مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 267|ئىنكاس: 9

ھىجران كۈيلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2790
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:14:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىجران كۈيلىرى



ئەۋەتىلمىگەن خەتلەر



جىمجىتلىق ھۆكۈمران بولغان بىر كۈنى،

ئېچىپتىمەن كونا غەمخار دەپتەرنى.

تۇراتتى خەتلىرىم ھەممە بەتلەردە

شۇنچىلىك مىسكىن قىلىپ ئۆزىنى.



ئوقۇپ ساپتىمەن سەزمەستىن ئۆزۈم،

كۆزۈممۇ نەمدەلدى،قەلبلەر ئەسىر.

شۇنچىلىك تەس ئىكەن ئۇنۇتماق دىگەن،

بىردەمدە قۇرۇلدى خىيالدىن قەسىر.



كۆزۈمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى ۋە ھەممە،

تاشلاندى كۈندىلىك غەمخار خاتىرە.

ئۇنۇتماق بولۇپ تىرىشتىم، لېكىن-

قالدى ئۇنتۇلماي جاھىل ئەسلىمە.



تىنچىپ بولمىغان ئۇشبۇ يۇرەكمۇ،

بۇ خەت بىلەن كۆيدى چاراسلاپ.

ۋە لېكىن كەتكەنتىڭ باشقا بىر بىلەن،

كەلگەنتىم ئۆزۈمنى بەزلەپ ئاۋايلاپ.



ئېيتالمىغاچ ئاشۇ بىر جۈملە سۆزنى،

تىللىدىم ئۆزۈمنى نەچچە-رەت ئاقماس،

خىياللار بىلەن بەنت بولدى قەلبىم،

گەپ-سۆزلەر ماڭا ھەم قىلچىلىك ياقماس.



بەختلەر تىلەپ قالغانتىم  يەنە،

قەلبىمنى ئەتەي بەزلەپ پەپىلەپ.

ئاراندىن-ئاران تۇرغان شۇ چاغدا،

كەلدىڭغۇ بىراق يەنە پەتىلەپ.



مېنى پەقەت دوستۇملا دېدىڭ،

بۇ ئويلىرىڭنى كەلدىم ھۆرمەتلەپ.

تېخى تىنچىپ بولمىغان قەلبىم،

بىراق تېخىمۇ كەتتى ئەزۋەيلەپ.



بۈگۈن بۇ بەتلەر مېنى قىلدى خار،

دوستلارنىڭ بەزلىشى ياقمىدى زىنھار.

خىيالىم بولدى قەلبىمگە ھەمراھ،

بولدى ھەم قەلبىمگە ئەڭ ياخشى غەمخار.



نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتنى ئەتىرگۈلگە ئوخشىتىدۇ،مەنمۇ ھەم شۇنداق ئىدىم.تىكىنى بولغاچقىلا ئەمەس،بەلكى ئۇنىمۇ توزۇيدۇ،قۇرۇيدۇ دەپ ئويلايتتىم...بىراق قايتىدىن كۆكلەيدىغانلىقىنى،تۈۋىدىن كەسكەن تەقدىردىمۇ قىش كېتىپ يەنە  باھارنىڭ شۇ ئىللىقلىقى كەلگەندە يەنە كۆكلەيدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن.ئەڭ ئازاپلىقى  يۇلىۋېتەي دىسەڭ_ ئەتىرگۈل ئاران بىر سىقىم توپىنى كۆتۈرۈپ چىققىنى بىلەن مۇھەببەتنىڭ يۇلۇپ چىقىدىغىنى يۈرەك ئىكەن...



يۈرۈيمەن خىيالىمنىڭ دېڭىزلىرىدا،

يالغۇز قولۋاقتەك ئۈزۈپلا ھامان.

ئىزلەيمەن چۈشۈمدىن سىمالىرىڭنى،

جۆيلۈپمۇ دەپتىمەن ‹‹كېلىسەن قاچان؟>>



خىيال ئاسمىنىدا قىلىمەن پەرۋاز،

قايتىپ چۈشسەم پەرىشان ھالىم.

كۆيگەن بۇ يۈرەك ئۆچمىدى ئەسلا،

بۇ ئوت يامانكەن قىينالدى جېنىم.



ئوتۇڭدا يالقۇنلاپ كۆيگەن بۇ يۈرەك،

ساڭا مەلۇم بولماس پەقەتلا.

شۇنداق يۈگەنسىز خىيال ئېتىدىن،

ياردەملەر تىلەيمەن ئى ئۇلۇغ ئاللاھ



مەن  ئۆزۈمنى بۇلبۇلغا ئوخشىتىپ باقمىغان ئىدىم،ئەمما پەرۋانىگە ئوخشىتىپ قالاتتىم.توۋا!بىلىپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئوتقا تاشلىۋالغاندەكلا،يەنە شۇ ئوتقا ئىنتىلىپ تۇرغان!سېنىمۇ ئايغا ئوخشىتىپ باقمىغان،بىراق ئوخشاپ قالدىڭ،پەقەت ساڭا تەلمۈرۈپ يۈرۈيمەن خالاس،مېنىڭ بارلىقىمنى سەزمىگەندەك،دېمىسىمۇ ئايغا پەقەت مەنلا تەلمۈرمىسەم كېرەك،بىراق نە ئامال...

...

كېچىلەر ھەمراھ بولامدۇ دائىم


مۇزدەك سوغۇق يامغۇر تامچىسى،

ئۆتمەكتە سىلاپ مىسكىن يۈزۈمنى.

ئالغاچ كېتەر ئۆزىگە قوشۇپ،

چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن تامچە يېشىمنى.


يامغۇر ئېقىپ ئۆتىدۇ يەنە،

قۇرۇغان ھەم تىترىگەن لەۋدىن.

تەسەللى تېپىشنى ئويلايدۇ كۆڭۈل،

تۇنلەردىكى مۇزدەك يامغۇردىن.


دەيدىكەن  ئۆمرى تولىمۇ قىسقا،

بەخىت ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ.

نىمە ئىش بولدى بىلمىدىم ئەجەپ،

ھەمراھى بولدۇم غېرىپ تۈنلەرنىڭ.


سەرسان روھىم تەمتىرەپ قالدى،

قەپەس ئوخشاش تېنىم ئىچىدە.

گاھى يۇلقۇنار ھەرياق-ھەرياققا،

مۇڭ بىلەن تولغان ئۇزۇن كېچىدە


كېچە ئۇزۇن ،تىنىقلار ئېغىر،

كېچە ئەمەس خۇددى بىر ئەسىر.

شۇنداق كەچلەردىن قورقىمەن ھەجەپ،

غاجىلاپ يۈرەكنى قىلىدۇ يېغىر.


شۇ كېچىلەردىن قورقۇپ تۇرساممۇ،

كۈتىمەن كۈندۈزدە كېچە كىرگىچە.

ۋە يەنە قاچانكى تاڭ ئاتاركىن دەپ،

ئۇخلاپ قالىمەن كۈتۈش ئىچىدە.


گاھى ئاي ھەمراھ بولىدۇ ماڭا،

يالغۇزلۇق ئۇۋا سالغان كېچىدە.

ۋە ياكى قالىمەن يۇلتۇزغا يىغلاپ،

يالغۇزلۇق سالغان ئۇۋا ئىچىدە.


<<گەپ قىلالماي بىر بالا،

يىغلىۋەتتى قاراپ يۇلتۇزغا.>>

دەپ يېزىپتۇ تونۇش بىر شائىر،

تەقدىر ئوخشاشمۇ؟پاتتىم خىيالغا.


ئۇزۇن كېچىلەر كۈتەمدۇ دائىم،

ئاي ۋە يۇلتۇز ،گاھ يامغۇر بىلەن.

گاھىدا سۈرلۈك كېچە ھۆكۈمران،

ئۇزۇن ھەم ئېغىر تىنىقلار بىلەن


شۇنداق!يامغۇرلارغا،قارا كېچىلەرگە ئامراق بوپقالدىم،خۇددى بۇ ئوت سوغۇق يامغۇرلاردا،شۇنداق كېچىلەردە ئۆچۈپ قالىدىغاندەك. لېكىن، ئەپسۇس...


ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى


مەيىن شامال كەلسە پىچىرلاپ،

سەندىن خەۋەر ئالغاچ كېلەرمۇ؟

يۈرەك ئارام بەرمەس سىرقىراپ،

ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،

بۇ سېغىنىش ئۇزىراپ كېتەرمۇ؟


       سېغىنىش ئۇزىراپ كەتسە ئەگەردە،

      كۆيۈپ كۈل بولۇپ ئۆتۈپ كېتەيمۇ؟

خۇشاللىقتىن قالدۇرماي ئەسەر،

ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،

ھىجران بىلەن ئۆلۈپ كېتەيمۇ؟


    يەلپۈپ ئۆتەر يۈرەكنى تەشۋىش،

ھەر ئويلىسام ئاشۇ كۈنلەرنى.

   مۈشكۈل ئىكەن بەرداشلىق بېرىش،

ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،

      ئۆتكۈزدۈم بىدار نۇرغۇن تۈنلەرنى.


            ئەسلەيمەن دائىم  شېرىن سۆزۈڭنى،

يىراقلاردا بولساڭمۇ لېكىن،

ئۇنتالمىدىم  ئوتلۇق  مېھرىڭنى،

ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،

   ئۈمىدىم قايتىپ كېلەرسەنمىكىن.


كۈندە تەشۋىش،كۈندە قىينىلىش،

يىراق مەندىن ئازابسىز ياشاش.

لېكىن يەنە ئاشۇ ئىنتىلىش،

ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،

         نېسىپ  بولۇرمۇ  بەخىتلىك ياشاش ؟



كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

نېچۈن سېنىلا قىلىمەن خىيال.

يەنە نېچۈن تىلەيمەن پەقەت،

ئىككىمىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ۋىسال.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

نېچۈن قەلبىمگە بولدۇڭ سەن سۇلتان.

ئەلەم ئىچىدە قالغان يۈرەكنى،

سەن كېلىپلا قىلدىڭغۇ ۋولقان.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

قالىمەن سېغىنىپ سېنى ھەر كۈندە.

سېنى ياخشى كۆرسەممۇ لېكىن ،

ئېيتالماي يۈردۈم قىينىلىپ كۈندە.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

چۈشەپ قالىمەن سېنى چۈشۈمدە.

ئويغىنىشمۇ شۇنچىلىك ئازاپ،

پەقەتلا كۆرسەم سېنى چۈشۈمدە.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

ئويلىمىغان كۆيۈشنى ھېچكىم.

QQرىڭدىكى ھالەتنى كۆرۈپ،

كۈندەشلىكىم تۇتقاندۇر بەلكىم.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما

سورالمىدىم دوستۇڭ بارمۇ دەپ.

ئۆزۈمنى زورلاپ ئاران سورىسام،

جاۋاپ ئالالماي قالدىم ئازار يەپ.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما

بىر جاۋاپ ئۈچۈن يۇۋېتىپ قالدىم.

ئارقىسىدىن مىڭ كەچۈرۈم سوراپ،

QQ نى ئاران قايتىدىن قاتتىم.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما

لېكىن كۆرگۈم بار يېنىش-يېنىشلاپ.

بىلەمسەنۇ بۇنى بىلمەيمەن،

سۆيگۈم بار ئىدى ھايات بېغىشلاپ.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

ئۇچۇرۇڭنى كۈتۈپ تۇراتتىم.

سوغۇق تېگىپ قالساڭلا ئەجەپ،

ئۆزۈممۇ بىلمەي يىغلاپ قالاتتىم.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

نېچۈن بىر سېنى تارتىدۇ يۈرەك.

ئۆزگىلەر تىلىدىن ئاڭلانسا ئىسمىڭ،

ئازىدۇ يەنە رېتىمدىن يۈرەك.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

يۈرىكىمدە گۈزەل بىر تىلەك.

نېچۈن سەن سۇلتان مېنىڭ قەلبىمگە؟

مۇھەببەت بەلكىم شۇ بولسا كېرەك.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما

قەلبىمگە كىرىپلا بولغانتىڭ سۇلتان.

ھەممە نەرسىدىن ئۈمىدنى ئۈزگەن،

يۈرىكىمنى قىلغانتىڭ گۈلخان.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما

سىرداشقانتى دىللار ئۆز-ئارا.

ئاشۇ گۈزەل،گۈزەل چاغلاردا،

ئازقالغانتى قەلبىمدە يارا.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما،

يۈرەك سەن ئۈچۈن ئەزۋەيلىگەنتى.

كۆز تەگدىمۇ پەقەت بىلمىدىم،

گۈزەل كۈنلەرمۇ توزۇپلا كەتتى.


كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما

شۇ بىر ئارمان ،پەقەت شۇ خىيال،

سۆيگۈ سوراپ بارسام ناۋادا،

تاپارمەنمۇ چۈش كەبى ۋىسال.


<<كۆرۈشۈپ باقمىغان>> دىسەم باشقىلار ئىشەنمەسلىكى ھەتتا مازاق قىلىشى مۇمكىن.

مەن دىللارنىڭ سىردىشىشىنى،ئىشىنىشىنى چوڭ بىلگەن بىلەن دەۋر ئۇنىڭغا باقمايدۇ-دە.مەنمۇ بارا-بارا كۆنۈپ كېتەرمەن.


سۆيگۈ سوراپ بارسام ناۋادا


سۆيگۈ سوراپ بارسام ناۋادا،

ئالدىمغا كۈلۈپ خۇش چىقارسەنمۇ؟

كەلگۈسى ئۈچۈن بەختلەر تىلەپ،

ئۆزۈڭمۇ بەختلىك ھېس قىلارسەنمۇ؟


سۆيگۈ سوراپ بارسام ناۋادا،

كۈتكەن جاۋاپنى مەن ئالارمەنمۇ.

ياكى سۆيگۈ سەدىقە ئەمەس دەپ،

غېرىپلىق بىلەن مەن  يانارمەنمۇ.


سۆيگۈ سوراپ بارسام ناۋادا ،

كۈلۈپ ئالدىمغا چىققىن ئەي نىگار.

مەيلى جاۋاپ بەر ياكى بەرمىگىن،

تەڭ يۈدۈپ ئازاپ يۈرمەيلى زىنھار.


نىمە ئۈچۈن يەنە يىغلايسەن


كۆزلىرىڭدىن تۆكمە ئۈنچە ياش،

بېرەلمەيمەن يېشىڭغا بەرداش.

ئېرىتىشكە شۇ شامغا ئوخشاش،

نىمە ئۈچۈن يەنە يىغلايسەن؟

يېتىپ ئاشاتتى ھەتتا تامچە ياش.


شۇ كۆز ياشتا ئېرىپ كەتكەنتىم،

"قول ئۈز" دىگەن نىيەتتىن كەچتىم.

كۆڭلۈمدە بىر بىلىپ كەلگەنتىم،

نىمە ئۈچۈن يەنە يىغلايسەن؟

ياندىڭ سۆزۈڭدىن ،رىيازەت چەكتىم.


ئازاپ دائىم ئۆتەر قامچىلاپ،

تىنىقىمدىن چىققاندا ئىسمىڭ.

ھىجران يەنە تۇرار تامچىلاپ،

نىمە ئۈچۈن يەنە يىغلايسەن؟

"ئاياغلاشسۇن" دىگەن سەن ئىدىڭ.


بەلكىم ھايات قىسمىتى شۇنداق،

مەندە ئامال يوقتۇر بۇنىڭدا.

سېنى ئىزدەر يۈرىكىم بىراق،

نىمە ئۈچۈن يەنە يىغلايسەن؟

بىلەلمىدىم نىم بار ئويۇڭدا.


ھايات خۇددى تۇمانلىق سەھەر،

قۇياشىمنى بۇلۇتلار توسقان.

ھىجرانلىرىم ئۆتكۈنچى زەھەر،

نىمە ئۈچۈن يەنە يىغلايسەن؟

ياكى ئاققان ياشلىرىڭ يالغان.


توۋا،بۇدۇنيانىڭ، بۇ ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى بەكمۇ سىرلىق!ئەنە شۇنداق ئەڭ مىسكىن،ئەڭ غېرىبانە،ھەممە ئۈمىدلىرىم مەندىن تارىغاندا تۇيۇقسىز توردا تونۇشۇپ قالدۇق.كىچىكىمدىن تارتىپ قىزلارغا گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان،كېيىنچە تاتلىق قىلغان گەپلىرىدىنمۇ سەسكىنىدىغان مەن ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان ئىدىم،ئۆزگەردىم دېگىنىم بىلەن پەقەت بىر ساڭىلا.

كۆرۈشكىلى چىقىشقا پەقەت ھېسىداشلىق قىلىش ئۈچۈنلا چىققىنىڭ ماڭا ئايان،ئەمما شۇ بىرنەچچە سائەت مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن بەخىتلىك تۇيۇلغان ئىدى،ئەمما ئۆمۈرلۈك بىرگە بولغان بولساق،لېكىن ئەپسۇس...

ئەمما شۇ بىر نەچچە سائەت ئۈچۈن چەكسىز شۈكرىلەر ئېيتقان ئىدىم.


كۆزلىرىمدىن تامچىدى ھىجران


يامغۇر ياغسا توختىماي پەقەت،

تىنچار ئىدى يۈرەكمۇ بەلكىم.

ئازاپ ئىكەن ماڭا بۇ قىسمەت،

كۆزلىرىمدىن تامچىدى ھىجران،

بۇ دەرتكە ھەم يوقكەن دىلكىشىم.


ئەسىر كەبى سوزۇلغان كېچە،

پۇت قولۇمدا قويمايدۇ دەرمان.

سۆيگۈم بولدى توزۇغان غۇنچە،

كۆزلىرىمدىن تامچىدى ھىجران،

سەن ئىدىڭغۇ دىلىمغا ئارمان.


قەلبىمدىكى تۈگىمەس تەشۋىش،

توختاپ قالدى بۈگۈنكى كۈندە.

تىلغاپ ئۆتسە يۈرەكنى كەچمىش،

كۆزلىرىمدىن تامچىدى ھىجران،

مېھرى سوغۇق بۇ ئۇزۇن تۈندە.


كىشنەپ تۇرار يالغۇزلۇق ئېتى،

توزىغاندا سۆيگۈ غۇنچىسى.

قولۇمدا بار  ھىجراننىڭ خېتى،

كۆزلىرىمدىن تامچىدى ھىجران،

تامچىدى ھەم ھىجران ئۈنچىسى.


ئامالسىزمەن بۇ غايىپ ئوتقا،

چاغلىساممۇ ئۆزۈمنى لايىق.

يالغۇزلۇقنى ھەمراھ قىپ ماڭا،

كۆزلىرىمدىن تامچىدى ھىجران،

بولۇپ قالاي خىيالىي ئاشىق.


تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران


ئۇزاپ كەتتى قەلبىڭ ھەم  مېھرىڭ،

ھەمراھ بولدۇم ئەلەملىرىمگە.

ئۆزگىلەردىن ئاڭلانسا ئىسمىڭ،

تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،

سىر ئېيتىمەن قەلەملىرىمگە.


ئىككى يۈرەك قوشۇلار دېسەم،

قوشۇلمىدى،بىرگە سوقمىدى.

ھەر قېتىمدا شۇ خەتنى كۆرسەم،

تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،

ياكى سەندە ۋاپا يوقمىدى.


مەن ئىشەنگەن ساڭىلا پەقەت،

كەتتىڭ لېكىن،چۈشەنمەي قالدىم.

ئەجەپلەندىمئۆزۈمگە قەۋەت،

تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،

ئۆزۈمگىمۇ ئىشەنمەي قالدىم.


مەڭگۈ دېگەن شۇنچە قىسقىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن دىگەنتىڭ مەڭگۈ؟

بىلەلمىدىم سۆزلەر ئەستىمۇ؟

تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،

كۈتكەنتىمغۇ سەندىنلا سۆيگۈ!


خوش دېيىشنى تاللىدىڭ بوپتۇ،

بولدى قىلاي بولمىسا ۋاپا.

بۇ باغرىممۇ خۇن بولۇپ بوپتۇ،

تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،

تىلىگەندە بەخت مەن ساڭا


تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ


تۈن قوينىغا سىڭدى غېرىپلىق،

ئۇنۇتقانسەن بەلكىم سەن مېنى.

ئازاپلىرىم تولدى لىقمۇ-لىق،

تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،

ئەسلىگەندە دائىم مەن سېنى.


تەقدىر-قىسمەت شۇنداقتۇر بەلكىم،

گۇۋاھچىسى تەڭرىنىڭ ئۆزى.

سۆزلەيدىكەن ئۆزىچە ھەركىم،

تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،

ئاچچىق ئىكەن غۇرۇرنىڭ سۆزى.


يىغلىۋەتتى سۆزلىگەچ غۇرۇر،

ئەقىدەمدىن ئۈنگەندە تىكەن.

سەن  ئىدىڭغۇ دىلىمغا ھۇزۇر،

تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،

شۇ سەۋەپتىن ئارمانلار ئۆلگەن.


ئېچىشىدۇ يۈرەك ئازاپتىن،

ياد ئېتىلسە ئاشۇ جۈملىلەر.

كۆڭلۈم خالىي ئەمەس سوراقتىن،

تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،

ھەر ئەسلەنسە ئاشۇ ئەسلىمە.


ئەقىدەمگە ساپ چىنلىق تەرسەم،

ئۈندۈرگىنىڭ بولدىغۇ ئازغان.

بۇ سۆيگۈمنى ساڭىلا بەرسەم،

تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،

دەرتلىرىمگە بارمىدۇ دەرمان.


تەڭ قىلىپ


بىر سېنىلا سۆيگەنتىم جىمى ئالەمگە تەڭ قىلىپ،

لېكىن ھىجراندا قالدۇردۇڭ ئويۇنچۇققا تەڭ قىلىپ.


چىن دىلىمدىن سۆيسەم مەن ئۆزۈمنى ئاشىق دەپ بىلىپ،

"بۇدۇشقاق"قا ئېرىشتىم،ئۆزۈمنى پەسكەشكە تەڭ قىلىپ.


بەرگەن ۋەدە ئۇنتۇلۇپ،ھەر ئاتاققا تۇتۇلۇپ،

ئۇۋالچىلىققا مەن قالدىم،غۇرۇرنى يەرگە تەڭ قىلىپ.


مەندىن كەتسە غۇنچە كېتۇر گەر پورەكلەپ ئاچىلسا گۈل،

گۈلمۇ ئاچىلماي توزىدى، قەلەندەرگە تەڭ قىلىپ.


مىڭ دەررىدىن ئېغىرراق سېنىڭ ئۇرغان بىر ئاھىڭ،

ئېزەتتىغۇ يۈرەكنى سېنى بۇ جانغا تەڭ قىلىپ.


ئەقىدەممۇ بولۇپ پايخان،دىلى-خانەم تېخى ۋەيران،

بۇ يوللاردا مەن سەرسان،ھەر نىمىگە تەڭ قىلىپ.


"نىمە بولساڭ بول نىگار"دېگۈم يوق ئەسلا زىنھار،

ياشىۋالغۇم تېخى يوق ۋەدەمنى پاخالغا تەڭ قىلىپ.


ئەمدە پەقەت بەخىتلا تىلىيەلەيمەن سەن ئۈچۈن،

نىمە دىسەڭ دە مەيلى ئۆزۈڭنى خانغا تەڭ قىلىپ.


ياشاي يىلتىز تارتىپ مەن ھىجران تېغى باغرىدا،

ھەر شامالغا پەرۋاسىز يىگانە شەمشادقا تەڭ قىلىپ.


دۇنيانىڭ قىسمەتلىرى ئەنە شۇنداق رەھىمسىز ئوخشايدۇ،ياكى بەلكىم كېيىن كېلىدىغان بەخىتلەردىن خەۋەرسىز شۇنداق جۆيلۈۋاتقاندىمەن،ئىنسان پەقەت ئاجىز كېلىدىكەن.

تۇنجى قېتىم كىرگەن،كىرگەندىمۇ تەمتىرەپ كىرگەن،تەمتىرىگەندە يەنە سەندىن ئىلھام ئېلىپ كىرگەن دۇنيارىڭدىن پەسكەش نامى بىلەن ئايرىلدىم.ئەينى ۋاقىتتا بەخىت تىلەپلا قالسام بولۇپتىكەن دەپ پۇشايمان قىلدىم،ئەنە شۇنداق خارلاندىم. ئەينى چاغلارداكۆزۈڭدىن ئاققۇزغان ئاشۇ ياشلىرىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىدىم،ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.ئەمما مەن دۇنيارىڭدىن قىيمىغان ھالدا ئايرىلدىم،پەسكەش بولغىدەك نىمە ئىش قىلغاندىمەن،ئەتتا قولۇمنى قولۇڭغا تەگكۈزۈپمۇ باقمىغان تۇرسام،گۇناھ بولۇشىدىنمۇ قورققان ئىدىم،بەلكىم پەقەت بىر سېنىلا سۆيۈپ ئۆتەي دىگەن خىيال شۇنىڭغا ئېرىشتۈرگەن بولسا كېرەك.

قىزلارنىڭ دۇنياسىغا كىرمەيمەن دەپ يۈرۈپ كىرگىنىمنىڭ جازاسىمىدۇ؟!ئەمما مەن چىن قەلبىمدىن ئىشەنگەن،مەن سۆيگەن ئادەم تەرىپىدىن شۇ دەرىجىگە ئېرىشتىم.توۋا،ھارغىنىمنى پەقەت شۇ چاغدىلا ھېس قىلىپتىمەن،


ئۈنچە-ئۈنچە ياشلىرىم ئاقتى،

كۆزدىن ئەمەس يۈرەكتىن ئاقتى.

ئايرىلغانغا سېنىڭدىن ئەمەس،

ئەقىدەمگە ئېچىنىپ ئاقتى.


مەن نىمىلەرنى يوقىتىپ نىمىلەرنى ئورنىغا نېمىلەرگە ئېرىشتىم.كېيىنكى ھايات بەتلىرىم پەقەت ھىجران خەتلىرىم بىلەن تولغاندەكلا...

دىلىمغا ئەمدى يەتكەن باھارنى بىراقلا قىشنىڭ قارلىق- جۇدۇنى كۆمۈۋەتكەندەكلا،غۇنچىلەرمۇ ئېچىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا توزىغاندەك...

يەنىلا سەن قايتىدىن كېلىپ قالىدىغاندەك شۇنداق تۇيغۇلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ،ئەمما مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىمەن.


كەلسەڭ ئەگەر


كەلسەڭ ئەگەر كەتمەسكە كەلگىن،

يۈرىكىڭنى ھەم ئالغاچ كەلگىن.

سوۋۇمىسۇن بۇندا كۆڭۈللەر،

شۇ سۆيگۈڭنى پاكلىغاچ كەلگىن.


كەلسەڭ ئەگەر كەتمەسكە كەلگىن،

تىلغىمىسۇن يۈرەكنى ھىجران.

سۆيگۈ بىلەن بىر جۈپ يۈرەكتە،

كۆكلەپ چىقسۇن يېڭىچە ئارمان.


كەلسەڭ ئەگەر كەتمەسكە كەلگىن،

قىينىمىسۇن يۈرەكنى ئازاپ.

سۆيگۈ  ھىدىنى بىرگە پۇرايلى،

بۇ ئازاپلاركەتسۇنچۇ تاراپ.


كەلسەڭ ئەگەر كەتمەسكە كەلگىن،

ياشلىرىڭنى ھەمسۈرتۈپ كەلگىن.

كۆيدۈرەركەن مېنى شۇ ئاھىڭ،

كۆزلىرىڭدە شادلىق ئەكەلگىن.


كەلسەڭ ئەگەر كەتمەسكە كەلگىن،

سۆيگۈمىزدىن ئېچىلسۇن گۈللەر.

قۇرۇپ كەتسۇن ھىجران دېڭىزى،

تىلەيلى بىز بەخىتلىك كۈنلەر.


كەلسەڭ ئەگەر كەتمەسكە كەلگىن،

كېچىلىرىم بولمىسۇن ئەسىر.

غېرىپسىنىپ يالغۇز قالمىسۇن،

ئارمانلاردىن قۇرۇلغان قەسىر.


كەلسەڭ ئەگەر كەتمەسكەكەلگىن،

مېھرىمىزدىن يامغۇر تۆكۈلسۇن.

شۇ يامغۇردىن قانغۇچە ئىچىپ،

قاغجىرىغان دىللار كۆكلىسۇن.



كەلسەڭ ئەگەر كەتمەسكە كەلگىن،

رەنجىمەيمەن كەلمىسەڭ ئەگەر.

ھىجرانىمغا كۆنەرمەن بەلكىم،

گەر بولسىمۇ ئۆتكۈنچە زەھەر.



مەنبە: قەلىمىم



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 500 بەك ياخشى چىقىپتۇغۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9414
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:04:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرلىرىڭىز ھەممىسى شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ،ئىچكى ھېسياتىڭىزنى بىر كۈرۈپلا بىلىۋالغىلى بولىدىكەن،ئاشىقلىقتىن شائىر چىقىدۇ دىگەننى قايتا چۈشەنگەندەك بولدۇم،شېئىرىڭىزنى ئوقۇۋىتىپ مەنمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى،ئۆتمۈشنى ئەسلەپ كەتتىم،قەلەم قۇۋىتىڭىز ياخشىكەن،بۇندىن كىيىن مۇمكىن بولسا باشقا تېمىلارغىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ بېقىڭ،ياخشى يازالىشىڭىزغا ئىشىنىمەن،بۇنىڭ سىزگىمۇ پايدىسى بولىشى مۇمكىن،جېق سۆزلەپ قويدۇم.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84514
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:16:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88350
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7319 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:53:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ راۋانلىق بىلەن يېزىلغان شېئىر ھەم قىستۇرۇلغان قىسقا نەسىرلىرىڭىزدىن شۇنچە سۆيۈندۈم.ئىچكى ھىسىيات شۇنچە يارقىن ئىپادىلىنىپتۇ. مەن ياقتۇردۇم .داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ،قەلىمىڭىز پىشىدۇ.قەلەم قۇۋىتىڭىز ياخشىكەن.

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 12:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88350
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7319 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 03:50:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 04:03 PM  


قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2790
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:34:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kanat يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 11:04 AM
شېئىرلىرىڭىز ھەممىسى شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ،ئىچكى ھې ...

رەھمەت قېرىندىشىم،بەرگەن باھارىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بۇ خىل تېمىنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتۇراي دەپمۇ ئويلىغان،ئۆز-ئۆزۈمنى قىينىغىنىم مۇشۇنچىلىك بولسا بولار.پات ئارىدا «ھىجران كۈيلىرى 2»بىلەن يۈز كۆرۈشۈشۈڭلار مۇمكىن،مەزمۇنى باشقا بىر تېمىدا.

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2790
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil3 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 11:16 AM
ئەسىرىڭىزنى شۇنداق قىززىقىش،ھەم ھاياجان بىلەن ئوقۇپ  ...

شۇنداق، بۇ ھايات پەقەتلا بىر چۈشكە ئوخشىسا كېرەك، بىزلەر شۇنچە قىلىپ كەتكەن بىلەن كېيىنلەردە ھەممىسى يوق بولىدىكەن.

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2790
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 06:43:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulayha يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 11:53 AM
تولىمۇ راۋانلىق بىلەن يېزىلغان شېئىر ھەم قىستۇرۇلغان  ...

تېمىلىرىمنى ياڭتۇرغىنىڭىزدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم،ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،يازغان تېمىلىرىڭىزنىڭ خېلى جېنى بار،ئادەمگە باشقىچە ھۇزۇر ۋە كۈچ بېغىشلايدۇ،قستۇرۇپ بەرگەن مۇزىكىڭىزنىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم،كۆپ رەھمەت.

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6421
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 09:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋۋىتىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم،داۋاملىق تىرىشىڭ،سىزنى قوللايمەن.

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان، نەپرەت بوپ كۆرۈنەر ئەكسىم ئەينەكتىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش