مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6885|ئىنكاس: 49

شىخۇ جېڭىدە قۇربان بولغان جەڭچىلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 01:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

( شەھىرىمىزدە جەڭدە قۇربان بولغان 711 نەپەر جەڭچىنىڭ قەبرىگاھى بار. )     قىسمىمىز بۇيرۇق بويىچە 1945- يىلى ئىيولنىڭ باشلىرىدا ، شىمالىي ئوتتۇرا يۆنىلىش بويىچە ئالدىنقى ئۇرۇش لېنىيىسى بولغان شىخۇغا قاراپ يولغا چىقتۇق ، ھەر بىرىمىز كىيىم -كېچەك، قۇرال بولۇپ 15 كىلوگىرام يۈك كۆتۈرۈپ كېتىپ بارساقمۇ ، روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ ، چىرايىمىزدا كۈلكە، كۆزلىرىمىزدە ئىشەنچ ئوتى يېنىپ تۇراتتى. بىز ئۆزىمىزدىن سان جەھەتتە بەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشقا كېتىپ باراتتۇق ، بۇ ھەممىمىزگە ئېنىق ئىدى . بىراق، ھېچقايسىمىزنىڭ چىرايىدا ئەندىشە، ۋەھىمىدىن قىلچىمۇ ئەسەر كۆرۈنمەيتتى . ھەممىمىز بىرەر توي ياكى ساياھەتكە كېتىپ بارغاندەك خۇشال- خۇرام ئىدۇق . بىزدىكى مۇنداق روھى قىياپەتنى كۆرۈپ ، مەن كۆڭلۈمدە بۇ نەدىن كەلگەن غەيرەت- جاسارەتتۇ ؟ قانداق قۇدرەتلىك كۈچنىڭ تۈرتكىسىدۇ؟ خىيالىمىزغا دۈشمەن، ئۆلۈم دېگەنلەر كەلمەيدىغۇ؟ ئويۇن- چاقچاق، كۈلكە بىلەن كېتىۋاتىمىز، ئەكسىچە ئۇرۇش ، ئۆلۈم دېگەنلەر بىر تىلسىماتتەك ئەھۋالغۇ ؟! دېگەنلەرنى ئويلىدىم .  چېپەيزە ئەسلىدە كىچىك بىر يېزا بازىرى بولسىمۇ ، ئەمما ستراتىگىيە جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم جاي ئىدى . شۇڭا ، گومىنداڭ ئارمىيىسى بۇ يەرگە مۇستەھكەم مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ ، بۇ يەرنى چۆچەك -شىخۇ يولىدىكى ئىشەنچىلىك مۇداپىئە قورغىنى قىلىپ ، بىر ئاتلىق تۈەننى ئورۇنلاشتۇرغانىكەن .    بىز ھۇجۇمغا ئۆتۈپ مۇھاسىرە چەمبىرىكىنى بارغانچە تارايتىپ ، دۈشمەن بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى 100-150 مېتىرغا قەدەر قالدۇرغان بولساقمۇ ئەمما، دۈشمەن ئىستىھكامىدىن بۆسۈپ ئۆتكۈدەك بىرەر يۇچۇق ، بىرەر قولايلىقراق جاي تاپالماي ، تىت- تىت بولۇۋاتاتتۇق . بىز چەيپەيزىنى شۇ كۈنى سائەت تۆت ئەتراپىدا تولۇق ئىگىلىدۇق ، بىز تەرەپتىن 13 جڭچى قۇربان بولدى ، بۇ سەبداشلىرىمىزنى شۇ يەرگە دەپنە قىلدۇق ، نامىزىنى پوللك ئىمامى ئابدۇرېھىم يۈسۈپ چۈشۈردى .   ھەرقايسى قىسىملار بەلگىلەنگەن نىشان بويىچە شىددەت بىلەن ھۇجۇمقىلىپ ، دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا قىستاپ بېرىپ ، قارىياغاچلىقنى سائەت ئىككى ئەتراپىدا ئىشغال قىلدۇق . دۈشمەنلەر قارىياغاچلىقنى تاشلاپ چېكىندى . ئەتىسى ئەتتىگەندە شىخۇ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى قارىدۆڭ مەھەللىسىنى ئىگىلىدۇق . قارىياغاچلىق ، قارىدۆڭ مەھەللىلىرى دۈشمەننىڭ ۋاقىتلىق سىرتقى مۇداپىئە توساقلىرى ئىكەن . قىسقىسى دۈشمەن شىخۇدا ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇستەھكەم مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ گومىنداڭنىڭ ئىچكىرىدىن يۆتكەپ كەلگەن تاللانغان قوشۇنلىرى بىلەن قوغدىلىۋاتقان ئاساسىي ھەربىي بازىسى ئىكەن . بىز ئاساسلىق كۈچنى بۇتخانىغا قارىتىپ بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولساقمۇ ، دۈشمەننىڭ كۈچلۈك ئوت كۈچى ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدۇق ، ھەتتا دۈشمەن مۇداپىئەلىرىگە تۈزلەڭ سازلىقتىن ئۆتۈپمۇ يېقىنلىشالمىدۇق . نۇرغۇن جەڭچىلىرىمىز ئاشۇ بۇتخانا ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پوتەي، ئاكوپلاردىن ئېتىلغان ئوقنىڭ زەربىسىدە قۇربان بولدى . كۆپلىگەن سەبداشلىرىمىزدىن ئەنە شۇ يەردە ئايرىلىپ قالدۇق . ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى سازلىقتا قالدى . بىراق بۇ پاجىئەلىك يوقىتىشلار جەڭچىلەرنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرالمىدى، ھەتتا سېستىرا قىزلارمۇ يارىدارلارنى ئېلىپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمەي يارىدار جەڭچىلەرنىڭ يارىسىنى تېڭىپ ، ئەپلىك يەرلەرگە ياتقۇزۇپ قويۇپ ، بىز بىلەن بىللە ھۇجۇمغا ئۆتتى .
   ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئۇرۇشى ئىچىدە ، شىخۇ ئۇرۇشى دۈشمەن تەرەپنىڭ ئىشلەتكەن قۇراللىرىنىڭ زامانىۋىلىقى، كۆلەم جەھەتتە زورلىقى ، قارمۇ - قارشى مۇنتىزم ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان جەڭ بولۇشى ، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈش- يارىلىنىش ۋە چىقىمنىڭ كۆپ بولغانلىقى بىلەن باشقا ئۇرۇشلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ . دۈشمەن قۇرال- ياراغ، تېخنىكا ، سان جەھەتتىن بىزدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن ئىدى ، بىزنىڭ قوشۇنىمىز بولسا روھى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ، نېمە ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ۋە ئاڭلىق چۈشىنىدىغانلىقى ، ھاۋا كېلىماتى بىلەن ماسلىشالايدىغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ، دۈشمەن قوشۇنىدىن ئۈستۈن ئىدى . بۇ ئەھۋال بىزنىڭ غەلبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇراتتى .   شىخۇدىكى شىددەتلىك جەڭ 4- كۈنىگە سوزۇلغاندا ، دۈشمەننىڭ بىر قىسىم يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى 500دەك مۇھاپىزەتچى ئەسكىرىنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەتتى ، قالغان دۈشمەن ئەسكەرلىرى تەسلىم بولدى . بۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىنتايىن كۆپ چىقىم بولدى ، بولۇپمۇ دۈشمەننىڭ شىخۇغا توپلانغان خىللانغان قىسمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يوقىتىلدى ، بىزدىنمۇ ئۆلگەنلەر ئاز بولمىدى . بىزنىڭ 1- روتىنىڭ 150 ئادىمىدىن 70 ئادىمى قالغانىدى ، 3-روتىنىڭ دەسلەپكى ئادەم سانى 153 ئىدى . شىخۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن 38 ئادىمى قالغانىدى . مۇشۇ قېتىملىق شىخۇ ئۇرۇشىدا سەبداشلىرىمىزنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قۇربان بولۇپ ، مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى !
  گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىخۇدىكى مۇداپىئە ئىستىھكامى مۇستەھكەم پولات ئىستىھكام دەپ قارىلىپ ، گومىنداڭ ئۇنىڭغا شۇ زاماننىڭ ئىلغار قۇراللىرى بىلەن قۇراللانغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى . ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى دەپ تونۇلغان بۇ مۇداپىئە ئىستىھكامىنى سۈيدۈڭ 1- ئاتقۇچى پىيادىلەر پوللك (كېيىن شىخۇ 40- پولكى بولۇپ ئۆزگەرگەن ) نى ئاساس قىلغان پارتىزانلار ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىش شتابىغا بېۋاستە قاراشلىق باشقا كىچىك ئەترەتلەر 1945- يىلى 9-ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەردە ھۇجۇم قىلىپ 8- كۈنى يىمىرىپ تاشلىدى . بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن گومىنداڭ قۇماندانلىرى ئەسكەرلىرىنى تاشلاپ ، ئازغىنە بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ھېمايىسىدە ئالدى - كەينىگە قارىماي قېچىپ ئۈرۈمچىگە تىقىلىۋالدى .
  مەنبە:  جەڭگاھ خاتىرىلىرى ،  ئاپتورى : ئەخمەت تۇردىيوف . شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  2000-يىل 11-ئاي 1- بېسىلىشى ، 1- نەشرى . ( سەھىپە ئېتىبارى بىلەن قىسقارتىپ ئېلىندى.)
ۋاپات بولغان بىرقىسىم جەڭچىلەر :   مۇھەممەتجان : 1918- يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان . 1944- يىلى مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ ، كۆپ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن . 1945-يىلى شىخۇ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .       ئىمىنجان مەخسۇت : 1920- يىلى قەشقەر كونىشەھەردە تۇغۇلغان . گۈدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ قارىدۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان . 1945- يىلى مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ ، شۇ يىلى سېنتەبىردىكى شىخۇنى ئازاد قىلىش جېڭىگە قاتنىشىپ ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .      توختاخۇن قادىر : مەرھۇم 1926- يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1944- يىلى 11- ئايدا مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن . 1945- يىلى سېنتەبىردىكى شىخۇ ئۇرۇشىدا 19 يېشىدا قۇربان بولغان .      مۇھەممەت ئىمىن : 1917- يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1944- يىلى نويابىردا مىللىي ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن . 1945- يىلىدىكى شىخۇ چوڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .     مەرھۇم ھۈسەيىن (خۇيزۇ) 1924- يىلى 5- دېكابىردا غۇلجا شەھەر ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان . 1944- يىلى نويابىردا مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىپ جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . 1945-يىلى شىخۇ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان .
  شاۋكەت (تاتار) 1945- يىلدىكى شىخۇ ئۇرۇشىدا ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغان .
(مېنىڭ شىخۇ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان جەڭچىلىرىمىز توغرىسىدىكى بىلىشىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك .)  
مەنبە : شىخۇ ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 67 يىللىقىنى ئەسلەپ چىقىشىم . دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيىسى . ( ئەسلى بۇ ماقالىنى 9- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى غەلبە كۈنىگە ئۈلگۈرتكەنىدىم، ئارىلىقتا بىر ئاز تولۇقلاش بولۇپ قالدى .)
   ئەبەي تارىم .   2012- يىل 16- كۈنى . شىخۇ شەھىرى .    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 01:55 PM  


ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنى ئەسلەيمىز ھەمدە  چۇڭقۇر قايغۇرىمىز .  بۇلارنىڭ ئۈستىگە گۈل چىچەكمۇ ياپىمىز .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:24:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ۋاقىتتىكى جەڭچىلىرىمىز ھىلھەم ھايات بولسا ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن .
شىھىت بولغانلارغا ئاللا ئىگىمىز جەننەت بەرگىيدى .

تامنى بۇزغان زەي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3746
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41815
تۆھپە نۇمۇرى: 1138
توردا: 6418 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:32:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېھىتلەرنىڭ جايى جەننەتتە بولغاي.

ھەزەر قىل ئادەم سىياقى تۈلكىدىن، رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن. ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان، دەسسىدىڭلا قۇتۇلمىقىڭ تەس ئىلكىدىن.

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3760
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:44:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  شۇ يىگىتلىرىمىزنىڭ قۇربان بېرىشى بەدىلىگە بىز ھازىر قى كۈنلەرنى كۆرىۋاتىمىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5262
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 04:01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iltebir يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 03:29 PM
西湖 شىخۇ قانداق قىلىپ ئويغۇرچە بولۇپ قالدى؟تارىخى مەن ...

ئۇف......    سىز بەك ئاددىي ئويلاپسىز.....     بىرجۈملە سۆز: شىخو ئۇيغۇرچە گەپ. ئىچكىردىكى شىخۇ كۆلى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......
zarapxan036 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 04:08:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 04:12:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلمغا  قارشې تۇرغان    ئادەم  شېھېت  بولامدۇ  شېھېت  بولۇشنېڭ  ئولچېمې  بار مۇندا  قانداق  ئادەم  ئولۇپ قالسا  شېھېت بولاۋېرەمدېكەن   

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32883
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12084 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 04:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار قان كىچىپ جەڭ قىلدى .... ئەۋلارتلار مەنگۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 04:13 PM  


ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئېسېل ئۇيغۇر بېز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32950
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5401
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 04:27:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش