سىرىك(ساتىرا)
(ئۇچقۇنى)
<2>
تۇشۇپ بولدى بارنى ئۆيىگە،
پۇل ئالمىدىم گاز توك سۈيىگە.
ئات-ئىشەكتەك ئىشلىدىم ھارماي،
يەم تەييارلاپ كالا-قويىگە.
ئۆز يېغىمدا ئۆزۈمنى قورۇپ،
ئوت قالايمەن ئۆزۈم گۆشىگە.
مەن ئىشلەيمەن مائاشقا ئەمما،
ئۇ خەجلەشنى ئالغان ھۆددىگە.
ئۆزپۇلۇمدىن ھېيتلىق تارقىتار،
تېخى ھىيتتا چىقىپ تۆرىگە.
چۈشۈپ سۆرەت ئېلىپ سىنلارغا،
ئىيتقىزىدۇ رەھمەت ئۆزىگە.
گاھ ئاڭلايمەن پەستە قۇرۇق گەپ،
چىقىۋېلىپ سۆزلەر ئۆگزىگە.
پات-پات كىلىپ ئۈستى بېشىمنى،
ئاختۇرىدۇ ھەم ئۆز مەيلىگە.
گەر ياق دىسەم ئاسار قازناققا،
نە ئامالىم ھەيۋە سۈرىگە.
نىمىش قىلسام دوكلات قىلىمەن،
ھەركەچلىكى ئۇنىڭ ئۈستىگە.
خۇيى تۇتسا مىنىدۇ تېخى،
ئوخشاپ قالدىم مەنغۇ تۈگىگە.
ئىيت گەپ بارمۇ ھەي سولتەك دەيدۇ،
ئىشەنمىسەم يالغان سۆزىگە.
كەچۈرۈم سۇ ئاكاڭدىن تىز دەپ،
ئايلىنىدۇ شۇئان بۆرىگە.
قارالمايمەن ئالىيىپ ئاڭا،
تېپەلمەيمەن ياكى كۆتىگە.
بىر توپ چىۋىن قاۋان ئۇلاشقان،
چۈنكى ئۇنىڭ شۇ ئەپ چۆرىگە.
كوچا ئارلار كالتەك توخماقلىق،
جىن كۆرۈنۈپ سايە كۆزىگە.
گاھ سىقىدۇ قولۇمنى كۈلۈپ،
يەر كولايمەن ئۆزۈم گۆرىگە.
گاھ چالىمەن داپ غەجەك ساتار،
يىتەلمەيدۇ ئەسلا قەدرىگە.
يۇمۇر ئىيتسام كۈلۈپ تىللىدىڭ،
دەيدۇ بىلمەي يېنىپ ئەكسىگە.
سۈپۈرگىنى گىتتارقىپ مەجبۇر،
ناخشا ئېيتتىم ئەبجەش كۈيىگە.
ساراڭلىقتا ئۇچچچىغا يەتكەن،
ئىش قىلىمەن قاراپ ئەپتىگە.
كىم ئۇچراتتى مىنى ۋاي توۋا،
بۇ جەمئىيەت جوھۇت گۇيىگە.
ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2012.9.16
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 01:04 PM