پايدىسىز ئۆرۈپ- ئادەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن تېزرەك قۇتىلايلى
بىز دائىم ئىككى ئايال بىر يەرگە كەلگەندە( خاسىيەتخان ئاجايىپ قۇۋكەن، ئۇ كىر يۇغاندا ھەم ئۇچاققا كۆمۈر سالغاندا قولىغا پەلەي لىيۋالىدىكەن،ئاسىمغان ئاجايىپ قاقۋاشكەن، ئۇ گۈرۈچ سۈيدە يۈزىنى يۇيدىكەن، قوي مېيدا قولىنى مايلايدىكەن......) دىگەنلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز. ئاشۇ ئاياللار يۇقۇرقى سۆزلەرنى قىلغاندا ئاسىمخان بىلەن خاسىيەتخانلارنى ماختاپ ئەمەس، ئۇلارنى ئاشۇ (قۇۋ)لۇق، (قاقۋاش)لىقلىرىنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك بىر خىل تەلەپپۇزنىمۇ چۈشىنۋېلىش ئانچە قىيىنغا چۈشمەيدۇ. ئەمەلىيەتت بىز بۇنىڭدىن خاسىيەتخان بىلەن ئاسىمخاندەك ئاياللارنىڭ تۇرمۇشنى قەدىرلەيدىغان، ئىشنىڭ ئىپىنى بىلىدىغان، ۋە ئۆزىنى سۈيدىغان ئاياللار ئىكەنلىگىنى، ئەشۇ كوي-كوت ئاياللارنىڭ تولىمۇ نادان، تۇرمۇشقا خام، تولىمۇ بولۈمسىز ئىكەنلىگىنى كۆرۋالالايمىز. بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىمىز شۇنچىلىك ئاجىزكى، ھەممىمىز دېگۈدەك مېھماندارچىلىقسىز، توي -تۈكۈنسىز ياشىيالمايمىز. ئاشۇ توي تۆكۈن، مېھماندارچىلىقلاردا بىراۋلارنىڭ يامان ياكى ياخشى ئىكەنلىگە بولغان كۆز قارشىمىزنى ئۇنىڭ كۆتۈرۈپ كەلگەن داستىخىنىغا،ساھىپخاننىڭ مېھماندارچىلىقىغا قاراپ بىرلىككەكەلتۇرۋالىمىز. ئاشۇ سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ بىز ئۆزىمىزنىڭكىيۋالغان چىرايلىق كىيىملىرىمىزنى، تاقىۋالغان ئىسىل -زىبو زىننەتلىرىمىزنى، ئۆزىنىڭ كۆتۈرۈپ كەلگەن سوۋغاتلىرىمىزنى باشقىلار ئالدىدا كۆز -كۆز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە باشقىلار ئالدىدا غادايغۇدەك پۇرسەت ئىزدەشكە تىرىشىمىز. باشقىلارمۇ بىزنىڭ قانچىلىك ئادەم ئىكەنلىگىمىزنى ئۆزىنىڭ ئائىلىنى قانداق باقۇرغانلىقىمىز،پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيلىگەلىكىمىزنى، ئېرىمىزنى قانداق كۈتكەنلىكىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ياكى باشقا ئىشلىرىمىزدا قانداق نەتىجىلەرنى قازانغانلىقىمىز بىلەن ئەمەس، بىز يۇقۇردا تىلغا ئالغان داستىخان ۋە سورۇنلاردىكى(مەرت)لىكىمىز ئارقىلىق باھالايدۇ. مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىنبەزى ئۇيغۇر ئاياللىرى كۆپ چاغلاردا قاپاققا ئەمەس باراڭغا، مېغىزغا ئەمەس شاكىلىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالىمىز. ئاخىرغا بېرىپ تېشىمىزدا ھېت ئوينىغىنىمىز بىلەن ئىچىمىزدە روزى تۇتىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئارتۇقچە سورۇنلارغا كۆپ باردىغان ئاياللارنىڭ ئائىلىسىدە كۆپ چاغلاردا (ئاينىڭ بېشىدا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، ئاينىڭ ئاخردا قولىڭىزنى چىشلەپ قاراپ ئولتۇرۇڭ) دېگەندەك ئائىلە ئىقتىسادىدا كىرزىس بىزنىڭ كۆپرەك ۋاقتىمىز ۋاقتىمىز ئاشۇ تۈگمەس سورۇنلار بىلەن ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىمىز، پەرزەنتىمىز ۋە ئائىلىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالماي قالىمىز. ئاخىرىغا بېرىپ ئۆمۈرىمىز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكىنى بىلەن، ئاشۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولغان كۆڭلىمىز سۈيۈگىدەك ۋە ئۆزىمىز پەخىرلىنىپ تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ئىشىمىزنى تاپالماي قالىمىز. ئەنە شۇ چاغدا ھەر قانچە پۇشايمان يىسەكمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمىرىمىنى ئارقىغا قايتۇرالمايمىز. زايە بولۇپ كەتكەن ۋاقتىمىزنىڭ ئورنىنى ھېچ نەرسە بىلەن تولدۇرالمايمىز. مانا بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسم ئاياللار مەدەنىيىتىدىكى جانلىق ئىپادىسى. شۇنداقلا 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاياللاردىكى ئىكاسى.
ھەر بىر دەۋىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىىلقى ۋە كەمچىلىكى بولغىنىدەك، ھەر بىر مىللەتنىڭمۇ ئۇزاق دەۋىرلەر جەرياندا ياراتقان ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئەسىرلەردىن بېرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كىرگەن ئاتۇقچىلقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ھەر بىر يېڭى دەۋىر باشلانغاندا ئىسلاھاتچىلارنىڭ(كونىنى پاچاقلاپ تاشلاپ،يېڭىنى قۇرۇش) شۇئارىنى ئوتتۇرغا قويۇشمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. بىراق ئۆزىمىز بىلدىغان تارىخقا نەزەر سالساق، مەيلى قارخانلار دەۋرىدىكى بۇددا مەدەنىيىتىدىن ئىسلام مەدەنىيىتىگە كۈچۈش دەۋرىدە بولسۇن ياكى سۇپى- ئىشانلارنىڭ پەن-مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان سەئىدىيە خانلىقىنى ۋەيران قىلىشلىرى بولسۇن ۋە ياكى (مەدەنىيەت ئىنقىلابى) دەۋرىدىكى بىزنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت گۆھەرلىرىمىز ( كونىلق، خۇراپارلىق) دەپ قارالغان نەرسىلەر بىلەن قوشۇلۇپ مۇتەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن قارىسىغىلا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرلىق مىللىي ئويغىنىش شامىلىنىڭ تەسىرى بىلەن بىزدە ئاشۇ مۇتەسسىپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىگە قارىتا تەنقىدىي نەزەر بىلەن قارايدىغان كۆز قاراش شەكىللىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزدە يەنە ھەر قانداق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەپلا قارالغان نەرسىلەرنى بولسا جان تىكىپ قوغدايدىغان، ئۇنىڭ ئەكىسچە بولغانلىرى بىلەنبولسا تىغمۇ - تىغ تۇرۇپ قارشىلىشىدىغان تەتۇر يۇلۇنۇشلۇك قارشىلىشش روھى شەكىللىنىپ قالدى. بۇ تارىختىن بېرى خەلقىمىز قەلبىدە ئۇلغىيىپ بېرۋاتقان دىل ئازارلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت پىسخىكىمىزدىكى ئىپادىسى، ئۇزۇن مەزگىل بېسىلىپ ياتقان قارشىلىشش روھى ھالىتىنىڭ سىرتقى ئىپادىسى بولۇپ، بۇ خۇددى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مەسچىتلەر كۆپلەپ ۋەيران قىلىنغان بولسا ئۇنىڭدىن كېيىن دىننىي ئىتقاد ئەركىنلىكى يولغا قويۇلىشى بىلەنلا، ئەسلىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئورنىغا ئونلاپ مەسچىت سېلىنىپ, مەكتەپلەر، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى بولسا- ئەكىسچە ئىتىبارسىز قالغاندەك بىر ئىش بولدى. بۇنداق تەتۈر قىسمەت بىلەن تەرەققىي قىلىدىغان روھىي ھالەتنىڭ مىللەتكە كەلتۇردىغان زىيىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولۇش تولىمۇ قىيىن، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتنىڭ تۇپ ساپاسىغىلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتىغىمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈدۇ. مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقاندا، بىز ئاياللارنىڭ مىللەتنى تەربىيلەش، كەلگسۇ ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەدەس يۇك تەبىئىي ھالدا زىممىمىزگە يۇكلىندۇ، بىراق بىز مۇشۇلارنى ئويلىيالىغىدەك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرەلمىدۇق. بۇنداق ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگىدەك ۋاقىتنىمۇ چىقىارالمىدۇق. تۈگىمەس سورۇنلار ۋە مەنمەنچىلىكنىڭ ۋەسۋەسسى بىزنى بارغانسىر خامۇشلاشتۇرۇپ قويدى. ھەتتا بىر قىسىم ئاياللا ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۈنلەپ - ئايلاپ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەنمۇ كارىمىز بولمايدىغانھالەتكە كېلىپ قالدۇق.
ۋاقىت رەھىمسىز سودىيە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىر چاغلاردىكى ياش ئاتا - ئانىلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرپ پىشانلىرىنى قورۇق باستى، پانى ئالەمنىڭ قۇڭغۇرىقى قولىقىڭىز تۈۋىدە چېلىنىشقا باشلىغانداھېچكىم سىزنڭدىن قانچە قېتىم ئولتۇرۇشقا بارغىنىڭزنى، قانچە قېتىم مېھمان چاقىرغىنىڭىزنى، قانچە قېتىم توي ئوينىغىنىڭىزنى سۇرۇشتۇرۇپمۇ قويمايدۇ. بىراق سىز ئاشۇ بىھۇدە باسقان قەدىمىڭز ۋە ئىسراپچىلىقىڭىز بەدىلىگە تەقدىرنىڭ جازاسىغا ئۇچىرايسىز. مەن ئاشۇ كىچىكىدە تەربىيىسىز قالغانلىقىتىن سىرتقى ئامىلنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئاسانلا جىنايەت يولىغا مېڭى[ قالغان،جان ئالغۇچى ئەزرائىل- خىروئىننىڭ ئىس، تۇتەكلىرىنىڭ ئارسىغا كىرىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا بىزنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ خېلىلا سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقنى كۆرۈپ، بىز ئۇيغۇر ئانىلىرنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى، پەرزەتنلەر ئالدىدىكى مەسئۇلىيىمىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتتىم. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىز ھەر بىر ئۇيغۇ ئانىسى دەسلىپىدىن تارتىپلا ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئالدىدىكى مەسئۇليەت ۋە مەجبۇريىتمىزنى تۇنۇپ يېتەلىگەن بولساق، بەلكىم بۇ دەرىجىدە ئېغىر بولمىغان بولاتتى. بىراق بىز ئاشۇ تۇگمەس توي - تۇكۇن ۋە سورۇنلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆز ئۈيىمىزدە بولىۋاتقان ئىشلارغا نەزەر سالالمىدۇق . بىراق باشقىلارنىڭ ( غېمىنى يەيدىغان) ئادەتنى تاشلىيالمىدۇق. يۇقۇرقىدەك بىر يۈرۈش مەسىللەر بىر ئۇيغۇر ئانىسىنىڭ چۇجۇدىدىكى خامۇش ھالەتتە تۇرغان مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى يۇكسەك دەرىجىدە ئۇغۇتىشقا، ئاشۇ جىنايەت پاتقىقىدا ۋەيران بولىۋاتقان، ئاشۇ خروئىننىڭ ئس- تۇەكلىرى ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان پەرزەنتلىرگە قاراپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئانىلىق بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولىقى بىلەن تۇنۇپ يېتىشكە ھەيدەكچى بولماسمۇ؟
توغرا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ كۆزىمزىنى يوغان ئېچىپ، قەددىمىزنى رۇسلاپ، زامانىۋىي مەدەنىيەتكە قاراپ قەدەم تالىدۇق. ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان نۇرغۇن گۈزەل، ئەخلاق، ئىسىل پەزىلەتلەرنى ئۆگەندۇق، شۇنداقلا تارىختىن قالغان، زامانغا ماس كەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان زىيانلىق نەرسىلەرنىمۇ ئەجداتلىمىز بىزگە قالدۇرغان (ئەنئەنە) دەپ يۈك قىلىپ ئارتىۋالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆشنىسىگە يۈكنى ھەددىدىن زىيادەئارتىۋېلىپ يىراق سەپەرگە ئاتلانغان تۆگىگەئوخشاپ قالدۇق. ئەڭ مۇھىمى بىزئاشۇ قاتمۇ - قات ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ -ئادەتنىڭ ئىسكەنجىسى ئىچىگە سولىنىپ قېلىپ، بالىمىز ۋە ئېرىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆزىمىز ئۈچۈن قايغۇرۇشنىمۇ(قۇۋ)راق بولۇشنىمۇ، تۇرمۇشتا پۇختاراق بولۇشنىمۇ ئويلىيالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. ھەتتا ئۇيالماستىن ئۆزىمىزنىڭ ساددىلىقىمزدىن ماختىندىغان، ئاي، يىللاپ يۈزمىزنى بىر قېتىممۇ سۇپۇنلاپ يۇمايدىغانلىقىمىزدىن پەخىرلىندىغان بولىۋالدۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەرلىرىمىزنىڭ لىۋىگە لەۋ سۇرۇق سۈرۈپ تىرنىقىنى بوياپ ، ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك ياسىنىپ يۇرىدىغان بىرەر ئايال بىلەن چوڭ كوچىدا بىرەر دەم پاراڭلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىمىزدە، كۇندەشلىكىمىز قوزغىلىپ، خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك ئۆزىمىزنى يېنىمىزدا تۇتۇپ تۇرغۇدەك ئازراقمۇ.ئىشەنچ قالمىغانلىقىنى ئازاپلانغان ھالدا ھېس قىلماي تۇرالمىدۇق. ئەگەر ئەھۋال ئۇنىڭدىن يامانراق بولۇپ،ئېرىمىز راستىنلا ئۆزىگە ۋە پەرزەنتلىرىگە كۆيۈندىغان بىرەر ئايالنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ قالغان بولسا ئۇ چاغدا بىز ئەس ھۇشىمىزنى يۇقاتقان ھالدا خۇددى جاھاندا پەقەت بىزنىڭ ئېرىمىزلا بىزگە ۋىجدانسىلىق قىلۋاتقاندەك، ئېرىمزى ئەزەلدىن بىزگە ئائىلىمىزگە بىرەر قېتىممۇ ياخشى ئىش قىلىپ بەرمىگەندەك ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزىمىزنى يوقاتقان ھالداجاھاننى بېشىمىزغا كىيىپ جار سالدۇق. ئۇ چاغدا ئۆزىمىزنىڭ يۈز ئابرويىمىزنىمۇ بىر ياققا قايرىپ قويدۇق، ھەتتا پەرزەنتىمىزنىڭ يز ئابرويىنىمۇ ئويلاپ قويمىدۇق.شۇنىڭ بىلەن يۈرەك پارىمىز نىڭ يۈرىكىدە خورلۇق ۋە نۇمۇسنىڭ ئۆچمەس يالدامىلىرىنى قالدۇردۇق. چۇنكى ئانا بىلەن دادا ئەسلىدەپەرزەنتنىڭ يۈرىكىدىكى يۈكسەك مۇئەككەل ئىدى. مانا ئەمدى بالىنىڭ قەلبىدىكى ئۆزى چەكسىز چوقىندىغان ئوبراز يوقىغانكەن، ئۇ چاغدا پەرزەنتلەرنىڭ كۆزىگە بىردىنلا قاراڭغۇلۇق تىقىلىدۇ- دە، جاھاندىكى ھەممىلا نەرسە ئۇلار ئۈچۈن ئۆز قىممىتىنى يوقاتقاندەك، ياشاشنىڭمۇ ھېچقانداق مەنىسى قامىغاندەك تۇيۇلدۇ. مانا بۇ ئاتا - ئانىسى سوقۇشۇپ كوچىلارغا چىقىۋالىدىغان ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ روھىي ھالىتى. بىراق بىز ئۆزىمىزنىڭ تۈگىمەس سورۇنلىرىمىز بىلەن قېلىپلىشىپ قالغان ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ - ئادەتنىڭ ئىسكەنجىسى ئىچىدە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ۋە قايغۇمىزنى ئاشۇ ئىسكەنجە ئىچىدىنلا ئىزدەپ، ئۇنىڭسىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۆزىمىزدىكى پايدىلىق بولغانئامىللارغا ئىتبارسىز قارىدۇق. ئۆزىمىزگە ئىچكى ساپانىڭ ،ۇكەممەل بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن كۆپ ھاللاردا ئەر- ئاياللا ئوتتۇرسىدىكى نورمالنى مۇناسىۋەت بىلەن پەرىقلەندۈرەلمىدۇق. جەمئىيەتنىڭتەرققىياتىغا ئەگىشىپ ئەرلەر بىلەن ئەياللارنىڭ ئەسلىدىكى نۇقۇل ھالەتتىكى جىسىي تۇرمۇشتىنلا ئىبارەت بولىدىغان مۇناسىۋەت مانا بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ خىزمەتداشلار، كەسىپداشلار، ۋە مەسلەكداشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئايلاندى. ئەر -ئاياللارنىڭ بىر يەرگە كەلگەندە قىلىشىدىغان پاراڭلىرى ئەسلىدىكى نوقۇل تۇرمۇش توغرىسىدىكى پاراڭلاردىن غايە، خىزمەت، ۋە كەلگۈسى توغرىسىدىكى پاراڭلارغا كۆچتى. بىز كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇشۇ تەرەپلىرىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ سىرتىمىزنى ھەر قانچە نىقاپلىۋالساقمۇ، ئۆزىمىزنى چەمبىرەك ئىچىگە ھەر قانچە مەھكەم بەند قىلۋالساقمۇ، ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى قورۇقدىلىپ قالغان روھ تولا ھوۋلاپ ئارامىمىزنى بۇزىدۇ.ئەگەر بىز سىرتقى مۇھىتتىن كۆپرەك يېڭى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنى يېڭى دەۋىرگە ماس ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشمايدىغان بولساق، ئاخرى تەبىئىي ھالدا دەۋىرنىڭ ئارقىسىدا قالىمىز- دە، خۇدى كېرەكسىز ئادەملەر قاتارىدا قوساق تويغۇزۇپ جان بېقىپلا جەبرائىلنىڭ كېلىشىنى كۆتۈپ ئولتۇرمىز. شۇڭا مەن ھەد سىڭىللارىمىزگە شۇنى تەۋىسىيە قىلمەنكى، بىز ئۆزىمىزنىزىيانىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ- ئادىتىنىڭ ئىسكەنجىسى ئىچىدىن بالدۇراق قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىمىزنى ئالدى بىلەن ئاشۇ كىشىنىڭ ئۆز ئۈمرىنى خورتىدىغان تۈگىمەس ئولتۇرۇش، توي - تۈكۈن ۋە چايلارنى مۇۋاپىق دەرىجدە ئازايتايلى، ئۆز - ئۆزمىزنى خورتىش بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىمزىگە ئائىلىمىزگە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ۋە مىللىتىمىزگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەيلى، ئەنە شۇنداق چاغدا بىز تەڭتۇشلىرىمىز ئارسىدا ئۆزىمىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مەيدىمىزنى كېرىپ ئوتتۇرغا چىقالايمىز. ئەنە شۇ چاغدا كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ بىزدەك مومىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلىندۇ. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭياشلىق باھارىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇرغىۋاتقانلىقىنى، ئوبرازىمزىنىڭ تېخىمۇ گۈزەلللىشىۋاتقانلىقىنى، پەرزەنتلىرمىزنىڭ ھەممە جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يىتىلۋاتقانلىقىنى، ئەرلىرىمىزنىڭ بىزنى بارغانسىرى ياخشى كۆرۋاتقانلىقنى ھېس قىلمىز. پەقەت ئەنە شۇ چاغدىلا بىز ئۆز ئۈمىرىمىزنى بەخىتلىك ئۆتكۈزەلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنمىز.
قەدىرلىك ھەدە - سىڭىللار، دوستلار، ئەگەر مېنىڭ يۇقۇردا تەۋىسىيە قىلغانلىرىمنى مۇۋاپىق دەپ بىلسىڭىز، سىزن مۇشۇ سائەتتىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قەيەردىن باشلاش كېرەكلىكى توغرىسىدا باش قاتتۇرۇڭ. ئىشىنمەنكى، سىز يېقىن كەلگۈسىدە كىشىلەر ھەيران قالغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.
مەنبە:بەخىت سىزگە يار بولسۇن دىگەن كىتابتىن ئېلىندى
ئاپتورى : دىلدار ئەزىز