مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1185|ئىنكاس: 15

(ئۆزھال)ئابدرۇرىھىم ھىيىت روھىنى بويلاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10947
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 12:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدرۇرىھىم ھىيىت روھىنى بويلاپ
راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال
بىمەنلىككە تولغان دۇنيانىڭ بىمەنلىكلىرى بىلەن سەنئەتكارنىڭ زىددىيىتى قانچىلىك ئۆتكۇر بولسا ئۇنىڭدىن بۇيۈك ئەسەرلەر چىقىدۇ دىگەن سۆزگە ئىشىنىمەن . نەزىرىمىدە ئەڭ ئۇلۇغ نەزىرىيىلەر ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كىرەك . لىكىن ئەڭ ئەمەلى كۆز قاراش ۋە ئىش ھەركەتلەردىن ئەڭ ئۇلۇغ نەزىرىيەلەر بارلىققا كىلىشى مۈمكىن . لىكىن بۇلىشى كىرەك . قىلىشمىز كىرەك دىگەندەك شۇئار خارەكتىرىنى ئالغان نەزىرىيلەردىن مۇھىم بىر ئەملىيەتنىڭ بارلىققا كىلىشى ناياتىن . چۈنكى ھادىسە ئاۋال يۈز بىرىدۇ ئاندىن ئېسىم قويۇلىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭ نەزىرىيىسى بارلىققا كىلىدۇ . شۇڭا ئەمەلىيەتتىن نەزىرىيە ۋە تەدبىقلاش كۆز قاراشلىرى نەچچە پەللە ئارقىدا تۇرغان بۇلىدۇ . ئابدۇرىھىم ھىيىت بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك پىشۋاسى بۇلۇشقا لايىق كىلىدىغان بىر سەنئەتكاردۇر . دۇتتار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاددى ھەم پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا « ئولتۇرۇشتا چىلىشقا باپ كىلىدۇ» غان ساز قاتارىدا سانىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ئىككى تارىسىدىكى ھەقىقى سىھرى كۈچنى دۇنياۋى سەۋىيىدە ئورۇنلاش جەھەتتە ئۇ يالغۇز دۇتتارغا ھەۋىسى
بار كەسىپ ئەھلى ياكى كەسىپ ئەھلى بولمىغان بىر تۈركۈم ئادەملەرگە ئۇستازلىق
ئورنىنى تىكلەش بىلەن بىرگە دۇتتارنىڭ مۇكەممەل بىر چالغۇ بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە
ھەر قانداق چالغۇ ئورنىنى باسالمايدىغان مۇكەممەللىگىنى بىزگە چۇڭقۇر ھىس قىلدۇرغان سەنئەتكار بۇلۇش بىلەن باشقا كەسىپ ئەھلللىرىنىڭمۇ قايىللىغىنى قولغا كەلتۈردى . ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ نەزىرىدە دۇتتار مۇكەممەل بىر چالغۇ . ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ مۇلايىم ھەم جەڭگىۋار . ھىسياتچان ھەم ئەقىللىق، كۆپ قىر ، كۆپ قاتلاملىق  خارەكتىرىنى يورۇتۇپ بىرىشتە دۇتتار ئەڭ موھىم ۋاستە ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى موزىكىلىرىنى ئەستايىدىل تەتىقىق قىلغاندىن كىين تۈركى مىللەتلىرىنىڭ موزىكا قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتتى . جاھان كەزدى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئارلىدى . سەنئەتكارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى . تۈركىيە
سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركى خەلىقلىرى
بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ موزىكىلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئۈزىمىزنىڭ
موزىكىلىرىغا سىلشىتۇرما قىلىپ تەتقىقاتلارنى ئىلىپ باردى . ئاندىن دۇنياۋى موزىكىلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى . ھىسيات ئالاھىدىلىگى . يەتتە پۇتۇن . بەش يىرىم ئاۋازدىن تۈزۈلگەن چالغۇلاردىكى ئاۋازلارنىڭ ئورۇنلىشش ئالاھىدىلىكلىرىنى، موزىكىلاردىكى ئورتاق قانۇنىيەت ۋە ئورتاق بولمىغان ئىلىمى نوقتىلارنى ئويلىدى . تەپەككۇر قىلدى . تەتقىق قىلدى . دۇتتارنىڭ ئاۋاز ئورۇنلىشش
جەھەتتە ناھايىتى مۇكەممەل ئىكەنلگىنى ھىس قىلىپ ئۈزىنىڭ ھاياتىغا بىر ئۈمۈر ھەمرا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ جەلىپكار چالغۇلىرى ئىچىدىن دۇتتارنى تاللىۋالدى ئۇ ئەسلى راۋابچى ئىدى راۋاب – ئۈزىنىڭ جاراڭلىق ۋە ساددا مىجەزگە ماس كىلىدىغان ھالەتتە ئىجاد قىلىنىپ ئۇيغۇر موزىكا تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن نوچىلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى . نوچى ئاتىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوقۇم بىر سازنى بۇلۇپمۇ راۋاپ چىلىشنى بىلىش كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاڭسىز بىر ئۆلچەمگە ئايلانغاندى . شۇڭا سىيىتى نوچى . سەلەي چاققان . تاشۋاي . روزەك باشى قاتارلىقلار ھاياتىدا بىر ئۈمۈر راۋابىنى قۇچاقلاپ ئۆتكەنچە جاھاندىكى ناھەقچىلىقلارغا قارشى  جار سىلىپ ئىسيانكارلىق روھى بىلەن دۇنيادىن كەتكەندى . نوچى دىگەنلىك جەميەت تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلىپ . يوۋاشنى بوزەك ئىتىپ ياماندىن قورقىدىغان ، يىتىمنىڭ
يەللكىسىگە مىنىپ بايلارغا غالچا بۇلۇش ئارقىلىق جان باقىدىغان ھارامزەدىلەرنى ئەمەس پەقەت ئەل ئىچىدە ئەدلى ئادالەتنى قوغدايدىغان . ئاجىزلارنىڭ غەمگۇزارى بۇلۇپ , يوۋاشنى بۆزەك ئەتمەيدىغان . ياماندىن قورىقمايدىغان، ھەق ناھەق تۇيغۇسى ئېنىق مەردانىلەر كۆزدە تۇتىلاتتى . شۇڭا ئۇ كىچىك چىغىدا راۋاپقا ئىشتىياق باغلىدى . قىنىدا تاشۋاي كەبى نوچىلارنىڭ قىنى قايناپ تۇرىدىغان ئابدۇرىھىم ھىيىت قەشقەرنىڭ چايخانلىرىدا بۇلىدىغان سۆھبەتلەردىن بەھىر ئىلىپ ۋايزلار ۋە داستانچىلارنىڭ ئىسلام تارىخىنى بايان قىلىدىغان ئەپسانە رىۋايەت چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولدى . يەرلىك سەنئەتكارلار راۋاپنى قولىغا ئىلىپ يۈسۈپ ئەھمەد داستانى . ھەزىرىتى ئەلى ۋە ھەسەن ھۈسەن ئاكا ئۇكىنىڭ كەچۇرمۇشلىرى . ئۇيغۇر خەلىق داستانلىرىدىكى تاھىر زۆھرە . پەرھاد شىرىن . ھۆرلىقا ھەمراجان قاتارلىق داستانلارنى تۈرلۈك ئوبرازلار ئارقىلىق بايان قىلىش سەنئىتىدىن خەۋەردار بۇلۇپ سەنئەت موھىتى قويۇق بىر دائىردە ئىچىدە باللىغىنى ئۆتكۇزدى . كشىىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىللىق بىلەن يڭىلىنىپ ئەنئەنىۋې قائدىىلەر بىر بىرلەپ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولماقتا ئىدى . ئۇ كىچىك تۇرۇپلا مەشھۇر سازەندىلەر بىلەن ساز چىلىشىپ ئۇلاردىن تېخنكىلىق ماھارەتلەرنى قۇبۇل قىلدى . قىتىرقىنىپ ئۈگەندى . يۈرىكىدىكى موزىكىغا بولغان ئىشتىياق ئۈگەنگەنسىرى پايانى يوق دىڭىزدەك ئۇنى جەلىپ قىلىپ قانائەتكە ئەمەس قانائەتسىزلىككە ئۈندەيتتى . باللىق چاغلىرىنى ئەنە شۇنداق ئەل ئىچى سازەندىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئابدۇرھىىم ھىيىت باللىق چاغلرىىدىكى نوچىلىق تامايىدىن بىر قەدەم ھالقىپ سازنى ئەڭ يىقىن سىردىشىدەك بىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كىچە - كىچە سىردىشىدىغان ،مۇڭدىشىدىغان بولدى . ھەدىسى رەيھانگۈل ھىيىت قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ راۋاپ ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ راۋاپ چىلىشتىكى مۇكەممەل قانۇنىيەتلەرنى ناھايىتى ئىدىتلىق ۋە سىستمىلىق ئىگەللىگەندىن باشقا يەنە نۇرغۇن راۋاپچى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلگەندى . ئابدۇرىھىم ھىيىت سەنئەت مەكتەپكەئالاھىدە تالانىتى ۋە باشقىلاردىن پەرىقلىق بولغان ئالاھىدە سىىزىمى ئارقىلىق سەنئەت مەكتەپكە ئۆتتى ۋە تۆت يىللىق ئوقۇشنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا مەركىزى مىللەتلەر سەنئەت ئۈمىگىدىن ئادەم تاللاشقا كەلگەنلەرنىڭ تاللىشىدىن ئۈتۈپ قەشقەردىن بىيجىڭغا , قاراپ يول ئالدى . ئۇنىڭ ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇش بىيجىڭدا خىزمەت قىلىش قەدىمىنى باسقاندىن كىين يۈز بىرىدىغانلىغىنى ئۇ تىخى بىلمەيتتى . بىيجىڭغا بارغاندىن كىين ھەر مىللەتلەرنىڭ چالغۇلىرىنى . ھەر مىللەتنىڭ موزىكىلىرىنى ئاڭلىدى . ئۇيغۇر ئاھاڭلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر بىر موزىكىلىق تەۋرىنشىنىڭ نە قەدەر دىلرابا ۋە ئۇزلىغىنى قايتا قايتا ھىس قىلىپ يەتتى . ئارقىدىن بىلىملىك زاتلار ئۇنىڭ تالانىتىنى كۆرۈپ ئۇنى پىكىر جەھەتتىن يىتەكلەشكە باشلىدى . شۇ ئارىدا ئۇ ھاجى ياقۇپ . ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر . تۇرغۇن ئالماس قاتارلىقلارنىڭ پىكىردىشى بۇلۇپ قالدى . ئۇنىڭ بۇ تەقدىرى تاشۋاينىڭ تەقدىرىگە بەك ئوخشايتتى . تاشۋايمۇ ئەينى دەۋىردە موزىكىدا ئەڭ يۈكسەك پەللىگە چىقىپ قەشقەر كىچىك كىلىپ ھۈكىرەپ يۈرگەن زامانلارداتىخى ساۋاتسىز ئىدى . بىراق شۇ چاغلاردا ئابدۇقادىر داموللام بىلەن تەجەللى ھەزرەتنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ شۇلارنىڭ كۈڭۈل بۆلىشى ئارقىلىق ساۋاتلىق بۇلۇپ نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە بۈيۈك ئەللامىلەرنىڭ شېئىرى نەزمىلىرىنى شەرىھلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەندىن كىين «يارۇ» «لەيلىگۈل» «ئاشناجان» قاتارلىق ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىغائايلىنىپ كەتكەن ناخشىلارنى ئىجاد قىلىش پۈرسىىتىگە ئىرىشكەندى ئابدۇرۇھىم ھىيىت بىيجڭىغا بارغاندىن كىين ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىيلىرىنى يۈرەكتىن تونۇپ ھىس قىلىش پۈرسىتىگە ئىرىشتى . مىللەتلەر ئۇنۋىرىستتى ئۈمەك بىلەن بىر تام بولغاچقا تىرىشچان باللارغا قاراپ ئۈزىنىڭ قەشقەردە قالغان باللىغىنى ئەسلىسە بەزى بىلىملىك ياشلارغا قاراپ ئۈزىنىڭ پىشىپ يىتىلىش باسقۇچىنى باشتىن ئۈتكۇزىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ ھاجى ياقۇپتەك داڭلىق جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆتكۇر پىكىرىلىرىنى ئاڭلاپ ئۇيقۇدىكى پىكىر نىرىپلىرىنىڭ ئاستا ئاستا ئويغىنىپ ئېىچلىۋاتقانلىغىنى چۇڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتى ۋە نەزىرىيە ئاساس بىلەن موزىكىنىڭ چىلىش قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللەشتە ئەمدى باشقىلارنى تەقلىد قىلىش ئەمەس بەلكى ئۆز ئالدىغا بىر يول ئېچىشتەك ئۇلۇغۋار نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكتى . بىيجىڭدا ھاجى ياقۇب ئۇنىڭغا ھەمرا بولسا قەشقەرگە بىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چۈشسە تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۈيى ئۇنىڭ قونالغۇسى ئىدى . تۇرغان پۈتكىنىدىن جەڭگىۋارلىق ۋە جاسارەت بالقىپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتنىڭ ئوتلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلاش بىتەكرار بۇ ئالىمىلارغا باشقىچە روھ بىغىشىلىسا ئالمىلارنىڭ سۆھبەتلىرى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ تەپەككۇرئېىتىنى قامچىلاپ مەنزىلگە قاراپ چېپىشقا مەدەت بىرەتتى . ئابدۇرىھىم ھىيىت ئەنە شۇ چاغدا راۋاپنى پەقەت خىزمەتتە چىلىش ئۈچۈن قويۇپ دۇتتارنىڭ ھەممىباب ئالاھىدىلىگىنى ھىس قىلىپ يىتىپ دۇتتارنى ئۈزىگە ھەمرا قىلىش ئۈچۈن تاللىۋالدى . شۇنىڭدىن كىين ئۇياۋرۇپانىڭ كىلاسسىك موزىكىلىرىنى . ئوركىتسىر بىلەن چىلىنغان ئاھاڭلارنى دۇتتار بىلەن چىلىپ باقتى . بىر توپ چالغو پەيدا قىلغان ھىسياەت ۋە كەيپىياتنى يالغۇز دۇتتار بىلەن ئورۇنلاپ باقتى . شۇ چاغدا ئۇنىڭدا شۇنداق بىر سىزىم ئاشكارە بولدىكى دۇتتاردىكى ئاددى ئىككى تارا بىلەن ئون پەش پەدىدىكى يىرىم پۈتۈن ئاۋازلار ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك ساداسىنى جاھانغا ئاشكارا قىلىشتا كەمتۈكلۇك قىلمايتتى . ئۇ شۇ خىلدا تەتقىقات ۋە تەجىرىبە قىلىش بىلەن ئاز كەم ئون بەش يىلنى ئۆتكۇزۇپ ئارىدا نۇرغۇنلىغان ناخشىلارنى ئىجاد قىلدى ئەمما ئۇنى ئاشكارا قىلمىدى . ئۇنىڭ تېكسىىت تاللاش جەھەتتىكى سەۋىيىسىمۇ باشقا  ناخشىىچلاردىن پەرىقلىق بۇلۇپ تىما تاللاشتا شائىرنىڭ ئابرۇيى بىلەن ھىساپلاشماي ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك دىگەننى ئۆلچەم قىلىشنى ئاساس قىلدى . بىر تەرپەتىن ئىجاد قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن خەلىق ناخشىلرىىىن توپلاپ رەتلەشنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ مىۋىلىرىنى بىر بىرلەپ ئەلگە سۇنۇشقا تەرەددۇت قىلدى .  92- يىلى تۇنجى بۇلۇپ قاپلىق ئۇنئالغۇلېنتىسى بولغان «دوس خېنىم» نامىلىق پىلاستىنكىنى ئىشلەپ تارقاتتى . ئۇنئالغۇ لىنىتىسى چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر زىمىنى تەۋرەپ كەتتى . تەرەپ تەرەپتىن كىلىۋاتقان خەتلەر . ئالقىش سۆزلىرىنى مۇجەسسەملىگەن تېلېفۇنلار، ئەتراپىدىكى جەمىيەت ئۇنىڭغا زور دەرىجىدە ئىلھام ۋە مەدەت بولدى . ئۇ شۇ چاغدا قىلچىلىك ئىككىلەنمەستىن يالغۇز دۇتتار بىلەن ناخشا كېچىلىگى قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى . ئۆتكۈر ئەپەندى ۋە تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئالىملار ئۇنىڭ بۇ روھىنى جان دىلى بىلەن قوللايدىغانلىغىنى بىلدۇردى . ئەمما ھەمىمسىنىڭ كۈڭلىدە پەقەت سورۇندا چىلىنىپ كەلگەن بىر ساز بىلەن ناخشا كېچىلىگى قىلسا تاماششبىنلار كۆرەرمۇ دىگەن ئەنسىرەشمۇ بار ئىدى . بۇ يىللاردا خەلىق تاللاش بىلەن شاللاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاندى . ياۋرۇپانىڭ چالغۇلىرى شىنجاڭ زىمىنغا كىرىپ باشقىلارنىڭكىنى ئىلغار. ئۈزىمىزنىڭ قالاق دىگەن كۆز قاراشلار ئەۋىج ئىلىۋاتقان شارائىتتا بۇ كېچىلىك قانداق بۇلار دىگەن ئىككىلىنىش ئالىملاردىمۇ ئىككلىنىش ۋە گۇمان تۇغۇسىنى پەيدا قىلغاندى . بىراق ئابدۇرىھىم ھىيىت ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن ئىشەنىچ بىلەن ئۇيغۇرلار دۇتتارنى بەك ياخشى كۈرىدۇ . دۇتتارنىڭ ھەۋەسكارلىرىمۇ بىزدە ئەڭ كۆپ . كېچىلىك چوقۇم مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ ھەم تاماششبىنلارنىڭ چوقۇم ئالقىشىغا ئرىىشىدۇ دەپ ھۈكۈم قىلغاندى . دىگەندەك كېچىلىك باشتىن ئاياق ئالقىشلار ۋە ھوررا سادالىرى بىلەن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى . ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كىين . ئىز . چىللاڭ خورۇزۇم . مەن ئاق بايراق ئەمەس . ئۇچراشقاندا قاتالىق نادىر ناىشىلارنىڭ تېكسىىت ئىجادىيەتچىسى ئۆتكۇر ئەپەندى شېئىرنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئاھاڭدا بۇلىدىكەن . نۇرغۇن شېئىرلىرىم ئۆز قەدىر قىممىتىنى تاپالماي تڭىرقاپ يۈرگەندى . مەن ناخشىنى ئاڭلىغاندىن كىين ئاندىن ئۇىنڭدىكى ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن گۈزەلللىكلەرنى قايتا ھىس قىلدىم دىگەندى . ئارقىدىن كېچىلىك قەشقەر ھىيتكاھ تىياتىرخانسىىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەنىۋى جەھەتتىن ئىچىرقاپ كەتكەن كىشىلەر ئاقسۇ ، ئاتۇش . خوتەن دىيارىدىن كىلىپئويۇن كۆرۇشكە باشلىدى . بىر مەيدان . ئىككى مەيدان ئۈچ مەيدان . كېچىلىك داۋاملاشماقتا ئىدى . لىكىن ھەر كۈنى بىلەت تۈگەپ كىتەتتى . ئويۇن ئۈزۈلدۇرمەي قويۇلۇپ قەشقەردە جامائەت پىكىرى پەيدا بولغاندىن كىين ۋالى مەھكىمىسى مەجبۇر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ كېچىلىكنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى . ئابدۇرىھىم ھىيىت ئارمانسىز قەشقەردىن ئايرىلىپ بىيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتى . دۇتتار ھەم ئۇنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى نۇرغۇن قۇلاقلاردا ئۇ كەتكەندىن كىينمۇ خىلى ئۇزاققىچە ئەكىس سادا پەيدا قىلدى .
(داۋامى بار)   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 12:47 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
Aytugh + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 320   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 12:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راخمانجان ئاۋۇت ‹‹ئۈزھال›› ئەپەندى ، مەن سىز مۆمىنجانىڭ كىچىلكدە كۆرگەن ئىدىم ، يىڭى پىلاستىكاڭلار قاچان چىقدۇ ؟ ساقلايمىز،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15615
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 6976 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 12:56:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن ....

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ئادەم مەن دىگەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6469
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2857 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 01:29:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمەت ۋە كەسىپ ئھتىياجىدىن ھازىر  سەنئەتتىن تولۇق ھوزۇرلىنىشقا ۋاقىت ۋە كەيپىيات يوق ،لېكىن سەنئەتكە بولغان ھوجەيرىلىرىم  خىلى سەزگۈر.
دادام رەھمەتلىك دۇتتار بىلەن ئورۇنلانغان ناخشىلارغا  بەك ئامراق ئىدى . ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمىز .

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83507
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:45:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم ھېيىت روھى ئۇيغۇر روھيتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ زاتى مۇبارەكتە تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئېتقاد بىلەن، يىمرىلمەس ئۇيغۇر روھى بار، ئۆتكۆر مىللەت سۆيەر پىكرى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 03:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ دۇتتارنى بەك ياخشى كۆرىمەن
مېنىڭ بۇ سەنئەتكارىمىزدىن بىلىم ئالغىم بار ئىدى
داۋامىنى كۈتىمەن
ۋالىي مەھكىمىسى نېمە ئۈچۈن................؟؟

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 22179
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 4208 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 03:22:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۈرلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...داۋامىنى كۆرۈپ ئىنكاسىمنى تولۇقلايمەن.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!. ۋاقىت ھەممىنى ئۆتمۈشكەئايلاندۇرىدۇ. ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئېرىشتۈرىدۇ. بىر كۈنلەردە كەچمىشىڭدە يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن كۈلىسەن. كۈلگىنىڭ ئۈچۈن يىغلايسەن.... http://saadat.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92423
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7286 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 03:48:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى بۇ مۇنبەردە ئۇچراتقىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم. مىللەت پەخىرلىرىنىڭ ئىزلىرى تارخ بېتىدە يادلانغۇسى.سىزنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىڭىزغىمۇ قايىلمەن. تېمىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمىز.

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10947
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 04:25:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلىقنىڭ ئالقىشلىرى ئابدۇرىھىم ھىيىتقا ئىلھام ۋە مەدەت بولغاندى . ئۇنىڭ ناخشىلىرى ساپلا ئىدىيسى بار شېئىرلار بىلەن مۇكەممەل قانۇنىيەتلىك موزىكا ئىلمىنىڭ يۇغۇرلىشى بۇلۇپ تېكسىىت بىلەن ئاھاڭنىڭ جىپىسلىششى ۋە ئورۇنلاشتىكى سەۋىيە كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن ھالقىپ كەتكەندى . چۈنكى ئابدۇرىھىم ھىيىت سەنئەتنى « ئويناپ كۈڭۈل ئاچىدىغان» دىگەن ئۇقۇمدىن بىر دەرىجە ھالقىپ ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغاندىن سىرىت يەنە ئۇيغۇر موزىكا قانۇنيىتىنىڭ كۈي شەكلى . قۇرۇلمىسى . كەيپىيات ۋە ھىسيات ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تىمپىنىڭ يەنە قانداق تۈرىدە بوشلۇق بارلىغىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ چۈشەنگەندى . ئادەتتە 9\8  تىمپا مۇقامنىڭمۇ بىر نەچچە يىرىدە ئۇچرايتتى . ئۇنى چىلىشنىڭ قىينلىغى ۋە ئاڭلىغۇچىلاردا 7\8 دەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدىغانلىغىنى پەرىق ئېتىپ قۇتلۇق شەۋقىنىڭ بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر نامىلىق ناخشىسىنى ئەنە شۇنداق چىلىش قىين بولغان تىمپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئورۇنلىدى . شېىرىيەتتە بولسا دېققىتىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئىسيانكار شائىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغۇرۇلىغان ئىدىيلىرى ئەكىس ئەتكەن شېئىرلىرىغا قارىتىپ ئۇنىڭغا چۇڭقۇر چۈكۈش ۋە ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ئاھاڭغا سىلىشنى ئۈزىنىڭ ئىجادىيەت پىرىنسىپى قىلىپ چىقتى . ئۇنىڭ ئىشلىگەن ئاھاڭلىرى ئاساسەن . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر . قۇتلۇق شەۋقى . نىمشىھىت . ئۆتكۇر . قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك شائىرلارنىڭ ئىجادى ھاياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ئىجادى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان شېئىرلىرىغا ئاھاڭ ئىشلەشكە قاراتتى . غەرىپنىڭ مەدەنيىتى بىرىنچى بۇلۇپ تارقىلىدىغان بىكەت بولغان بىيجىڭ شەھرىدە باشقا مەدەنىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە ئىزچىللىق بىلەن تەسىر كۆرسېىتىپ  كىلىۋاتقان شارائىتتا ئابدۇرىھىم ھىيىت ئۆزى يالغۇز كاتەكتەك بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىجادىيەت ئىلىپ باراتتى . موزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىناتتى . دۇتتارنى قولدىن چۈشۈرمەي مەشىق قىلىپ ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭ جەتەتتىكى ئۈز نەزىىرىدە مۇكەممەل بولمىغان بەزى جايلىرىغا نەزىرىنى سالاتتى . تېكسىتتىكى مۇۋاپىق بولمىغان سۆزلەر ئۈچۈن تىلشۇناسلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ مەسلىھەت سالاتتى . ئاھاڭلارنىڭ بارلىق نۇسقىلىرىنى تىپىپ ئاڭلاپ ئۆز ئارا سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ توغىرىلىرىنى دىتلاپ . تاللىۋالاتتى . 18 يىل بىيجىڭدا خىزمەت قىلغان ئابدۇرىھىم ھىيىت ئاخىرى ھەرەمگە يول ئالدى . رۇسىيە ئارقىلىق پويىز بىلەن سەپەرگە چىقىپ ھەرەمگە باردى . ئۇ يەردىكى قىرىنداشلار ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى . ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىلار بىلەن كۈتىۋلغاندىن كىين بەزىلىرى ئۇنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى . بىراق ئابدۇرىھىم ھىيىت ۋەتەن دىگەن بىر جۇملە سۆزنى تىلغا ئىلىپ ئۇنىڭدىن كېچىش دىگەن گەپنى ئويلىغاندا بەدىنى تىكەنلىشىپ كەتتى ۋە داڭلىق بايلارنىڭ تەلىۋىنى تە تەكلۋىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ زىيارەت قىلغاچ ئىستانبولغان كەلدى . ئەنقەرەگە باردى . ھەممە يەردە ئۇ قىزغىن قارشى ئىلىندى ۋە بۈيۈك سەنئەت پىشۋاسى دىگەن ئىتىراپ قىلىشلار نەتجىسىدە ئەتىۋارلاندى . غازى ئۈنۋىرىستتىلىرىدا لىكسىيگە ئورۇڭنلاشتۇرۇلدى ھەم تۈركچە سۆزلدى . نۇرغۇن ساۋاغداشلار ھەيران قىلىپ سىز تۈركچىنى قانداق ئۈگەنگەن دىگەندە ئابدۇرىھىم ھىيىت ئويلانمايلا تۈرك تىلى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز تۇرسا ئۇنى يەنە مەخسۇس ئۈگنىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ دەپ جاۋاپ بەردى . شزالدىكىلەر قىزغىن ئالقىشلار بىلەن ئابدۇرىھىم ھىيتنى ئورىۋالدى . تۈركىلەرنىڭ مەشھۇر سەنئەتكارلىدىن بولغان ئورخان گەنجىباي ئۇنى ئالاھىتەن ئىزدەپ كىلىپ سۆھبەتكە چاقىردى ۋە ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىغا . بەدىئى دىتىغا قايىل بۇلۇپ ئىستانبولنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئەڭ ياسىداق داچىسىنى كۆرسىىتىپ ساڭا سوۋغا قىلدىم . بۇ يەردە قال . ھاياتىمىزنى تۈرك سەھنىلىرىدە بىللە ئۈتكۈزەيلى دىدى . لىكىن ئابدۇرىھىم ھىيىت رەھمەت ئىيتىپ ماڭا ۋەتەن كىرەك . ۋەتەنىگىمۇ مەن كىرەك دەپ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدى . بۇ ھەقتە ئەختەم ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ . ئابدۇرىھىم ھىيىت مەن ئەڭ چوڭ بىلىدىغان ھەقىقى ئەركەك سەنئەتكارلارنىڭ بىرى . مەن ئىستانبولغا بارغان چىغىمدا ئۇنى تونۇشتۇرغان بىر تېلېۋىزىيە پىرگىراممىسىدا ئۇنى كۆردۇم چالغان دۇتتىرىنى ئاڭلاپ خۇددى كېچك بالىدەك يىغلاپ كەتتىم كەتتىم دەيدۇ . ئابدۇرىھىم ھىيىت تۇركىيەگە بارغاندىن كىين كچىكىلكىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلىرىنى ئىلىپ بىرىپ ئۈزىنىڭ ئىلغار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەم ئەمەلىيتى بىلەن ئۇلارغا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ شۇنچىلىك جەلىپكارلىغىنى نامايەن قىلىپ بەردى . ئۇ ھەۋەسكارلىق باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەمدى مۇستەقىل تەتقىاتچى ۋا ئىجادىيەتچىلىك ھاياتىنى باشلىغان بولغاچقا ئاخىرى شىنجاڭغا قايتىپ كىلىشىنى قايتا قايتا ئىلتىماس قىلدى . لىكىن ئىدارىسىدىكلەر ئۇنى قويۇپ بەرمىدى ھەم داۋاملىق ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى . بىر قارارنى قىلغانكەن باشقىلارنىڭ ئىغىزىغا قاراپ ياشاشنى ھار ئالىدىغان بۇ تالانىت ئىگىسى ئۈزى قايتپ كىلىپ شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۈمىگى بىلەن دىيىشىپ قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ تۇرىۋالدى . نەتجىدە مىللەتلەر سەنئەت ئۆمىگىنىڭ باشلىغى ئۇنى تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىغىنى تونۇپ يىتىپ 97- يىلى ئۇنىڭ شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۈمىكىگە يۈتكىلىپ كىتىش ئۈچۈن ئامالسىز تەستىقلىدى .  ئۇ شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىگە يۈتكىلىپ كەلگەندە ئاز دىگەندە 10 تال پىلاستىنكا نەشىر قىلغاندى . ئۇىنڭ ئۈچ قېسىملىق «مۇڭزار» نامىلىق ئىجادى توپلىمى ئەل ئچىىدە قىزغىن ئالقىشلىنىش بىلەن بىرگە نەچچە قېتىم نەشىر قىلسىنمۇ يەنە بازاردىن تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەتىۋار بۇيۇمغا ئايلانغاندى . شۇنداق قىلىپ ئۇ قايتىپ كەلدى . ئۇيغۇر خەلىقنىڭ قايناق بازارلىرىنى كەچلىرى سەيلە قىلالايدىغان بولدى . ئۇيغۇر روھىتىگە يىقىندىن تۇرۇپ نەزەر سالالايدىغان بولدى . ئۆز خەلىقنىڭ باغرىدا تۇرۇپ ئۇلار ھىس قىلغاننى تەڭ تۇرۇپ ھىس قىلالايدىغان بولدى . بۇنداق شان شەرەپكە نائىل بولغىدىن خۇرسەن بولغان ئابدۇرىھىم ھىيىت يەنە قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىىشتى .     

ئۆلۆمنىڭ ئۆزى بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17461
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8233
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 3637 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 07:26:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىگە اللە رەھمات قىلسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇلۇق ،ۋىژدانلىق ئەركەك سەنەتكارى ئۇ!،

ئۈمۈد بىلەن ياشىغن ھەركۈن،ئارزۇلاپ كۈتكىنىڭ كىلىدۇبىركۈن......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش