سەنمۇ، شەيتان ئالدىغان قىزمۇ؟
ئېسىپ تۇرۇپ بوينۇڭغا تۇمار.
ئوتلۇق سۆيگۈ ئوقۇغان ئەپسۇن،
قوزغاپ ئاتەش يۈرەكتە خۇمار.
سەنمۇ، سەيتان ئالدىغان قىزمۇ؟
يېقىپ يېتىپ مەيدەڭنى قۇمغا.
ئەپسۇن ئوقۇپ ئۆتكەندە ئالۋۇن،
بىھۇش بولۇپ ئەگەشكەن شۇمغا.
سەنمۇ، شەيتان ئالدىغان قىزمۇ؟
يېقىپ يۈرگەن مازارغا چىراق.
يېنىپ ئاپئاق سۆڭەكتىن ئۇچقۇن،
سالغان جۇشقۇن روھىڭغا پىراق.
سەنمۇ، شەيتان ئالدىغان قىزمۇ؟
سالغان ئاخشام بەختىڭگە ئسرىق.
ئالما قېقى پۇرىغان ئۆيدە،
ناخشا ئېيتىپ چۆرىگەن چىغرىق.
سەنمۇ، شەيتان ئالدىغان قىزمۇ؟
ئايسىز كەچتە جىنكەشلىك قىلغان.
رەڭدار تۇغنى ئايلىنىپ تەكرار،
سەرسان روھنىڭ باغرىنى تىلغان.
سەنمۇ، شەيتان ئالدىغان قىزمۇ؟
سېرىق شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن.
تىكىپ تەقدىر-قىسمەتنى دوغا،
كۈتكەن مۇرات-مەقسەتكە يەتكەن.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 12:18 PM