سۆيمىدىم سېنى
قەلبىڭدىكى ئايغا ئايلاندىم،
سەن بەرىبىر قۇچاقتىكى يار.
بولاڭچىغا ئوخشىيالمىدىم،
سەن قەلبىمگە بەرگەنچە ئازار.
گۆشلىرىڭدە بىر تامچە يېشىم،
كۈتمەكتىدۇر يەنە كۈتمەكتە،
ئەي ئايال،
سېنى كۈلپەت يۈدۈپ كەلمەكتە..
سېنى ئىزدەپ تاپالمايمەن،
يۇشۇرۇندۇڭ ئېيتقىن قەيەرگە،
كۈتىمەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈپ تۇرۇپ.
مەن سېنى سۆيۈشتىن ۋاز كەچتىم تۇلۇق،
كۈندەشلىك قىلماقتا سەن ئۈچۈن خوتۇن.
ھىدىڭنى ئېھتىمال ئۇنتىيالماسمەن،
سېنى ھەم ئىككىنجى تونۇيالماسمەن،
ھېسلىرىڭ ناخشامغا جۆر بولماس چۇقۇم!
سەن بەلكىم مەن ئۈچۈن ئاسىي بىر ئاشىق،
سېنى بەلكىم سەن يوق بىر يەردە،
مۇھەببەت ئايلاندى شېرىن دەرت بۇلۇپ.
سەن كۈتكەن ئۆتكۈنچى شاللاق خەتەرگە،
مەن يەنە ماڭىمەن چەكسىز سەپەرگە.
سەن يەنە قالىسەن تېنىڭنى ئويناپ،
يوتقانغا ياش تۆككەن غالجىر ئەرلەرگە...
مۇھەببەت بىر دەملىك ئەڭ رەزىل خىيال،
بىراق سەن لەۋلىرىڭ پۈرلەشكەن ئايال.
سۆيمىدىم سېنى،
سۆيۈشكە شۇ قەدەر تەشنا بولساڭمۇ!
مەن بەلكىم سەن ئۈچۈن رەزىل يالغانچى.
شۇنچە يىل سېنى دەپ بەزدى دەرتلىرىم،
ئىككىمىز ئوخشاشلا بولدۇق ئالدامچى
.
بىلىمەن سەن مېنىڭ تەنھالىقىمسەن،
بەرمىدىڭ سەن ماڭا بەلكىم ھېچنىمە!
سەن ئۈچۈن مەن بولدۇم يىتىم قوۋۇرغا.
پۈرلەشكەن لىۋىڭگە قىلالماي ئامال،
بىلىمەن سۆيىمەن ئاخىرى سېنى.
ئەي ئايال سەن مېنى قىلغاندا قامال،
بىلىمەن سۆيەرسەن ئاخىرقى مېنى.
كۆزۈڭدە يۈرىكىم ئۆلۈشتىن ئاۋال!
سۆيىمىدىم سېنى،
چىن ئاشىق ئەمەسمەن مەن تېخى ساڭا،
تىنىڭنى ياپ سۇنمىسۇن ھىجران.
مۇھەببەت ئىپپىتى تارتماقتا مېنى،
سەن پاك قالغىن مەن بولاي سەرسان!
تېنىڭنى مىڭ شوراپ ھەسرەتتە يەنە!
يارىمنىڭ شۇ قەدەر ئوماق لەۋلىرى،
ئالماقتا ئورنىڭنى كەچۈرگىن مېنى.
خەير-خوش دېمەيلا مەن كىتەر بولدۇم،
كەچۈرگىن...
مەن ئاستا سۆيۈشكە ماڭدىم ئۆزۈمنى.
سەن
سۆزۈڭنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدىم،
سەن مېنىڭ تېنىمدىن سىرغىپ چىققان قان.
قاپقارا بارماقلار سىيلىسا سېنى،
يوتقانغا پاتمايدۇ رەزىل ھاياجان !!!
كېچىلەر سەن ئۈچۈن سالار كىيىمنى،
شەرمەندە ئاشىقمەن سۆيۈپ قانمىغان!!!
مەن ھازىر دەھشەتلىك ئەرلىك ئىچىدە،
بۇ كېچە سەن يالغان ،مۇھاببەت يالغان!
كىتاپتا ئۆلتۈردۈم گۈزەل قىزلارنى،
كەلمەمسەن سەن ئۈچۈن بولدۇم يالىڭاچ.
پارچىقىڭ ئىىسسىسۇن ئوت قالاپ بىرەي،
ئاللا دەپ ماكانسىز سوغ باغرىڭنى ئاچ!
تۈك باسقان قەلبىمدە سېنى كۆرەي مەن،
ھىسىيات ئاشكارا بولمىغان ماركا.
سەن بەلكىم قورققىدەك ئايالسەن بۈگۈن،
چاپلانغان ھاياجان ئىشتان بېغىڭغا..
د....غا
نېمە ئۇ تۇرمۇش دەپ سورىما مەندىن،
بىلىمەن پەقەتلا سۆيۈشنى سېنى.
يالىڭاچ ھالىتىڭ ئەسلىتىپ تۇرار،
تۇرمۇشنىڭ بۇ قەدەر غۇۋالىقىنى.
بىلىمەن سەن مېنىڭ باشقا تېنىمسەن،
بىلمەيمەن نېمە دەپ ئاتاشنى يەنە.
يۈرىكىڭ مەۋھۇمدۇر،مەۋھۇم شۇ قەدەر،
تېنىڭدە دەرتلىرىم قىلار تەنتەنە.
قورقىمەن قەلبىڭنىڭ پىنھانلىقىدىن،
سەن ئاستا يېرىلغان تەنھا ئارالسەن.
سۆيۈش ئۇ خەتەرلىك ئازاپ بولسىمۇ،
بەرىبىر سەن ماڭا تەۋە ئايالسەن.
سۆيگۈڭنى تىلىدىم لېۋىڭدىن ئەمەس،
تىنىقىم روھىڭدا قالدى يىگانە.
سەن ماڭا بەرمىدىڭ بىر تال چېچىڭنى،
مەن قالدىم تېنىڭنى قۇچاقلاپ يەنە.
كۆزلىرىڭ يىغلىتىپ كېلەر تورۇسنى،
كۆزلىرىم سوزىلار سۆڭەكلىرىڭگە.
مەن ماڭدىم تىۋىشسىز قەلبىڭنى ئىزدەپ،
سەن تاشلاپ كەتمەكچى بولغان كۆڭۈلدە.
سۆيۈلمىگۈچى
تېنىڭ كوچىدا تىلىمەكتە تەن،
سەن ھېچكىمگە ئەمەسسەن ۋەتەن.
قايغۇرمىغىن ئەرلەر قالمىدى،
قايغۇرمىغىن،
قايغۇرغىدەك قىلماسمەن قەسەم.
ھەر بىر كۆڭۈل،
كوچىدىكى كۆڭۈل ئەمەس،
تەن .ئىشىكىنى چىكىۋاتقان.
كېپىنەكلەر بازاردا ماروژنا يىسە،
سېنىڭ يىگەنلىكىڭ ئېھتىمال يالغان!
ھاياجاندۇر بەلكىم سېنىڭ ئوغرى
كۆزلىرىڭدە يوغىناتقان،
ياكى سېنى غېرىپلىقنىڭ قوينىغا ئاتقان.
ياكى سېنى غېرىپلىقنىڭ قوينىغا ئاتقان.
ياكى مېنى ئەبلەخ دەۋاتقان....
سەن تۇيغۇڭدىكى غىچىر ـ غىچىرسەن،
تېنىقىڭدا بىلجىرلاۋاتقان...
قايغۇرمىغىن ئەرلەر قالمىدى،
سېنى يالغان سۆيەلەيدىغان.
چاترىقىڭدا ئايدىڭ كېچە يوق،
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيەلەيدىغان!
كەتتى ھەسرەت پەقەت سەنلا بار،
مۇھاببەت كارۋاتقا سولاقلىق قالدى.
سۆڭىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئاسمىنى بولسۇن،
سېنى سۆيگۈدەك ئەرلەر قالمىدى....
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 12:36 AM