مەھەلىمىز شەھەر سىرتىدىراق بولىشىغا قارىماي،مەھەللە دوقمۇشىغا جايلاشقان بىر ساتىراچخانا بۇلۇپ ، ئەتىدىن كەچكىچە ئادەم ئۈزۈلمەيدۇ . بىلمىگەن ئادەم بۇ ساتىراچخاننىڭ سودىسى بەك بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ دۇككاننى قىزىتىدىغىنى مەھەلىدىكى بىكار تەلەتلەر بۇلۇپ ئون ئادەم كىرسە ئىككىسى چاچ ساقال ياساتسا سەككىزى قۇرۇق گەپ سېتىپ ، باشقىلار يەتكۈزەلمەيۋاتقان ۋاقىتنى ئۆتكۈزەلمەيۋاتقانلار.
بۇگۇن ئەتتىگەندە ساقال بۇرۇتنى بىر ياستىۋىتەي دەپ بۇ ساتىراشخانىغا كىرسەم سەھەردىلا بۇ كىچىككىنە دۇككاننىڭ دىمى سىقىلىپ ئارانلا تۇرۇپتۇ . ئىچىدە لىق ئادەم ، بىر ئۇرۇنغا قىستىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا كەينىمدىن سۇڭدۇشۇپلا مۇساخان كىرىپ كەلدى. مۇساخان دېسەم ئايال كىشىمىكىن دەپ قالماڭ بىزنىڭ تەرەپلەردە ئەر كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا شۇنداق خاننى قۇشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بار بۇ ئايال كىشىنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈردىغان «خان» بولماستىن پادىشالارنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈردىغان « خان » بولغاچقا نۇرغۇن ئادەملەر قۇيۇۋالىدۇ مەسلەن: سەئىدخان ، ئابدۇرەشىدخان دېگەندەك . مۇساخانمۇ باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارى يوق ئۆزىنى خان پادىشاھلاردەكلا چاغلاپ يۈرۈيدىغان، كونا بولسىمۇ كىيىم-كېچەكلىرىنى دەزماللاپ قاتۇرۇپ كىيىپ يۈرۈيدىغان بۇلۇپ ئۇنى تۇنۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قىزىقسىنىپ قارايدۇ. زۈرۈر ئىشى بولمىسا بىردەم يېرىم دەم توختاپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز باشتا ساراڭمىكىن دەپ قالىسىز لېكىن بەزى گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز خان پادىشالارمۇ قىلالمايدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ دەيمەن. بۇگۈن مانا ساتىراشخانىغا كىرىپلا «ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بىرنىمىلەرنى دەپ پەتىھە قىلىپ بىر بۇلۇڭغا بېرىپ سۇڭدىشىپ دېگۈدەك ئولتۇردى. مۇنداق پاتىھەنى خېلى قارىلارمۇ قىلمايدۇ، ھازىر مۇنداق سورۇنلاردا.
باش ئۇستام مۇساخانغا قاراپ :
ــ ماساخاكا ساقالنى ئېلىۋېتەمدۇق – دېسە، مۇساخان:
ــ بۇرۇتنىمۇ ئېلىۋېتىمىز – دېۋىدى كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى. بۇ خۇددى تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن قاچىنى يۇيۇۋېتەمدۇق دېسە قازاننىمۇ يۇيۇۋېتىمىز دېگەندەك تۇيلۇپ كەتتى كۆپچىلىككە. مۇساخان سەل تىرىككەندەك قىلىپ:
ــ ھازىر جاھان راس تەتۈر بۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ! ھەممە ئىش تەتۈرگىلا دەيمەن . بۇرۇن سۇنى ئوتنى ئۈچۈردۇ دەپ يۈرەتتۇق مانا ئەمدى سۇنى ئوتنىڭ كۈيىشىگە ياردام بېرىدۇ دەيدىغان گەپ چىقتى. بۇ قانداق گەپتۇ دەپ گاز ئۇچاقنى ياندۇرۇپ قۇيۇپ قىزىمنىڭ چېچىغا سۇ سىپىدىغان بىرنىمە بىلەن سۇنى تۇمانلىتىپ چېچىپ باقسام راس دېگەندەك ئوت بىراقلا ئۇلغۇيۇپ كەتتى توۋا دېدىم ئىچىمدە. خۇتۇنۇمغا ئوتنى بوشراق يېقىپ قۇيۇپ تۇربىغا يىنىك سۇ پۈركىيدىغان نەرسىدىن بىرنى قىلايلى گاز تېجىلىدىكەن دېسەم سۆزلەپلا كەتتى . خۇتۇن كىشى بىلەن تەڭ بولغىلى بولامدۇ بوپتۇ دەپ ئۇنىمۇ قىلمىدىم . مۇشۇ قىش كۈنلىرى ھاۋا گۈلدۈرلىمەيدىغانلىقىنىڭمۇ بىرەر سەۋەبى بارمىكىن دەيمەن ئالىملار بۇنى ئىسپاتلاشنى نەچچىنچى ئۇرۇنغا تىزدىكىن ؟. بۇغۇ مەيلى ھېچبىر سىگە زىيان يوق. قايسى كۈنى دەيمەن ــ ئۇ گەپنىڭ تىمىسىنى باشقا ياققا بۇرۇۋېدى ساتاراش ئۇستاممۇ ئىشىنى توختۇتۇپ ئۇنىڭ ئاغزىغاقارىغىلى تۇردى.
ــ قايسى كۈنى چوڭ كۇچىدا كېتىپ باراتتىم ــ ئۇ گېلىنى قىرىپ قۇيۇپ داۋام قىلدى.ــ يول ياقىسىدا بىرەيلەن يېتىپ قاپتۇ ئۇنىڭغا بىركىممۇ قاراپ قۇياي دېمەيدۇ . ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ-دە شەھەر دىكى ئاۋات بىر يول بولمىسا، ئەگەر ئۇ يەردە بىرەر تەخەي يېتىپ قالغان بولسا ئولىشىۋالغان ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن نىمىش بولغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەي قالاتتۇق تېخى بەزىلەر ئۇ تەخەينە تاكسىغا سېلىپ چارۋا دوختۇرغا ئېلىپ بېرىشىمۇمۇمكىن ئىدى.بىراق بۇ ئادەمگە ھېچكىم يېقىن يولىماپتۇ شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا باردىم ساقال بۇرۇتىنى پاكىز قىردۇرغان بىر مويسىپىت ئەدەمكەن. دەرھال تاكسى چاقىراي دېسەم تاكسى يوق بىر-ئىككى يۈز مېتىرچە يەرگە يۇدۇپ ماڭدىم پۇت قوللىرى قېتىپلا كىتىپتۇ مۇنداق ئادەمنى يۈدۈپ مېڭىشمۇ بىر زۇلۇمكەن ھېرىپ ھالىم قالمىدى.قاياندىن كەلدى بىر تاكسى كىلىپ يېنىمدىلا توختىدى. "رەھمەت" دېدىم – دە ھىلىقى ئادەمنى تاكسىغا سېلىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا ئاپاردىم . جىددى قۇتقۇشۇشقا ئېلىپ كىرسەم بۇ ئەدەمنى ئاللىقاچان جان ئۈزۈپتۇ دېمەسمۇ بىر ئۈلۈك ئادەمنى كۆيۈدۈپ بىر – ئىككى يۈز مېتىر ماڭغىنىمنى ئويلاپ قورقۇپ كەتتىم پۇت قۇلۇمدا جان قالمىدى. دوختۇرلار بۇ ئادەمنىڭ يېنىدىن باتارىيسى تۈگەپ قالغا بىر قول تېلىفۇنىنى چىقىپ ئۇنىڭغا باتارىيە ئالماشتۇرۇپ دېگەندەك بىر ئىشلارنى قىلىپ تېلېفۇن خاتىرسىدىن ئۇنىڭ ئۆيىدىكلىلەرگە تېلېفۇن قىلىپ چاقىرتتى.
مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كېتىپتىمەن بىر دېمەڭ . بۇ ئەدەمنىڭ ئۆيىدىكىللىرى كېلىپ: " ۋاي رەھمەت ھەرنىمە بولسا سىزگە ئۇچراپتۇ" . "ئاتىمىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەپسىز" دەپ ئېسىلىپ يىغلاپ كەتسە قانداق قىلارمەن مەنمۇ يىغلىشىم كېرەكمۇ ياكى "ھېچقىسى يوق قازاغا رىزا بۇمېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم بىزمۇ كېتىمىز ئەمەسمۇ" دىيىشىم كېرەكمۇ؟ ئۇلار مېنى مەھەللە ئەھالە كومتېتىغا مەلۇم قىلىپ تەقدىرلەيمىز دېسە قانداق قىلىشىم كېرەك . بۇنىڭغا ھەرگىز بولمايدۇ . ئادەم دېگەندە ئۇنچىلىك ئىنساپ مېھرى مۇھەببەت بولمىسا بولامدۇ. بۇ دېگەن قىپ قىزىل ئەدەمگەرچىلىكنى ساتقانلىق . ئاتام زاماندىن مۇنداق ئىش يوق. شۇلارنى ئۇيلاپ تۇرسام ھايال بولمايلا بۇ ئادەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى يېتىپ كېلىشتى . مەن تېخى چىرايىمنى ئازاپلىق قىلىپ، كۆڭلىم يېرىم بولغان ھالدا ئالدىغا بېرىۋاتاتتىم، چوڭ ئوغلى بولسا كېرەك بىرى . "قاتىلنى قاچۇرۇپ قويمايلى ساقچىلار ھازىرلا كېلىدۇ" دېمەسمۇ ھەيرانلا قالدىم. ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالدىم ئاڭغىچە باشقىللىرى دوختۇردىن سۈرۈشتۇرۇپ بۇ ئەدەمنى مېنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى بىلىپ مېنى قورشاپلا تۇرۇۋالدى. توۋا دېدىم ئىچىمدە قورقۇپمۇ كەتتى. ئاڭغىچە ساقچىلارمۇ كەلدى.
ــ ساقچى يولداش بۇ ئەدەمنى قۇيۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. دادىمىز ئەتىگەن ساپ- ساقلا ساقال بۇرتۇمنى ياستىمەن دەپ چىقىپ كەتتى. ساپ- ساق بىر ئادەم شۇنچە ئادەم بار چوڭ يول ئۈستىدە ئۈلۈپ قاپتۇ . بۇنى ھېچكىم كۆرمەي بۇ ئەدەمنىڭ كۆرگىنى ھەقىقەتەن گۇمانلىق – دەۋاتمامدۇ .ھەيانلا قالدىم خۇتۇنۇمنىڭ « ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماڭ ئۆزىڭىزگە ئىش تېۋالىسىز» دېگەن گېپىنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم . خۇتۇنۇممۇ بەزىدە پەيلاسۇپلاردەكلە گەپ قىلىدۇ .
ئۇ بىر ئاز جىمىپ كەتتى . چارچاپ دېمىنى ئېلىۋالاي دېدىمىكىن . ھەممەيلەن « ھە ئاخىرى قانداق بولدى» دېگەندەك قىلىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇراتتۇق . شۇ چاغدا تۇراق بەڭگە ئۇنىڭغا كونا گېزىتتە يۆگەلگەن بىر تال موخۇركىنى تۇتاشتۇرۇپ بەردى.مۇساخان تاماكىنى ئېلىپ قاتتاق قاتتاق شۇراشقا باشلىدى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇمارى تۇتقان ئىكەن بەڭگىنىڭ خىيالىنى يەنىلا بەڭگى بىلىدىكەن دېدىم ئىچىمدە.
ــ شۇنىڭ بىلەن – دەپ گەپ باشلىدى مۇساخان موخۇركىنى يەنە بىر قېتىم قاتتاق شۇرۇۋالغاندىن كىيىن . – ساقچىلار مېنى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىشتى. قورقۇپ پۇت قۇلۇمدا قان قالمىدى –دە لاسسىدە بۇلۇپ قالدىم. ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى مېنى قولتۇقۇمدىن يۆلەپ ماڭدى. ۋاي گەپ قىلماڭ ساقچى خانا دېگەن ئادەم كىرىدىغان جاي ئەمەسكەن .ئۇيدە خۇتۇن تاپا تەنە قىلسا بالىلار پۇل دېسە پۇل تاپالمىغان چاغلارنى جاپا دەپتىكەنمەن . ھەممە نېمەمدىن ئايرىلىپ چۆلدە قالساممۇ كۈننىڭ نۇرنى كۆرگەن بەخىتكەن دېدىم . شۇنداق قىلىپ ساقچىدا ئون نەچچە كۈن يېتىپ كەتتىم. خۇدا بەندىسگە كۆرسەتمىسۇن بۇ كۈننى. چوڭ ئوغلۇمنىڭ ئاچچىقى يامان ساقچىلار بىلەن بىر نەچچە قېتىم تۇتۇشۇپمۇ قاپتۇ . جەسەتنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ، ئۆلگەن ۋاختىنىڭ مەن ئۇچراتقان ۋاقىتتىن نەچچە سائەت بۇرۇنلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كىيىن ئاران ئاقلاندىم دېسە.
ــ شۇنداق قىلىپ ئاران چىقىۋالدىم دېگىن – دېدى تۇراق بەڭگە.
ــ نەدىكىنى ئەھۋالنى يۇقۇرغا يوللۇدۇق تەستىق كەلسە چىقىسەن دەپ يەنە نەچچە كۈن ياتتىم ئەمما ئەھۋالىم بۇرۇنقىدىن ياخشىراق بولدى. ــ مۇساخان جىمىپ قالدى.
ــ ھە كىيىنچۇ مۇساخاكا – دېدى سەتىراچ بايام ئېلىۋاتقان ساقالغا قايتىدىن سۇبېرىپ ئۇۋۇلىغاچ.
ــ كىيىن قانداق بولاتتى مېنىڭ ھىلىقى چوڭ ئوغلۇمنى بىلىسەن ئاچچىقى بەك يامان . ئۇ ئادۇكات ئىزدەپ ھىلىقى ئۆلگۈچىنىڭ باللىرى ئۈستىدىن يەنە ساقچىلارنىڭمۇ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىمەن دەپ يۈرۈپتۇ .ساقچىدىن سالامەت چىقىۋالغانلىقىمغا مىڭ رەھمەت ئېيتىپ بۇ بالىغا نۇرغۇن نەسھەتلەرنى قىلىپ بۇ بولمىغۇر يامان نىيىتىدىن ياندۇردۇم . ئۆلگۈچىنىڭ باللىرى بۇنى ئاڭلىغانمۇ بىر كۈنى ئائىلىمىزگە مۇنداقلا بىر كۈڭۈل قۇيۇپ كەپتۇ . چىن كۆڭلىدىن چىقارمىغان بولسىمۇ ئەپۇ سوراپ كەلگەندىن كىيىن ھەممىنى بىراقلا كەچۈرۋەتتۇق.
ــ ياخشى قىپسەن مۇساخان ــ دېدى ئۇنىڭ دىمەتلىكىدىن بىرى - ياخشى قىپسەن ھەممىنى ئاللا كۆرىدۇ.
ــ شۇنىڭ بىلەن ئىشلار تۈگدىمۇ، بولدى ئۈتۈپ كېتىپتۇ – دېدىم مەنمۇ گەپ قۇشۇپ .
ــ نەدىكى ئىش تۈگەيدۇ - ئۇ بېشىدىكى ئۇڭۇپ كەتكەن دوپپىسىنى قۇلىغا ئالدى. يەنە نىمىشتۇ دەپ ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قارىدۇق ساتىراشمۇ ئىشىنى توختۇتۇپ ئۇنىڭغا قارىدى.ــ ئۇ مەرھۇمنىڭ باللىرى نامى چىققان ئۇششۇق بىركىمنىڭ پىشى تىگىپ كەتسە شۇنىڭغا يىقىلىپ پۇل تۆلىتىپ كۈنۈپ قالغان بىرنىمىلەركەن . قانۇنمۇ كۈندىن كۈنگە مۇكەممەللىشىپ بۇرۇنقى «خۇدادىن كەلدى» دەپ ئۆتكۈزىۋېتىدىغان ئىشلارنىمۇ زىغىرلاپ بىر تەرەپ قىلغاچقا ئەرىز قىلىپ كەلسە سورايدىغان گەپكەن . ئىنساپ بولمىسا ئادەم – ئادەمنى يەيدىكەن ھازىر . ئۇلار شۇنداق بولغانچقا بىلگەنلەر ئۇلاردىن يەتتە قەدەم يىراق ماڭىدىكەن. مانا بۇگۈن ھىلىقى چوڭ ئوغلىنىڭ ئايالى شەھەرلىك چوڭ دوختۇرخانىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ بېرىپ ۋېلىسپىتىنىڭ ئارقىسىغا ئېغىر بىرنىملەرنى ئارتىۋالغانمۇ ئىش قىلىپ ۋەلسىپىتتىن يىقىلىپ كېتىپ ئارقا مېڭىسى يولنىڭ قىرىغا تېگىپ كېتىپ تۆت-بەش سائەتلەرچە ھۇشسىز يېتىپ كىيىن ھۇشىغا كەلگەن بولسىمۇ بىرەر ئادەم يېنىغا بارماي . شۇ جايدا قازا قىلىپ كېتىپتۇ.ئۇ ئايالنىڭ قۇلىنى ئىشارەت قىلىپ باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرغىنىنى بەزىلەر كۆرىپتىكەن ، مۇنداق ئېغىرلىقىنى بىلمىدىمۇ ياكى ئۇلارنى تۇنۇغان بولسا ئاۋارىچىلىقتىن قورقتىمۇ ھېچكىم يېنىغا بارماپتۇ . بەش بالىسى باركەن بىچارىنىڭ.
ــ خوپ بوپتۇ نىيىتىگە بېقىپ بېردۇ خۇدايىم – دېدى تۇراق بەڭگە .
ــ توۋادەڭلار يولداشلار خۇدايىم بەندىسىنى قاغىسا: «ئوتتۇر يولدا ئېتىڭ ئۆلەر، ئوتتۇر ياشتا خۇتۇنۇڭ » دەيمىش بەش بالىسى بولسا ئۇنىڭغا ھىقىقەتەن تەس بوپتۇ جۇمۇ. توۋا دەيلى.
ــ "ئاتا قىلسا بالىغا" دەپ بالىلارغا ئۇۋال بولىدىغان بولدى.
ــ كىمگە بولسا بولغاندۇ مەرھۇمغا دۇئا قىلايلى پىشىمە نامىزىنى چۈشۈردىكەن ۋاختىمىز بارلا بېرىپ كېلەيلىق ــ دېدى مۇساخان
مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qartekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 01:30 PM