مەن سۆيگەن يىگىتكە
مېھرىگۈل ئابلىمىت
«سەن كەتتىڭ كەينىڭگە يېنىشلاپ قاراپ،
قالدىممەن جۇدالىق ياشلىرىم ئېقىپ.
ئەسلەيمەن ھەر مىنۇت ئۈنسىز سېغىنىپ،
يول يىراق دىل يېقىن شۇنى ئۇنۇتما.»
بۇ شېئىر يادىڭدا بارمىدۇر ئەزىز،
بوپ قالدى بۇ سۆزۈڭ مەڭگۈگە قەرز.
دىل يارا بولسىمۇ تەقدىر شۇنداقكەن،
ياشايمەن ئۈمىدسىز جان ساقلاش پەرز.
بىر چاغلار.....................
چەقىۋاتقان بۇ ناخشا قەلبىڭدە ئىدى،
قوللىرىڭ گىتاردا بۇ كۈيدە ئىدى.
رەنجىمەي مۇمكىنمۇ سېنىڭدىن يىگىت،
بۇ يۈرەك بىر ساڭا مۇپتىلا ئىدى.
جۇدالىق دەپ ئۆتتى ئۆمرۈمنىڭ تېڭى،
ھەقنى ھەم تونۇتتى قەلبىمنىڭ جېڭى.
دۇنيادا سۆيگۈسىز مەشۇق كۆپ ئۆتكەن،
شۇ زاماندا قاپتۇ، زۇلەيخا ، ئېڭى.
ئاڭلىغىن ئاخىرقى نىدالىرىمنى،
يېڭىلدىم دۇنياغا،قەلبىم پاك كېتەر.
چېكىندىم شېرىننىڭ ئەقىدىسىدە،
تىلەيمەن ھەم بەخت بۇ ساڭا يېتەر.
قاراماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 01:25 PM