ھەزەر قىل
(ساتىرا)
بىھۇش بولۇپ غەپلەتتە ياتقانلاردىن ھەزەر قىل،
بولىشىچە خورەكنى تارتقانلاردىن ھەزەر قىل،
ئۇيقۇسىدا كامالەت تاپقانلاردىن ھەزەر قىل،
تەكىي-كۆرپە ئېتىگە ياققانلاردىن ھەزەر قىل،
بۇ دىياردا ساۋاتسىز قالغانلاردىن ھەزەر قىل.
ئىلىمسىزنىڭ-ناداننىڭ ھايۋاندىن ھېچ پەرقى يوق،
يىسە،ياتسا،ئۇخلىسا،ئۇندىن ئۆزگە شەرتى يوق،
خىيالىدا ھېچقاچان ۋەتەن،مىللەت،خەلقى يوق،
چوڭ چاغلايدۇ ئۈزىنى كۆڭلى قارا ئەقلى يوق،
دۇلدۇل مىنىپ چۈشىدە چاپقانلاردىن ھەزەر قىل.
گەپنى تاغدەك چوڭ قىلىپ دىيانەتتىن ئاچادۇر،
جاھالەتكە چاپلىشىپ ئىلىم-پەندىن قاچادۇر،
شەرىئەتنى بۇرمىلاپ غەيرى پەتۋا تاپادۇر،
پايدا كۆزلەپ دوستىنى نەپكە ئەرزان ساتادۇر،
نىجاسەتكە گۆھەرنى ئاتقانلاردىن ھەزەر قىل.
ئىبادەتنى-ئىخلاسنى كۆرۈۋېلىپ ئاراچتىن،
كىيىۋېلىپ پۇتىغا پار-پۇر مەسە-كالاچتىن،
شۈكرى قىلىپ ياشايدۇ نەزىردىكى ئۇماچتىن،
ھېچبىر خىيال قىلمايدۇ يۈكسۈلۈشتىن-راۋاجتىن،
گاراخ بولۇپ ئارقىدا قالغانلاردىن ھەزەر قىل.
جاھىللىقنى يار تۇتۇپ تېرەجەيدۇ ئارقىغا،
موللا سۈپەت رەڭ بىرىپ سىن قوشۇدۇ تۇرقىغا،
<< قالتىس مەن>>دەپ ماختىنار شاگىرت كىرمەي ئۇستىغا،
<<ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك>>تۇر،نەدە پۇرسەت ساختىغا،
بىلمەي تۇرۇپ<<بىلەرمەن>> بولغانلاردىن ھەزەر قىل.
خۇددى ئويۇن بىلەدۇر مۇقەددەس بىر نىكانى،
كۆپ خوتۇنلۇق يول تۇتۇپ يەنە ئالماق نىشانى،
قىلۇر شۇنداق دەپسەندە ئېسىل ئەخلاق-ساپانى،
روناق تاپماس شوڭا ھېچ تۇتقان ئۇۋا-ماكانى،
قەدىناسنى ئازاپتا قويغانلاردىن ھەزەر قىل.
يا ئەرەپچە بىلسىچۇ ياكى ئۆزتىل يېزىقنى،
سىزغان بولسا قەغەزگە كاشكى ئەگرى سىزىقنى،
ۋەز ئېيتىشنى كىم قويدى بىلمەي بىر پەش-چىكىتنى،
خەقلەر كۆرسە كۈلمەمدۇ مايمۇنچە بۇ قىلىقنى،
جاننى شۇنداق رەڭ بىلەن باققانلاردىن ھەزەر قىل.
نادانلىق شۇ ( ئاپەتكە دەرۋازىنى ئاچقان شۇ)،
مولۇن كىرىپ قازناققا نان ئېپقاچسا ياتقان شۇ،
دانىشمەننى-ئالىمنى بىراۋلارغا چاققان شۇ،
يەكپاي كىيىپ كەشىنى نام-ئىنئامغا چاپقان شۇ،
ھەزەر قىل ئەي يارەنلەر!نادانلاردىن ھەزەر قىل!
********
مەنبە: ئۆز قەلىمىم(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)