مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1192|ئىنكاس: 14

قىزلار تەربىيىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84152
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 01:02:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىزلار تەربىيسى ھەققىدە


   قايسىدۇ بىر دانىشمەن ‹‹ ئانا بىر ئۇلۇغ مەكتەپ،ئەتىراپلىق تەربىيلەنگەن،يىتىلگەن ئانىنى بارلىققا كەلتۇرگىنىڭ،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر مىللەتنى بارلىققا كەلتۇرگىنىڭ.››دەپ ئىيتقان ئىكەن.بىز بۇنىڭدىن پەرزەنىتلەرنى تەربىيلەشتە ئانىنىڭ ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇردىغانلىقىدىن ئىبارەت شۇنداق بىر قىمەتلىك ھەقىقەتنى تونۇپ يىتەلەيمىز.

     ھەممىمىز بىلىمىز،ئاياللار ئانا بولالىغانلىقى ئۇچۇنلا ئۇلۇغ بولۇپ قالمايدۇ،شۇ بالىنى تۇققاندىن كىيىن ئۇنى قانداق تەربىيەلەش،قاتارغا قوشۇش،ياراملىق ئادەم قىلىپ يىتىلدۇرۇپ چىقىش ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا نىشان بولىۋاتقان تەرەپلەردۇر.ئەنە شۇنداق قىلالىغان ئانا‹‹ ئانىنىڭ بىر قولىدا بۆشۇك، بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ.››دىگەن ئۇلۇغ باھاغا مۇيەسسەر بولالايدۇ.ئانىلار بىرەر ئائىلىنىڭلا ئەمەس،ماھىيەتتە بىر مىللەتنىڭ بىر دۆلەتنىڭ،پۇتكۇل ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى.ئەگەر ئادەمنىڭ يارتىلىشىنى ياراتقۇچىدىن دىسەك،ئۇنداقتا ئۇنىڭ يارىلىشى ئانىدىن بولىدۇ،دىيىش ھەقىقەتتۇر.چۇنكى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ تۇنجى ۋە ئۆمۇرلۇك مۇئەللىمى ئانىدۇر.ئاخىرقى ھىساپتا بىر پۇتۇن مىللەتنىڭ ساپاسى،گۇللىنىشى ياكى خاراپ بولىشى ئانىغا باغلىقتۇر. چۇنكى ئانىلارنىڭ ئادەم،تۇرمۇش،مىللەت،دۇنيا ۋە ھايات توغرىسىدىكى چۇشەنچىلىرى،ئەخلاقى قاراشلىرى ۋە شۇ ئانا تەۋە بولغان مىللەتنىڭ ھەر خىل مەدىنى ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ تەربىيسى ئارقىلىق بالىلارغا ئۆتىدۇ.نەتىجىدە ئانىلار شۇئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ مەدىنيىتىنى ئۇلايدۇ،مىللى مەنىۋىيتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.شۇڭا ئاياللاردىكى پەزىلەت سەۋىيەسى،ساپا سەۋىيەسى ۋە ئەخلاقى سۇپەت تىگى-تەكتىدىن ئالغاندا،بىر مىللەتنىڭ مەدىنيەت- ساپا سۇپىتى ۋە ئەخلاق سەۋىيەسى سۈپىتىنى بەللگىلەيدىعان موھىم ئامىل ھىساپلىنىدۇ.

     ئۇنداقتا ئۇزىنىڭ مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتىنى يۇقارقى نوقتىلاردىن تونۇپ ئۆزىنى بىلەلەيدىغان ئانىلاردىن بىزدە زادى قانچىلىكى بار؟

ھازىرقى رىئال ئەھۋالدىن قارىغاندا جەميىتىمىزدە خىلى كۆپ قىسىم ئانىلار ئويغانغان بولسىمۇ،لىكىن تۇغۇپ قويۇشنىلابىلىپ تەربىيلەش بىلەن كارى بولمايدىغان،مەدىنيەت سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن،ئىلمى پەرزەنىت تەربىيىلەش سەنئىتىدىن خەۋەرسىز،نادان ئانىلار يەنىلا كۆپ.ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسى،ئويۇن-تاماشاسى بىلەن بەنىت،يەنە بىر قىسمى كىتاب ماتىريال كۆرمىگىنى ئۇچۇن پەرزەنىتلىرىگە بىرەر ياخشى چۆچەك ئىيتىپ بىرەلمەي،ئۇلارنىڭ تۇرلۇك سۇئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ئەسلىدىنلائۇلار بەھرىمان بولۇشقا تىگىشلىك مەنىۋى ئوزۇقتىن بەھرىمان قىلالمايدۇ.

           دەۋرىمىزگە چىن ئىخلاسى بىلەن ۋەتەن- مىللەت ئۇچۇن غايىلىك،ئەخلاقلىق،ئىقتىدارلىق پەرزەنىت چوڭ قىلىشتەك مۇقەددەس بۇرۇچ ئوتىدا بىر ئۆمۇر كۇيۇشنى پەرىز ۋە ۋىجدانى قەرىز،دەپ بىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئانىلىق روھىغا ئىگە ھەقىقى ئانىلار كىرەككى ھەرگىزمۇ ئۆتكۇنچى دۇنيانىڭ ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن كۆپىرەك بەھرىلىنىۋىلىش كويىدا پالاقلايدىغان روھى دۇنياسى قۇرۇق ،تەجرىبىسىز،ناباب ئانىلارنىڭ كىرىكى يوق.بۇنداقلارنىڭ ۋۇجۇدى ئاللا بۇرۇن يىگىلەپ،ئۆزنىڭ قەدىر- قىممىتىنى يوقاتقان  بولىدۇ،ئۇلارغا جىگەر پارىلىرى بولمىش سەبىى پەرزەنىتلىرى ئۇچۇن ئۆز ۋاقتىنى چىقارغىلى،ئۇلار بىلەن ئانىلىق مىھرى ۋە مەسئۇلىيتى بىلەن سىردىشىپ خۇشاللىقىعا ئورتاق بولغىلى،دەردى ھالىغا يەتكىلى خوش ياقمايدۇ  ، چولىسى تەگمەيدۇ.بىچارە بالىلار تورخانا،تىلىۋۇزۇر ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت ئۇچ تەرەپنىڭ بىرلەشمە مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ،ئائىلە بەزى بالىلار ئۇچۇن  بىر  قونالغۇ ياتاق بوپ قالىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئادەتلىرىمىزگە يات بولغان شەخسىيەتچىلىك ،رەھىمسىزلىك بىلەن ياشاش قاراشلىرى ۋە ئەخلاقسىزلىق خاھىشلىرى ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىگىلەپ كىتىدۇ، بۇ يۇزلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئادەمنى تولىمۇ چۇچىتىدۇ.

  يەنە قارايدىغان بولساق ئەنئەنە تەربىيسىنى قوبۇل قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان،ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمەيدىغان،قازان بىشىغا يىقىن يولاشتىن قاچىدىغان ئانىلار ناھايىتىمۇ كۆپ،مانا مۇشۇنداق بەزى ئانىلارنىڭ ئۇلاردىنمۇ بەتتەررەك ئائىلە ئىشلىرىغا كاج،غەرىبچە رومانتىك تۇرمۇشقا جان-تىنى بىلەن ھەۋەس قىلىدىغان،قازان بىشىنى ئۇقمايدىغان قىزلىرى ھازىر چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلۇشقا باشلىدى.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى بىپەرۋالىقى،ئىشلارغا كۆڭۇلشىمەسلىكى،تەييارتاپلىقى بىزنى چوقۇم چۇچۇتىشى كىرەك ئىدى،ئەمما بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىنىڭ كىيىنكى تەقدىرىگە چىتىلىدىغان بۇمەسلىگە سەل قارىماقتا،ئەتىلا كىلىدىغان مۇدھىش ئىشلارنىڭ،نۇرغۇن ئائىلە پاجىئەلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدىغان قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا،مەسئۇلىيتىنى بەجا كەلتۇرمەكتە يوق،ئەكىسچە ئۇنىڭدىن باش تارىتماقتا. يىقىندا بىر دوستۇمنىڭ تويىدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يەپ ئولتۇرغان،ياش،ناھايىتى سالاپەتلىك،چىرايلىق بىر ئانىنىڭ ئىغىزىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ۋەئەنسىرگەن ھالدا ئىيىتقان مۇنۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم.ئۇ ئانا‹‹قىزىم بەك چىرايلىق چوڭ بولدى،بەك ئاۋايلاپ،كۆڭلىنى ئاياپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلە ئىشلىرىغا ئۇگەتمىگەندىم،بۇيىل ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى،كىيىم-كىچەكلىرىنى قانداق يۇيۇپ كىيەر،ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تامىقىنى ئىلىپ يەلەۋاتامدىغاندۇ؟دەپ بەك ئەنسىرەپ كىتىۋاتىمەن.››دىگەن ئىدى.ئەتىراپتىكىلەر بىر-بىرىمىزگە قارىشىپلا قالغان ئىدۇق،ئەلۋەتتە ئۇ ئانىنىڭ گىپىنى قوللايدىغانلارمۇ چىققان ئىدى.ئاڭلىماققا بۇ ئاددى گەپتەك قىلغىنى بىلەن،ناھايىتى چوڭقۇر مەزمۇننى،ئىككى دەۋىرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئانىلارنىڭ روھى دۇنياسىنى،پەرزەنت تەربىيلەش جەھەتتىكى قاراشلىرىنى،پەرزەنتكە نىمىلەرنى ئۇگۇتۇشنىڭ زۆرۇرلىكى،نىمىنىڭ زۆرۇر ئەمەسلىكىنىڭ دەۋىرنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشىپ ئانىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە قانداق ئۆزگۇرۇش ياساۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.دىمەك ئانىلىرىمىز قىزلىرىغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش،تاماق ئىتىشنى ئۇگۇتىشتىن ئۇگەنمەسلىككە يۇزلەنگەن،بويىغا يىتىپ قالغان بەزى قىزلار ھەتتا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنىمۇ يۇيۇپ كىيىشنى بىلمەيدىغان ھالغا چۇشۇپ قالغان!توي قىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بىر تونۇشۇمنىڭ دەپ بىرىشىچە،ئۇنىڭ بىر قىيىن سىڭلىسى بار بولۇپ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ،ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى زادىلا بىلمەيدىكەن.قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىدىكەن،ھەتتا ئانىسى قىزىنىڭ ئاياغلىرىنى سۇرۇتۇپ،قەلىمىگە سىياھ ئۇچۇرۇپ،ۋىلسىپىتىگە يەل ئۇرۇپ بىرىدىكەن.مانا مۇشۇنداق قىزلار كەلگۇسىدە ئانا بولىدۇ،ئەمما ئۇلاردا ئانا بولۇشقا،پەرزەنت تەربىيلەشكە نىسبەتەن ھىچقانداق تەييارلىق يوق،ئۇلار ئانا بولۇشقا تىگىشلىك ساپا يىتىلدۇرمىگەن،يەنە تەكىتلىسەك يامان كەتمەيدۇكى،قىزلار مەيلى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرسۇن ياكى ماگىستىر،دوكتۇر بولۇپ كەتسۇن،خىزمەت ۋە تەتقىقاتتا قانچىلىك دەۋىر بۆلگۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرمىسۇن،ئۇ ئاخىرى بىرىپ يەنە ئانا بولىدۇ،تۇرمۇش قاينىىغا چۆكىدۇ،پەرزەنتلىك بولىدۇ،ئائىلىنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى بىشىدىن ئۆتكۇزىدۇ.شۇڭا ئۆي تۇتۇش،تۇرمۇشتا بەخىتلىك بولۇش ئۇچۇن،ئۇ چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلالىشى،تاماقنى ئوخشۇتۇپ ئىتەلىشى،بالىسىنى باقالىشى كىرەك،قىزلارنىڭ تاماق ئىتىشنى بىلىشىنىڭ ھىكمىتى شۇكى،تاماق ئىتىشنى ئۇگۇنىش جەريانىدا ئۆزى بىلىپ- بىلمەي تائام مەدىنىيتىمىزنى ئۆزى قول سىلىپ يارىتالايدۇ؛قولى چىۋەرلىكىدىن باشقىلارنىڭ ماختىشى ئارقىلىق ئۆز ئەمگىگىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشكەنلىكىدىن چەكسىز شادلىققا چۇمىدۇ،بۇ سالامەتلىككە بىۋاستە پايدىلىق؛تاماق ئىتىش جەريانىدىكى ھەركەت ۋە مىڭىنى چاقماق تىزلىكىدە ئىشلىتىش قىزلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى ھەركەت پائالىيتى بولۇپ،بۇ ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ زەئىپلىششىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئىنتايىن ئەپچىل ئۇسۇلدۇر؛ئۇنىڭدىن باشقىمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولۇپ،ئەڭ موھىمى قىزلار تاماق ئىتىشنى بىلىپ ئۆيدە تاماق ئەتكەندە ئىقتىسادىچللىق قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ھىكىمەتلىرىنى بۇيەردە دىمىسەكمۇ نۇرغۇن ئادەملەر بۇنى بىلىدۇ دەپ ئولايمەن.ئىشقىلىپ، ئۆي ئىشلىرىغا پىشقان،قولى چىۋەر،تاماق ئىتىشكە ئۇستا قىزنىڭ قىزلارغا خاس جۇلا ھەم ئەدەپ-ئەخلاق،سىپايىلىكتە يىتىلگەن قىز بولىشىدا گەپ يوق،ئەنە شۇندىلا قىزلاردا ئاياللارغا خاس نازاكەت،ئانىلارغا خاس مىھرىبانلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ ھەم ئادىمىيلىك پەزىلەتمۇ شۇنىڭدىن ئاستا-ئاستا يىتىلىپ بارىدۇ.ئۆينى ھەرگىز تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تۇتۇپ كەتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.شۇڭا قىزلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆي تۇتۇشقا ماھىر،ئانا بولۇش تەييارلىقى بار،چىۋەر،ئىدىتلىق بولۇشى لازىم.مانا مۇشۇ شەرىتلەرنى ھازىرلانغاندىن كىيىنلا ئاندىن بىز باشتا دەپ ئۆتكەن ھەقىقى ئانىلاردا بولىدىغان ئۇلۇغلۇقنى ئۆز ۋۇجۇدىدا يارتالايدۇ.

        

     ھالبۇكى،بۇگۇنكى كۇندە ئەنە شۇ ئۇلۇغلۇق نامىغا داغ چۇشۇرۋاتقان، ‹‹ئانا››لىق تونىغا ئورنىۋىلىپ،ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتى مەجبۇرىيتىنى ئۇنتۇپ،پەرزەنىتلەرنى شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ يىتەرلىك تەربىيەلىمەيدىغان ئانىلىرىمىز بارغانچە كۆپىيىپ كەتتى.ئەخلاقسىز ۋە جەميەتنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۋاتقان،جەميەت ۋە ئائىلىگە يۇك بولۇپ قىلىۋاتقان پەرزەنىتلەرنىڭ كۇندىن-كۇنگە كۆپىيىپ كىتىشى مانا مۇشۇ پىكىرىمىزنىڭ رۇشەن دەلىللىرىدىن بىرىدۇر.نىمىشقا مۇشۇنداق بالىلار تەربىيلىنىدۇ؟ بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق قىلىش كىرەك ؟مەسىلىنىڭ تۇگۇنى زادى قەيەردە؟بۇ مەسئۇلىيەت ئالدى بىلەن ئانىدىن سۇرۇشتۇرۇلۇشكە تىگىشلىك.ئانا بولغۇچىنىڭ تەربىيەسى پەرزەنىتنىڭ يۇرىكىگە سىڭگەن بولسا،بۇ پەرزەنىت ھەرگىزمۇ يامان يولغا كىرىپ قالمىغان بولاتتى،بەلكى جەميەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە بىر كىشلىك تۆھپە قوشىدىغان ھالەتكە يەتكەن بولاتتى.بۇنىڭ ئۇچۇن قىزلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيسىنى ئائىلىدىن،يەسلى مائارىپىدىن،باشلانغۇچ مائارىپدىن،يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن تىخىمۇ بوشاشماي چوڭقۇرلاپ ئىلىپ بىرىش كىرەك.قەيىت قىلىپ ئۆتۇشكە تىگىشلىك تەرپى شۇكى، بۇلار ئىچىدىكى بىرەر ھالقىنىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا قەدئى بولماسلىقنى شەرت قىلىپ،ئائىلە تەربىيسىنى تىخىمۇ چوڭقۇر ھەم ئىنچىكە ئىلىپ بىرىش كىرەك،يەنى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەسىنى ئاساس قىلىش كىرەك.

      ئەي بەخىتلىك قىز! شۇنى ئۇنۇتماڭكى،دەۋرىمىزگە ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۇستىگە ئالالايدىغان،ئانا بولۇشقا لايىق،ساپ قەلبكە ئىگە دادىل ۋە جەسۇر،قۇربان بىرىش روھى كۈچلۈك،ئۇزىنىڭ ئاپتاپتەك مىھرى-مۇھەبىتى ئارقىلىق دۇنيانى ئىللىقلىققا ۋە گۇزەللىككە پۇركىگۇچى ۋە بۇ قىممەتلىك ئەڭگۇشتەرگە ئىرىشكۇچى قىزلار تولىمۇ كىرەك.قىنى سىز شۇنداقلاردىن بولالامسىزكى؟      


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
kamran + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 350   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6486
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 828 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 01:44:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىي قىزلار بىرىنچى بولۇپ كۆرسە بوپتىكەن،
سىز دېگەندەك بەزىبىر ئانىلار شۇنىڭدەك كەلگۈسىدىكى ئانا بولغۇچىلار ئۆي ئىشلىرىدىن بەكلا ئۆزىنى تارتىدۇ بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم،شەخسەن مەن ئۆيدە باشقا نەۋرە سىڭىللىرىمغا سەل ئاچچىق گەپلەرنى قىلىپ تەربىيە قىلىمەن،بەزىبىر سىڭىللىرىم بىلمىسەم دەپلا ئۆزىنى قاچۇردۇ،مۇشۇنداق ۋاقىتتا بەك ئاچچىقىم كېلىپ كېتىدۇ .بولدىلا  بەكلا قايناپ كېتىدىغان ئوخشايمەن،جەمىيەتتىكى بارلىق ئانا بولغۇچىلارنىڭ تىرىشچان،ئىشچان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇسۇلماننىڭ بەختى ئىسلام بىلەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70853
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5940
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:02:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئويلاپسىز ،ھەممە ھەمشىرىلەر سىزدەك ئۇيلىغان بولسا ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن بۇلاتتۇق.

بىلىمسىزلىكنىڭ ‹‹بالياتقۇسىدا›› قۇللۇقتىن ئبارەت ‹‹تۆرەلمە›› يىتىلىدۇ.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:05:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمسىزلىكنىڭ بالياتقۇسىدا قۇللۇقتىن ئبارەت تۆرەلمە يىتىلىدۇ .
ناھايىتى توغرا گەپ ! بۇ-گەپنى كىم قىلغان بولغىدى ؟

ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 02:12:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 01:44 AM
ئەسلىي قىزلار بىرىنچى بولۇپ كۆرسە بوپتىكەن،
سىز دې ...

مەيلى سىزنىڭ تۇتۇق سىڭلىڭىز ياكى ئۆز سىڭلىڭىز ۋە ياكى نەۋرە سىڭلىڭىز بولسۇن ، ئۇ- خۇدانىڭ سىزگە بەرگەن سوۋغىسى ، ھەرگىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭ ، ئۇ- مەيلى چىرايلىق بولسۇن-بولمىسۇن ، ئەقىللىق بولسۇن-بولمىسۇن ، ئۇنىڭغا چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ . ئەمىلىيەتتىمۇ سىزنىڭ سىڭلىڭىز سىزگە ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارايدۇ ، ئەجىبا سىز سەزمىدىڭىزمۇ ؟!

سىڭىلنىڭ كۆڭلىدە ئاكا بىر ئىلاھ ، سىڭلىڭىز سىزنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يۆلەنچۈكى دەپ قارايدۇ ، كۆڭلى نېمىلا ئىشتىن يېرىم بولسۇن سىزگە ئېيتىدۇ ، ھېسيات جەھەتتە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرسىمۇ سىزنىڭ ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ .

سىز ھېس قىلغانمۇ ؟! سىڭىلىڭىزنىڭ سىزگە قارىغاندىكى كۆزىدە بىرخىل مېھىر بار، بەلكىم ئۇ- بۇنداق مېھىر بىلەن باشقىلارغا قاراپ باققان بولسۇن بولمىسۇن ، كۆڭلىدە ھامان سىزنىڭ دەردىڭىزگە دەرمان بۇلۇشنى ، سىزگە ياردەم بېرىشنى ئويلايدۇ .

سىڭلىڭىز سىزدىن بەك قورقىدۇ ، سىز دىققەت قىلدىڭىزمۇ ؟! سىز ھەردائىم خاپا بولغاندا سىڭلىڭىز نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ .

ئەمدى سىز ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ ! سىڭىلىڭىز ھەردائىم سىزگە دەردىنى تۆككەندە سىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ سىزنى سېغىنىپ سىزگە ئۇچۇر يوللىغاندا ، ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇردىڭىزمۇ ؟!سىز سىڭلىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز ؟! ئۇنىڭغا بىر ئاكىدەك كۆيۈنۈپ باقتىڭىزمۇ ؟!

سىڭلىسى بار ئوغۇللارنى ھەقىقەتەنمۇ سەن بەخىتلىككەنسەن دىيىشكە بولىدۇ ، چۈنكى سىزنى بىر سەبى قىز ئاكا دەپ چاقىرىدۇ ئەمەسمۇ ؟!

ئەگەر سىزنىڭ ئۆز سىڭلىڭىز بولسا ، سىز تولىمۇ بەخىتلىككەنسىز ،چۈنكى سىز ئۇنى كۈندە كۆرەلەيسىز ھەم ئۇنى ئەتىۋارلىغىلى يېتەرلىك ۋاقتىڭىز بار ،

ئەگەر سىزنىڭ نەۋرە سىڭلىڭىز بولسا سىز تولىمۇ تەلەيلىك ئىكەنسىز ، چۈنكى سىز ئۇنىڭغا يېتەرلىك كۆيۈنەلەيسىز .

ئەگەر سىزنىڭ تۇتۇق سىڭلىڭىز بولسا ئۇنداقتا سىز ھەم بەخىتلىك ھەم تەلەيلىك ئىكەنسىز ، ماڭا ئىشىنىڭ ئەگەر تەقدىرىڭلار بىر بولمىغان بولسا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئارىسىدا ئىككىڭلارنىڭ تۇنۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن بولمايتى ، سىلەر ھازىر تۇنۇشتۇڭلار ، ئۇ تېخى سىزنىڭ سىڭلىڭىزمۇ بولدى ، ھەم سىزنى چىن كۆڭلىدىن ئاكا دەپ چاقىرۋاتىدۇ ، بۇ نىمە دىگەن چوڭ بەخىت ۋە ئامەت-ھە ؟! خۇدا ئۇنى سىزنىڭ سىڭلىڭىز بۇلۇشقا نىسىپ قىلغان ئىكەن ئۇنى چوقۇم قەدىرلەڭ ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ ! ھەرگىزمۇ قولدىن چىقىپ كەتكەندە پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرماڭ !


مېنىڭمۇ بىر ئاكام بار ، ئاكىدەك ئاكا ، ئۇ-ماڭا بەك ئامراق ، مەنمۇ ھەم ، ئۇ-مېنى شۇنداق ئاسرايدۇ ، بەزىدە ئاچچىقلاپمۇ قويىدۇ ، ئەمما مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ، شۇڭا مەنمۇ ئانچە رەنجىپ كەتمەيمەن .
مەن مۇشۇ ئاكامدىن بەك پەخىرلىنىمەن ، ئوغۇل بالا بولغان بولسام شۇنداق ئوغۇل بالا بۇلاتتىم ، شۇنداقتىمۇ ئاكامدىن ئۈلگە ئالىمەن . ئىشقىلىپ ئاكامنى بەك ياخشى كۈرىمەن ، بەزىدە ئامراقلىكىم كەپ تىرىكتۈرۈپمۇ قۇيىمەن ، گاھىدا ئاكام مېنى ئۇرۇپمۇ قۇيىدۇ ، ھى ھى ھى  ، بىراق يەنىلا شۇ ئاكامدىن پەخىرلەنگۈم كېلىدۇ . ئامراق ئاكامنى  بەك ماختاپ كەتتىم ھە ؟.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 03:05 AM  


ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 03:57:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹جەننەت ئانىلانىڭ ئاياق ئاستى››دا دىگەن گەپ بار ،
  يەنە  ھەدىستە ؛ بىر ساھابە سۈيۈملۈك  پەيغەمبىرىمىز  مۇھەممەت ئەلەيسىلامدىن مەن ياخشىلىق قىلماقچىئىدىم  بىرىنچى بۇلۇپ كىمگە قىلىمەن ؟دەپ سوراپتۇ ،
؛ پەيغەمبىرىمىز  ئاناڭغا  قىل دەپتۇ ،

ئىككىنچى بۇلۇپ كىمگە كىلىمەن ؟ دەپتۇ  ،
ئاناڭغا دەپتۇ ،
ئۈچىنچى بۇلۇپ كىمگە قىلىمەن ؟
يەنە ئاناڭغا دەپتۇ ،
تۆتىنچى قېتىم داداڭغا قىلساڭ بۇلۇدۇ دەپتۇ ،
  بۇنىڭدىن ئانىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرلىغىنى  كۈرىۋالغىلى بۇلۇدۇ ، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسلە شۇ ئانا شۇ پەرزەنتىنى 3  قاتا ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغۇدەك ئىمان -ئېتىقاد ، بىلىم -ساپالىق قىلىپ تەربىيىلىيەلەمدۇ  ، بالىلارغا قانداق تەسىر بىرىش كېرەك ،نىمىلەرنى ئۈگۈتۈش كېرەك ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا -ئانىلار پەرزەنىتلىرىگە ئالدى بىلەن ئۈزى ئۈلگە بۇلۇشى كېرەك ،مىنىڭ ئاتا -ئانام  مەن نىمە دىسەم قىلىپ بىرەتتى، بەك كۈيۈنەتتى   ئەمەس      .    مىنىڭ  ئاتا -ئانام    بەك پەزىلەتلىك  ئىمان -ئېتىقاتلىق  كىشلەر ئىدى  ، ئاللا ياتقان  يىرى جەننەتتە بولغاندۇ    ، دىيەلىگۈدەك   بۇلساق    نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ،  بىز باللىرىمىزنى  ياخشى  تەربىيلىسەك ،   باللىرىمىزمۇ چۇقۇم    باللىرىنى   ياخشى تەربىيلەيدۇ    ،
  ئالدىنقى يىلى چوڭ بازا مەسچىتنىڭ ئىمامى  ،مەمتىمىن  دا  موللام   جۈمەدە  بالا تەربىيلەشنىمۇ  ، 5پەرىزدىن باشقا 6-پەرىز قىلىپ ئەڭ مۇھىم  ئىش ئورنىدا قىلىش كېرەك دىگىنىنى ئاڭلىغانمەن  ،

  بالىلارنى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇپ ، خىزمەتكە چىقىرىپ ، تۇرمۇشلۇق قىلىپ قويغانلا  بالىلارنى ياخشى تەربىيلىگەنلىك بولمايدۇ ، ئۇ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقلا بۇلۇدۇ خالاس ،
باللىىلىرىمىز  يەنىلا ئاتا-ئانام  ئېمان- ئېتىقاتلىق پەزىلەتلىك  كىشلەر ئىدى،  دەپ بىزدىن پەخىرلىنەلىسۇن ، شۇندىلا ‹‹جەننەت ئانىنىڭ  ئايىغى ئاستى››دا بولغان بۇلۇدۇ  ،  
     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 09:04:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز يۇقۇرى سۈپەتلىك ئاياللار ، قىزلار قوشۇنىغا ئېرىشمىگۈچە ئىلگىرلىيەلمەيمىز . بۇنىڭدا بىز ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ناھايىتى كۆپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 813 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 09:14:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا خۇدادىن قالسا ئاتا-ئانا ئەڭ ئۇلۇق كىشىلەردۇر..

سەندىكى ئەركەكلىك غۇرۇر شۇمىدى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2748
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10361
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2668 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:17:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەر بىر قىزنىڭ بىلىشىغا تىگىشلىك مەسىلىكەن , جۈملىدىن مەنمۇ ظۆي ظىشلىرىنى گەرچە قىلالىساممۇ , باشتىن باشلاپ ظۆگىنىۋاتىمەن , دىمەك كىيىنلىك تۇرمۇشۇم ظۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن دىگەن گەپ , ھامان بىر ظۆيگە باش بولىدىكەنمىز , ظۆي ظىشلىرىنى قىلىش  بىز قىزلارنىڭ باش كاتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى , ظةقةللى ساۋاتقۇ بۇ
يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركەن جەمىيتىمىزدە بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر ظۆي ظىشلىرىنى قىلالمايدىغان , بالىسىنى ظۆي خىزمەتچىسى تىپىپ باقتۇرىدىغان , ظۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۈنى پادىشاھنىڭكىگە ظوخشايدىكەن , ھەيرانمەن
قايسى بىر تور بىكەتتە كۆردۈم مەلۇم بىر خىزمەتچى ظايال خىزمەت ظىھتىياجى تۈپەيلى بالىسىنى بالا باققۇچىدىن بىرنى تىپىپ باقتۇرۇپتۇ , ظۇ بالا باققۇچى ناھايتى ھىيلىگەر بولۇپ ظۆي ظىگىسى بار چاغدا بىر خىل ظۆي ظىگىسى خىزمەتكە كەتكەندە بولسا كىچىككىنە بالا ظاز تولا غەلۋە قىلسىلا شۇنداق ظۇرىدىكەن , كىچىك بالا يا ھىچنىمىنى ظۇقمىسا,,,,,,,,,,,,,,,,,,
ظاتا -ظانىلار نارىسىدە بالىلارنى يات بىرسىنىڭ ظالدىدا خاتىرجەم ھالدا تاشلاپ قويۇپ سۆيۈملۈك خىزمىتى ظۈچۈن چاپىدىكەن , بىچارە بالا بولسا شۇ باققۇچىنىڭ قولىدا تاياق يىسىمۇ يەپ , قورسىقىنى باقسىمۇ باقمىسىمۇ ظاتا-ظانىسى كەلگەندە بالا يىغلىمىسىلا كۇپايە ظوخشايدۇ ,
شۇنداق ظۇسۇلدا تەربىيلەنگەن بالا كىچىكىدىن قورقۇنچاق چوڭ بولۇپ قالسا قانداقمۇ ياراملىق تەربىيلىنىپ چىقالىسۇن , شۇڭا بالا تەربىيلەشتە ظانىنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ظوينايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم

قىنى سىزمۇ مۇنۇ قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ بىقىڭ

http://v.ifeng.com/include/exterior.swf?guid=033265ab-ca4b-44cf-ba7e-6b0f87e74ac2&AutoPlay=false

مۇشۇنداق بالىسىنى خەخكە باقتۇرسا بالىلار كىچىكىدىنلا قورقۇنچاق چوڭ بوپ قالىدىغان ئوخشايدۇ جۇما ، ھىچكىم سىزنىڭ بالىڭىزغا سىز كۆيۈنگەندەك كۆيىنەممەيدۇ ، بالامنى نورمال ساغلام چوڭ قىلىمەن دەيدىكەنسىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز تەربىيلەڭ ، ھەممىمىز شۇنداق


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 11:37 AM  


ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3985
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1237 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:25:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئېغىلدىكى قوي-كالىلار،ئات-ئېشەكلەرنىڭ ھەممىسى بالىسىنى ئۆزى باقىدۇ،بالىسىنى باشقىلارغاباقتۇرغانلارشۇھايۋانلارچىلىكمۇ ئەقلى بولمىسا كىرەك ..

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش