رىسىدە بولغان قىز چۈشىدە
ئەگىپ يۈرەر بۇرۇتلۇق ئەركەك،
رىسىدە بولغان قىز چۈشىدە.
ۋۇجۇدىدا بىر تاتلىق تىترەك،
باغرىدا چوغ ، گۈلخان كۆزىدە.
رىسىدە بولغان قىز چۈشىدە ،
باشتىن-ئاخىر سۆيگۈ يانغىنى.
تاڭغا تەشنا ئوتلۇق بىر ئارمان،
لەۋلىرىدە سۆيگۈ قاينىمى.
رىسىدە بولغان قىز چۈشىدە ،
قۇچاق ئېچىپ كېلەر بىر يىگىت.
كۆزلىرىدە مۇھەببەت قىيان،
باسار ئۇنى باغرىغا جىمجىت.
رىسىدە بولغان قىز چۈشىدە ،
تەشنالىقتا ئەركىن ئەركىلەش.
ئۈمىدلىرى قۇياش چاقنىغان،
تاتلىق سۆيۈش، شىرىن بىر بەزلەش.
رىسىدە بولغان قىز چۈشىدە ،
تاغ ياسالغان چوغلار دۆۋلىنىپ.
گۈللەر ھىچكىم پۇراپ باقمىغان،
بەس-بەس بىلەن كەلگەن كۈيلىنىپ.
جۇپ-جۇپ قۇشلار ئايلىنار لەرزان،
بەسلىشىدۇ ئىگىزدە ، كۆكتە.
رىسىدە بولغان قىز چۈشىدە ،
ھىد چاچىدۇ گۈللەر بەس-بەستە.
مەنبەسسى: شورلۇق يازمىللىرىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 12:08 PM