يول يىراق
تۇردى
سېغىنىپ ۋەسلىڭگە يار بولدۇم بىتاقەت يول يىراق،
كۈتۈشلەرگە قالمىدى قەلبىمدە تاقەت يول يىراق.
ئەقلى ھۇشۇم ئازدۇرۇپ بولدۇم ھاماقەت يول يىراق،
ئوتلىرىڭدا يار سىنىڭ كۆيدۈم ھەقىقەت يول يىراق.
يار سىنىڭ ۋەسلىڭ ئۈچۈن باسقان قەدەملەر ئاز ئەمەس،
نە ئۆتەڭ دەڭدە يېتىپ تۈنەي دىسەم بۇ ياز ئەمەس.
يۈرىگىم باغرىم مىنىڭ گۆشتۇر چېلىشقا ساز ئەمەس،
نە ئامال مەنزىللىرىم يەمەيدۇ پەقەت يول يىراق.
شۇنچە قىلسام يار سىنىڭ گۈل جامالىڭ كۆرمىدىم،
يا سىنىڭ ئىشقى ئوتۇڭدا ئاھ ئۇرۇپ مەن ئۆلمىدىم.
ئەس ھۇشۇم خىياللىرىم سەندىن بۆلەككە بۆلمىدىم،
سەن ئۇچۇن يالغۇز ئۆزۈم قىلدىم تىلاۋەت يول يىراق.
توشتى دەپتەر ۋارىقى يازغان تىلەكلەر سەن ئۈچۈن،
توشسڭمۇ مىڭ ۋارىقى كۆرمەيسەپەقەت يول يىراق.
بولسىمۇ ئالدىمدا گەر سانسىز توساقلار مەن ئۈچۈن،
باسىمەن دادىل قەدەملەر بولسىمۇ يار يول يىراق.
--2012.2.5 بۇلاقسۇ
مەنبە:ئۆزۈم
قانداق ياشاپ ئۆتەي مەن بۇ دۇنيادىن
ئاڭلا دوستۇم ئېيتاي مەن بىر ھېكايەت،
تۇرمۇش ئۇچۇن چەكتىم كۆپمۇ رىيازەت.
مۇددىئايىم گەر بولمىسا ئىجابەت،
قانداق ياشاپ ئۆتەي مەن بۇ دۇنيادىن.
مەن بىر غېرىپ يىتىملىكىم گۇنامۇ،
ئەتتىگەندە ئالدىمدا بىر مۇنامۇ.
گەپلىرىمنى ھېچ تىڭشىماس خۇدامۇ،
قانداق ياشاپ ئۆتەي مەن بۇ دۇنيادىن.
تۇرمۇش ئۇچۇن ھەتتا بولدۇم يۇندىكەش،
بىر ئايلىقىم ئاران مىنىڭ ئوتتۇز بەش.
بىر ئايلىققا كەلمەس تېخى يېڭى كەش،
قانداق ياشاپ ئۆتەي مەن بۇ دۇنيادىن.
نىمە ئىلاج چىشىمنى چىڭ چىشلىدىم،
ئەتتىگەندىن تا كەچكىچە ئىشلىدىم.
ئىشلىسەممۇ تونۇر بېشىدا قىشلىدىم،
قانداق ياشاپ ئۆتەي مەن بۇ دۇنيادىن.
بازاردا چاقماق،سوپۇن،سەرەڭگە ساتماقتا،
پۇل بولمىغاچ ئايلاندىم بىر قاسماققا.
سالايمۇ يا ئەمدى جاننى ئاسماققا،
قانداق ياشاپ ئۆتەي مەن بۇ دۇنيادىن.
تۇرمۇش مۇشۇ خۇددى بەئەينى بەل بولدۇم،
ئاشخانىدا مۇچىغىچە گەز بولدۇم.
ئاخىرى مەن قىلىپ كۆردۈم ئوغۇرلۇق،
قانداق ياشاپ ئۆتەي مەن بۇ دۇنيادىن.
يوللۇغۇچى:تۇردى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulak110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 11:11 PM
|