ئىلاۋە: "لوپنۇرى"نامىدىكى بلوگنى ئاچقاندىن بېرى، بۇ بلوگدا لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلارغا ئائىت ماقالىلەرنى توپلاپ، لوپنۇرغا قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدىم. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرىنى تور بېكەتلەردىن يىغدىم، بەزىلىرىنى ماتىرىياللاردىن تېپىپ كومپىيوتىرغا كىرگۈزدۈم، قىسمەنلىرىنى تەرجىمە قىلدىم. ئايرىملىرىنى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ، قىسقارتىپ تەييارلىدىم. بەزى ماقالىلەرگە ماس كېلىدىغان سۈرەتلەرنى تېپىپ قىستۇردۇم. بۇ جەرياندا ئۆزۈممۇ ئانا يۇرتۇم لوپنۇر ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بۇ ماتىرىياللارنى يىققانسىرى ھەم كۆرگەنسىرى ئۆز يۇرتۇمدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتىم تېخىمۇ كۈچىيىپ باردى. بلوگىمنى زىيارەت قىلىپ مەن يوللىغان ماتىرىياللاردىن پايدىلانغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنكاس، تېلېفۇن ئارقىلىق ياكى يۈز-تۇرانە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بۇ مىننەتدارلىقلىرى مېنى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلتۈردى. بۇ ماتىرىياللارنى توپلاش، رەتلەش ۋە تورغا يوللاشقا نۇرغۇن ۋاقتىم ۋە زېھنىم كەتتى. ئەمما، بۇنىڭغا قىلچىلىك ئۆكۈنمەيمەن. بۇنداق قىلىشنى ۋىجدانەن بۇرچۇم دەپ ھېسابلايمەن. قارىسام توپلىغان ماتىرىياللىرىم يىگىرمە-ئوتتۇز پارچىغا يىتىپ قاپتۇ. بەزىدە تور بەتلەردىن ئىزدەپ كۆرگەندە بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ناۋادا تور شارائىتى بولمىغان ۋاقىتلاردا ماتىرىياللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولماي قالىدۇ. شۇڭىلاشقا، كەڭ بىلىمخۇمار دوستلارنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئېلىكىتابنى ئىشلەپ چىقىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.ھەمدە نامىنى "قەدىمىي يۇرت لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار"دەپ قويدۇم. ماتىرىياللارنى بىر نەچچە خىل سەھىپىگە ئايرىپ قوللىنىشقا قولايلىق ھالەتكە كەلتۈردۈم. مەن ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىش، توردىن ساقلىۋالغان بىر قىسىم ماتىرىياللارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بۇرۇن ئېنىق ساقلىۋالمىغاچقا، مەنبەنى كۆرسىتىشتە ئېنىق كۆرسىتەلمەي قالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن دوستلاردىن ئەپۇ سورايمەن. بەلكىم، بۇ ماقالىلەردە ياكى ئېلكىتابتا بەزى سەۋەنلىكلەرگە يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن. دوستلارنى سەمىمىي تەنقىد پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سەمىمىي تەكلىپىم: مەن يەرلىك مەدەنىيەتكە زور ئىشتىياق باغلىغۇچى، بۇ مېنىڭ يۇرتۋازلىقىمدىن ئەمەس، بەلكىم ئۆز كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن جايىمنى ئەزىزلىگىنىمدىن بولدى. بىزدە قېزىلمىغان يەرلىك تارىخ ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى خېلى كۆپ. بۇلارنى ۋاقتىدا قېزىش، رەتلەش، ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىزدۇر. بالىلىرىمىزغا ئانا يۇرت تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىشتە بۇ خىلدىكى ماتىرىياللارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. يەرلىك مەدەنىيەت پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تولۇقلىغۇچى. ئۇ بىز سەل قاراۋاتقان، يۇشۇرنۇپ يېتىۋاتقان بىر بايلىق. مېنىڭچە، ئۆز يۇرتىنى سۆيۈش ئەمەلىي ئىش-ھەركەتلەردىن باشلىنىشى كېرەك. قۇرۇق گەپ بىلەن شەھەر ئالىدىغانلارنىڭ كۆپۈك مۇھەببەتلىرى قۇرۇپ كەتسۇن. بىزگە كېرىكى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئانا يۇرت سۆيگۈسى. بۇ خىل سۆيگۈ يۈرەككە مۆھۈردەك ئۇيۇلىشى كېرەك. بۇ مۆھۈرنىڭ سىياسى ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى، ئۆر-ئادەتلىرىنى، مەشھۇر شەخىسلىرىنى، تاغ-دەريالىرىنى بىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت مىھنەت ماتىرىياللىرىدىن ياسىلىشى كېرەك.قېنى ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئوبدان سۇئال قويۇپ بېقىڭ. ئانا يۇرتىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ئانا يۇرتىڭىز ھەققىدە قانچىلىك ئىزدىنىپ كۆردىڭىز؟ ئانا يۇرتىڭىزنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا قانچىلىك تونۇشتۇرالىدىڭىز؟قېرىندىشىم، ھېلھەم كېچىكمەيسىز. دەرھال ھەركەتكە كېلىڭ.ئاتا-بوۋىڭىزنىڭ باسقان ئىزلىرىنى ئىزدەپ يولغا چىقىڭ!
بۇ ئېلىكىتابنىڭ مۇندەرىجىسى: مۇندەرىجە
لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ تارىخى
لوپنۇر ھەققىدە...................................................................... نامەلۇم 8 ئانا يۇرتۇم لوپنۇرنىڭ تۆنۈگۈنى ۋە بۈگۈنى...................................نامەلۇم 10 لوپنۇرلۇقلار............................................................................نامەلۇم 17 لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر.......................... مىرسۇلتان ئوسمانوف 21 لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئىجتىمائى ئەھۋاللىرى...غالىپ بارات 33 لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش.............ئەلى ئەمەت 80 ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە .................. نىياز ئايۇپ 100 ”لوپ“ ۋە ”لوپنۇر كۆلى“ دىگەن يەر ناملىرى ھەققىدە............نىياز كېرىمى121 لوپنۇردىكى قۇرۇقتاغ قىيا تاش رەسىملىرى(سۈرەتلىك)..................لوپنۇرى126 قەدىمكى “ قۇرۇقتاغ ئېلى “ توغرىسىدا(سۈرەتلىك)..............شىرىپ موسا 134 چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەلىگىدىكى بىر قانچەئورۇننىڭ يەر نامى توغرىسىدا........تۇردى ھاشىم 155 شىنجاڭدىكى تىلسىمات لوپنۇر...................................... مەخسۇت ھېيت 165 تەكلىماكاندىكى ئۇلۇغكۆل ۋە قاراچاشنىڭ ئۆتمۈشى..................رابىيە تۆمۈر169 شىڭپىڭ ئۆستىڭىنىڭ قىسقىچە تارىخى........................................نامەلۇم186 تىكەنلىك لاشىن مەھەللىسى تەزكىرىسى............................ مىجىت سىدىق197 يېڭىسۇ ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى..............................غالىپ بارات ئەرك 208
تارىخى شەخسلەر
لوپلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى_ كۈنچىققانبەگ..................غالىپ بارات ئەرك216 ئۆردەك ۋە ئۇنىڭ نەسىل-نەسەبى توغرىسىدا............................ بۇغدا ئابدۇللا 222 ئۆردەك ئوماق ۋە ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى..........................غالىپ بارات ئەرك239 ئىگىسىنى تونىمىغان گۆھەر كىروران.........................تۇرسۇن ھامۇت ئۈمىدى246 كروران قەدىمىي شەھرىنى ئەڭ دەسلەپ تاپقان-ئۆردەك..................ئابلا سايىت 254 ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ _ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ........................................نامەلۇم 263 ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻤﯘ؟........................................ خوسەن 270
ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر لوپنۇردا
پىرژىۋالىسكىينىڭ لوپنۇر ھەققىدىكى خاتىرلىرى............................لوپنۇرى 283 ئىبلىس ساقلاپ ياتقان جەسەتلەر..................................................بېرىگمان 289 تۇرپان ئۆلكىسى لوپنىڭ بايانى..........................................................كاتانوف 308 خىيالى كۆل لوپنۇر مۇنازىرسىنىڭ باشلىنىشى.....................چىيەنداۋ شىنيى 326 كۆچمە كۆل-لوپنۇر مۇنازىرسىنىڭ تاسادىبى نەتىجىسى............. چىيەنداۋ شىنيى328 لوپنۇردىكى سىرلىق غايىپ بولۇش.....................................................نامەلۇم 330
لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتى
لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى............................... ئابدۇرەھىم ئابدۇللا 335 لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى.....................مويدىن سايىت 363 لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيتى ھەققىدە ئىزدىنىش..........ئەلى ئەمەت432 « قوشماق يىيىشىش» ۋە« ئىلىك سۇندۇرۇش» توغرىسىدا...............ئەلى ئەمەت 453 لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىدىكى « بېيىت ئېيتىشىش » ۋە «نەرسە ئوغۇرلاش» ئادەتلىرى ..............ئەلى ئەمەت 457 لوپنۇر خەلقىنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ئادەتلىرى.........................تۇردى تالىش471 لوپلۇقلارنىڭ جايلارغا ئات قويۇش ئادەتلىرى ھەققىدە............غالىپ بارات ئەرك476 شامانىزم ئىزنالىرىدىن «كۆنچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتمولوگىيىسىگە ئىزاھات.................ئەخمەتچان ھېزىم 492 لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر...................ئەلى ئەمەت498 قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ ئاقچىراق يېقىش ئادەتلىرى توغرىسىدا........باقىر ئىبراھىم523 ئىسلام دىننىڭ لوپ رايۇنىغا تارقىلىش ئەھۋالى.......................غالىپ بارات ئەرك528 ئىسلام دىننىڭ لوپنۇر رايۇنىغا تارقىلىشى ۋە تەرەقىياتى..................ئەلى ئەمەت 533 لوپلوقلارنىڭ يۇڭ تۇقۇلما قول-ھۈنەر سەنىئىتى .......................شېرىپ موسا 546
لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلى
لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى.........................مىرسۇلتان ئوسمانوف 559 لوپنۇر يەرلىك شىۋىسىنىڭ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىپادىسى.............زۇمرەت غاپپار575 لوپنۇرلۇقلار ۋە لوپنۇر دىئالېكىتدىكى بىر قىسىم شېۋە سۆزلىرى توغرىسىدا..............ئەلى ئەمەت 590
لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن پارچىلار......................مىرسۇلتان ئوسمانوف601 لوپلۇقلار ھەققىدە رىۋايەت.....................................غالىپ بارات، مويدىن سايىت621 لوپنۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى...................................................جەۋلان55 (623) لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توھپىكارلىرى.......................................نامەلۇم 638
لوپنۇر تەسىراتلىرى
سىرلىق تەكلىماكان................................................................بۇغدا ئابدۇللا 649 لوپلۇقلار ھاياتىنىڭ بەدىئىي قامۇسى..................................غالىپ بارات ئەرك 678 لوپنۇر تەسىراتلىرى................................................ئەخمەتجان قۇربان سابىرى687 مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم............................................... رىسالەت مەردان695
تىلسىمات كىروران
كروران قەدىمىي شەھىرى.........................................................يۈسۈپ ھۈسەن697 كروران ئۇيغۇرلىرى...................................................................... قۇربان ۋەلى698 كروراننىڭ نوپۇسى ۋە كرورانلىقلارنىڭ كۆچۈشى.....................غالىپ بارات ئەرك701 قەدىمقى كرورەن دولىتىدىكى ئادەملەرنىڭ سىرى..................................نامەلۇم717 كروران ھەققىدە بىلگەنلىرىم...................................................نۇرۇنگۈل ياقۇپ721 كرورەن گۈزىلىنىڭ سىرى................................................لوپنۇرى تەرجىمىسى728 كروران گۈزىلى - ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى........................يۈسۈپ ئىگەم تەرجىمىسى732 كروران ۋە كورلا................................................................... غالىپ بارات ئەرك737
مەنبە:http://www.lopnuri.com/?p=2388
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 07:26 PM
|