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىلاتتى.زەھھاكنىڭ چاپارمەنلىرى ھەر كۈنى  ئىككى ئادەم تۇتۇپ كىلىپ كاللسىنى ئېلىپ، مىڭىسىنى چېقىپ ئۇلارنىڭ مىڭە قېتىقىنى ئەجدىھالارغا بېرەتتى.قورساقلىرى ئېچىپ كەتكەندە  ئاچچىقلاپ،خوجايىنلارچە ھۆركىرەپ، زەھھاكقا خىرىس قىلىشىۋاتقان ئەجدىھالار قورسىقى تويغاندىن كېيىن جىم بولۇشۇپ، زەھھاكنىڭ زۇلمىنى تاماششا قىلىشىپ بەئەينى دەرەخنىڭ قوپال ئەگرى شاخلىرىدەك لىڭشىپ تۇرۇشاتتى.بۇ ئەجدىھالار شۇنچە سۈرلۈك ئېدىكى،ئۇلارنىڭ تۇرقىنى كۆرگەن  خېلى جىگەرلىك ئەزىمەتلەرمۇ قورىققىنىدىن ئىشتىنىغا سېيىۋېتىشتىن يانمايتتى.
بىر كۈنى چاپارمەنلەر ئەجدىھالارغا ئوزۇق قىلىش ئۈچۈن ئىككى ساھىپجامال قىزنى تۇتۇپ كىلىشتى.قىزلار چۈمبەل تارتىۋالغان ئېدى.زەھھاك قىزلارنى چۈمبىلىنى ئېلىشقا بۇيرىدى.چۈمبەل ئېچىلىپ  ئۇنىڭ ئىچىدىن گويا ئىككى نۇرانە تولۇن ئاي كۆتۈرۈلگەندەك بولدى. قىزلارنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل رۇخسارى زەھھاكنى ھەيرانۇ -ھەس قالدۇردى. زەھھاكنىڭ  بۇ قىزلارنى ئۆلتۈرۈشكە كۆزى قىيماي، زىنداندىن ئىككى گۇناھكارنى تۇتقۇزۇپ چىقىپ ئۆلتۈرۈپ، مىڭىسىنى قىزلارنىڭ  مىڭىسى ئورنىدا ئەجدىھالارغا ئوزۇق قىلىپ بەردى. ئۇلارنى بولسا ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ خاس كېنىزەكلىرى قاتارىدا خىزمىتىنى قىلىشقا بۇيرىدى.بۇ قىزلار باشقا بىرى ئەمەس دەل سابىق پادىشاھ جەمشىدنىڭ قوش گېزەك سىڭىللىرى ئىدى. بىرىنىڭ ئىسمى شەھرىناز،يەنە بىرىنىڭ ئەرنەۋاز ئىدى.قىزلارنىڭ ھۆسنى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالغىنى بىلەن زالىم شاھ زەھھاكنىڭ ئالدىدا ھەر كۈنى ھايۋان كەبى خارلىنىپ ياشاشقا باشلىدى.ئۇلارنىڭ ئازاپقا  چىداپ ياشىشغا تۈرتكە بولىۋاتقان يەنە بىر كۈچ ئاكىسىنىڭ قىساسى ئىدى.ئۇلار قىساسىنى قەلبىگە يوشۇرۇپ ،چېھرىگە زورمۇ- زور تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ  خورلۇققا چىداپ ياشاشقا باشلىدى.
ئەمدى گەپنى باشقا ياقتىن باشلايمىز:بۇ ئەلدە ئىككى نەپەر ھۇشيار ۋە باتۇر يىگىت بار ئىدى.ئۇلار ئەقىل پاراسەتلىك بولۇپلا قالماي ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان،ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان،كىم ياردەمگە مۇھتاج بولسا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ چىھرىدىكى رازىمەنلىك تەبەسسۇمىدىن روھى ئوزۇق ئېلىپ ياشايدىغان پىداكار يىگىتلەر ئىدى.بىرنىڭ ئىسمىنى ئەرمايىل،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى گەرمايىل دەپ ئاتىشار ئىدى.بىر كۈنى بۇ ئىككى يىگىت ئۆز- ئارا ئۇچرۇشۇپ پاراڭلىشىپ قالدى.دەسلەپ ئۇيان- بۇياندىن پاراڭلىشىشتى. كىيىن سۆز تېمىسى زالىم شاھ زەھھاكنىڭ زۇلمى،ھەر كۈنى ئەجدىھالارغا ئوزۇق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ھەم ئېچىنىشلىق ھالەتتە  ئۆلىۋاتقان ئىككى ياشنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى ئۈستىگە يۆتكەلگەندە ئۇلار نىڭ ئويلىغىنى يەنىلا  بىر يەردىن چىقتى.ئۇلار شۇنداق بىر مەسلىھەتكە كىلىشتى. ئۇلار زالىم شاھ زەھھاكنىڭ ھوزۇرىغا خىزمەتچى بولۇپ كىرىپ ئاشپەزلىك قىلماقچى،ئۇ يەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىن ئەھۋالغا يارىشا پىلان تۈزۈپ،  زالىم شاھ زەھھاكنى ۋە ئەجدىھاللارنى يوقۇتۇپ بىگۇناھ ياشلارنىڭ خالاسكارى بولماقچى بولۇشتى. مەسلىھەتكە بىنائەن زەھھاكنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ ئاشپەزلىك خىزمىتىگە كىرىشتى.

ئۇلار زەھھاكنىڭ خىزمىتىگە كىرگەندىن كىيىن زەھھاك ئۇلارنى مەخسۇس مۈرىسىدىكى ئەجدىھالار ئۈچۈن ئادەم مىڭىسىدە تاماق تەييارلاشقا ئورۇنلاشتۇردى.ئەجىلى توشۇپ تۇتۇپ كېلىنگەنلەرنىڭ پۇت- قولى باغلىنىپ  ئاشخانىنىڭ يېنىدىكى‹‹قاسساپخانا›› دەپ ئاتىلىدىغان ئىگىز بىر ئۆينىڭ تۇڭلىكىدىن ئۆي ئىچىگە تاشلىناتتى. بىچارە تۇتقۇنلار يەرگە چۈشكەندە ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ئېغىر يارىلىنىپ قارشىلىق قىلالمايتتى.ئادەم قاسساپلىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى كەسكەندىن كىيىن، مىڭىسىنى چېقىپ  ھەر خىل دورا خۇرۇچلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ  ئەجدىھالارغا تاماق تەييارلايتتى.
ئەرمايىل بىلەن دەرمايىل بۇ خىزمەتكە تەيىنلەنگەندىن كېيىن شۇنداق مەسلىھەتكە كەلدى.يەنى ھەر كۈنى ئېلىپ كىلىنگەن ئىككى تۇتقۇننىڭ ياشتا كىچىك بىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ،  ئۇنىڭ ئورنىغا قوي ياكى ئۆشكە ئۆلتۈرۈپ  ئۇنىڭ مىڭىسىنى چېقىپ يەنە بىر تۇتقۇننىڭ مىڭىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تاماق قىلىپ ئەجدىھالارغا بەرمەكچى،بۇ ئىشىنى قەتئى مەخپى تۇتماقچى بولۇشتى.ئۆلمەي قالغان بىرىنى شاھنىڭ چاپارمەنلىرى كۆرۈپ قالسا قەتئى بولمايتتى.ئەگەر بۇ ئىش چېېنىپ قالسا بۇ ئىككى ياخشى نىيەتلىك ئاشپەز يىگىت ھەرگىز تىرىك قالمايتتى.مەسلىھەتكە بىنائەن ئۇلار ھەر كۈنى ئېلىپ كېلىنگەن ئىككى ئادەمنىڭ بىرىنى ئۆلتۈرۈپ يەنە بىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتى.بىرىنىڭ ئورنىغا قوي- ئۆشكە،ئىت- مۈشۈكلەردىن بىرەرنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ،بېشىنى كېسىپ ،مىڭىسىنى چېقىپ  ھايۋان بىلەن ئادەم مېڭىسىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن يېمەك تەييارلاپ ئەجدىھالارغا بېرىۋەردى. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە ئەجدىھالارمۇ زەھھاكمۇ بۇ ئىشنى پەقەت سەزمىدى.ھەر كۈنى ھايات قالغان بىر تۇتقۇننى كۈندۈزى يوشۇرۇپ قويۇپ كېچىسى تاغ دەشتلەرگە، ئادەم ئايىقى باسماس جايلارغا يولغا سېلىپ قويۇشتى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھەر ئايدا ئوتتۇزدىن ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتى.ئۇلارنىڭ سانى ئىككى يۈزدىن ئاشقاندىن كېيىن ھەممىسىنى تاغدا چارۋا باقىدىغان چوپانلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشتى.ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ تاغدا چوپانلىق قىلغان بۇ تىرىك قالغۇچىلار دەل بۈگۈنكى كۈندىكى كۇرتلارنىڭ ئەجداتلىرى ئىدى. ئۇلار شەھەرلەرگە كىرىشمەيتتى.چۆل ۋە تاغ ئېدىرلارنى ماكان قىلىپ، كىگىز ئۆيلەرنى ياساپ چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىشەتتى.خۇدانى ياد ئىتىشمەيتتى.
زەھھاك زالىمنىڭ يەنە بىر ئەسكى ئادىتى شۇ ئىدىكى قول ئاستىدىكىلەرگە يۇرت –يۇرتلارنى ئارىلاتقۇزۇپ نەدە مەشھۇر ئادەم بولسا شۇنى تۇتقۇزۇپ كىلىپ ،قېرى- ياش،ئەر- ئايال، پالۋان ياكى جىلۋىدار بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بېشىنى كەستۈرۈپ ئەجدىھالىرىغا يەم قىلىۋېتەتتى.ئەگەر تۇتقۇن ساھىپجامال قىز بولسا ھايات قالدۇرۇپ كېنىزەك قىلىۋېلىپ دەپسەندى قىلاتتى. شۇڭا ئەلدە مەشھۇر كىشىلەر ئاساسەن  قالمىغان ئېدى.
زەھھاك شۇنداق زالىملىق بىلەن مىڭ يىلغا يېقىن پادىشاھلىق قىلدى.ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قىرىق يىل قالغان بىر كېچىسى ئۇ كىيىنكى تەقدىرىدىن بىشارەت بېرىدىغان ئاجايىپ قورقۇنۇشلۇق بىر چۈش كۆردى.
ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ئۈچ باتۇر زەھھاكنى يوقۇتۇشنى قەستلەپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقۇدەك.ئۇلارنىڭ ئىككىسى قېرى ئادەم، بىرى ياش يىگىت ئىكەن.ياش يىگىت شاھ سۈپەت بولۇپ بېلىنى شاھانە كەمەر بىلەن باغلىۋالغان ئىمىش.ئۇ يىگىت قولىدا ئۆكۈز باشلىق گۈرزە كۆتۈرىۋالغان بولۇپ  ئۇچقۇر ئېتىنى چاپتۇرۇپ،ئۇدۇل زەھھاكقا قارشى ئېتىلىپ كېلىۋاتقۇدەك، ھىچقانداق  بىر ئادەم ئۇنى توسىۋېلىشقا پېتىنالمىغۇدەك.ئۇ كەلگەنچە كىلىپ  زەھھاكنى بىر ھازا دۇمبالىغۇدەك .ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  زەھھاكنى تىرىك تۇرغۇزۇپ تېرىسىنى شىلىۋاتقۇدەك. تېرىسىنى پۇتۇنلەي شىلىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە  ئىككى قولىنىمۇ كىسىپ تاشلاپتۇدەك. ئاندىن بوينىغا تاقاق،پۇتىغا تۆمۈر زەنجىر سېلىپ، ئىتنى سۆرىگەندەك خارلاپ  دىماۋەند چوققىسىغا قاراپ سۆرەپ كىتىۋاتقۇدەك.قەبىھ زوراۋان،چەكتىن ئاشقان جىنايەتچى زەھھاك ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي قاتتىق ئىڭراپ تاشلاپتۇدەك.
زەھھھاك ئەنە شۇ ئاھ تارتىپ  ئىڭراش بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ كەتتى.ئۇ شۇ قورقۇشىدا ئېسىل  ،ئىگىز شاھ سۇپىدىن يەرگە دومىلاپ كەتكەن ئېدى.بۇ ئىڭراش شۇنچە قاتتىق ۋە قورقۇنۇشلۇق چىققان ئىدىكى، ئۆزى ياتقان يۈز تۈۋرۈكلۇك،ئاجايىپ چوڭ ۋە  ھەيۋەت قەسىر ئايۋان بۇ ئىڭراشتىن لەرزىگە كەلدى. شۇ دەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتقان خۇشچىراي سەنەم  ئەرنەۋازمۇ قاتتىق قورقۇپ تەڭلا چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.ئۇ دەرھال زەھھاكنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ نىمە بولغانلىقىنى سورىدى:
  -ئەي شاھىم ،تىپ- تىنچ يېتىپ ئۇخلاۋاتقانتىلە،تۇيۇقسىز ‹‹ئاھ›› تارتىپ ئويغۇنۇپ كەتتىلە ،قارىغاندا يامان چۈش كۆرۈپ قالغان ئوخشىماملا؟ قورىقمىسىلا،پۇتۇن يەر جاھان يەنىلا سىلىنىڭ ئىلكىلىرىدە.قۇرۇت  -قوڭغۇزلاردىن تارتىپ جىن- ئالۋاستىلارغىچە ھەممىلا جان سىلىنىڭ ھۆكمىلىرىدە.سىلى يەتتە ئىقلىم پادىشاھى،يەردىن ئايغىچە،شاھتىن -گادايغىچە  ھەممىنىڭ ھۆكۈمدارى تۇرۇپ يەنە نىمىدىن شۇنچە چۆچۈيلا؟!
  -ئەي ئەرنەۋاز،بولدى سورىمايلا قوي،مەن بۇ چۈشۈمنى پىنھان تۇتۇشۇم لازىم.ئەگەر سەن چۈشۈمنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلايدىغان بولساڭ مەندىن ئۈمىدىڭنى ئۈزىشىڭ مۈمكىن.
  -ئەي جاھانپاناھ، سىنىڭ جېنىڭ ھەممىمىزگە ئەزىز،ھەممىمىز سېنىڭ پايە قۇللۇرۇڭدۇرمىز،قۇل خوجىسىنىڭ دەردى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ  ھالىغا يەتمىسە قانداق بولىدۇ؟جاھاندا ،چارىسىز ئىش،تەبىرسىز چۈش بولماس،سەن قانداق چۈش كۆرگەن بولساڭ بىزگە ئېيتىپ بەرگىن، تەبىرچىلەرنى چاقىرىپ تەبىرىنى ئاڭلايلى.بولغۇسى ئىشلارنى ئالدىن بىلىۋېلىپ ، ئاپەت بولسا ئالدىنى ئالايلى،ئامەت بولسا قايغۇنى ئۇنتۇپ خوشال بولايلى.
زەھھاك ئەرنەۋازدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئېيتىلغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بەردى. ئەرنەۋاز چۈشنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن زەھھاكقا يەنە تەسەللى بېرىىپ كۆڭلىنى تىندۇردى.ئارىدىن ئانچە  ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي تاڭمۇ ئاتتى.زەھھاك تەختىگە چىقىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن دەرھال پەرمان چۈشۈرۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ،بىلىمدار ھۆكۈمالار،تەبىرچىلەر ۋە خاس تەدبىركارلارنى چاقىرىپ  كىلىپ  ئۇلارغا كۆرگەن چۈشىنى ئەينەن بايان قىلدى ،ئاندىن  ئۇلارنى چۈشىگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇپ ئاخىرىدا شۇنداق دىدى:
  -مەن چۈشۈمنى يوشۇرماي ئېيتتىم،سىلەرمۇ تەبىرى نىمە بولسا شۇنى يوشۇرماي ئېيتىڭلار،بۇ چۈش مەيلى ئاپەت كەلتۈرسۇن، مەيلى ئامەت ئېلىپ كەلسۇن ھىچنىمىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.سىلەرگە پەقەت ئىككىلا تاللاش يولى بار،بىرى چۈشۈمگە  مىنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك  تەبىر بېرىپ تارتۇققا ئېرىشىش،يەنە بىرى مەندىن گەپ يوشۇرۇپ جاۋاپنى ياخشى بەرمەي باشسىز قېلىش! مەن سىلەرگە بىىر كۈن مۆھلەت بېرىمەن،ئەگەر مۇشۇ مۆھلەت ئىچىدە تەبىرىنى تاپالمىساڭلار،ئۇرۇق ئەۋلادىڭلارنىمۇ قوشۇپ چاناتقۇزۇپ ئەجدىھالارغا يەم قىلىۋېتىمەن!
تەبىرچى مۇبەدلەر كېچىچە ئويلۇنۇپ،ھىكمەت كىتاپلىرىنى ئىزدەپ،مۇنازىرىلەردە ئۆز كۆزقارشلىرىنى سۆزلەپ  بۇ چۈش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشتى.ئاخىرى بۇ چۈشنىڭ  تەبىرىنى تېپىپ بولۇشتى. بۇ چۈشنىڭ تەبىرىمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا قورقۇنۇشلۇق ئېدى.يەنى بۇ چۈشتىكى ئىشلار بۇندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە راستىنلا يۈز بېرىدىغان ئىشلار ئېدى.تەبىرغۇ شۇنداق،ئەمما بۇنداق تەبىرنى زالىم شاھتىن قورقماي تۇرۇپ كىممۇ  ئۇنى ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟! نېىشقا دېگەندە، شۇ چۈشى توغرىلىق راسا قورقۇۋاتقان،ۋەھىمىدە قېلىپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇۋاتقان پادىشاھ بەكمۇ خەتەرلىك ئېدى.كىمكى بۇنداق پەيتتە  چۈش تەبىرىنى ئەينەن ئېيتسا قورقۇپ ئاران تۇرغان شاھ ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشى مۈمكىن ئېدى.  راستىنى ئېيتماي يالغاننى  ئارلاشتۇرۇپ تەتۇرىچە تەبىر بەرسىمۇ  بۇ يامان چۈشنىڭ يامان تەبىرىنى كۆڭلى تۇيۇپ تۇرغا زالىم شاھ  ‹‹مىنى ئالدىدىڭ›› دەپ ئوخشاشلا ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇلار زادى قانداق جاۋاپ بېرىشنى  بىلمەي باش قاتۇرۇشتى. جانلىرىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزۈپ  باھار بۇلۇتىدەك ياش تۆكۈشتى. شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى.تۆتىنچى كۈنى شاھنىڭ سەۋرى –قاچىسى يېرىلىپ غەزەپ- ئوتى يالقۇنلاپ ئۇلارنى تىللاپ كەتتى:
     -مەن سەن ئېشەكلەرنى شۇنچە يىلدىن بېرى بىكارغا باقتىممۇ؟شۇنچىلىك بىر چۈشنىڭ تەبىرىنىمۇ دەپ بېرىشەلمىسەڭ سەنلەرنىڭ ماڭا ئەمدى نېمە كېرىكىڭ بار؟! چۈشنىڭ تەبىرىنى بۈگۈن دىيىشسەڭ دىيىش،بولمىسا ھەممىڭگە يەتكۈدەك دار ياسىتىپ بىرىڭنى قويماي ئۆلتۈرىمەن!
تەبىرچىلەر يەنىلا ئۈن چىقىرالماي كۆزلىرىدىن قانلىق ياشلارنى ئېقىتىشىپ  باش ئىگىپ تۇرۇشاتتى.
قارىماققا چۈش تەبىرى دىيىلسىمۇ دىيىلمىسىمۇ  تەبىرچىلەرگە ئۆلۈم  يۈزلەنگەندەك قىلاتتى.شۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا تەبىرچىلەر ئارىسىدىكى ئەس ھۇشى جايىدا،سەمىمى،دانا، زېرەك بىر قېرى تەبىرچى جۈرئەت قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ شاھقا چۈش تەبىرىنى ئايان قىلدى:
  -ئەي ئۇلۇغ شاھىم غەزەپلىرىنى بېسىۋالسىلا. بىز بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمىدۇق ئەمەس، بىلدۇق.ئەمما جانابى ئالىلىرىغا ئوچۇقتىن- ئوچۇق ئېيتىشتىن قورقتۇق.ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى كىيىنكى ئىشلاردىن ئالدىن بىشارەت  بېرىپ  تۇرىدۇ.بىشارەت ئىككى خىل بولىدۇ.بىرى ئوڭ بىشارەت،يەنە بىرى تەتۈر بىشارەتتۇر.ئوڭ بىشارەت شۇكى- چۈشتە كۆرگەن ئىشلار كىيىن ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگۈسىدۇر.تەتۈر بىشارەت شۇكى- ئەمەلىيەت چۈشتە كۆرگەننىڭ دەل ئەكسىچە بولۇر.  ئالىيلىرىنىڭ كۆرگەن چۈشى ئوڭ بىشارەتلىك چۈش بولۇپ ،چۈشلىرىدە كۆرگەن ئىشلار كىيىن ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگۈسىدۇر. مۇنداق دىسەم ئالىلىرى بىزگە غەزەپ قىلمىغايلا،بىز پەقەت چۈشنىڭ تەبىرىنىلا بېرەلەيمىز،ئالىلىرىغا شۇملۇق تىلەپ بالا ئەپكىلەلمەيمىز.ئاللىلىرىغا مەلۇم بولسۇنكى،سىلىنىڭ بەختى پىشانىلىرى ئوڭ ئىكەن.بۇ چۈش سىلىگە بەلكى ئامەت ئېپكىلىشىمۇ مۈمكىن!
  -بۇ نىمە دىگىنىڭ ئېنىقراق سۆزلە!
  -ئالىلىرى ،بۇ چۈش گەرچە ئاپەتتىن بىشارەت بەرسىمۇ، لىكىن كىيىن يۈز بېرىدىغان ئاپەتتىن سىلىنىڭ بۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقلىرى سىلىگە پايدىلىق.چۈنكى ‹‹ سۇ كەلگۈچە توغان سال›› دىگەن ھېكمەت بويىچە ئاپەت  يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۆرۈپ خەتەردىن قۇتۇلالايلا،دۈشمەن قول سالغۇچە سىلى ئالدىن قول سېلىپ ئۇنى يوقۇتىۋېتەلەيلا ئەمەسمۇ؟!
-بۇ گېپىڭ دۇرۇس بولدى. ئۇنداق بولسا قېنى ئېيت! چۈشۈمدە ئايان بولغان دۈشمىنىم  زادى كىم؟ ئۇ ھازىر نەدە؟
-ئۇنىڭ ئىسمى پەرىدۇن،تەبىردىن ئايان بولۇشىچە ئۇ تەڭداشسىز باتۇرمىش،ئالەمدە ئۇنىڭغا ھىچكىم تەڭ كېلەلمەسمىش،ئۇ جەڭ قىلىپ يۈرۈپ  پۇتكۈل ئالەمنى ئۆز ئىلكىگە ئالغۇدەك.
  -ئۇنداق بولسا تېز ئېيت،ئۇ ھازىر زادى قەيەردە؟!
  -ئۇلۇغ شاھ  ئالىلىرى،ئەندىشە قىلمىغايلا،پەرىدۇن تېخى تۇغۇلمىدى.سىلىنىڭ تاجۇ- تەختلىرىگىمۇ ھازىرچە تېخى خەتەر يۈزلەنمىدى.ئۇ قاچانكى ئانىسىدىن تۇغۇلسا،خۇددى مىۋىلىك دەرەختەك تېز چوڭىيىدۇ،مەرتلىك، باتۇرلۇق بىلەن پۈتۈن جاھانغا تونۇلىدۇ. ئۇنىڭ بويى چىناردەك ئىگىز بولۇپ، بېشى ئاسمانغا تاقىشىدۇ.ئۆكۈز باشلىق گۈرزىسىنى ئوينۇتۇپ  جاھاندا ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ.ھەتتا سىلىنىڭ جانلىرىغىمۇ قەست قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ.چۈشلىرىدە كۆرگەنلىرى ئۇنىڭ سىلىنى ئىزدەپ قىساس ئېلىشقا كەلگەن چېغى.
-ئۇنى مەن تونۇمىسام،ياكى ھىچبىر يامانلىق قىلمىغان تۇرسام،ئۇ مىنىڭ تاجۇ -تەختىمگە نىمە دەپ چاڭ سالغۇدەك؟ دۇنيادا نەدىمۇ مۇنداق سەۋەپسىز ئىش بولسۇن؟!
-توغرا ئېيتتىلا ئالىلىرى،دۇنيادا سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ.تەبىردىن ئايان بولۇشىچە پەرىدۇننىڭ ئاتىسى سىلىنىڭ قوللىرىدا ئۆلتۈرۈلۈپ مىڭىسى ئەجدىھالارغا يىمەك قىلىپ بېرىلىدىكەن. پەرىدۇن تۇغۇلغاندىن كېيىن بىر مۇقەددەس كالا پەيدا بولۇپ پەرىدۇننى ئېمىتىپ بېقىپ چوڭ قىلىدىكەن.كىيىن سىلىنىڭ ئادەملىرى ئۇ مۇقەددەس كالىنىمۇ ئۆلتۈرىدىكەن، پەرىدۇن چوڭ بولغاندىن كىيىن ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ يانلىرىغا ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس كالىنىڭ قىساسىنى تەلەپ قىلىپ كېلىدىكەن.شۇڭا گۈرزىسىنىمۇ كالا باشلىق قىلىپ ياسىتىۋالىدىكەن.
زەھھاك بۇ ئاجايىپ تەبىرنى ئاڭلاپ شۇنداق قورقتىكى،قورقۇنۇچنىڭ يامانلىقىدىن ھۇشىدىن كېتىپ تەختتىن يۇمۇلاپ چۈشتى.ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ ئۆزى تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپ سۈر -ھەيۋىسى پادىشاھنى قورقۇتۇپ ھۇشىدىن كەتكۈزىۋەتكەن پەرىدۇننىڭ ئاجايىباتلىرىدىن قورقۇنۇچ ھىس قىلىشىپ دىرىلدەپ تىترىشىپ كېتىشتى.ئۇلار شۇئان ئۆرە- تۆپە بولۇشۇپ پادىشاھنى يۆلەپ تەختىگە ئېلىپ چىقتى. يۈزلىرىگە گۇلاپ چېچىشىپ ھۇشىغا كەلتۈرۈشتى. تەبىرچى دانىشمەن بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ غىپپىدە قېچىپ كېتىپ  جېنىنى ياقىغا ئالدى.
زەھھاك شۇ كۈنى ھۇشىغا كېلىپ تەخىتكە چىققان مىنۇتتىن باشلاپ پۈتۈنلەي باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.ئۆسەك قىلغۇچىلارنىڭ تىلى بويىچە ئېلىپ ئېيتساق ئۇنڭغا ‹‹پەرىدۇن ئاتلىق جىن چاپلاشقان›› ئىدى.پەرىدۇن ئۇخلىسا چۈشىدىن ،ئويغاقلىقىدا خىيالىدىن چىقمايتتى.خۇددى چۈشىدىكى ئىش راستىنلا ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىدىغاندەك، پەرىدۇن  ھېلىلا كالا باشلىق گۈرزىسىنى غەزەپ بىلەن شىلتىپ ئوردا سارىيىغىلا باستۇرۇپ كىرىپ بېشىنى يانچىۋېتىدىغاندەك دائىملا قورقۇپ تۇراتتى. شۇڭا تەرەپ -تەرەپلەرگە چاپارمەن غالچىلارنى ئەۋەتىپ پەرىدۇن ئىسىملىك  كىشىلەرنى سۈرۈشتە قىلاتتى.كىمنىڭ ئىسمى پەرىدۇن بولسا  تۇتقۇزۇپ كىلىپ ئۆلتۈرگۈزىۋېتەتتى. دىمەك ئەمدى ھەممىلا جايدا زەھھاكنىڭ دەستىدىن پەرىدۇن بالاسى تېرىلغان ئىدى.قىسقىغىنە نەچچە  ئاي ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پەرىدۇن ئىسىملىك كىشىلەردىن نەچچە مىڭىنىڭ كاللىسى ئېلىندى.ئەمدى ھىچكىم بالا تۇغسا پەرزەنتىگە بۇ ئىسىمنى قويۇشقا پېتىنالمايدىغان،بۇنداق ئىسمى بارلاردىن ھايات قالغانلىرىمۇ يوشۇرۇنۇۋېلىپ ھېچبىر ئادىمىزاتقا كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كېتىشتى.شۇنداقتىمۇ قانخور شاھنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئىمىن تاپماي پەرىدۇن ئىسىملىكلەرنى ئىزدەشنى دائىم سۈيلەپ تۇردى.
بۇ ۋەھىمە ئۇنى پۈتۈنلەي ئىلكىگە ئېلىۋالغانئېدى.شۇڭا ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ شاھ ئىزدەش خىزمىتىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدى.ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە گېلىدىن تۈزۈكرەك غىزامۇ ئۆتمەيتتى. قورقۇنۇشلۇق چۈشلەرنى تولا كۆرۈپ كېچىلىرى تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمايتتى.‹‹توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ،ئۆچكە جاڭگال›› دىگەندەك ئۆلۈمنى ئويلاۋەرگەنسېرىنېرۋىسى ئاجىزلاپ چۈشلىرىدىمۇ پەرىدۇننىلا چۈشەيتتى.بەزىدە جۆيلۈپ ۋارقىراپ ئويغۇنۇپ كەتسە،بەزىدە يەنە تەختىدىن دومىلاپ كېتەتتى.يېنىدىكىلەرنىڭ بۇ ئىشلاردىن كۈلكىسى قىستاپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ غەزەپ قىلىشىدىن قورقۇپ كۈلۈشكە پېتىنالماس ئىدى.
كۈن ۋە ئايلار بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئارىدىن ئون نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.زالىم زەھھاكنىڭ ھاياتىنىڭمۇ ھالاكەت كۈنلىرى يېقىنلاشتى.
پەرىدۇن تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭ بەخت -ئىقپالى تۈپەيلىدىن جاھان خۇددى يەنە بىر قۇياش كۆتۈرۈلگەندەك قايتا نۇرلۇنۇپ كەتتى.ئۇ تۇغۇلغاندا 2-3 ياشلىق بوۋاق بالىلاردەك چوڭ تۇغۇلغان بولۇپ تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ، باشقا بوۋاقلار بىر يىلدا بىر ياشقا كىرسە پەرىدۇن ھەر ئايدا بىر ياشقا كىرگەندەك  تېز ئۆسۈپ ئاينىشقا باشلىدى.ئۇ شۇنداق بىر ئۇلۇغ يارالغان ئېدىكى، ئۇلۇغلۇقتا جەمشىدنى،نۇر چېچىشتا كۆكتىكى قۇياشنى بېسىپ چۈشەتتى.زېمىندىكى ھەرقانداق كىشىدىن  چىرايلىق ۋە قاملاشقان ئىدى.مانا ئەمدى ئۇنىڭ دەۋرى يېتىپ كەلگەن بولغاچقا پەلەكمۇ ئۇنىڭغا مىھىر- شەپقەت كۆرسىتەر ئېدى.تەڭرى مەدەتكار بولغان كىشىگە ھەر بىر ئىشتا غايىۋى ياردەملەر مۇيەسسەر بولار ئىدى.
پەرىدۇننىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايدىكى پادىدا  بەرمايە ئىسىملىك ئاجايىپ بىر ئىنەك نامايەن بولدى.ئۇ خۇددى يېڭىلا تۇغۇلغان تاۋۇستەك كىلىشكەن،ھەر جەھەتتىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك قاملاشقان ئىنەك ئىدى.كىشىلەر نەگىلا بارسا شۇ ئىنەكنىڭ پارىڭىنى قىلىشاتتى.بۇ مىش-مىش پاراڭلار ئاخىرى  زەھھاكنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتتى.ئۇ بۇرۇن مۇبەدلەردىن (تەبىرچىلەردىن)  پەرىدۇن ۋە بۇ كالا ھەققىدە ئاڭلىغان بولغاچقا جېنى قايتا  سىرقىرىغاندەك بولۇپ دەرھال بۇ ئىنەكنى ئىزدەپ تېپىپ يېنىغا ئېلىپ كىلىش توغرىسىدا  پەرمان چۈشۈردى.
ئەمدى گەپنى پەرىدۇۇننىڭ ئاتىسى ئاتىبىندىن ئاڭلايمىز،كۈنلەردىن بىر كۈن ئەجدىھالارغا يەم بولۇش نۆۋىتى ئاتىبىنغا كەلدى.ئەجدىھا شاھنىڭ چاپارمەنلىرى ئۇنى تۇتۇپ ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈپ بېشىنى كىسىپ مىڭە قېتىقىنى ئەجدىھالارغا بېرىشتى.پەرىدۇننىڭ ئانىسى پەرانەك جىگەرلىك ۋە پەم پاراساتلىك ئايال ئىدى. ئۇ زالىم شاھنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، پەرىدۇننى تۇتقىلىمۇ چوقۇم جاللات كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا قەيسەر ئانا پەرانەك ئوغلىنى يوشۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن دالدا جاي ئىزدەپ بىر توقايلىققا كەلدى.ئۇ يەردە بىر چارۋىچى كالا بېقىۋاتاتتى.بۇ دەل بەرمايە بار كالا توپى ئىدى.پەرانەك چارۋىچىنىڭ يېنىغا كىلىپ  ئۇنىڭغا يالۋۇردى:
-ئەي مىھرىبان ئىنسان،غايەت بىر مۈشكۈللۈككە ئۇچراپ ساڭا ھاجەتمەن بولۇپ يېنىڭغا كەلدىم.مىنىڭ ئېرىم بىر زالىم بىلەن ئۆچەكىشىپ قېلىپ زالىم ئېرىمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.ئەمدى بولسا بالامنىمۇ ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىش  ئۈچۈن  ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈيدۇ.كىچىك بالىدا نىمە گۇناھ؟ سەندىن ئۆتۈنەي ،مۇشۇ بالامنى بىر قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ  بىرنەچچە زامان ئۆز بالاڭ سۈپىتىدە بېقىپ بەرسەڭ.بۇ ھەققىڭ ئۈچۈن نىمە تەلەپ قىلساڭ ئىلكىمدە بارنى ئايىمايمەن،ھەتتا جېنىمنىمۇ بالام ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا تەييارمەن.
بۇ چارۋىچى رەھىمدىل ،ئاقكۆڭۈل، ياخشى ئادەم ئىدى.ئاجىزە  بىر ئايال،بىر ئۇلۇغ ئانا كۆزلىرىدىن قانلىق ياشلارنى ئېقىتىپ تۇرۇپ پەرزەنتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئۆتۈنىۋاتسا ئۇ قانداقمۇ رەت قىلالىسۇن؟ چارۋىچى ئايالغا ياردەم بېرىش قارارىغا كەلدى.شۇڭا ئۇ دەرھال:
  -بولىدۇ،تەلىپىڭىزنى ئورۇنلايمەن، سىزنىڭ بالىڭىز ئوخشاشلا مىنىڭمۇ بالام،ئەنسىرىمەي بالىڭىزنى ماڭا قالدۇرۇپ كېتىڭ.مەن ئۇنى جېنىمنى قوغدىغاندەك قوغداپ،كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ بېقىپ چوڭ قىلىمەن، كىيىنكى كۈنلەردە خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كىلىپ بالىڭىزنى كۆرۈپ ياكى ئېلىپ كېتەرسىز.
پەرانەك چارۋىچىغا مىڭ بىر رەھمەت تەشەككۇرلەرنى ئېيتتى.كېيىن  پەرىدۇننى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بىرىپ قايتىپ كەتتى.چارۋىچى پەرىدۇنغا مۇقەددەس كالا بەرمايەنىڭ سۈتىنى بىرىپ باقتى. بۇ سۈت ئۇنىڭغا شۇ قەدەر خىل كەلدىكى جېنىغا جان،قېنىغا قان قوشۇلۇپ كەلگۈسىدىكى پالۋانلاردەك تەڭداشسىز كۈچ -قۇۋۋىتىگە ئاساس بولدى. بۇمۇ ئەلۋەتتە  تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى.تەڭرى قوغداپ قالغاننى پۈتۈن دۇنيا خەلقى دۈشمەن بولسىمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ.تەڭرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاننى پۈتۈن دۇنيانىڭ پالۋانلىرى زىچ قورشاپ مۇھاپىزەت قىلسىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ. تەڭرىنىڭ قۇدرەت كامالى بىلەن پەرىدۇن  خەتەردىن قۇتۇلۇپ بۇ چارۋىچىنىڭكىدە تۇرۇپ قالدى.
پەرىدۇن چارۋىچىنىڭكىدە بەرمايەنىڭ سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىپ بەدىنىگە خىسلەتلىك كۈچ- قۇۋۋەتنى جەم قىلىپ  ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى.لىكىن زالىم ئەجدىھا پادىشا تېخىچە پەرىدۇن بىلەن خىسلەتلىك ئىنەكنى ئىزدەشنى توختاتمىغان ئىدى.
سىر ئاخىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى.‹‹پوكۇنى يۇرتتىكى پۇستانچىنىڭ  ئۆيىدە مۇقەددەس ئىنەك بارمىش›› دىگەن خەۋەر بىر كۈنى زەھھاكنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ دەرھال ئۇ ئىنەكنى تېپىپ كىلىشكە ئادەم ماڭدۇردى. پەرانەك بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال يايلاققا يۈگرەپ كىلىپ چارۋىچىغا  ئاڭلىغان خەۋەرلەرنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە  بالىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈندى.چارۋىچىمۇ كىچەيۇ- كۈندۈز ئۇنىڭ غېمىنى يەۋاتقان تۇرسا ئۇنىماي قالسۇنمۇ  دەرھال پەرىدۇننى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئۇلارنى بىخەتەر بولغان ئەلبۇرس تېغىغا يولغا سېلىپ قويدى.
قەيسەر ئانا پەرانەك  ئوغلىنى قۇچاقلاپ خۇددى ئۇچقۇر كىيىكتەك  يۈگەردى.بالا مېھرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ياش ئانا ھارغىنىنى تۇيماي،توختىماستىن  تېز يۈگرەپ ئاخىرى تاڭ سەھەر پەيتىدە ئۆزى  كۆزلىگەن تاققا يىتىپ كەلدى.بۇ تاغدا ياشانغان بىر تەقۋادار كىشى تەنھا ياشايتتى.ئۇنىڭ كىچەيۇ- كۈندۈز قىلىدىغان ئىشى ئاللاھ -ئىگەمگە ئىبادەت قىلىش ئىدى.پەرانەك  پاك دىل بوۋاي بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن بالىسىنى بېقىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي پاك دىن كىشى،مەن بولسام مۇشۇ ئىران زىمىندىكى بىر غېرىپ ئانا،بۇ بولسا مىنىڭ ھاياتىمدىنمۇ قىممەتلىك بولغان بارلىقىم ،ئوغلۇم پەرىدۇن بولىدۇ.ھازىر زالىم شاھ زەھھاك ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ تەرەپ تەرەپلەردىن ئىزدەۋاتىدۇ.ئەگەر بىز ئۇنى مۇشۇ قېتىمقى بالا- قازادىن قوغداپ قالالىساق تەڭرى ئېرادىسى بىلەن  ئوغلۇم كەلگۈسىدە بۇ ئەلنىڭ پاسىبانى بولىدۇ. زالىم شاھنىڭ ئىپلاس بېشىنى  ئۆز قولى بىلەن كىسىپ دۇنيانى ئەجدىھا شاھنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. شۇڭا سەن بىر مەزگىل ئوغلۇمغا ھامى بولۇپ بېقىپ بەرگەن بولساڭ!
پاك دىل كىشى ئانىنىڭ ئۆتۈنىشىنى چىن دىلى بىلەن قوبۇل قىلىپ  پەرىدۇننى قۇچىقىغا ئالدى.پەرىدۇن تاغدا ئورۇن تۇتۇپ تۇرۇپ قالدى. شۇ كەلگەندىن تارتىپ تاكى ئون ئالتە ياشقا كىرگەنگە قەدەر پاك دىل كىشىنىڭ ئاتىلارچە غەمخورلىقىغا مۇيەسسەر بولۇپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
ئەمدى گەپنى مۇقەددەس كالا بەرمايە ۋە چوپاندىن ئاڭلايمىز،زالىم پادىشاھنىڭ ئىگىسىنى تارتقان قانخور چاپارمەنلىرى يايلاققا كەلگەندىن كېيىن سۈرشتۈرۈپ يۈرۈپ ئەسكىلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن پەرىدۇننى باققان ئاقكۆڭۈل چوپاننىڭ ئۆيىگە كىلىپ  ئاختۇرۇش ئېلىپ باردى.چوپاننى قىيناپ سوراق قىلدى.كېيىن ئېغىل قوتانلارنى كۆيدۈرۈپ  كالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.كالىلارغا چىدىماي قارشىلىق قىلغان ئاقكۆڭۈل چوپاننىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشتى. ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ ئىپلاس ئىزلىرىدىن باشقا ھىچنىمە قويماي قايتىپ كېتىشتى.
ئەمدى پەرىدۇن ھەققىدىكى مەشھۇر  قىسسە رەسمى باشلىنىدۇ..پەرىدۇن يەنە بۇ كىتاپتىكى نامى مەشھۇر بولغان  ئەڭ كاتتا جاھان پالۋانلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا  بۇيۈك قەھرىمان رۇستەمى داستاننىڭ  ئۇلۇغ بوۋىسىدۇر.
بايان قىلىپ بولغۇنىمىزدەك پەرىدۇن 16 ياشقا كىرگىچە ئانىسى ئۇنى تاغدىن ئېلىپ كەتمىدى.چۈنكى ئانىسى ئۇنى تېخى كىچىك دەپ ئويلايتتى.لىكىن پەرىدۇن ئۆزىنىڭ چوڭ بولۇپ قورامىغا يەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ  بۇ يەردە داۋاملىق تۇرىۋېرىشنى خالىمىدى. يىتىلگەن شىر قەپەستە داۋاملىق سولىنىپ تۇرىۋېرىشكە تاقەت قىلالىسۇنمۇ؟!
پەرىدۇن ئانىسىنىڭ كېلىشىنى كۈتمەيلا تاغدا ئۆزىنى باققان ھېلىقى تەقۋادار كىشى بىلەن خوشلىشىپ ئانىسىنى ئىزدەپ يۇرتىغا قايتتى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئانىسىنى تاپقاندىن كىيىن ئانىسىدىن ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى،نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى باقماي چەت يەرلەردە خەققە باقتۇرۇپ يوشۇرۇپ قويغانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىنى سۈرۈشتۈردى:
-ئەي ئانا،جاھاندا سەۋەپسىز ئىش يوقتۇر.ھىچقانداق ئانا ئۆز ئوغلىنى ئۆزىدىن نېرى قىلىپ باشقىلارغا باقتۇرمايدۇ ۋە ئۇنى چەت يەرلەردە يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەمما سىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز؟! ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ سۇئاللار مېنى قىيناپ كەلدى.باققان ئاتامدىن سورىسام  ‹‹چوڭ بولغىنىڭدا ئاناڭ ئۆزى سۆزلەپ بېرىدۇ›› دەپ مەندىن قىسمىتىمنى يوشۇرۇپ كەلدى. بۈگۈن سەۋرى قاچام يېرىلىپ سىزنى ئۆزۈم ئىزدەپ كەلدىم.مەندىن ھىچنىمىنى يوشۇرماي بولغان ئىشلارنى ۋە ئەجدادىمنى ئېيتىپ بېرىڭ!
ئانا ئوغلىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ھىس قىلدى.ئەمدى ئۇنىڭدىن كەچۈرمىشلىرىنى يوشۇرىۋېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى.شۇڭا  ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئوغلىنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋاپ بېرىشكە باشلىدى:
-ئەي جېنىم ئوغلۇم،يۈرەك پارەم،توغرا ئېيتىسەن،بىر ئانا ئۈچۈن ئوغلىدىن ئايرىلىپ ياشاش دۇنيادا ھەممىدىن ئېغىر،ھەممىدىن ئازاپلىق.مەن  سېنىڭ بىخەتەرلىكىڭ ئۈچۈن  سېنى ئۆزۈمدىن ۋە ئادەملەر ئارىسىدىنيىراق قىلىپ  يوشۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. سەن بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرۇشقىمۇ پېتىنالمىدىم.چۈنكى ھازىرقى زالىم پادىشاھ زەھھاك سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا  سەن توغرىلىق يامان چۈش كۆرۈپ قالغان ئىكەن.شۇندىن بېرى سېنى ئۆزىنىڭ ئەبەدىلىك دۈشمىنى ۋە يوقاتقۇچىسى دەپ تونىۋالغان ئىكەن.شۇڭا قانچە يىللاردىن بېرى سەن بىلەن ئىسىمداش نەچچە مىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى.شۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي كىچەيۇ- كۈندۈز سېنى ئىزدەشنى، تاپقان ھامان ئۆلتۈرىۋېتىشنى  قەستلەپ يۈردى.شۇ سەۋەپتىن  مەن سېنى يوشۇرۇپ قويۇشقا،ئۆزۈمدىن يىراق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.ئەمدى سېنىڭ ئاتاڭغا كەلسەك، ئاتاڭنىڭ ئىسمى ئاتىبىن ئىدى.ئۇ ئىران زىمىنىدىكى قەدىمى ئۇلۇغ پادىشاھلاردىن تەھمۇرەسنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولىدۇ.ئۇ ناھايىتى باتۇر،ھۇشيار ۋە قەھرىمان ئادەم ئىدى.قەيەردە ناھەقچىلىك بولسا شۇ يەرگە بېرىپ  ناھەقچىلىك پەيدا قىلغۇچى بىلەن كۈرەش قىلاتتى.زالىملار بىلەن دۈشمەنلىشەتتى.لىكىن مۆمىن كىشىلەر بىلەن قىلچە ئازارلاشمايتتى.ھەممە ئۇنى چوڭ كۆرەتتى، ھۆرمەتلەيتتى.پادىشاھىمىز زەھھاكنى كىشىلەر ئەجدىھا پادىشاھ دەپ ئاتايدۇ...
باشتا بايان قىلغىنىمىزدەك پەرىدۇن 16 ياشقا كىرگىچە ئانىسى ئۇنى تاغدىن ئېلىپ كەتمىدى.چۈنكى ئانىسى ئۇنى تېىخى كىچىك دەپ ئويلايتتى.لىكىن پەرىدۇن ئۆزىنىڭ چوڭ بولۇپ قورامىغا يەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ  بۇ يەردە داۋاملىق تۇرىۋېرىشنى خالىمىدى. يىتىلگەن شىر قەپەستە داۋاملىق سولىنىپ  تۇرىۋېرىشكە تاقەت قىلسۇنمۇ؟!پەرىدۇن ئاخىر كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان تەقۋادار كىشى بىلەن خوشلىشىپ ئانىسىنى ئىزدەپ يۇرتىغا قايتتى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئانىسىنى تاپتى.ئانا بالا كۆرۈشۈپ دىدارلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئانىسىدىن ئۆزىنىڭ ئەجدادىنىڭ كىملىكىنى،ئاتىسىنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ،ئانىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى باقماي چەت يەرلەرگە ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قويۇپ  خەققە باقتۇرغانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىنى سۈرۈشتۈردى:
-ئەي ئانا،جاھاندا سەۋەپسىز ئىش يوقتۇر،ھىچقانداق ئانا ئۆز ئوغلىنى ئۆزىدىن نېرى قىلىپ باشقىلارغا باقتۇرمايدۇ ۋە ئۇنى چەت يەرلەردە يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەمما سىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز؟!بۇنىڭغا نېمەسەۋەپچى بولدى؟ مېنىڭ ئاتام قېنى؟ ئۇ نىمىشقا يوق؟ ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا نېمە سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتكەن؟ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ سۇئاللار مېنى قىيناپ كەلدى.باققان ئاتامدىن سورىسام  ‹‹چوڭ بولغىنىڭدا ئاناڭ ئۆزى سۆزلەپ بېرىدۇ›› دەپ مەندىن قىسمەتلىرىمنى يوشۇرۇپ كەلدى.بۈگۈن سەۋرى قاچام يېرىلىپ ئاخىرى سىزنى ئۆزۈم ئىزدەپ كەلدىم.مەندىن ھىچنىمىنى يوشۇرماي بولغان ئىشلارنى ۋە ئەجدادىمنى ئېيتىپ بېرىڭ!
ئانا ئوغلىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ھىس قىلدى.ئەمدى ئۇنىڭدىن كەچۈرمىشلىرىنى يوشۇرىۋېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئوغلىغا ئۇنىڭ سورىغانلىرىنىڭ جاۋاپلىرىنى تولۇق دەپ بەردى:
-ئەي جېنىم ئوغلۇم،يۈرەك پارەم،توغرا ئېيتىسەن،بىر ئانا ئۈچۈن ئوغلىدىن ئايرىلىپ ياشاش دۇنيادا ھەممىدىن ئېغىر،ھەممىدىن ئازاپلىق،مەن  سېنىڭ بىخەتەرلىكىڭ ئۈچۈن  سېنى ئۆزۈمدىن ۋە ئادەملەر ئارىسىدىن يوشۇرۇپ قويۇشقا،سەن بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا پېتىنالمىدىم.چۈنكى ھازىرقى زالىم پادىشاھ زەھھاك سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بىر يامان چۈش كۆرۈپ قالغان ئىكەن.تەبىرچىلەرنىڭ تەبىرىگە ئىشىنىپ سېنى ئۆزىنىڭ ئەبەدىلىك دۈشمىنى ۋە يوقاتقۇچىسى دەپ تونىۋالغان ئىكەن.شۇڭا قانچە يىللاردىن بېرى سەن بىلەن ئىسىمداش نەچچە مىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى.شۇنداقتىمۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ھەقىقى پەرىدۇننى ئىزدەشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدى.كىچەيۇ- كۈندۈز سېنى ئىزدەشنى، تاپقان ھامان ئۆلتۈرىۋېتىشنى  قەستلەپ يۈردى.شۇڭا مەن سېنى بۇ زالىمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن  شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.ئەمدى سېنىڭ ئاتاڭغا كەلسەك ئاتاڭنىڭ ئىسمى ئاتىبىن ئىدى،ئۇ ئىران زىمىنىدىكى قەدىمى ئۇلۇغ پادىشاھلاردىن تەھمۇرەسنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولىدۇ.ئۇ ناھايىتى باتۇر،ھۇشيار ۋە قەھرىمان ئادەم ئىدى.قەيەردە ناھەقچىلىك بولسا شۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلاتتى.زالىملار بىلەن دۈشمەنلىشەتتى.لىكىن مۆمىن كىشىلەر بىلەن قىلچە ئازارلاشمايتتى.ھەممە ئۇنى چوڭ كۆرەتتى.ھۆرمەتلەيتتى.پادىشاھىمىز زەھھاكنى كىشىلەر ئەجدىھا پادىشاھ دەپ ئاتايدۇ.ئۇنىڭ مۈرىلىرىدە ئادەم مېڭىسى بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ئىككى ئەجدىھا پەيدا بولۇپ قالغانمىش.ھەر كۈنى ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ مېڭىسى بىلەن ئۇلارنى باقىدىكەن. ئاتاڭنىمۇ زالىم زەھھاك تۇتقۇزۇپ كېتىپ ئۆلتۈرۈپ ئەشۇ ئەجدىھالارغا يەم قىلىپ بەرگەن.سېنىڭ ئاتىسىز يىتىم ،مېنىڭ ئەرسىز تۇل خوتۇن بلۇپ قېلىشىممۇ ئەشۇ زالىمنىڭ كاساپىتىدىن بولغان.. .
پەرىدۇن ئانىسىدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يۇقارقى تەپسىلاتلارنى ئاڭلاپ بولۇپ شۇنداق قاتتىق غەزەپلىنىپ كەتتىكى، ئاچچىقىدا شۇ ھامان شاھ ئوردىسىغا ماڭماقچى،زالىم شاھ زەھھاكنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشماقچى ۋە ئائىلە قىساسىنى ئالماقچى بولدى.         ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇمكى، تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن پەرىدۇن ئەينى چاغدا 16ياشقا كىرە- كىرمەيلا كۈچ ۋە ئەقىلدە تولۇپ كامالەتكە يەتكەن. دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك باتۇر پالۋانغا ئايلانغان ئېدى.شۇڭا ھىچنىمىدىن قورىقماييتتى. ھەرقانچە يامان جەسۈر پالۋانغا دۇچ كېلىپ قالسىمۇ قىلچە تەپتارتمايتتى.شۇڭا ئانىسىدىن ئەھۋالنى ئۇقۇپلا غەزەپ كۈچىدە قىساس ئېلىشقا ئالدىرىدى.كونىلارنىڭ‹‹ يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس›› دېگەن ھىكمەتلىك تەمسىلى بار.ياشلار قىزىققان كېلەتتى.بەزىدە بۇ ئاجىزلىقى تۈپەيلى خەتەرلىك ئىشلارغا تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلاتتى. لىكىن ئۇ ھەرقانچە باتۇر بولسىمۇ بىر ئۆزى پۈتۈن جاھانغا ھۆكمىرانلىق قىلىۋاتقان ،ئادىمىزات ۋە دىۋە- ئالۋاستىلاردىن بولۇپ نەچچە يۈزمىڭ ئەسكىرى، نەچچە مىڭ داڭلىق قوماندان-سەركەردىلىرى بولغان جاھاندار زەھھاكقا تەنھا تاقابىل كېلەلمەيتتى.
يەنىلا چوڭلار ئەقىللىق،تەدبىركار.ئۇلار قاراملىقتىن ساقلىنالايدۇ.خەتەرلىك پەيتلەردە ياشلارنى قاراملىق ۋە بىھۇدە زىيان-زەخمەتتىن ساقلاپ قالالايدۇ. پەرىدۇننىڭ بۇنداق قاراملىقىغا ئانىسى قاراپ تۇرۇپ يول قويسۇنمۇ ؟! ئانا باتۇر ئوغلىغا  نۇرغۇن پەندى-نەسىھەتلەرنى قىلىپ،سەۋرىنىڭ تەڭداشسىز كۈچىنى،كېڭەشلىك ئىشنىڭ خەيرىيىتىنى،ھەرقانداق بىر ئىشنى پۇرسىتى پىشقان، ۋاقتى -سائىتى يىتىپ كەلگەندە قىلسا ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى يىغلاپ- يالۋۇرۇپ يۈرۈپ چۈشەندۈردى. غەزەپ كۈچىدە يۈرىكى يالقۇندەك كۆيۈۋاتقان قارام ئەزىمەتنى ئاران تەستە پەيلىدىن ياندۇرۇپ توسۇپ قالالىدى.
ئەمدى گەپنى باشقا ياقتىن ئاڭلايمىز.بۇ دۆلەتتە كاۋە ئىسىملىك بىر تۆمۈرچى بار ئىدى.ئۇنىڭ 18 ئوغلى بار بولسىمۇ،لىكىن يىللاردىن بېرىقى زەھھاكنىڭ ياش ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ مىڭىسىنى  بەدىنىدىكى ئەجدىھالىرىغا يەم قىلىپ بېرىش زۇلمى تۈپەيلىدىن قالغان 17 ئوغلى بىر -بىرلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ ئاخىرقى بىرسى قالغان ئىدى.زەھھاك ۋە ئۇنىڭ چاپارمەنلىرىدە قىلچىمۇ رەھىم شەپقەت دىگەن نەرسە يوق ئىدى.دەل شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇربانلىق نۆۋىتى كاۋەنىڭ 18-ئوغلىغا كىلىپ ياۋۇز چاپارمەنلەر ئۇنىمۇ ئەجدىھالارغا يەم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىپ كەتتى.
بۇ گەپ مەشەدە تۇرۇپ تۇرسۇن ئەمدى گەپنى زالىم زەھھاكتىن ئاڭلايمىز. مىڭ يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئەيىقى چىقماس زور زۇلۇم ،ئەجدىھالارنىڭ يەپ تويماس نەپسى زەھھاكنى پۇتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ شاھىغا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئېدى.زۇلۈم –كۈلپەتنى يەتكىچە كۆرگەن خەلق زەھھاكنىڭ پەرىدۇنغا  ئالاقىدار چۈشى ۋە چۈش تەبىرىدىن خەۋەر تېپىشقاندىن بېرى پۈتۈن  ئۈمىدىنى پەرىدۇنغا باغلىشىپ ،پەرىدۇننىڭ تېزراق دۇنياغا كىلىشىنى،زەھھاكقا قارشى قوزغۇلۇپ چىقىپ ئۆزلىرىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈشمەكتە ئىدى.زەھھاك بۇنى بىلمەي قالمايتتى.ئۇ خەلىقنىڭ رايىنى ئۆزىگە قارىتىش،  رايىنى پەرىدۇندىن سوۋۇتۇش مەقسىدىدە مىڭلىغان پىتنىچى كاززاپلارنى تەربىيەلىدى. بۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ دانا،ئەڭ ئادىل پادىشاھ،پەرىدۇننى بولسا ئەڭ ياۋۇز مەخلۇق،ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش ئالۋاستىسى،ئۇنىڭ مەيدانغا كەلگەن كۈنى ئىنسانلارغا ئاپەت ياغىدىغان كۈن ئىكەنلىكىنى سۆز-چۆچەك قىلىپ تارقىتىپ خەلقنى ئىشەندۈرمەكچى، ماھىر قەلەمكەشلەرگە ئۆزىنى ئەڭ دانا،ئەڭ ئادىل،ئەڭ قۇدرەتلىك شاھ دەپ ماختاش،پەرىدۇننى ئەڭ ناچار سۈپەتلەر بىلەن يامان كۆرسۈتۈپ ئەيىپلەش پەرمانىنى يازدۇرۇپ ئۇنى ئەل ئىچىگە تارقاتماقچى ،خەلق ۋەكىللىرىگە ئىمزا قويغۇزۇپ ئەلنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇپ تۇرىۋاتاتتى.                                  بۇ مەقسەدكە يېتىش ئۈچۈن بۇرۇنقى زالىم بىپەرۋا قىياپىتىنى يوشۇرۇپ ئۆزىنى ئادىل، ھەققانى رەھىمدىل قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتاتتى. ھەر كۈنى ئوردىسىغا چىقىپ پۇخرالارنى قوبۇل قىلىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان،ئەرز دات ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئەرزىنى سورايدىغان بولىۋالدى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۆمۈرچى كاۋە ئۇنىڭ ئالدىغا دات- پەرياد سېلىپ ئەرىز ئېيتىپ كىردى:
-دات پادىشاھى ئالەم!ماڭا ئېغىر زۇلۇم قىلدى!
  زەھھاك ئۆزىنى رەھىمدىل خەلقپەرۋەر قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنۇپ سورىدى:
-ساڭا كىم زۇلۇم قىلدى؟قورىقماي ئېيت،مەن ئۇنى قاتتىق جازالاپ ئەنتىڭنى ئېلىپ بېرەي!
-ئەي ئۇلۇغ شاھ،  ماڭا زۇلۇم قىلغۇچى بەكمۇ چوڭ ھۆكۈمراندۇر.ئۇنى جازالاشقا سەن   ئاجىزلىق قىلىسەن!
بۇ سۆز زەھھاكنى ھەيران قالدۇردى:
-نىمە دىدىڭ؟!مەنمۇ جازالاشقا پېتىنالمىغۇدەك،مەندىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك كىمكەن ئۆزى؟!
-كىم بولاتتى،باشقا بىرى ئەمەس دەل سەن ئۆزۈڭ زۇلۇم قىلدىڭ! سەن ئۆزۈڭنى جازالاشقا پېتىنالامسەن؟!
- سەن زاد كىم؟نىمە دەۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟!  مەن ئەزەلدىن سېنى كۆرۈپ باقمىسام، قانداقسىگە ساڭا زۇلۇم قىلغان بولىمەن؟!
-ئەي شاھ،مىنىڭ ئىسمىم كاۋە،كەسپىم تۆمۈرچى،ئەزەلدىن بىر چۈمۈلىگىمۇ زىيان سالماي يۇۋاشلىق بىلەن ھۈنىرىمگە تايىنىپ  ياشاپ كىلىۋاتقان ھۈنەرۋەن ئادەم ئىدىم.تەڭرى ماڭا 18 ئوغۇل ئاتا قىلغان،جاھاننى مىنىڭ بالىلىرىم بىلەن ئاۋات قىلغان ئىدى.لىكىن سەن زالىملىقتا، رەھىمسىزلىكتە چىكىگە يېتىپ يىللاردىن بېرى 17ئوغلۇمنى بىر -بىرلەپ  تۇتقۇزۇپ كىلىپ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ مىنى ئەشۇجانجىگەرلىرىمدىن، يۈرەك پارىلىرىمدىن ئايرىدىڭ. شۇنداق بولسىمۇ ھايات  قالغان بىر ئوغلۇمغا شۈكۈر قىلىپ  زۇلمىڭغا چىداپ ياشاپ كەلگەن ئىدىم.ئەمما بۈگۈن قول ئاستىڭدىكىلەرگە بۇيرۇپ قالغان ئەشۇ بىر ئوغلۇمنىمۇ تۇتقۇزۇپ كىلىپ  ئەجدىھالىرىڭغا يەم قىلىپ بەرمەكچى بولدۇڭ.مەن ئەمدى سەۋرى قىلىپ تۇرالماي ئالدىڭغا دات ئېيتىپ كەلدىم.سەندىن باشقا ھىچنىمىنى تەلەپ قىلمايمەن،ئەشۇ بىر ئوغلۇمغا بولسىمۇ رەھىم قىلىپ ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەرسەڭ.ئەگەر ‹‹بولمايدۇ ماڭا ئادەم كاللىسى كېرەك›› دەپ تۇرىۋالساڭ مانا مەن ئوغلۇمنىڭ ئورنىدا  ساڭا قۇربانلىق بولاي،ئوغلۇمنى ئۆلتۈرمەي ئكزۈمگە قايتۇرۇپ بەرگىن!
زەھھاك كاۋەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئادەتتىكى چاغلاردىكى تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتىن بىرنى قىلىپ چاپارمەنلىرىگە بۇيرۇپ كاۋەنىڭ ئوغلىنى سولاقتىن بوشاتقۇزۇپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بىرىپ دىدى:
-ئەي تۆمۈرچى،مانا دېگىنىڭنى قىلىپ ساڭا ئوغلۇڭنى قايتۇرۇپ بەردىم. ئەرزۇ -ھالىڭغا يەتتىم،ئەمدى سەنمۇ مىنىڭ بىر تەلىپىم بار شۇنى ئورۇنلاپ بېرەلەمسەن؟
-بولىدۇ ئورۇنلاپ بېرەي!
-ياخشى،مەن بۈگۈندىن تارتىپ  سەن بىلەن دوست بولماقچى،يېقىن تۇققانلاردەك  ئۆتمەكچى.سەندىن كۈتىدىغان تەلىپىم شۇكى،بىزدە بىر مەدھىيەنامە بار،سەن شۇنىڭغا قول قويۇشۇڭ ۋە ئۇنى ئېلىپ چىقىپ خەلىققە تەشۋىق قىلىشىڭ كېرەك.
-قېنى مەدھىيەنامىنى كۆرۈپ باقاي!
چاپارمەنلەر ‹‹مەدھىيەنامە››نى كاۋەگە بەردى.كاۋە كۆردىكى بۇ مەدھىيەنامىدا دۇنيادا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان،پۈتۈن ئىنسانلارغا ئاپەت ياغدۇرغان مەشھۇر زالىم شاھ زەھھاك ئەڭ ياخشى سۈپەتلەر بىلەن ئەڭ ئادىل،ئەڭ قۇدرەتلىك،ئەڭ مىھرىبان پادىشاھ دەپ مەدھىيەلەنگەن.تېخى باش كۆتۈرۈپ مەيدانغا چىقمىغان پەرىدۇن بولسا ئالۋاستىدىنمۇ ۋەھشى، قەبىھ، ئەڭ ياۋۇز،بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىلىپ ئەپسانە تىللار بىلەن سۆكۈلگەن ئىدى.بۇنى كۆرگەن كاۋەنىڭ بەدىنىىنى تىترەك باستى.غەزىپىدىن قانلىرى شۇۋۇلداپ ئاققاندەك بولۇپ كۆزلىرى چەكچەيدى.ئۇ  مەدھىيەنامىنى يىرتىپ نەچچە پارچە قىلىپ زەھھاكقا  تاشلاپ بەردى ۋە  ئاۋازىنى گۈلدۈرمامىدەك چىقىرىپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي زالىم،‹‹قىلغان ئىشلىرىمنى ئاللاھ بىلمەيدۇ،جىنايەتلىرىمنى ئەلدىن يوشۇرۇپ قالالايمەن›› دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟!سەن ھازىر بىر ئۇلۇغ پادىشاھقا ئەمەس،جىن -ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قاپسەن.بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىپ ئىنسان قىياپىتىدىكى دىۋە ئەھرەمەنگە ئايلىنىپ پۈتۈن دۇنيانى قاراڭغۇ- زۇلمەتكە تىقماقچى بولىۋېتىپسەن.سېنىڭ قىلغىنىڭ خاتا،كەچۈرگۈسىز جىنايەت! سەن ئەمدى ‹‹داۋاملىق خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىمەن،بېشىغا دەسسەيمەن،زۇلۇمغا تايىنىپ جاھان سورايمەن››دەپ ئويلاۋاتقانسەن.سەن بىلمەپسەنكى، خەلق ئۇنچىۋالا نادان ئەمەس.كىم ياخشى،كىم يامان؟ كىم شەپقەتلىك،كىم شەپقەتسىز؟ كىم يالغانچى،كىم راستچىل ؟ھەممىنى ئېنىق بىلىدۇ.مەن ئاق بىلەن قارىنى،ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسەم،بىر بالامنى دەپ مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ زىيىنىنى كۆزلىسەم ئاللاھ مېنى كەچۈرمەيدۇ.خەلق سۆزۈمگە ئىشىنىش ئورنىغا يۈزۈمگە تۈكۈرۈپ،پوق سۈيدۈككە چۆكۈرۈپ خائىنلارغا بېرىدىغان ئەڭ ئالى جازانى بېرىدۇ.شۇڭا مەن ئۇنداق قىلالمايمەن.سەندىنمۇ قورقمايمەن.چۈنكى  ئەمدى سېنىڭ دەۋرىڭ تۈگىدى.سەن ئەمدى ھاياتىڭدىن ئۈمىدىڭنى ئۈزۈپ دوزاخقا كىرىشكە،جىنايەتلىرىڭدىن ھېساپ بېرىشكە تەييارلان!
كاۋە گېپىنى تۈگىتىپ يەرگە ‹‹شالاققىدە ›› بىرنى تۈكۈرىۋېتىپ  ئوغلىنى باشلاپ خۇددى بازاردىن قايتقان دىھقاندەك  بىخارامان ھالدا چىقىپ كەتتى.  زەھھاك قاتتىق غەزەپلىنىپ كۆمۈردەك قارىداپ كەتتى.بەدىنى لاغىلداپ تىترىدى.لېكىن  زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك بولۇپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي جىم تۇرۇپ قالدى.چاپارمەنلىرىدىن  ھەممىسى قوزۇقتەك قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ بىرەرسىمۇ كاۋەنىڭ ئالدىنى توسۇشقا پېتىنالمىدى.
كاۋە چىقىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن شاھنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بايا ھۇشسىزلىنىپ كېتىپ مانا ئەمدىلا ھۇشىغا كەلگەندەك بولۇشتى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك غوڭۇلدۇشۇپ كېتىشتى. شاھقا بولغان چىن ساداقىتىنى،كاۋەگە بولغان چوڭقۇر  غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادىلەپ شاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش  ئۈچۈن  شاھ ئالدىدا  ئېغىز ئېچىشىپ بەس-بەستە كاۋەنى ئەيىپلەشتى .كېيىن  شاھتىن كاۋە شاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ھەددىدىن ئاشسا، بىھۆرمەتلىك قىلىپ شاھلىق سەلتەنىتىنى ھاقارەتلىسە،نىمە ئۈچۈن شۇ زامات غەزەپلەنمىگەنلىكى، ئەكسىچە كاۋەگە كەڭچىلىك قىلىپ بالىسىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى،چەكتىن ئاشقان گۇناھى ئۈچۈن ئۇنى  ئۆلۈمگە بۇيرىمىغانلىقى،جازا توغرىلىق لام- جىم دىمەي ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىگە يول قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراشتى.زەھھاك ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدى:
-ئاجايىپ ئىش،بۈگۈن كاۋە ئىشىكتىن كىرىپ  ئالدىمدا تۇرۇشى،ئاۋازىنى قۇلۇقۇم ئاڭلىشى ھامان  خۇددى ئارىمىزدا غايىۋى تۆمۈر تام پەيدا بولغاندەك، ئىككى يەلكەمدىن ئىككى زور تاغ بېسىپ تۇرغاندەك تۇيۇلۇپ ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلالمىدىم.قىلچىلىك زىيان يەتكۈزۈشكە پېتىنالمىدىم،بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
بۇ جاۋاپتىن قول ئاستىدىكىلەر قانداقتۇر بىر بىشارەتنى چۈشەنگەندەك بولۇشۇپ قايتا ئېغىز ئاچالمىدى.شۇڭا ھېچكىم ئوشۇق-تۆشۈك گەپ قىلالماي ھەممىسى جىم تۇرۇشتى.
كاۋە ئوردىدىكى چاغدىلا  شاھتىن يۈز ئۆرۈگەن ئېدى.ئۇ ئوردىدىن چىقىپلا ئۇدۇل تۆمۈرچىلىك دۇكىنىغا باردى. دۇكانغا كىرىپلا قولىغا تۆمۈرچىلىك قىلغاندا ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئالدىغا تارتىۋالىدىغان پەرتۇقىنى ئالدى.ئاندىن ئۇنى بىرسى بۇيرۇپ قويۇپ تېخى ئېلىپ كەتمىگەن تۆمۈر نەيزىنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ئەپچىلگىنە  بىر بايراق ياسىدى.ئاندىن ئۇنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقتى. ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ خەلىقنى زەھھاكقا قارشى جەڭ قىلىشقا،زۇلۇمغا قارشى قوزغۇلۇشقا، پەرىدۇننى تېپىپ شاھ قىلىپ تىكلەپ  زەھھاك خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلدى.ئۇزاق زامانلاردىن بېرى زەھھاكنىڭ زۇلمىنى يەتكىچە تارتقان،قىساسلىرى ئىچىگە پاتماي قالغان،ھەرقاچان پارتلاشقا تەييار تۇرسىمۇ يەنىلا پارتلىيالماي بۇرۇقتۇمچىلىقتا تۇرۇپ قالغان
ئاۋام خەلققە كاۋەنىڭ بۇيرۇقى پارتلاتقۇچ بومبىنىڭ پىلىكى بولۇش رولىنى ئوينىدى.بۇ بومبا بىرلا پارتلىۋىدى خەلقنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بېرى يىغىلىپ قالغان غەزەپ نەپرەتلىرى ئۇلۇغ دەريانىڭ ھەيۋەتلىك تاشقىن سۈيىدەك بىراقلا تاشتى.
ئاۋام خەلق كاۋەنى كوچىدىلا ئورىۋېلىشتى.غەزەپتىن كۆزلىرى چەكچەيگەن،مۇشتلىرى چىڭ تۈرۈلگەن كاۋە ئادەملەر توپىغا،تەرەپ-تەرەپلەردىن دەۋرەپ كېلىۋاتقان ئالامانغا تىنماي ۋارقىراپ باراتتى:
     -ئەي خالايىق،پادىشاھ زەھھاكنى  ئادەممىكىن دېمەڭلار.ئۇ ئادەم ئەمەس ،بەلكى دىۋە ئەھرەمەن ئىكەن.ئۇ شەيتان ئىبلىس بىلەن بىرلىشىۋېلىپ  بىزگە چىدىغۇسىز زۇلۇم قىلدى. قىزلىرىمىزنى، ئوغۇللىرىمىزنى ناھەق ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىپ،پاك مېڭىسىنىڭ قېتىقى بىلەن مۈرىسىدىكى شەيتاندىن بولمىش ناپاك  ئەجدىھالىرىنى بېقىپ كەلدى.بۇزالىمنىڭ  مىڭ يىلدىن بېرى بىگۇناھ ئۆلتۈرگەن ئادەملىرى ھەددى –ھېساپسىزدۇر. مانا مېنىڭمۇ 18 ئوغلۇم بار ئىدى . ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تويماس ئەجدىھالىرىنى باقتى. يۈرەك باغرىمنى چىدىغۇسىز ئازاپلىدى.مەن بۈگۈن جاندىن تويدۇم،سەۋرى- قاچام توشتى.يەنە چىداپ تۇرىۋەرسەم  ئۇ ھەممىمىزنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكۈدەك، زالىمغا بوزەك بولۇپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ  مەرتلەرچە ئۆلگەن مىڭ ئەۋزەل. ھەممەيلەنگە مەلۇم،زەھھاكنىڭ  ئۆلۈم تەقدىرى پەرىدۇنغا باغلىنىشلىق،بۇ زالىم پەرىدۇننى يوقۇتۇش ئۈچۈن قىلمىغان ئەسكىلىكلىرىرى  قالمىدى. نەچچە ئونمىڭ بىگۇناھ كىشىنى  گۇمان بىلەن ناھەق ئۆلتۈردى.لىكىن قانچە قىلسىمۇ پەرىدۇننى يوقۇتالمىدى. مانا ھازىر پەرىدۇن مەيدانغا كىلىپ زالىم زەھھاكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن جەڭگە تەييارلىنىۋاتىدۇ.مانا مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ زالىمدىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ قوزغالدىم.ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يېتىۋېرىشنى خالىمايدىغان، ناھەق ئۆلگەن قەۋمى- قېرىنداشلىرى،پەرزەنتلىرى ئۈچۈن زالىمدىن  قىساس ئېلىشنى ئىستەيدىغان مەرتلەر بولساڭلار  مىنىڭ بىلەن يۈرۈڭلار.مەن بۈگۈنلا بېرىپ پەرىدۇننىڭ سېپىگە قېتىلىمەن. ئاخىرقى نەپسىمگىچە قەدەر قۇرالنى يەردە قويماي،ئارام ئالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇللىرىمنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىمەن!
كاۋەنىڭ  بۇ چاقىرىقنامىسى تازا قۇرۇپ  قاخشال بولغان،ئۈستىگە بىنزىن چېچىلىپ ئوت يېقىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئوتۇن دۆۋۈسگە تۇيۇقسىز ئوت يېقىلغاندەك،ئوقنى بەتلەپ كىرىچنى راسا تارتىپ ئېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئوقينىڭ ئوقىنى قويۇۋەتكەندەك،ياكى پارتلاشنى كۈتۈپ تۇرغان زور يانار تاغ ۋاقتى سائىتى كېلىپ بىردىنلا  پارتىلاپ چىققاندەك غايەت زور تۇترۇقلۇق رول ئوينىدى.ئۇنى كۆرگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغانلا كىشى قىلىۋاتقان  ھەرقانداق ئىشىنى تاشلاپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇ مەردانە قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.پەرىدۇننىڭ يۇرتى تەرەپكە قاراپ ماڭماقتا ئېدى. تارام -تارام ئېقىنلاردىن دەريا ھاسىل بولغاندەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قوزغالغان يول-يوللار،كوچا مەھەللىلەردىن قوشۇلغان،خەۋەرنى كېچىكىپرەك ئاڭلاپ كەيندىن يېتىشىۋالغان ئالامان بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتە ئۆتمەيلا  نەچچە تۈمەندىن ئېشىپ كەتتى دەۋرەپ كىلىۋاتقان، دەھشەتلىك كەلكۇن سۇيىدەك  قوزغالغان خەلىق توپىدىن ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغۇدەك،تاغنىمۇ يالماپ كەتكۈدەك غايەت زور تاشقىن كۈچ  ھاسىل بولدى. خەلق توپى يەنىلا داۋاملىق دەۋرەپ كىلىپ سەپكە قېتىلماقتا ئىدى.
بۇ زور ئالامانغا كاۋە يولباشچى ،نەيزە ئۇچىدىكى تۆمۈرچىلەرنىڭ خروم پەرتۇقى ئىنقىلاپ بايرىقى بولدى. كاۋە زۇلۇمغا قارشى  قوزغالغان،ئارقىسىغا ئەگەشكەن  خەلقنى ئەگەشتۈرگىنىچە پەرىدۇننىڭ يۇرتى ۋە ئۆيىنى نىشانلاپ ئۇلۇغۋار كۈرەشكە باشلاپ ماڭدى.
بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ئەتراپقا تارقاپ كەتتى.زەھھاكنىڭ چاپارمەنلىرى بۇ خەۋەرنى دەرھال ئۇنىڭغا يەتكۈزۈشتى.زەھھاك تۇيۇقسىز قوزغالغان بۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ تېزلىكى ۋە شىددىتىدىن مەڭدەپ قالدى.شۇنداقتىمۇ تەدبىر كۆرۈش ئۈچۈن لەشكەرلىرىنى قوزغىلاڭچىلارغا قارشى ئۇرۇشقا  چىقىرىپ قوزغىلاڭنى دەھشەتلىك باستۇرماقچى بولدى. خەلق شۇنداق كۆپ قوزغالغان ئىدىكى بەئەينى توسقۇنسىز دېڭىز دولقۇنىغا ئايلانغان ئىدى.ئۇلار قوللىرىغا نىمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن قوراللىنىپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرلەپ بارماقتا،قوشۇنى ئۇلغايغانسېرى غەيرەت جاسارىتى ھەسسىلەپ  ئاشماقتا ئىدى.
زەھھاكنىڭ لەشكەرلىرى زورمۇ-زور ئۇرۇشقا چىقىپ قوزغىلاڭچىلار بىلەن توقۇنۇشتى. بۇنداق زور ئالامانغا قارشى جەڭ قىلىش كۈچلۈك بوراننى ئاجىز شامال بىلەن توسىمەن دىگەندەك ئەخمەقلىق ھېساپلىناتتى. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئۇرىشا- ئۇرۇشمايلا پادىشاھ لەشكەرلىرى قوزغىلاڭچىلارغا  تەڭ كىلەلمەي رەسۋالارچە  چېكىندى. بۇ ھال قوزغۇلاڭچىلارنىڭ غەيرەت جاسارىتى ۋە غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.
جەڭدىن كېيىن كاۋە قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ  پەرىدۇننىڭ ئۆيىگە باردى.ئۇلار پەرىدۇن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىپ ئۇنى ئۆزلىرىگە يېڭى شاھ قىلىپ تىكلەشتى.تۆھپىسىگە ئاساسەن  كاۋە باش ۋەزىر بولۇپلاقالماي چوڭ لەشكىرى سەركەردىلەر سېپىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. بۇ قوزغىلاڭدا كاۋەنىڭ پەرتۇق بايرىكى غايەت زور رول ئوينىغان ئېدى.شۇڭا بۇ تۆھپىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن پەرىدۇن كاۋە ئېلىپ بارغان پەرتۇق بايراقنى يىپەككە ئورىدى. ئەتراپىغا گۆھەر، ياقۇت،زەر ۋە ئالماسلارنى قاداپ جۇلالاندۇرۇپ ‹‹زەپەر بايرىقى›› قىلدى.كاۋەنىڭ بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىكى بۈيۈك  تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن شاھ پەرىدۇن بۇ بايراقنى ‹‹كاۋە بايرىقى›› دەپ ئاتىدى.بۇ بايراقنىڭ بىر تەرىپى سېرىق ۋە كۆك،يەنە بىر تەرىپى قىزىل رەڭدە ئېدى. شۇندىن كېيىن ئىران زىمىنىدا بۇ بايراق ئەڭ ئەتىۋارلىنىدىغان بايراققا ئايلاندى.بەخت- ئامەتكە، زەپەرگە سىمۋول قىلىنىدىغان بولدى. ھەم شۇندىن كېيىنكى دەۋرلەردە كىمىكى تەختكە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ تاج كىيسە تاج كىيىش مۇراسىمىدا بۇ بايراقنى ئۇلۇغلاپ ئۇنى ئۈنچە مەرۋايتلار بىلەن يېڭىدىن بىزىتىدىغان بولدى.ئۇندىن باشقا ئىران قوشۇنى جەڭگە چىقسا بۇ بايراق ھەممىنىڭ ئالدىدا بارلىق تۇغلارنىڭ شاھىنشاھى بولۇپ باشقىلىرىنى باشلاپ ماڭاتتى.
بىر كۈنى شاھ پەرىدۇن زەھھاكقا قارشى يۈرۈش قىلىش ئىشىنى مەسلىھەت قىلىش ۋە ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانىسى بىلەن كۆرۈشمەك بولۇپ شاھانە كۇلاھىنى كىيدى.ئانىسىنىڭ ھوزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن مەقسىدى توغرىلىق ئېغىز ئېچىپ مۇنداق دېدى:
     -ئەي ئانا،زەھھاك بىلەن بۇرۇن جەڭ قىلاي دېسەم مېنىڭ يالغۇزلۇقۇمدىن ئەنسىرەپ قوشۇلمىغان ئېدىڭىز. مانا ئەمدى مېنىڭمۇ زور قوشۇنۇم بار بولدى.جەڭگە بارسام ئۇ زالىم بىلەن كۈچ ئېلىشالايمەن. ماڭا رۇخسەت قىلىڭ،قوشۇنلىرىمنى باشلاپ زالىم زەھھاكقا قارشى يۈرۈش قىلىشنى، ئاتامنىڭ ۋە بىگۇناھ ئۆلگەن  كىشىلەرنىڭ   قىساسىنى ئېلىشنى باشلاي.ئەمدى سىز مىنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا ھەر كۈنى دۇئا قىلىپ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن مىنىڭ غەلىبە قازىنىشىمنى دۈشمەننىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇشۇمنى تىلەڭ. دانا ئەجداتلار‹‹ ئانا دۇئاسى ئوق›› دىيىشىدىكەن.سىزنىڭ دۇئايىڭىزنىڭ بەركاتى بىلەن ئاللاھ ئىگەم قىساسىمىزنى ئېلىشقا ،زالىم زەھھاكنى دەۋزەخكە يوللاشقا نىسىپ ئەتسە ئەجەپ ئەمەس!
ئانا ئۇنىڭ بەخت- ئىقپالى، جەڭدىكى غەلىبە- نۇسرىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىپ ئۇنىڭ جەڭگە چىقىشىغا رازىلىق بەردى.پەرىدۇن دۈشمەننىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قېلىپ ئالدىن  پۇختا تەييارلىق قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانچە جار سېلىپ كەتمەي بۇ چوڭ جەڭ ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.
پەرىدۇننىڭ يەنە  بەختى- پىشانىسى ئوڭ،باتۇر ۋە ئاقىل  ئىككى ئىنىىسى بار ئېدى. بۇلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى كەيانۇش،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇرمايا ئىدى.پەرىدۇن ئۇلارغا دىدىكى:
-ئەي ئەزىز ئىنىلىرىم،تەقدىر قىسمەت بىزگە كۈلۈپ قاراپ ،بەخت- ئىقبالىمىزنى ئوڭ قىلماقتا.سىلەر تېزراق چوڭ بولۇپ مىنىڭ ئىشلىرىمغا يار -يۆلەك بولۇڭلار. ھازىر مەن سىلەرگە مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرىمەن.شۇ ئىشنى بىجىرىپ بەرگەيسىلەر.
ئىنىلىرى ئاكىسىغا ياخشى ۋەدىلەرنى بەردى.پەرىدۇن ئۇلارغا مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرۇپ كاۋە بىلەن بىرلىكتە نەيزە ،قىلىچ، گۈرزە،يالمان دىگەندەك خىلمۇ- خىل جەڭ قوراللىرىنى  ياسىتىپ لەشكەرلەردىكى قۇرال يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا بۇيرۇدى.ئۇلار تەرەپ -تەرەپتىن  ئۇستا تۆمۈرچىلەرنى چاقىرتىپ كېلىپ  كىچەيۇ- كۈندۈز قۇرال-ياراق  ياسىتىشقا كىرىشتى. باشقا سەركەردىلەرمۇ لەشكەرلەرنى جەڭ مەشقى قىلدۇرۇپ جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگەتتى. پەرىدۇن كىچىكۋاقتىدا ئۆزىنى پاك ۋە قۇۋۋەتلىك سۈتلىرى بىلەن باققان ۋاپادار سىيىر بەرمايەنى ئەسلەپ تۇرۇش ۋە جەڭدە ئۇنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن كالابېشى شەكىللىك گۈرزە ياساتماقچى بولدى. تۆمۈرچىلەر  پەرىدۇننىڭ گۈرزە نۇسخىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك بىر كالا باشلىق گۈرزىنى ياساپ چىقىشتى.بۇ گۈرزىنى پەرىدۇندىن باشقىلار قىمىرلىتالماس ئىدى.بۇ گۈرزە دەل زەھھاك  بۇندىن يىگىرمە يىل بۇرۇن  چۈشىدە كۆرگەن كالا باشلىق  گۈرزە ئىدى. گۈرزە پۈتكەندىن كېيىن پەرىدۇن ئۇنى ياسىغان ئۇستىكارلارغا كاتتا مۇكاپاتلارنى بېرىپ دۇنيادىن بىھاجەت قىلىۋەتتى. بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن خاسىيەتلىك بىر كۈننى تەيىنلەپ قوشۇنلىرى بىلەن زەھھاكقا قارشى يۈرۈش قىلىشنى باشلىۋەتتى.

پەرىدۇن ئاتا قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن جەڭ قىلماققا بىلىنى مەھكەم باغلىغان ئېدى.قەدىمكىلەردە چوڭراق  بىر ئىش باشلاشتىن بۇرۇن پالچىلارغا پال ئاچقۇزۇپ خاسىيەتلىك ۋاقىت- سائەتلەرنى تاللىتىدىغان ئادەت بار ئېدى.پەرىدۇنمۇ شۇ رەسىم بويىچە    ئەقىلدار ئۆلىمالىرىغا پال ئاچقۇزدى. ئۇلار جەڭ باشلىماق ئۈچۈن تاللاپ بەرگەن باھار ئايلىرىدىكى كۈن- تۈن تەڭلەشكەن خۇش مۇبارەك        بىر كۈنى لەشكەر ۋە  سەركەردىلىرىنى باشلاپ  زەھھاك بىلەن جەڭ قىلىش،  قەبىھ ياۋۇز دۈشمىنىنى يوق قىلىشتەك ئۇلۇغ جەڭگە ئاتلىنىپ چىقتى. قىساس ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگەشكەن  لەشكەر- سەركەردىلىرى شۇ قەدەر كۆپ ئىدىكى، چېكى كۆرۈنمەيتتى.ئەگەر بىرەر مەنزىلگاھقا كىلىپ چىدىر- بارگاھ تىكىپ ئارام ئالىدىغان بولسا چېدىر بارگاھلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىنى چىدىر -بارگاھ قاپلاپ كەتكەندەك كۆرىنەتتى.ئۇلار يوليۈرگەندە مول يۈرۈپ ،ئارام ئېلىشقانلىرىدا ئوبدان يەپ ئىچىپ ئارام ئېلىشىپ، شۇ خىلدا  يۈرۈش قىلىشماقتا ئىدى.
بىر كېچىسى ئۇلار بىر ھاۋالىق جايغا چۈشكۈن قىلىپ ئارام ئېلىشتى. ھەممىسى ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن پەرىدۇننىڭ ئىككى ئىنىسى  يوشۇرۇن سۈيىقەست بىلەن بارگاھلىرىدىن ئايرىلىپ  ئاستا سىرتقا چىقىشتى. ئۇلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچراپ شەيتانغا ئەل بولغان، ئاكىسىنى يوشۇرۇن قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ ئورنىغا شاھ بولۇشتەك  يامان نىيەت بىلەن چىقىشقان ئېدى.
پەرىدۇننىڭ بارگاھى بۇرزكۇھ ناملىق بىر تاغنىڭ باغرىدا ئىدى. ئىنىلىرى يامان نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاغ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىشىپ پەرىدۇننىڭ چېدىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئۆيدەك چوڭلۇقتىكى بىر تاشنى قومۇرۇپ  ئۇنى پەسكە قارىتىپ دومىلاتماق بولۇشتى.ئەگەر زور تاش تاغدىن دومىلاپ چۈشۈپ پەرىدۇننى بېسىپ ئۆلتۈرىۋەتسە  بۇ بىر تەبىئى ھادىسە ھېساپلىنىپ  ھىچكىم ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇمانلانمايتتى.لىكىن پەسكەش قەستچىلەر  بىلمەيتتىكى، تەڭرى ھامى بولغان، بەخت- ئامىتى ئوڭدىن كېلىۋاتقان  كىشىنى ھىچكىم ،ھىچنىمە قەستلەپ ئۆلتۈرەلمەيتتى.
ئىككى كۆڭلى قارا قېرىنداش  سىمسىياھتەك كىچە قوينىدا يوشۇرۇن قەستنىڭ كويىدا  ئۆيدەك چوڭلۇقتىكى بىر تاشنى قومۇرۇپ ئېلىپ پەسكە دومىلاتتى. تاش گۈلدۇر-قاراس ئاۋازلارنى چىقىرىپ ھەيۋەت بىلەن پەسكە دومىلىدى.ئۇلار كۆڭلىدە ‹‹قەستىمىز ئەمەلگە ئاشتى،پەرىدۇن چوقۇم مىجىلىپ ئۆلدى›› دەپ ھېساپلاشتى.لېكىن ئەمەلىيەتتە  پەرىدۇن ئۆلمىدى.ئاللاھ ئۇنى ئاگاھلاندۇردى.پەرىدۇن قاراسلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ تېزلىكتە  سىرتقا چىقتى.شىددەت بىلەن دومىلاپ چۈشكەن زور قورام تاش ئۇنى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئازلا قالغاندا  كارامەت ئىش يۈز بېرىپ بىرسى ‹‹توختا›› دەپ بۇيرۇق بەرگەندەك كەلگەن يېرىدە  چىپپىدە توختاپ قالدى. ئىنىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن شۇنى چۈشەندىكى، ئاكىسىغا خۇدا يار ئىكەن.ئەمدى ھېچبىر مەخلۇق ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرەلمەيدىكەن. ئۇلار ھەققانىيەتنى تونىغان چاغدا قاباھەتلىك چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك بولۇشتى.گەرچە بۇ قەستنى ھىچكىم بىلمىگەن بولسىمۇ دەرھال ئاكىسىنىڭ يېنىغا كىرىشىپ قىلغان گۇناھلىق ئىشلىرىنى ئېيتىشتى.يىغلاپ تۆۋە قىلىشىپ ئۆزلىرىنى ئېغىر  جازالاشنى تەلەپ قىلىشتى. لىكىن پەرىدۇن ئۇلارنى جازالىمىدى. قىساسخورلۇقتىن  قېرىنداشلىقنى،ئەل ئىشىنى مۇھىم دەپ بىلدى.  ئۇلارغا بۇندىن كېيىن توغرا يولدا مېڭىش ھەققىدە نەسىھەتلەر قىلىپ ئۆز  ئەركىگە قويۇۋەتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە زور قوشۇن يەنە ھەربى يۈرۈشنى باشلىدى. تۆمۈرچى كاۋە  باش بايراقدار بولغان ئېدى.ئۇ ئۆزى ياسىغان ‹‹ كاۋە بايرىقى››نى كۆتۈرۈپ پۈتكۈل  قوشۇننى باشلاپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئېدى.بۇ شاھانە نۇرئەپشان ۋە دانا بايراقتىن زەپەر نۇرلىرى پارلاپ تۇراتتى.
پەرىدۇن قوشۇنى شۇنداق يۈرۈپ ئەرۋەند دەرياسى بويىغا كەلگەندە دەريادىن ئۆتەلمەي  توسۇلۇپ قالدى.(بۇ دەريا  ھازىرقى دەجلە دەرياسى ئىدى.)
پەرىدۇن دەريا بويىدىكى بارلىق كېمىچى- سالچىلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا پۈتكۈل  قوشۇننى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا بۇيرۇدى.لېكىن ئۇلار ھەممىسىلا زەھھاكنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملىرى بولغاچقا بۇ پەرماننى قوبۇل قىلمىدى. ئۇلار دىدىكى:
-        شاھىمىز زەھھاكتىن مەخپى پەرمان بار،ئۇ:‹‹ مىنىڭ  مۆھۈر بېسىپ بەرگەن پەرمانىمسىز ھىچقانداق بىر كىشىنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت يوق.كىمىكى خىلاپلىق قىلسا  جەددى جەمەتى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ›› دەپ بۇيرۇغان. شۇڭا بىز سىلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويالمايمىز.
      پەرىدۇن زەھھاكتەك زالىم زوراۋان شاھ ئەمەس ئېدى. شۇڭا ئۇلارنى زورلىمىدى .ياكى ‹‹پەرمانىمغا قارشى چىقتى ››دەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇمىدى.ئۇنىڭ زەھھاكقا بولغان غەزەپ- نەپرىتى قوزغۇلۇپ :‹‹كىمە بولمىسا ئۆتەلمەسمىزمۇ!›› دىگىنىچە شىر سۈپەت  ئېتىغا قامچا سېلىپ دەرياغا كىردى. سەردارى دەرياغا كىرسە لەشكىرى قاراپ تۇرسۇنمۇ؟!  قالغان لەشكەر ۋە سەركەردىلەرمۇ كۈتۈپ تۇرماستىن تۇشمۇ- تۇشتىن شاھنىڭ  ئارقىسىدىن دەرياغا ئات سەكرىتىشتى.بوراندەك ئاتلار زەربىدىندەريا سۈيى  دولقۇنلاپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ خەتەر يۈز بەرمىدى.دەريا سۈيى بەزى ئاتلانىڭ يايلىغا ،بەزى ئاتلارنىڭ ئىگىرىگىچە كەلگەن ئېدى.تەڭرى پەرىدۇنغا مەدەت بېرىۋاتقان بولغاچقا خەتەر يۈز بەرمىدى.پۈتكۈل قوشۇن دەريادىن ئامان- ئېسەن ئۆتۈپ بولدى.  
ئاتلىق قوشۇن  دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاتلىرىنىڭ بېشىنى زەھھاك بىنا قىلغان ۋە ئوردا سالدۇرۇپ پايتەخىت قىلغان ‹‹دىجخوخت شەھىرى››گە بۇراشتى.‹‹ دىجخوخت›› پەھلەۋىچە سۆز بولۇپ ئەرەپلەر بۇ يەرنى ئۇلۇغلاپ‹‹ بەيتۇل مۇقەددەس›› (مۇقەددەس ئۆي) دەپ ئاتىشاتتى.
ئۇلار چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىشتى.پەرىدۇن  بىر مىل يىراقلىقتىن شەھەرگە نەزەر تاشلىدى.بۇ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك سېلىنغان شەھەر بولۇپ ئوردا سېپىللىرى ئىگىز ۋە ھەيۋەتلىكلىدىن بۇلۇتلارغا تاقىشىدىغاندەك كۆرىنەتتى.قەسىر ئايۋانلار يۇلتۇزلاردەك نۇر چېچىشاتتى.پەرىدۇن ھەمراھلىرىغا دىدى:
      -يەر يۈزىگە قارا تۇپراقتىن  شۇنداق ئىسىل،شۇنداق ھەيۋەتلىك، ئاسمان بىلەن بوي تالاشقۇدەك  ئوردا قەسىرلەرنى بىنا قىلالىغان پادىشاھنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.ئۇنداق پادىشاھتىن بىرەر سىرنىمۇ يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ. شۇنى چۈشىنىشىڭلار كېرەككى، بۇنداق پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىمەن دىسەك، توختىماستىن جەڭ قىلىشىمىز،تېز تۇتۇش قىلىشىمىز، قىلچە بىخەستەلىك قىلماسلىقىمىزكېرەك.شىددەتلىك جەڭ بىلەن ياۋنى بويسۇندۇرىشىمىز لازىم. قىلچىلىك بىخۇتلۇقمۇ بېشىمىزغا بالا بولۇشى مۈمكىن.
پەرىدۇن شۇنداق دىگىنىچە گۈرزىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە بىرىنچى بولۇپ شەھەرگە ھۇجۇم باشلىدى.
-        شەھەر سېپىلىدىكى زەھھاكنىڭ لەشكەر ۋە سەركەردىلىرى پەرىدۇن قوشۇنلىرى كۆتۈرۈپ كەلگەن ‹‹كاۋە بايرىقى››نى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى.بۇ بايراق ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئاسمان پەلەك  يالقۇنلاۋاتقان، ھەممىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدىغان  زور بىر ئوت ئاتەشتەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
پەرىدۇن بىر قولىدا كالا باشلىق گۈرزىسىنى ئوينۇتۇپ،يەنە بىر قولىدا  ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى باشقۇرۇپ دەھشەتلىك نەرە تارتقىنىچە بىرىنچى بولۇپ شەھەر ئىچىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى. ئەپسۇسكى، شەھەر دەرۋازىسىدا بىرمۇ ياساۋۇل كۆرۈنمەيتتى.پەرىدۇننىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ قوشۇنلىرىمۇ شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىشتى. پەرىدۇن شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن ئېتىنى ئۇدۇل شاھ ئوردىسىغا قارىتىپ چاپتۇرۇپ ئاۋال ئوردىغا، ئوردىدىن شاھ سارىيىغا باستۇرۇپ كىردى.قايسىبىر ياساۋۇل ياكى سەركەردە  ئۇنىڭ ئالدىنى توساشقا پېتىنسا كالا باشلىق گۈرزە بىلەن ئۇرۇپ بېشىنى يانچىپ تېنىنى خېمىر قىلىۋېتەتتى.
بۇ شەھەر ۋە ئوردا قەسىرلىرى زەھھاكنىڭ كۈچى ۋە سېھرى كارامىتى بىلەن بەرپا قىلىنغان بولۇپ مىڭلاپ دىۋىلەر ،نەچچە مىڭلاپ سېھرىگەرلەر بۇندا  زەھھاك ئۈچۈن خىزمەت قىلىشاتتى. پەرىدۇن ۋە ئۇنىڭ باتۇر سەركەردىلىرى قوي توپىغا ھۇجۇم قىلغان  باتۇر شىرلاردەك بۇ ئىپلاس چۈپرەندىلەر ئۇۋۇسىدا باتۇرلارچە جەڭ قىلدى.  ئۇچرىغانلا دۈشمەننى  گۈرزە بىلەن يانچىپ، قىلىچلار بىلەن چېپىپ، نەيزىلەر بىلەن سانچىپ ،ناپاك جېنىنى پاك دۇنيادىن  گويا ئەخلەت سۈپۈرگەندەك سۈپۈرۈپ تاشلاشتى.
پەرىدۇن شاھ قەسىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ زەھھاكنى ئىزدىدى.لىكىن زەھھاك ھىچيەردە كۆرۈنمەيتتى. قارشىلاشقۇچى لەشكەرلىرىنىڭمۇ ئۆلگىنى ئۆلۈپ، قالغانلىرى جانلىرىنى ياقىغا ئېلىشقان ئىدى.
پەرىدۇن زەھھاكنىڭ تەختىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سېلىۋاتقاندا زەھھاكنىڭ خانىسىدىن بىرسى- بىرسىدىن گۈزەل، كۆزلىرى قاپقارا،يۈزلىرى ئاپتاپتەك نۇرلۇق ئىككى گۈزەل سەنەم  لاتاپەت بىلەن چىقىپ كەلدى. بۇلار زەھھاك توقال،  كېنىزەك قىلىۋالغان جەمشىدنىڭ بىر جۈپ سىڭلىسى ئەرنەۋاز بىلەن شەھرىناز ئىدى.بۇ قىزلار شۇنچە ئۇز بولغان بىلەن ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى زالىمغا چۆرىلىك  قىلىپ ئالدىراش يۈرۈپ پات-پات يۇيۇنالمىغان بولغاچقا  گۈل بەدىنىنى كىر بېسىپ بۇلۇت توسقان ئايغا ئوخشاپ قالغان ئېدى. پەرىدۇن ئايال خىزمەتكارلارغا بۇيرۇپ  ئۇلارنى مونچىدا يۇيۇندۇرۇپ چىقىۋىدى.ھەر ئىككىلىسى قۇياشتەك پارلاپ كەتتى. ساراي ئۆي ئۇلارنىڭ چېھرىدىن نۇرلانغاندەك بولدى.‹‹ ئەگرىنىڭ يولىمۇ ئەگرى›› دىگەندەك زەھھاك ئۆزى بۇتپەرەس بولغاچقا بۇ قىزلارنىمۇ بۇتپەرەس قىلىپ تەربىيەلىگەن ئىدى.پەرىدۇن ئۇلارغا ھەق يولنى كۆرسىتىپ يىگانە بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەتتى.ھەر ئىككىلىسىنى نىكاھىغا ئېلىپ چەكسىز شەپقەت كۆرسەتتى.جەڭدىن  كېيىن ئۇلار مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشتى.قىزلار پەرىدۇننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەينى چاغدىكى زەھھاكنىڭ كۆرگەن قورقۇنۇشلۇق چۈشىنى،تەبىرچىلەرنىڭ بەرگەن تەبىرىنى،تەبىردىن كېيىن زەھھاكنىڭ پەرىدۇن ئىسىملىكلەرنى ئايىماي قىرغىن قىلىپلا قالماي نەچچە ئون يىلدىن بېرى پەرىدۇننى ئىزدىتىپلا يۈرگەنلىكىنى، زەھھاكنىڭ پەرىدۇن قولىدا  ھالاك قىلىنىشى ۋە تەختىنىڭ ئالمىشىشى تەقدىر قىسمەتتە پۈتۈلۈپ كەتكەن ئىشلار ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.بۇ سۆھبەت پەرىدۇننىڭ زەھھاكقا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئاللاھقا شۇكرى ساناھلار ئېيتتى.
ئەتىسى ئايان بولدىكى، زەھھاك پەرىدۇندىن قورقۇپ ھىندىستان تەرەپلەرگە قېچىپ كەتكەن ئىكەن.ئوردىدىن بىرەر مۇھىم خەۋەر ئاڭلىمىسا پات يېقىندا قايتىپ كېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىكەن.شۇڭا پەرىدۇن ئۆز يېقىنلىرىنى مەخپى  كېڭەشكە چاقىرىپ كېيىنكى ئىشلارھەققىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.
ئەمدى گەپنى زەھھاكتىن ئاڭلايمىز.زەھھاك ھەر قېتىم سىرتقا سەپەرگە چىققىنىدا ئۆز ئورنىدا ئەڭ ئىشەنچلىك،زەھھاك ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدىغان سادىق كىشىلىرىدىن بىرەرنى ۋەكىل قىلىپ قالدۇرۇپ قوياتتى.بۇ نۆۋەتمۇ ئۇ غەزىنىدارى كۈندەرەۋنى ئورنىغا  ۋەكىل قىلىپ قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. ئۇمۇ‹‹ ئىت ئىگىسىنى تارتار››دىگەندەك يامانلىقتا ئۇچىغا چىققان بەدبەخت ئادەم ئىدى.              ئۇ تۈنۈگۈن ئېغىر مەست بولۇپ قالدىمۇ قانداق، ئوردىدىكى شۇنچە چوڭ جەڭدىن خەۋەرسىز قالغان ئېدى.ئۇ بۈگۈن  ئەتىگەندە ئوردىغا كىرىپ كۈندىكىگە ئوخشىمايدىغان غەلىتە ئەھۋاللارنى كۆردى.زەھھاكنىڭ تەختىدە خۇددى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك نۇرانە، قەددى ساھىپكامال بىر ياش يىگىت خۇددى بۇرۇندىنلا شۇ تەختنىڭ ئىگىسىدەك  خاتىرجەم ئولتۇراتتى.ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا خۇددى ‹‹گۈلى گۈلىگە كەلدى.گۆھەر بىلەن ياقۇت بىر بىرىگە ماسلاشتى›› دىگەندەك ئەرنەۋاز بىلەن شەھرىنازمۇ ساراينى نۇرلاندۇرۇپ خانىش مەلىكىلەردەك سالاپەت بىلەن ئولتۇرىشاتتى. شەھەرنى پۈتۈنلەي پەرىدۇننىڭ لەشكەرلىرى قاپلىغان بولۇپ، ئوردا سارايلىرىدىمۇ ساپلا ئۇنىڭ ئادەملىرى  يۈرىشەتتى. كۈندەرەۋ ئەسلى ‹‹زامانغا باققان دانىشمەندۇر›› دىگەن ھىكمەت بويىچە ئىش قىلسا توغرا بولاتتى.لىكىن بۇ سادىق غالچا بەكمۇ ھىلىگەر ئېدى.بارلىقىنى ياۋۇز ئەجدىھا پادىشاھقا ئاتىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيتتى.شۇنداقتىمۇ كىرگەنىكەن  يالغاندىن بويسۇنغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشى، ئەھۋال ئىگەللەپ خوجايىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىدى.شۇڭا ئۇ يۈزىگە يالغاندىن تەبەسسۇم يۈگۈرتىپ پەرىدۇننىڭ ئالدىدا تىز چۆكتى -دە  ئۇنى قۇتلۇقلاپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي شەھرىيار،تاجۇ- تەختىڭىزگە قۇتلۇق بولسۇن ! مانا ئەمدى پۈتۈن دۇنيا سىزگە مەنسۇپ بولدى.ئەدلى -ئادالىتىڭىزدىن پۈتۈن دۇنيا نۇرلىنىپ كەتتى.شاھلىق سىزگە تولىمۇ ماس كەپتۇ. مۇشۇ تاجۇ تەختىڭىز ،چەكسىز ئىقبال- بەختىڭىز بىلەن مەڭگۈ ياشناپ تۇرغايسىز.يەتتە ئىقلىم تامام سىزگە بويسۇنغاي،دوستلىرىڭىزغا ئامانلىق، دۈشمەنلىرىڭىزگە يامانلىق تىلەيمەن...
پەرىدۇن ئۇنىڭ شىرىن- شىكەر سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئۆزىگە يېقىن كېلىشكە بۇيرىدى. ئۇنىڭ كىملىكىنى،بۇرۇن نىمە ئىش قىلغانلىقىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن ئۇنى يەنىلا غەزىنىچىلىككە بەلگۈلىدى.ئاندىن ئۇنىڭغا باقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنىمۇ بېرىپ مىھماندارچىلىق ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى:
     -ئەي كۈندەرەۋ،سەن تېزلا شاھانە داستىخان تەييارلا !  داستىخاندا دۇنيادىكى ئەڭ لەززەتلىك تائاملار ،ئەڭ ئىسىل مىۋە-چىۋىلەر،گۆش- كاۋاپلاردىن تارتىپ ئىسىل مەيلەرگىچە ھەممىسى بار بولسۇن.ئاندىن  بۇ داستىخانغا ئىراندىكى نامدار  كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن، ئۇلار مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ئولتۇرۇپ،قانغۇچە  ئويناپ –كۈلسۈن. كىمنىڭ ھەقىقى دانا پادىشاھ، كىمنىڭ سېپى ئۆزىدىن ئەشەددى زالىم ئىكەنلىكىنى تونىۋالسۇن.يوللىرىنى توغرىلىۋالسۇن.
كۈندەرەۋ پەرمانغا بىنائەن دەرھال تەييارلىققا كىرىشىپ پەرىدۇننىڭ بۇيرىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەل قىلدى.تۈرلۈك نازۇ نېمەتلەرنى داستىخان مەيدانىغا سەل قىلدى.بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن  كېيىن  بەزمە باشلاندى.بۇ بەزمىگەئىراننىڭ داڭلىق سازەندىلىرىمۇ قاتناشقان بولغاچقا، ئىسىل كۈي- نەغمىلەر،كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك  ناخشا- ئۇسۇللار  ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئورۇنلانماقتا ئىدى.ئويۇن- بەزمە تاڭ ئاتقىچە داۋاملاشتى.پەرىدۇن ساپ مەي ئىچىپ،نەغمە ناۋا تىڭشاپ ئاخىرغىچە ھوزۇرلاندى...
تاڭ ئاتتى. زىياپەت ئاخىرلىشىپ ھەممە ئادەم  ئارام ئېلىشقا تۇتۇنغاندا كۈندەرەۋ ھىچكىمگە  تۇيدۇرماستىن غىپپىدە ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.ئۇ ئۇدۇل ھىندىستانغا بېرىپ زەھھاكنى تاپتى.ئۇنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ يېنىدا تىزلىنىپ ئولتۇردى- دە يىغلاپ تۇرۇپ  زالىم زەھھاكقا ئوردىدا  بولغان ئىشلارنى بىرمۇ -بىر بايان قىلىپ بەردى:
   -ئەي، شاھلارنىڭ شاھى بولغان ئۇلۇغ شاھىم،مەن سىلىگە شۇم خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن مىنى كەچۈرسىلە! مېنىڭ يەتكۈزمەي دىسەممۇ ئەھۋال جىددى بولغاچ مۇلازىملىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ جاناپلىرىنى ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار  قىلىشنى توغرا تاپتىم.ھازىر  ئوردىلىرىدا ئىش تامامەن باشقىچە بولۇپ كىتىپتۇ.بەختى دۆلىتىمىزگە ئال چۈشۈپ ئىشلىرىمىز تامامەن كەينىگە كېتىپتۇ.
-نىمە تىلىڭنى چايناپ گەپنى تولا ئەگىتىسەن؟ نىمە ئىش بولغان بولسا تېز ئېيتمامسەن ؟!
ـ خوپ شاھ ئالىلىيلىرى،پەرمانلىرىغا بىنائەن ئوردىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى كىرىپ  باشقىچە بىر  ئەھۋالنى چېلىقتۇردۇم.تاجۇ- تەختلىرى قولدىن كېتىپتۇ.تەخىتلىرىدە ئارسلان سۈپەت ئۈچ ھاكاۋۇر كىشى ئولتۇرىۋاپتۇ.ئۇلارنىڭ كىچىكى سەرۋى قامەت بىر ئەر كىشى ئىكەن.لىكىن ياشتا كىچىك بولغان بىلەن تامدەك بەستلىك ئىكەن.ئۇنىڭ شاھانە بەستىنى كۆرسە ھەتتا شىرمۇ ھەيرانلىقتىن تەپتارتىپ قېچىپ كېتىشى مۈمكىن.ئۇنىڭ كالا باشلىق بىر گۈرزىسى بار ئىكەن.  ئۇنىڭ چوڭلىقىغا قاراپ تاغنىڭ بىر پارچىسىمىكىن دەپ قالىدۇ كىشى.ئەگەر ئۇ ئەشۇ گۈرزىسى بىلەن بىرنى ئۇرسا ئادەم تۇرماق تاغمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ئىككى پارچە بولۇپ كېتىشى مۈمكىن.ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى نەپەر نامدار باتۇرى بار ئىكەن.ئۇلارمۇ باتۇرلۇقتا تەڭداشسىز يىگىتلەر بولۇپ ھىچبىر ئەر ئۇلارغا رەقىپ بولۇپ  مەيدانغا چۈشەلمىگۈدەك .ئۇلار ئات چاپتۇرۇپ كەلگەنچە كىلىپ ئالىلىرىنىڭ سېھرى- جادۇلىرىنى بەربات قىلىۋەتتى.،ساراي قوروغدىغۇچى ياساۋۇللار، باتۇر سىپاھلا ۋە  سەركەردىلەرنىڭ ھىچقايسىسى ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى.كىم قارشىلىق قىلسا ئاشۇ غايەت زور گۈرزىسى بىلەن بىرنىلا  ئۇرۇپ مەلەخ –مەلەخ قىلىۋەتتى. گۈرزە تەككەنلەرنىڭ مىڭىسى چۇۋۇلۇپ،مىڭە قېتىقى بىلەن قانلىرى ئارىلىشىپ ئوردا ئىچىدە قانلار ئېرىق بولۇپ ئاقتى . ئۇلار باتۇرلىرىمىزنىڭ باشلىرىنى قوغۇن ئۈزگەندەك ئۈزۈپ مەيدانغا تاشلىۋەتتى. ئۇلارغا  قارشىلىق قىلالىغۇدەك ئەزىمەت چىقمىغاچقا ئوردا سارايلىرىنى تېزلا ئىگەللىۋالدى.
-بوپتۇ –دىدى زەھھاك جاۋابەن-ئۇلار مەن ئۈچۈن بىرنەچچە كۈنلۈك مىھمان،خالىغىنىنى قىلىپ مىھمان بولۇشقاچ تۇرسۇن، قايتىپ بارسام  بىردەمدە يىغىشتۇرۇپ بولىمەن.  شۇ چاغدا ئانىسىدىن تۇغۇلغانغا ،ماڭا قارشى چىقىشقا پېتىنغانغا تويغۇزىۋېتىمەن.
-ئالىلىرى-دىدى كۈندەرەۋ- سىلى ئۇلارنى مىھمان چاغلىغانلىرى بىلەن ئۇلار ھەددىدىن ئاشقان مىھمانلار ئىكەن،قولىدىكى ئۆكۈز باشلىق گۈرزىسى بىلەن ھەممىنى ۋەيران قىلىدىغان،تەپتارتماي كىلىپ شاھلىق تەخىتتە ئولتۇرىۋالىدىغان،ئۆز ئالدىغا شاھ بولىۋېلىپ شاھ پەرمانى چۈشۈرىدىغان،شاھنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى بىلەن ئوينىشىدىغان بۇنداق ئوسال مىھمانلارنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان ئېدىم.
-مەيلى،نىمە قىلسا قىلىپ تۇرسۇن،سەن ئۇنچە غەم يەپ كەتمە! پالدا دىيىلىشىچە‹‹ ناچار مىھمان ھەددىدىن ئاشقىنى بىلەن ساھىپخانغا خەيرلىك ئېلىپ كىلىدۇ››دىگەن گەپ بار.
- ئەي شاھىم.سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم،سىلى ئۇ باتۇرنى مىھمان دەپ ئاتىغانلىرى بىلەن ئۇ مىھمانلىق قىلىش ئورنىغا سىلىنىڭ ئوردا ھەرەمخانىلىرىغا قەدەم قويۇپ ھەممە ئىشتا سىلىنىڭ ئىزلىرىنى بېسىۋاتىدۇ. شۇنى ئوچۇق ئېيتايكى، سىلىنىڭ ئىككى گۈزەل مەھبۇبلىرى ئەرنەۋاز بىلەن شەھرىناز ھازىر ئۇنىڭ بولۇپ كەتتى.ئۇلار ئۇنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ.بىر قولى بىلەن ئەرنەۋازنىڭ ئىڭىكىدىن ئەركىلەتسە،  يەنە بىر قولى بىلەن شەھرىنازنىڭ بوينىنى سىلايدۇ.كېچىدىكى ئىشلار بولسا بۇندىنمۇ بەتتەر! ياستۇقنى مۈشكى ئەنبەردىن قىلىپ بۇ بىر جۈپ گۈزەل بىلەن ھوجرىغا كىرىپ ئەيش -ئىشرەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ.گۈزەللەرنىڭ يۇمران ھەم پۇراقلىق چاچلىرى ياستۇق ئۈستىگە يېيىلىپ ئۇنىڭ تەلۋىلىكىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋېتىدۇ...
سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە زەھھاك زادىلا چىداپ تۇرالمىدى.خۇددى تەلۋىلەشكەن ئۈسكەك كەركىدانغىلا ئوخشاپ قالدى.بۇ سۆزلەرنى تاقەت قىلىپ ئاڭلاپ تۇرۇشتىن ئەلۋەتتە ئۆلۈم ئاسانراق ئىدى.شۇڭا ئۇ بۇ ھاقارەتلەرگە چىداپ تۇرالماي  يىغلاپ تۇرۇپ كۈندەرەۋگە دىدى:
-بولدى بەس قىل!ئەي بىئەدەپ قۇل! سەندە ئەدەپ –ئەخلاق دېگەن نەرسە بارمۇ؟! شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ شۇ قەدەر ئوچۇق ئېيتامسەن؟! مېنى ئازاپلاپ ئۆلتۈرەي دەمسەن؟ كۆزۈمدىن دەرھال يوقال! سېنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن.ئاۋازىڭنىمۇ قۇلىقىم ئاڭلىمىسۇن.ئەمدى ساڭا سارىيىمدا ئورۇن يوق.
- ئەي شاھ،ئۇنچىۋالا ئاچچىقلاپ كەتمە! قىلغۇلۇقنى مەن ئەمەس خەق قىلدى. پەرىدۇن قىلدى. ئۇ خۇددى خېمىردىن قىل سۇغارغاندەك ئىلكىڭدە بار ھەممە نەرسىنى ئىگەللىۋالدى.ئۇ ھەممە نەرسەڭنى تارتىۋالغان تۇرسا ،قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ كەتمىگەندەك،  يوقالغان غەزىنەڭگە مەندەك غەزنىچىنىڭ نىمە كېرىكى؟! مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەمەل تەمە قىلىپ ئەمەس،بولغان ئىشلارنى دەپ قويغىلى  كەلگەن ئېدىم. ئەمدى سەن قوغلىمىساڭمۇ يېنىڭدىن ئەلۋەتتە كېتىمەن. سەن مىنى قوغلاشنىڭ ئەمەس ،بېشىڭغا چۈشكەن بەخىتسىزلىكنى، بالايى –قازانى قوغلاشنىڭ كويىغا چۈش!
كۈندەرەۋنىڭ سۆزلىرىدىن زەھھاكنىڭ  غەزىپى تېخىمۇ تاشتى.ئۇ مۇنداقلا بولدى قىلسا، پەرىدۇنغا ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولسا بولمايتتى.شۇڭا ئۇ ئاخىر‹‹ يېتىپ قالغۇچە ئېتىپ قال›› دىگەندەك قىلىپ كۈچلۈك دۈشمىنى بىلەن ئېلىشىپ كۆرۈش قارارىغا كەلدى.بىر  قارارغا كەلگەندىن كېيىن قول ئاستىدىكى لەشكەر ۋە سەركەردىلىرىگە جىددى  بۇيرۇق قىلدى:
-لەشكەرلەر تېزدىن  يىغىلسۇن! ئاتلارغا ئىگەرلەر توقۇلسۇن،چاقماق تىزلىكىدە ئىلگىرلەپ ئوردىغا يىتىپ بېرىپ، ئوردىمىزنى ئىگەللىۋالغان  دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىنسۇن!
پەرمانغا بىنائەن زەھھاكنىڭ ھۆكمىرانلىقىدىكى لەشكەرلەر يىغىلىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ لەشكەرلىرىمۇ  شۇنچە كۆپ يىغىلغان ئىدىكى، ئارىسىدا ئادىمىزات لەشكەرلەردىن سىرت جىنلار،ئالۋاستىلار ۋە دىۋىلەردىنمۇ لەشكەرلەر كەلگەن ئېدى.
پەرىدۇنمۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ لەشكەرلىرىنى تەق قىلىپ تۇردى.ئىككى قوشۇن ئىككى تەرەپتە خۇددى ئىككى چوڭ دېڭىزدەك دەۋرەپ تۇراتتى.ئۇلار ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇلۇغ ئوكياندەك زور ئالامان ھاسىل بولدى. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى ئۇچرۇشۇپلا ‹‹ئۇر-چاپ،قىر- يىقىت!››دەپ ۋارقىرىشىپ، گىرەلىشىپ دەھشەتلىك جەڭگە چۈشۈپ كەتتى.لەشكەرنىڭ كۆپلىكى،قۇراللارنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن باشلار مۆلدۈردەك چۈشمەكتە،قانلار سەل بولۇپ ئاقماقتا ئېدى. بۇ ئۇرۇشتا ئىككى شاھنىڭ ھۆكمىرانلىق تالىشىش كۈرىشى ئۈچۈن ھەددى ھېساپسىز جانلار قۇربانلىق قىلىندى.ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى زەھھاكنىڭ ئادەملىرى ئىدى.چۈنكى ئۇلار زالىمغا يانتاياق بولغان،خەلقنىڭ لەنەت- نەپرىتىگە ئۇچرۇغان بولغاچقا غەيرەت –جاسارىتى ھەسسىلەپ سۇنغان ئېدى.ئەكسىچە، پەرىدۇننىڭ پۇخرا لەشكەرلىرىنىڭ غەيرىتى ئاجايىپ ئۈستۈن ئىدى.چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ زەھھاكتىن ئالىدىغان  قان قەرزى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى، مەڭگۈلۈك يوقۇلىشىنى ئارزۇ قىلىشاتتى.پەرىدۇننى بولسا ئۈمىد يۇلتۇزى ھېساپلىشىپ قەتئى قوللايتتى.ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېزىز جانلىرىنى پىدا قىلىشتىنمۇ ئايانمايتتى.پەرىدۇن ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان خەلق توپى يەنىلا  بارغانسېرى زورايماقتا،زەھھاكنىڭ قوشۇنى بولسا بارا –بارا قۇم تۇپراقتەك توزۇپ تۈگىمەكتە ، سانى ئازايماقتا ئىدى.پۇخرالار سەلدەك يوپۇرۇلۇپ كىلىپ ياۋ لەشكەرلىرىنى قىلىچلايتتى،نەيزىلەيتتى،كالتەك توخماقلار بىلەن ئۇرۇپ بەدەنلىرىنى خېمىر قىلىۋېتەتتى. دۈشمەن باشلىرىغا ئۆگزىلەردىن تاش -چالمىلارنى،ياغاچ -تاشلارنى ئاغدۇرىشاتتى.
شۇنداق دەھشەت جەڭ بولىۋاتقاندا ئىبادەتخانا تەرەپتىن قاتتىق بىر  ئاۋاز ياڭراپ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى.بۇ ئاۋاز دەل قەھرىمان تۆمۈرچى كاۋەنىڭ ئاۋازى ئىدى:
-قېرىنداشلار ،بىز ھەممىمىز پەرىدۇننى قوللايمىز،پۇقرانىڭ بارلىق ئۈمىدى ئارزۇسى پەرىدۇن.زەھھاك ئوغۇل- قىزلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ئەجدىھالىرىغا يەم قىلىپ بەرگەن بولسا، پەرىدۇن بىزنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش،ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتىدۇ.تەڭرى ئۇنىڭغا يار،غەلىبە چوقۇم ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ.بىز قېرى -ياش ھەممىمىزنىڭ جېنى پەرىدۇنغا مەنسۇپ.ئەمدى بىز زەھھاكنىڭ ھۆكمىرانلىقىنى خالىمايمىز، پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ بىگۇناھ قانلىرى ئەمدى داۋاملىق  ئاقمىسۇن! ئەجدىھا ئاپىتى زەھھاك بىلەن بىللە گۇم بولۇپ تۈگىسۇن.قېرىنداشلار، لەشكەر ۋە  پۇخرا بىرلىشەيلى.زالىم زەھھاكنىڭ ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى!
بۇ ئاۋازدىن كېيىن زەھھاكنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ تەڭدىن كۆپرەگى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئارقىغا قاراپ نەيزە ئۇردى. پۇقرا بىلەن بىرلىشىپ زەھھاكنىڭ قالدۇق لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلدى.جەڭ تېخىمۇ شىددەتلىك تۈس ئېلىپ يورۇق شەھەر جەڭ تۇمانلىرىدىن قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى.جەڭ توزانلىرىدىن ھەتتا قۇياش نۇرىمۇ كۆرۈنمەي قالدى.
      بىر چاغدا زەھھاك ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ قارىسا،غەلىبىدىن قەتئى ئۈمىد قالمىغان ئېدى. لەشكەرلىرى قىرىلىپ تۈگەۋاتاتتى،يەنە  داۋاملىق جەڭ قىلىۋەرسە ۋە ئۆزىمۇ بۇ يەردە تۇرۇۋەرسە  ھايات قالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى.شۇڭا ھىچكىمگە تۇيدۇرماي قېچىشقا ئۇرۇندى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسىل جەڭ كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ ،ئۆلگەن لەشكەرلىرىنىڭ كونا ساۋۇت- دوبۇلغۇلىرىغا ئورۇنىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاددى بىر لەشكەرگە ئوخشاپ قالدى.بۇ ھالدا ھىچكىم ئۇنى تونىمايتتى.زەھھاك شۇ ھالدا جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ شەھەر قەلئەسىنىڭ بويىغا كەلدى.دەرۋازا تاقاق ئېدى.شۇڭا كىرەلمەي بىر يەردىن ئاتمىش غۇلاچ ئارغامچا تېپىپ كەلدى.ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۈگۈنەك قىلىپ قەلئە سېپىلى ئۈستىگە تاشلىدى. ئارغامچا ئىلىنغاندىن كېيىن شەھەر سېپىلىدىن ئارتىلىپ قېچىش ئۈچۈن سېپىل ئۈستىگە ياماشتى.ئۇ ئوردا تېمى يېنىدىن قېچىپ كېتىۋېتىپ شەھرىنازنى كۆرۈپ قالدى.ئۇ ھەدەپ زەھھاكنى قاغاپ ئۆلۈمىنى تىلەۋاتاتتى،‹‹ زاتى پەس›› دەپ تىللاپ لەنەت ئوقىۋاتاتتى.رەشىك ئوتى زەھھاكنىڭ يۈرىكىگە قايتىدىن تۇتاشتى. غەزەپ ۋە رەشىك ئۇنى ئەقلىدىن ئازدۇردى.ئۇ شەھرىنازنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولۇپ چىشلىرىنى ئەلەم بىلەن غۇچۇرلىتىپ قىساس تەشنالىقىدا شەھرىنازنىڭ يېنىغا چۈشۈش ئۈچۈن ئوردا تېمىدىن  پەسكە ئارغامچا تاشلىدى. زەھھاك ئارغامچا بىلەن سېرىلىپ پەسكە چۈشتى.ئۇنىڭ پۇتى تېخى يارگە تەگمەستىن تۇرۇپ پەرىدۇن ئۇنى كۆرۈپ قالدى.شۇڭا ئولجىنى كۆرگەن قاپلاندەك ئېتىلىپ كىلىپ  بېشىغا گۈرزە بىلەن بىرنى سالدى.بىر گۈرزە بىلەن زەھھاكنىڭ دوبۇلغىسىغا چاك كەتتى.ئۇ گۈرزە زەربىدىن ئۆزىنى ئوڭشىيالماي مەستتەك دەلدەڭلەپ قالدى.پەرىدۇن يەنە بىر گۈرزە ئۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرمەك بولغان چاغدا دەرھال بىر پەرىشتە پەيدا بولۇپ ئۇنى توسۇپ قويدى:
-ئەي پەرىدۇن،بولدى قولۇڭنى تارت! ئۇنى ھازىر ئۆلتۈرسەڭ بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۆلۈم سائىتى تېخى كەلمىدى.ئۇنىڭ پۇت- قولىنى چىڭ باغلا، تاققا قارىتىپ سۆرە.ئۇنى شۇ سۆرىگەن پېتىڭچە ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ بېرىپ بەند قىلغىن. بۇنىڭ گۇناھىغا ئەشۇ جايدا جازا بېرىلىشى كېرەك.
پەرىدۇن تەڭرى پەرمانىنى ئاڭلاپ قولىنى يىغدى. يولۋاس تېرىسىدىن ناھايىتى چىڭ ئارقان ئەشتۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زەھھاكنى باغلىماق بولدى.ئارغامچا پۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ  قول، گەدەن ۋە بېلىدىن سىرتماق سېلىپ قۇترىغان پىلمۇ ئاجرىيالمىغۇدەك چىڭ باغلىۋەتتى.جازالاش ۋاقتى توشقىچە ئارىلىقتا زالىم شاھنى زىندانغا بەند قىلىپ تۇردى.شۇندىن كېيىن پەرىدۇن تەختكە چىقىپ ئەلگە پەرمان جاكالىدى.ئۇ جاكسىدا ئۆزىنىڭ زەھھاكنىڭ ئورنىغا شاھ بولغانلىقىنى،زەھھاكنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى، شۇڭا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىران لەشكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.جاكاچىلار كوچىمۇ -كوچا مېڭىپ يېڭى شاھنىڭ جاكانامىسىنى خەلققە ئۇقتۇردى.
-ئەي ئەھلى پۇخرالىرىم،تەڭرىنىڭ ئىنايىتى ۋە ھەرقايسىڭلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى،زەھھاكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۈرىشىدە پىداكارلىق كۆرسىتىشى بىلەن مەن غەلىبە قىلىپ بۈگۈن رەسمى يوسۇندا شاھلىق تەختىگە چىقتىم.مىنىڭ شاھلىق تەختىگە چىققان كۈنۈم سىلەرنىڭ زۇلۇم -زۇلمەتتىن خوشلىشىپ بەخت- ئىقبالغا يۈزلەنگەن كۈنۈڭلاردۇر.تەڭرى مېنى كۆپچىلىكنىڭ ئىچىدىن تاللىغان. خېلى يىللار بۇرۇنلا مىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا  شاھ بولۇشۇمنى ،زەھھاكنىڭ يوقۇلۇشىنى تەقدىر قىسمەت قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى.زەھھاك ‹‹بۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتىمەن›› دەپ قانچە يىللاردىن بېرى شۇنچە زورۇققان،تالاي بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن  بولسىمۇ، يەنىلا تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالماي ئاخىر مىنىڭ تۇتقۇنۇمغا ئايلاندى. تەخىتنى ماڭا بوشۇتۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. زەھھاك سىلەرگە زۇلۇم ۋە يامانلىق ئەلچىسى بولغان بولسا مەن سىلەرگە  بەخت ۋە خاتىرجەملىك ئەلچىسى بولغايمەن.تەڭرى مىنى دۇنيانى پاكلاشقا ،يامانلىقنى يوقۇتۇشقا ياراتقان.مەن تەڭرى پەرمانىنى تۇتىمەن.بىز بۇندىن كىيىن بىرلىكتە ياخشىلىققا قەدەم قويايلى!   
جاكانامە جاكالىنىپ بولغاندىن كىيىن يۇرۇت- يۇرۇتلاردىن پۇخرالار،زاتى مۇبارەكلەر ،يۇرت ئۇلۇغلىرى ياكى ۋەكىللىرى توپ –توپ بولۇپ كىلىشىپ پەرىدۇننىڭ شاھلىقىنى مۇبارەكلەشتى.يەر سۆيۈپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ مەڭگۈ پەرمانبەردار بولۇش، ساداقەتمەن بولۇش توغرىسىدا ۋەدە قەسەملەر بېرىشتى.
تەرەپ- تەرەپلەردە ناغرا-سۇناي سادالىرى ياڭراپ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى.پۈتۈن شەھەر خەلقى بۈگۈنكى غەلىبىدىن ئاجايىپ خوشاللىققا چۆمۈشكەن ئىدى.پەرىدۇننىڭ ئەمدىكى ئىشى، قىلغان ئىشىنى ئاخىرغا يەتكۈزۈپ زەھھاكنى جازالاش ئىدى.شۇڭا ئۇ  بىر قىسىم قوشۇنلىرى بىلەن زەھھاكنى چەمبەرچەس باغلاپ ، ئىت تاپىسىنى سۆرىگەندەك سۆرەپ، قەدەمدە بىر ئۇرۇپ -تىپىپ خارلاپ، يىراقتىكى بىر تاغقا جازالاشقا ھەيدەپ ماڭدى.ئۇلار شۇ تەرىزدە نەچچە كۈن يول مېڭىپ‹‹ شىرخان ››دەپ ئاتىلىدىغان دەشتۇ- سەھراغا يىتىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ مەنزىلى تېخى ئۇزاق بولۇپ يەنە نەچچە كۈن يول مېڭىشى كېرەك ئىدى.شۇڭا بۇ يەردە توختاپ ئارام ئالغاچ زەھھاكنى ئوغلاق قىلىپ ئوغلاق ئويۇنى ئويناشتى.زەھھاك بۇرۇن زۇلمى ۋە ھوقۇقىنىڭ كۈچى بىلەن قانچە قەدىرلىك بولغان بولسا، شۇ دەمدە يەنە شۇ زۇلمى ۋە ھوقۇقسىزلىقى تۈپەيلى ئىتتىن بەتتەر خارلانماقتا ئىدى. بۇ جاھان ئاجايىپ جاھان،خۇددى كىچە بىلەن كۈندۈز نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرغاندەك، ئىنسان قىسمىتىدىمۇ ئامەت بىلەن ئاپەت،ئېزىزلىق بىلەن خارلىق ئالمىشىپ تۇرىدۇ.بۈگۈن پۈتكۈل جاھاننىڭ خوجىسى بولۇپ  تېرىسىگە پاتماي قالغانلار ئەتىسى خەستىنمۇ خار بولۇپ ھىچكىمنىڭ نەزەر ئېتىبارىغىمۇ ئىلىنالماي قالىدۇ. شۇڭا ئەي ئىنسان، مەغرۇر بولمىغىن! جاھاننىڭ ئۆتكۈنچى بەخت -ئامەتلىرىگە مەست بولۇپ ئۇنى مەڭگۈلۈك چاغلاپ چىقماقنىڭ چۈشمىكى،ئالماقنىڭ بەرمىكى بارلىقىنى،ئۆزۈڭنىڭ ھەرقاچان ئادەم بالىسى ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالما،ئۆزۈڭنى بۈگۈن ئۇلۇغدىن- ئۇلۇغ چاغلاپ يۈرگىنىڭ بىلەن ئەتە ئامىتىڭ قاچسا، توپىدىنمۇ خار بولۇپ قېلىشىڭ كۈندەك روشەندۇر. دائىم بىر خىل تۇرالىغان ئادەم ھەقىقى ئادەم. خۇشاللىقتا ئۇچىدىغان يەر،خاپىلقتا قاچىدىغان يەر تاپالماي يۈرىدىغانلار ساماندەك.ئۇلارنى ئادەم دىيىشكە تىلىمىزمۇ بارمايدۇ.
پەرىدۇنلار شىرخانغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ جايدا زەھھاكنى ئۆلتۈرۈپ  بېشىنى تىنىدىن جۇدا قىلماقچى بولۇۋىدى.پەرىشتە يەنە خەۋەر ئېلىپ كىلىپ ئۇنى بۇ يەردە ئۆلتۈرۈشتىن توسۇپ قويدى.پەرىشتە ئەيتتى:
      -ئەي پەرىدۇن،تەڭرىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلا! ئەمدى قوشۇنۇڭ مەشەدە قالسۇن،ئەمدى زەھھاكنى سەن ئۆزۈڭ  ئەڭ ئىشەنچىلىك بىرنەچچىلا ئادىمىڭ بىلەن دىمۇۋەند تېغىغا  ھەيدەپ بار. يولدا ئۇنىڭغا قىلچە رەھىم شەپقەت قىلىشقا بولمايدۇ!
پەرىدۇن پەرمانغا بىنائەن ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن بىرنەچچىنى تاللاپ ئالدى. قالغانلىرىنى شىرخاندا ساقلاپ تۇرۇشقا قالدۇردى.ئورۇنلاشتۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن  زەھھاكنى چاقماق تېزلىكىدە دىمۇۋەند تېغىغا قاراپ ھەيدەپ ماڭدى. ئۇلار يەنە نەچچە كۈن يول مېڭىپ ئاخىرى دىمۇۋەند تېغىغا يىتىپ كىلىشتى. بۇ تاغدا بىر تېگى يوق غار بار ئىدى.ئۇ غارغا ھەرقانچە قارىسىمۇ تېگى كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار زەھھاكنى ئەنە شۇ غارنىڭ ئۈستىدىكى بىر قىيا تاشقا بېشىدىن مىخلىۋېتىشتى.قوللىرىنىمۇ ئىككى تەرەپكە كىرىپ تاشقا مىخلىۋەتتى.زالىمدىن ئاققان قانلار تاغۇ -تاشنى بوياپ قىزارتىۋەتتى.
پەرىدۇن پەرىشتە ئەمەس ئىدى،شۇڭقارمۇ ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭ ئىپار- ئەنبەر پۇراپ تۇرىدىغان ئالاھىدە تېنىمۇ يوق ئىدى.ئەمما ئۇ ساخاۋىتى،ئادالىتى،غەيرەت -جاسارىتى تۈپەيلىدىن ئۇلۇغلۇق تاپتى.
پەرىدۇننىڭ بۇ ئىشىدىن ئۈچ خىل ياخشى ئۈنۈم كۆرۈلدى.بىرىنچىدىن زالىم زەھھاكنى جازالاپ ئازاپلاپ ئۆلتۈردى.ئىككىنچىدىن ئاتا قىساسىنى ئالدى. ئۈچىنچىدىن ئادىل بولۇپ جاھان خەلقىنى پاكلىق يولىغا باشلىدى.تۆتىنچىدىن جاھاننى توغرا يولغا سېلىپ جاھالەت دەۋرىدىكى نۇرغۇن خاتا يوللارنى توسۇپ ئىنسانلارنى ھەق، توغرا يولغا باشلىدى.ياۋۇزلۇق ۋە جاھالەت نېرى قوغلاندى.
پەرىدۇن ھەققىدىكى ئاخىرقى بايان : پەرىدۇن ئادالەت بىلەن دۆلەت باشقۇرۇپ بەختلىك ۋە پاراۋان تۇرمۇش كەچۈردى.500يىل پادىشاھلىق قىلدى.تەڭرى ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل ئاتا قىلدى.ئۇلار تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۈگىنىپ جەڭ ۋە ئوۋ ماھارەتلىرىدە پىشىپ يىتىلدى.بىر كۈنى ئوغۇللار سەھرادا ئوۋ- ئوۋلاپ يۈرگىنىدە پەرىدۇن ئوغۇللىرىنى سىناش ئۈچۈن دەھشەتلىك ئەجدىھا قىياپىتىگە كىرىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى.چوڭ ئوغلى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ قېچىپ كەتتى.ئۆزىنى بىكاردىن بىكارغا ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىشنى خالىمىدى.ئۇنىڭ ئەقلى بولغان بىلەن جاسارىتى يوق ئىدى.
ئىككىنچى ئوغلىغا ھۇجۇم قىلىۋىدى.ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئەجدىھاغا ئۆزىنى ئاتتى.بۇ ئوغۇلدا باتۇرلۇق ۋە جاسارەت بولغان بىلەن ئەقىل ۋە تەدبىر يوق ئىدى.شۇ چاغدا كەنجى ئوغلى ئاكىسىغا ياردەمگە كىلىپ ئەجدىھاغا قاراپ خىتاپ قىلدى:
-ئەي ئەجدىھا،بىز بولساق باتۇر ئۈچ ئاكا- ئۇكىلارمىز. ئەگەر بىز بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلساق دەرھال تارمار بولىسەن.دەرھال ئارقاڭغا قايت !
ئەجدىھا ئارقىغا قايتتى.پەرىدۇن ئەسلى قىياپىتىگە قايتىپ ئوردىسىغا يېنىپ كەلدى.ئوغۇللىرى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارغا ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.چوڭ ئوغلىغا ‹‹سالامەتلىك ۋە ئارام ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ‹‹سەلىم›› دىگەن ئىسىمنى قويدى.ئوتتۇرانچى ئوغلىغا ‹‹ئۆكۈز›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ‹‹تۇر›› دىگەن ئىسىمنى قويدى.ئەقىللىق مىھرىبان،ئالىجاناپ ۋە جەسۇر بولغان كەنجى ئوغلىغا ‹‹ئالىجاناپ ئىرانى›› دىگەن مەنىدىكى‹‹ئەراج›› دىگەن ئىسىمنى قويدى.
كىيىنكى كۈنلەردە پەرىدۇن ئۆزىگە قېرىلىق يەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ مەملىكىتىنى ئۈچ ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.مەملىكەتنىڭ غەربى قىسمىدىكى رۇم ۋىلايىتىنى سەلىمگە،شەرىق تەرىپىنى چىن بىلەن قوشۇپ تۇرغا بەردى.شۇندىن بۇيان ئۇجايلار تۇران دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.مەركىزى ئىران يەرلىرىنى بولسا ئەراجغا بەردى.ۋە ئۇنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىدى.مەڭگۈلۈك دۈشمەن ئەھرەمەن دىۋە ئەراجنىڭ ئاكىلىرىنى ئازدۇرۇپ ئۇلارنىڭ دىلىغا ھەسەت ئوتىنى سالدى.ئاكىلىرى ئەراج ئۈستىدىن پىتنە- ئىغۋا توقۇپ  ئۇنىڭدىن تاجۇ –تەخىتنى تارتىۋالماقچى بولدى.ھېساپسىز لەشكەر توپلاپ ئاتىسىنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ ئۇلتىماتۇم خېتى ئەۋەتىشتى.ئەراج ئاكىلىرىغا ئىشىنىپ بىرمۇ ئەسكەر ئالماي بىر ئۆزى يالغۇز ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە بۇ ماجرانى ياخشىلىق بىلەن ھەل قىلماقچى بولدى.تۇر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي ئاستىدىكى ئورۇندۇق بىلەن ئەراجنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇردى.ئەراج يەنىلا ئۇلارغا مۇراجەت قىلىپ:
-ئۆزىڭىزنى قاتىللىق قىلىشتىن ساقلاڭ  - دىدى ۋە بۇ بىيىتنى ئوقىدى :
دان سۆرىگەن چۈمۈلىگە بەرمە ئازار،
جان تاتلىقتۇر،شۇنىڭدىمۇ تاتلىق جان بار.
بۇ بىيىتنى ئوقۇشتىكى مەخسىدى ئۇلارنى ۋەھشىيانە قاتىللىقتىن توسۇپ قېلىش ئىدى.ئەمما ھەسەت ئوتى ئاكىلىرىنىڭ ئەقىل كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويغان ئىدى.ئاكىلىرى تەڭلا ئەراجنىڭ كۆكسىگە خەنجەر سالدى.يەر بىگۇناھنىڭ قېنى بىلەن بويىلىپ كەتتى.بۇ ئىككى مەلئۇن شۇندىمۇ نىيىتىدىن يانماي ئىنىسىنىڭ بېشىنى كىسىپ ئاتىسىغا ئەۋەتىپ بەردى.بۇ دەھشەتلىك جىنايەت مەملىكەتتىكى چوڭ- كىچىك ھەممەيلەننىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. پۈتۈن ئىران ئۇلاردىن يۈز ئۆرىدى.شۇندىن ئېتىبارەن ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك ئاداۋەت ۋە ئۇرۇشلار قوزغالدى. بۇ ئاداۋەتلىك ئۇرۇشلار‹‹ شاھنامە››نىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
ئەراجنىڭ مەھبۇبى ماھافەرد ئەراج ھايات ۋاقتىدا قورساق كۆتۈرگەن ئىدى.پەرىدۇن ئەمدى پۈتۈن ئۈمىدىنى تۇغۇلغۇسى بالىغا قاراتتى.ئەمما قېرىشقاندەك  ماھافەرد قىز تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن پەرىدۇن پىلانلىغان قىساس سائىتى سۈرۈلۈپ كەتتى.پەرىدۇن بۇ قىز نەۋرىسىنى ئەتىۋارلاپ پەرۋىش قىلدى.بويىغا يەتكەندىن كېيىن جەمشىد ئەۋلادىدىن بولغان باھادىر پەشەڭگە نىكاھلاپ قويدى.ئۇلاردىن بىر ئوغۇل تۇغۇلدى.ئۇنىڭ ھۆسنى جامالى جەننەتتەك ئىدى.پەرىدۇن ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىسمىنى ‹‹مەنۇچېھىر›› دەپ  قويدى.بۇ پالۋان بالا تېز ئۆسۈپ يىتىلىپ بىلىم –ئەقىلدە، جەڭ ئىلمىدە جاھاننىڭ يىگانىسى بولۇپ ئۆستى.ئۇ چوڭ بولغاندىن كىيىن رۇم ۋە تۇرانغا قوشۇن تارتىپ سەلىم بىلەن تۇرنى مەغلۇپ قىلىپ بوۋىسى ئەراجنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى.شۇنداق قىلىپ ئەھرەمەن دىۋە مەڭگۈلۈك دۈشمەنلەشتۈرۈش مەقسىدىگە يېتەلمەي قالدى.
قېرىپ قالغان پەرىدۇن جاھاننىڭ مۇكەممەلسىزلىكلىرىدىن شىكايەتلەر قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى.  چوڭ ئوغۇللىرىمۇ ئەھرەمەننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ دەۋزەخكە كەتتى.شۇنداق قىلىپ پەرىدۇن ئۈچلا ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالدى.  چوڭ ئىككى ئوغلىدىن ئىنىسى ئەراجنىڭ تا قىيامەتكە قەدەر يۇيۇلمايدىغان خۇن قەرزى ۋە ئۆچمەس داغ قالدى.پەرىدۇننىڭ يۇرتى ئۆز-ئارا ئەبەدى دۈشمەنلىشىدىغان مەملىكەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى.مەنۇچىھىر چوڭ بوۋىسى پەرىدۇنغا ئالتۇن مەقبەرە ياساتتى.پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئاسمان كۆكى رەڭلىك قارىلىق كىيىمى كىيىپ يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى.ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن مەنۇچىھىر يەنە تاج كىيىپ پادىشاھلىق قىلىشقا باشلىدى.
پەرىدۇن دەۋرىدە قوشۇن باشلىقى بولۇپ تۇرغان باتۇرلاردىن كاۋە ئوغلى كەران بىلەن دىۋىلەرگە قارشى ئۇرۇشتا نامدار بولۇپ داڭقى چىققان يەكزەرب لەقەملىك سام بار ئىدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن پەرىدۇن ھەققىدىكى ۋەقەلەر شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇندىن كىيىن رۇستەمى داستاننىڭ دادىسى زال ۋە ئانىسى رۇدابە ھەققىدىكى ئىسىل قىسسىلەر دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.

زال ۋە رۇدابە قىسسىسى
1-        مەنۇچېھىر( 120يىل پادىشاھلىق قىلغان)
پەرىدۇن ۋاپات بولۇپ بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مەنۇچېھىر ئۇنىڭ ئورنىغا شاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئۇنىڭ شاھلىق تەختىگە ئېرىشكەنلىكىدىن جاھان ئەھلى شاتلاندى.ئۇ تەختكە چىققاندىن كىيىن دانىشمەنلەرنى قەدىرلىدى.ئۇ ئەل يۇرتقا  مەردانىلىك بىلەن شاھلىق قىلىش توغرىسىدا قەسەمياد قىلدى:
-ئەي ئەھلى پۇقرالىرىم،مەن بۈگۈن شاھلىق تەختىگە  چىقىپ بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك خۇشال بولدۇم.بۇندىن كېيىن مىنىڭ دوستلارغا مېھرىم دەريادەك ئۇلۇغ،ياۋغا بولغان  غەزەپ نەپرىتىم دېڭىزدەك دولقۇنلۇق بولىدۇ.مەن تەڭرى يولىنى تۇتىمەن،ئىمان ئىنساپ بىلەن ئىش قىلىمەن. دۈشمەنلىرىمگە قەھرىم بىلەن ئوت ئاچىمەن.دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتە ھەرگىز رەھىم -شەپقەت قىلىشنى بىلمەيمەن.قارا كىچىلەردە، قارا ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان دۈشمەنلەرنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ يۈرىكىگە دەھشەت سالىمەن. ئات ئۈستىدە، ئىگەردە  مەزمۇت  ئولتۇرۇپ قولۇمدىكى قىلىچنى  ماھىرلىق بىلەن ئوينۇتۇپ  دۈشمەننىڭ بېشىنى كۇلاھى بىلەن قوشۇپ  ئۇچۇرىۋېتىمەن.بېشىمدا كاۋە بايرىقى لەپىلدەپ،ئۈستىمدە ساۋۇت دوبۇلغىلىرىم پارقىراپ مىنى قەھرىمانلىق كۈرەشلىرىگە ئۈندەپ تۇرىدۇ.قىلىچ -شەمشەرلىرىم شۇنداق ئۆتكۈركى- قورام تاشلارنىمۇ پارچە- پارچە قىلىۋېتىدۇ.جەڭ كۈنلىرىدە خېيىم- خەتەرلەرگە پىسەنىت قىلمايمەن.جەڭدە ئوت- يالقۇن،بەزمىدە سۈمۈرگۈچى بۇلۇتقا ئايلىنىمەن.خەلقىمگە دېڭىزدەك جۇش ئۇرۇپ قۇت ياغدۇرىمەن. مەندە ھۈنەر كۆپ، لىكىن ئاددى بەندىمەن.تەڭرى نامىنى كىچەيۇ -كۈندۈز دىلىمدا يادلاپ تۇرىمەن.تەڭرى يولىدا بېشىم سەجدىدە،كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقىدۇ.چۈنكى تەڭرى ماڭا مەدەتكار بولدى.بۇ تاجى- دۆلەتنىمۇ،بەگ- سىپاھنىمۇ،تەڭداشسىز ئىسىل ئوردا- سارايلارنىمۇ تەڭرى بەردى.دىمەك  دۈشمەنگە قارشى كۈرەشلىرىمدە شان- زەپەرنىمۇ تەڭرى بېرىدۇ. خەتەرلىك پەيتلەردە پاناھ بولىدۇ.مەن بۇندىن كېيىن بوۋام پەرىدۇننىڭ يولىنى تۇتىمەن.كىمىكى غېرىپ نامراتلارنى رەنجىتىپ زۇلۇم قىلىدىكەن، مەندىن قىلچە ياخشىلىق كۆرمەيدۇ.يەنە كىمىكى بايلىق قۇدرىتىدىن مەغرۇرلىنىپ ئاۋام پۇخرانى پەس كۆرسە يامانلىقلارنى جارى قىلسا،تەڭرى يولىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇ مىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمدۇر.ئۇلار مىنىڭ غەزەپ نەپرىتىمگە دۇچار بولىدۇ.بۇنداقلارغا دۇچ كەلگەندە قىلىچىمغا قول ئۇزۇتۇپ بېشىنى كىسىپ ئۆمرىنى قىسقارتىمەن. مەن يەنە بىدئەتكە، جادۇگەرلىككە قارشى.ھېچكىمنىڭ جادۇگەرلىك قىلىشىغا ،سېھرى- ئەپسۇن بىلەن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويمايمەن .بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارمۇ گۈرزەمنىڭ تەمىنى تېتىپ قالىدۇ.
ئوردا ئۆلىمالىرى،دانىشمەن زاتلار  ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى مەنۇچېھىرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىردەك ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىشتى:
-ئەي بەختىيار شاھ ،ساڭا ئاپىرىن!ئۇلۇغ بوۋاڭ پەرىدۇن سېنى ياخشى تەربىيەلەپ تاجۇ- تەخت سىرلىرىدىن ئاگاھ قىلغاندۇر.شۇڭا بەخت ئامىتىڭ مەڭگۈلۈك بولغاي!بىز ساڭا كىچەيۇ- كۈندۈز دۇئالار قىلىپ ئىشلىرىڭنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى،دۈشمەنلىرىڭنىڭ زاۋاللىق تېپىشىنى تىلەيمىز.بۇندىن كېيىن جان دىلىمىز بىلەن سېنى ھىمايە قىلىپ ئىشلرىڭغا يار يۆلەك بولىمىز.
شۇ ئارىدا جاھان پالۋىنى سام ئورنىدىن تۇرۇپ شاھقا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ شۇنداق دىدى:
    -ئەي ئادالەتپەرۋەر شاھ،كۆزلىرىم كۆزۈڭدە.دىلىم دىلىڭدىدۇر.ئۆمۈر بويى ساڭا ئىتائەت قىلىپ  ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىڭغا مەدەتكار بولىمەن.دۈشمەنلىرىڭگە قارشى جەڭلەردە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ يولۇڭدا جېنىم پىدا بولسا رازى بولغايمەن.سەن ئەجدادىڭدىن تارتىپ ئىران شاھىسەن،باتۇر پالۋانلار ،ۋەتەن سۆيەر مەرتلەرنىڭ پۇشتى- پاناھىسەن.تەڭرى ساڭا دائىم مەدەتكار بولۇپ تەن –جېنىڭ ئامان بولسۇن.بەختىڭ ھەمىشە ئويغاق،دىلىڭ شادىمان بولسۇن.سەن قەدىم زاماندىن يادىكارىمسەن.سەن شۇنداق باتۇركى، جەڭ كۈنلىرى ھەيۋەتلىك  شىر،بەزمە- مەشرەپلەردە نۇرلۇق ئاپتاپسەن. زىمىن ئاسمان -خاكى پايەڭ،مۇزەپپەر تەخت- ئۆمۈرلۈك جايىڭ بولسۇن.ھىندى قىلىچىڭ بىر كۈنمۇ ئارام ئالماي يەرنى پاكلىدى.ئەمدى سەن جەڭ يولىنى ئەمەس ئارام يولىنى تۇتقىن. جايىڭ تەخت، نىسىۋەڭ بەزمە، ئويۇن- تاماششا  بولسۇن.جەڭ ئىشلىرىنى مانا بىزلەرگە تاپشۇرغىن.ئەمدى دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىش ،ھۇجۇم ئىشلىرىنىڭ نۆۋىتى بىزلەرگە كەلدى.مىنىڭ ئەجداتلىرىمنىڭ ھەممىسى باھادىر بولۇپ ئۆتكەن.بىز ئەزەلدىن تاجۇ- تەخت تايانچىسى بولۇشقا قادىر.بوۋام گىرشەسىپتىن نەيرەمگە قەدەر ھەممىسى سىپاھ بولۇپ گۈرزە -قىلىچ ئوينىتىپ جەڭ قىلىپ كەلگەن. ئەجداتلىرىڭ ماڭا باتۇرلۇق نامىنى بېرىپ ئۆزىگە رام قىلغان ئىدى.بايا ئېيتقان سۆزلىرىڭدىن جېنىم سۆيۈندى.قانلىرىم شۇۋۇلدىدى.ئەمدى ماڭا ئىجازەت قىل.جاھان كېزەي،نەدە تەختىڭنىڭ دۈشمەنلىرى بولسا ئۆلتۈرۈپ قىزىل قانلىرى  بىلەن زىمىننى بېزەي.
بۇنداق مەردانە سۆزلەر بولىۋاتسا قايسى شاھ شاتلانمىسۇن؟! مەنۇچېھىر خوشاللىقىدىن غەزىنىچىلەرگە بۇيرۇپ ئىسىل بۇيۇملارنى، زەر تون سەرۇپايلارنى ئالدۇرۇپ چىقىپ سامغا تارتۇق قىلدى.باشقا تارتۇقلارنىمۇ تۆكمە قىلىۋەتتى.سام تارتۇقلارغا رەھمەت ھەشقاللا ئېيتىپ شاھ بىلەن خوشلاشتى.شۇ ئىشلاردىن كېيىن باشقا پالۋانلارمۇ ،شاھمۇ ئارام ئېلىش ئۈچۈن بىر –بىرلەپ ئوردىدىن قايتىشتى.
قەدىرلىك ئوقۇمەن،ئەمدى قەدىم زامانلارنى نامايەن قىلىپ ئۇلۇغ بىر قەھرىمانلىق داستانىنى سۆزلەپ بېرەي.سامغا پەلەك ئويۇن كۆرسىتىپ باتۇرلۇق،شان -شۆھرەت،پۇل- مال دۇنيانى ھەددى ھېساپسىز كۆپ ئاتا قىلغان بىلەن بىرمۇ پەرزەنت ئاتا قىلمىغان ئىدى.شۇڭا كىچەيۇ- كۈندۈز پەرزەنتسىزلىك دەردىدىن ئازاپ چېكەتتى.ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىپ كۆڭلىگە ئارام ئىزدەيتتى.شەبىستانىدا گۈل يۈزلۈك، ئىپار ھىدلىق بىر نىگارى بولۇپ ئۇنىڭمۇ دەردى شۇ ئىدى.ئۇلار كۆپ يىغلاپ تەڭرىدىن پەرزەنت تىلەشتى.ئاخىر تەڭرى ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارغا پەرزەنت ئاتا قىلدى.ئايالى ھامىلدار بولۇپ قۇساق كۆتەردى. ئانىنىڭ تەۋەللۇت قىلىدىغان ۋاقتى -سائىتى توشۇپ ئاخىر ھۆسۈن جامالدا دۇنيادا يىگانە بولغان ،قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى.لىكىن ئاينىڭمۇ خېلى بار  دىگەندەك بۇ بالىنىڭمۇ بىر ئەيىپى بار ئىدى.يەنى بۇ بالا مۆجىزىلەردەك ئاق چاچلىق تۇغۇلغان ئىدى.بۇنداق خوش- خەۋەرنى ئاڭلىسا سام قانداقمۇ خوش بولماي تۇرالىسۇن.خوش- خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆيۈنچىگە كۆمۈلۈپ كىتەتتىغۇ؟! لىكىن ئاق چاچ بوۋاق  تۈپەيلى ھىچكىم بۇ خۇش- خەۋەرنى سامغا يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى. شۇ تەرىزدە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.بۇ خەۋەرنى ھامان يەتكۈزمەي بولمايتتى.كېنىزەكلەر ئارىسىدىكى باتۇر،تارتىنماس شىر يۈرەك بىرى ئاخىر غەيرەتكە كىلىپ سامنىڭ يېنىغا خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدى.ئالدى بىلەن تەرىپتىن ئېغىز ئېچىپ سامغا قۇت تىلىدى:
-ئەي سام، سېنى مۇبارەكلەيمەن.بەختىڭ ئېچىلىپ كۈلسۇن،ياخشى خوش- خەۋەرلەردىن ھەسەتخورلارنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ ئۆلسۇن.تەڭرى تەلىپىڭنى ئىجابەت قىلىپ ساڭا  ئاي يۈزلۈك پالۋان بوۋاقتىن بىرنى ئاتا قىلدى.بۇنداق پاكىز پەرزەنتتىن ئىككىنچى بىرسى تېخى تۇغۇلغان ئەمەس.ئۇنىڭ سىياقىدىن پالۋانلارچە جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.نىگاھلىرىدىن ئارسلانلارمۇ تەپتارتىدۇ.بەدىنى كۈمۈشتەك،رەڭگى رۇخسارى خۇددى جەننەتتەك.بىرەرمۇ ئەيىپ نۇقسانى يوق،پەقەتلا ئاق چاچلىق تۇغۇلۇپ قالدى.  بولدى، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما! نىمە دەيتتۇق ،تەڭرىنىڭ بەرگىنى شۇ تۇرسا .ئۇنداق كىچىك ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭۈلنى يېرىم قىلغىچە خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتايلى.بۇ ھەقتە كۆڭلۈڭدىن ھىچقانداق يامان پىكىرگە ئورۇن بولمىسۇن.
سام گەپ- سۆز قىلماي تەختىدىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئايالىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ئوغلىنى قولىغا ئېلىپ كۆردى.تا مۇشۇ كەمگىچە ھىچكىم بۇنداق قېرى بوۋاقنى كۆرۈپ باقمىغان، ھەم بۇنداق بالىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى.بالا ناھايەت گۈزەل بولغان بىلەن بەدىنىدىكى بارلىق چاچ ھەم تۈكلىرى قاردەك ئاپپاق ئىدى.
بۇ بالىنى ئوبۇلقاسم فىردەۋسى مۇنداق تەرىپلەيدۇ.
تەندىكى جىمى تۈكى مىسالى قار،
چىرايى نۇرانە ،مىسالى باھار.
سام ئوغلىنى قېرى چاللاردەك ئاق چاچ ھالەتتە كۆرۈپ جاھاندىن بىر يولىلا ئۈمىد ئۈزدى.ئوغلىنىڭ بەدىنىدىن تەپتارتىپ قالدى.چىرايى دەرھال ئۆزگۈرۈپ چوڭقۇر خىياللارغا پاتتى.كىيىن ئۇ غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ ئاسمانغا قاراپ ياراتقۇچىغا خىتاپ قىلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى:
-ئەي بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك  قادىر خۇدايىم! ئىنسانلار سېنىڭ پەزلىڭ مەرھەمىتىڭدىن ھېساپسىز ياخشىلىقلارغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ.لىكىن مەن نىمە ئۈچۈن ئېرىشەلمەيمەن؟! مەن نىمە گۇناھ قىلدىم؟  ئەگەر مەن كەچۈرگۈسىز ئېغىر  گۇناھ قىلغان،دىۋىلەرگە ئەگەشكەن بولسام جازاسىنى ئۆزۈمگىلا بەرگىن.مەن سەن ئاتا قىلغان بۇ بالىنى كۆرۈپ نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولدۇم.ئۇ بالا ئىنسانبالىسىغا ئەمەس، بەلكى كىچىك ئەھرەمەنگە بەكرەك ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ كۆزلىرى قارا بولغان بىلەن چېچى ياسىمەن.ئەگەر باتۇرلار مىنىڭ پەرزەنت كۆرگەنلىكىمنى ئاڭلاپ مۇبارەكلىگىلى كەلسە بۇ بەدنىشان بالىنى كۆرۈپ مىنى مازاق قىلىپ كۈلمەسمۇ؟! تەنە مالامەت قىلماسمۇ؟! :‹‹ئەي سام، بۇ قانداق بالا،بۇنى پەرى دەيمىزمۇ يولۋاسمۇ؟نىمە ئۈچۈن ئاق چاچلىق تۇغۇلۇپ قالدى؟ قېرى باتۇرنىڭ بالىسى مۇشۇنداق قېرى بوۋاق بولۇپ تۇغۇلامدۇ؟!›› دېيىشسە مەن قانداق قىلىمەن؟! بۇنداق كۈننى كۆرگىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى ئەمەسمۇ؟ ماڭا  ئەمدى بۇ يۇرتتا تۇرۇش ھارام بولدى.مەن نومۇسقا چىداپ ياشىغاندىن ئىراننى تاشلاپ چەت يەرلەرگە چىقىپ كېتەي.يىگانە جاھان كېزىپ دەرتلىك كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپقۇزاي.
ئۇ ئاغزىدا شۇنداق دىگىنى بىلەن ئىراننى تاشلاپ شاھتىن بىسوراق ھىچيەرگە كېتەلمەيتتى.ئۇ بۇ بەختىدىن قاتتىق نارازى بولدى. غەزەپ كۈچىدە ئەقلىنى يوقۇتۇپ  قۇللىرىنى  چاقىردى.ئۇلارغا بۇ بالىنى دەرھال كۆزدىن يوقۇتۇشقا، قۇياشقا يېقىن، لىكىن يەردىن يىراق بىر تاغدىكى سۇمرۇغ ماكانىغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپ كىلىشكە ئەمىر قىلدى. بالىنىڭ ئانىسى سامدىن قورقۇپ ئىچىدە ئوت -كاۋاپ بولۇپ كۆيىۋاتقان بولسىمۇ ئېرىگە قارشىلىق قىلالمىدى.بىرەر ئامال تېپىپ ئوغلىنى ساقلاپ قېلىشقا پېتىنالمىدى.قۇللار بىرنەچچە ئاي يول يۈرۈپ ئاخىرى ئادىمىزات ئايىقى تەگمىگەن ھېلىقى يىراق تاغ باغرىغا يىتىپ كىلىشتى.پەرمان شۇنداق بولغاچقا تاش يۈرەك بولۇپ  گۆدەك بوۋاقنى شۇ يەرگە تاشلىۋېتىپ قايتىپ كىتىشتى.
بىچارە بوۋاقتا نىمە گۇناھ،ئاق چاچ بولسا نىمە بوپتۇ؟! سام بالىسىغا مېھىرسىزلىك قىلغان، ئۇنىڭغا تاش- يۈرەكلىك قىلىپ ئادەمسىز تاغۇ- تاشلىققا تاشلىۋەتكىنى بىلەن ياراتقان پەرۋەردىگار تاشلىۋەتمىدى.پەرۋەردىگار ئىنسانلاردەك رەھىمسىز ئەمەس ئىدى.ھېكمەت بىلەن ئىش قىلاتتى.ئۇ ئاتىسى خار قىلغان بىچارە مەسۇم گۆدەكنى ئەزىزلەشنى ئىرادە قىلدى. بۇ تاغ باغرىدا بىر ئانا شىر بار ئىدى.قۇللار بوۋاقنى تاشلىۋىتىپ كەتكەندە ئۇ بالىسىنى ئۆزىنىڭ قۇۋۋەتلىك ئاق سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىۋاتاتتى.ئۇ رەھىمسىز ئىنسانلارنىڭ بۇ ئاجايىپ قىلىقىنى كۆرۈپ بالىسىنىڭ دۈمبىسىنى يالىغاچ يۈرەك سىرلىرىنى تۆكۈپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي جېنىم بالام،سەن كۆزۈمنڭ گۆھىرى،جېنىمنىڭ ئوزۇقى.مەن سېنى دۇنيادا ھەممىدىن ئېزىز كۆرىمەن. بىز بۇنى ‹‹ئانا مىھرى›› دەيمىز.دۇنيادا ئانا مىھرىنى بېسىپ چۈشكىدەك مىھرى مۇھەببەت يوق.مەن ساڭا سۈت ئەمەس، بەلكى يۈرەك قېنىمنى بېرىۋاتىمەن.مەن سېنى ئۆمۈر بويى شۇنداق باقساممۇ ھەرگىز سېنى ماڭا قەرىزدار دەپ ھېساپلىمايمەن.سەن مىنىڭ ھاياتىم،كۆڭلۈمدىكى قۇياشىم.ئەگەر مەن سەندىن ئايرىلسام ھاياتىممۇ تۈگىشىدۇ.
بىگۇناھ نارىسىدە بالا ھىچقانداق باشپاناھسىز ھالدا بەزىدە  ۋار –ۋۇر ۋارقىراپ يىغلاپ،يەنە بەزىدە ئۆز بارماقلىرىنى شوپۇلداپ ئىمىپ تاشلىنىپ ياتماقتا ئىدى.ئانا شىرنىڭ ئۇنىڭغا رەھمى كىلىپ بوۋاقنىڭ يېنىغا باردى -دە ئۆز سۈتى بىلەن ئۇنى ئېمىتىپ ئوزۇقلاندۇردى. قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويۇپ يەنە بالىسىنىڭ يېنىغا كەتتى. بالا يەنە پاناھسىز قالدى.بىرنەچچە كۈن شۇ تەرىقىدە ئۆتتى.بىر كۈنى بۇ تاغنىڭ چوققىسىدا ياشايدىغان سۇمرۇغ قۇش بالىسىغا ئوزۇق ئىزدەپ چىقتى.ئۇ ئەتراپنى كۆزىتىۋېتىپ تاشلاندۇق بىچارە بوۋاقنى كۆرۈپ قالدى.خۇدا شۇئان سۇمرۇغنىڭ كۆڭلىگە بالا مىھرىنى سالدى. سۇمرۇغ شۇئان يەرگە پەسلەپ چۈشۇپ بوۋاقنىڭ ھالىنى كۆردى.بالىنىڭ بۆشىكى توپا، ئانىسى تۇپراق ئىدى.تېنى يۆگەكسىز، ئاغزى ئەمچەكسىز ھالدا يىغلاپ ياتاتتى.تولا يىغلىغانلىقتىن كۆز دىن ئاققان ياشلىرى ئەتراپتىكى توپىلارنىمۇ لاي قىلىۋەتكەن ئېدى. ئۈستىدە كۈن نۇرى تىك چۈشۈپ تۇراتتى. سايىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.سۇمرۇغ ئاللاھ ئىگەم سالغان مېھىر تۈپەيلى شۇ مىنۇتتا ھەتتا ئۆز بالاپانلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.ئۇ شىددەت بىلەن پەسلىدى. بالىنى چاڭگىلىغا ئالغاندىن كېيىن كۆككە  قايتا كۆتۈرۈلۈپ  تاغ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى.بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۇچۇپ ئۇۋىسى تامان باردى.بۇ بىچارە بوۋاق بالاپانلىرى ئالدىغا قويۇلغاندا ئۇلار چىرقىرىشىپ غەليان كۆتۈرۈشتى.لىكىن بىردىنلا ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ قېرىنداشلىق مېھرى چۈشۈپ خۇددى ئۆز قېرىندىشىنى كۆرۈشكەندەك بىر خىل مېھىر ئولارنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ پەيدا بولدى.شۇڭا  بوۋاقنى يۇمشاق قاناتلىرى بىلەن ئەركىلىتىشتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ بوۋاق بۇ سۇمرۇغ ئۇۋىسىدا ماكانلىشىپ سۇمرۇغلار بىلەن بىللە تۇرۇپ قالدى. ئانا سۇمرۇغ شۇندىن بۇيان ئادىتى بويىچە بالىلىرىغا ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ ئەكىلىپ بىرىپ گۆشى بىلەن چۆجىلىرىنى، قېنى بىلەن بوۋاقنى ئوزۇقاندۇرۇپ بېقىشقا باشلىدى.سۈت بولمىسا  قان ئەممەي نە ئامال دەيسىز؟
تەقدىرنىڭ ھۆكمى بىلەن بوۋاق سۈت ئورنىغا ھايۋان قېنى بىلەن ئوزۇقلىنىپ، ئۇلار بىلەن  بىللە ياشاۋەردى.كۈنلەر ھەپتىلەرگە،ھەپتىلەر ئايلارغا،ئايلار يىللارغا ئۇلۇشۇپ ھەش- پەش دىگۈچە ئارىدىن ئون نەچچە يىللار ئۆتۈپكەتتى. بۇ بوۋاقمۇ چوڭۇيۇپ چوپ-چوڭلا بىر يىگىت بولۇپ قالدى. ئۇ شۇنداق بىر باتۇر بولۇپ ئۆستىكى، جاھاندا ھىچبىر ئەر ئۇنىڭغا تەڭداش رەقىب بولالمايتتى.نەرە تارتىدىغان بولسا تاغلار جاراڭلاپ ئەكىس سادا قايتاتتى.يىرتقۇچلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلىسا قورقۇنۇشتىن دىر –دىر تىترىشەتتى.
نىھايەت بىر كۈنى بىر توپ كارۋان بۇ تاغنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بۇ پالۋان يىگىتنى كۆرۈپ قالدى.ئۇ شۇنداق ئىگىز ۋە سەرۋى قامەت ئىدىكى، بويى چىناردەك كىلەتتى.بېلى قومۇشتەك، كۆكرىگى تاغدەك ،يۈزلىرى ئاپتاپتەك ئىدى.كارۋانلار بۇ ئاجايىپ خەۋەرنى قىزىق ۋەقە سۈپىتىدە بارغانلا يېرىدە سۆزلەپ يۈرۈشتى.بۇ كارامەت يىگىت ھەققىدىكى مىش- مىش پاراڭلار جاھانغا تاراپ كەتتى.بۇ خەۋەرلەر سامنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتكەندە ئۇ ئون نەچچە يىللار بۇرۇن تاشلىۋەتكەن ئوغلىنى ئېسىگە ئېلىپ كۆز يېشى قىلدى.چىدىغۇسىز بىر ئازاپ يۈرىكىنى ئامبۇردەك قىستى.
تۈنلەردىن بىر تۈنى سام ئۇخلاۋىتىپ ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپ قالدى.ھىندىستان تەرەپتىن بىر ياش پالۋان ئات چېپىپ كەلگۈدەك.پالۋان يىگىت سامنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ سامغا سالام بەرگۈدەك ۋە تازىم قىلىپ تۇرغۇدەك.ئاندىن سامدىن ئوغلى ھەققىدە سوراۋاتقۇدەك. سام چۈشىدىن ئويغۇنۇپ تەبىرچى مۇبەدلەرنى چاقىرىپ كىرىپ كۆرگەن چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ تەبىرىنى سورىدى ۋە قوشۇپ دىدى:
     -بۇ تىلسىم ئىشلارغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر.دۇنيا تىلسىمات- ئاجايىبات بىلەن تولغاندۇر.مەن بۇ خىلدىكى چۈشلەرنى تەكرار -تەكرار كۆردۈم. كۆڭلۈمدە ئوغلۇم ئۆلمىگەندەك، تېخىچە ھاياتتەك تۇيۇلىدۇ.يازنىڭ ئىسسىقلىرى،قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرى، تاغنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلىرى ،ئاچلىق  ۋە پاناھسىزلىق بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشى مۈمكىن. ھايۋان جېنىدا بالىسىنى قوغدايدۇ،ئاسرايدۇ.ئەمما مەندەك تاغۇ -دەشتكە تاشلىۋەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ھايات قېلىشىغا ئىشەنىچ بولمىسىمۇ لىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا‹‹ئوغلۇڭ تېخى ھايات›› دەپ مىنى ئۈمىدلەندۈرۈپ ۋەسۋەسە پەيدا قىلىدۇ. كۆڭۈل ئارامىمنى بۇزىدۇ.
      -ئەي جاھان باتۇرى –دىدى تەبىرچىلەردىن بىرى-  ھەركىم خۇداغا ناشۈكۈرلۈك قىلسا،ياخشىلىق ئىشلىرىمۇ يامانغا، بالايى-ئاپەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ.مەيلى يەردىكى شىر يولۋاس،مەيلى سۇ ئىچىدىكى لەھەڭ ياكى بېلىق بولسۇن ھەممىسى ئۆز بالىسىنى پەرۋىش قىلىپ بېقىپ ئۆستۈرىدۇ.رەببىى قانداقلا پەرزەنەت ئاتا قىلسا شۇكرى قىلىدۇ،رەببىنى سېغىنىپ ياد قىلىدۇ.لىكىن سەن ئۇنداق قىلالمىدىڭ .ئىنسانلاردىكى ياخشىلىق ئادىتىگە كىر يۇقتۇردۇڭ.ئاق چېچىدىن خاپا بولۇپ غەزەپلەندىڭ.خۇداغا ناشۈكۈرلۈك قىلىپ ساڭا ئاتا قىلغان بەخت- ئامىتىنىڭ قەدرىنى قىلمىدىڭ.پاك ئىنسان ھەرگىزمۇ ئۆز پەرزەنتىدىن نومۇس قىلمايدۇ.ئۆزى تىرىك تۇرۇپ پەرزەنتىنى خارلىق كوچىسىغا تاشلاپ قويمايدۇ.چۈشۈڭنىڭ تەبىرى شۇكى،چۈشۈڭدە كۆرگەن يىگىتنى ‹‹ئۆز ئوغلۇم›› دەپ بىل.ئۇ تېخىچە ھايات ئىكەن.ئۇنى نەدىن بولمىسۇن ئىزدەپ تاپ! كىچىككەن بولساڭمۇ گۇناھىڭنى تونۇپ پەرزەنتىڭنى يېنىڭغا ئېلىپ كىلىپ، ئاتىلىق مىھرىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلىب  جاراھەتلىرىنى داۋالا! شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ كىمگە ئۆز پەزلى ئىنايىتىنى كۆرسەتسە سوغوق ۋە ئىسسىقلار،جاھان ئاپەتلىرى ئاڭا كار قىلالماس.سەن بۇندىن كېيىن خۇداغا يېلىنىپ ئىلتىجا قىلىپ، گۇناھلىرىڭغا چىن كۆڭلۈڭ بىلەن تەۋبە قىل.پەرزەنتىڭنىڭ تېپىلىشىنى، ئاتا- بالىنىڭ قايتا جەم بولۇشىنى رەببىڭدىن تىلە،مانا شۇندىلا مۇرادىڭ ھاسىل بولغۇسى.

سام تەبىرچىلەرنىڭ تەبىرىدىن كېيىن  ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى بەرھەق دەپ بىلىپ شۇ بويىچە ئىش قىلماقچى بولدى.غۇسلى قىلىپ پاكلانغاندىن كېيىن ئەر- ئايال ھەر ئىككىلىسى كېچىچە خۇداغا زار –زار يىغلاپ دۇئا تەكبىرلەر ئوقۇپ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىشتى.پەرزەنتىنىڭ ھايات قېلىشىنى، قايتا دىدارلىشىپ جەم بولۇشىنى تىلىدى.ئاندىن ئەتىسى ئەتىگەندە سەپەرگە جابدۇنۇپ ئېلبۇرز تېغى تەرەپكە قاراپ سەپەرگە ئاتلاندى.بىر كۈن يول يۈرۈپ قاراڭغۇ چۈشتى.سامغا ھاردۇق يىتىپ  ئۇيقۇسى كەلدى.ئۇ بىر جاينى تېپىپ غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن يېتىپ ئۇخلاپ ئارام ئالدى.
ئۇ يەنە چۈش كۆردى.ئۇ يەنىلا ھىندى تېغىدا تۇرغۇدەك.ئۇنىڭغا بايراق كۆتەرگەن بىر غولام كۆرۈندى.غۇلام شۇنچە گۈزەل ئىدىكى، ئۇنىڭ ئاپتاپتەك گۈزەل چېھرى قاراڭغۇ تۈن قوينىنى يوپيۇرۇق يورۇتۇپ تۇراتتى.ئۇنىڭ كەينىدىن ھەيۋاتلىك بىر قوشۇن كىلىۋاتاتتى.سول تەرىپىدە نۇرانە مۇبەدلەر، ئوڭ تەرىپىدە ھېساپسىز دانا مۆتىۋەرلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلمەكتە ئىدى.ئۇلاردىن بىرى توپتىن ئايرىلىپ سامنىڭ يېنىغا كەلدى- دە ئاچچىغى بىلەن ئۇنى ئەيىپلەشكە باشلىدى:
      -ئەي قارام مەرد،ئەي ناپاك كىشى! گېپىمگە قۇلاق سال.پەقەت نامەرت ئىنسانلارلا ھەقتىن يۈز ئۆرۈيدۇ.سەن ئۆزۈڭنى پالۋان چاغلاپ يۈرگەن بىلەن ئۆز پەرزەنتىڭنى قوغداپ قالالمىدىڭ.ئاللاھ ئالدىدا تۈگىمەس گۇناھقا پاتتىڭ.سەن شۇنى بىلمىدىڭكى، ئۆز ئوغلۇڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۆلتۈرمەك بولۇپ ئادەمسىز ياۋانغا تاشلىۋەتتىڭ.سەن مېھىرىسىزلىك قىلغان بىلەن ئانا قۇش سەن قىلغاننى قىلمىدى.ئاللاھنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇ قۇش تاشلىۋەتكەن بالاڭنى بېقىپ چوڭ قىلدى.سەن تولىمۇ ئەقىلسىز ئىكەنسەن.ياخشى- ياماننى پەرىق ئەتمەيدىكەنسەن.شۇنى بىلگىنكى، ئاق چاچمۇ ئىنسان جامالىنى بېزىيەلەيدۇ.گۈزەل، قامەتلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ.مانا قارا،ئۆزۈڭدىمۇ ئاق چاچ تۇرمامدۇ؟ چاچ مەيلى ئاق بولسۇن، مەيلى قارا بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھنىڭ تارتۇقى-ھەدىيىسى! ئىنسان تېنىدە ھەر كۈنى تۈمەن خىل رەڭ ئۆزگۈرىشى بولۇپ تۇرىدۇ.بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن ئاغرىنساق،چوڭقۇر گۇناھقا پاتقان بولىمىز.شۇنى بىلگىنكى، سەن ئوغلۇڭنى خار قىلغان بىلەن ياراتقۇچى ئەزىز قىلدى.سەن ئوغلۇڭ ئۈچۈن باغرىڭنى تاش قىلغان بىلەن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دۇنيادا ھەممىدىن مىھرىبان...
سۆز شۇ يەرگە كەلگەندە سام كۆرگەن  چۈشىدىن بىئارام بولۇپ دامغا چۈشكەن شىردەك ئىڭراپ ئويغىنىپ كەتتى ۋە چاچراپ ئورنىدىن تۇردى.ئۇنىڭ يەنە داۋاملىق ئۇخلاشقا رايى قالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ بىرلا ۋارقىراپ ھەمراھلىرىنى ئويغۇتۇپ سەپەرگە جابدۇتتى.ئۇلار ئايسىز قاراڭغۇدا يەنە ئىگىز تاغ تەرەپكە قاراپ چاقماقتەك تېز يۈرۈپ كېتىشتى.
ئۇلار شۇ تەرىزدە بىرنەچچە كۈن يول يۈرۈپ ئاخىر نىشانلىغان ئىگىز تاغ باغرىغا يىتىپ كىلىشتى.
بۇ تاغ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىگىز تاغ بولۇپ چوققىلىرى يۇلتۇزلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەندەك كۆرىنەتتى. تاغنىڭ چوققىسىدا گۈزەللىكتە زۇھەل يۇلتۇزىمۇ تەڭ كېلەلمىگۈدەك غايەت چوڭ ھەم گۈزەل بىر ئۇۋا كۆرۈندى.يوغان ئۇۋا ھۇشىنى ئالغان سام ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇۋىغا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.بۇ ئۇۋا كۆكنى تىرەپ تۇرغان،نە  خىش،نە لاي ئىشلىتىلمەي ئادەملەرنىڭ قولىسىز بىنا قىلىنغان ئاجايىپ بىر ساماۋى ساراي ئىدى.ساراي ئەتراپىدا بەئەينى سامغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر باتۇر يىگىت ئايلىنىپ يۈرەتتى.باتۇر سام پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق غايەت چوڭ قۇشنى ۋە تىلسىملىق جاھاننى بەرپا قىلغانلىقى ئۈچۈن تەھسىن- ئاپىرىنلار ئېيتىپ ئاپىرىن يۈزىسىدىن سەجدە قىلىپ بېشىنى كۆتىرەلمەيلا قالدى.
شۇ ئىشلاردىن كىيىن سام تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىش ئۈچۈن يول ئىزدىدى.ئەمما بىرمۇ يول يوق ئىدى.شۇنىڭ بىلەن سام ياراتقۇچىغا ئىلتىجا قىلىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى:
      -ئەي راززاق،سەن ھەر جايدا ھازىر ۋە نازىردۇرسەن.پەرمانىڭ بىلەن قۇياش- ئايلارنىڭ نۇرىمۇ ئۆچەر.مۈشكۈلدە قالغانلار سەن بىلەن نىجاتلىققا يېتەر. شۇڭا سەندىن ئىلتىجا قىلىپ سەجدىگە بېشىمنى قويدۇم. سەندىن شۇنى ئۆتىنمەنكى، ئەگەر بۇ بالا مىنىڭ پاك پۇشتۇمدىن تۆرەلگەن بولسا مىنى ئۇنىڭ دىدارىغا قايتا ئېرىشتۈرگىن.ئەگەر ئەھرەمەننىڭ تۇخۇمىدىن بولغان بولسا مىنى جازالاۋەرگىن.سەندىن يەنە بىر قېتىم ئۆتىنەيكى، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن.قەبىھ قىلمىشلىرىمنى ئۇنۇتقىن.
سامنىڭ ئىلتىجالىرى تەڭرى تەرىپىدىن قوبۇل بولۇپ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.سۇمرۇغ تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ بۇ ئادەملەر توپىنى كۆرگەندىن كېيىن  ھەممىنى چۈشەندى.ئۇلار ئەلۋەتتە  بۇ يەرگە سۇمرۇغنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلمىگەن ئىدى.ئۇلارنىڭ نىشانى ئۆز يېنىدىكى ئادىمىزات  ئىدى.شۇڭا ئۇ سامنىڭ ئوغلىغا بېقىپ شۇنداق دىدى:
-ئەي نەۋقىران ئوغلۇم،سەن بۇ يەردە يورۇق جاھاننى ۋە دۇنيانىڭ راھەت خوۋلۇقلىرىنى كۆرمەي جاپادا ئۆستۈڭ. ئاناڭ بولمىسا ئاناڭ،ئاتاڭ بولمىسا ئاتاڭ بولۇپ سېنى پەرۋىش قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلدىم.سېنىڭ يۆلەنچىڭ،تايانچىڭ، بارلىقىڭ مانا مەن.مەن ساڭا يەنە ئادەملەردەك سۆزلەشنى،ئادەملەردەك ياشاشنى ئۆگەتتىم.مەن ساڭا ‹‹داستان زەند›› دەپ ئات قويغان ئىدىم.
بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغايسەن.سەن ئەسلى جاھاندىكى داڭلىق باتۇر سامنىڭ ئوغلى بولىسەن. ئۇ دۇنيادىكى مۆتىبەر ياخشى ئىنسانلارنىڭ بىرىدۇر.تەقدىر قىسمەت تۈپەيلى سەن بۇ يەرگە كىلىپ قېلىپ مىنىڭ تەربىيەم ھامىيلىقىمدا ئۆسۈپ چوڭ بولدۇڭ.بۈگۈن ئۆز ئاتاڭ سېنى ئىزدەپ بۇ تەرەپلەرگە قەدەم تەشرىپ قىپتۇ.بېشىڭدىن بۇ يەردىكى مىھنەت- مۇشەققەتلىرىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئىقبال يۇلتۇزۇڭ كۈلۈپ بېقىپتۇ.ئەمدى سېنى كۆككە كۆتۈرىدىغان، ئاتاڭنىڭ ئالدىغا قويىدىغان پەيت كەلدى. بۇنىڭغا رازىمۇسەن؟!
يىگىت سۇمرۇغنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ دىلىنى غەم باستى.جۇدالىق زارىنى ئويلىغىندا  كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي قالدى.شۇڭا ئۇ ئانا سۇمرۇغقا بېقىپ چىن دىلىدىن بۇ سۆزلەرنى ئېيتتى:
   -ئەي ئانا،مەن ئەسلى ئۆلۈپ كېتەتتىم.سەن بولغاچقا ھايات قالدىم.سېنىڭ جايىڭ مەن ئۇچۈن دۇنيادا ھەممىدىنمۇ يورۇق جايدۇر.سېنىڭ ئىككى قانىتىڭ مەن ئۈچۈن تاج- تەختتۇر.سەن بىلەن ئۆمۈر بويى بىرگە ياشىماق ماڭا  ئارمان ۋە بەختتۇر.شۇڭا مىنى دەرگاھىڭدىن قوغلىمىغايسەن!
سۇمرۇغ جاۋابەن مۇنداق دىدى:
      -سەن بىلمەيسەنكى، شاھانە تۇرمۇش بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىدىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەلدۇر.سېنى ئەمدى سۇمرۇغ ئۇۋىسى ئەمەس يېڭىچە ھايات، يېڭىچە تۇرمۇش ئۆز  قوينىغا چىللاۋاتىدۇ.مەنمۇ ساڭا چىدىمايمەن، سەندىن ئايرىلسام ئازاپ يۇتىمەن.مېنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىم  ساڭا مەڭگۈلۈك ھەمراھ.بۈگۈن ئۆز ئاتاڭ سېنى ئىزدەپ كەلگەن ئىكەن، مىنىڭمۇ سېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يولغا سېلىپ قويماي باشقا ئىلاجىم يوق.دۇنيانىڭ ئىشلىرى تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ.ئۇنىڭغا قارشى چىقىش، بويۇنتاۋلىق قىلىش ئېغىر گۇناھ بولىدۇ.مۇنداق بولسۇن. سەن مېنى تولا خىجالەت قىلماي ئۆز ئاتاڭ بىلەن كەتكىن. سەن مىنىڭ ئىككى- ئۈچ تال پېيىمنى ئالغاچ كەت.شۇندىلا سەن مىنىڭ ئىسىمدىن مەڭگۈ كەتمەيسەن.قاچانكى بېشىڭغا ئېغىر كۈنلەر كىلىپ تەشۋىشتىن قۇتۇلالمىغىنىڭدا، پەيلىرىمدىن بىرنى كۆيدۈرسەڭ مەن دەرھال يېنىڭدا پەيدا بولۇپ مۈشكىلىڭنى يىڭىشكە ياردەم قىلىمەن.مەن سېنى قانىتىم ئاستىدا پەرۋىش قىلىپ بېقىپ ئۆستۈردۈم.ئۆز بالىلىرىم بىلەن تەڭ كۆرۈپ مېھىر- مۇھەببىتىمنى ئايىمىدىم.شۇڭا مەن ئاناڭنىڭ مىھىر- مۇھەببىتىنى ئەسلا ئۇنۇتمىغايسەن!
سۇمرۇغ شۇنداق دەپلا  قانات قېقىپ كۆككە كۆتۈرۈلدى.بىردەمدىلا ئۇ بۇلۇتلار ئارىسىدا كۆرۈنمەي قالدى.شۇ ئۇچۇشتا شىڭگىل- شىڭگىل قۇش پەيلىرى لەيلەپ سام ئوغلىنىڭ ئەتراپىغا چۈشتى. كىيىن سام ئوغلى سۇمرۇخ پەيلىرىنى يىغىۋېلىپ بولغاندىن كىيىن سۇمرۇغ  سام ئوغلىنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ ئۇنى تاغ ئۈستىدىن پەسكە، ئۆز ئاتىسىنىڭ يېنىغا چۈشۈرۈپ قويدى.
سام ئوغلىنى كۆرۈش بىلەنلا زار-زار يىغلاپ سۇمرۇغنىڭ ئالدىغا تىز چۆكتى. تەشەككۈر ۋە ئاپىرىن سۆزلىرىنى يامغۇردەك ياغدۇرىۋەتتى:
-ئەي قۇشلار شاھى،ساڭا پەرۋەردىگار شۇنچە چوڭ قۇدرەت ۋە كارامەت ھۈنەرلەرنى ئاتا قىپتۇ.سەن يەنە يىتىم يىسىرلارنى قانىتىڭ ئاستىغا ئېلىپ بېقىپ پەرۋىشلەپ قۇشلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئەبەدىيلىك دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچتىڭ.ئىنسانلارغا چەكسىز مىھىر- مۇھەببەت كۆرسىتىپ يامان نىيەتلىكلەرنىڭ نىيىتىنى بەربات قىلدىڭ.شۇڭا پەرۋەردىگار ساڭا مىڭ يىللاپ ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن.پەرزەنتىمنى بېقىپ تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقىنىڭ يەنە سالامەت قولۇمغا تاپشۇرۇپ بەرگىنىڭ ئۈچۈن ئالدىڭدا تەشەككۈرگە تىلىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ.ياخشىلىقىڭنى ئۆمۈر بويى ئۇنۇتمايمەن.
سۇمرۇغ جاۋابەن ھۆرمەت سالىمى سۈپىتىدە بېشىنى ئىگىپ ئىھتىرام بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۆز ئۇۋىسى تامان ئۇچۇپ كەتتى.سامنىڭ ئادەملىرى سۇمرۇغنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن سامنىڭ ئوغلىغا نەزەر سېلىشتى.ئوبۇلقاسىم پىردەۋسىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى سام ئوغلى زالنىڭ سۈپەت تەرىپى مۇنداق:
چېھرى نۇر قۇياشتەك،تېنى شىردەك زور،
يۈرىكى قورقۇمسىز،قولى قىلىچقا جور.
كۆزلىرى قاپقارا،كىرپىكى ئاپئاق،
لەۋلىرى چوغ مىسال ،چېھرى گۈل سىياق.
ئاق چاشلار تاشلىنىپ تۇرمىسا كۆزگە،
تاپقىلى بولمايتتى بىرەر ئەيىپ ئۆزگە.
سام ئوغلىنى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ شاتلىقتىن ئالەمچە شاتلاندى.لېكىن قىلغان- ئەتكەنلىرىدىن تولىمۇ خىجالەتمەن ئېدى. شۇڭا ئۇ ئوغلىغا يۈزلىنىپ دىلىدىكى جىمىكى خۇش سۆزلىرىنى ئېيتىپ ئوغلىدىن كەچۈرۈم سورىدى:
  -ئەي ئوغلۇم سىلىقلىقنى ئادەت قىلغىن.ئۆتمۈشنى ياد ئەتمەي ئەتىگە نەزەر سېلىپ خەستە كۆڭلۈمنى ئىللىتقىن.مەنمۇ بىر بىچارە تەڭرى بەندىسىمەن.سېنى قايتا تېپىپ شاتلىقىمدىن ئەتراپىڭدا پەرۋانەڭ بولدۇم.ساڭا بولغان مىھرى –مۇھاببىتىمنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ.سەندىن شۇنى ئۆتىنىمەنكى، بۇرۇنقى ئىشلار ئۈچۈن ماڭا قەھىر- غەزەپ قىلمىغايسەن.بۇندىن كىيىن نىمە دىسەڭ، نىمە تەلەپ قىلساڭ  ساڭا جېنىم بىلەن ئورۇنداپ بېرىمەن...
شۇ سۆزلەردىن كىيىن ئوغلىنى پالۋانلارغا خاس  كىيىم بىلەن كىيىندۈرۈپ شاھانە لىباسلارغا پۈركەپ باتۇرلارغا ماس بىر ئاتقا مىندۈرۈپ ئۆز شەھىرىگە ئېلىپ ماڭدى.ئۇنىڭ ئىسمىنى‹‹ زال زەر ››دەپ ئاتاشتى.سۇمرۇغ قويغان ناممۇ شۇندىن ئېتىبارەن ئۇنتۇلۇپ كەتتى.ئۇلار تاغ ئىتىكىدىن پەسكە چۈشۈشى ھامان سامنىڭ لەشكەرلىرى تەرەپ -تەرەپتىن يىغىلىپ كېلىپ سامنى قىزغىن مۇبارەكلەشتى.شاتلىقتا ناغرا- دۇمباقلارنى چېلىشىپ شادىيانە ئۇسۇللارغا چۈشۈپ كېتىشتى.كىيىن شاھانە داستىخان يېيىلدى.ئۇلار يەپ ئىچىپ تويۇشقاندىن كېيىن قايتماقچى بولۇشۇپ يولغا چۈشۈشتى.ئۇلار قايتار يولىدا نەچچە كۈنلۈك سەپەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ،بۇ سەپىرىدە نامدار جاھان پالۋىنىدىن بىرنى ئاۋۇتۇپ زەپەر بىلەن شەھىرىگە قايتىپ كېلىشتى.
سامنىڭ ئۆز ئوغلىنى تېپىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان پادىشاھ مەنۇچېھىر شاتلىنىپ ئوغۇللىرىدىن بىرى بولغان نەئۇزەرنى سامنىڭ يۇرتىغا ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئۆز ھوزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى.سام بىلەن زال مەنۇچېھىر دەرگاھىغا كەلگەندىن كېيىن زالنىڭ گۈزەل چېھرى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى كۆرۈپ ئوردا ئەھلى تاڭ قالدى.ئۇلار شاھ ھوزۇرىدا نەچچە كۈن ئېزىز مىھمان بولۇپ كۈتۈلگەندىن كېيىن يەنە يۇرتى زابۇلىستانغا قايتىپ كېلىشتى.زال ئوغلىنى تۈرلۈك ھۈنەر ۋە بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۈندىدى.
شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئوقۇش، ئۆگىنىش بىلەن ئۆتۈپ زال زامانىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق پالۋانىغا ۋە بىلىمدارىغا ئايلاندى.
كىيىنكى كۈنلەردە  سام ئىراننىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلانغاندا زابۇل خانلىقىنى ئوغلى زالغا تاپشۇرۇپ ‹‹ئادىل ۋە ھىممەتلىك بولۇش،ئانا يۇرتى زابۇلنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا ھەركەت قىلىش،ئىلىم- پەن،ھۈنەر- سەنئەتكە ھامىيلىق قىلىش››نىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە نەسىھەتلەر قىلىپ يۈرۈشكە ئاتلىنىپ كەتتى.ھەممە ياخشىلىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئىلىم ھۈنەردىن كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
زال ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن  ئۇنىڭسىز مەملىكەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلەلمەي قالدى .شۇنىڭ بىلەن مەملىكەتنى بىر ئايلىنىپ سەيلى- ساياھەت قىلىش،قاھان كۆرۈپ كۆزىنى ئېچىپ بىلىمىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ كىلىشكە بەل باغلاپ سەپەرگە ئاتلاندى.
شۇنداق قىلىپ زال بىلەن رۇدابە ھەققىدىكى تەسىرلىك داستان باشلاندى:
شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى  زال مەملىكەتنى ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كۆڭلى يېقىن بىرقانچە پالۋانلار  ۋە ئون نەچچە خاس خىزمەتچى ھەمراھلىرى بىلەن سەپەرگە چىقتى.خاس خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا پىكىرداشلار،مەسلەكداشلار ۋە قىزىقچى ئويۇنكەشلەرمۇ بار ئىدى.ئۇلارنىڭ سەپەر مەنزىلى ھىندى يەرلىرىگىچە باراتتى.ئۇلار يول بويى،مەرغۇ،ماي، ،دومبەرۇ قاتارلىق شەھەر ۋە يۇرتلارنى ئايلىنىپ قەيەر مەنزىرىلىك ، خۇش ھاۋالىق  بولسا شۇ يەرگە چېدىر تىكىپ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە شاراپ ئىچىپ، گۆش، كاۋاپلارنى يەپ،ناخشا- ساز ،ئويۇن- تاماششىلارنى قانغۇچە ئويناپ سەپىرىنى  داۋام قىلماقتا ئىدى.ئۇلار شۇ تەرىزدە يول يۈرۈپ زابۇلدىن كابۇلغا يىتىپ كەلدى.
كابۇل شاھىنىڭ نامىنى مىھراب دىيىشەتتى.ئۇ زەبەردەست،بەدەۋلەت،سەرۋى قامەت ئادەم بولۇپ مىڭىش- تۇرۇشى بەكمۇ سۈلكەتلىك،چىراي- رۇخسارى باھار مەسەللىك ،قامۇستەك مول بىلىملەرنى ئىگەللىگەن، مەرتلىكنى ئادەت،خەيرى- ساخاۋەتنى داۋاملىق ئادەت قىلىۋالغان  بىر باتۇر   پادىشاھ ئىدى.ئۇنىڭ ئەجدادلىرى زەھھاك بىلەن جەمەتداش بولۇپ نەچچە زاماندىن بېرى كابۇل ۋىلايىتىگە شاھلىق قىلار ئىدى.ھەر يىلى سامغا  ناھايىتى كۆپ ئۇلپان تاپشۇراتتى.باتۇرلۇقتا خېلى نامدار بولغاچقا باشقىلارمۇ ئۇنىڭ ئېلىگە چېقىلالمايتتى.
     بىر كۈنى مىھراب شاھ سام ئوغلى زال زەرنىڭ مەملىكەتنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چىقىپ كابۇل تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى قارشى ئېلىش ئۇچۈن قۇل- غولاملار،چۆرە -كېنىزەكلەر ۋە قورۇغدىغۇچى لەشكەرلەردىن  ھەيۋەتلىك كارۋان تەشكىللەپ زال زەرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن تەڭ يولغىچە ئالدىغا چىقتى.بۇ كارۋانلار زال زەرگە سوغات قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مال دۇنيا ئېلىپ ماڭغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە دىنار ،ياقۇت،مۈشىك -ئەنبەر،زەر تۇتۇلغان شاھ ئەتلەس،يىپەك رەختلەر،ئىسىل تۇلپار ئارغىماقلاردىن باشقا يەنە گەردىشىگە گۆھەر قاپلانغان ياقۇت كۆزلۈك زەر تاجمۇ بار ئىدى.
    كابۇل شاھىنىڭ قارشى ئېلىشقا چىققانلىقىدىن زال زەرمۇ خەۋەر تېپىپ ئۇلارمۇ كابۇل شاھنى قۇتلاپ قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقىشتى خىزمەتچىلەر  جەننەتتەك بىزەلگەن  بىر بارگاھ قۇرۇشتى. ئۇنىڭغا شاھانە ئىككى تەخت قويۇلغان بولۇپ زال زەر بىلەن مىھراب شاھ ئۇلاردا يانمۇ- يان ئولتۇرۇپ دىل بەزمىسى بىلەن مەشغۇل بولۇشتى.ئۇلارنىڭ ئالدىغا رەڭمۇ -رەڭ گۈللەر كەشتىلەنگەن رەڭدار يوغان داستىخان سېلىندى.داستىخانغا مىۋە- چىۋىلەردىن تارتىپ ئىسىل تائاملارغىچە،گۆش -كاۋاپلاردىن تارتىپ مەي- شاراپلارغىچە ھەممە نازۇ- نىمەتلەر رەت –رېتى بويىچە تىزىۋېتىلدى.شۇنىڭ بىلەن يەپ ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىشلار باشلىنىپ كەتتى.
     ساقى مەي قۇيۇپ سام ئوغلى زال زەرگە تۇتىۋاتقاندا مىھراپ ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ چىقتى. ئۇنىڭ ھۆسىن جامالى كامال تاپقان بولۇپ ئاق چېچىدىن ئۆزگە ھىچبىر ئېۋەن تاپقىلى بولمايتتى. ئاق چاچمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يارىشىپ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى.مىھراپ سۆھبەت ئارىلىقىدا ئۇنىڭ- ئەقلى قابىلىيىتى، بىلىم- ماھارىتىنىمۇ سىناپ كۆردى. كۆڭلىدە مۇشۇنداق باتۇر ۋە دانىشمەن ئوغۇلنى بېقىپ ئۆستۈرگەن ئاتا-ئانىسىغا بارىكاللا ئېيتتى. زال زەرمۇ مىھرابقا بېقىپ ئۇنىڭ كىلىشكەن قەددى قامىتى، قۇياشتەك نۇرلۇق رۇخسارى، ئەپچىل ،چەبدەس ھەركەتلىرىگە قاراپ كۆڭلىدە:‹‹ قەددى- قامەت،كۈچ- قۇۋۋەت،ھۆسىن- لەتاپەتتە بۇ كىشىگە تەڭ كەلگىدەك يەنە بىرسى تېپىلمىسا كېرەك ››دىگەنلەرنى ئويلىدى.
     داستىخان يىغىلىپ مىھراب شاھ ئارام ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس چېدىرغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن شۆھرەتلىك مويسىپىتلەردىن بىرى زال زەرگە مىھراب شاھنىڭ يالغۇز قىزى ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ ئۇنىڭ تەڭداشسىز سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.شائىر ئوبۇلقاسىم پىردەۋسى بۇ مويسىپىت تىلىدىن مىھراب شاھ قىزىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن:
‹‹دىدى: چىمىلدىقتا بىرلا قىزى بار،
قۇياشتىن يورۇقراق يۈزلىرى ئانار.
پىل چىشىدەك مۇجەسسەم بولغان ئاپپاق تەن،
قامىتى مىسلى سەرۋ ،جامالى گۈلشەن.
بار يەلكىسىدە بىر جۈپ ئىپار ھىد زۇلفى،
تاپىنىغا چۈشۈپ تۇرار ئۇنىڭ ئۇچى.
ئاغزى ئانار دانىسىدەك ،يۈزلىرى گۈلنار،
كۆكسىدە پەرۋىش تاپار بىرجۈپ ئانار.
ئىككى كۆزى-ئىككى نەرگىس،يۈزى باغ،
كىرپىكلىرى قاپقارا زاغ قانىتى،زاغ !
ئىككى قېشى شۇندا تارازا كامانى،
ئەنبەرۇ مۈشىك بولۇر ئۇنىڭ قۇربانى.
ئاي ئىزدىسەڭ باردۇر ئۇنىڭ چېھرىدە،
مۈشك پۇرىساڭ باردۇر ئۇنىڭ تېنىدە.
بويى باشتىن -ئاياغ جەننەتتۇر، جەننەت،
بار ئۇندا گۈزەللىك نازاكەت زىننەت.
      شاھنىڭ  قورامىغا يەتكەن ئارزۇلۇق ئەركە ئوغلىغا جاھان گۈزىلى بولمىش بىر قىزنى بۇ تەرىزدە سۈپەتلەپ بەرسە ئۆزىنى تۇتالىسۇنمۇ، ئاشىق بولماي تۇرالىسۇنمۇ؟!زال زەر تەرىپنى ئاڭلاپ پىكىر قىلدى:‹‹ئاتىسى شۇ قەدەر مۇكەممەل كىلىشكەن ئادەمكەن.شۇنداق تۇرسا قىزى قايسى دەرىجىدە بولۇشى مۈمكىن؟! ئۇ چوقۇم ھۆسىن جامالدا قۇياش ۋە ئاينىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك تەڭداشسىز گۈزەل  قىز بولۇشى مۈمكىن! ئاھ،شۇ گۈزەلنى بىر كۆرۈش نىسىپ بولارمۇ؟!››.
كەچ بولدى. زال تېخىچە خىيال دېڭىزىغا غەرق ئېدى.ئۇ شاھ قىزىنى تېخى كۆرمەي تۇرۇپلا غايىبانە ئاشىق بولۇپ شۇ ھالغا قالغان ئىدى.
     ئەتىسى چوققىغا كۈن تىغى تىگىشى بىلەن  جاھان ئالەم يورۇپ نۇر بىلەن بىزەندى.مۇلازىملار ساراي ئىشىكىنى ئېچىشى بىلەن ئالتۇن قىلىچ ئاسقان بىر پالۋان سارايغا كىرىپ تەختتىن ئورۇن ئالدى.ئارقىدىن تۈركۈم- تۈركۈم باتۇرلار كىلىپ زال ئىشىكىنى بويلاپ سەپ تارتىپ تۇرۇشتى.بىر كەمدە كابۇل شاھى مىھرابمۇ چېدىرىدىن چىقىپ زالنىڭ ئىشىكى يېنىغا كەلدى.شاھ چېدىر يېنىغا كىلىشى بىلەنلا: ‹‹يول بېرىڭلار!›› دىگەن ھۆرمەت سالىمى ياڭراپ شاھ سالاپەت بىلەن چېدىر ئىچىگە كىرىپ كەلدى.زال ئۇنى كۆرۈپلا شادلىنىپ ھۆرمەت تەكەللۇپلىرى بىلەن مېھراب شاھنى تەختكە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ تىنچ ئامانلىق سورۇشۇشلاردىن كېيىن بۈگۈنكى ئەنجۇمەننى باشلاشتى.
سۆھبەت ئارىلىقىدا زال مىھراب شاھتىن سورىدى:
-ئەي مىھرىبان ئەزىز ،كۆڭلۈم شۇنى تۇيۇپ تۇرۇپتىكى، سىزنىڭ ماڭا  ئېيتالمايۋاتقان بىرەر تەلەپ ئارزۇيۇڭىز باردەك قىلىدۇ.سىز بىلەن تۈنۈگۈندىن بېرى تونۇشۇپ ئىنتايىن يېقىن بولۇشۇپ كەتتۇق دەپ ئويلايمەن. مەن سىز ئۈچۈن ھىچنەرسەمنى ئايىمايمەن.سىزگە زادى نىمە كېرەك؟ شاھلىق مۆھرىمۇ ياكى تاجۇ- تەختىممۇ ۋە ياكى جېنىممۇ؟ نىمە كېرەك بولسا تارتىنماي ئېيتىڭ.ئىلكىمدە بارلا نەرسە بولسا سىزدىن ھېچنەرسەمنى ئايىمايمەن.
-ئەي ئۇلۇغ پادىشاھ، نىمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ مەن سىزدىن تاجۇ- تەخت تەلەپ قىلىدىغان ئادەممۇ؟ !  مەن بۇ يەرگە پەقەت سىزنىڭ دىدارىڭنى كۆرۈش،قارشى ئېلىپ  ئىززەت ئىكرامىڭنى قىلىش، شۇنداقلا  سىزنىڭ مۇبارەك قەدىمىڭنى مەنزىلىمگە يەتكۈزۈپ  خىزمىتىڭدە بولىۋېلىش ئارزۇسى بىلەنلا كەلدىم.سىز مېنى ئەزىزلەپ كۈتۈۋالغاندەك مەنمۇ سىزنى ئۆز دەرگاھىمدا ئەزىزلەپ ئۆز لايىقىمچە كۈتىۋالسام دىگەندىن ئۆزگە مەخسىدىم يوقتۇر. لېكىن ھېچ بىلمىدىم ،ئۇلۇغ شاھىم پېقىرنىڭ شەھىرىنى پىسەنىت ئېتەمدىكىن؟
- ئەي مېھراب شاھ مىنى كەچۈرۈڭ ،شەھىرىڭىزگە مىڭ مىراتىبە بارغۇم بولسىمۇ، لىكىن بېرىشقا پېتىنلمايمەن.
-نىمە سەۋەپتىن؟!
  -دىمەسلىكىم كېرەك ئىدى،لىكىن سىز توغرىدىن -توغرا سورىغانكەنسىز  مەنمۇ  ئوچۇقتىن-ئوچۇق جاۋاپ بېرەي.گەپ يوشۇرغاندىن ئوچۇق- يورۇق بولغان  ياخشى.
-مىنىڭدىن نىمە سەۋەنلىك ئۆتۈلگەنلىكىنى بىلەلمەي شۇ تاپ ناھايىتى  بىتاقەت بولماقتىمەن،قېنى سەۋەبىنى بىلسەم ئىكەن.
  - ئەي مىھراب شاھ ،ئۆزۈڭىزگىمۇ ئايان،سىز بىلەن مەن بىر دىندا ئەمەس. سىز بولسىڭىز بىر بۇتپەرەس،مەن بولسام تەڭرى دىنىدا. ئەگەر مەن سىز بىلەن بىرگە بېرىپ ئۆيۈڭىزگە كىرگىنىمنى ،مىھمان بولۇپ مەي- شاراپ ئىچكىنىمنى ئاتام سام  ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا ناھايىتى بەك غەزەپلىنىدۇ. بۇ چاغدا سىزگىمۇ، ماڭىمۇ ياخشى كۈن يوق، شۇڭا مىنى تەڭلىكتە قويمىغان بولسىڭىز.
زالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان مىھراب شاھ  ئاغزىدا دەرھال ئاپىرىن ئېيتقان، زالنى مەدھىيەلىگەن بولسىمۇ، لىكىن دىلىدا بۇ جاۋاپنى توغرا تاپماي،كۆڭلىدە زالدىن نارازى بولدى. زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلار بىلەن باج- ئولپانلارنى تاپشۇرۇپ بېرىپ ئارتۇقچە گەپمۇ قىلماي  قايتىپ كەتتى.
مىھراپ شاھ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئەقىلدار ئۆلىمالىرى ۋە خاس مەسلىھەتچىلىرى زالنىڭ مىھراب شاھ بىلەن بولغان سۆھبەت ۋە پائالىيەت جەريانلىرىدا ئۆزىنى تۇتۇشى،تەمكىن بولۇپ شاھلىق ھەيۋە ۋە سالاپەت،ئەقىل- پاراسەت،بىلىم -ماھارەت جەھەتلەردىكى كامالەتلەرنى جايىدا نامايەن قىلغانلىقىنى بىر-بىرلەپ  ماختىشىپ ئاندىن تارقاشتى. ئالى چۈشكۈنىدە(چېدىرىدا) يالغۇز قالغان زالنى بىردىنلا ئىشىق -ۋەسۋەسىسى قايتىدىن بېسىپ كىلىپ ئەقلى ھۇشىدىن بىگانە قىلدى.
بۇ خۇسۇستا ئەرەب سىپاھدارى زامانى زەل:‹‹  -مەن تاكى ئۆلگەنگە قەدەر ،ئەگەر ماڭا جۈپ كېرەك بولسا  ئۇلۇغ  شەرەپلىك نامىم،ئىسىل ئادىمىلىك پەزىلىتىمنى جۈپ قىلغايمەن. شۇندىلا دۇنيادىن يۈزۈم يورۇق،ئىقبالىم نۇرلۇق ئۆتەلەيمەن. ئەگەر ئۆزۈمگە ئىشىق ۋەسۋەسىلىرىنى يۇقتۇرۇپ، خوتۇن ئېلىپ خوتۇننى ئۆزۈمگە  جۇپ قىلسام گۇناھلىق ئىشلارغا دۇچار بولۇپ ئاقىللار ئالدىدا  رەسۋا بولغايمەن››دېگەن ئىكەن.
غايىۋى ئىشىققا تۇتقۇن بولغان، ئىشىقنىڭ  رەھىمسىز ئوقىدىن قەلبى جاراھەت بولغان، شىپالىق دورا تېپىلماي ئازابى كۈچىيىۋاتقان بۇ بىچارە ئاشىق ھازىر نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى، قانداق قىلسا شەرەپكە ئېرىشىپ، قانداق قىلسا نومۇسقا قالىدىغانلىقنى ئويلىغۇدەك رەغدى قالمىغان ئىدى.
زال زەر ئويغا چۆمۈپ ئولتۇرۇپ تۇرسۇن،ئەمدى گەپنى مىھراب شاھ  ھوزۇرىدىن  ئاڭلايمىز. بىر كۈنى تاڭ سەھەر چېغىدا  مىھراب شاھ  زال زەرنىڭ يېنىدىن قايتىپ كەلدى.ئۇ ئۆيىگە كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى قۇياش مەسەللىك پەرى كەلدى.ئۇلارنىڭ بىر ئايالى سىندوختى بانۇ، يەنە بىرى ئارزۇلۇق قىزى، كۆزىنىڭ قارىقى رۇدابە ئېدى.بۇ ئىككىسى نەۋ باھاردەك جۇلالىق ياسانغان،،يۇز،قاش،كۆز،چاچ،لەۋلىرى ھەسەن -ھۈسەندەك ھەر خىل جۇلالىق رەڭلەردە نۇر جۇلاسى  قىلىپ تۇراتتى. مېھراب شاھ تا شۇ كەمگىچە قىزىغا تۈزۈك سەپ سېلىپ باقمىغانمۇ قانداق ئۇنىڭ بۇ تەڭداشسىز لەتاپەتلىك تۇرقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن لال بولۇپ قاراپلا قالدى.دىلىدا ئاپىرىنلار تەسۋىرى  مەۋىج ئۇراتتى.
سىندوختى بانۇ ئېرىنىڭ يېنىغا بېرىپلا ئېرىنىڭ سەپەر ئەھۋالىدىن گەپ ئاچتى:
-        بۈگۈنكى سەپىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولدىمۇ؟  بىز سىزدىن تولىمۇ ئەنسىرىدۇق.يامانلارنىڭ قولى،ئەسكىلەرنىڭ يولى كېسىلسۇن. ھەممە ئادەم سامنىڭ ئوغلى ھەققىدە غەلىتىلا تەسۋىرلەرنى قىلىشىپ ئۇنى‹‹مويسىپىت بالا›› دەپ ئاتىشىدىكەن. ئۇراستىنلا قېرى بالىمىكەن؟ ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ تاجۇ- تەختى،ئابرۇي- ئىناۋەتلىرى مۇناسىپ كىلەمدىكەن؟ مەشھۇر زاتلارنىڭ ئەۋلادى دېگۈچىلىكى بارمىكەن؟
ئانىسىنىڭ غەلىتە سۇئالى رۇدابەنى قىزىقتۇرۇپ قويدى.ئۇ نىمە دەركىن دەپ ئاتىسىنىڭ ئاغزىغا تەلمۈردى.
كىم بىلسۇن، مىھرابنىڭ ئاغزىدىن  قىزلار كۆڭلىنى لال قىلىپ، ئىشىق بالاسىغا تۇتقۇن قىلىپ قويغۇدەك گۈزەل تەسۋىرلەرنىڭ چىقىشىنى؟! ئۇ تەرىپكە ئاغزىنى ئېچىپ زال-زەرنى ماىتاشقا چۈشتى:
  -ئەي سەرۋى قامىتىم،ئەي ئۇز دىلرابايىم، دۇنيادا نىمە تولا؟ پالۋان تولا.ئىراندا تېخىمۇ شۇنداق.  لىكىن جاھاندىكى بارلىق پالۋانلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئاندىن پالۋانلىقتا تەڭلەشتۈرسە  ھەممىسى سام ئوغلى زالغا تەڭ بولالمايدۇ. سەن مەيلى قەيەردىن ئىزدە، سۈرۈشتۈرمە بۇنداق باتۇر ۋە چاققان چەۋەندازنى ھىچيەردىن تاپالمايسەن. ئۇ شۇنداق بىر شىر يۈرەك ئەزىمەتكى ،پىلمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولالمايدۇ.ئىككى قولىنىڭ قۇدرىتى بەئەينى ئىككى نىل دەرياسىدەك زور. مەن ئۇنداق ھەممە ساھەدە يىتىشكەن تالانىت ئىگىسىنى باشقا قايدا  تېخى ئۇچراتقىنىم يوق.ئۇ بەزمىگە كىرسە شائىر غەزەلخان،جەڭگە كىرسە ئەجدىھا كەبىمەرد- مەردان يىگىت ئىكەن.يۈزىنىڭ تەرىپىنى سورىساڭ شۇنداق پاكىزكى، قىزىل نۇر چېچىپ تۇرغان، تاڭ ئالدىدا قىلۋە قىلىپ تۇرغان  نۇرلۇق قۇياشنى ئەسلىتىدۇ.سەن ‹‹مويسىپىت›› دەپ ئاتاشقا سەۋەپ بولغان ئاپئاق  چاچلىرىنى سورىساڭ،ئۇ چاچلار  نۇر تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاپپاق قارنى ياكى جۇلالىق ئاق قاشتېشىنى ئەسلىتىدۇكى ،ئۇنىڭ تۇرقىنى كۆرگەن كىشىنىڭ ‹‹ئادەمنىڭ يارىشىقى ئاق چاچمۇ نىمە؟!›› دەپ ھەۋەسلەنگۈسىنى كەلتۈرىۋېتىدۇ.
مىھراب شاھ بۇ يەردە ئىچكى ھاياجان تۈپەيلى  پەقەت زالنىڭ سۈپەتلىرىنى تەرىپلەپ ئايالىغا قاۋاپ بېرىشنىلا ئويلاپ بۇ ھاياجانلىق  تەسۋىرلەرنىڭ قىزىغا قانداق تەسىرلەرنى بېرىشىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدى. ھۆسۈن- لاتاپەتتىلا ئەمەس، قىزلىق بالاغەتتىمۇ پىشىپ يىتىلىپ غايىۋى مۇھەببەتكە تەشنا بولۇپ ،ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان غايىسىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ  غېمىدە كېچە-كۈندۈز ئويدا قالغان گۈزەل مەلىكىنىڭ يېنىدا  بىر يىگىتنىڭ بۇ قەدەر  كامىل تەرىپىنى قىلىش تەييارلىقسىز تۇرغان تۆمۈرنى غايەت كۈچلۈك ماگنىتقا تۇتۇپ بەرگەن بىلەن باراۋەر ئىدى.
زال ھەققىدىكى تەرىپلەرنى ئاڭلاپ رۇدابەنىڭ قاردەك ئاپپاق يۈزلىرى ئانار رەڭگىگە كىردى.زالنىڭ ئىشقى- مۇھەببىتى ئۇنىڭ قەلبىگە قىياندەك بۆسۈپ كىردى. بۇ ئىشىق تولىمۇ شەپقەتسىز ئىدى.بىچارە قىز تاماق ۋە ئۇيقۇدىن قالدى. ئەقىل- ھۇشنىڭ ئورنىنى خىيال ۋە ئارزۇ ئىگەللىدى. دانالار بۇ ھەقتە :‹‹ئاياللارنىڭ قەلبىدە جىن بار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يىگىت نامىنى يادلىماق خاتا.كىمىكى بۇ ئىشقا سەل قارايدىكەن، ئاياللارنى مۇھەببەت يالقۇنىغا تۇترۇق قىلىپ بېرىدۇ›› دىگەن ئىكەن.
رۇدابەنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بەش نەپەر كېنىزىكى بار ئىدى. ھەممىسى ناھايىتى مېھرىبان ۋە دىلكەش قىزلار ئىدى. خوجىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىنمۇ ئايانمايتتى. بىر كۈنى يوشۇرۇن ئىشىق ئازابىغا چىداپ بولالمىغان رۇدابە  بۇ قىزلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ دىل سىرىنى ئۇلارغا ئاشكارىلىدى:
-ئەي قىزلار،مەن سىلەرگە دىل سىرىمنى ئېچىشنى قارار قىلدىم.چۈنكى سىلەر مىنىڭ جاھاندىكى بىردىن-بىر سىرداشلىرىمسىلەر. شۇنداقلا غەمگۈزارىم،دوستلىرىم ۋە تەڭداشلىرىممۇ يەنىلا سىلەر .مىنىڭ سىرىمغا پەقەت سىلەرلا ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەردىن باشقا ئالتىنچى بىر ئادەم  مىنىڭ سىرىمنى بىلىپ قالسا بولمايدۇ. مەن سام ئوغلى زال زەرگە ئاشىق بولدۇم.ئىشقىم دېڭىزدىن چوڭقۇر،گۇلخاندىن يالقۇنلۇقتۇر.ئىشقىم دولقۇنى دېڭىز كەبى مەۋىج ئۇرۇپ دولقۇنلىرى كۆككە يىتىدۇ. ئۇنىڭ خىيالى بىلەن ئۇيقۇدىن بىدار بولدۇم. گېلىمدىن غىزا ئۆتمەيدۇ.ئۇ ئوڭۇمدا خىيالىمدىن ،چۈشۈمدە جان -ئارامىمدىن نېرى كەتمەيدۇ.سىلەرگە بۇنى ئېيتماي دېگەن ئېدىم.لېكىن ئېيتماي يۈرۈۋەرسەم دەردىمنى بۇ كىچىىكنە تېنىمگە سىغدۇرالمىغۇدەكمەن. بۇ ئازاپلارغا ئەمدى داۋاملىق بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەكمەن. سىلەرگە سىرىمنى شۇ مەقسەددە ئاشكارىلىدىمكى،  بۇ ئىشقا تېزراق ئامال چارە تېپىڭلار .
كېنىزەكلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن ھەممىسلا دىگۈدەك بارمىقىنى چىشلەشتى. بۇ ئىشنى شاھ قىزىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئۇياتلىق ئىش دەپ ئويلاپ  ئۆز كۆڭۈللىرىدە قاتتىق غەزەپلىنىشتى.        
كېنىزەكلەردىن بىرى ھەتتا چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ تەنە قىلىپ شۇنداق دىدى:
-        ئەي جاھان مەلىكىلىرىنىڭ گۈلتاجىسى، بۇ نىمە گەپ ئۆزى! جامالىڭىزنىڭ شۆھرىتى جاھانغا تارىلىپ، بۈيۈك نامىڭىز پۈتۈن ھىندىستاندىلا ئەمەس يىراق مەملىكەتلەردىمۇ ئىسىل داستان بولۇپ يارىلىپ كەتتى.قامىتىڭىز شەمشاتتەك تۈز،جامالىڭىز  ئەڭ نامدار گۈللەردىنمۇ ئۇزدۇر.سىز گۈزەللىك ئاسمىنىدا گويا نۇرلۇق يىگانە ئاي،ئىنسانى گۈزەللىك تەرىپلىرىدە ھەممىدىن باي بولغان  بىر مەلىكىدۇرسىزكى ، سۈرىتىڭىزنى كۆرۈپ قالغان پۈتۈن مەشرىق كىشىلىرى يىللاپ گۈزەل تەسۋىرىڭىزدىن ئېغىزىنى يىغالماس، جامالىڭنى كۆرۈپ قالغۇچىنىڭ بولسا تەندە ھۇش ياكى جېنىنى قالماس.شۇنداق تۇرۇپ نە سەۋەپتىن بۇندق ئۇياتلىق ئىشقا قەدەم قويماق  بولدىڭىز؟ ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ  ،بۇ ئاتىڭىز ئۈچۈن نى ئات، نى نومۇس؟  بۇ خۇدددى ياخشىنى تاشلاپ ياماننى ،گۆھەرنى تاشلاپ ساماننى ئالغاندەك ئىش بوپتۇ. نىمىشقا دىسىڭىز، سىزنىڭ خىلىڭىز جاھان شاھلىرىنىڭ پەرىشتىدەك پاك، كۇچ- قۇدرىتىدىن تاغنى تالقان قىلىۋېتەلەيدىغان،ھىممىتىدىن جەزىرىلەرنىمۇ دېڭىزغا ئايلاندۇرىۋېتەلەيدىغان گۆھەردەك شاھزادىلىرىدۇر. سام ئوغلىنى كىم دىسىڭىز - ئاتىسى قارىمىغان،ئانىسى باقمىغان، ئوردا سارايدىن يىراق تاغ دالىغا تاشلىۋېتىلىپ، قۇش ئۇۋىسىدا خارلىنىپ،يېتىملىك- ياۋايىلىقتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان،  نورمال ئەرلىك قىياپىتى،يىتىم ئوغۇلچىلىك ئابرۇي- ئىناۋىتى يوق بولغان  بىر كىشىدۇر. ئۇ ئانىسىدىن  قېرى چىراي تۇغۇلۇپ قالغىنى ئۈچۈن ئاتىسى ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىپ تاغ- دالىلارغا تاشلاتقۇزىۋەتكەن،قىياپىتى دىۋە ئەھرەمەنى ئەسلەتكەن بەتبەشىرە بىر ئوغۇل ئىكەن.دۇنيادا ئادەم تېپىلمىغاندەك سىز شۇنداق بىرى بىلەن جۈپ بولۇپ ئەۋلاد قالدۇرسىڭىز، سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز قايسى خىل قىياپەتتە تۇغۇلار؟ بۇ قارارىڭىز تاشنى گۆھەرگە ئۇرغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟...
ھېلىقى كېنىزەكنىڭ بۇ  خىلدىكى ئەيىپلەش سۆزلىرىرۇدابەنىڭ قۇلىقىغىمۇ كىرمىدى.ئەكسىچە ئىشقى تېخىمۇ يالقۇنلىماقتا ، ئازابى تېخىمۇ ئېغىرلىماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئەيىپلەشلەرگە پەرۋا قىلماي،سەمىمى جاۋاپ بېرىپ بۇ سۆزلەرنى ئېيتتى:
-سىلەرنىڭ پىكرىڭلار تېخى خام ئىكەن. سىلەرنىڭ ئەمىلى ئەھۋالدىن قىلچىمۇ خەۋىرىڭلار يوق ئىكەن.پەقەت كوچا- كويلاردىكى ئەپسانە، ئەپقاچتى گەپلەر، ئۆسەك -سۆزلەرنىلا ئاڭلاپ قاپسىلەر. لىكىن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، مىنى بۇ ئىشىق يولۇمدىن ياندۇرۇش مەقسىدىدە ماڭا  مەيلى نىمىلەرنى دىمەڭلار مىنى ھەرگىزمۇ نىيىتىمدىن ياندۇرالمايسىلەر.مۇھەببەت يولۇمغا ئوت قويوپ گۇلخان سېلىۋەتسەڭلارمۇ، ياكى ‹‹ماڭالماي قالسۇن›› دەپ شوخا تىكەن تېرىۋەتسەڭلارمۇ مېنى ھەرگىز توسۇپ قالالمايسىلەر.دۇنيادىكى بارلىق داڭلىق شاھزادىلەر جۈملىدىن  رۇم ،چىن، ئىران،تۇران  شاھزادىلىرىنڭ  ھەممىسى بىر بولۇپ كەلسىمۇ ئۇلارنى مىنىڭ زال زەرىمنىڭ بىر تال تىرنىقىغا تەڭ قىلمايمەن. ئۇنى مەيلى‹‹ قېرى-چال›› دەڭلار ،مەيلى ‹‹نەۋقىران، گۈزەل باھادىر››دەڭلار ھەممىسى مەن ئۈچۈن بەرىبىر.شۇڭا مىنى ئەيىپلەيمەن،زالنى ھەجۋىلەشتۈرۈپ،باشقىلارنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈمەن،رۇدابەنى  نىيىتىدىن ياندۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار.ئەگەر ماڭاراستىنلا  دوست بولساڭلار ئارتۇقچە گەپتىن ئاغزىڭلارنى يىغىڭلار.مەن زال زەرنى راستىنلا كۆرۈپ باقمىدىم .لىكىن ناھايىتى ئىشەنچلىك بىرىدىن ئۇنىڭ تەڭداشسىز تەرىپىنى ئاڭلاپ ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئاشىق بولدۇم. مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىمەن.چېچى ئاق بولامدۇ قارىمۇ،سېرىق بولامدۇ قىزىلمۇ بۇ تەرىپى ماڭا مۇھىم ئەمەس.مەن پەقەت ئۇنىڭ  تەڭداشسىز مەرت -باتۇرلىقىنى دەپلا كۆڭۈل بەردىم.ماڭا شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە.
كېنىزەكلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قىلغان ئەيىپلەش سۆزلىرى ئۈچۈن خىجىل بولۇپ قېلىشتى ۋە ئاخىر رۇدابەنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش تۇتۇش قارارىغا كەلدى.  شۇڭا يېقىنلىق يۈزىسىن ئەپۇ سوراپ شۇنداق جاۋاپ بەردى:
-ئەي گۈزەل جاھان مەلىكىسى،سىز بولسىڭىز خوجا،بىز بولساڭ پەرمانىڭىزدىكى قۇللىرىڭىزدۇرمىز.سۇغا دىسىڭىز سۇغا، ئوتقا دىسىڭىز ئوتقا سەكرەشكە تەييارمىزكى، قىلچە قاپىقىمىز تۈرۈلۇپ قالمايدۇ.
  - ئەي سەرۋى بويلۇق ئاي،    -دىدى يەنە بىر كېنىزەكمۇ  - بىز سىز نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلىشقا تەييارمىز،لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى،  بۇ سىر ئىنتايىن مەخپى تۇتۇلغىنى ياخشى ،بولمىسا ئاتىڭىزدىن بىزگە قىلچە ياخشىلىق يوق. بىز بۇ يولغا ماڭغان ئىكەنمىز ھەر بىر قەدەمنى ئەقىل ئىشلىتىپ ھۇشيارلىق بىلەن بېسىشىمىز، مەقسىدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سېھرىگەر كېرەك بولسا سېھرىگەر،ھىلىگەر كېرەك بولسا ھىلىگەر بولۇپ ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز، بۇ يولدا ئايىقىمىزنى خۇددى كىيىكتەك چاققان قىلىپ ھېرىش- چارچاشنى بىلمەي ئىشلىشىمىز لازىم.
مانا شۇ چاغدىلا رۇدابە كېنىزەكلىرىدىن رازى بولدى. كىيىن ئۇلار بۇندىن كېيىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى  مەسلىھەت قىلىشتى. كېنىزەكلەر ئالدى بىلەن زالنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ كېلىدىغان، كىيىنكى ئىشلارنى ئەھۋالغا قاراپ بىكىتىدىغان بولۇشتى.
بۇ باھار گۈللىرىدەك ئۇز بەش كېنىزەك زال لەشكەرلىرى بىلەن كىلىپ  چۈشكۈن قىلغان،  ئارام ، ئويۇن تاماششا ۋە شىكار  پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان  كابۇلنىڭ ئەتراپىدىكى بىر گۈزەل يايلاققا كېلىشتى. ئۇلار  رۇم شايىلىرىغا چىڭ ئورىنىپ، چاچلىرىغا ئىسىل گۈللەرنى قىستۇرۇپ ، ئەتەي زالنىڭ چېدىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەريا بويىغا  كەلدى.ئاندىن  گۈل تېرىش، ناخشا قوشاقلارنى ئېيتىش،دەريا قىرغىقىدا سۇ چېچىشىپ ئويناشتەك  كۆرگەن ئەرلەرنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قويغۇدەك  جەلىپكار ئويۇنلارنى ئويناشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى پەقەت  دەريالا ئايرىپ تۇراتتى.
زالنىڭ كابۇل ئەتراپىغا يېقىنلاپ كىلىشىمۇ رۇدابەنىڭ مۇھەببەت ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋىسالغا چارە ئىزدەش ۋە كۆڭلىگە تەسەللى تېپىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چېدىرى يېنىدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان زال بىردىنلا دەريا بويىدا پەيدا بولغان ،ھۆر- غىلمانلاردەك ئۇز ھالەتتە گۈل ئۈزۈپ يۈرگەن ياش چىرايلىق قىزلارنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى. بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ يۈرىكى سېلىپ كەتتى.چۈنكى ئاشىقلارنىڭ يۈرىكى تولىمۇ تۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ قىزلارنىڭ چوقۇم رۇدابە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ سەزگۈر كۆڭلى تۇيغان ئىدى.زال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز ئادەملىرىدىن سورىدى:
  -بۇ  گۈلپەرەس قىزلار كىم ؟ ئۇلار بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىدۇ؟
-بۇلار كابۇل شاھى مىھراب شاھنىڭ كېنىزەكلىرى بولىدۇ. شاھىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن ئوردىدىكى  خانىش مەلىكىلەر ئۈچۈن  ئىسىل گۈلللەرنى تاللاپ گۈلدەستە تىزغىلى چىققان بولسا كېرەك.
بۇ جاۋاپنى ئاڭلىغان زالنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ ئويناپ كەتتى. ئۇ ئارامىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى. شۇڭا ئۇ  بىر تۈرك مۇلازىمى بىلەن دەريا بويىغا، قىزلارغا ئەڭ  يېقىنراق بولغان جايغا  كەلدى. ئۇنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى، نىمە قىلماقچى بولغانلىقى پەقەت  ئۆزىگىلا ئايان ئىدى. زال بىر كامان، مۇلازىم بولسا ئوق كۆتۈرىۋالغان ئىدى. دەريا  بويىدىكى ئوتلاقتا يەنى قىزلار تەرەپتە ناھايىتى كۆپ ياۋا غازلار بار ئىدى.زال بىلەن مۇلازىم ئالدى بىلەن داڭ ئۇرۇپ غازلارنى ئۈركۈتۈپ قاچۇردى.قۇشلار ئۇچقان ھامان زال كامانغا ئوق سېلىپ كاماندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىپ چاقماق تېزلىكىدە ئوق ئۈزدى.ئوق نىشانغا دەل تەككەن ئېدى. ‹‹پوك›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر ياۋا غاز قىزلارغا يېقىن يەردىكى سۇ ئۈستىگە چۈشۈپ سۇنى قانغا بويىۋەتتى.زال مۇلازىمغا بۇيرىدى:
-چاپسان بول،دەريادىن ئۆتۈپ ئاۋۇ ئولجىنى ئېلىپ كەل.
مۇلازىم قېيىق بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ  ئولجىسىنى ئېلىش ئۈچۈن قىزلارغا يېقىنلىشىپ كەلدى. كىنىزەكلەر باتۇر يىگىتنىڭ  مەرگەنلىكىگە ھەيران قېلىپ ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە قىزىقتى.    قىزلاردىن بىرى تۈرك مۇلازىمنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن ئوقياچى باتۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدى:
    -ئەي يىگىت،بىز تولىمۇ باتۇر بىرىگە يولۇقۇپتىمىز.  غازنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئۇ باتۇر يىگىت كىم بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ماھارىتى نىمە دىگەن ئۈستۈن؟! بىز ئەقلىمىزگە كەلگەندىن بېرى بۇنداق باتۇر ھەم مەرگەن يىگىتنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمىز.
  -ئەي گۈل يۈزلۈك،  - دىدى مۇلازىم جاۋاپ بېرىپ:  -  سەن ئۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىغىن ، ئۇ يىگىت زابۇلىستان پادىشاھى سامنىڭ ئوغلى، نىمرۇز پادىشاھى زال زەر بولىدۇ.ئۇ ئىنتايىن باتۇر بولغاچقا پادىشاھلار ئۇنىڭغا ‹‹داستان›› دەپ لەقەم قويغان. ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشكىدەك باتۇر تېخى دۇنياغا كەلمىدى.
-بەس ،ماختاۋەرمە  ،- دىدى كېنىزەك كۈلۈپ تۇرۇپ، -  بىرىنى ماختاشتىن بۇرۇن ئوڭ سولغا قاراپ بېقىپراق ماختاش كېرەك. مىھراب ئوردىسىدا بىزنىڭ تولۇن ئايدىنمۇ گۈزەل بىر مەلىكىمىز بار .  ئۇ ئەدەپ- ئەخلاقتا ۋە ھۆسىن- لەتاپەتتە بۇ يىگىتتىن تۈمەن ھەسسە ئارتۇق.ئەگەر تەرىپىنى سورىساڭ ،تېنى پىل چىشىغا رەڭداش،قامىتى شەمشادقا ئوخشاش.ئۇنىڭ قارا چاچلىرى شاھانە تاجلارنى ئىجاد قىلىدۇ. نەرگىستەك ئىككى كۆزى بىلەن ھىلال قاشلىرى ئىككى جۈپ جاللاتنى ئەسلىتىدۇ. ئىككى قېشىنىڭ ئارىسى بولسا بىر قەلەمگە ئوخشايدۇ.ئەمدى ئاغزىغا كەلسەك، خۇددى ئەركسىزلەرنىڭ دىلىدەك تار، ھالقا-ھالقا كەلگەن زۇلپى بولسا تاپىنىغا تىگىپ تۇرار.كۆزلىرى ئۇيقۇغا مايىلدەك خۇمارلىشىپ تۇرىدىغان،بويى، تېنى ئىپار- زەپەر پۇراپ تۇرىدىغان بۇنداق مەلىكىدىن   دۇنيادا  ئىككىنچى بىرى تېپىلمايدۇ.بىز ئەنە شۇ تەڭداشسىز گۈزەل مەلىكىمىزگە ئەلچى بولۇپ بۇ يەرگە كەلدۇق.ئۇ زال زەر بىلەن بىر كۆرۈشۈشنى ئىستەيدۇ.سەن خوجايىنىڭغا ئېيت،ئۇ بىز بىلەن بىرگە بېرىپ مەلىكىمىز بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشكەن بولسا.
بۇ مۇلازىمنىڭمۇ زالنىڭ ئىشقى ھالىدىن تولۇق خەۋىرى بار ئېدى.شۇڭا بۇنداق كاتتا خۇش خەۋەردىن ئۇ قانداقمۇ شاتلانمىسۇن؟! ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ كېنىزەكلەرگە دىدى:
-بۇ تولىمۇ ياخشى خەۋەر ئىكەن.پادىشاھىمىز بىلەن مەلىكەڭلار ئاي بىلەن قۇيشتەك بىر بىرىگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ.خۇدا جاھاننى يارىتىپ جۈپلۈكنى پەيدا قىلغاندا قىز بىلەن يىگىتنىڭ دىلىغا ئىشىق ئوتىنى سېلىپ بىر -بىرىگە مىھرىبان قىلغاندۇر.بۇ خىل جۈپلۈك ئۈچۈن دوستلۇق كۆرسەتكەنلەر نىجاد تېپىپ ،بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار لەنەتكە ئۇچراپ كەلدى.تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا مۇھەببەتنىڭ باغلىنىشى پىنھان،ئۈزۈلىشى ئاشكارا قىلىپ بەلگىلەنگەن. كىمنىڭ قوشۇلۇپ، كىمنىڭ ئۈزۈلىشىپ كېتىشىنى پەلەك ئۆزى قارار قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ھېكمەت شۇكى، باھادىر ئۆز جۇپتىنى تاپمىسا جاھاندىن تۇخۇمى يوقۇلۇپ كېتىدۇ. سىلەر تولىمۇ ياخشى ئىش ئۈچۈن كەپسىلەر،بۇ ياخشى ئىشنىڭ داۋامىنى مەنمۇ قوشۇلۇپ بىرلىكتە ئورۇنلايلى.سىلەر مىنىڭ جاۋابىمنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار.مەن ھازىرلا بېرىپ شاھىمغا بۇ خوش -خەۋەرنى يەتكۈزەي.
شۇنداق قىلىپ تۈرك غۇلام خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەتتى.
غۇلامنىڭ  خۇش –خۇي ھالەتتە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ زال ئۇنىڭ خۇش- خەۋەر بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلدى،شۇڭا غۇلامدىن ئالدىراپ سورىدى:
  -قارىسام خۇشال كۆرىنىسەن ، چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ. ئۇلار زادى نىمە دىدى؟ تېزراق ئېيتقىنا؟
  غۇلام كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ پالۋاننىڭ شاتلىقى ئەۋجىگە چىقتى.ئۇ دەرھال مۇلازىمغا جاۋاپ  گەپ ئېيتىپ بىرىپ يەنە قىزلارنىڭ يېنىغا ماڭدۇردى:
-        سەن چاپسان بېرىپ قىزلارغا ئېيت، قىزلار مەن بارغۇچە قايتىپ كەتمەي داۋاملىق گۈلدەستە تىزغاچ تۇرسۇن .مەن بېرىپ ئۇلارنىڭ گۈلدەستىلىرىنى گۆھەر بىلەن بىزەيمەن. يەنە قوشۇپ ئېيىتقىنكى،كەتمەي تۇرۇپ  مەندىن رۇدابەگە گەپ ئېلىپ كەتسۇن.
زال غۇلامنى ئالدىن ماڭدۇرىۋېتىپ ئادەملىرىدىن گۆھەر،ئالماس،ياقۇت، ئالتۇن بويۇملار، زەرلىك ئىسىل كىيىملەردىن كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.ئۇ نەرسىلەردىن ھەدىيەگە لايىق ئېلىۋالغاندىن كىيىن ئۆزىمۇ بىرنەچچە يېقىن كىشىلىرىنى ھەمراھ قىلىپ يولغا چىقتى.كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ قىزلارنىڭ يېنىغا كەلدى.قىزلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن  ئېلىپ كەلگەن ئىسىل سوۋغا- سالاملارنى ئۆز قولى بىلەن قىزلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ رۇدابەگە ئەۋەتتى.   
سوۋغىلارنى تاپشۇرۇش ۋاقتىدا بۇ ئىشلارنى باشقا ھەرقانداق ئادەمدىن سىر قىلىپ ساقلاشنى ئۇلارغا ئالاھىدە تاپىلىدى.
كىنىزەكلەر رۇدابەنىڭ ھوزۇرىغا قايىتپ كەلگەندىن كېيىن مەلىكە بىلەن كۆرۈشۈپ  ئېلىپ كەلگەن گۈلدەستە بىلەن سوغا- سالاملارنى  تاپشۇرۇپ بەردى.رۇدابە ئۇلاردىن سورىدى:
  -سام ئوغلى بىلەن كۆرۈشەلىدىڭلارمۇ؟ ئۇ قانداقراق كىشىكەن ؟ مەن توغرىلىق سىلەرگە  نىمە دىدى؟
كىنىزەكلەر بەس- بەستە بۇلبۇلگۇيادەك سايرىشىپ كۆرگەنلىرىنى ۋە زالنىڭ تەرىپلىرىنى سۆزلەپ بېرىشتى.
بۇرۇن زال زەر ھەققىدە يامان گەپلەرنى قىلىپ رۇدابەنىڭ رايىنى ياندۇرماقچى بولغان كېنىزەكلەر مانا ئەمدى نىمىلەرنى دەيدۇ قېنى؟! بىز ئۇلارنىڭ سۆز ۋە تەرىپلىرىنى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئاڭلايلى:
  جاھاننى قېدىرىپ كەزسەك سەر بەسەر،
باشقىسى تېپىلماس يالغۇز زالى زەر.
قامىتى شەمشادۇ ،چېھرى بىر زىيا  ،
پەقەت ئاڭا لايىق ،تەنتەنە ،سىپاھ .
ئىككى كۆزى ئىككى نەرگىستەك روشەن،
چېھرىدىن خىجىل باھارى گۈلشەن .
شىر ئالقان، شىر قامەت ، شىرغا ھەمشېرىك ،
مۇبەددەك ئاقىلۇ ،شاھتەك ھەيۋەتلىك .
ئاق چاچقا قاپلانغان بېشى ھەممە يەر،
كەمچىلىكى بىر شۇ ،ئەمما بۇمۇ نۇر.
گۈلدەك چېھرى ،ئاق چاچلىق پالۋان،
كۈمۈش قالقان تۇتقان،قولى ئەرغۇۋان.
گويا لازىم  شۇنداق بولۇشى پەقەت،
بولمىسا قويمايتتىڭ ئاڭا مۇھەببەت .
ۋەسلىڭ ۋەدىسىنى ئېلىپ قالدى ئۇ،
دىلۇ جانغا ئۈمۈد سېلىپ قالدى ئۇ.
ھازىرلىق قىل ،كېلەر سۆيۈملۈك مىھمان،
نىمىدىن باشلايلى ئىشنى ،بەر تېزراق پەرمان.
قىزلارنىڭ جاۋابىدىن كېيىن رۇدابە شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىكى، خوشلۇقتا كىنىزەكلىرىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ ئەركىلىتىپ كەتتتى. ھەممىسىگە كاتتا مۇكاپاتلارنى بەردى. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆزى ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان بىرىنى ئېلىپ قېلىپ قالغانلىرىنى چىقىرىۋەتتى. ئۇنىڭغا مەخپى پەرمان بېرىپ شۇنداق دىدى:
-سەن  زالنىڭ يېنىغا يەنە بىر بېرىپ ئۇنىڭغا مەندىن خۇش خەۋەر يەتكۈزگىن. ئۇنىڭغا: ‹‹ئەگەر رۇدابە بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇيۇڭ بولسا،مەن بۇ ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزەي،ھازىر بول، مەن بىلەن يۈر›› دەپ باشقىچە ياساندۇرۇپ تۈندە بىرگە ئېلىپ كەل. بۇ ئىشنى يەنىلا قاتتىق سىر قىلىپ ساقلا، ئەگەر كىلەلمىگۈدەك بولسىمۇ ماڭا جاۋابىنى ئېلىپ كەل.
كىنىزەك رۇدابەگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ مۇنداق دىدى:
-        ئەي مەلىكەم ،خۇدا ئاخىر سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزدى.‹‹سۆيۈشكەن يۈرەكلەرنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇر›› دىگەن ھىكمەت مانا ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىلمەكتە. ئاللاھ ئىشىڭلارنىڭ بېشىنى ئاسان قىلغاندەك ئاخىرىنىمۇ ئوڭۇشلۇق قىلغاي.ھەر ئىككىڭلارغا بەخت- سائادەت يار بولغاي.
كېنىزەك كەتتى.رۇدابە دەرھال كۆرۈشۈش تەييارلىقلىرىنى قىلىشقا كىرىشتى. رۇدابەنىڭ ياشنىغان باھاردىن دېرەك بىرىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ ياسىداق بىر ھوجرىسى بار بولۇپ ،تاملاردا ئۇلۇغلارنىڭ سۈرەتلىرى قاتار-قاتار ئېسىۋىتىلگەن ئىدى. چىنچە زىننەتلەنگەن بۇ خانىدە ئالتۇن ۋازىلار خانىگە جىلۋە قوشۇپ تۇراتتى.بىر ياقتا ئىسىل مەي شاراپلار ،مۈشكى ئەنبەرلەر خۇش ھىد چېچىپ تۇرسا،يەنە بىر ياقتا ھېقىق، ياقۇت دىگەندەك ھەر خىل گۆھەر تاشلار بار ئىدى.بۇلاردىن تاشقىرى بو ھوجرىدا يەنە ھەرخىل ئىسىل گۈللەرمۇ كۆپ ئىدى. ئالتۇن جام، كۈمۈش پىيالىلەر شاھلار ھەشەمىتىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
نۇرانە قۇياش ھارغىنلىق ھىس قىلىپ ،شەپەق مەپىسىگە ئولتۇرۇپ كىچە ھوجرىسىغا  ئۇخلاش ئۈچۈن جۆنەپ كەتكەن پەيتتە، رۇدابە مەلىكىنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئىشىكى تاقالدى. ھېلىقى كېنىزەك  زالنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا مەلىكىسىنىڭ مەخپى گېپىنى يەتكۈزۈپ شۇنداق دىدى:
-ئەي مەردانە باتۇر،بىزدە ھەممە تەييار بولدى.مەلىكە يولۇڭىزغا قاراۋاتىدۇ.چاپسانراق يولغا چىقايلى.
ساقلاۋېرىپ تاقىتى- تاق بولغان  سىپاھدار زال كېنىزەك بىلەن بىرگە قەلئەگە قاراپ يولغا چىقتى. قەلئە تېمى ئۈستىدە  نىقاپلىنىپ چىققان رۇدابە ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى.   
ئاسماندىكى تولۇن ئاي ھەممە ياقنى سۈتتەك يورۇتۇپ تۇرغان بولغاچقا،  رۇدابە ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى خېلى يىراقتىنلا كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئۇلار يېقىن كەلگەندىن كېيىن رۇدابە زالغا قولىنى سۇنۇپ خۇش تەبەسسۇم بىلەن دىدى:
-خۇش كەپسىز، ئەي پالۋانزادە!   ياراتقۇچىنىڭ مىھرى- مۇھەببىتى سىزگە ئەبەدىلىك بولسۇن. ئاسمان- زېمىنمۇ سىزگە ئەبەدىيلىك بولسۇن. ئارىمىزدا يول مېڭىپ بىزنى كۆرۈشتۈرۈپ بەخت قۇچقۇزغان كېنىزىكىمگە بارىكاللا. تەڭرى ئۇنىڭمۇ بەختىنى بەرسۇن. ھەقىقەتەنمۇ ھۆسنىڭىز كىشىلەر تەرىپلىگەنچە بار ئىكەن. شاھانە چېدىرىڭىزدىن بۇ يەرگە پىيادە كەلگۈچە ھېرىپ قالغانسىز ھەقاچان؟
زال زەر رۇدابەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تام ئۈستىگە قاراپ تەشنا بولۇپ كەلگەن گۈزەل سەرۋىنازىنى كۆردى.قورغان تېمى ئۇنىڭ جامالىدىن رۈشەن،گۈلدەك يۈزىدىن ھەممە ياق گۈلشەن بولۇپ كەتكەن ئىدى.
داستان( زال زەر) ئۇنىڭغا قاراپ دىدى:
-ئەي ماھىرۇي گۈلپەرىزاتىم، سىزنى ياراتقان تەڭرىگە ئاپىرىن،سىزگە مەندىن سالام! نەچچە تۈنلەردىن بېرى يۇلتۇزلارغا قاراپ يېتىپ ئىشقىڭىز دەردىدە ئۇيقۇسىزمەن.جېنىمغا ئوت كەتكەن ئىشقىڭىزنىڭ داۋاسىنى دەپ خۇداغا يىغلاپ يالۋۇردۇم .ئۇنىڭدىن سىزنى،دىدارىڭىزنى كۆرسىتىشنى ئۆتۈنۈپ تىلىدىم. مانا بۈگۈن تىلىكىم ئىجابەت بولغان ئوخشايدۇ. خۇش ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ دىلىم ئاۋات بولدى. تاتلىق سۆزلىرىڭىز،لاتاپەتلىك ھۆسنىڭىز ۋە خۇلقى -نازىڭىز بىلەن  ۋىسالىمىزغا چارە قىلىڭ. بۈگۈنكى كېچىنى بەختلىك ئۆتكۈزەيلى.سىز تامدا مەنتام بويىدا  مۇنداق زارىقىپ تۇرىۋەرمەيلى!
رۇدابە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇزۇن ئىككى چېچىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى. گويا سەرۋى ئۈستىگە كەمەند ئېسىلغاندەك،مۈشكى ئەنبەر ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان،يىلاندەك تولغىنىپ ھالقا بولۇپ تۇرغان،يىپەكتەك يۇمشاقلىقى بىلەن يۈزلەرنى سىپاپ تۇرغان قاپقار چاچلارنى كۆرۈپ زال كۆڭلىدە : ‹‹ بۇ قانداق ئارقان بولغىيدى؟ دەپ ھەيران قالدى. شۇ چاغدا يەنە رۇدابەنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى يوقاتتى:
-        ئەي پالۋان يىگىت، قېنى چاپسانراق بولۇڭ،شىر قولۇڭىز بىلەن زۇلپىمنى تۇتۇپ يۇقۇرىغا تېزراق يامىشىڭ. مەن بۇ چاچلىرىمنى سىز ئۈچۈن مۇشۇنداق پەرۋىش قىلغانمەن.
بۇ گەپتىن زالنىڭ ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئېشىپ مەشۇقىنىڭ چاچلىرىنى تۇتۇپ سۆيۈپ كەتتى ۋە رۇدابەگە بېقىپ دىدى:
    -ئەي پەرى،سىزنىڭ نازۇك چېچىڭىزغا ئېسىلىپ تام ئۈستىگە چىققىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى.بۇنداق ئىش مەندەك مەرت باتۇرغا ھەرگىزمۇ مۇناسىپ كەلمەيدۇ. بۇنداق قىلغىنىم ئۆز جېنىمغا ئۆزۈم قەست قىلغىنىم ،يۈرەك باغرىمغا نەيزە ئۇرغىنىم بىلەن باراۋەر.
شۇ سۆزلەردىن كىيىن  زال ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن مۇلازىمىنىڭ قولىدىكى قىرىق غۇلاچلىق ئارغامچىنى ئېلىپ  بىر ئۇچىنى قورغان تېمى ئۈستىگە ئاتتى.ئارقان ھالقىسى سېپىل ئۈستىدىكى بىر كۈنگىرىگە چۈشۈپ ئىلىندى. شۇندىن كېيىن زال تامغا يامىشىپ ئۈستىگە چىقتى. زال تام ئۈستىدە پەيدا بولغان ھامان ئايجامال مەلىكە ئۇنىڭ ئالدىغا تازىم قىلىپ كەلدى.دىدار مۇلاقەتلەردىن كېيىن بىر بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ رۇدابەنىڭ خاس خانىسى تامان يۈرۈپ كېتىشتى.ئۇلار خۇش ھىد بەرق ئۇرۇپ تۇرغان زەرلىك ھوجرىغا كىرىپ كەلگەندە  ھۆر سۈپەت كېنىزەكلەر خىزمەتكە قول باغلاپ ھۆرمەت بىلەن تۇرۇشقان ئىدى. يورۇق ھوجرىغا كىرگەندىن كېيىن  زال نىگارىنىڭ تەڭداشسىز ھۆسنى جامالىنى يېڭىۋاشتىن تاماششا قىلىشقا باشلىدى...
بىرازدىن كېيىن زال بىلەن رۇدابە خۇددى ئاي بىلەن كۈندەك بىر جۈپ بولۇپ خاس ھوجرىنى ئاۋات قىلىپ يانمۇ- يان ئولتۇرىشاتتى. زالنىڭ بىلىدە ياراغلار ئېسىلغان بولۇپ ئالتۇن ھەللىك ئىسپاھان خەنجەر سالاپىتىگە سالاپەت،بېشىدىكى ياقۇت گۆھەرلەردىن كۆز قويۇلغان تاجى ھۆسنىگە ھەسسىلەپ سۈلكەت بېرىپ تۇراتتى.بۇ ھال رۇدابەنىڭ جېنىغا يېڭىۋاشتىن ئىللىق ئوت يېقىپ تۇراتتى. ئۇ زال زەردىن  كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي چولپاندەك نۇرلۇق جۈپ كۆزلىرى بىلەن باقاتتى. زور بىلەك،كەڭ مۈرە، تۈز ھەم توم، كۈچ قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان بوينىغا تويماي قارايتتى.رۇخسارىمۇ كۈن كەبى پارلاپ  جېنىغا لاۋا بولاتتى. ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي زالنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشقا تەمشىلىپ تۇرغان  شۇ پەيتتە زال ئۇنىڭ ئارزۇ ئوتىغا سۇ چاچقاندەك مۇنداق دىدى:
    -ئەي سەرۋى قامەتلىك،بويلىرى ئەنبەر نىگارىم، بىزنىڭ بۈگۈنكى كۆرشمىكىمىز،نىھايەت ئىنتايىن كاتتا ئىش بولدى. لېكىن ماڭا شۇ ئايانكى، مەنۇچېھىر بۇ ئىشىمىزدىن  خەۋەر تاپسا، بۇ سەپەر بىز ئۈچۈن خەيرلىك بولماي قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىشنى ئاتام نەيرەم ئوغلى سام ئاڭلاپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا شادلىق ھارام بولىدۇ. مۇنداق دىسەم ‹‹ئۇلاردىن قورقۇپ مەندىن يۈز ئۆرۈمسەن ››دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماڭ. ئىشقىڭىز يولىدا جان- تېنىم پىدا قىلىقلىق. مەن بۇ يولدىن شاھانە لىباسلىرىم كىپەنگە ئايلىنىپ كەتسىمۇ ھەرگىز قايتمايمەن. سىزنى مەڭگۈ سۆيۈشكە، سىزدىن باشقىغا قارىماسلىققا خۇدا نامىدىن قەسەم ئىچىمەن.  مەن تەڭرى ھوزۇرىغا بېشىمنى ئىگىپ،پاكىز نىيەتتە يېشىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنى ئىلتىجا قىلىمەنكى ،ئاللاھ ئىگەم سامنىڭ يۈرىكىدىن جاھالەتنى ۋە ئارزۇيۇمغا قارشى ھەركەتلەرنى سۈرۈپ چىقىرىپ توغرا يولغا سالغاي، بىزنىڭ ئىشىمىزنى قوللىغاي، ئەنە شۇ چاغدىلا بىز بىر- بىرىمىزگە قول بېرىپ،  شاھانە توي قىلىپ، بەختىمىزنىڭ پەيزىنى سۈرىمىز.
رۇدابەمۇ ئۇنىڭغا بېقىپ جاۋابەن دىدى:
   -مەنمۇ سىزدەك خۇدا نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ قەسەم ئىچىمەن. ئۆمرۈم بويى سىزدىن باشقىنى دىمەيمەن.سىزدىن باشقا يار تۇتمايمەن، مىنىڭ ئىككى دۇنيالىق سۆيگەن ئاشىقىم،بارلىقىم ۋە ھاياتىم پەقەت بىرلا ئۇ بولسىمۇ سام ئوغلى زال.
شۇنداق ۋەدە قەسەملەردىن كېيىن ئۇلار بىر بىرىگە بېقىشىپ، شىرىن سۆھبەتلىرىنى داۋام ئېتىشىپ  ئولتۇرۇشتى. ھېرسلىق ئوتلىرى بارغانسېرى يالقۇنلاپ  جىنسى ئارزۇ كۈچىيىپ ئەقىلنىڭ ئورنىنى ئىگەللەشكە قىل قالغان پەيتتە تاڭ ئاتتى.تاڭ بىلەن تەڭ بوراننىڭ ئاۋازىمۇ كەلدى. ئىككىسى بىر- بىرى بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ بىر جان ،بىرتەن بولۇپ كەتكەن ھالدا كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياشلارنى تۆكۈپ ناھايىتى تەستە بىر بىرىدىن ئايرىلىشتى. خەير خوش دىمەككە قول ئۇزىتىشتى.شۇ تاپتا شەپەق يېرىپ چىقىۋاتقان قۇياش ئۇلارنىڭ بەختىنىڭ زامىنى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار تەڭلا قۇياشقا قول ئۇزۇتۇپ ئىلتىجا قىلدى:
   -ئەي ئالەم يورۇتقۇچ، بىردەم چىقماي تۇرساڭ، بىزگە ۋىسال پەيتىنى كۆپرەك ئاتا قىلساڭ نىمە بولىدۇ؟!
لىكىن قۇياش ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىمىدى.چۈنكى مىليۇنلىغان كىشى، كائىناتتىكى بارلىق جانلىقلار قۇياشنىڭ يولىغا مۇنتەزىر ئىدى.
زال ھوجرىدىن چىقىپ سېپىل بېشىغا كەلدى -دە ئارقاننى تۆۋەنگە تاشلاپ پەسكە سېرىلىپ چۈشۈپ ئۆز چېدىر بارگاھىغا  كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگەن ئەتىگەنلىك قوبۇل ۋاقتىدا زال تەختىدە مۇقىم ئولتۇرۇپ ئادەملىرىگە پەرمان چۈشۈردى.پەرماندا ئۆز زامانىسىنىڭ نامدار پالۋان-سەركەردىلىرىنى ۋە ئەڭ ئاقىل،ئەڭ دانا مۇبەد( ئاقىل،دانا،مەسلىھەتچىلەر،لەشكىرى ۋەزىر،ئەمىرلەر بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق ئاتىلىدۇ)لىرىنى يىغىپ كېلىش بۇيرۇلغان ئىدى.
    پالۋانلار بىلەن مۇبەدلەر پەرمانغا بىنائەن خۇشال- خورام ھالدا دىيىشكەن ۋاقىتتا زالنىڭ ھوزۇرىغا يىغىلىشتى.
زال ئۇلارغا قاراپ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى،بېشىغا كەلگەن تەڭلىك، ئېغىرچىلىقلىرىنى بىرمۇ بىر بايان قىلىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراپ مۇنداق دىدى:
    -بىز ھەممىمىز جاھاننىڭ ياراتقۇچىسى،ئاي ۋە قۇياشنىڭ ماڭدۇرغۇچىسى جاھان ئىشلىرىنىڭ پاك قازىسى يىگانە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز.ئۇ بىزنى ۋە روھىمىزنى پاك يولغا باشلايدۇ.شۇڭا كۈنۇ –تۈن ئۇنىڭ ھەققىدە شۇكرانىلەر ئېيتمىقىمىز بەرھەق.ئەقلىمىزنى ئۇ بەرگەن، تەقدىرىمىزنىمۇ ئۇ بەلگىلىگەن.جاھاندىكى جىمىكى خوشاللىقلىرىمىز ۋە بەخت -سائادەتلىرىمىزنىمۇ ئۇ بەرگەن.ئۇ بىزگە ھەر ئىككى ئالەمدە ئادالەتپاناھ بولىدۇ.تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى، ھەر پەسىلنىڭ ئۆزگىچە رەڭ- بىزەك بىلەن بىزىلىپ جاھاننى گۈزەللەشتۈرۈشى،شىرىن مىۋىلەرنى بىزگە ئاتا قىلىشىمۇ ئاللاھنىڭ ھىممىتىدىن بولغان. جاھاندا ھىچقانداق  بىر ئىش ئۇنىڭ رايىدىن سىرت بولمايدۇ.ئاددىسى ئۇ ئىرادە قىلمىسا چۈمۈلىمۇ ماڭالمايدۇ.ئۇلۇغ پەرۋەردىگار تاقلىق يىگانىلىكنى  پەقەت ئۆزىگىلا خاس قىلىپ ،باشقا جىمىكى مەخلۇقاتنى جۇپتى بىلەن ياراتتى.بۇ جۈپلۈك بولمىسا ئەۋلات بولمايتتى،ھاياتلىق داۋاملاشمايتتى.ئۇنىڭ ھەربىر ئىشى ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرۇشى ھىكمەت بىلەن تولغاندۇر.دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار قاتارىدا ئىنسانلارمۇ جۈپ قىلىپ يارىتىلدى.ئەر-ئاياللارنىڭ جۈپ بولۇشى،ئەۋلاد قالدۇرۇشى ئىنسانلار دۇنياسىنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. بۇ سىر بىلەن تولغان ئالەم.لىكىن بۇ سىرلارغا ئاللاھ ئۆزى بىكىتكەن قانۇنىيەت مۇجەسسەم قىلىنغان بولۇپ  ،ھەممە ئىش شۇ قانۇنىيەت بويىچە دەۋرى قىلىپ تۇرىدۇ.دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر ئادەم ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ.ئادەملەر بولغاچ دۇنيا گۈزەللىككە، مىھرى مۇھەببەتكە تولۇپ كىشىلىك ھاياتنى رەڭدار مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىدۇ.ئەگەر دۇنيادا ئىنسان جۈپ ياشىماي  تاق بولۇپ قالسا كۈچ -قۇدرىتى تۈگەپ پىنھان بولۇپ قالىدۇ.ئەۋلات قالدۇرالماي دۇنيادىن نام- نىشانسىز كېتىپ قالىدۇ.جۇپلۈكنىڭمۇ ئۆز قائىدىسى ۋە يولى بار.كىمىكى جۈپتىنى ھالاللىق بىلەن دۇرۇس يولدىن تاپمىسا، ئۇ دىندىن چەتنىگەن خاتا يولدا ماڭغان بولىدۇ.ئەگەر ئۇ ئۇلۇغلار زاتىدىن بولسا دۇنيادىن جۈپسىز ئۆتسە ئۇنىڭدىن نام -نىشان قالمايدۇ. پالۋاندىن پالۋان تۇغۇلسا بۇ جاھان ئۈچۈن بەخىت ئىقبالدۇر.يەنى پالۋان ئاتا دۇنيادىن كەتسىمۇ پالۋان ئوغۇل ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.پەرزەنتى ئۇنىڭ جاھاندىكى نام -نەسەبىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنى دىمەكچىمەنكى، ئەگەر مەنكى سام ئوغلى زال زەرمۇ بۇ قانۇنىيەتلەرگە بويۇن سۇنۇپ، ئۇلۇغلار ئىزىدىن مېڭىپ ئۆزۈمگە مۇناسىپ جۈپتى -ھالال تېپىپ ئۇنىڭدىن پەرزەنىتلىك بولسام تاجۇ- تەختىم كەلگۈسى بەخت ئىقبالدىن نىجاتلىق تاپقۇسى.مەن مانا شۇ مەقسەددە ئۆيلىنىشنى، جۈپلۈك بولۇشنى ئىستەپ بەزىبىر ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردىم.لىكىن مۇراد مەنزىلىمدە مەن بېسىپ ئۆتەلمەيدىغان مۈشكۈل داۋان پەيدا بولغاچ دىلىم ئاسمىنىنى غەم تۇمانلىرى قاپلىدى.كۆڭلۈمدىكى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇشەررەپ  بولالماي قەلبىم ئازاپتىن ئۆرتەندى. سۆز بۇ يەرگە يەتكەندە سىلەرگە يەنە شۇنىمۇ ئاشكار قىلاي. مەن ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز مىھراب شاھنىڭ قىزىدۇر.لېكىن ھەممىڭلارغا ئايان، دىنىمىز ،ئېتىقادىمىز ئوخشاش بولمىغاچقا بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىسيار مۈشكۈل.مىنىڭ بۇ قارارىمغا ئاتام نەيرەم ئوغلى سام قوشۇلماسلىقى، قەتئى قارشى تۇرۇشى مۈمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توي ئىشىغا ئۇلۇغ شاھىمىز مەنۇچېھىرنىڭمۇ نىمە دەيدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم.ئۇ بەلكىم مىنى ياشلىققا ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپسەن دەپ جازالىشى مۈمكىن.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەنمۇ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۈپلۈك ئىزدىشىم،توي ئىشىم ھەققىدە قارار چىقىرىشىم خاتا ئەمەس.بۇ ئىش ھەققىدە بېشىم بەك قېتىپ كېتىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەچكە سىلەرنى بۇ يەرگە كېڭەشكە چاقىردىم .ئاقىل، دانا مەسلىھەتلىرىڭلار بولسا مەندىن ئايىماي توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارغا ئىنتىزارمەن.
     ئاقىللار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مەسلىھەتتىن ئېغىز ئاچالماي جىمىپ قېلىشتى.نىمىشقا دىگەندە بۇ ئوينىشىدىغان مەسلىھەت ئەمەس ئىدى. مىھراب شاھنىڭ نەسەبى زەھھاكقا تۇتىشىدىغان بولغىنى،زەھھاك مەنۇچېھىر شاھ ئەجداتلىرىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغىنى ئۈچۈن، بۇ قوشۇلۇش ئەقىل جەھەتتىن ئېيتقاندا ھەسەل بىلەن زەھەرنى ئارىلاشتۇرغاندەك بىمەنە قوشۇلۇش بولۇپ ھېساپلىناتتى.بۇ ئىش  ئېنىقلا  ئۇلۇغ شاھ مەنۇچېھىرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويىدىغان ئىش تۇرسا  بۇ ئىشقا كىممۇ دادىللىق بىلەن ئېغىز ئېچىپ مەسلىھەت بېرەلىسۇن؟!
    دانالارمەسلىھەتكە  ئېغىز ئاچالمىدى.لىكىن زالمۇ بۇنداق ئاسان بولدى قىلىدىغان ،قارار قىلغان ئىشىدىن يانىدىغان ئىنسانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ مۇبەدلەرنىڭ جاۋاب بەرمەي جىم تۇرۇۋېلىشىغا قارىماي سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
    -سىلەر مۇنداق جىم تۇرۇۋالساڭلار بولمايدۇ.مەن ئالدىن دەپ قويايكى، قارار قىلغان ئىشىمدىن ھەرگىز يانمايمەن.سىلەر ماڭا يار يۆلەكتە بولۇپ ئەقىل ئىشلىتىپ  چارە- ئامال تېپىڭلار.مىنىڭ ‹‹بولمايدۇ›› دېگەن قاۋاپ بىلەن خوشۇم يوق.ھەرقاچان كىشىلەر باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارغا قەدەم بېسىپ يېڭىچە يول تۇتسا، باشقىلارنىڭ تەنە مالامىتىگە قېلىپ كەلگەن. ئەمما مەن بۇنىڭدىن قورىقمايمەن.مەن سىلەرنى ياردەمگە چاقىرمايمەن. پەقەت سىلەر ماڭا بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ توغرا، ئوڭۇشلۇق يولىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلارلا بولدى.قالدى ئىشلارنى ئۆزۈم قىلىمەن،ھەرگىزمۇ سىلەرنى چېتىۋلمايمەن.
    مۇبەدلەر زالنىڭ قەتئى نىيىتىنى چۈشەندى.بۇ يەردە ئېغىز ئاچماي جىم تۇرۇۋالغان بىلەنمۇ زال ھەرگىز بولدى قىلمايتتى.شۇڭا ئۇلار نائىلاج مەسلىھەتكە ئېغىز ئېچىشتى:
     -بۇ گەپتىن ھەممىمىز قاتتىق قورقۇپ پاراكەندە بولدۇق. جاۋاپ بىرىشتىن قورىقتۇق.لىكىن ھازىر ھەممىمىز سىلىنىڭ ھوزۇرلىرىدىمىز،سىلىنىڭ پەرمانلىرىدىكى قۇللىرى مىز. بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز شۇكى، مىھراب شاھمۇ كىچىك شاھلاردىن ئەمەس،ئۇمۇ كاتتا ئۇلۇغ شاھلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.گەرچە ئۇنىڭ ئەجدادى قانخور ئەجدىھا بولسىمۇ ،لىكىن ئۇ يەنىلا توزلارنىڭ ئۇلۇغ شاھىدۇر. سىلىگە مەسلىھىتىمىز شۇكى، ھەممە ئەھۋالنى ئېنىقى ئوچۇقى بىلەن بايان قىلىپ،ئۇنىڭغا دىللىرىدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنى قېتىپ شاھىمىز سامغا بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتكەيلا. ئەگەر بۇ ئىشقا شاھ ئالىيلىرى قوشۇلۇپلا قالسا مەنۇچېھىر شاھمۇ سامنىڭ رايىنى قايتۇرمايدۇ. شۇندىلا قىيىن ئىشلىرى ئاسان بولغۇسى.
    زال مۇبەدلەرنىڭ مەسلىھەتىنى توغرا تاپتى.كېڭەشتىن كېيىن  ھوزۇرىغا ئۇستا كاتىپتىن بىرنى چىللاپ كىرىپ ئاتىسى سامغا نامە يازدۇردى.سالامنامە ئالدى بىلەن قادىر خۇداغا  تەشەككۈر ۋە شۈكرانلەر ئېيتىش  بىلەن باشلاندى.ئۇندىن كېيىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار  بىرمۇ- بىر جاي ئالدى:‹‹ياراتقان رەببىمگە تەشەككۈرلەر بولسۇنكى، ئىنسانلارنىڭ بارلىق شادلىق ۋە غەم ئويلىرىدىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ  تۇرار. شۇنداقلا غەمدە قالغۇچىلارغا غەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نىجاتلىق يوللىرىنى بېرەر.ئۇ يورۇق كۈننىڭ ئىگىسى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادا بار بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىگىسىدۇر.بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا بەندىمىز،ئۇ بولسا تەنھا خالىق (خالىغىنىنى قىلالىغۇچى) تۇر. گۈرزە سۇلتانى،قىلىچ ھەزرىتى،ياۋغا قارشى جەڭدە بوران كۆتۈرگۈچى ،قارا بۇلۇتلاردىن قىزىل قانلارنى تۆككۈچى بولغان نەيرەم ئوغلى سامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغسۇن.ئۇ  شۇنچە قۇدرەتلىك يارالغانكى، خالىغان كىشىسىگە تاجۇ- تەخت بەخش ئەتسە،خالىغان شاھلارنى تەختتىن قومۇش يۇلغاندەك يۇلۇپ تاشلىيالايدۇ. ئۇ مەردلىككە- مەردلىك،سەنئەتكە سەنئەت قوشقۇچى ۋە ياكى خوشاللىققا خوشاللىق، يامانلارغا غەم ئارامسىزلىق ئاتا قىلغۇچى جاھان پالۋىنىدۇركى ،ئەگەر نەرىمان ئوغلى سام جەڭگە كىرسە ھەرقانداق مۈشكۈل جەڭمۇ زەپەر بىلەن خۇلاسە تاپۇر.خەللاق ئۇنىڭدىنمۇ قۇدرەتلىك يەنە بىرىنى تېخى ئىنسانلار ئارىسىغا ئاپىرىدە قىلمىغاندۇر.باشقا سانسىز كىشىلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئالدىدا مەنمۇ بىر ئاجىز قۇلمەن.شۇنداقلا مۇھەببەت نەپرەتنى ئىسىمدە چىڭ تۇتقان ئوغۇلمەن.تۇغۇلغاندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىم  ھېلىھەم يادىمدا،ئەينى ۋاقىتتا پەلەكنىڭ زۇلۇم سېتەملىرىدىن باغرىم كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ئىدى.ئۆز ئاتام ئىسىل ئوردا قەسىرلەر،چىمەنلىك باغلاردا ھالاۋەت كۆرۈپ ھوزۇر سۈرسە،تاشلىۋېتىلگەن مىنى ئىمىتىپ ياكى بىر چىشلەم نان چايناپ باقىدىغانغا بىر ئىنسان تېپىلماي تاشلىق تاغدا سۇمرۇغنىڭ بېقىشىغا مۇھتاج بولغان ئىدىم.ئۇ نىمىنى شىكار قىلىپ كەلسە ۋە ماڭا نىمە بەرسە شۇنىڭغا رازى بولاتتىم.ئادەم قاتارىدا ئەمەس قۇش بالاپانلىرى بىلەن بىر قاتاردا جەزىرىدە قۇش ئۇۋىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئىدىم. گاھ تاغ جەزىرىنىڭ ئىسسىقلىرى تېنىمنى كۆيدۈرسە ،گاھ قۇم بورانلار دەستىدىن كۆزۈمنىمۇ ئاچالماي قالاتتىم .مىنى ‹‹قەھرىمان سامنىڭ ئوغلى ››دەپ ئاتىغىنى بىلەن ئۇنىڭغا تەخت، ماڭا بولسا قۇش ئۇۋىسى نېسىپ بولغان ئىدى.لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئاتامدىن ئاغرىنمايمەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى،خۇدانىڭ پەرمانى بىلەن بولغاندۇر.ھىچبىر كىشى تەڭرىنىڭ ھۆكمىدىن سىرت بىر ئىش قىلالمايدۇ.ئەي ئاتا،تەڭرى سېنى شۇ قەدەر قۇدرەتلىك يارىتىپتۇ. قولۇڭ شۇ قەدەر كۈچلۈككى، ئاتقان ئوقۇڭ بۇلۇت يېرىپ كۆككە كۆتۈرۈلسە پولات ئوقلار قولۇڭغا ئاپىرىن ئېيتار.جەڭ كۈنلىرى تارتقان نەرەڭنى ئاڭلاپ قالسا، شىرلارمۇ ئالدى ئارقىسىغا قارىماي قاچار.سەن شۇ قەدەر باتۇر بولساڭمۇ تەڭرى ئالدىدىكى خىزمەتتە بېشىڭ ئىگىگلىك.بۇ ساڭا تەڭرى ئاتا قىلغان شان- شەرەپ،سەندە مۇجەسسەم بولغان ئىنسانى پەزىلەت.بۈگۈن مىنىڭ ساڭا بۇ نامىنى يېزىشتىن مەقسىدىم‹‹ بۇ نامە ئارقىلىق دەردىمنى ئاتامغا  ئايان قىلاي،ئۇنىڭ باشپاناھلىقى بىلەن غەم دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ بەختلىك تۇرمۇشقا قەدەم قوياي›› دىگەندىن ئىبارەت.ئەي ئاتا، مەن بۈگۈن شۇنداق بىر دەرتكە مۇپتىلا بولدۇمكى، بۇ دەردىمنى ئەل جامائەت ئالدىدا ئاشكارا ئېيتىشقا جۇرئەت قىلالمايمەن.شۇڭا سىزگە  نامە يېزىش ئارقىلىق  دەردىمنى بايان قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. سىز باتۇرلۇقتا ئەجدىھادىنمۇ قۇدرەتلىك بولسىڭىزمۇ يەنىلا بىر ئادەمسىز.مىنىڭ مىھرىبان ئاتامسىز،شۇنداق ئىكەن، مەندەك كىچىكلەرنىڭ دەردىنىمۇ ئاڭلىمىقىڭىز،دەردىمگە مۇناسىپ چارە قىلىپ مىنى بۇ ئازاپلاردىن قۇتۇلدۇرمىقىڭىز بەرھەق.ئىشنىڭ ھەقىقىتى شۇكى،مەن مۇھەببەت ئازابىغا تۇتقۇن بولدۇم.ئۇنىڭ رەھىمسىز ئوتلىرى يۈرەك باغرىمنى كاۋاپ قىلىپ ياش جېنىمنى تىنىمسىز ئازاپلىماقتا.مېنى بۇ ئىشىق دەردىگە مۇپتىلا قىلغۇچى مىھراب شاھنىڭ قىزى رۇدابەدۇر. بۇ ئىشىققا دۇچار بولغىنىمدىن بېرى قارا تۈندىكى يۇلتۇزلار سۆھبەتدىشىم،قايغۇ- ئەلەملەر يېقىن ھەمرىيىم بولۇپ قالدى.كۆز ياشلىرىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا، دىلدىكى غەملىرىم كۆپلىكىدىن تاغ بولۇپ يەلكەمنى باسماقتا.ھالىمنى كۆرگەنلەر ئىچ ئارىتىشىپ ھەمدەم بولۇپ يىغلىشار.مەن بۈگۈنگە قەدەر يېتىملىكتە مەيلى قانچىلىك ئازاپ چەككەن بولماي بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن ئىدىم.لىكىن بۇ ئىشىق دەردىگە زادىلا تاقەت قىلالمىدىم.شۇڭا مەن ئوغلۇڭىزغا شەپقەت قىلىپ بۇ دەرتلىرىمگە داۋا تېپىپ بەرسگەن بولسىڭىز.
ئەي ئاتا،سىز مىنى قۇش ئۇۋىسىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن كۈنى ماڭا:‹‹ سەن نىمە دىسەڭ شۇ بولىدۇ.سېنى ئىككىنچىلەپ ئازاپ تارتقۇزمايمەن.سەن نىمىنى ئارزۇ قىلساڭ سېنىڭ ئارزۇيۇڭنى مىنىڭ ئارزۇيم دەپ ھېساپلاپ تاكى سېنى ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزمىگۈچە ئارام تاپمايمەن›› دەپ ئادەملىرىڭىز ئالدىدا تەڭرى نامى بىلەن قەسەم قىلغان ئىدىڭىز.مانا بۈگۈن سىزدىن ئۆمۈرلۈك توي ئىشىمنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇپتىمەن.بۇ تەلىپىمنى مۇھىم بىلىپ مىھراب شاھ قىزى بىلەن بولغان نىكاھ ئىشىمنى تېزراق ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بەرگەيسىز.
    خەت يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىشەنچلىك خىزمەتچىلىرىدىن بىرىنى بۇ خەتنى ئاتىسى سامغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەيىنلىدى. ئۇنىڭغا  ئىنتايىن تېز يۈگرەيدىغان چاپقۇر ئاتتىن ئىككىنى بەردى.چاپار بۇ ئاتلاردىن دەسلەپ بىرنى مىنىپ،يەنە بىرىنى يانداپ يېتىلىۋېلىپ ،ئۇ ھارسا يەنە بىرىنى نۆۋەتلىشىپ مىنىپ خەتنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە يەتكۈزەلەيتتى.
چاپار ئىككى ئاتنى ئالماشتۇرۇپ مىنىپ شامالدەك تېزلىك بىلەن سامنىڭ دەرگاھىغا قاراپ يولغا چىقتى.يوللاردىكى بىكەت ۋە راۋاتلاردىمۇ توختىماي يول يۈردى. يۈرگەندىمۇ مول يۈردى. ئۇ گۈرگەسەرانغا يىتىپ بېرىپ سامنىڭ  بىر تاغدا ئوۋچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇدۇل شۇ يەرگە يۈرۈپ كەتتى.ئۇ  سامنىڭ يېنىغا  يېقىنلاشقاندا  تاغ ئۈستىدە تۇرغان سام  يىراقتىن ئات سېلىپ كېلىۋاتقان چاپارنى كۆردى ۋە ئادەملىرىگە دىدى:
-يىراقتىن كابۇلنىڭ چاپارى كېلىۋاتىدۇ.ئاستىدىكى ئات زابۇلنىڭ داڭلىق ئاتلىرىدىن ئىكەن.ئۇ چوقۇم ئوغلۇم زالنىڭ ئەۋەتكەن چاپارى ،ئۇ يىتىپ كەلسە ئۇنىڭدىن سورايدىغانلىرىمىز ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭدىن ئىران ھەققىدە،زال ھەققىدە ۋە شەھرىيارىمىز ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللارنى سورايمىز. ئۇنىڭدىن يەنە دوست بۇرادەرلىرىمىز ھەققىدە يېڭى- يېڭى ئۇچۇرلارنىمۇ ئاڭلايمىز.
چاپار يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىن ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە بولدى. سامنىڭ ئالدىغا كېلىپلا يۈكۈنۈپ تازىم قىلدى. شۇنداقلا سالام ئىبارىلىرى بىلەن قوشۇپ  ياراتقۇچىغا ھەمدۇ- سانالارنى بايان ئەيلەشنىمۇ ئۇنتۇمىدى.  سالامدىن كېيىن زالدىن ئېلىپ كەلگەن سالامنامىنى سامغا تاپشۇردى.سام خەتنى ئېلىپ تاغدىن پەسكە چۈشۈپ پىنھاندا ئولتۇرۇپ  خەتنى كۆزدىن كەچۈردى. خەتتىكى سۆزلەرنى بىرمۇ- بىر ئوقۇپ ھەيران قالدى.بۇرۇن بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغاچقا تەڭلىك تارتىپ تۇرۇپلا قالدى. شۇڭا دېدىكى:
   -خىلۋەتتە، يىرتقۇچ قۇش ئۇۋىسىدا شۇ قۇشنى ئانا قىلىپ  ئۆسكەن ئادەمدىن نىمىنىمۇ كۈتكىلى بولسۇن!؟ ئۇنىڭ ئارزۇسى شۇ تۇرسا مەن نىمىمۇ دەرمەن ئەمدى! ؟
سامنىڭ دىلىنى ئەندىشە چىرمىۋالدى.كۆڭۈل ئارامى پۈتۈنلەي بۇزۇلدى.شۇڭا شىكارنى توختىتىپ  ئادەملىرىگە قايتىشقا بۇيرۇق بەردى.
ئۇ كېتىۋېتىپ ئويلاندى:‹‹ئەگەر ئوغلۇمنىڭ بۇ توي ئىشىغا رازىلىق بەرمىسەم‹‹ بۇ قىلغىنىڭ بولماپتۇ،ئويلاپ ئىش قىل!›› دېسەم،مەندىن قاتتىق رەنجىيدۇ. ئەگەر‹‹بوپتۇ، توي قىل! ››دېسەم بىر تەرەپتىن شاھىمىز مەنۇچېھىر ئالدىدا تەڭلىك تارتىمەن،يەنە بىر تەرەپتىن  يىرتقۇچ قۇش بېقىپ ئۆستۈرگەن بالا زال  بىلەن زەھھاكنىڭ ئەۋلادى بولمىش دىۋە- ئەجدىھالار پۇشتىدىن تۆرەلگەن قىز توي قىلسا ئۇلاردىن قانداق بىر ئادىمىزات ئاپىرىدە بولۇر؟! ›› بېشى قاتقان، يۈرىكى سىقىلغان سامنىڭ گېلىدىن غىزا ئۆتمىدى.ئۇخلىغىلى ياتسا ئۇيقۇسىمۇ قېچىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى.
ئەتىسى سام ھوزۇرىغا ئۆزىنىڭ خاس ئەقىلدار-مۇبەدلىرىنى،كىيىنكى ئىشلار سىرىنى يەشكۈچى مۇنەججىملىرىنى  يىغىپ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر تۈگۈننى ئېيتىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت سورىدى:
-        بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى زادى نىمە بولىدۇ؟ قانداق خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ؟ قىيامەت كۈنى سۇ بىلەن ئوتتەك چىقىشالمايدىغان پەرىدۇن بىلەن زەھھاك ماڭا تەنە- مالامەت قىلامدۇ يوق؟ بۇ ھەقتە يۇلتۇزلارغا پال سېلىپ ئېنىق بىر جاۋاپنى ئىزدەپ تېپىڭلار. مىنىڭ كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىڭلار.
مۇنەججىملەر كۈن بويى پال سېلىپ بۇ ئىشنىڭ سىرى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىزدەندى.ئاخىر ئۇلار نەرىمان ئوغلىغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كىرىشتى:
-        ئەي كەرەملىك شاھىم ،خوش خەۋەر!  پالدىن ياخشى خەۋەرلەر كەلدى. زال بىلەن مىھراب شاھنىڭ قىزىنىڭ توي ئىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىكەن . ئۇلارنىڭ قوشۇلمىقى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ  بۇ نىكاھ ھالال نىكاھ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ سائادەتلىك بولىدىكەن.  بۇ ئىككى ئاقىلدىن شۇنداق بىر ئوغۇل دۇنياغا  كېلىدىكەنكى،  ئۇ  پىلدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىپ جاھاننى ئاستىن- ئۈستىن قىلىۋېتىدىكەن.تىغ بىلەن پۈتكۈل جاھاننى بويسۇندۇرۇپ ،بەدنىيەتلەرنى تامام يوقۇتۇپ، شاھلىق تەختىنى  بۇيۈكلۈكتە ئاسمانغا تەڭلەشتۈرۈدىكەن. مەيلى دىۋە، ئالۋاستىلار بولسۇن،مەيلى جاھانغا پاتماي قالغان ياۋۇز زوراۋانلار بولسۇن، ئۇ ھەممىنى گۈرزىسىنىڭ كۈچى بىلەن تىز چۆكتۈرۈپ يامانلىقنى جازالايدىكەن. ئۇنىڭ قەدىمى يەتمىگەن نە سەگسارى، نە مازەندىران قەلئەلىرى قالمايدىكەن. ئۇنىڭدىن ئىرانغا ھېساپسىز ياخشىلىق ،تۇرانغا توسۇپ قالغۇسىز زىيان- ئاپەتلەر ياغىدىكەن. ئۇنىڭ ھىممىتى بىلەن ئۇرۇش، زۇلۇم يوللىرى يېپىلىپ كىشىلەر تىنىچ، خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان بولىدىكەن. ئوقياسى شىرنى يەر چىشلەتسە،گۈرزىسى دىۋىلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى پايخان قىلىۋېتىدىكەن.ئۇنىڭ نامىمۇ ئۆزىدەك غارايىپ ۋە ئۇلۇغ بولىدىكەن. نامى پۈتۈن جاھانغا تارىلىپ، تا دەۋرى قىيامەتكىچە خەلق ئۇنى ئۇلۇغلاپ ،نامىنى يادلاپ  ‹‹ئەڭ بۇيۈك قەھرىمان›› دەپ تەرىپلىشىدىكەن،نامى تىللاردا داستان بولۇپ كېتىدىكەن.
مۇنەججىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سام ناھايىى خۇرسەن بولدى. مۇنەججىمگە ناھايىتى كۆپ تارتۇق –مۇكاپاتلارنى بېرىپ دۇنيادىن بىھاجەت قىلىۋەتتى. بۇ پال سامنىڭ دىلغا ئارام بېغىشلىدى.ۋەھىمىلىرى تاراپ كەتتى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن چاپارنى چاقىرتىپ كىردى.ئۇنىڭدىن قۇمدەك سۇئاللارنى سوراپ ئارامىدىن كەتكۈزىۋەتتى.
ئاندىن چاپارغا شۇنداق دىدى:
   -ماڭ تېز بېرىپ زالغا يەتكۈزگىن،ئۇنىڭ بۇ توي ئىشى روياپقا چىقمايدۇ.لىكىن مەن ئۇنىڭغا  ‹‹ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن›› دەپ ۋەدىمۇ بېرەلمەيمەن.ھازىرقى قارارىم شۇكى،تاڭ ئاتقان ھامان ئىراننىڭ باش شەھىرىگە لەشكەر تارتىمەن.شاھقا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىمەن. شەھرىيار ئالەم نىمە دەپ پەرمان بەرسە شۇ بويىچە ئىش كۆرىمەن.تەقدىرنىڭ قانداق  قىسمىتى بار بولسا، ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ.
شۇ سۆزلەردىن كېيىن چاپارغا مۇكاپات بېرىپ ،ئۇنى زالنىڭ يېنىغا قايتۇردى.
ئەتىسى سام سەركەردە ۋە  لەشكەرلىرىنى سەپراس قىلىپ ئىرانغا يۈرۈش باشلىدى.ئالدى بىلەن ھۇجۇمنى گۈرىگسارغا قىلىپ ئۇرۇشتا نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىر، نۇرغۇن ئات –ئۇلاق، مال -دۇنيالارنى غەنىيمەت ئالدى.ئاندىن لەشكەرلىرىنى باشلاپ سىيىستان تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئەمدى گەپنى يەنە زالدىن ئاڭلايمىز: چاپار قايىتىپ كەلگەندىن كېيىن سامنىڭ جاۋابىنى ۋە ئۆزى ئاڭلاپ قالغان سائادەتلىك پال ھەققىدىكى خۇش –خەۋەرلەرنى زالغا سۆزلەپ بەردى.زال بۇلارنى ئاڭلاپ كۆڭلىگە نۇر تولغاندەك بەكمۇ خوشال بولۇپ كەتتى.ئىشلىرىدىن ئۈمىدۋار بولدى. پەرۋەردىگارغا كۆپ شۈكرانىلەرنى ئېيتىپ يىتىم- يىسىرلەر،يوقسۇل- بىچارىلەرگە كۆپلىگەن سەدىقە –ياردەملەرنى بەردى.تۇققانلىرىغىمۇ مەرھەمەت كۆرسىتىپ كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىپ ئۇلارنىمۇ خوشاللىقلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى.
زال ئۆزگىرىپ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. كۈندۈزلەردە بىردەم تېنىم تاپمايتتى.كىچىلەردىمۇ ئۇيقۇ يوق ئىدى.نە ناخشا –ساز ئاڭلىمايتتى.نە بەزمە تۈزۈپ شاراپ ئىچمەيتتى.پۈتۈن ئېسى- يادى رۇدابەدىلا ئېدى.سۆزلىسىمۇ رۇدابەنىڭ نامى تىلغا ئېلىناتتى.ئويلىسىمۇ ئويىدا رۇدابەلا بار ئىدى.
زال بىلەن  رۇدابە  ھېلىقى كۈنىدىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خەۋەر -ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن ئىدى. رۇدابەنىڭ ھېلىقى يېقىن  كېنىزىكى سېتىقچى  شەھەر ئاياللىرىدەك ياسىنىۋېلىپ ئوردىدىن كىرىپ -چىقىپ يۈرۈپ ئىككىسى ئارىسىدا خەۋەرچىلىك قىلاتتى. بۈگۈنمۇ ئۇ كېنىزەك  زالنىڭ يېنىغا رۇدابەنىڭ سېغىنىشلىق سالامىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ چاپار قايتىپ كېلىپ بولغان چاغ بولغاچقا  زال ئاتىسىدىن ئالغان خوش خەۋەردىن رۇدابەنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن خەۋەرچى كېنىزەككە دىدى:
      -سەن رۇدابەنىڭ تېز يېنىغا بار،ئۇنىڭغا دېگىنكى:‹‹ئەي پاك دىن ،ئىپار ھىدلىق كوكۇلدار، سۇخەنچىلەرنىڭ تۆھمەت  يىپلىرى چۇۋۇلۇپ كەتتى.سىرلار قۇلۇپىنىڭ ئاچقۇچى تېپىلىپ ئۇنى ئاچىدىغان چاغ بولدى.سام ئەۋەتكەن چاپارىمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ.چاپار ماڭا خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدى.ئاتام بىزنىڭ ئىشلىرىمنى كۆپ سۈيلەپ، ھەم بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاپ ،ئاقىللىرى بىلەن كۆپ قېتىم مەسلىھەت قىلىپتۇ .ئاخىرى بىز تەرەپكە بولۇشىدىغان  بوپتۇ. بۇندىن كېيىن ئىنشائاللا ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولغۇسى››
كېنىزەك خەۋەرنى ئاڭلاپ خوشال بولدى.كىيىكتەك تېز چېپىپ قەسىرگە قايتىپ كېلىپ  رۇدابەگە بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۈزدى.رۇدابە بۇ خۇش خەۋەردىن  ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ سۆيۈنچىلەرنى بەردى.بۇلارنىڭ ئارىسىدا تاۋار- دۇردۇن قاشتېشى ھالقا،ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن بىلەزۈك،زەرلىك كىيىم،مەرۋايىت مارجان  ،گۆھەر كۆزلۈك  ئۈزۈك قاتارلىق قىممەتلىك نەرسىلەر بارئىدى.
كېنىزەك رۇدابەنىڭ ھوجرىسىدىن قايتىپ چىقىۋاتقاندا  ئانىسى سىندۇخت  قىزىنىڭ ھوجرىسىدىن قايتىپ چىقىۋاتقان‹‹جۇۋان ›› نى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنىڭدىن قاتتىق گۇمانلاندى . سىندۇخت ئۇ‹‹جۇۋان››نى  ئادەملىرىگە تۇتقۇزۇپ كىرىپ  كىم ئىكەنلىكىنى،قىزى يېنىغا  نىمە ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى سۈرۈشتۈردى. ‹‹جۇۋان›› دەسلەپ يالغان ئېيتىپ قۇتۇلماقچى بولۇپ گەپ ئوينىتىپ باقتى.لىكىن سىندۇخت  بەك ھۇشيار ئايال بولغاچقا يەنىلا ئىشەندۈرەلمىدى.   
‹‹جۇۋان››نىڭ راست گەپ قىلمىغىنىدىن  قاتتىق غەزەپلەنگەن سىندۇخت دەرھال ئادەملىرىگە بۇيرۇپ  ئۇنى قاتتىق ئۇرغۇزىۋەتتى.كېنىزەك قاتتىق ئازاپلىنىۋاتسىمۇ رۇدابەنىڭ سىرىنى قەتئىي ساقلاپ قېلىش نىيىتىدە  يەنىلا يالغاننى توقىۋەردى:
-مەن كۈنلىرى يوقسۇزلۇقتا ئۆتىدىغان خەستە دىل بىر بىچارە ئايالمەن.ئادەتتە سودا- سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن، رۇدابە مىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىپ مەندىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن  مىنى يېنىغا چاقىرتقان ئىدى.شۇڭا مەن كۆپىنچە ئۇنىڭغا كېرەكلىك ماللارنى ئېلىپ يېنىغا كىرىپ چىقىپ تۇراتتىم.بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ پەرمانىغا بىنائەن بىر تاج،ھالقا،دۇخاۋا دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەنتىم.
-ئۇنداق بولسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىڭنى ئالدىمغا قوي! قېنى، مەن بىر كۆرۈپ باقاي!
-بۇيرۇلغان نەرسىلەرنى مەلىكە ئېلىپ قالغان،مىنى يەنە يېڭى ماللاردىن ئېلىپ كىلىشكە بۇيرۇغان ئىدى.
-ئۇنداق بولسا ماللىرىڭنىڭ پۇلىنى كۆرسەتكىن ، باھاسىنى بىلەي،سېنىڭ مىنى ئالدىمىغانلىقىڭنى چۈشىنەي!
  - پۇلىنى ئەتە ېيڭى مال ئېلىپ كەلگەندە بېرىدىغان بولغان.
سىندۇختقا  ‹‹جۇۋان›› يالغانچىدەك تۇيۇلدى.سۆزلىرىگە پەقەت ئىشەنمىدى. شۇنىڭ بىلەن يېنىدىكى قىزلارنى بۇيرۇپ ‹‹جۇۋان››نى ئاختۇرغۇزدى.ئۇنىڭ يېنىدىن ھېلىراقتا رۇدابە سوۋغا قىلغان نەرسىلەر چىقتى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادەتتە رۇدابە بېشىغا سېلىپ يۈرىدىغان ياغلىقمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ‹‹جۇۋان›› ئەمدى‹‹ رەسمى ئوغرى›› بولۇپ تۇيۇلدى.قەھرى- غەزىپى تاشقان خانىش بۇ ‹‹بەختسىز ئوغرى››نى ئادەملىرىنى بۇيرۇپ يۈرمەي غەزەپ كۈچىدە ئۆز قولى راسا ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇرغانسېرى غەزىپى تاشاتتى.پۇت قوللىرىنى باغلىۋېتىپ سۆرەيتتى. يەنە داۋاملىق ئۇراتتى،تىپەتتى.ئاخىرى ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن چالا ئۆلۈك ھالەتكە كىلىپ قالغان‹‹ئوغرى›› نى تاشلاپ  ‹‹ئوغۇرلانغان›› نەرسىلەرنى تارتىۋېلىپ غەمكىن ھالدا ئۆز خانىسىگە قايتىپ كەلدى. كىيىن قىزى رۇدابەنى چاقىرىپ كىرىپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنغان ھالدا شۇنداق دىدى:
  -ئەي ئاي يۈزلۈك قىزىم،سەن نىمىشقا گەمىنى سارايدىن ئەۋزەل كۆرىسەن ؟ مىنىڭ سەندىن ئايىغان،ساڭا بەرمىگەن بىرەر  ياخشى نەرسەم قالدىمۇ؟ شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا ماڭا  زۇلۇم قىلىسەن؟ سەن ماڭا راستىڭنى ئېيت! بۇ ئايال زادى نىمە قىلىدىغان ئايال؟ ئۇ سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا نىمە سەۋەپتىن ئاياغ باستى؟ئۇنىڭ كىم بىلەن چېتىشلىقى بار؟  ئەرەپ مۇلكى بولغان ئۈزۈك ۋە ياغلىقلار سېنىڭ يېنىڭدا نىمە قىلىدۇ؟ مېنى غەزەپلەنمىسۇن دېسەڭ بۇ ئىشلارنى ماڭا راستى بىلەن بايان قىل !
رۇدابە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئانىسىدىن قاتتىق ئۇيالدى.شۇڭا  ئانىسىغا تىك قارىيالماي تاپىنىنىڭ ئۇچىغا قارىغىنىچە  كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى راۋان ئاقتۇرغان،  يۈزلىرى قىزارغان، گۈل ياپرىقىدەك تىترەپ ئولتۇرغان ھالەتتە ئۆز سىرلىرىنى بىر- بىرلەپ ئاشكارە قىلدى:
-        ئەي دانىشمىنىم ئانا، سىز  ئەقىل پاراسەتتە، ھۇشيارلىقتا يىگانىدۇرسىز. سىزنىڭ نەزىرىڭدىن ھىچقانداق بىر يوشۇرۇن ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بوپتۇ، بۈگۈن سىز  مىنىڭ ئاجىز يېرىمدىن تۇتۇۋالدىڭىز، سىزگە راستىمنى دىمەي، كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئايان ئەتمەي قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن. قېنى ئەمىسە سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ!  ئىشلىرىمدىن تولۇق خەۋەردار بولۇڭ. خېلى كۈنلەر بولدى. مەن بىچارە شورلۇق قىزىڭىز مۇھەببەت ئازابىغا دۇچار بولدۇم. بۇ ئازاپلار ماڭا شۇ قەدەر قاتتىق تەگدىكى، نە گېلىمدىن غىزا ئۆتمەيدۇ،نە كېچىلىرى شىرىن ئۇيقۇ مىنى ئۆزىگە ئەسىر قىلالمايدۇ. مەن زابۇل پادىشاھى سامنىڭ ئوغلى زال زەرگە ئاشىق بولدۇم. ئۇمۇ ماڭا ئاشىق، ئۇ مەن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقىمۇ رازى. بىز مۇھەببەت دەردىدە كۆيۈپ، داۋاسىز كېسەل دەستىدىن  ئاھ چىكىپ ئۆكۈنۈپ، يە ئىشقىمىزنى ئاشكارە ئېتەلمەي،يە ئوچۇق ئاشكارە كۆرۈشۈپ مۇرادىمىزغا يېتەلمەي يۈرىۋاتىمىز.سىز مىنى بۇ دۇنياغا تۇغمىغان،بۇنچىۋالا دەرت -ئەلەملەرگە قويمىغان بولسىڭىز ياخشى بولار ئىدى. زابۇل سىپاھدارى مىنىڭ سەۋەبىمدىن يۇرتىغا قايتىپ كېتەلمەي كابۇل ئەتراپىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرىۋاتىدۇ.ھېلىقى ئايالنى ئەلچى قىلىپ مىنىڭ ھالىمنى سوراپ خەت -خالتىلىرىنى،ئىزگۈ سالاملىرىنى يوللاپ تۇرىۋاتىدۇ.سىز بۈگۈن دىل رىشتىمىزنى ئۇلاپ تۇرغان ئەشۇ بىچارە ئەلچىنى ،بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ كېپىلى، خوشاللىقلىرىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىنى تۇتۇۋالدىڭىز. سۇئال سوراققا تارتتىڭىز، رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ-تېپىپ  قىيناپ ئازاپلىدىڭىز. ئەمدىلىكتە بولسا مىنى بۇ يۈرەك سىرلىرىمنى تۆكۈشكە مەجبۇر قىلىۋاتىسىز.مانا ئەمدى ھەممىنىنى بىلىپ بولدىڭىز. سىزگە ئاخىرىدا شۇنىمۇ قوشوپ دەپ قويايكى،مىنىڭ مۇھەببىتىم،ھاياتىم،بارلىقىم سام ئوغلى زالغا بېغىشلانغان. ئۇنىڭ ئىشقىدىن باغرىم ھەمىشە ئوت كاۋاپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭسىز يورۇق كۈنلەرمۇ ماڭا قاراڭغۇ تۇيۇلىدۇ.كۆز ياشلىرىم ئۇنى دەپ بۇلاقتەك راۋان بولۇپ ئاقىدۇ.مىنىڭ ھاياتىم ئۇنىڭ دىدارىسىز مەنىلىك ئۆتمەس،پۈتۈن جاھان كىشىلىرى ۋە بايلىقلىرى نەزىرىمدە ئۇنىڭ بىرتال مويىغا ئەرزىمەس.شۇنىمۇ بىلىپ قېلىڭكى،ئۇ كابۇلغا كىلىپ مېنى كۆردى.مەن بىلەن قول بىرىشىپ ئۆمۈرلۈك بىرگە ئۆتمەككە ئەھدۇ- پەيمان قىلىشتى.لىكىن بىز كۆرۈشكىنىمىز بىلەن كۆرۈشۈش، سۆزلۈشۈشتىن باشقا ھىچ ئىش قىلىشمىدۇق.پاكلىقىمىزنى ھالاللىقىمىزنى ساقلاشتۇق. بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن زال ئاتىسى سامغا  چاپاردىن نامە ئەۋەتتى،ساممۇ ئوغلىغا جاۋاپ بېرىپ خەۋەر ئەۋەتتى...
رۇدابە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئارىدا  بولۇنغان گەپ- سۆز ۋە قىلىنغان ئىشلارنى بىرمۇ- بىر بايان قىلىپ  بەردى.سىندۇخت قىزىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېتىپلا قالدى.كىيىن ئۇ ئەس ھۇشىنى يىغىپ قىزىغا جاۋاپ بەردى.ئۇ جاۋابىدا  نىمىلەرنى دەيدىكىن قېنى ئاڭلاپ باقايلى:
    -بۇ ئىشىق سەۋداسى ھەقىقەتەن كىچىك ئەمەس ئىكەن.سام ئوغلى زال زەر ھەقىقەتەن جاھاندا كەمدىن- كەم ئۇچرايدىغان باتۇر ئەزىمەت.ھەم زاتى،ھەم نامى،ھەم پەزىلىتى ئۇلۇغ مەشھۇر ئادەملەرنىڭ بىرىدۇر.لىكىن پەزىلىتى كۆپ بولغان بىلەن چوڭ بىر ئەيىپى بار.ئۇنىڭ ئاق چاچلىق تۇغۇلغان قېرى بوۋاق ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىپ ھەتتا ئاتىسىنىڭمۇ جەزىرىگە تاشلىۋەتكەنلىكىنى،بوۋاق چېغىدىنلا  ئانا خوۋلىقى كۆرمەي يىتىم قالغانلىقىنى، ئۇنى يىرتقۇچ قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى ئالەم خەلقى بىلىدۇ.مەن ئەنسىرەيدىغان  يەنە بىر تەرەپ شۇكى داداڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ قالسا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ.سېنى ۋە مىنى ھەرگىزمۇ بوش قويۇۋەتمەيدۇ. چۈنكى زالنىڭ ئەجدادى بىلەن بىزنىڭ ئەجدادىمىز بۇرۇندىن دۈشمەنلىشىپ كەلگەن ئىكەن.ئۈچىنچىدىن ھەرقانداق بىر شاھ ئۆز قىزىنىڭ  ئاتا -ئانىسىنىڭ رازىلىقىسىز ۋە نىكاھسىز باشقىلار بىلەن يوشۇرۇن باردى- كەلدى قىلىپ يۈرگىنىنى بىلىپ قالسا ‹‹شەنىمنى بۇلغىدى ››دەپ ئۆلتۈرىۋېتىشتىنمۇ يانمايدۇ...
سىندوخت دەيدىغانلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن ھېلىقى كېنىزەكنى باغلاقتىن بوشاتقۇزۇپ ئەپۇ سورىدى.ئاندىن ئۇنى قىزىغا تاپشۇرۇپ بەردى. كېيىن قىزىنىڭ دەردلىك ھالىغا ئىچ ئاغرىتىپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي  ئولتۇرۇپ قالدى.
مىھراب شاھ زالنىڭ ھوزۇرىدىن خوشال خورام قايتىپ كەلدى. ئۇ ھوجرىسىغا كىرىپ ئايالى سىندۇختنىڭ يۈزلىرى سۇلغۇن،ئۇيقۇسى قاچقان،روھى قىياپىتى پەرىشان ياتقانلىقىنى سېزىپ قالدى.ئۇ ئايالىغا ئەزەلدىن بەكلا ئامراق ئېدى. ئۇنىڭغا بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى.ئۇنىڭ پەرىشان ھالىنى كۆرۈپ ھەيران بولدى.ئايالىنىڭ گەپ يوشۇرغىنىغا قارىماي   نىمە بولغانلىقىنى كوچىلاپ سورىدى:
    -ساڭا نىمە بولدى.نىمە ئۈچۈن يۈزلىرىڭ زەپىران ۋە شۇنچە سۇلغۇن؟ مىنى  تولا ئەنسىرەتمەي نىمە بولغىنى تېزراق ئېيت!
-مەندە بىر تەشۋىش بار،بۇ تەشۋىش ئىچىمدە ئوت بولۇپ يېنىپ باغرىمنى  كۆيدۈرىدۇ. لىكىن قانچە ئويلىساممۇ ئويلىرىمنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىپ تىنچلىنالمايمەن.بىرنىمەم كەممىكىن دىسەم ھەممە نەرسەم تەل.بايلىق دىسەم بايلىق،ئادەم دىسەم ئادەم،قەسىر دىسەم قەسىر،ھەتتا داڭلىق ئەرەپ ئاتلىرى،ھەيۋەتلىك ،ئېسىل ئىمارەتلەر،باغۇ- بوستانلىقلار بېھىشتىن نىشان بېرىپ تۇرۇپتۇ.ئادەملىرىم نىمە دىسەم‹‹لەببەي›› دەپ دىل ئارزۇيۇمنى قاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ. سەركەردە لەشكەرلىرىمىز،كېنىزەكلىرىمىز چۆرە -خىزمەتكارلىرىمىز ھەممىسى ئېشىپ -تېشىپ تۇرۇپتۇ.بىلىم دىسەم بىلىمىمىز،چىراي دىسەم گۈزەل چىرايىمىز،قامەت دىسەم سەرۋىدىن نىشان قامەتلىرىمىز، نىمە دىسەك شۇ بولىدىغان بەخت –ئامەتلىرىمىز تۇرۇپتۇ.شۇنداق تۇرۇپ بۇلارنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ. مەن پۈتۈن ئەمگىگىمىزنىڭ بەربات بولۇشىدىن،بەھرىلىنىدىغان نەرسىلىرىمىزنىڭ تار ساندۇققا ئوخشاپ قېلىشىدىن، پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن مىۋىلىرىمىزنىڭ زەھەرگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.بىز بەكمۇ كۆپ رەنج- مۇشەققەت چېكىپ بىر ئىسىل دەرەخنى  پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈردۇق.نۇرغۇن پۇل- مال دۇنيا سەرىپ قىلىپ بېشىغا تاج قۇيدۇق. لېكىن دەرىخىمىزنىڭ بېشى ئۆسۈپ قۇياشقا يەتكەندە ئۇنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشتى، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كېتىپ تۇپراققا ئايلاندى.ئۆمرىمىز مانا مۇشۇنداق مۇرادسىز ئارمان ، قۇۋۋەتسىز دەرمان بىلەن ئۆتۈپ كېتەرمۇ؟!
- سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. قىلغىنىڭ گەرچە يېڭى گەپ بولسىمۇ ماڭا كونا گەپتەكلا تۇيۇلىۋاتىدۇ. بۇ دۇنيا بەش كۈنلۈك دۇنيا،ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىرلىرى دۇنيادىن بىھاجەت شاد ياشايدۇ،بىرلىرى بىر بوردا نانغا زار بولۇپ خارلىقتا ياشايدۇ. بىرسى كەلسە ،يەنە بىرى كېتىدۇ.چەرخى پەلەككە ئوۋ غەنىيمىتى بولۇپ ئوۋلانمايدىغان، خالىغىنىنى قىلىپ ئۆمۈر بويى غەمسىز شاد ياشىيالايدىغان ھىچكىم يوق.شۇڭا دۇنيا ئىشلىرىدىن رەنجىپ دىلىڭنى داغلىما. تەقدىرنىڭ مانا شۇنداق سىرلىق قىسمەتلىرى ئەزەلدىن كۆپ بولۇپ كەلگەن.شۇڭا تەقدىردىن زارلىنىش، تەقدىر بىلەن ئۇرۇشۇش ئاقىللارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئەمەس.
-سىز بۇ قىسسىنى كونا قىسسە دىگەن بىلەن كونا قىسسىدىن يېڭى قىسسە چىقتى.مەن  قانچە قىلساممۇ سىزدىن بېشىمىزغا كەلگەن بالا- قازانى  يوشۇرۇپ قالالمىغۇدەكمەن.بىر ئەقىللىق كاھىن بىر قېتىملىق قىزغىن ئولتۇرۇشتا  ماڭا ئاجايىپ بىر دەرەخ قىسسىسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.مەن شۇ قىسسىنى سۆزلەپ بەرسەم ئالىلىرى ئاڭلاشنى خالامدىكىن؟!
  مەلىكە سىندۇخت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن قىسسىسىنى باشلىدى:
     -ئەي ئۇلۇغ شاھىم، سۆزلىرىمنى ئوبدانراق قۇلاق سېلىپ  ئاڭلىسىلا، پەلەك  چاقى ئەمدى بىزنىڭ  خاھىشىمىز بويىچە ئايلانمايدىغان بولۇپ قالدى.شۇنى بىلىشىڭىز لازىمكى،قىزىمىز رۇدابەگە ئەشۇ سامنىڭ ئوغلى زال بىزدىن يوشۇرۇن توزاق قۇرغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن قىزىمىز ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپ سام ئوغلىغا مەھلىيا بولۇپ قاپتۇ.مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ بىسيار قايغۇردۇم، قىزىمىزغا قانچە نەسىھەت قىلساممۇ سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ شۇندىن بۇيان دىلى ۋەيران،چىرايى سۇلغۇن  ھالەتتە يۈرۈپ كۈندىن- كۈنگە تۈگىشىپ كېتىۋاتدۇ.چىرايى زەپىراندەك سارغىيىپ كېتىۋاتىدۇ...
سىندۇختنىڭ سۆزلىرى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا مىھراب شاھ ئەھۋالنى چۈشۈنۈپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.قولى شۇئان قىلىچ دەستىسى تامان يۈگۈردى.پۈتۈن بەدىنى غەزەپتىن لەرزىگە كىلىپ خۇددى  يارىلانغان شىرغىلا ئوخشاپ ئەسەبىلىشىپ كەتتى.ئۇ غەزىپىگە پايلىماي  قىزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى.ئۇ ئايالىغا كايىپ  شۇنداق دىدى:
-نېمە، شۇنداق ئىشمۇ بارمۇ تېخى؟ سەن زادى قانداق ئانا؟سەن بۇنداق ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا توسمۇدۇڭ؟ نىمىشقا ماڭا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىدىڭ؟ مەن ھازىرلا بېرىپ قىزىمىزنىڭ ئەدىپىنى بېرىمەن،كاللىسىنى كېسىپ قانلىرىنى ئېرىق قىلىپ ئاقتۇرىمەن،ئاندىن كېيىن كېلىپ سېنىڭمۇ ئەدىپىڭنى بېرىمەن...
     بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئانا چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.قىزىدىن ئەنسىرەپ  يۈگرەپ بارغىنىچە  شاھنىڭ ئالدىدا تىزلاندى.ئۇنىڭ  تىزلىرىنى بىچارە ھالەتتە قۇچاقلاپ تۇرۇپ يالۋۇردى:
   -ھاي دادىسى، ئاچچىقلىرىنى بېسىۋالسىلا، كونىلار :‹‹گاھى پىردىن،گاھى مۇرىتتىن›› دەپتىكەن.مەن تېخى گېپىمنى دەپ بولالمىدىم ،مىنىڭمۇ گىپىمگە قۇلاق سېلىپ قويسىلا.مەنمۇ ئۆز پىكرىمنى بايان تولۇق بايان قىلىپ باقاي. سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن نىمە قىلسىلىرى مەيلى،كۆڭۈللىرى خالىغاننى قىلسىلا. ئۇ چاغدا مەن ئارىلىشىۋالمايمەن.
مىھراپ نەدىمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالسۇن؟ئۇ غەزەپ كۈچىدە  ئايالىنى سىلكىۋەتتى . خۇددى ئازاپلانان مەست پىلدەك يەرنى كۈچەپ تەپكىنىچە توۋلاپ كەتتى:
-ۋاي ئىسىت، قىز بالا دىگەن نىمىنىمۇ بالام بار دەپ باقامدۇ كىشى،نىمىشقىمۇ ئۇنىڭ قۇياشىنى سۇندۇرمىغان ،قىز بولۇپ تۇغۇلغان ھامان بېشىنى كەسمىگەن بولغۇيتتۇم. ئەسلى مەن ئەجداد ئادىتى بويىچە تۇغۇلغان قىز بوۋاقنى تىرىك قالدۇرماسلىقىم، شۇ كۈنىلا  ئۆلتۈرۈپ تاشلىشىم كېرەك ئىدى.مانا ئاتا ئادىتىنى تەرك ئەتكىنىم،قىزىمغا ئىچ ئاغرىتىپ تىرىك قالدۇرغۇنۇمنىڭ مۇكاپاتىغا مانا ئەمدى ئۇ خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزۈمنى يەر قىلدى. كىمىكى ئاتا ئىزىدىن باسماي توغرا يولدىن نېرى كەتسە ماڭغان يولىدا ئازماي قالمايدۇ...
مىھراب شاھ ھەدەپ قايناپ سۆزلەيتتى. غەزەپ كۈچىدە مۇشتىنى چىڭ تۈگۈۋېلىپ شىرەلەرنى تاملارنى مۇشلايتتى. ئۇسۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپيەنە شۇنداق دىدى:
   -مۇنداق بىر مەسەل بار: بىر يولۋاس جاڭگالدا ئوۋ قىلىۋېتىپ مۇنداق دىگەن ئىكەن:‹‹مەن ھەرقانداق چاغدا جەڭدە ئالدىدا ماڭىمەن، بۇ ماڭا ئاتامنىڭ ئاتىسىدىن قالغان تەبىئەت›› تۇغۇلغان بالا ئوغۇل بولسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ ئىزباسارى بولۇپ ئاتىسىنى شان- شەرەپكە ئېرىشتۇرىدىكەن ،قىز بولسا چوڭ بولغاندا  يوشۇرۇنچە بىر ئىشلارنى قىلىپ، ئاتا –ئانىسىنىڭ  يۈز ئابرويىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىكەن.ئەمدى بىلدىم. قىزىمىز بىزنىڭ ئارزۇيۇمىزغا باقمىغان،ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلىپ  خەق بىلەن يوشۇرۇنچە كۆرۈشكەن، مىنىڭ ئىززەت - ئابرويۇمنى پايخان قىلغان تۇرسا،  سەن يەنە نىمە دەپ مىنى ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشتىن توسىۋالىسەن؟! سەن بۇ ئىشنى ئاددى چاغلىغان بىلەن بۇ مۇرەككەپ ئىش،ئەگەر سام مۇشۇ مۇناسىۋەتنى، مۇشۇ توينى باھانە قىلىپ  زىمىنىمىزغا بېسىپ كەلسە قانداق قىلىمىز؟ئۇ چاغدا ئىشلىرىمىز پۈتۈنلەي سۇغا چېلىشىپ  پۇشايماغا ئورۇن يوق ئىلاجىسىز ھالغا قالساق قانداق قىلىمىز؟! سامنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ بىز بىلەن دۈشمەنلىشىپ زىمىنىمىزغا باستۇرۇپ كەلسە، بىزنىڭ كابۇلنىڭ تۈتۈنى قۇياشقىچە چىقىدۇ! ئالدىغا ئۇچرىغاننى ئۆلتۈرۈپ،مال مۈلكىنى- بۇلاپ ،ئەلگە ئاپەت ياغدۇرىدۇ.
  -ئەي ئۇلۇغ پالۋان،بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سىزگە چۈشەندۈرۈش بىھاجەت ئىدى.سىز بۇنداق ئارتۇقچە گۇمانلىنىپ يۈرمەڭ. دىلىڭىزدىكى ۋەھىمىلەرنى چىقىرىپ تاشلاڭ. سامنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. ئۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپلا قوشۇن توپلاپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن گۈرگەسىراندىن يولغا چىقىپ كېتىپتۇ.
  -ئەي ئاي نىگار، ماڭا مۇنداق يالغان سۆزلەرنى قىلىپ تەسەللى بېرىمەن،غەزىپىمنى باسىمەن دىمە! بۇنداق بولۇش قانداق كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغسۇن. سام مەنۇچېھىرنىڭ ئادىمى تۇرسا قانداقمۇ ئۆز شاھىغا  ئاسىلىق قىلسۇن؟ مەن يەنىلا سامنى بېشىمىزغا بالا بولمىغىيدى دەپ ئەنسىرەيمەن. زالغۇ ئوبدان يىگىت،كۇيئوغۇل دىسەڭ دىگۈچىلىكى بار، قەندەھاردىن تارتىپ ئەھۋازغا قەدەر، كىممۇ زالدەك باتۇر ئوغلاننى، سامدەك ئىسىل قۇدىنى كۆرۈپ باققان؟ لىكىن كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتىكى،بۇلار بىزگە ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇرۇش خەۋپى ھەرقاچان كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىپ بۇ ئىشلارغا ئىشەنگىمنى كەلتۈرمەيدۇ.
- سىندۇخت مىھراب شاھقا جاۋاپ بىرىپ شۇنداق دىدى:
-ئەي ،ئەقىل كۆكىدە پەرۋاز قىلغۇچى دانىشمەن شاھ !مەن سىزگە  كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى قىلچە يوشۇرماي تولۇقى بىلەن ئېيتاي.سىزگە بىرەر بالا-قازا  كەلسە ، ئۇ ئوخشاشلا مەن ئۈچۈنمۇ بالا-قازا ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر  سىزگە بىرەر دەرت- ئەلەم يەتسە، ئۇمۇ مەن ئۈچۈن ئېغىر غەم- ئەلەم ھېساپلىنىدۇ، سۆزلىرىڭىز ھەقىقەت.مەنمۇ شۇ تەرەپتىن غەم قىلىپ روھىم چۈشكەن ئىدى.دىلىمدىكى شادلىقلىرىمنىمۇ شۇ گەپ يوق قىلغان ئىدى. بۇ ئىش ئاددى ئىش بولغان بولسا بۇنچە قىينىلىش، ئازاپلىنىش كەتمىگەن بولاتتى.ئەينى زاماندا پەرىدۇن بىزگە كەلگەن يامانلىقلاردىن شادلانغان ئىدى. نەرىمان ئوغلى ساممۇ چوقۇم شۇ ئىشلارنى يادىغا ئالىدۇ. چۈنكى ئوتنى شامال يەلپۈگەنسېرى كۈچۈيۈپ تۇپراقنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ.
  شۇ سۆزلەردىن كېيىن سىندۇخت سامنىڭ زالغا يازغان سالام خېتىنى مىھراب شاھنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشىگە بەردى:
-سىز تولا گۇمان قىلماي بۇنى ئوقۇپ كۆرۈڭ، بۇنى ئوقۇسىڭىز دىلىڭىزدىكى غەم شورلىرى ئېرىپ كېتىدۇ. ئەگەر سام سىزگە بۇرادەر ھەم يار- يۆلەك بولسا، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ يۈزلىرى زەپىراندەك سارغىيىدۇ.ھېچكىم بىزنى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدۇ ئەمەسمۇ؟!
مىھراب شاھ  سىندۇختنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەزىپىنى بېسىۋالدى. لېكىن بېشىدا يەنىلا مىڭ بىر خىيال ئەگىپ يۈرەتتى.ئاخىر ئۇ سىندۇختقا شۇنداق پەرمان قىلدى:
-سەن دەرھال رۇدابەنى يېنىمغا ئېلىپ كەل!
بۇ پەرماننى ئاڭلاپ سىندۇخت يەنە قاتتىق قورقۇپ كەتتى.ئۇ ئويلىدى: ‹‹بۇ باغرى تاش  شىر يۈرەك ئاتا،قىزىنى ئۆلتۈرۈپ قويارمۇ؟›› ئەنسىرەشتىن خۇدىنى يوقاتقان ئانا ئۇ ئېرىگە مۇراجەت قىلدى:
-مەن قىزىمنى ئېلىپ كىلىشتىن بۇرۇن ماڭا،قىزىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىك،قىلچە زىيان- زەخمەت يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا  ۋەدە بەرسىلە. رۇدابە قولۇڭىزدىن ئامان- ئېسەن چىقسۇن. كابۇلىستان ئۆزىنىڭ پاك ۋە گۈزەل مەلىكىسىدىن ئايرىلىپ قالمىسۇن. بىزنىڭ بۇ نازۇك، گۈزەل مەلىكىمىز زۇلۇمغا چىدىمايدۇ؟
مىھراب شاھ قىزىغا قىلچە زىيان-زەخمەت  يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بەردى.دىلىدىن ئۆچ -ئاداۋەتلەرنى قوغلاپ چىقاردى.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن سىندۇخت قىزى تەرەپكە يۈگۈردى.ئۇنىڭ  كۆزلىرى شادلىقتىن كۈلەتتى. يۈزلىرى ئۈمىدتىن نۇرلۇنۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قىزىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي قىزىم ،مەن دادىڭىز بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇنىڭغا ھەممە گەپنى چۈشەندۈردۈم. ئۇ گېپىمنى تولۇق چۈشەنگەندىن كېيىن سىزگە قايتا  غەزەپلەنمىدى. ئۇ ھازىر سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ سىزگە قىلچە زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ماڭا ۋەدە بەردى.شۇڭا سىز ئۇنىڭدىن قىلچە قورىقماي چىرايلىق كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ، زىب –زىننەتلىرىڭىزنى تاقاپ  دادىللىق بىلەن ئالدىغا بېرىڭ.كۆرۈشكەندە ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ گۇناھىڭىزنى تىلەڭ.
-ئەي ئانا ،مەن زىب- زىننەت تاقاپ نىمە قىلىمەن؟ ماڭا ھازىر مۇغەمبەرلىكنىڭ نىمە كېرىكى بار؟ دىلىمنى زال بەنىد قىلىۋالغان.بۇ ئىش ھازىر  ئارىمىزدا ئوچۇق -ئاشكارە بولۇپ بولغان  تۇرسا  مەن ئاتامدىن نىمىنى يوشۇراتتىم؟!
   مىھراب شاھ قىزىنى كۆرۈپلا  خۇددى قېتىپ قالغاندەك بىراز ۋاقىت جىمجىت تۇرۇپ قالدى. قىزى شۇ قەدەر گۈزەل بولۇپ يىتىلگەن ئىدىكى، كۆرگەن ئادەم  ئۇنىڭغا تەھسىن ئوقۇماي تۇرالمايتتى.ئۇ خۇددى پارلىغان قۇياشقا، ياشنىغان باھارغا ئوخشاش  كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك گۈزەللىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ قىزىغا قاراپ شۇنداق دىدى:
   -ئەي ئەقىل- ھۇشى بېشىدىن قاچقان قىز، بۇ نىمە قىلغىنىڭ ؟! تېگى ئىسىللاردىن تەربىيە كۆرگەن شاھ قىزلىرىدىنمۇ  مۇشۇنداق ناباپ ئىش چىقامدۇ؟!  سەن ئويلاپ باق. نەدىمۇ پەرى قىزنىڭ ئەھرەمەنگە كۆڭۈل بەرگىنى بار؟!  كىمىكى مۇشۇنداق ئەقىلسىز ئىش قىلسا ،خەتەر بىلەن ئويناشسا، ئۇ زاۋال تاپىدۇ.تاجۇ -تەختلىرىمۇ ئامان قالمايدۇ. ئەگەر قەھرىتان قىش پەسلىدە دەشتتىكى مەرگىرمۇ مۇغ بولىمەن دىسە  ئەجەل يېتىدۇ.
رۇدابە شاھ ئاتىسىنىڭ سۆزلىرىنى يەرگە قاراپ تۇرۇپ ئاڭلىدى. ئىزا تارتقىنىدىن يۈزلىرى  يەر بولدى.كىرپىكلىرى رۇشەن كۆزلىرىنى يېپىۋالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاتىسىغا جاۋاپ بىرىپ سۆز قىلىش ئەمەس،نەپەس ئېلىشقىمۇ ماجالى يەتمەيۋاتاتتى. ئاتا قىزىنىڭ جاۋاپ بەرمەي مىشىلداپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ يەنە دەرغەزەپ بولدى -دە ۋەدىسىگە خىلاپ ئىش قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ قولىنى شىلتىغىنىچە ئۆز خانىسىگە كىرىپ كەتتى. بۇ ھالدىن رۇدابە تېخىمۇ ئازاپلىنىپ كەتتى. بىچارە ئانا بولسا ئىككى ئارىدا نىمە قىلارىنىمۇ بىلەلمەي قالغان ئىدى.
دۇنيادا نىمە كۆپ دىسە خەۋەرچىلەر كۆپمىكىن دەيمەن. خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغىمۇ ئارىلىشىۋېلىپ  كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى- يامان خەۋەرلەرنى ، بولۇپمۇ كۆپىنچە غەيۋەتسىمان يامان خەۋەرلەرنى توشۇشۇپ  سۇخەنچىلىك قىلىشدۇ.  ئارىدا پەيدا بولغان ئىختىلاپتىن  ھوزۇر ھىس قىلىشىدۇ.ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇنداق غەيۋەتچى، گەپ توشۇغۇچى،ئارىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغۇچى كۆڭلى كىر ئىنسانلارنى ئەڭ يامان كۆرۈشىمۇ دەل ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى يامان تەسىرىنىڭ چوڭلۇقىغا قارىتىلغان.
مانا شۇنداق كىشىلەر تەرىپىدىن سام ئوغلى ئاق چاچلىق زال ۋە ئەجدىھا  جەمەتىدىن بولمىش رۇدابە ھەققىدىكى مۇھەببەت  خەۋەرلىرى  ئىراننىڭ   ئۇلۇغ شاھى مەنۇچېھىرنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتتى.مەنۇچېھىرنىڭ ھوزۇرىدا مۇبەدلەر بۇ ھەقتە سۆھبەت قۇرۇپ بەھس-مۇنازىرە  قىزىپ كەتتى. بۇنداق  سورۇندا ھەر قىسما سۆزلەر بولۇناتتى.ئاق قارىغا، ياخشى يامانغا ئايلىنىپ، ياپتا گەپ تاپقۇچىلار ھەتتا بۇقىنىمۇ تۇغدۇرۇۋېتىشتىن يانمايتتى.
‹‹سام بىلەن مىھراب قۇدا بولغۇدەك، بىرلىشىپ ئىرانغا قارشى چىققۇدەك›› دىگەن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالغان بۇ تەشۋىشلىك گەپ - سۆزلەر  مەنۇچېھىرنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ ئەندىشىگە سالدى.ئۇنىڭدا سامغا نىسبەتەن بەد گۇمانلار پەيدا بولدى.شۇڭا مەنۇچېھىر مۇبەدلەرگە مەسلىھەت سېلىپ مۇنداق  دىدى:
  -بۇ زادى قانداق ئىش؟ قارا كۈنلەر يېقىنلىشىپ بېشىمىزغا تەشۋىش  چۈشۈپ قالارمۇ؟ مەن:‹‹ دادىل جەڭ قىلىپ ئىران زىمىنىدىن دىۋە- جىنلارنى،ئالۋاستى- شەيتانلارنى،قاپلانۇ- پەلەڭلەرنى يوقاتتىم،جاھاننى تىنجىتتىم،بوۋام پەرىدۇن زەھھاكنىڭ نەسلىنى قۇرۇتتى.ئەمدى ماڭا دۈشمەنلەشكۈدەك ھىچكىم قالمىدى ››دەپ ئويلاپ  يۈرسەم،  مىھراب قىزىنى ۋاستە قىلىپ، يېقىن كىشىلىرىمنى قايمۇقتۇرۇپ ماڭا دۇشمەن قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. خۇددى سۇسىزلىقتىن  قاغجىرىغان قېرى  يىلتىز قايتا  كۆكلەپ ياشناپ كەتكەندەك ،سامنىڭ ئوغلى بىلەن مىھرابنىڭ قىزى توي قىلسا،  ئارىدا تۇققانچىلىق پەيدا بولىدۇ. دوستۇم بىلەن دۈشمىنىم بىرلىشىۋالسا، ئۇلاردىن ئۆتكۈر تىغ قىنىدىن چىققاندەك  باتۇر  بىر ئەۋلاد پەيدا بولۇپ، بىز بىلەن تېخىمۇ دۈشمەنلىشىدۇ. بىز بىر تەرەپ، ئۇلار بىر تەرەپ بولۇپ جەڭ قىلىشساق، يەۋاتقان  تامىقىمىزغا زەھەر چۈشكەندەك ئىش بولمامدۇ؟ ئەگەر تۇغۇلغان پەرزەنت ئانا تەرەپنى تارتىپ ئۇلارغا بولۇشسا، بېشىدا بەد خىياللار  پەيدا بولسا، تاجۇ- تەختنى ۋە بارلىق مال- دۇنيالىرىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشنى خىيال قىلسا،  دەھشەتلىك ئۇرۇش ئاپىتى پەيدا قىلىپ ئىراننىڭ بېشىدا ياڭاق چاقسا ، قېنى سىلەر ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار. ئۇ چاغدا بىز ئۇلۇغ قىياننى قانداق توسايمىز؟  بۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرسەڭلار!
مۇبەدلەر شاھقا ئاپىرىن  ئېيتتى. ئۇنى بىر ھازا ماختاپ- ئۇچۇرۇشقاندىن كېيىن مۇنداق جاۋاپ بېرىشتى:
-ئەي ئەقىلدە، قۇدرەتتە يىگانە ئۇلۇغ  شاھىم،سىلى بىزدىن تولىمۇ  ئەقىللىق ۋە دانا. شۇڭا سىلى نىمە قىلسىلىمۇ ئەقىللىرى بۇيرۇغاننى قىلسىلا. كونىلار ‹‹ئەقىل ئەجدىھانىمۇ ئوۋلار ›› دىيىشكەن ئىكەن. بۇ ئىشقا نىسبەتەن  سىلىنىڭ مۇناسىپ چارە تاپالايدىغانلىقلىرىغا، ئەقىل بىلەن جاھاننى بوسۇندۇرالايدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىمىز.
بۇ مۇبەدلەر تازىمۇ ھىلىگەر ،ھارامتاماق بىرنىمىلەر ئىكەن .مەملىكەت شاھى ئۇلارغا نىمە دەپ تەمىنات بېرىپ باقىدۇ. دەل مانا شۇنداق چىگىش ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايمەن ،كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىدىن پايدىلىنىمەن دىمىسە ئۇلارغا تەمىنات بېرىپ بېقىپ  نىمە قىلىدۇ!؟ شاھ بۇ ئىشتا ھەق- ناھەقنى، ياخشى- ياماننى ئايرىيالماي نىمە قىلىشىنىمۇ بىلەلمەي قالدى. مۇبەدلەرنىڭ سورالغان  مەسلىھەتكە  جاۋاپ بەرمەسلىكى، شاھنى ‹‹ سىلى بىزدىن ئەقىللىق،نىمە قىلسىلا ئۆزلىرىلا بىلىپ قىلسىلا›› دەپ ئۇچۇرۇپ قويۇپ تەدبىر كۆرسۈتۈشتىن قاچقىنى ئۆلۈمگە  لايىق گۇناھ ئەمەسمىكىنە؟!
شاھ مۇبەدلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئۈمۈدىنى ئۈزدى.شۇڭا بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆزى قارار چىقىرىپ :‹‹نۇزەر كەلسۇن›› دەپ پەرمان قىلدى. نۇزەر شاھنىڭ ئۆز ئوغلى ئىدى.  نۇزەر بىلەن بىللە  باشقا نامدار كاتتىلارمۇ شاھ ھوزۇرىغا تەڭ ھازىر بولۇشتى.
شاھ ئوغلىغا  پەرمان بېرىپ شۇنداق  دىدى:
  -سەن دەرھال سامنىڭ يېنىغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ- كەلگىن.مەقسەد شۇكى، زال بىلەن مىھراب ئوتتۇرىسىدىكى ئىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ زادى نىمە مەقسىدى بارلىقىنى ئۇقۇپ كەلگىن.يەنە شۇنىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويغىنكى، سام ئۇ تەرەپتىن قايتقاندا مەن بىلەن كۆرۈشۈپ كەتسۇن.
نۇزەر ئاتىسىنىڭ ھوزۇرىدىن چىقىپلا سەپەر تەييارلىقىنى قىلىشقا كىرىشتى. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن بىرنەچچە ھەمراھلىرى بىلەن شامالدەك ئات سالغىنىچە سامنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كەتتى.
سام نۇزەرنىڭ  كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ  ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.ناھايىرى كۆپ ئىززەت -ئىكراملارنى قىلىپ ياخشى كۈتىۋالدى. نۇزەرنى قارشى ئېلىشقا ناھايىتى كۆپ لەشكەر ۋە  باتۇر سەركەردىلەرنى ئېلىپ  ئالدىغا  چىققان ئىدى. پىللارغا ئارتىلغان دۇمباقلار  ‹‹دۇڭ-دۇڭ›› قىلىشىپ بەس- بەستە چېلىنىپ قۇلاقلارنى يارغۇدەك ئاۋاز چىقىرىشاتتى.نۇزەر بىلەن سام ئۇچراشتى.سام ئۇنى ئۇلۇغ شاھنىڭ ئۆزىنى قارشى ئالغاندەك زور داغدۇغا ۋە ھەشەمەت،ئالى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سام نۇزەرنى ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان  چوڭ خانىغا باشلىدى. ھەشەمەتلىك داستىخان راسلاپ  ئەڭ ياخشى يىمەكلىكلەر، شىرىن مىۋە –چىۋىلەر،ئىسىل مەي- شاراپلارنى كەلتۈرۈپ شاھلارنى كۈتكەندەك ھەشەمەت بىلەن كۈتتى. بۇ ئارقىلىق مەنۇچېھىرگە بولغان ساداقىتىنى ۋە كۆڭلىنىڭ يېقىنلىقىنى ئىپادىلىدى.زىياپەت باشلىنىىش ئالدىدا نۇزەر كېلىش مەقسىدىنى ئىزھار قىلىپ شاھ ئاتىسىنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇردى.ئاتىسىنىڭ سامنى ئۆز ھوزۇرىغا  تەكلىپ قىلغانلىقىنى يەتكۈزدى. سام:
-ئۇلۇغ شاھىمىزنىڭ پەرمانى ھاياتىمنىڭ ئوتىدۇر، شاھىنشاھىمىزنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ دىدارىغا مۇلاقەت بولالىسام بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ شان- شەرەپ  ۋە  زور بەخت- ئامەتتۇر–دىدى.
نۇزەر ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئوچۇق -يورۇقلىقى ۋە قىزغىن مۇئامىلىسىدىن خوشال بولۇپ زىياپەتتە سام بىلەن كونا قەدىناس كىشىلەردەك قىزغىن سۆھبەتلەردە بولدى.بەزمە  شۇنداق قىزىدىكى، ئۇلار  شۇ تەرىقىدە قىزغىن سۆھبەتلەرنى قۇرۇپ ۋە كەڭتاشا  يەپ -ئىچىپ تاڭ ئېتىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى.
ئەتىسى سام پەرمانغا بىنائەن نۇزەر باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر بىلەن بىرلىكتە قوشۇنلىرىنى قوزغاتتى.ئۇلار بىرلىكتە مەنۇچېھىر شاھ ھوزۇرىغا قاراپ يولغا چىقتى. مەنۇ چېھىر شاھ سامنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىللە  كۆرۈشكىلى كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇمۇ لەشكەر ۋە سەركەردىلىرى بىلەن ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈپ شەھەردىن چىقتى.تاكى شەھەردىن  يېرىم كۈنلۈك نېرىغا قەدەر بېرىپ ،چېدىر -بارگاھلارنى قۇرۇپ  ساملار كەلگەندە  قارشى ئېلىشقا تەييارلاندى. بارگاھلار بېزەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى  ئۇچراشقاندا خۇددى ئىككى ئۇلۇغ دەريا سۇلىرى قوشۇلۇپ مەۋجىگە كەلگەندەك  ھەيۋەت مەنزىرە پەيدا بولدى.   كۆز يەتكۈسىز ئارىلىقلارنى لۆمۈلدىشىپ يۈرگەن ئەسكەرلەر قاپلاپ كەتتى.تاغدىن-تاغقا،سايدىن- سايغا قەدەر ھەممە يەر  لەشكەر بىلەن تولغان ئىدى.لەشكەرلەرنىڭ ئۇچىسىدا ساۋۇت،قوللىرىدا قىلىچ، نەيزە، قالقانلار  بار ئېدى.  قالقانلارنىڭ جۇلاسىدىن  چۆل گويا  دېڭىزغا ئايلىنىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. ناغرا -سۇنايلار بەس- بەستە چېلىناتتى.پىللار ۋە تۆگىلەردە مەنۇچېھىر   شاھقا سوغا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ھەددى- ھېساپسىز بايلىقلار ئارتىغلىق ئىدى. مەنۇچېھىر شاھ سامنى زور شان –شەرەپ، ئالى ئېھتىرام ۋە ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتىۋالدى.مەيداندا  تۈمەنمىڭلىغان  بايراقلار لەپىلدەيتتى.يۈزمىڭلاپ بەگ –سىپاھلار لەشكەرلىرىنى قورۇغداپ بىللە كەلمەكتە ئىدى.
سام شاھ بارگاھىنىڭ يېنىغا كەلگەندە  ئېتىدىن چۈشۈپ پىيادە ماڭدى. مەنۇچېھىرنىڭ  ئالدىغا كېلىپ يۈزىنى كۆرگەندە بولسا دەرھالقەددىنى  پۈكۈپ  يەر سۆيۈپ تازىم قىلدى . مەنۇچېھىرمۇ ئۇنى كۆرۈپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى.چىرايىدىن تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ  ئوچۇق-يورۇق مۇئامىلە قىلدى. سام بىلەن كونا قېرىنداشلاردەك  قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ھەمدە ئۇنىڭ ئېرانغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەنۇچېھىرنىڭ تەختى ئاپپاق ئاج دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ياسالغان بولۇپ بېشىدا گۆھەر ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەنگەن تاج يالتىراپ تۇراتتى. مەنۇچېھىر سامنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ھۆرمەت بىلەن تەختى تامان ئېلىپ ماڭدى. تەختىدىن ئورۇن بېرىپ بىرگە ئولتۇرغۇزدى. ساراي ئەھلىمۇ پادىشاھنىڭ مۇئامىلىسىنى كۆرگەندىن كېيىن  سامنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى باشقىدىن ئاشۇرۇپ قىلىشقا كىرىشتى.
كىيىن شاھ مەنۇچېھىر  سام بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ سۆز تېمىسى ھەرقايسى مۇھىم جايلارنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە بولدى،مەسىلەن گۈرگەسىران،دىۋىلەر ماكانى مازەندىران  دىگەندەك جايلار تىلغا ئېلىنىپ ئۇ جايلارنىڭ ئەھۋالىنى سامدىن سورىدى.ساممۇ لايىقىدا جاۋاپلارنى بېرىپ شاھنى قانائەتلەندۇردى.سۆھبەت ئارىلىقىدا سام ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ كېلىپ شۇنداق دىدى:
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم ،ئەبەدى خۇشال ياشىغايلا! دۈشمەنلىرىنىڭ قولى چولاق، غەم قايغۇسى زىيادە كۆپراق بولغاي. بىز بىر قېتىم دىۋىلەر ماكانىغا ھۇجۇم قىلىپ باردۇق.دىۋىلەر خۇددى قۇترىغان شىرلاردەك  ھەيۋەت بىلەن بىز تەرەپكە باستۇرۇپ كېلىشتى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرەپ ئاتلىرىدىنمۇ تېز يۈگرىشەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىران باتۇرلىرىدىنمۇ ھۇشيار ۋە ئەقىللىق ئىدى.سەكسارنىڭ ئەسكەرلىرى جەڭ باشلىغاندا  خۇددى ئوۋغا ئېتىلغان يولۋاسلاردەكلا  يوپۇرۇلۇپ كېلىشتى. مەن مانا شۇنداق ھالقىلىق پەيتتە قاتتىق نەرە تارتىپ جەڭگە كىردىم. تارتقان نەرە ئاۋازىمنى ئاڭلاپ  ئۇلار گاڭگىراپ قېلىشتى. بەزىلىرى ھوشىنى يوقاتسا،بەزىلىرىنىڭ باشلىرى قېيىپ كەتتى. بىز باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەن ئۈستىگە يوپۇرۇلۇپ بېرىپ جەڭنى قىزىتىۋەتتۇق.دۈشمەنلەر بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. تاغ دىن تاغقا،ئېدىردىن ئېدىرغا قەدەر  ھەممىلا جاينى بىزنىڭ لەشكەرلەر  قاپلاپ كەتكەن ئىدى.قالقانلارنى كۆپلۈگى ۋە جەڭدە توزىغان توزانلارنىڭ دەستىدىن قۇياش يۈزىنى كۆرگىلى بولمايتتى.دۈشمەنلەرنىڭ  شورى قۇرۇپ، جەھلى قىستاپ  ئالدىمىزغا جەڭ تەلەپ قىلىپ  چىققان ئىكەن.مەن ئۆزۈمنى مەيدانغا ئاتتىم.قاياققا ھۇجۇم قىلىپ بارسام شۇ ياققا دەھشەت ياغاتتى. جەڭدە قىزىپ تۇرغان ئېتىمنى ھەريان چاپتۇرۇپ ،  كالا باشلىق گۈرزەمنى ئوينۇتۇپ  دۈشمەنلەرنىڭ باشلىرىنى يانچىشقا باشلىدىم. ئۇ يەردە سەلىمنىڭ نەۋرىسىمۇ بار ئىدى.ئۇ بۆرىدەك يىرتقۇچ ۋە دىلئازار ئادەم ئىدى.دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ باشلىقىنىڭ نامىنى كەركۇي دىيىشەتتى.ئۇنىڭ قەددى -قامەت شەمشادتەك ئېگىز  ،يۈزى نىلۇپەردەك جەزبىلىك ئېدى.لىكىن ئۇنىڭ ئەجدادى شۇم ئەجدىھا شاھ زەھھاكقا تۇتىشاتتى.باتۇر سەركەردىلىرى شۇ قەدەر كۆپ ئىدىكى، ئۇلار  كۆپلۈكىدىن شاھىنىڭ ئالدىدا تۇپراقتەك قەدىرسىز ئىدى.لەشكەر سىپاھلىرىمۇ سان- ساناقسىز بولۇپ ھەممە يەرنى چىكەتكىدەك قاپلاپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ سىپاھلىرى بىرلا ھوجۇم قىلىپ كىلىۋىدى.بىزنىڭ باھادىرلار تەڭ تۇرالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئوپچى ھۇجۇمنى توختۇتۇپ يەككىمۇ يەك ئېلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇلار قوشۇلغاندىن كېيىن سىپاھلىرىمنى ئارقامدا قالدۇرۇپ يەككە ئۆزۈم مەيدانغا چۈشتۈم.مەن ئىگەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىرلا نەرە تارتىۋىدىم، دۈشمەن سىپاھلىرىنىڭ يەنە ئەقلى ھوشى قاچتى. باشلىقى كەركۇي ئاۋازىمنى ئاڭلاپ قورقتى.گۈرزەمنىڭ زەربىدىنئەنسىرەپ ئات مىنمەستىن  تاغدەك يوغان بىر پىلنى مىنىپ مەيدانغا چۈشتى. ئۇبىرىنچى قېتىمدىلا ماڭا سالما تاشلاپ سالما بىلەن بەند قىلماقچى بولدى.مەن بىرلا موللاق ئىتىۋىدىم كەمەندى(ئۇچى ئىلمەك ئاغامچا) بىكار كەتتى.مەن تېزلىكتە شاھانە كامانىمنى قولۇمغا  ئالدىم.ساداقتا تۆمۈر پەيكانلار تولۇق ئىدى.مەن ئېتىمنى بۈركۈتتەك تېز چاپتۇردۇم، پىلدىن ئېتىمنى داجىتىپ تۇرۇپ  كەركۇيغا  يامغۇردەەك ئوق ياغدۇردۇم.ئۇنىڭ يوغان بېشى نىمە قىلارنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى. كۆزلىرىدىن ئەلەملىك ياشلىرى تۆكۈلدى. بىر چاغدا قارىسام ئۇ چاڭ ئىچىدىن مەست پىلدەك چىقىپ كېلىۋاتمامدۇ؟ ئۇ قولىدىكى ھىندى قىلىچىنى شىلتىغىنىچە ھىچكىمدىن تەپتارتماي  مەن تەرەپكە باستۇرۇپ كەلدى.ئەي شاھىم، مەن شۇ چاغدا شۇنداق گۇمان قىلدىمكى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەلپازىنى كۆرسە تاغمۇ جېنىنى ئاسراپ ئۇنىڭدىن قېچىپ كېتەر ئېدى.ئۇ شىددەت بىلەن كىلىۋەردى.مەن ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇردۇم. ئۇ يېنىمغا يىتىپ كەلگەن ھامان قولۇمنى ئۇنىڭ بىلىگە ئۇرۇپ كەمىرىدىن دادىللىق بىلەن  تۇتۇپ شىر كەبى ئەپچىللىك بىلەن پىلدىن يۇلۇۋالدىم.  ئاندىن بېشىمدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ بېشىچىلاپ يەرگە ئۇردۇم. قاراس -قۇرۇس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئۇستىخانلىرى تامام سۇنۇپ تېنىمۇ مىجىلىىپ كەتتى. شاھىنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا قوشۇنى يەنە قايسى جۈرئەت بىلەن  جەڭ قىلالىسۇن؟! ئۇلار شۇئان جەڭنى توختۇتۇپ ئالدى ئارقىغا قارىماستىن دۆڭنى دۆڭ ،ئويماننى ئويمان دىمەي،مەيداندا  بىرسىمۇ قالماي  قېچىپ كېتىشتى.بىزنىڭ لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن شىددەت بىلەن قوغلاپ  يۈرۈپ زەربە بىرىپ ناھايىتى كۆپ لەشكىرىنى  قىرىۋەتتى.جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھېساپ قىلىپ كۆرسەك  ئون ئىككى مىڭ لەشكەر ئۆلۈپتۇ.300مىڭ ئادەم خاراپ بوپتۇ. شۇڭا دەيمەن شاھىم، بىزدەكلەر سىلىگە قۇل بولۇپ خىزمەت قىلىپ تۇرغاندا ھىچكىممۇ تەختلىرىگە چاڭ سېلىپ پاراكەندە قىلالمايدۇ.
شاھ مەنۇچېھىر سامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ زىيادە خۇرسەن بولدى.تاجۇ- تەختى ئالدىدا  ئاسماندىكى ئايمۇ پەس كۆرۈندى. ئۇ دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ سامنىڭ شەرىپىگە چوڭ بەزمە تۈزۈشكە بۇيرۇدى.مول شاھانە داستىخان ھازىرلاندى ،ناخشىچى،چالغۇچى،ئۇسۇلچى ئەلنەغمىچىلەر چاقىرتىپ كېلىندى .ئەڭ خۇشبۇي،ئەڭ ئىسىل شاراپلاردىن ئەكەلدۈرۈلدى.بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن شاھ بەزمىنى باشلىۋەتتى.سامنىڭ شەنىگە ئالقىش تەرىپلەر ياغدى. ئاپىرىنلار ئوقۇلدى.بەزمە ئەھلى قولىدا قەدەھ تۇتقان ،ئويۇن- تاماششىلەرنىڭ موللۇقىدىن ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا نەچچە كۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. زىياپەت ئاخىرلاشتى.بەزمىدە چارچىغان سام خاس ھوجرىدا تولۇق بىر كۈن ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن  شاھ ئوردىسىغا كىرىپ شاھقا كۆرۈنۈش قىلدى.كۆرۈشۈشتە سام شاھقا ئاپىرىنلار ئوقۇپ  بولغاندىن كېيىن ئەمدىلا زال ۋە مىھراب ھەققىدە سۆز باشلاي دەپ تۇرغاندا شاھ ئەتەي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ تاشلاپ سۆز تېمىسىنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى:
-ئەي سام،مەن سېنى ھوزۇرۇمغا شۇنداق بىر پەرمان بىلەن چاقىرتتىمكى، سەن تېزلىك بىلەن ناھايىتى كۆپ قوشۇن توپلىشىڭ، ماڭا قارشى چىقىش قەستىدە بولۇۋاتقان دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە  لەشكەر تارتىشىڭ لازىم.بۇ قېتىمقى ئۇرۇش قىلىش مەنزىلىڭ كابۇل ۋە ھىندىستان. ئاڭلىشىمچە كابۇلدىكى زەھھاكنىڭ پۇشتى بولمىش مىھراب شاھ ماڭا قارشى قوزغالماقچى،بوۋىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ پۈتكۈل ئىراننى قانغا بويىماقچى بولۇۋېتىپتۇ.شۇڭا ھىچقانداق باھانە-سەۋەپ  كۆرسەتمەي  پەرمانىمنى  قەتئى ئورۇندىغايسەن .پەرمانىمغا بويۇن تولغۇمىغايسەن. سەن ئالدى بىلەن كابۇلدىكى مېھراب  شاھ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ،  شاھنىڭ ئايۋان- سارايلىرىغا ئوت قويۇۋەت.كىمىكى قارشىلىق قىلسا،مىھرابنىڭ تەرىپىنى ئالسا ئۇنىڭغا  قىلچە رەھىم قىلما !  ئۇنى دۇنيادىن يوق قىلىۋەت. زەھھاك ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىل.زەھھاكقا تۇتاش، قېرىنداش،مەسلەكداش،بىر يولداش بولغانلاردىن  بىرىمۇ ھايات قالمىسۇن.ئۇلارنى يەر يۈزىدىن پاك- پاكىز تازىلا!
شاھنىڭ بۇ قەدەر كەسكىن پەرمانىنى ئاڭلاپ  سام گەپنى سوزۇشقا ھىچبىر ئىمكان تاپالمىدى.شۇڭا نائىلاج شاھنىڭ ئايىقىغا باش قويۇپ يەر سۆيۈپ تۇردى.كېيىن  شاھ پەرمانىغا  جاۋابەن مۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولدى:
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم، خاتىرجەم بولغايلا! پەرمانلىرىنى بەجا ئەتكەيمەن،دىللىرىدىكى بارلىق ئاداۋەتنى جۇدا ئەتكەيەن.
سام شاھ ھوزۇرىدىن چىققاندىن كېيىن تېزلىكتە ئېتىغا مىنىپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ راۋان بولدى.كەينىدە سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىمۇ ئەگىشىپ ماڭماقتا ئىدى.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن، سىز ئىشنىڭ بۇ قەدەر مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى ،سامنىڭ ئارزۇيىغا خىلاپ ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەندەك جىددىلەشكەن ،زال ۋە رۇدابەلەرنىڭ كىيىنكى تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلغان بولۇشىڭىز مۈمكىن.ۋەقەنىڭ داۋامىنى بىلىشكە قىزىقامسىز؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز داۋاملىق بايانلىرىمىزدا بولسۇن.
سامنىڭ لەشكەر باشلاپ كابۇلغا قارشى يۈرۈش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى شۇم خەۋەر  تېزلىكتە كابۇلغا يېتىپ كەلدى. ھەم ئوخشاشلا  زالمۇ بۇ جىددى خەۋەردىن خەۋەر تاپتى.پۈتۈن كابۇل ۋىلايىتى تەۋرەپ كەتتى.ھەممە ھەركەتكە كەلدى. مىھراب ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى غەم -ئەندىشىدە قالدى.شاھ مىھراب،سىندۇخت،رۇدابەلەر جانلىرىدىن ئۈمىد ئۈزۈشتى.   
زال ئۇلاردىن بەكرەك جىددىلەشكەن ۋە قاتتىق غەزەپلەنگەن ئىدى .ئۇ غەزەپ –نەپرەتتە ئوت بولۇپ يېنىپ  ئېتىنى قۇيۇن كەبى چاپتۇرغىنىچە   ئاتىسى تەرەپكە قاراپ  يول ئالدى. كۆكسى  خۇددى كابۇلنى قۇتقۇزۇپ قالغۇچى قالقان بولماقچىدەك ئالدىغا كېرىلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىگە- ئۆزى خىتاپ قىلىپ دەيتتى:
-ياۋۇز ئەجدىھا كېلىپ  كابۇلنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتمەكچى ياكى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى بولسىمۇ ئالدى بىلەن مېنى، مەندەك بىر خارلىقتا چوڭ بولغان غېرىپ دىلنى كۆيدۈرسۇن. مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن،  ھېچكىمنى كابۇلغا بارغۇزمايمەن.دۈشمەنلەرنىڭ كابۇلنىڭ  بىرەر تال گىياسىغا زىيان يەتكۈزىشىگىمۇ يول قويمايمەن.
ئۇ ھەدەپ ئېتىغا قامچا ئۇرۇپ، شىددەت بىلەن ئات چېپىپ بارماقتا ئىدى.
شىر ئەزىمەت سام  بالىسىنىڭ  ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى،شۇ تاپتا ئات سېلىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ جىددىيلىشىپ لەشكەرلىرىنى قايتىدىن سەپلىدى.ئات ئۇلاغلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. كاۋە تۇغىنى ئىگىز كۆتۈرگۈزدى ، ناغرا –دۇمباقلارنى چالغۇزدى .لەشكەرلەرنىمۇ چۇقان-سۈرەن  سالغۇزۇپ، خۇددى  توسقۇنسىز كۈچلۈك ياۋغا دۇچ كەلگەن چاغدىكىدەك   بىر خىل جەڭ تەييارلىقىدا تۇردى. قوشۇننىڭ سۈر-ھەيۋىسى بەكمۇ يۇقۇرى بولۇپ  بايراق كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى   پىل ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېدى.شۇڭا  بايراق بەكمۇ ھەيۋەت ھەم  ئىگىز كۆرۈنەتتى. بايراقلارنىڭ تۈرى كۆپ خىل ئېدى. پىلنىڭ  كەينىدىن پىل بايرىقى ئېلىپ مېڭىلاتتى. بايراقلارنىڭ رەڭگىمۇ ھەرخىل بولۇپ  ئاق ،سېرىق،گۈلنەپشە،قىزىل بولۇپ ھەرخىل رەڭدىكى بايراقار  قوشۇن ئۈستىدە جەۋلان قىلىپ پۈتكۈل قوشۇننى ساماۋى ئەرش لەشكەرلىرىدەك ھەيۋەت ۋە سۈرلۈك كۆرسىتىۋېتەتتى.
زال زەر قوشۇن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاتىسىنى يىراقتىن  كۆرۈپلا ئات سېلىپ يېقىنلاپ كەلدى ۋە ئېتىنى توختاتمايلا سەكرەپ چۈشۈپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا  يۈگرەپ كېلىپ تىزلىنىپ  يەر سۆيۈپ تۇردى. لىكىن سام ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمىدى.ئۇنى  كۆرمىگەندەك بولۇۋېلىپ ئېتى ئۈستىدە  ئولتۇرۇۋەردى. سامنىڭ يېنىدىكى مۇبەدلەر، ياشتا ، ھۆرمەتتە ، ئىناۋەتتە يۇقۇرى تۇرۇدىغان سەركەردە ۋە مەسلىھەتچىلەردىن بىر قىسمى زال زەرنىڭ يېنىغا كېلىپ شاھ پەرمانىنى ئەلا بىلىش ،ئاتىسى بىلەن قارشىلاشماسلىق ۋە مەنۇ چېھىر ئالدىدا  تەڭلىكتە قويماسلىق ھەققىدە  نەسىھەت قىلىشتى:
-ئەي زال زەر، قىلمىشىڭدىن  ئاتاڭنىڭ كۆڭلى بەكمۇ غەش بولدى.ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىششتىن  يان! دەرھال ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغىن! ئاتاڭنىڭ قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشساڭ،  ئۇنى شاھ    ئالدىدا تەڭلىكتە قويۇسەن. ئاتاڭ سېنىڭ رايىڭغا بارسا شاھقا قارشى چىقىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىدۇ. بۇ بەكمۇ چوڭ گۇناھ .  دۇنيادا قىز بالىدىن تولا نىمە يوق. چىرايلىق قىزلار بەكمۇ كۆپ،بىرىدىن ئايرىلساڭ يەنە قانچىنى تاپىمەن دېسەڭ تاپالايسەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا ئوخشاش ئارزۇلۇق شاھزادىلەر بىرلا خوتۇنغا قاراپ ئولتۇرىدىغان ئىش نەدە بار؟! شۇڭا ئاتاڭ بىلەن قارشىلاشماي ئۇنىڭ رايىغا بار.ئۇنىڭغا ياردەملەش.  بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا بىرلىكتە قاتنىشىپ ياخشى خىزمەت كۆرسەت. شۇنداق قىلساڭلا ئۇلۇغ شاھىمىز مەنۇچېھىرمۇ سەندىن خۇرسەن بولىدۇ.  سېنىمۇ ئۇلۇغ شاھلار قاتارىدا كۆرۈپ ئورنۇڭنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ...
زال زەر ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:
-مەن ئاتامغا ئىشىنىمەن،  ئۇ ئەزەلدىن ئاۋالقى قىلغان سۆزىدىن قايتمايدۇ.ھازىر ئاچچىقىغا پايلىماي ماڭا توڭ تەككىنى بىلەن كىيىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ ماڭا ھەرقانداق ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان. ھازىر شاھ پەرمانىغا  بىنائەن مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقىنى بىلەن  ئەقلى بېشىغا قايتىپ كەلگەندە ھەرگىز قارشىلاشمايدۇ.  
شۇ سۆھبەتلەردىن كېيىن ھەممىسى ئاتلىرىغا مىنىپ  ئات چاپتۇرۇشۇپ يولغا راۋان بولۇشتى. زالمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ماڭدى. قونالغۇ قىلىدىغان يەرگە كەلگەندە ئاتلىرىدىن چۈشۈشۈپ چېدىر -بارگاھلىرىنى قۇرۇشتى.ھەممە  ئۆز چېدىرلىرىدا  ئارام ئېلىشقا ئولتۇرۇشتى. دەل شۇ چاغدا زال ئاتىسىنىڭ چېدىرىغا كىرىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تىزلىنىپ ئولتۇردى.  ئاتىسىنىڭ پۇتىغا باش قويۇپ  تىلەك تىلىدى. زالنىڭ  ئىككى كۆزىدىن ياشلار توختىماي ئېقىپ چۈشۈۋاتاتتى.ئۇ ئالدى بىلەن ئاتىسىنى مەدھىيەلەيدىغان،باتۇر مەرتلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدىغان سۆزلەرنى قىلدى:
-ئەي ئاتا،ھاياتىڭىز،دۆلىتىڭىز ئەبەدىلىك بولسۇن.  ئۆمرۈڭىز پاراغەت ئىچىدە ئۆتسۇن! دىلىڭىزنىڭ رەھنەما (خالايدىغان،ياخشى كۆرىدىغان) سى ئادالەت بولسۇن.سىزنىڭ تىغىڭىز شۇ قەدەر ئۆتكۈركى،بۇ تىغدىن ھەتتا ئالماسمۇ گال بولۇپ قالىدۇ. جەڭ قىلماق بولسىڭىز يەر –زېمىندىكى بارلىق لەشكەرلەرمۇ  بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. جەڭ پەيتىدە قايسى تەرەپكە ئات قويسىڭىز شۇ تەرەپ جەزمەن  تېرى-پىرەن بولىدۇ. گۈرزىڭىزنىڭ بورىنىنى كۆرسە ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىمۇ تۆكۈلۈپ كېتىپ قايتا يۈزىنى ئاچالمايدۇ. ئادالىتىڭىز،ئەقىل- پاراسىتىڭىز بىلەن يەر يۈزى گۈللىنىدۇ. سىز ئەقىل- ئىدراك بىلەن ئىش قىلىدىغان بولغاچقا، ھەممە ئادەم سىزدىن خۇشال ۋە رازى بولدى.پۈتۈن زىمىن  سىزنىڭ ئەدلى -ئادالىتىڭدىن بەھرى ئالدىيۇ مەن  بىخەۋەر قالدىم. گەرچە مەن سام ئوغلى دىگەن شۆھرەتكە ئىگە بولغان بولساممۇ،سىز مېنى باقماي تاشلىۋەتكەچكە، يىرتقۇچ قۇش مىنى قاراڭغۇ ئۇۋىسىدا بېقىپ ھىمايە قىلدى ۋە جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن ھىچكىمدىن ئاغرىنمىدىم .ھىچكىمگە كايىمىدىم.  ئۆزۈمنىڭ نىمە گۇناھى بارلىقى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ باقمىدىم.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نىمە گۇناھى بولسۇن؟ گۇناھىم بار دىيىلگەندىمۇ سىزنىڭ ئوغلۇڭىز بولۇپ قالغانلىقىم مىنىڭ گۇناھىم ئىدى. مەن ئانامدىن تۇغۇلغاندىن كېيىن سىز مېنى قۇچىقىڭىزغا ئېلىپمۇ قويماپسىز. مېنىڭ دۇنياغا كەلگىنىمگە خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا مېنىڭ ئاق چېچىمدىن  نومۇس قىلىپ مېنى كۆزدىن يوقاتماق بوپسىز.خىزمەتكارلىرىڭىزنى بۇيرۇپ مېنى ئادىمىزات بارالمايدىغان يىراق جايغا، يىرتقۇچ ھايۋانلار، يىرتقۇچ قۇشلار  ئۇۋا تىزىۋالغان ئىگىز تاغ باغرىدىكى تاشلىققا  تاشلاتقۇزۇۋېتىپسىز. ماڭا سىز رەھىم قىلمىغان بىلەن تۇققانلار رەھىم قىلاتتى، سىز ئۆچ بولغان بىلەن ئۇلار ئامراق ئىدى. سىز تاشلىۋېتىشكە چىدىغان بىلەن ئۇلار چىدىمايتتى.  مەن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن سىز بىغەم يۈرگەن بىلەن ئانامنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمىدى. كىچە- كۈندۈز مىنڭ غېمىمنى قىلدى. ئاللاھتىن مىنىڭ ئامانلىقىمنى، مۆجىزىلەر يۈز بېرىپ ھايات قېلىشىمنى تىلەپ  تۇردى.مىنى قۇتۇلدۇرۇۋالاي،يېنىمغا ئەكىلىۋالاي دىسە سىزدىن قورىقتى. ئاياللار ئەشۇنداق ئاجىز بىقۇۋۇل يارالغان، ئۇ مىنى ئۆزى باقالمىسىمۇ دۇئالىرىنى، سېغىنىشلىرىنى مىنىڭدىن ئايىمىدى.ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكاتىدىن ئاللاھ ماڭا پاناھ بولدى. ئەڭ يىرتقۇچ ھايۋان ھېساپلىنىدىغان  شىرمۇ مىنى يىمەكتە يوق ئاپئاق سۈتى بىلەن مېنى ئېمىتتى. قۇشلارنىڭ ئەڭ ۋەھشىسى بولغان سۇمرۇغمۇ بالىلىرىغا ئوزۇق ئىزدەپ چىقىپ مىنى كۆرۈپ قالدى.  گۆشلىرىمنى پارچىلاپ بالىلىرىغا بىر قېتىملىق يۇمران ئادەم گۆشى ئوزۇقى قىلىپ بەرمەستىن سۇمرۇغ چۆجىلىرىنىڭ قېرىندىشى قىلىپ ئۆز بالىلىرى بىلەن بىللە باقتى. ئادەملەردىن كۆرمىگەن ۋاپانى ھايۋالاردىن، قۇشلاردىن كۆردۈم .ئەينى چاغدا مەن نە بۆشۈك،نە يۆگەك،نە ئانا باغرى كۆرۈپ باقمىغان ئېدىم. ئەينى چاغدا سىز‹‹ توغرا قىلدىم›› دەپ ئويلىغان ئېدىڭىز بىلەن، ئاق بىلەن قارا رەڭلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ ياراتقان رەڭلەر ئىكەنلىكىنى، چاچنىڭ قايسىلا رەڭدە بولسا بولىۋېرىدىغانلىقىنى تەن ئالماي،قىسمەت بىلەن قېرىشقان ئېدىڭىز. ياراتقۇچىنىڭ تەقدىرى بىلەن جەڭ قىلغان، ئۇنىڭ بەرگەن نىمىتىگە شۈكرى قىلماي نارازى بولۇپ كۇپۇرلۇق ئۆتكۈزگەن ئېدىڭىز. نامرات دىھقان چېغىدا مىيىپ  ياكى چولاق تۇغۇلۇپ قالغان بالىسىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. تۇغما ئەما بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان پەرزەنتىنىڭمۇ قولىدىن يېتىلەپ، ئاش-تامىقىنى بىرىپ ،تەرىتىنى تۆكۈپ ئۆمۈر بويى باقىدۇ. مىنىڭ ئەينى چاغدا ئاق چاچتىن باشقا ھىچ بىر كەمچىلىكىممۇ يوق ئىدى.لىكىن سىز شۇنچىلىك ئاددى ھەقىقەتنىمۇ بىلمىدىڭىز. قانچە يىللار پەرزەنىتكە  زار بولۇپ،تەڭرىدىن پەرزەنىت تىلىگەن تۇرۇپ، ئاللاھ بەرگەن پەرزەنىتنى قەدىرلىمىدىڭىز.يات ئادەم چېغىدا كىچىك بالىنى تاشلىۋېتىشكە چىدىمايدۇ. لىكىن سىز چىدىغان ئىدىڭىز. سىز مېنى تاشلىۋەتكەن بىلەن ئاللاھ تاشلىۋەتمىدى. مىنى ئاللاھ ئۆزى پەرۋىش قىلدى. قۇشنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ چەكسىز مىھىر- مۇھەببەت بېغىشلىدى.مىنى تەربىيەلىدى. ماڭا مەردلىك،كۈچ -قۇدرەت ۋە تۈرلۈك جەڭ ھۈنەرلىرىنى بېغىشلىدى.سىز ماڭا قايتا ئىگە بولغاندىن كېيىنمۇ مەن بىلەن كۆپرەك بىرگە تۇرماي يەنىلا مەندىن يىراقلاپ كەتتىڭىز. مېنى شەھەردە يەنە  يالغۇز تاشلىۋەتتىڭىز. تەڭرى ماڭا يەنە يار- يۆلەك بولۇپ كابۇلدىن نۇرغۇن يېڭى دوست بەردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلۇغ شاھلار،ئالەمگىر پالۋانلار  ۋە باشقا ھەر تەبىقىدىكى ئاق كۆڭۈل، مىھماندوست كىشىلەر بار ئېدى. مەن بۈگۈن سىزنىڭ ئەشۇ بىگۇناھلارنى قىرغىن قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ سىز بىلەن كۆرۈشۈش، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭىزنى ئېسىڭىزگە سېلىپ قويۇش، كابۇللۇقلارنى بىھۇدە ئۆلتۈرمەسلىك،بىھۇدە قان تۆكمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلىش ،ئۆزۈمنىڭ ئۇلار بىلەن ئۆلۈمدىمۇ كۆرۈمدىمۇ بىرگە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن كەلدىم. ئەگەر ھىلىھەم مىنى يەنىلا پەرزەنتىم دەپ تونۇسىڭىز. بۈگۈنلا  كابۇلغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ.ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىش  ئورنىغا دوستلىشىپ  ئىتتىپاق تۈزۈڭ. ئۇلارنى يېقىن تۇققانلىرىڭىز قاتارىغا قوشۇڭ.مىھراب شاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ قۇدىلىشۇپ  مىنى تىلىكىمگە يەتكۈزۈڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلماي يەنىلا كابۇلغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىڭدىن ۋازكەچمەيدىكەنسىز بىرىنچى توسقۇن مانا مەن. ئالدى بىلەن  مىنى ئۆلتۈرۈڭ ياكى  ھەرە تېپىپ تىنىمنى ھەرىلىتىڭ. مەن ئۆلگەندىن كېيىن بولسا نىمە قىلسىڭىز قىلىڭ.  شۇنى بىلىپ قېلىڭكى، كابۇلنىڭ بەختى مېنىڭمۇ بەختىم.كابۇلنىڭ ئاپىتى مېنىڭمۇ ئاپىتىم!
سام ئوغلى زالدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىدا  تەڭقىسلىق،نومۇس ۋە ئازاپ تۈپەيلى كەڭ مۈرىسى قورۇلدى. كۆپ بىئارام بولدى ۋە ئوغلىغا جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدى:
-ئەي ئوغلۇم باياتىندىن بېرى نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدىڭ. قىلغان سۆزلىرىڭنىڭ ھەممىسى راست،بىرىمۇ يالغان ئەمەس. لىكىن شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، مەن ساڭا ئۆز رايىم،ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە  قارشى چىققىنىم، ئۆمۈرلۈك بەختىڭنى  ئۆز قولۇم بىلەن ۋەيران قىلماقچى بولغۇنۇم يوق.مەن شاھىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سېنىڭ بەختىڭنى  كۆزلەپ،  ساڭا نىجاتلىق تىلەپ بارغان ئىدىم. لىكىن سۇخەنچىلەر بىزنى شاھقا يامان كۆرسۈتىپتۇ. شاھقا: ‹‹سام مىھراب بىلەن قۇدۇلۇشۇپ بىرلىشىپ،  يېقىنلىشىپ  سىلىگە ھۇجۇم قىلماقچى تەختىڭىزنى تارتىۋالماقچى›› دەپ خاتا مەلۇمات بېرىپ تۆھمەتكە  ئىشەندۈرۈپتۇ. شۇڭا شاھ مىنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپمۇ باقماستىن  مىنى سىنىماق بولۇپ  كابۇلغا ھۇجۇم قىلىشقا ،مىھرابنى پۈتۈن جەمەتى بىلەن يوقۇتۇۋېتىشكە بۇيرۇدى. سەركەردە دىگەن شاھنىڭ قۇلى.قۇلنىڭ مەجبۇرۇيىتى ‹‹ خوجايىننىڭ ئەمرىنى تۇتماقلىق، نىمە دىسە شۇنى قىلىش›› شۇڭا بۇ ئىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ قوشۇن باشلاپ كەلگەن ئىدىم. ھالا بۈگۈن سەن مۇنداق دەپ ئالدىمنى توستۇڭ. سەن مىنىڭ بىر تاللا ئوغلۇم، يۈرەك پارەم، مىنىڭ جېنىم ۋە ھاياتىمسەن. سېنى يوقۇتۇش ئۆزۈمنى يوقاتقان بىلەن باراۋەر. شۇڭا مەن بۇنداق خاتا ئىشنى قىلمايمەن. سەن مىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ياخشى قىلدىڭ. ئەمدى مەن بۇ يۈرۈشنى توختۇتىمەن. شاھىمىزغا قايتىدىن مەكتۇپ يېزىپ، سېنى ئەلچى قىلىپ  ئەۋەتىپ  ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈرىمەن. ساڭا رەھىم قىلىشنى، سېنى بەختسىز قىلىپ قويماسلىقنى، بىز ئاتا –بالىنى دۈشمەنلەشتۈرۈپ قويماسلىقنى ئۆتۈنىمەن.  سەن ئەلچىلىكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىيىنكى ئىشلارنى ئەينى چاغدىكى ئەھۋالغا ئاساسەن  مۇۋاپىق كېڭىشىپ بىكىتەرمىز.
زال ئاتىسىدىن بۇ خىل جاۋاپنى ئاڭلاپ بايا  ئازاپ ياشلىرىنى تۆككەن بولسا، ئەمدى رەھمەت سۆزلىرى ۋە ئاپىرىن ئاۋازلىرىنى تۆكمە قىلىپ تۆكتى. ئاتا بالا ھاياجان ئىچىدە قۇچاقلىشىپ ئۆز- ئارا  مىھرى مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە زىياپەت يەپ ئۇخلاپ ئارام ئېلىشتى.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن،زال مەنۇچېھىر ھوزۇرىغا ئەلچى بولۇپ بارغاندىن كېيىن ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولامدۇ يوق؟ مەنۇچېھىر زادى نىمە دەپ جاۋاپ بېرىدۇ؟ زالنىڭ كىيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇلارغا قىزىقساڭلار  دىققىتىڭلار يەنىلا سەھىپىمىزدە بولسۇن.

سام خەتتاتنى تەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن،مېھراب شاھقا قارىتىپ خەت يازدى. سامنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئېيتىپ بېرىشى بىلەن خەتتات سامنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى  سالام خەتكە بىر- بىرلەپ پۈتۈشكە كىرىشتى. خەتنىڭ بېشىدا ئادەت بويىچە ئالدى بىلەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇلدى:
-پۈتكۈل ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئىگەم ھەر ئىشنىڭ بېشىدا بار،ئاخىرىدا ھەم بار.بارلىق ياخشى يامان ئىشلار ئۇنىڭ پەرمانى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ.ئۇنىڭ بار يوقلۇقى ھەققىدە گۇمان قىلىش ھاجەتسىز ،ئۇ بۇرۇندىن بار ئىدى.بۇندىن كېيىنمۇ ئەبەدى بار ۋە ھەرقاچان ھازىردۇر.ئۇ تەنھا يەنى يەككە يىگانىدۇر.بىز مەيلى ئېتىراپ قىلايلى- قىلمايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ ياراتقان بەندىلىرىمىز. ئۇنى تونىمىغان،ئېتىراپ قىلمىغان باشقا غەيرى نەرسىلەرنى ياراتقۇچۇم دەپ تونىۋالغانلار نىمىدىگەن بىچارە ھەم يۈزسىز ھە !؟ ئۇلار خۇددى ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرغۇچى نائىنساپلارغا ،ئۆز ئاتا –ئانىسىدىن تېنىپ باشقا كىشىلەرنى ياكى ھايۋانلارنى ئاتا قىلىۋالغان مۇناپىق مەلئۇنلارغا ئوخشايدۇ.ئاللاھ بەكمۇ قۇدرەتلىك،ئۇنىڭ قۇدرىتىگە ھىچكىم ھىچنىمە تەڭ بولالمايدۇ.ھاياتتا ئۇ نىمىنى خالايدىكەن- چەرخىپەلەك شۇ بويىچە ئايلىنىدۇ.خالىغىنى بولىدۇ.ئۇ شۇنداق خۇدادۇركى،بارلىق ئىنسانلارنىڭلا ئەمەس پۈتكۈل ئالەمنىڭ جۈملىدىن قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭمۇ ئىگىسىدۇر.ئۇلۇغ بەندىسى مەنۇچېھىر ئۇنىڭدىن مەدەت تاپسۇن.
-ئەي قۇدرەتلىك شاھىم  مەنۇچېھىر، سىز  شۇنداق بىر  ئوغلاندۇرسىزكى-دۈشمىنىڭىزگە غەزەپ قىلغان  كۈنلىرىڭىز قاتىلدىنمۇ شەپقەتسىز ۋە زەھەرلىك،بەزمە مەشرەپ ئوينىغان  كۈنلىرىڭىز بولسا تولۇن ئايدەك نۇرلۇق، تاغ سۇيىدىن ئويناق،تىمەن ئوغلاقتىن شوخراق.گۇرزىڭز شۇ قەدەر قۇدرەتلىككى، دۈشمەنلىرىڭنىڭ شەھەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن تارمار بولىدۇ.پەرىدۇن تۇغىنى قولۇڭىزغا ئېلىپ جەڭگە كىرسىڭىز قەھرىڭىزدىن ئادىمىزات تۈگۈل قۇترىغان يولۋاسمۇ بەدەر قېچىپ كېتىدۇ.ئۆتكۈر نەيزىڭىز شۇ قەدەر توسقۇنسىزكى، نىشانلاپ ئۇرىدىغان بولسىڭىز ئاسمان پەلەك تاغلارمۇ تېشىلىپ بۆلەك -بۆلەك بولۇپ كېتىدۇ.سىزنىڭ ئەدلۇ- ئادالىتىڭىز،ئەلنى خاتىرجەم قىلىشىڭىز يامانلارنىڭ شورىنى قۇرۇتىدۇ. سىز ئەلنى شۇ دەرىجىدە خاتىرجەم قىلدىڭىزكى –ئەگەر قوي بىلەن بۆرىگە بىر- بىرىگە دەخلى قىلىشماي بىر ئېقىندىن سۇ ئىچىش،ئىناق ياشاشنى پەرمان قىلسىڭىز بۆرە قوي تامان ئالىيىپمۇ قارىيالماس. مەن سىزدەك باتۇر،ئادىل مەردۇ- مەردان شاھنىڭ  پەرمانىدىكى قۇلمەن.بۇ يىل يېشىم ئاتمىش ئىككىگە كىردى.بېشىمدىكى چاچلار كۈندىن كۈنگە ئاقارماقتا . قېرىلىق مىنى كۈنسېرى دەرگاھىغا چىللىماقتا. ئۆتمۈشۈمنى ئەسلەپ باقسام قانچە قېتىملاپ سىزنى دەپ، دۈشمەنلىرىڭىزنى پاك- پاكىز يوقۇتۇشقا بەل باغلاپ شىددەتلىك جەڭلەرگە كىرىپتىمەن.قانچىلىغان ناپاكلارنى رەھىمسىزلەرچە قىرىپتىمەن.يولۇڭىزدا شۇنچە جەڭلەرنى قىلىپ باتۇر ئاتالدىم،ئۇلۇغ بولدۇم .شۇڭا مەغرۇر ھالدا سورىيالايمەن! دۇنيا بۇرۇن مېنىڭدەك ماھىر قىلىچۋازنى ۋە  زوراۋان گۈرزىۋازنى كۆرۈپ باققانمۇ !؟نامە يېزىۋېتىپ مازەندىراندىكى كەشەپ دىگەن جايدا ئەجدىھا بىلەن  بولغان بىر جەڭ ئېسىمگە كېلىپ قالدى .مەن شۇ چاغدا غايەت زور، شۇنداقلا  ئەڭ ۋەھشى بىر  قانخور ئەجدىھاغا دۇچ كەلگەن ئىدىم.ئەگەر مۇشۇ چاغدا باتۇرلۇق كۆرسىتەلمىسەم بۇ ياۋۇز دۈشمەننى چېكىندۈرەلمىسەم،  مەنمۇ لەشكەرلىرىممۇ تىرىك قايتىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.نامى مەشھۇر گۈرزەمگە قول ئۇزۇتۇۋىدىم،  دۈشمەن باھادىرلىرىنى سۈر بېسىپ يۈرەكلىرى سۇ بولدى. مەن  گۈرزەمنى كۆتۈرۈپ بۇ  ئەڭ زور ۋە  ئەڭ ۋەھشى ئەجدىھاغا يۈزلەندىم. ئۇ شۇ قەدەر  زور مەخلۇق ئىدىكى ، ئىگىزلىكى تاغدەك ،ئۇزۇنلىقى بىز تۇرغان يەر بىلەن شەھەرنىڭ ئارىلىقىدەك ئۇزۇن كېلەتتى.ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر جان ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ تىترەپ كېتەتتى. ئۇ ھەدەپ ئەتراپقا  ئوت پۈركۈيتتى.شۇڭا نە ئاسماندا ،نە جاڭگالدا بىرەر قۇش ياكى بىرەر ياۋايى ھايۋانمۇ قالمىغان ئىدى.پۈركىگەن ئوتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ھەتتا ئىگىز ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قاغىنىڭ قانىتى كۆيۈپ كۈل بولاتتى.نەشتىرىدىن ئاققان زەھەرنىڭ تەسىرىدىن زىمىندىكى جانلىقلارنىڭ نەسلى  قۇرۇماقتا ئىدى.ئۇ شۇنداق كۈچلۈك ئىدىكى، بىر ھەركەت قىلسا دەريادىن لەھەڭلەرنى سۈزۈپ چىقىپ ئوزۇق قىلالايتتى.بىر دەم تارتىدىغان بولسا پەلەك قەھرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بۈركۈتنىمۇ تارتىپ سۈمۈرىۋالاتتى. ئۇنى كۆرگەن خەلق بىرىمۇ قالماي قېچىپ كەتتى.ھەتتا بىرەر چارۋىمۇ قالمىدى. دىمەك  ئۇنىڭغا تەڭ تۇرالايدىغان بىرەرسى يوقتەك - بۇ يورۇق جاھان ئۇنىڭغىلا قالغان ئىدى.ئاللاھ ئىگەم ماڭا ئۇنىڭ بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلىشقا مەدەت بەردى.يۈرۈكۈمدىكى قورقۇنۇچ ۋەھىمىلەرنى چىقىرىپ تاشلىدى.مەن پىلدەك بىر ئاتنى مىنىۋېلىپ ،كالا باش گۈرزەمنى ئىگەر ئۈستىگە قويۇپ ،كۆكسۇمنى قالقان بىلەن مۇداپىئە قىلىپ،يەنە بىر قولۇمغا كامان ئېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدىم. ئىككىلىمىز بىر بىرىمىزدىن تېز ئىدۇق .مەن جەڭ قىلىشتا تېز بولسام، ئۇ ئوت پۇركۈش دەم تارتىشتا تېز ئىدى. مىنىڭ شۇ چاغدا بۇ ئەجدىھاغا قارشى ماڭغىنىمنى كۆرگەن ھەرقانداق ئىنسان :‹‹ ئەلۋىدا ئەي سام، سەن تولىمۇ قاراملىق قىلىۋاتىسەن.بېرىشىڭ بار يېنىشىڭ يوق›› دىمەي قالمايتتى. شۇنداقتىمۇ يېقىن بېرىپ ئۇنى كۆزەتتىم. ئۇ ئىلبۇرۇز تېغىدەك ئىگىز، چىڭگىل-چىڭگىل چاچلىرى ئۇزۇن ۋە تاراقسىز،چوڭ ئاغزىدىن چىقىپ تۇرغان تىلى ئۇزۇن  سالمىدەك ساڭگىلاپ  بىر ئۇچى يەرگە تېگىپ يەرگە چاپلىشىپ تۇراتتى.ئىككى كۆزى قان تولغان ئىككى ئورىنى ئەسلىتەتتى.ئەجدىھا مەخلۇق مىنى كۆرۈپلا ماڭا قارىتپ ئوت پۈركىدى.شۇ چاغداكۆزۈمگە ھەممىلا يەر ئوت دېڭىزىغا ئايلانغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.پۈركىگەن ئوتىنىڭ تۈتۈنىدىن جاھان قاپقارا بولۇپ كەتتى.زىمىنمۇ ئۇنىڭ قەھرىدىن لەرزىگە كەلدى.زەھىرى ئېقىن بولۇپ ئېقىپ چىن دەرياسىنى ئەسلەتتى. مەن ئۇنىڭغا شىردەك  قەھىر قىلىپ ئېتىلىپ كەلدىم.بۇ قىلىقىم مەردانە ئەرلەر قىلىدىغان قىلىق ئىدى.مەن چاققانلىق بىلەن كامانغا ئوق سېلىپ ،كىرىچىنى چىڭ تارتىپ، ئوقنى  ئەجدىھانىڭ ئاغزىنى نىشانلاپ ئاتتىم.ئوقۇم شىددەت بىلەن ئۇچۇپ بارغانچە بېرىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى قورام تاشقا مىخلاپ قويدى. ئىككىنچى ئوقۇم بىلەن تىلىنى يەرگە مىخىلاپ قويدۇم. ئەجدىھا بېشىنى بۇ ئىككى ئوقتىن ئاجرىتالماي بېلىنى ئوڭ سولغا تولغۇتۇپ جان تالىشىششقا كىرىشتى.ئۈچىنچى ئوقنى كۆكسىگە قارىتىپ ئېتىپ جىگىرىنى يېرىپ پارە- پارە قىلىۋەتتىم  .ئەجدىھا ئەمدى قارا قانلىرىنى ئاققۇزۇپ تىپىرلاپ يېتىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ قان تولغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ  ‹‹خەپ سېنى، بوشۇنىۋالساملا  چاتاق قىلىمەن›› دىگەندەك قىلىپ داۋاملىق ھەيۋە قىلاتتى.شۇ چاغدا ئۆكۈز باشلىق گۈرزەم ئەسقاتتى.پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى يادلاپ تۇرۇپ، پىل تەنلىك ئېتىمنى چاپتۇرۇپ ئەجدىھانىڭ بېقىنىغا كەلدىم. گۈرزەمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ خۇددى چاقماق چۈشكەندەك تېزلىك بىلەن ئەجدىھانىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇردۇم. ئەجدىھانىڭ مىڭىسى چېقىلىپ ،بېشى يېرىلىپ مىڭە قېتىقلىرى ئەتراپنى بىر ئالدى. كەشەپ دەرياسى ئۇنىڭ تىلىدىن ئاققان زەھەر بىلەن زەرداپقا تولدى.
ئەجدىھا ئۆلگەندىن كېيىن تاغقا قېچىپ كېتىشكەن بارلىق  ئەر- ئاياللار قايتىپ كېلىشتى ۋە مىنى ئالقىشلىدى.مەن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىۋاتقاندا ئۇلار يىراقتىن كۈزۈتۈپ تۇرۇشقان ئىدى. ئەجدىھانىڭ ئۆلۈمى ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى يوقۇتۇپ خوشاللىق خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى. شۇ قېتىمقى جەڭدىن كېيىن كىشىلەر مىنىڭ ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىمنىڭ خاتىرسى ئۈچۈن ماڭا ‹‹ سام يەكزەرب›› دەپ نام قويۇشۇپ شۇنداق ئاتايدىغان بولدى.شاتلىقى پەلەككە يەتكەن خالايىق ئايىقىمغا  گۆھەر- ئالماسلارنى، ئالتۇن- كۈمۈشلەرنى تۆكمە قىلىپ غەلىبەمنى قۇتلۇقلىدى. مەن شۇ چاغدا ئۈستىۋېشىمغا سەپسالدىم .پولات ساۋۇتۇم پارە-پارە بولۇپ كېتىپتۇ.ئەجدىھانىڭ زەھىرى تۈپەيلى ئېتىمنىڭ ساۋۇتىمۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ.شۇ زەھەرنىڭ تېنىمدە قالغان ئاسارىتىنىڭ دەردىنى كېيىن خېلى كۈنلەرگىچە تارتتىم.ئەجدىھانىڭ زەھىرى تۆكۈلگەن يەردە نەچچە يىللارغىچە گىياھ ئۈنمەيتتى.تۇپراقنىڭمۇ رەڭگى ئۆزگۈرۈپ قارا رەڭگە كىرىپ قالاتتى.
ئەمدى دىۋىلەر بىلەن قىلغان جەڭدىن ئېغىز ئاچسام ھىكايىنى يېڭىۋاشتىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.مەن دىۋىلەر بىلەن نەچچە ئون قېتىم دەھشەتلىك جەڭلەرنى قىلدىم .شۇ جەڭلەردە مىڭلاپ دىۋىلەرنىڭ باشلىرى ئېتىمنىڭ ئايىقى ئاستىدا دومىلىدى.يەنە  دىۋىلەردىن  نەچچە مىڭى گۈرزەمنىڭ تەمىنى تېتىپ ئۇستىخانلىرى سۇنۇپ پاچاق –پاچاق بولۇپ كەتتى. ،مىڭىسىنىڭ قېتىقلىرى چاچراپ چىقىپ قېتىق ئەرزانچىلىقى بولۇپ كەتتى.  مەن مەيلى قانداقلىكى جەڭلەرگە قاتناشماي  باشلار گەۋدىسىدە تۇرالماي ئايىقىم ئاستىدا دومىلايدۇ.ئېتىمنىڭ تىزگىنىنى تارتقىنىمنى كۆرسە شىرلارنىڭمۇ يۈرىكى جىغىلداپ ماڭا يېقىن يولاشقا پېتىنالماي جېنىنى ياقىغا ئالىدۇ. مەن نەچچە يىللارغىچە ئات ئۈستىدىن چۈشمەي ئات ئۈستىنى زىمىن ۋە ئۆي قىلىپ ناھايىتى جاپالىق جەڭلەرنى قىلدىم.شۇ جەڭلەر تۈپەيلى مازەندىران ۋە گۈرگەسىران دىۋىلەر قولىدىن ئازاد بولۇپ سىزنىڭ باشقۇرۇشۇڭىزغا ئۆتتى.ئەشۇ نەچچە يىللار مابەينىدە  جەڭ ئالدىراشچىلىقى ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى تۈپەيلى نە يۇرتۇمنى، نە ئۆيۈم ۋە  تۇققانلىرىمنى ياد ئېتەلمىدىم.ھىچنىمىسى يوق تەنھا كىشىلەردەك ياشىدىم.مەقسىدىم سىزنى شاد قىلىش ئىدى.مانا بۈگۈن قارىسام بىلەكلىرىم ئۇ بىلەك ئەمەس.گۈرزەمنىڭ زەربىسىمۇ ئۇ چاغلاردىكىدەك ئەمەس.بېلىمنىڭ قۇۋۋىتى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ بارماقتا.قامىتىممۇ ئىگىلىشكە يۈزلەندى.بۇرۇن قولۇمدىن چۈشمەيدىغان كامان ھازىر قولۇمنى تالدۇرىدۇ.مەن ھازىر زامان پۇت قولىنى باغلاپ يىقىتقان بىچارە تۇتقۇنغا ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن.شۇنى چۈشەندىمكى، مەن قېرىپتىمەن. ئەمدى نۆۋەت ئوغلۇمغا كەپتۇ.ئەمدى مەن ئۇنى ئىشلىرىمنىڭ ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەپ قۇراللىرىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسام،  ئۇ مىنىڭ ئورنۇمدا يېڭى خىزمەتكارىڭىز بولۇپ دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ ئۆمرىنى كەم قىلىدۇ.دىلىڭىز قەسىرىنى شادىمان قىلىدۇ.  ئەي شاھى جاھان، ئۇنىڭ سىزدىن تىلەيدىغان بىرلا ئارزۇسى بار ئىكەن.ئەشۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن سىزدىن ياردەم ۋە مەدەت تىلەيدۇ.ئۇنىڭ رايى سىزگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلسە كېلىدۇكى، ھەرگىز يامانلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.سىز قوبۇل قىلىپ پەرمان بەرمىگۈچە ئۇنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشمەيدۇ. بىز سىزىڭ پەرمانىڭىزدىكى قۇللىرىڭىز بولغاچ بىزگە چوڭچىلىق ياراشمايدۇ. ھەممە ئىشتا سىزنىڭ رايىڭىز، رازىلىقىڭىزنى ئېلىپ قىلساق ئىشلىرىمىز بەرىكەت تاپىدۇ.ئەي ئۇلۇغ شاھىم، بەلكىم سىزمۇ ئاڭلىغان بولسىڭىز كېرەك.مەن زال زەرنى قولغا كىرگۈزۈپ  تاغدىن قايتۇرۇپ كەلگەن چېغىمدا ئەل- جامائەتنىڭ ئالدىدا   ئۇنىڭغا  :‹‹ بۇندىن كېيىن ھەممە ئىشتا سېنىڭ رايىڭ بويىچە ئىش قىلىمەن،ھەرقانداق ئارزۇيۇڭ بولسا ئورۇنداپ بېرىمەن ›› دەپ ۋەدە -قەسەم بېرىپ قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدىم.سىزدىن پەرمان ئېلىپ كابۇل تامان يۈرۈش قىلغىنىمدىن كېيىن ئۇ بىر كۈنى ھوزۇرۇمغا  زار –زار  يىغلاپ كىرىپ كەلدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىشىق سەۋداسىدىن يۈرەك باغرى چاك-چاك بولۇپ كەتكەن ئىكەن.ئۇ كىرىپلا ئالدىمدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تىلەك تىلەشكە باشلىدى:‹‹ئەي ئاتا،توخۇ جېنىدا چۆجىسىنى،قويمۇ ئۆز قوزىسىنى خەتەردىن قوغدايدۇ.سىز مىنىڭ مىھراب شاھنىڭ قىزىغا ئاشىق ئىكەنلىكىمنى ،ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىنمۇ كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلمەمسز؟  مەن ھازىر سىزدىن شۇنى ئۆتۈنۈپ كىردىم. سىز كابۇلغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن مىھراب شاھ بىلەن بولغان دوستلۇقىمىز دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ.كابۇل خەلقى سىزنىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنىڭنىڭ زەربىسىدىن ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.ئەگەر شۇنداقلا بولۇپ سىز بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق مىنى ئۆمۈرلۈك سۆيگەن نىگارىمدىن ئايرىۋەتسىڭىز مىنىڭ يەنە بۇ دۇنيادا ياشىغىنىمنڭ قىلچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ.شۇڭا سىزدىن ئۆتۈنۈپ كىردىم،  ئەگەر ئاتا -بالىلىقنى دىسىڭىز  بۇ ئۇرۇشنى توختۇتۇپ كابۇللۇقلارغا ئامانلىق بېرىڭ.مىھراب شاھنىڭ قىزىنى ماڭا ئېلىپ بېرىپ مىنى مۇرادىمغا يەتكۈزۈڭ. ماڭا بەرگەن ۋەدىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ.ئەگەر ئاتا –بالىلىقتىن شاھ پەرمانىنى ئەلا بىلىپ كابۇللۇقلارغا ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرسىڭىز ئالدى بىلەن بىرىنچى دۈشمىنىڭىز مانا مەن.مېنى ئۇنداق قىينىغىچە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈڭ .ئاندىن نىمە قىلسىڭىز شۇنى قىلىڭ .شۇنى بىلىپ قېلىڭكى رۇدابەسىز ھايات ماڭا كېرەك ئەمەس!›› دەپ ئىلتىماس قىلىپ مېنى ئېغىر تەڭلىكتە قويۇپ تۇرىۋالدى.شۇڭا نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي بۇ نامىنى يېزىپ سىزگە ئۆز ئوغلۇمدىن ئىبەرتتىم. ئەي شاھىم ئۆزۈڭىزگىمۇ مەلۇم .مېنىڭ دۇنيالىقتا مۇشۇ بىر تال ئوغلۇمدىن باشقا بىرمۇ پەرزەنتىم يوق. زالنى ئۆلتۈرگىنىم ئۆزۈمنى ئۆلتۈرگىنىمگە باراۋەر.ئۇ ئۆلسە دۇنيادا مىنىڭ بىرمۇ ۋارىسم ئەۋلادىم قالمايدۇ.شۇڭا رەھىم قىلىپ مېنى بۇ ئۇرۇشنى قىلىشتىن ئازاد قىلسىڭىز.بۇ مەن قۇلۇڭىزنىڭ بۇرۇن سىز ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ھەققى- ھۆرمىتى بولسۇن.مەن بۇ سەۋەپتە  ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قالماي ئاخىرقى ئۆمرۈمنى ئۇنىڭ  بىلەن بىرگە  خۇشال- خورام ئۆتكۈزەي. شاھىمنىڭ ماڭا قىلغان چەكسىز ئىلتىپاتىدىن بەھرىمەن بولاي.ئاخىرىدا جاھاندار شاھىمغا چوڭقۇر سالاملار ۋە بەخت تىلەپ نامىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن››
     خەت يېزىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن زال نامىنى ئېلىپ، بىرنەچچە باتۇر ھەمراھلىرى بىلەن تۇلپار ئاتلارغا مىنىپ مەنۇچېھىر شاھنىڭ شەھىرىگە قاراپ ئات سېلىشتى.
ئەمدى بىز كابۇلدا بولىۋاتقان ئىشلارنى بىلىپ باقايلى: سامنىڭ لەشكەر باشلاپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىدىن مىھراب شاھنىڭ بەكمۇ بېشى قاتتى.دائىم قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ غەمكىنلىك ئىچىدە يۈرىدىغان بولۇپ قالدى.بۈگۈن ئۇ ئايالى سىندۇختنى يېنىغا چاقىرىپ كىرىپ قىزى ھەققىدە كايىپ كەتتى:
      - مەنۇچېھىر شاھ نەدە، مەن نەدە!؟ نەدىمۇ ئۇنىڭغا قارشى قوپۇپ جەڭ قىلغىلى بولسۇن؟ بىز ئەسلى تىنىچ -خاترجەم ياشاۋاتقان ئەل ئىدۇق. ھەممە كەلگۈلۈكنى ئەقىلسىز قىزىڭ بىلەن سەن تاپتىڭ! مەن بۈگۈن شۇنداق قارارغا كەلدىم.سېنى ناپاك قىزىڭ بىلەن قوشۇپ خالايىقنىڭ ئالدىدا دارغا ئاسىمەن. بەلكىم شۇ چاغدىلا مەنۇچېھىر شاھنىڭ غەزىپى بېسىلىپ قانائەت ھاسىل قىلىشى،بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن يېنىپ قېلىشى مۈمكىن .ئۇنداق بولمىسا ئۇرۇش ئاپىتى تۈپەيلى شەھىرىمىز پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپلا قالماي لەشكەر ۋە پۇخرادىن سانسىز ئادەم قىرىلىپ كېتىدۇ.
      سىندۇخت بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قالدى.ئېرىنىڭ ئېيتقىنى ئاقىلانە چارە ئەمەس ئىدى.شۇڭا ئۇ چوڭقۇر خىياللارغا پاتتى.ئۇ بىر دەم ئويلىنىپ كۆرۈپ ئاخىر بۇ ئىشقا بىر چارە تاپتى.سىندۇخت چىرايلىق بولۇپلا قالماي ئاقىل ۋە تەدبىرلىك ئايال ئىدى. قىزى رۇدابە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇنىڭغا قولىنى سوزغىنىچە تىزلىنىپ ئولتۇردى.ئۇنڭ مەسۇم كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشلارنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر  تاش يۈرەكنىڭمۇ دىلى يۇمشاپ كېتىشى مۈمكىن ئېدى.ئۇ ئاتىسىغا قاراپ مۇنداق دىدى:
  -ئەي ئاتا سىز قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئاۋال مىنىڭ سۆزۈمنى تىڭشاڭ.مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن نىمە قىلسىڭىز ئۆز ئىختىيارىڭىز.ئەگەر مەقسىدىڭىز مىنى ئۆلتۈرۈش بولسا شۇنى دەپ قويايكى،تۈن گويا بىر ھامىلىگە ئوخشىسا، سەھەر ئۇنىڭ ئىزگۈسىدۇر.تۈن قانچىلىك ئۇزۇن ۋە قاراڭغۇ بولسىمۇ ئۇ ھامان يورۇقلۇق تۇغىدۇ.تۈندىن كېيىن چەشمە سۈيىدەك جەۋلان قىلىپ، بەدەخشان لالىسىدەك جاھاننى پارقىرىتىپ كۈندۈز كېلىدۇ...
  -تولا ۋايسىما،مىنى كونا چۆچەك بىلەن ئالدىماقچى بولۇۋاتامسەن؟! بىرەر تەدبىر بىلسەڭ شۇنى ئىشقا سال، بولمىسا خۇن لىباسىڭنى كىيىپ ئۆلۈمگە تەييار بول!
بۇ سۆزلەرگە سىندۇخت جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:
  -ئەي ۋەلى نىمەت، قېنىمىزنى تۆكۈش نىمىشقا  شۇنچىۋالا زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ سىز پەقەت چارە تاپالمىغان بولسىڭىز ئەشۇ سامنىڭ قېشىغا مانا مەن ئۆزۈملا باراي.بىزگە تەڭلەنگەن تىغنى قايتۇرۇپ چىگىلگەن كۆڭلۈڭنى ئاچاي. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ھەممە ئىشنىڭ ئامالى بار.ئەقىل يالقۇنى خام كېسەكلەرنىمۇ پىشۇرالايدۇ.بىزگە مەيلى قانداقلىكى بالايى- ئەزىم كەلسە تاقابىل تۇرۇش ۋە قايتۇرۇشقا مانا مەن بار.سىزدىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايمەن پەقەت سامغا ئەۋەتىدىغانغا سوۋغا -سالام تەييارلاپ بەرسىڭىزلا بولدى.
       -ئەگەر سىز مال- دۇنيا بىلەن بىزگە كەلگەن بۇ ئۆلۈم خەۋپىنى يوقۇتالايدىغان بولسىڭىز، بولدى قانچىلىك مال دۇنيا سەرىپ قىلسىڭىز قىلىڭ.قولۇڭىزغا غەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى بېرەيلى.پۈتۈن غەزىنە سىزگە تەۋە بولسۇن.مەيلى ئالتۇن- كۈمۈش سوۋغا قىلامسىز،مەيلى شاھانە ئاتلارنى سوۋغا قىلامسىز ۋە ياكى گۈزەل كېنىزەك قىزلارنى سوۋغا قىلامسىز، ئاتىغىنىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ دەرھال يولغا چىقىڭ. مەيلى نىمىلا بولمىسۇن سىز كابۇل دىيارىمىزنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرالىسىڭىز بىرىنچى تۆھپە سىزگە مەنسۇپ.سىز نىجادكار قەھرىمان ھېساپلىنىسىز.
  -بۇ پىكرىڭىز يوللۇق بولدى .جان قۇتقۇزىمەن دىگەن چېغىڭىزدا بايلىقلىرىڭنى كۆزۈڭىزگە ئىلماڭ، ئىشەنسىڭىز مەن كۈلپەت چارىسىنى ئىزدەيمەن،باشقىچە نىيەت مەقسىدىم يوق.مەن بۇ ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈپ نىجاتلىق ئېلىپ كەلگۈچە رۇدابە قىزنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زىيان يەتكۈزگۈچى بولماڭ. سىز بىلمەيسىز، رۇدابە مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىنمۇ مۇھىم.مەن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن خەتەرنى ئويلىسام كۈندۈزىمۇ كېچىدەك تۇيۇلىدۇ.بۈگۈن سىز تەڭرى نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ قىزىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىك ھەققىدە قەسەم بېرڭ.مەن شۇندىلا خاتىرجەم بولۇپ بۇ ئىشقا ماڭالايمەن.شۇنى بىلىپ قېلىڭكى، مەندە قىلچىمۇ ئۆز جېنىمغا نىسبەتەن ئاياش ياكى قورقۇش يوق.پەقەت مۇشۇ قىزىمدىنلا ئەنسىرەيمەن.
    مىھرابمۇ ئىلاجىسىزلىقتىن شۇنداق دىگەن تۇرسا ئۇمۇ قىزىنىڭ ھايات قېلىشىنى، يېنىدا شاد كۈلۈپ يۈرىشىنى خالايدۇ- دە؟ شۇڭا ئايالىغا قىزىنى ساق-سالامەت ساقلاش ھەققىدە قەسەم بېرىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن سىندۇخت  ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەڭ ئىسىل بىزەك ماتىرياللار بىلەن بېزىنىپ توزدەك ياساندى. غەزىنىنى ئاچقۇزۇپ سامغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈچيۈزمىڭ دىنار پۇل ئالدى.ئۇندىن باشقا كۈمۈش يۈگەنلىك ئەرەپ، پارىس ئارغىماقلىرىدىن ئاتمىشنى،مەرۋايىت ئاسقان،قولىدا بىردىن ئالتۇن جام تۇتقان  ئايدەك گۈزەل كېنىزەك قىزدىن ئاتمىشنى تاللىدى.قىزلارنىڭ قولىدىكى ئالتۇن جاملارغا مۈشىك- ئەنبەر، كاپۇر،ياقۇت،ئالماس، پىرۇزە،لەئىل، ۋە گۆھەرلەر لىق قاچىلانغان ئىدى.بۇلاردىن باشقا سوغاتلىققا يەنە يۈز تۆگىدە مادەيۇ- سەمەن،لالە بىزەكلىك ئىككى يۈز قېچىرغا ھالقا،مارجان،جاۋاھىر ۋە تۆت تۇلپار قوشۇلىدىغان  ئالى كۆچمە  تەختلەرنى يۈكلەتتى. ماڭار چاغدا بۇ سوغاتلارغا يەنە پىلدىن تۆتنى قوشتى. بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئات ئۇلاغلارنى يىتىلىگۈچى، كارۋانغا يول باشلىغۇچى،ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ 2-3 مىڭدەك باتۇر ئەزىمەتنى ھەمراھ قىلىپ زور كارۋان تەشكىللەپ سامنىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتى.
    يول ئەنجاملىرى تەييار بولدى.سوۋغىلارنىڭ كۆپلىكى ۋە بىباھالىقىغا سۆز كىتەمدىغان؟ سىندۇخت كۆچمە تەخىتتە ئولتۇرماستىن قولاي بولسۇن ئۈچۈن بىر ئىسىل ئاتقا مىنىۋالغان ئىدى.ئۇنىڭ بېشىدا رۇمچە كۇلاھ پارقىرايتتى.ئاستىدىكى تۇلپار ئات ئويناقشىيتتى.ئۇنىڭ نىگاھىغا قاراشقا كىشى بەرداشلىق بېرەلمەيتتى.ئۇلار سەپەردە ئۇزاق يول جاپالىرىنى تاماملاپ سامنىڭ تۇرۇشلۇق شەھىرىىگە يېتىپ كەلدى. سىرتتىن ئەلچى كەلگەنلىكنى كۆرۈپ سامنىڭ قاراۋۇلى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى.سىندۇخت قاراۋۇلغا كېلىش مەقسىدىنى ئۇقتۇرۇپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي قاراۋۇل تېزدىن كىرىپ جاھان پالۋىنى سامغا مەلۇم قىل.كابۇلدىن ئەلچى كەپتۇ.سىزگە دەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم سۆزلىرى بار  ئىكەن  دەپ ئېيتقىن.قۇرۇق قول يانماي ئۇنىڭدىن ئېنىق جاۋاپ ئېلىپ چىققىن.ئۇنىڭغا مەلۇم بولسۇنكى.مىھراب شاھ ئۇنىڭغا سوۋغا- سالام ئەۋەتتى.
سوۋغا سالاملار بىر ياقلىق قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن سام سىندۇختنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شاھانە زىياپەت سورۇنى ھازىرلىدى. شۇ سورۇندا سىندۇختقا  شاھلارغا خاس مۇئامىلە قىلىپ ئىنتايىن ئىززەتلەپ كۈتىۋالدى.ئىككىسى تەخت ئۈستىدە يانمۇ- يان ئولتۇرۇپ  پاراڭلىشىشتى.پەرى چېھىرلىك سىندۇخت خۇشخۇي ئولتۇرۇپ سۆز قىلاتتى. سام بولسا بېرىلىپ ئاڭلايتتى.سىندۇخت شۇنى بىلەتتىكى:‹‹ سوۋغىلارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئېدى.دىمەك ئەمدى كابۇلدا ئۇرۇش ئاپىتى يۈز بەرمەيدۇ››
سىندۇختنىڭ يېنىدا سەرۋى قەد،سۇمبۇل چاچ،زىبا ھەم چېچەن ئۈچ نەپەر ھۆر مەسەللىك سەنەم قوللىرىدا بىردىن شاھانە جام تۇتۇپ، جاملاردا دۇر- گۆھەرلەرنى تولدۇرۇپ غۇلاچ ئېچىپ ئولتۇراتتى. ھەرقانداق بىر ئەر بۇنداق سورۇندا يە گۈزەلنىڭ ياكى بولمىسا بىباھا بايلىقنىڭ بىرسىگە بولسىمۇ قىزىقىپ قارماققا ئېلىنماي قالمايتتى.دۇر- گۆھەرلەر چاچقۇ قىلىپ چېچىلغاندىن كېيىن كاتتىلار سورۇندىن قوزغۇلۇپ كېتىپ بۇ يەردە سام بىلەن سىندۇخت ۋە ئەڭ يېقىن بىر كېنىزىكى بولۇپ ئۈچلا ئادەم قالدى.شۇچاغدا سىندۇخت سامغا ئېغىز ئېچىپ مۇنداق دىدى:
-ئەي  ئالەمگىر پالۋان،سىز شۇ قەدەر دانادۇرسىزكى،رايىڭىز بىلەن نەۋقىران ياشمۇ ئەقىل تېپىپ قېرى دانىشمەنگە ئايلىنىدۇ. بىلىمىڭىز بىلەن دىللارنى روشەن،ھىممىتىڭىز بىلەن چۆلنىمۇ گۈلشەن قىلىسىز. مۆھرىڭىز بىلەن ياماننىڭ قولى باغلىنىدۇ.قىلىۋاتقان بارلىق ئىزگۈلۈك ئىشلىرىڭىز سىزنىڭ تەڭرى يولىنى تۇتىدىغان دۇرۇس ئادەملىكىڭنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادا ئازماس ئىنسان يوق.ئەگەر مىھراب ئالدىڭىزدا گۇناھ قىلىپ توغرا يولدىن ئازغاشقان بولسا كەچۈرگەيسىز! ئۇ ھازىر قاتتىق پۇشايماندا،لىكىن كابۇللۇق نەچچە يۈزمىڭ  بىچارە كىشىلەردە نىمە گۇناھ؟! نىمە دەپ ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ۋە قانلىق ياشلىرىنى تۆكمەكچى بولۇپ قالدىڭىز؟ شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، پۈتۈن خەلق سىزنىڭ خاكى پايەڭىزدۇر.سىزنىڭ غەمخانلىرىڭىزدۇر.ھازىر پۈتۈن شەھەر خەلقى سىزگە باش قويوپ ئايىقىڭىزنى سۆيۈشكە، يىغلاپ تۇرۇپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەشكە تەييار.ئۇلار ھەرقاچان سىزنىڭ نامىڭىزنى ئۇلۇغلايدۇ.شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، دانالار مۇنداق دىگەن:‹‹ ئەس- ھۇش ۋە كۈچ قۇۋۋەت بەرگەندىن قورققىن .شۇنداقلا ئاسمانغا يۇلتۇزلار تەرگەندىن قورىققىن.مەن بۈگۈن مىھرابقا ۋە كابۇل خەلقىگە ۋەكىل بولۇپ ئالدىڭىزغا كەلدىم.سىزنى مىنىڭدەك بىر ئاجىز ئايالنى ئۆلتۈرمەيدىغۇ دىگەن ئۈمىدتىمەن.
سام سىندۇختنىڭ كۆڭلىگە تەسكىن بېرىپ شۇنداق دىدى:
   -ئەي كۆڭلى يارا مەلىكە،دىلىڭىزدا زادى نىمە بار؟ يوشۇرماي ئېيتىڭ.سىز مىھراب شاھنىڭ ئايالى تۇرۇپ نىمە دەپ بۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممەڭىزگە ئېلىۋالدىڭىز؟ مەن ھەممىدىن بەك ئوغلۇم زال بىلەن قىزىڭىز رۇدابەنىڭ ئىشىغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.قىزىڭىز رۇدابەنى ئوغلۇم قاچان، قەيەردە،نىمە سەۋەپتىن كۆرۈپ قالغان؟ ئۇلار قانداق تونۇشقان ؟ قىزىڭىزنىڭ قاش كۆزى،قەددى- قامىتى،ھۆسنى- كامالى قايسى دەرىجىدە؟ ئەقىل- ئىدرىكى ۋە ئىنسانى پەزىلىتىچۇ؟ مەن بۇلارنى بىلسەم دەيمەن!
-ئەي خەيرىخاھ باتۇر،سىز دۇنيادىكى جىمىكى باتۇرلارغا پۇشتى پاناھسىز.مەن جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن سىزدىن ئۆزۈمگە، ۋەتىنىمگە ۋە مەن چىن دىلىمدىن سۆيىدىغان خەلقىمگە سىزدىن ئامانلىق تىلەپ ئامانلىق ۋەدەڭىزنى ئېلىۋالسام دەيمەن.سىزدىن ۋەدە ئېلىۋالغاندىن كېيىن مەن سىز نىمىنى سورىسىڭىز شۇنىڭغا راستى بىلەن تولۇق جاۋاپ بېرىمەن.
سام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قولىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ كابۇلغا ۋە كابۇلۇقلارغا قىلچە زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە قەسەملەرنى بېرىپ سىندۇختنى خاتىرجەم قىلدى. سىندۇخت سامنىڭ قەسەملىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن غەمدىن ئازاد بولۇپ ئۆزىنى ئەركىنرەك تۇتتى.رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن يەنەبىر قېتىم  سامنىڭ ئالدىدا يەر سۆيۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. كېيىن قىزى رۇدابە  ھەققىدە  سامنىڭ ھېلىراقتا سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بولىدىغان تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ بەردى.ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كېلىش مەقسىدىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دىدى:
    -بۈگۈن مەن بۇ يەرگە سىزنىڭ مەقسىدىڭىزنى بىلگىلى كەلدىم.سىزنىڭ دوستۇڭىز كىم ؟ دۈشمىنىڭىزچۇ ؟شۇلارنى ئۇقاي دىدىم.ئەگەر ئالدىڭىزدا بىزلەر گۇناھكار پەس بولساق،دۆلىتىڭىزگە زىيان ۋە خەتەر ئېلىپ كەلگەن بولساق قىساسىڭىزنى مانا مەندىن ئېلىڭ.مەيلى باغلاپ بەنت قىلامسىز،مەيلى چاناپ دارغا ئاسامسىز نىمىلا  قىلسىڭىز مىنى قىلىڭ.لىكىن بىگۇناھ خەلقنىڭ بېشىغا بالا سېلىپ يورۇق كۈنىنى قاراڭغۇ قىلماڭ.
سام سىندۇخىتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈپ قالدى:‹‹نىمىدىگەن تادان ئايال بۇ؟ ھۆسنىنىڭ يىگانىلىكىچۇ؟يۈزلىرى باھاردەك،تېرىسى تاۋاردەك،مېڭىشلىرى تاۋۇس،بەللىرى مەجنۇن ،كۆزلىرى چولپاندەك،يۈزى ئايدەك،مىھرى قۇياشتەك. بۇنداق ئايال ئاياللار زاتى ئىچىدە كەمدىن كەم تېپىلىدۇ. ئانىسى بۇنچە ئىسىل رەنا تۇرسا قىزى قانچىلىكتۇ!؟ ئوغلۇمنىڭ ئۇنىڭ قىزىغا ئاشىق بولۇپ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغان پەرۋانىدەك بولۇپ كەتكىنى بىكار ئەمەسكەندە؟!
سام خىيالدىن ئۆزىنى يىغىپ سىندۇختقا جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدى:
  -مىنىڭ سىزگە بەرگەن ئەھدۇ پەيمانىم راست.جېنىم تىنىمدىلا بولۇپ نەپىسىم راۋانلا تۇرىدىكەن ، ۋەدە قەسىمىمگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايمەن.كابۇلىڭىز، خەلقىڭىز ۋە بارلىق دوستلىرىڭىز سىز بىلەن بىرگە ئامان ئېسەن تۇرىدۇ.مەن بۇ سۆھبەت ئارقىلىق شۇنىڭدىن خوشال بولدۇمكى، ئوغلۇم زال گەرچە زاتى زەھھاكقا تۇتاشسىمۇ ئاجايىپ ئىسىل ئايالدىن بىرنى تېپىپتۇ.سىزلەر ھەقىقەتەن كابۇلىستان تەختىگە لايىق ياخشى ھەم قابىل كىشىلەردىن ئىكەنسىلەر. تەقدىر شۇنداق ئىكەن.ئاللاھ ئىگەم ئوغلۇم بىلەن سىلەرنىڭ قىزىڭلارنىڭ قىسمىتىنى بىر قىلىپ مېنى ياخشى كىشىلەر بىلەن قۇدا بولۇشقا نېسىپ قىپتۇ.شۇڭا مەن تەڭرى ھۆكمىگە، تەڭرىنىڭ رايىغا قارشى چىقىپ نىمە قىلىمەن؟! ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزنى بەندە قىلىپ ئوخشاش بولمىغان قىسمەت بىلەن ياراتتى.بىرىمىز پاراغەتتە بولساق، بىرىمىز جاپادا؛بىرىمىز ھالاۋەتتە كېرىلسەك، بەزىلەر داد- پاريادتا؛بىرىمىزگە بايلىق ۋە ھالاۋەت بېرىلگەن بولسا ،بىرىمىزنىڭ يوقلۇقتىن دىلى ئېزىلىپ تۇرىدۇ.لىكىن ئاخىرىدا ھەممىمىز بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ تۇپراققا قايتىپ تۇپراقتا ئوخشاش، باراۋەر بولىمىز. جاھاننىڭ ھىكمىتى شۇ، ھەممە نەرسە شۇ تۇپراقتىن يارىلىپ ئاخىرىدا يەنە شۇ تۇپراققا قايتىپ تامام بولىدۇ.  مەن ئوغلۇمنىڭ بەختىنى كۆزلەپ  سىزنىڭ ئارزۇ قىلغىنىڭدەك ئىش كۆرمەك بولۇپ  شاھىنشاھىمىز مەنۇچېھىرگە ئاتاپ بىر پارچە نامە پۈتكەن ۋە ئۇنى ئوغلۇمدىن ئەۋەتكەن ئىدىم. زال خەتنى ئېلىپلا خۇددى قانات چىقارغاندەك بولۇپ، ئېتىنى ناھايىتى تېز چاپتۇرۇپ، شامالدەك يۈرۈپ كەتكەن ئىدى.مەنۇچېھىرنىڭ بۇ خەتكە نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلمەيمەن.پەرىزىمچە يامانلىقتىن ياخشىلىق كۆپرەك.قۇش بالىسى زال زەرنىڭ دىلى ئىشىق دەردىدە بەكمۇ ۋەيران، كۆز ياشلىرىدىن بولسا  يەرلەر پاتقاق بولۇپ  گىياھلار ئۈنۈپ چىقپتۇ.ئۈمىدىم شۇكى، كېلىنىمگىمۇ شۇنداق ئۇلۇغ ئىشىق نىسىپ بولسا ،ئۇمۇ ئوغلۇمنى ئاجايىپ مېھىر بىلەن ياخشى كۆرسە، ئۇلار ئىككىلىسى مۇرادىغا يېتىپ خۇشال بولۇپ كۈلسە ،سىز بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىزمۇ شاتلىقتىن يېرىلىپ كېتەرمۇ؟! شۇ تاپتا مىنىڭ كىمنى كۆرگۈم كىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ بولغۇسى كىلىنىمنى بەكمۇ كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ.
  -سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم.سىزگە بولغان ئۈمىد- ئىشەنچىمدىن قىلچە گۇمان قالمىدى.ئاللاھ خالىسا تىلىكىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.بىز مىھراب بىلەن شۇنى ئارزۇ قىلاتتۇقكى، ئەگەر پۇرسىتىڭىز يار بېرىپ سىز كابۇلغا قەدەم تەشرىپ قىلسىڭىز خوشلۇقتىن بېشىمىز كۆككە يېتەر ئىدى.قەدىمىڭىزگە خاكى پايە بولۇپ سىز ئۈچۈن بېشىمىز بىلەن مېڭىپ يۈرۈپ خىزمىتىڭىزنى قىلار ئىدۇق.
سىندۇخىت سامنىڭ تەبەسسۇم قىلىپ خۇشال كەيپىياتتا تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىدىكى غەم تاغلىرى،گۇمان چىگىشلىرىنى تامام چۆرۈپ تاشلىدى.
سام سىندۇختقا جاۋابەن مۇنداق دىدى:
-ئەي خانىش،دىلىڭىزدىكى بارلىق غەملىرىڭىزنى سۈرۈپ چىقىرىڭ.دائىم شاد-خورام بولۇڭ.ئىشىنىڭكى پات پۇرسەتتە تىلىكىمىز ئىجابەت بولۇر.
سىندۇخت بۇ سۆھبەتىتىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن تېزلىكتە مىھراب شاھقا چاپار ئەۋەتىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزدى:  
- دىلىڭىزدىكى بارلىق غەم ئەندىشىلىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاپ شادىمان بولۇڭ. ئېزىز مىھمانلارنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ھازىرلىقىنى كۆرۈپ قويۇڭ.بۇ نامىنىڭ كەينىدىن ئۆزۈممۇ ئۇزاققا قالماي قايتىپ بېرىپ بولىمەن.
ئەتىسى ھاۋا ناھايىت ئوچۇق بولۇپ كۈن پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى.مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئاپتاپ چاراخلايتتى.سالاپەتلىك خانىش سىندۇخت مىھمانخانا ئۆيدىن چىقىپ سامنىڭ خاس خانىسىگە كەلدى.تاجدار پالۋان ئاپتاپتەك كۈلۈپ ،ئېچىلىپ كىرىۋاتقان گۈزەل خانىشنى كۆرۈپ مەرھابا سۆزىدە ‹‹بانۇلار شاھى›› دىگەن پاساھەتلىك ئىبارىنى ئىشلەتتى:
-مەرھابا بانۇلار شاھى،قېنى يۇقۇرىغا ئۆتۈڭ،سىز بىز ئۈچۈن قىممەتلىك ئەزىز مېھمانسىز.تەختكە چىقىپ ئولتۇرۇڭ!
     سىندۇخىت جاۋابەن خۇش تەبەسسۈم ھەدىيە قىلدى.ئاندىن  سامغا نازۇك گۈل غۇنچىسىدەك ئېگىلىپ تازىم قىلىپ يەر سۆيۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى.ئاندىن كۆرسىتىلگەن يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ سام بىلەن بۈگۈنكى سۆھبەتنى باشلىدى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىندۇخت سامدىن ئۆيىگە قايتىشقا ئىجازەت سورىدى.سام ئۇنىڭ قايتىشىغا ئىجازەت بەردى.ئەمما مۇنداقلا ئاددى رەۋىشتە  ئۇزۇتۇپ قويمىدى.پەرمان چۈشۈرۈپ مەخسۇس سىندۇختنىڭ سەپەر جەريانىدا  ئولتۇرۇشى،شاھانە ئىززەت ۋە سەلتەنەتتىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن سايىۋەنلىك، ئەتراپى توسۇقلۇق ،سەككىز ئادەم كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان كاتتا تەخت  ياساتتى.ئۇندىن باشقا خانىشنىڭ  يولدا يېيىشى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋە ئىسىل نازۇ- نىمەتلەرنى بەرگەندىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى كەلگۈسى كېلىنى رۇدابەگە ئاتاپ شۇ چاغدا كەم تېپىلىدىغان ئەڭ قىممەتلىك ئالماس، گۆھەر، مەرۋايىتلاردىن،ئىسىل يىپەك رەختلەردىن سوغاتلارنى ھازىرلاپ بىرگە ئەۋەتتى.ئەۋەتكەن نەرسىلىرى شۇنچە كۆپ ئىدىكى،سېغىن كالىلار،ئات ئۇلاغلار،كىگىز گىلەملەر شاھانە كىيىملەردىن تارتىپئىسىل تۇرمۇش بۇيملىرىنىڭ تۈرلىرىدىن ھەممە نەرسە بار ئىدى.بۇلار سىندۇخىتنىڭ سوۋغاتقا  ئېلىپ كەلگەنلىرىدىن قىمممەتتە قېلىشمايتتى.ئۇمۇ بولغۇسى كېلىنى رۇدابەنى خوش قىلىش ئۈچۈن ئىلكىدە بار قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئايىمىغان ئىدى.   
    سىندۇخت ماڭىدىغان چاغدا سام يەنە بىر قېتىم ئۇنى خاتىرجەم قىلدى:
  -مەن ئەھدەمگە ۋاپا قىلىمەن .سىز خاتىرجەم ھالدا كابۇلىڭىزغا قايتىپ شاد خورام ياشاڭ.ھىچكىم ھىچنەرسىدىن ئەنسىرىمەڭ.ئىراندىنلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىن سىلەرگە بىرەر كىشى  قەست قىلىپ لەشكەر باشلاپ كېلىدىكەن  مەن سام سىلەرگە ھامى بولۇپ سىلەرنىڭ ئامانلىقىڭلارنى قوغدايمەن.
بۇ ئىلتىپات ۋە جاۋاپتىن سىندۇخىتنىڭ گۈلدەك چېھرىگە يەنە يېڭىدىن رەڭ قېتىلىپ چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار كەبى كۈلدى.ئۇ شۇ ھالىچە يولغا چۈشتى.
ئەمدى قىسسىنى زالنىڭ ئىران  سەپىرىدىن باشلايمىز.
زال مەنۇچېھىرنىڭ يېنىغا يىتىپ كەلگەن ھامان مەنۇچېھىر ئۇنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال يۇرتتا بار بولغان ھۆرمەتلىك مۆتىۋەرلەرنى ۋە داڭلىق سەركەردىلىرىنى توپلاپ زالنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقتى.ياش  باھادىر زال مەنۇچېھىر زالنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغان جايغا يىتىپ كېلىپلا  خېلى يىراقتىنلا ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ شاھنىڭ ئالدىغا پىيادە كەلدى.ئاندىن شاھنىڭ پۇتىغا باش قويۇپ زىمىننى سۆيۈپ ھۆرمەت سالىمى بەردى.سالامدىن كېيىن شىرىن كالاملىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ نۇرغۇن تاتلىق سۆزلەرنى قىلىپ مەنۇچېھىر شاھنى مەدھىيەلىدى.
مەنۇچېھىر شاھمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسۈتۈپ  خاس چاپارمەنلىرىگە بۇيرۇدى:
  -دەرھال سام ئوغلىنىڭ يۈزىدىكى سەپەردە قونغان چاڭ-توزانلارنى سۈرتۈپ قويۇڭلار. كىيىملىرىدىكى چاڭ-توزانلارنىمۇ تازىلاپ مۈشكى- گۇلاب سېپىپ  ھاردۇقىنى چىقىرىڭلار.
پەرمانغا بېنائەن زالنىڭ كىيىملىرى قېقىشتۇرۇلۇپ گۈل سۈيى سېپىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن مەنۇچېھىر ئۇنى ئۆزىگە يېقىنراق كېلىشكە ئەمىر قىلدى.زال ئۇنىڭغا يېقىن بارغاندىن كېيىن شاھ ئۇنىڭدىن سەمىمى ھال ئەھۋال سورىدى:
  -ئەي ياش پالۋان،سەپەر رىيازىتى چېكىپ مەن تامان كېلىپسىز.نىمە قىيىن ئىشلارغا دۇچ كەلدىڭىز؟
زال ھۆرمەت بىلەن جاۋاپ قايتۇردى:
  -بۇ سەپەر  مەن ئۈچۈن رىيازەت ئەمەس،بەلكى پەخىرلىنەرلىك ئۇلۇغ سەپەردۇر.چۈنكى مەن بۇ سەپىرىم ئارقىلىق جانابى ئالىلىرىنىڭ مۇبارەك دىدارىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم .
زال سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاتىسى يېزىپ بەرگەن سالامنامىنى ئېلىپ ھۆرمەت بىلەن شاھقا تاپشۇرۇپ بەردى.مەنۇچېھىر سامنىڭ خېتىنى ئېلىپ ئوقۇپ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن رەنجىش ئورنىغا  سامنىڭ سەمىمىلىكى ۋە ۋاپادارلىىقىدىن ئالەمچە سۆيۈندىشۇڭا  مۇنداق دىدى:
    -سام ئۇرۇش قىلىشنى توختۇتۇپ قويۇپ بىزنى كۆپ رەنجىتكەن ئىدى.مانا ئەمدى بۇ مەكتۇبى ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى ئاۋات قىلدى.گەرچە ئۇنىڭ دۈشمىنىمگە قارشى جەڭ قىلماسلىقى ماڭا مەقبۇل كەلمىسىمۇ، لىكىن ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا  سامنىڭ دىگىنىچە بولسا  مەنمۇ قارشى تۇرمايمەن.ئەي پالۋان يىگىت،مۇرادىڭىز رۇدابەنى ئېلىش بولسا بولدى، مەن سېزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزەي.پەرمانىم سىزنىڭ پايدىڭىز ئۈچۈن بولسۇن.مەن ئىشىڭىزنىڭ ئاخىرىنى  بىجىرگۈزۈپ بولغۇچە، بىر مۇددەت ھوزۇرۇمدا مىھمان بولۇپ تۇرۇپ تۇرغايسىز.


شاھ پەرمان چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن زالنى ئالى مىھمانلارنى كۈتىۋالىدىغان زىياپەت ئۆيىگە باشلاتقۇزدى.ئۇنىڭ ئالدىغا شاھانە زەر داستىخانلارنى سالغۇزۇپ،ئەڭ ئىسل يىمەكلىكلەر،خۇشبۇي مەي-شاراپلارنى تەييارلاتقۇزۇپ ئۇنىڭ شەرىپىگە شاھانە زىياپەت بەردى. زىياپەتكە داڭلىق ناخشىچى،ئۇسۇلچى ۋە سازەندىلەرنى چاقىرتىپ ئەڭ ئىسىل ناخشا-كۈيلەرنى ئورۇنلاتقۇزدى.زالنى تەختتە ئۆز يېنىدا  ئولتۇرغۇزۇپ خۇددى ئۆز ئوغلىدەكلا مېھرىبانلىق كۆرسۈتۈپ ھۆرمىتىنى قىلدى.
بۇ بەزمىدە شاھنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن -كىشىلىرى،يۇرت مۆتىۋەرلىرى، خاس كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.ئويۇن- تاماششا بىلەن  مىھماندارچىلىق بىر ئۆيدە ئاخىرلاشسا يەنە بىر ئۆيدە باشلىنىپ خېلى كۈنلەرگىچە داۋاملاشتى.مەي شاراپلار ئىچىلىپ ،كۆڭۈللەر ئېچىلىپ، بىرەر ئايچە ۋاقىت بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كەتتى.مىھماندارچىلىقلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ زالغا قايتىشقا ئىجازەت بېرىلمىدى.قاتتىق زېرىككەن زال ئېتىغا مىنىپ، يىگىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بەزى كۈنلىرى شەھەرنىڭ  كوچا -رەستىلىرىنى كۆرۈپ سەيلە تاماششا قىلسا ،يەنە بەزى كۈنلىرى شىكارغا چىقاتتى.شىكاردا  ئات چاپتۇرۇپ، جەرەن كىيىكلەرنى ئوۋلاپ  ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ يۈردى.
بىر كۈنى شاھ پەرمان قىلىپ قالدى:
-تېزدىن پەرمانىمنى ئەلگە يەتكۈزۈڭلار.پايتەختىمىز تەۋەسىدىكى جىمىكى ئالىم- ئۆلىملار،دانا –ھۆكۈمالار،تەدبىركار مۇبەدلەر،يۇلتۇزشۇناس پالچى-مۇنەججىملەر  ھوزۇرۇمغا يىغىلسۇن.پال ئېچىپ زال زەرنىڭ كىيىنكى ئىقبالىدىن مېنى خەۋەردار قىلسۇن.
پەرمانغا بىنائەن بارلىق يۇلتۇزشۇناس پالچىلار يىغىلىشتى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ،پال كىتاپلىرىنى كۆرۈپ،مۇرەككەپ زىج ھېساپلىرىنى قىلىشىپ زال ھەققىدە  پال ئېچىپ ساراڭ بولۇشتى.ئۇچ كۈندىن كېيىن پالچىلار شاھ ھوزۇرىغا كىرىشتى. ھىندىچە زىج ھېسابى ئارقىلىق پالغا ئايان بولغان ئىشلارنى شاھقا مۇنداق دەپ مەلۇم قىلىشتى:
     -ئەي شاھىم،ئايلىنىپ تۇرغۇچى چەرخنىڭ ھېسابى تەييار بولدى.بىزگە ئايان بولغان ئىشلاردىن شۇنى بىلدۇقكى،سام ئوغلىنىڭ ئىشلىرى خۇددى ئېقىن سۇدەك ئاسان يۈرىشىپ كېتىدىكەن. بۇ سام ئوغلى بىلەن ئۇ رۇدابەدىن بەھەيۋەت بىر ئوغۇل دۇنياغا كېلىدىكەن.بۇ پىلتەنلىك ئوغۇل ناھايىتى كۆپ يىل ياشايدىكەن.بەك ئالىجاناپ ئادەم بولىدىكەن.باتۇرلۇقتا،مەرد-مەردانىلىقتا دۇنيادا يىگانە ئىكەن . دائىم يېڭى-يېڭى جەسۇرلۇقلارنى ،ئادەم ھەيران قالغۇدەك باتۇرلۇقلارنى قىلىپ تۇرىدىكەن.مەيلى بەزمىدە، مەيلى ئۇرۇشتا بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىم تەڭ بولالمايدىكەن. نەگە ئات چاپتۇرۇپ بارسا شۇ يەرنى بويسۇندۇرۇپ تەسەررۇپلىرىغا قوشۇپ بېرىدىكەن. شۇنداق ھەيۋەتلىك ۋە نامدار بولىدىكەنكى، دۇچ كەلگەن رەقىپلىرىنىڭ جىگىرى يېرىلىپ ھەممىسى  يەر چىشلەيدىكەن.ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن بۈركۈت كۆكتە ئەركىن  قانات قاقالماس،چوڭ-كىچىك دۈشمەنلەر نىجاتلىق تاپالماس ئىكەن.ئۇ قەددى-قامەت جەھەتتە تاغدەك قامەتلىك بىر ئەر بولىدىكەنكى،ئەگەر  سالما تاشلىسا شىر يولۋاسلارمۇ ئۇنىڭدىن  قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن. ئۇ ئىران شاھىنىڭ نەۋكىرى ۋە مەشھۇر سەركەردىسى، قەھرىمانى بولىدىكەن.بارلىق پالۋانلار، باتۇرلار كۈچلۈك رەقىپكە دۇچ كېلىپ رەقىبىگە ئامال قىلالمىغاندا  ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدىكەن. ئۇ ھەرقانداق دۈشمەننى يېڭىپ  مۈشكۈللەرنى ئاسان قىلىۋېتەلەيدىكەن.
ئەللامەلەرنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان شاھ  ئىنتايىن خوشال بولدى.ئۇلارغا ئالتۇن كۆمۈشلەردىن رازى بولغۇدەك مۇكاپاتلارنى بەردى.ئاندىن  بۇ ئىشنى قاتتىق سىر قىلىپ ساقلاشنى تەلەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ قايتىشىغا ئىجازەت بەردى.
ئارىدىن خېلى كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن  بىر كۈنى زال كەمىرىنى باغلاپ شاھ ئالدىغا كىرىپ كەلدى.مەقسىدى شاھ بىلەن خوشلۇشۇپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتماقچى ئىدى.پالدىن كېيىن مەنۇچېھىر زالغا بەكلا قىزىقىپ قالغان ئىدى.شۇڭا ئۇنى مۇنداقلا ئەۋەتىۋەتكۈسى كەلمىدى.ئۇ زال يۇرتىغا قايتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا  بىر نەچچە ئىنتاھان ھازىرلاپ ئۇنى ئەقىل ۋە جاسارەت  جەھەتتىن  سىناپ كۆرمەكچى بولدى.بىرىنچى سىناق ئەقىل- پاراسەت سىنىقى ئىدى.شۇ سەۋەپتىن مەنۇچېھىر مەملىكىتىدىكى ئالىم-ئۆلىمالار،ھۇشيار –تاپقۇرلار ۋە تەدبىركار دانالارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى يىغىلغان چوڭ ئەنجۈمەن ئويۇشتۇردى.  بۇ سورۇنغا زال زەرنى ئالاھىدە چاقىرتىپ كىردى.بۇ ئولتۇرۇشتا  سورۇن ئەھلى نىشانلىق ھالدا زال بىلەن تېپىشماق ئويۇنى شەكلىدە ئەقىل سىنىقى قىلىشتى . مۇبەدلەردىن بىرى سۇئالىنى باشلىدى:
  -مەن بىر جايدا ئون ئىككى دەرەخنى كۆردۈم. ھەر بىر دەرەخنىڭ ئارتۇق ياكى كەم ئەمەس، پەقەت ئوتتۇزدىنلا شېخى بار ئىكەن.يوپۇرماقلىرىنىڭ بىر يۈزى قارا، بىر يۈزى ئاق كېلىدىكەن. سىزنىڭچە بۇ نىمىدۇر؟
  -ئۇ ئون ئىككى دەرەخ بىر يىل ئىچىدىكى ئون ئىككى ئايدۇر.ھەر بىر ئاينىڭ ئوتتۇزدىن كۈنى بار.ھەر بىر كۈن يوپۇرماققا سىمۋۇول قىلىنغان بولۇپ ئاق رەڭ  كۈندۈزگە،قارا رەڭ كىچىگە مىسال قىلىنغاندۇر .
    ئىككىنچى مۇبەد سۇئالىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
-        بۇ دۇنيادا  مەن تېز چاپار ئاتتتىن ئىككىنى  كۆردۈم .بىرىنىڭ رەڭگى كۆمۈردەك قاپقارا ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ رەڭگى بولسا قاردەك ئاپپاق ئىكەن.بۇلار تىنماستىن شىددەت بىلەن چېپىپ يۈرىشىدىكەنۇ ئەمما بىر -بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالمايدىكەن سىزنىڭچە بۇ قانداق ئاتلاردۇر.
-        ئاق ئات كۈندۈز، قارا ئات بولسا كېچە .ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ تۇرىدۇ، لىكىن كېچە بىلەن كۈندۈز ھەرگىز ئۇچرىشىپ قالمايدۇ.
ئۈچىنچى دانا ئورنىدىن تۇرۇپ سۇئالىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
-ھەممە كىشى كۆرۈپ تۇرىدىغان ئوتتۇز چاپار بار ئىكەن.ئۇلار ھەر كۈنى ئالدىراش چېپىپ يۈرىدىكەن. بەزى چاغلاردا قارىىساڭ بىرى كەم كۆرۈنىدۇ.لىكىن سانىساڭ يەنىلا ئوتتۇز بۇ نىمە؟
- بۇمۇ ئوخشاشلا سۇئال ئىكەنغۇ ؟بۇ چاپارلار- بىر ئاي ئىچىدىكى كېچىسى ئاي كۆرۈنىدىغان كۈنلەردۇر.يەنى ئاي ھېسابىدۇر. ئاي بېشىدىكى دەسلەپكى كۈنى ئاي كۆرۈنمەيدۇ.لىكىن ھېساپلاپ كۆرسەك بىر ئاي يەنىلا ئوتتۇز كۈندۇر.
تۆتىنچى مۇبەد ئورنىدىن تۇرۇپ سۇئالىنى سوراشقا تۇتۇندى:
   -بىر كۆركەم گۈلزارلىق بار ئىكەن.ئۇنىڭ ھەر خىل گۈل- گىياھلىرى ۋە شوخ سۇلىرى بار ئىكەن. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر ئورمىچى پەيدا بولىدۇ.ھۆل-قۇرۇق دىمەي ئورغاق سېلىپ ئالدىغا ئۇچرىغان گىياھلارنىڭ ھەممىسىنى ئورۇپ تاشلايدۇ.دادۇ- پەريادىڭغا قۇلاق سالمايدۇ بۇ نىمە؟
- سىز ئېيتقان  كۆكلەم-گۈلزارلىق- بۇ دۇنيادۇر.گىياھلار بولسا- دۇنيا كىشىلىرى.ئورمىچى بولسا- ئەجەل پەرىشتىسى. ئەجەل كەلگەندە چوڭ- كىچىك دىمەيدۇ.باي-كەمبەغەل دېمەيدۇ،ئەجىلى يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا جېنىنى ئالىدۇ.ئەجەل پەرىشتىسى ئەزەلدىن بىرەرسىگە رەھىم قىلىپ باققان ئەمەس.
ئەمدى نۆۋەت بەشىنچى دانىشمەنگە كەلدى.ئۇ مۇنداق سۇئال سورىدى:
   -مەن ئىگىز ئىككى قامەتنى كۆردۈم.ئۇلار خۇددى سۇدىكى قومۇشتەك قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىگە بىر قۇش ئۇۋا سالغان بولۇپ دائىم ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپلا يۈرىدۇ.قۇش بىر تەرەپكە ئۇچسا گۈل گىياھلار سولىشار،يەنە بىر ياققا ئۇچسا بارلىق ئۆسۈملۈكلەر ياشىرىپ كېتەر. ئۇلاردىن پەقەت  بىرىلا دائىم ياشايدۇ. يەنە بىرى بولسا ماتەملەر ئارا قۇرۇپ كېتىدۇ.بۇ نىمە ئەھۋال؟
  -بۇ ئىگىز ئىككى قامەت مەشرىق بىلەن مەغرىپ بولۇپ،  ئىككىسى ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرىدىغان قۇش قۇياشتۇر.ئۆسۈملۈكلەر قۇياشتىن نۇر ۋە ئوزۇق ئېلىپ ياشىرىپ تۇرىدۇ.قۇياش نۇرى كۆرمىگەن مەھەلدە بولسا سولىشىپ راۋان ئۆسەلمەيدۇ.بۇنى يەنە ئادەمنىڭ ئىككى خىل تەقدىرىگىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ.بەزى ئادەملەر بار.ھاياتلىقىدا ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇخىل كىشىلەر ئۆلۈپ كەتسىمۇ  ئۇلۇغ نامى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ . يەنە بەزى كىشىلەرمۇ بار.ھايات تۇرۇپ ئادەمدەك كۈن كەچۈرمەيدۇ.ياخشى ئىشلارنى،ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلمايدۇ.بۇنداقلار ئۆزى ھايات بولسىمۇ نامى چىقمايدۇ. بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.ئۇلار ئۆلۈپ كەتسە كىشىلەر ئۇلارنى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ.
ئالتىنچى مۇبەد مۇنداق سۇئالنى سورىدى:
    -ئىگىز تاغلارنىڭ ئارىسىدا تولىمۇ پاكىز بىر شەھىرىستان بار ئىكەن.ئەقىللىق كىشىلەر ئۇيەردىن قېچىپ چىقىپ  چۆلدە يېڭى يەرلەرنى ئېچىپ،ئىگىز-ئىگىز يېڭى بىنالارنى سېلىپ يېڭى شەھەر بەرپا قىلىپ ياشايدىكەن.بۇ يەرگە كەلگەنلەر كەمبەغەل ۋە باي دەپ ئىككى تائىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن.ئەسلىدىكى شەھىرىستان بىلەن  ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن.ھەتتا ئۇ توغرىلىق گەپ- سۆزمۇ قىلىشمايدىكەن .توساتتىن بىر كۈنى قاتتىق بىر زىلزىلە چىقىپ يەردە ئۈنگەن،بەرپا بولغان  ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىكەن.دەل شۇ چاغدا ھەممە ئەسلىدىكى شەھىرىستانغا مۇھتاج  بولۇپ قايتىپ كەتمەكچى بولىدىكەن،لىكىن  قايتالمايدىكەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق پۇشايمان قىلىشلار باشلىنىدىكەن. بۇ تېپىشماقتا نىمە سىر بار تېپىپ باققان بولساڭ!
  -ئىگىز تاغلار ئارىسىدىكى شەھىرىستان بولسا ئۇ دۇنيا يەنى ئەبەدىلىك ماكانىمىز بولغان جەننەتتۇر.ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھاۋا ئانىمىزنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزىشى تۈپەيلى بىز ئىنسانلار  جەننەتتىن قوغلىنىپ بۇ مۇشەققەت ئالىمىگە كەلگەنمىز.بىز بۇ دۇنيادا باي  ۋە كەمبەغەل دىگەن ئىككى گوروھقا بۆلۈنۈپ ھايات كەچۈرىمىز.ئەمگەك قىلىپ قان تەر ئاققۇزۇپ كۆپ رەنجى مۇشەققەتلەرگە دۇچار بولىمىز.بىز ھايات دولقۇنلىرىدا تىرىكچىلىك غېمى بىلەن بولۇپ كېتىپ ئاللاھنى ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ كېتىمىز.تائەت -ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماي شەيتانغا ئەگىشىپ كېتىمىز.مەلۇم بىر كۈنى تۇيۇقسىز قىيامەت قايىم بولىدۇ.بىز شۇ چاغدىلا ھەقنى تونۇپ قىلغانلىرىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.لىكىن بۇ چاغدا قىلغان پۇشايمىنىمىز ھەرگىز پايدا بەرمەيدۇ.ھەق دەرگاھىغا قايتقاندىن كېيىن ھەممىمىز قىلمىشىمىزغا چۈشلۇق ‹‹مۇكاپات››قا ئېرىشىپ ئەسلى ماكانىمىزنى تاپقان بولىمىز.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،پادىشاھ زالنىڭ ئەقلىنى سىناپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە قايىل بولدى.ئەمدىلىكتە ئۇنى يەنە مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ باتۇرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ھەربى ماھارىتىنى سىنىماقچى بولدى.
ئەقىل سىنىلىدىغان تېپىشماقلىق يۈزتۇرانە ئىنتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سورۇن ئەھلى زالنىڭ يىتۈك ئەقلى ۋە تاپقۇرلۇقىدىن ھەيران قېلىشتى.ئۇنىڭغا بارىكاللا ئېيتمىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى.بولۇپمۇ مەنۇچېھىر شاھ ھەممىدىن بەك خۇشال بولۇپ كەتتى.شاھ شۇ شاتلىقىدا زالنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۇنىىڭ ئەقىل سىنىقىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كاتتا بىر بەزمىگاھ ئورۇنلاشتۇردى.‹‹كاتتا›› دىگەن سۈپىتىدىنلا ئوقۇرمەنلىرىمىز بايقاپ ئالالايدۇكى، بۇ يىمەك -ئىچمەكتە موللۇق، باياشاتچىلىق بولغان، ناھايىتى كۆپ ئادەم قاتناشقان بىر بەزمە بولغان ئىدى.شاھ زالنى ئەتىۋارلاپ يېنىدىن ئورۇن بېرىپ بىرگە ئولتۇردى.تۈرلۈك نازۇ- نېمەتلەردىن تېتىغاچ بىرگە شاراپ ئىچىشتى.شاھ ئۇنداق قىلىۋاتسا قالغانلار قاراپ تۇراتتىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يۇقرى دەرىقىلىك نامدارلارنىڭ ھەممىسى زال بىلەن قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ ئۇنى شاتلىق بەزمىسىنىڭ ئەتىۋارلىق  مېھمىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئىچىشۋازلىق تاكى ئاي پاتقۇچە داۋاملىشىپ سورۇن ئەھلى خۇدىنى بىلىشەلمىگۈدەك دەرىجىدە مەست بولۇشۇپ كېتىشكەندە ئاخىرلاشتى...
ئەتىسى قۇياش ھوجرىسىدىن ئۇيقۇسىغا قانمىغاندەك كۆزىنى قىزارتىپ چىقتى.قامالى ئاشكارە بولغاندىن كېيىن سېخى نۇرلىرى بىلەن ئالەمنى مۇنەۋۋەر قىلدى. ئاخشامقى سورۇندىن ئېغىر مەست قايتقان شاھ قېنىپ ئۇخلىۋېلىپ قوبۇلخانىسىغا  كۈندىكىدىن كېچىكىپرەك چىقتى.قوبۇلخانا سىرتىدا ئۇنى زال زەر ساقلاپ تۇرغان ئىدى.پادىشاھ تەختتىن ئورۇن ئېلىپ كۈندىلىك مەلۇمات ۋە خەت -ئالاقىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتتا زال ئالدى بىلەن كىرىپ شاھنىڭ تەختى يېنىغا تىزلىنىپ يەر سۆيدى.قوبۇلدىن كېيىن  ئۆزىنىڭ قايتىپ كېتىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
    -ئەي مىھرىبان شاھىم،ئالەمدە تەڭداشسىز ئۇلۇغ شەھرىيار ! مەن ھوزۇرلىرىغا كەلگىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى.مانا ئەمدىلىكتە ئاتامنى سېغىنىپ دىدارىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار  بولماقتىمەن.پىل سۆڭەك تەختلىرىنىڭ ئايىقىنى سۆيۈپ تۇرۇپ سىلىدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا ئەمدى يۇرتۇمغا قايتىشقا ئىجازەت بەرگەن بولسىلىرى ئارزۇيۇمغا يېتىپ ھىممەتلىرىدىن سۆيۈنگەن بولار ئېدىم.
  -ئەي ياش پالۋان،شىر قامەت ئەزىمەت ،ئىلتىماسىڭنى تەستىقلاشقا بولىدۇ.لىكىن سەن ئالدىرىغان بىلەن مەن تېخى سىنىڭ دىدارىڭغا تولۇق  قېنىپ، ئالەمشۇمۇل كارامەتلىرىڭنىڭ ھەممىسى بىلەن تونۇشۇپ بولالمىدىم.تۈنۈگۈنكى ئەنجۇمەندىن كېيىن سېنىڭ ئەقىل- پاراسىتىڭ ۋە مول بىلىمىڭنى كۆرۈپ بەكمۇ خوشال بولدۇم ۋە ئاتاڭنىڭ ئورنىدا سەندىن پەخىرلەندىم.ئەمدى ساڭا دەيدىغان  يەنە بىر ئىلتىماسىم بار .ھە دېسىلا كېتىشكە ئالدىرىماي ھوزۇرۇمدا يەنە بىر -ئىككى كۈن تۇرۇپ بەرگىن.ئەتە سەن ئۈچۈن كاتتا بىر ماھارەت كۆرسۈتۈش سورۇنى ھازىرلاپ بېرەي.بۇ سورۇنغا مىنىڭ ئەڭ نامدار  باتۇر سەركەردىلىرىممۇ قاتنىشىدۇ .سەن مۇشۇ سورۇندا ئۆزۈڭ ئۆگەنگەن بارلىق ئەلەم ماھارەتلىرىڭنى كۆرسۈتۈپ سەركەردىلىرىمنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويۇپلا قالماي ‹‹شىرنىڭ بالىسىمۇ شىر››دىگەن ھېكمەتكە يارىشا ئۆزۈڭنىڭ  سامنىڭ بالىسى بولۇشقا مۇناسىپ باتۇر ئەزىمەت ئىكەنلىكىڭنى نامايەن قىل.بۇمۇ بىر پۇرسەت،سەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ  ئۆزۈڭنىڭ ئەقىل- پاراسەت جەھەتتىلا ئەمەس،جەڭ ماھارىتى جەھەتتىمۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەزىمەت ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلاپ باشقىلارنىڭ ئاپىرىن سادالىرىغا بىر ئېرىشىۋالغان بولساڭ.
شاھ مۇنداق دەۋاتسا زال ‹‹ياق›› دىيەلەيتتتىمۇ!؟ ئۇ نائىلاج شاھنىڭ رايىغا باقتى.
شاھ شۇ زامات سەركەردىلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈردى.ئۇلار دەرھال  سەھراغا چىقىپ چېدىر -بارگاھلارنى تىكىش، ئىراننىڭ بارلىق داڭلىق سەركەردىلىرى ۋە پالۋانلىرىنى توپلاش، ھەربى ماھارەت كۆرسۈتۈش سورۇنى ھازىرلاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى.
ئەتىسى شاھ زال زەرنى بىرگە ئېلىپ سەھرادىكى ماھارەت كۆرسۈتۈش ئۈچۈن تەييارلانغان مەيدانغا كەلدى.شاھ كېلىشتىن بۇرۇن، نامدار پالۋانلار ئاللىقاچان توپلىنىپ كېلىپ بولۇشقان ئېدى.ئۇلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ،ئېلىشىشقا تولۇق تەييارلىنىپ، ماھارەت سىنىشىش مەيدانىنىڭ بىر چېتىدە رەتلىك  سەپ تارتىپ تۇرۇشقان ئېدى.شاھ  مۇسابىقىنى باشلاشقا پەرمان چۈشۈرگەندىن كېيىن  باتۇر سەركەردىلەر مۇسابىقە پائالىيىتىنى باشلىۋېتىشتى. ئالدى بىلەن ئىران باتۇرلىرى ماھارەت كۆرسەتتى.ئۇلار  ئۆزلىرى بۆلۈنگەن  گۇرۇپپىنى بىرلىك قىلىپ، ھەر بىر گۇرۇپتىن بىردىن پالۋاننى مەيدانغا چۈشۈرۈپ، ئۆز-ئارا يەككىمۇ يەككە ئېلىشقۇزۇش ئارقىلىق مۇسابىقىلەشتى.بۇ خىل ئۇسۇلدا يىڭىلگەنلەر مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىپ يەڭگەنلەر ساقلاپ قېلىناتتى.غالىپلار يەنە ئۆزئارا ئېلىشىشقا سېلىناتتى.مۇسابىقە ئاخىرىدا باشقا پالۋانلارنى يىڭىپ رەقىپلىرىدىن ئۈستۈن چىققان پالۋانلاردىن يەتتە نەپىرى مەيداندا قالدى. ئۇلار ئەمدى سورۇننى زال زەرگە بېرىشتى.ئۇ مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئېتىغا مىنىپ ئات ئۈستى ماھرىتى كۆرسەتتى.بۇ ماھارەتلەر ئىچىدە ئاتقا سەكرەپ مىنىش ۋە چۈشۈش،ئات ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇش،موللاق ئېتىش ،ئاتنىڭ يان تەرىپىدە ئېسىلىپ تۇرۇپ ئاتتتىن چۈشۈپ قەلماي تەڭ چېپىش دىگەندەك ئات ئۈستى چەۋەندازلىق ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى.كۆرگۈچىلەر ھاياجاندىن توختىماي بارىكاللا ئېيىتىشاتتى.شۇ كەمگگىچە ئىراندىن ھېچكىم زالدىن ئۈستۈنرەك ئات ئوستى ماھارىتى كۆرسۈتۈپ باقمىغان ئىدى.زال ئىككىنچى قېتىمدا  كاماندازلىق ماھارىتى كۆرسەتتى.بۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى قېرى ھەم ئىگىز بىر تۈپ دەرەخ بار ئىدى.زال زەر يىراقتىن ‹‹ھايۇ- ھاي، ھايت ›› دەپ نەرە تارتقىنىچە ئات سېلىپ كىلىۋېتىپ قولىغا ئوق بىلەن يانى ئېلدى-دە ھېلىقى دەرەخنىڭ غولىغا  قارىتىپ  بىر ئوق ئۈزدى.ئوق  غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كېلىپ دەرەخنىڭ  غولىنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۈچۈنچى نۆۋەتتە نەيزە ۋە قالقان ئىشلىتىپ ئات ئۈستىدە ئېلىشىش ماھارىتى كۆرسەتتى. زالنىڭ تەلىپى بويىچەئالدىنقى مۇسابىقىلەردە يېڭىپ چىققان يەتتە پالۋان قوللىرىغا نەيزە قالقانلىرىنى ئېلىشىپ، ئۇچقۇر جەڭ ئاتلىرىغا مىنىشىپ زالغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ھۇجۇم قىلىپ كېلىشتى.زال قىلچە تەمتىرىمەستىن چاققانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارغا تاقابىل تۇردى.مەيداندا  چاڭ -توزانلار كۆتۈرۈلۈپ نەيزە قالقانلار  بىر بىرىگە ئۇرۇلۇپ، چاقۇر -چۇقۇر ئاۋازلار ياڭراپ كەتتى.ئۇلار خېلى ئۇزاق ئېلىشتى. زال رەقىپلىرىنىڭ ئۇرغان نەيزىلىرىنى قالقان بىلەن توسۇپ ،نەيزىسىنى چاقماق كەبى تېز ئوينۇتۇپ بۇ پالۋانلارنىڭ  ھەممىسىنى ھالسىرىتىپ قويدى. ئۇلار قورقۇشۇپ ساراسىمىگە چۈشۈشتى.شۇڭا بىر- بىرى بىلەن ياخشى ماسلىشالمىدى.شۇتاپتا ئۇلار خۇددى چوڭ ئەركەك شىرغا دۇچ كەلگەن تەجرىبىسىز بۆرە كۈچۈكلىرىگە ئوخشاپ قالغان ئېدى.شۇڭا زالغا يېقىن كېلىشەلمەي ئۇيان- بۇيان ئات چاپتۇرۇشۇپ زالغا قۇرۇق ھەملە قىلىپ ئاۋارە بولۇشاتتى.زال شۇ تەرىقىدە  بىر ھازا ئېلىشقاندىن كېيىن ئالدىغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ قالغان بىر پالۋانغا قارىتىپ  شىددەت بىلەن نەيزە ئۇردى.پالۋان دەرھال قالقان تۇتتى، ‹‹جاڭ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ زالنىڭ نەيزىسى قالقانغا ئۇرۇلۇپ ئۈچ قەۋەت پولات قالقاننى تېشىپ ئۆتتى.بۇ قاتتىق زەربىدە قالقان تۇتقان پالۋاننىڭ قولىمۇ قاتلىشىپ نەچچە يېرىدىن  سۇنۇپ كەتتى.بۇ ھالنى كۆرۈپ باشقا ئالتە پالۋان قورقۇپ كەتتى. شۇڭا ئۇلار زال بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي مەيداندىن چىقىپ كېتىشتى. كېيىنكى نۆۋەتتە شاھ شۇنچە چاقىرىق قىلسىمۇ زال بىلەن ئېلىشىشقا مەيدانغا چۈشۈشكە ھىچكىم جۈرئەت قىلالمىدى.زال ئېتىدىن چۈشۈپ پىيادە ھالەتتە پالۋانلارنىىڭ يېنىغا كەلدى.ئۇ ئۆزى بىلەن ئېلىشىشقا قۇربى يەتكۈدەك پالۋان ئىزدەپ پالۋانلارغا نەزەر سالدى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بويى ھەممىدىن ئېگىز ،ئۇستىخىنىمۇ باشقىلاردىن يوغان ئەجدەر كەبى بىر پالۋان تۇراتتى.زال ئېلىشىشقا شۇنى تاللاپ ئۇنىڭغا قارشى قاپلاندەك  ئېتىلىپ كەلدى.زالنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ كەتكەن ھېلىقى پالۋان شارتتىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ يۈگەرگىنىچە  ئېتىنىڭ يېنىغا باردى- دە چاققانلىق بىلەن ئېتىغا مىنىپ  قېچىشقا تەمشەلدى.ئۇنىڭ ئارقىسىدىن دەمبەس قەدەم قوغلاپ كەلگەن زال قولىنى بىرلا ئۇزۇتۇپ پالۋاننى ئىگەر ئۈستىدىن خۇددى كىچىك بالىنى يۇلغاندەك يۇلۇۋېلىپ بېشىىدىن ئىگىز كۆتۈردى ۋە نەچچە ئايلاندۇرۇپ يەرگە ئۇردى.پالۋاننىڭ تېنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇلۇپ مەلەخ-مەلەخ بولۇپ كەتتى.ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرەلمەي ئىزىدىلا جان ئۈزدى. شاھ مەنۇچېھىر بۇ ھالنى كۆرۈپ ماھارەت سىنىشىشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا رايى بارماي دەرھال ئاخىرلاشتۇردى. زالغا تەھسىن- ئاپىرىنلار ئوقۇپ يەتكۈچە ماختىدى.ئىران پالۋانلىرىنىڭ ھەممىسى زالدىن قاتتىق چۆچىدى.شۇ كۈندىكى ماھارەت سىنىشىش زالنى ئىران پادىشاھلىقىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك پالۋانلىق ئورنى ۋە شان-شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلدى.ئەل ئۇنى ‹‹تەڭداشسىز ساماۋى پالۋان›› دەپ ئاتايدىغان بولۇشتى.ئوردىغا قايتقاندىن كېيىن ئوردىدىكى چوڭ- كىچىك بەگ ئەمەلدارلار ،باتۇر سەركەردىلەر يىغىلىپ كېلىپ زالغا قىممەتلىك  سوغا –سالاملارنى تەقدىم قىلدى.ئادەم كۆپ بولغاچقا زالنىڭ ئېرىشكەن سوۋغىلىرىمۇ كۆپ بولدى.زال شۇ كۈنكى غەلىبىسى ئۈچۈن شۇ كۈنى كەچ يەنە كاتتا زىياپەت بىلەن كۈتۈۋېلىندى.ئەتىسى مەنۇچېھىر شاھ سامغا ئاتاپ تەييارلىغان  جاۋاپ مەكتۈپنى زالغا تۇتۇقۇزدى،زال كەلگەندىن بېرى ئېرىشكەن غايەت كۆپ سوۋغا -سالاملارنى ئات ئۇلاغلارغا ئارتقۇزدى ۋە نەچچە  يۈز خىزمەتچىنى بۇ سوۋغا-سالاملارنى ساق -سالامەت يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەيىنلىدى.  ئۇلاردىن زور  كارۋان ھاسىل بولدى.ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن شاھ زال زەرنى زور داغدۇغا بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى.

زال سەپەرگە ماڭغاچ تۇرسۇن، ئەمدى بىز مەنۇچېھىر شاھنىڭ  سامنىڭ مەكتۇبىغا زادى نىمە دەپ جاۋاپ يازغانلىقىغا قاراپ باقايلى:‹‹ نامىغا شەرەپ قۇچقان ئەي پالۋان ئەر،سەن ھەر بىر ئىشتا غەلىبە قىلغۇچىدۇرسەن،جاھان سەندەك ئەردىن ئىككىنچى بىرىنى كۆرۈپ باققان ئەمەس.مەيلى بەزمىدە، مەيلى ئۇرۇشتا، ساڭا تەڭ كەلگۈدەك ئىنسان تېخى تۇغۇلمىغاندۇر.مەن بۇ مەكتۇپ ئارقىلىق سېنى قۇتلۇقلايمەنكى، تەڭرى ساڭا زالدەك مەرد ئوغۇلنى نىسىپ قىپتۇ. ئۇ جەڭ پەيتلىرىدە شىرمۇ خىجىل بولۇپ قالغۇدەك قورقماس چەۋەنداز ،جەڭ ھۈنەرلىرىگە كامىل يىگىت ئىكەن.شۇنداقلا مىڭ يىگىتكە بەرگۈسىز ،ئاتا ئىزىنى بېسىپ  ئەجدات نامىنى ساقلاپ قالغۇچى باتۇر ئەزىمەت ئىكەن.ئۇ بىزگە كېلىپ  ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى،نىمە ئارزۇسى بارلىقىنى،نىمىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىىنى،دىلى نىمىدىن ئاراملىق تاپىدىغانلىقىنى بىر بىرلەپ  ئىزھار قىلدى.مەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ماقۇل بولدۇم .ئۇ شۇنداق يېقىشلىق،شۇنداق ئىسىل، ئالىجاناپ ئادەم بوپتۇكى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان كۈنلەر ھاياتىمدىكى يورۇق كۈنلەر بولۇپ تۇيۇلدى.ئۇنىڭغا ئۆزۈممۇ سەزمەي  قاتتىق مېھرىم چۈشۈپ قاپتۇ.كونىلار:‹شىردىن- شىر تۇغۇلار،پەلەڭ(يولۋاس)دىن -پەلەڭ› دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن.مەن ئۇنى ئىنتاھانلارغا سېلىپ كۈزەتتىم .ئۇنىڭ ئالدىغا ھەتتا لەھەڭ دۇچ كېلىپ قالسىمۇ لەھەڭ ئاجىزلىق قىلىدىكەن.مەن ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئامانلىقىنى، يامانلىقلارنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىنى تەڭرىدىن تىلەيمەن... ››.
زال يۇرتىىغا يىتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا ئاتىسىغا چاپاردىن خەۋەر ئەۋەتتى.چاپار شۇنداق خەۋەر ئېلىپ كەلدى:
-شاھ مېنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، غايەت ئېتىبارىمنى قىلدى.ئەزىز مېھمان قاتارىدا كۈتتى.ئارزۇلىرىمنى مەقبۇل كۆردى. قايتارىمدا ئۇ ماڭا شاھلارغا خاس ئىسىل تاج،دۇر -گۆھەر،كېنىزەك،ئىسىل ئات ۋە ئاج ياغىچىدىن ياسالغان ئىسىل تەخت قاتارلىق قىممەتلىك نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلدى.مەن ھازىر يۇرتقا يېقىنلىشىپ كەلدىم،دىدارىڭىزنى سېغىنماقتىمەن.ھوزۇرۇڭىزغا تېزراق يەتسەم، ئايىقىڭىزنى تاۋاپ قىلسام دەيمەن.
سام بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ چەكسىز شاتلاندى. بۇ خوش خەۋەردىن كابۇلدىكىلەرمۇ خەۋەر تاپسۇن دەپ ئۇلارغىمۇ خەت ئەۋەتتى.خەت مەزمۇنى شۇنداق ئىدى:‹‹بىزگە ياخشى نىيەتلىرىمىز يولداش بولماقتا،شاھىنشاھ مەنۇچېھىر  زالغا زور ئىلتىپات كۆرسۈتۈپتۇ.قول ئاستىدىكىلەرمۇ كاتتا سوغا- سالاملارنى ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى خوش قىلىۋېتىپتۇ.ئۇ ھازىر يولدا كىلىۋاتىدۇ.ئۇ قايتىپ كەلگەن ھامان بارلىق ئىشلىرىمىزدا زور ياخشىلىنىشلار بولىدۇ. شۇندىلا بىز كۈتكەن ئارزلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز ›› چاپار تېزلىكتە كابۇلغا يىتىپ بېرىپ سامنىڭ خېتىنى مىھراب شاھقا تاپشۇردى.مىھراب شاھ خەتنى ئالدىراپ ئېچىپ ئوقۇدى.كۆڭلۈدىكى غەم قايغۇلىرى دەپئى بولۇپ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق يۈزلەندى.بۇندىن كېيىن زابۇل شاھى بىلەن قۇدا بولۇپ تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى مويسىپىتلىك دەۋرىدىن نەۋقىرانلىق پەسلىگە يانغاندەك ھىس قىلدى.شۇڭا شاتلىقىدا كاتتا  شاتلىق بەزمىسى ئۇيۇشتۇدى. بەزمىگە قول ئاستىدىكى مەمۇرى ۋە ھەربى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەكلىپ قىلىپ،داستىخانغا بىساتىدا بار ياخشى يىمەك-ئىچمەكلىرىنى تۆكمە قىلدى.بۇ ئارقىلىق شات-ىوراملىقى خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ئۇ بۇ سورۇنغا مىھرىبان، تەدبىركار ئايالى سىندۇختنىمۇ ئەزىز مېھمان سۈپۈتىدە تەكلىپ قىلىپ چىقىپ ئالاھىدە ھۆرمەتلىدى. يېنىدىن ئورۇن بېرىپ تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا بولغان تەشەككۈرىنى بايان قىلدى:
  -ئەي ئاقىلە جورام،چىھرىڭىز گويا تەڭداشسىز گۇلشەن.ئەقلىڭىز بولسا پارلاپ تۇرغان قۇياشكى، ئۇنىڭ بىلەن قارا كۈنلىرىمىز قوغلىنىپ، بەختلىك يورۇق كۈنلىرىمىز شاتلىق ئىچرە بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.بىز سىزنىڭ تۆھپىڭىز بىلەن جاھان پالۋىنىغا قۇدا بولۇدىغان بولدۇق.بۇ بەختىمىزگە جاھان شاھلىرىمۇ ھەيران قالىدۇ.ئۆزۈڭىز ھەممە ئىشقا تەدبىرلىك،ئايىقىڭىز  تولىمۇ چاققان،مىھمان ئۇزۇتۇشقا ماھىرسىز.ھازىردىن تارتىپ پۈتۈن خەزىنە ۋەمالىيە ۋەزىرىلىك ھوقۇق سىزگە تەئەللۇق بولدى.مىھمانلارنى كۈتۈۋېلىش،لايىقىدا سوغا تەقدىم قىلىش،توي جەريانلىرىدا مۇراسىم قائىدىلىرى،  توي خراجەتلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق بارلىق ئىشلارنى سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزغا بەردىم.
بەزمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىندۇخت قىزىنىڭ يېنىغا كىردى.كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاڭلىغان  يېڭى خۇش خەۋەرلەرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ  شۇنداق دىدى:
  -ئەي قىزىم ئاڭلاڭ، ئىىسل خۇش خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ.پالۋان شاھزادە ،شىر سۈپەت زال زەرىڭىز سىزگە دىلدارلىق كۆرسەتمەكتە.بەختىڭىز كۈلۈپ باقماقتا.بۇ دۇنيا مانا شۇنداق دۇنيا،پاك ئىنسانلار مەيلى ئەر،مەيلى ئايال بولسۇن، تا ئەزەلدىن قۇرۇق تۆھمەت -مالامەتلەردىن خالى بولغان ئەمەس.بالاغا سەۋىر قىلىۋىدىڭىز مانا بۈگۈن نىشانىڭىزغا يەتتىڭىز.نىمە ئىزدىگەن بولسىڭىز ئىزدىگىنىڭگە ئېرىشتىڭىز...
-ئەي شاھىبانۇ،سىزنمۇ ھەر بىر ئەنجۇمەندە ئەقىل- پاراسىتىڭىز، تەدبىرىڭىز بىلەن شان- شەرەپ ۋە ئابرۇي تاپتىڭىز.بېشىمغا ئۆلۈم كۈنلىرى يېقىنلاپ كەلگەندە  باتۇرلۇق بىلەن مەيدانغا چىقىپ پالۋان ئەرلەرمۇ كۆرسىتەلمىگۈدەك جاسارەت بىلەن خەتەرگە قارشى تەدبىر ئىشلەتتىڭىز. ئوڭۇشسۇزلۇقلارنى، بېشىمىزغا يوپۇرۇلۇپ كەلگەن قارا بالالارنى تۈگەتتىڭىز.سىز نىمە قىلغان بولسىڭىز مەن قىزىڭىز ئۈچۈن،قىزىڭىزنىڭ بەختى-ئارزۇسى ئۈچۈن قىلدىڭىز.ھەرقانداق بىر ئۆيدە سىزدەك جان كۆيەر  ۋە تەدبىرلىك بىر ئانا بولىدىكەن قىزى بەختسىز بولۇپ قالمايدۇ.مەن سىزنىڭ قەدرىڭىزنى باشقىدىن تونۇپ يەتتىم.بۈگۈن مەن ئايىقىڭىزنى قۇچاقلاپ بېشىمغا سۈرتىمەن. سىزنى بۇندىن كېيىن باشقىدىن ئۇلۇغلاپ ھەرقانداق بىر ئىشتا رايىڭىز بويىچە ئىش تۇتىمەن.پەرمانىڭىزدىن ھەرگىز چىقمايمەن.سىزگە يامان كۆزى بىلەن قارىغانلارنىڭ كۆزى كور بولسۇن!
سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ بىر جۈپ ئاي بىلەن ئاپتاپ ئۆينى جابدۇش،مېھمان كۈتۈۋېلىش،تويغا تەيارلىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
نۇرغۇن پۇل- مال سەرىپ قىلىنىپ ساراي قايتىدىن  جەننەتتەك بېزىتىلدى.مەي شاراپ، مۈشكى -ئەنبەر قاتارلىق لازىمەتلىكلەر قات- قات تىزىلدى.سارايلارغا ئارقاقلىرى زەردىن بولغان پاياندازلار سېلىندى.بۇ پاياندازلارنىڭ ئۆرۈشلىرى ياقۇت ۋە زەبەرجەتتىن ئىدى. ئايۋانغا زەردىن ياسالغان بىر تەخت قويدۇردى.بۇتەختنى چىن ئۇستىلىرى ياسىغان بولۇپ،ھەممە يېرىنى گۆھەر بىلەن بىزەپ، ئىخلاس بىلەن ئاجايىپ ئىسىل نەقىشلەرنى ئويغان ئىدى.بۇ نەقىشلەر جۇلاسى كۆزلەرنى چاقاتتى.ئۇنىڭ پايىسىنى ئۈنچ-ياقۇتلادىن بىزەپ شاھلارنىڭ تەختىدەك زور سەرمايە سەرىپ قىلغان ئىدى.رۇدابەنىمۇ توزدەك ياساندۇردى.شۇ تاپ ئۇنى جەننەت ھۆرلىرى كۆرسىمۇ ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە رەشىك قىلار ئىدى.ئۇ مەخسۇس ھوجرىدا تەنھا ئولتۇرغۇزۇلۇپ بۇ ئۆيگە ھىچكىمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.كابۇلنىڭ كوچا رەستىلىرىمۇ بىزىلىپ، گۈزەللەشتۈرۈلۈپ جەننەت گۈلزارلىقىغا ئوخشۇتۇلدى.ھەممە ياق رەڭگا-رەڭ گۈللەر ۋە سوۋغات بۇيۇملار بىلەن تولدى.كوچىلار يەنە رۇم شاھلىرىغا خاس ياسانغان پىللار بىلەن تولۇپ كەتتى.پىل ئۈستىلىرىدە بېشىغا تاج كىيگەن پەرى مەسەل نازىنىن قىزلار ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىشىپ ئەزىز مىھمانلارغا مۇنتەزىر بولماقتا ئىدى.كېنىزەك ۋە غۇلاملارمۇ يۈگرىشىپ يۈرۈپ  خىزمەت قىلىپ يوللارغا مۇشىك بىلەن ئەنبەر سېپىشمەكتە ئىدى.مىھمانلار كۈتۈۋېلىنىدىغان ھوجرا ئۆيلەرگە پاياندازلار،ئەتلەس شايىلار سېلىنىغان ،ھەر خىل گۈللەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى.مۈشىك ئەنبەرلەر شۇ قەدەر كۆپ سېپىلگەن ئىدىكى، ئۇنىڭ بىلەن يەرلەر ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئەمدى گەپنى يەنە زالدىن ئاڭلايمىز.زال ئاتىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ مىسالى ئۇچار قۇشتەك تېز كېتىۋاتاتتى.ساممۇ زالنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئاللىقاچان  خەۋەر تاپقان بولغاچقا ئۇنى  قارشى ئېلىش،شاھانە يوسۇندا كۈتۈۋېلىپ ئورىدغا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن ئالدىغا  چاپارلارنى ئەۋەتتى.جاكاچىلارمۇ كوچا- رەستىلەرنى چاڭ كەلتۈرۈپ زالنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خوش خەۋەرنى جاكالىماقتا ئىدى:
-ئەي خالايىق ،ئالاھىدە خوشاللىقتىن شاھىمىز بىلەن بىرلىكتە خۇشال بولايلى.شاھىمىزنىڭ يالغۇز ئوغلى،يەتتە ئىقلىمنىڭ  يېڭىلمەس باتۇرى،دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمىنى سام ئوغلى زال زەر شاھىنشاھىمىز مەنۇۇچېھىر ھوزۇرىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۈگۈن ئاستانىمىزگە قايتىپ كەلدى!
ئاتا- بالىنىڭ مىھىر- مۇھەببىتىگە گەپ كېتەمدىغان! ساممۇ ئوغلىنى سېغىنىپ دىدار كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولۇپ تۇرغان ئىدى .ئىككىسى كۆرۈشكەندىن كىيىن سام خوشاللىقىدا ئوغلىنى  مىھرى بىلەن چىڭ قۇچاقلاپ قولىنى قويۇۋەتمەي خېلىغىچە  قۇچاقلاپ تۇردى.زال ئاتىسىنىڭ قۇلىدىن بوشىغاندىن كېيىن ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلاندى. يەر سۆيۈپ تۇرۇپ مەنۇچېھىر ھوزۇرىدىكى چاغدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى قىسقا، مېغىزلىق ھالدا  بايان قىلىپ بەردى.كېيىن سام تەختكە چىقىپ ئوغلىنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى ۋە خۇشال- خورام پاراڭلاشقاچ كابۇل ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى زالغا سۆزلەپ بەردى. زال ئاڭلاپ كارامەت خۇشال بولۇپ كەتتى:
- ئەي ئوغلۇم،سەن شاھ ھوزۇرىغا كەتكەندىن كېيىن، كابۇلدىن ناھايىتى كۆپ سوغا سالاملارنى ئېلىپ كاتتا بىر دانا ئەلچى  كەلدى.ئەلچىنىڭ ئىسمىنى سىندۇخت دەيدىكەن. بۇ ئەلچى تولىمۇ پاك ۋە شىرىن كالام بىر ئايال ئىكەن.ئۇ مەندىن كابۇلغا زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا تىلەك تىلەپلا قالماي ئانىت ئىچۈرۈپ ۋەدە ئالدى.مەن ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە كابۇل خەلقى ۋە شاھ ئوردىسىدىكىلەرگە قىلچىلىك يامانلىق قىلماسلىق،نىمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى بىجىرىپ بېرىش توغرىسىدا  چىن كۆڭلۈمدىن ۋەدە قەسەملەرنى بەردىم.بىز بۇ ئەلچىلىكتە تۆۋەندىكى ئىشلارنى پۈتۈشتۇق.بىرىنچى گەپ شۇكى،زابۇلنىڭ ياش شاھى كابۇلنىڭ گۈزەل ماھى بولغان مەلىكىسى رۇدابەنى ئۆز ئەمرىگە ئالىدۇ.ئىككىنچى گەپ شۇكى،بىز كابۇلغا مىھمان بولۇپ بېرىپ دىلدىكى دەرتلىرىمىزگە دەرمان تېپىپ كېلىمىز.ئۇلارنىڭتوي ھەققىدىكى خەۋەرچى چاپارى سەندىن بۇرۇنراق كېلىپ ساقلاپ تۇرغان ئىدى.بىزنىڭ سەپەر تەييارلىقلىرىمىزمۇ پۈتۈپ پەقەت سېنىڭ كېلىشىڭنىلا ساقلاپ تۇرغان ئىدۇق.بۇ چاپارغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ كابۇل شاھى بىزدىن قانداق خوش خەۋەرلەرنى ئاڭلىسۇن؟!
داستان(زالنىڭ ھۆرمەت ئاتالغۇسى،بىز ئادەتتە رومانىمىزنىڭ باش قەھرىمانلىرى،ئەڭ داڭلىق پالۋانلىرىنى مۇشۇ ھۆرمەت نامى بىلەن ئاتايمىز) بۇ خوش خەۋەردىن بۆلەكچە خوشال بولۇپ ئاتىسىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولدى.چېھرى كۆكلەم يامغۇرىدىكى گۈللەردەك ئېچىلدى.شۇڭا ئۇ جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دېدى:
-        ئەي پالۋان ئاتا، سىزگە پۈتكۈل زىمىن تەھسىن ئاپىرىنلار ئېيتىدۇ.سىز مىنىڭ پاناھىم ۋە
يولباشچىم! ئەگەر سىز قەيەرگە يول باشلىسىڭىز مەن ئارقىڭىزدىن ئىككىلەنمەيلا ئەگىشىمەن.تەييارلىقلار پۈتكەن بولسا ياىشى بوپتۇ.بولىدۇ تېزراق يولغا چىقايلى.قالدى سۆزلىرىمىزنى يول ئۈستىدە قىلىشارمىز.
سام ئوغلىغا تەبەسسۈم بىلەن قاراپ باش لىڭشىتتى.ئۇنىڭ ئارزۇسىنى چۈشەندى.زالغا رۇدابە بولمىسا بولمايتتى.رۇدابەسىز ئۇنىڭغا نە يۈرەككە ئارام،نە كۆزگە ئۇيقۇ نىسىپ بولسۇن.كىچىلىرى مامۇق ياستۇقمۇ ئاشىق بوينىغا تىكەندەك پاتىدىغان تۇرسا ! ؟
سامنىڭ پەرمانى بىلەن ناغرا سۇنايلار چېلىندى.قوشۇن قارارگاھتىن قوزغۇلۇپ كابۇل تامان يولغا چىقتى.مىھرابنىڭ خەۋەر تاپقاچ تۇرۇشى ئۈچۈن ئالدىن  تېز يۈرەر چاپار ئەۋەتىلدى.چاپار مىھراب قەسرىگە يېتىپ كېلىپ مىھراب شاھقا سامنىڭ ئوغلى زال زەرنى ۋە قوشۇنلىرىنى ئېلىپ توي ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقى  ھەققىدىكى خوش خەۋەرنى يەتكۈزدى.مىھراب خەۋەرنى ئاڭلاپلا كەيپى چاغ بولدى.چىرايى نەرگىس گۈلىدەك ئېچىلىپ كەتتى.بۇيرۇققا بىنائەن ناغرا- كانايلار چېلىندى.ھەيۋەت ياسانغان لەشكەرلەر،بايرام بولغاندەك ئۇز ياسانغان پۇقرالار يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا رەتلىك تىزىلىشىپ مېھمانلارنى قارشى ئېلىپ تۇردى. سازەندىلەرنىڭ بەزىلىرى نەي چالسا،بەزىلىرى چاڭ چالاتتى.ھەممە تەرەپنى ناغرا- دۇمباق ئاۋازلىرى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ گويا ئەل ئىچىدە قىيامەت بولغاندەك ھەممە تەۋرەپ كىتىشكەن ئىدى.
ساملار كابۇلغا يېقىنلاپ  كەلدى. مېھراپ شاھ ئۇلارنى  قارشى ئېلىشقا يېرىم كۈنلۈك يولغىچە ئالدىغا چىققان ئېدى.سام كەلگەندىن كېيىن مېھراپ دەرھال ئېتىدىن چۈشۈپ سامنىڭ ئالدىدا  يەر سۆيۈپ تازىم قىلدى.ياخشى تەكەللۈپ سۆزلىرىنى قىلىپ سامغا ھۆرمەت  بىلدۈردى. ساممۇ ئۆزىنى چوڭلۇققا ئېلىۋالماي لايىقىدا ئىھتىرام بىلدۈرۈپ مېھراپ بىلەن شاھلارچە سالاملاشتى.مىھمانلارغا ئاپىرىنلار ئوقۇلدى.كۆرۈشۈش تاماملانغاندىن كېيىن مىھراب شاھ دەرھال ئېتىغا مىندى.ئەزىزلىنىپ كاتتا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىلگەن زال زەرنىڭ بېشىدا گۆھەردىن بېزەك بىرىلگەن زەر تاج بار ئېدى.ئۇ چىرايى بىلەن ھۆسۈن تالىشىپ  چاقناپ تۇراتتى.ئۇلار شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن  مىھمانلار ئۇچۈن راسلانغان ھەشەمەتلىك سارايغا چۈشۈپ دستىخانغا ئولتۇردى. كېيىن كۈلكە چاخچاقلىرى بىلەن ئۆتكەنكى ئىشلارنى ياد قىلىشتى.كاناي -سۇنايلار، ۋە شۇ دەۋرنىڭ بارلىق تارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرى چېلىندى.شوخ ناخشىلار ئېيتىلدى، خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرى پەلەككە ياڭرىدى. مىھمانلارغا گويا تام،ئۆگزىلەرنىڭ ھەممىسى سازەندىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك،ھەممە ئەڭ لىرىك مۇزىكىلارغا چېلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.شۇڭا ئۆزلىرىنى كابۇلدا ئەمەسبەلكى جەننەتتە ئولتۇرغاندەك ھىس قىلىشىپ كەتتى.
سىندۇخت ساپ بىزەكلەر بىلەن توزدەك ياسىنىشقان 300كېنىزەك بىلەن  تاشقىرىغا چىقتى.كېنىزەكلەرنىڭ قولىدا بىردىن زەر جام  بار بولۇپ جاملار مۈشكى جاۋاھىر،گۆھەر ياقۇتلارغا لىق تولغان ئىدى.ھەممىسى سامغا يېقىملىق ئاۋازلاردا ئاپىرىن ئېيتىشاتتى.مىھمانلارنىڭ ئۈستىۋاشلىرىغا جاملىرىدىكى گۆھەر ياقۇتلارنى چاچقۇ قىلىپ چېچشاتتى.شۇندق قىلىپ چاقۇ قىلىنغان زەر جاۋاھىرلاردىن ھەممە تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى.سام سىندۇختقا چاخچاق قىلىپ :‹‹قاچانغىچە قىزىڭىزنى ئوغلۇمدىن  يوشۇرماقچىسىز؟ ›› دىۋىدى سىندۇخىت كۈلۈپ:   
-مەن يوشۇرۇپ قويمۇدۇم ،كۆرۈشكە مەيلى بولسا كۆرسۇن مانا، -دىدى قىزىنىڭ ھوجرىسىنى ئىما قىلىپ.
ئاتا- بالا ئادەملىرى بىلەن  بىر ئىسىل قەسىردىكى بىھىشتەك ياسانغان خانىگە كىرىشتى .سام بۇ ھوجرىنىڭ بىزەكلىرىنىڭ ئىسىللىكىدىن تاڭ قالدى.بۇ ئۆينڭ تەرىپىنى تەرىپلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلاتتى.ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن رۇدەبەنى كۆرۈشتى.سام بىلەن مىھراب شاھ ئەھدۇ پەيمان ئستىدە سۆزلىشىپ بولۇشقاندىن كېيىن شۇ چاغنىڭ رەسمى بويىچە زال بىلەن رۇدابەنىڭ نىكاھسى ئوقۇلدى. بۇ بىر جۈپ ئاشىق- مەشۇق بىر بىرىگە جۈپ قىلىندى. كېيىن قىز بىلەن يىگىتنى تەختكە چىقىرىپ يانمۇ- يان ئولتۇرغۇزۇپ ئۈستىلىرىدىن ھېقىق ۋە زۇمرەتلەرنى چېچىشىپ قۇت تىلەشتى.قىز بىلەن يىگىتنىڭ  ھەر ئىككىلىسىگە تاج كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قىزنىڭ بېشىدىكىسى قىزىل زەرلىك تاج،يىگنىڭ بېشىدىكىسى ساپ گۆھەردىن زىننەت بېرىلگەن  يېشىل تاج ئىدى.
بىرازدىن كېيىن بىر دەپتەر ئېلىپ كېلىندى.بۇ دەپتەردە قىزنىڭ تويلۇق ماللىرى رويخەتكە ئېلىنغان ئىدى.رويخەتكە تۈگىمەس قايناق بۇلاقتەك ناھايىتى كۆپ ۋە ئىسىل تويلۇق بۇيۇملار تىزىملانغان بولۇپ، تا شۇ كەمگىچە ھىچكىم بۇنداق كۆپ تويلۇق مالنى ئاڭلاپ باقمىغان ئېدى.تويلۇقلارنى ئاڭلىغان سەردار ۋە سىپاھلار ھەيرانلىقتا: ‹‹يا خۇدا،خۇدا › دىيىشىپ كېتىشتى. ئاندىن ھەر بىرى ئۆزلىرىگە كۆرسۈتۈپ بېرىلگەن ئورۇنلارغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى.ھەممە ئەيىش-ئىشرەت بىلەن مەشغۇل بولۇشتى.توي بىر ھەپتە داۋاملاشتى.پۈتۈن ھەپتە بويى مىھمانلارنىڭ قولىدىن كاسا چۈشمىدى.نە زال،نە كۆزلىرى جادۇ رۇدابەمۇ بىر ھەپتە ئۇيقۇ دىدارى كۆرمەي ئويۇن تاماششا بىلەن مەشغۇل بولدى.بىر ھەپتىدىن كېيىن بەزمىگاھ بوشاپ قالغان بولسىمۇ سام بىلەن بىرگە كەلگەنلەرگە يەنە  قايتىدىن داستىخان سېلىندى. بەزمە ۋە مېھماندارچىلىق يەنە ئۈچ ھەپتە داۋاملاشتى.
ئاينىڭ بېشىدا نەرىمان ئوغلى سام سىيىستان تەرەپكە سەپەر قىلىپ كەتتى.زال ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ يەنە تولۇق يەتتە كۈن رۇدابە بىلەن ئەيش –ئىشرەت قىلدى.مۇھەببەت ۋىسالغا راسا قاندى.كىيىن زابۇلىستانغا قايتىپ كەتمەكنى نىشان قىلىپ سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشتى.ئۇلار تۆگىگە كاجۇۋا باغلاپ تەختىراۋان قۇردى.ئۇنىڭغا رۇدابەنى مىندۈرۈپ ئانىسى سىندۇختنىمۇ بىرگە ئېلىپ مېڭىشتى.مىھرابمۇ ئادەملىرى بىلەن ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ  نىمرۇزغىچە بىرگە كەلدى.سام بۇ يەردە يەنە بىر كاتتا بەزمە تۈزدى. بۇرۇنقى ئۆچ ئاداۋەت قىساسلار تامامەن تۈگەپ  گۈلگۈن قەدەھلەر ئايلاندى.ئۇلار بۇ يەردە ئۈچ كۈن بەزمە ئويناشتى.مەنزىرىلىك جايلارنى تاماششا قىلىشتى.كىيىن مىھراب شاھ ئادەملىرىنى ئېلىپ كابۇلغا قايتىپ كەتتى.ساممۇ شاھلىق تەختىنى ئوغلى زالغا تاپشۇردى.مەملىكەت ئىشلىرىدىن  خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن يېڭىدىن لەشكەر توپلاپ مۇدھىش گورگسارۇ ۋە ئۇلۇغ باختەر زېمىنى تەرەپلەرگە قارشى لەشكىرى يۈرۈش قىلىپ  كەتتى.
بۇ ھەربى يۈرۈشنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى.بۇ يەرلەر مەنۇچېھىر تەرىپىدىن سامغا بۆلۈپ بېرىلگەن بولسىمۇ ئۇيەردىكىلەر تا ھازىرغىچە بويۇنتاۋلىق قىلىپ سامغا بويسۇنمىغان ئېدى. مەنۇ چېھىر شاھمۇ ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇلارغا ئۆز زىمىنلىرىنى خەتلەپ بەرگەن ئېدى.ئۇلار بۇنىڭدىن كېرىلىپ جاھانغا پاتماي قېلىشقان، ھەتتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش نىيىتىدىمۇ بولۇشىۋاتقان ئىكەن.سام كەتكەندىن كېيىن زال ئاتىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرۇپ شاھلىق ھوقۇقىنى ئادىللىق بىلەن بىجىرىشكە ،كۈنلىرىنى خۇشال خۇراملىق پاراۋانلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.رۇدابەدىن كېچەيۇ -كۈندۈز ئايرىلمايتتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-17 01:18 AM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
555rikabatqi + 200 بۇ ئەسىرىڭىز مۇشۇ تور.
diyarm + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
ئەجەل + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
arik3 + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
arkenkaxka + 97

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 997   باھا خاتىرىسى

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 5967 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:59:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم ئەمگىگىڭىزدىن دىللار سۆيۈنسۇن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

بىز كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6459
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار يوللىنىپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ بولمىسا پەقەت خوشام قالمىدى بۇ مۇنبەردىن

گۈل ئۈزسەم قولۇمغا سانجىلدى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.

مەن 365 كۈن ياشايمەن،ھەرگىزمۇ بىر كۈن ياشاپ 365كۈن تەكرارلىمايمەن.

سىز 365 كۈن ياشىدى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3302
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1686 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 09:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئوقۇمۇسام

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

سەھرانى سۆيىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7986
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 09:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، ساقلاپ قوياي. ھەممىنى يوللاسىزمۇ؟

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

مەن ھامان پارتىلايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7959
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:03:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داستان شەكىلدىكىسىنى ئانچە ئۇقۇغۇم كەلمەيتى ،ماۋۇ يېڭىچە ئۇسلۇپ يارىتىش بوپتۇدە، داۋامىغا تەشنامەن

گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

خەلق ئادۇۋكاتى 13239850499

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6770
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 11:04:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن مەن ئالدىرماي ئۇقۇپ چىقاي ھە

خەلق ئادۇۋكاتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48478
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:37:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن قىرىندىشىم .

ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس ئىسسىق قان بىلەن قولغا كېلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44514
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 03:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇنى يېزىپ بولۇش ئۈچۈن ئۇدا بىر ئاي ئولتۇرىمەن ھازىرقى خەت بېسىش سۈرئىتىمدە....جاپا تارتىپسىز....رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3191
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازراق ئوقۇسام خىلى ياخشى ئەسەركەن، ساقلىۋىلىپ ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقمىسام  رەھمەت سىزگە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش