تار جاھان
تۇردىقارى ئابلىز
پېتىشقانتۇق بىر ئانىنىڭ قورسىقىغا،
نىچۈن ئەمدى پېتىشمايمىز كەڭ جاھانغا.
شۇنچە ئويلاپ يىتەلمىدىم سەۋەبى نىمە،
ئۇرۇشۇشقا كەلگەنمىتۇق بۇ جاھانغا.
بىر-بىرىگە تۇققان تۇرۇپ ياتلىشىمىز،
ئۇنىڭكىنى بۇنىڭغا دەپ داتلىشىمىز.
بۇ ئۆتكۈنچى تۆت كۈنلۈك ئالەمدىمۇ،
نىمە ئۈچۈن يېغىرمىزنى تاتلىشىمىز.
ھېيت ئايەم بولدى بىزگە نەزىرگە ئوخشاش،
يادىمىزدىن چىقىپ كەتتى يۇققاننى يوقلاش.
خوشياقمىدى ئەسلا تۇپراق بېشىنى يوقلاش،
ھەممە ئەلنىڭ غېمى پەقەت قوساقنى توقلاش.
ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن يىغلاپ قاقشايمىز،
كىتىپ بىر يىل بولمايلا ئۇنى تاشلايمىز.
ئويلىمايمىز ئۆلگەنلەر كىردۇ نەگە،
كۆنۈپ قالغان شۇ ئادەت غەيۋەت باشلايمىز.
2011.5بۇلاقسۇ
توۋا دەيمەن
تۇردىقارى ئابلىز
توۋا دەيمەن دۇنيادىكى ھايات يولىدا،
بىرى ئوڭدا بىرى دۈمدە مەينىڭ كويىدا.
بىرى چەكدە يۈتۈپ تتۈن ئاچچىق تاماكا،
بىرى ئاققا پۇل تاپالماي يۈرەر تالادا.
توۋا دەيمەن بەزىللىرى يۈرىيدۇ ئۆيسىز،
بەزىلىرى يۈرىيدۇ سۇسىز تاماقسىز.
كۆر ناكەس ھاكاۋۇر بەگزادىلەرنى،
بىرەر ۋاخمۇ ئۆتمەيدۇ ئېسىل غىزاسىز.
توۋا دەيمەن ئىشرەتكە چاپىدىكەن ئۇلار،
تەستە تاپقان پۇلىنى چاچىدىكەن ئۇلار.
سوراپ كەلسە تىلەمچى سەدىقەتاماق،
قاراپ قويماي كەينىگە قاچىدىكەن ئۇلار.
2011.5بۇلاقسۇ
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulak110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 05:47 AM