مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2751|ئىنكاس: 27

شىنجاڭنىڭ ئون داڭلىق مىللىي كىيىم–كېچەك ماركىسى باھالاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 06:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭنىڭ ئون داڭلىق مىللىي كىيىم–كېچەك ماركىسى باھالاندى



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ھەر خىل مىللەتلەر، رەڭگارەڭ مودا كىيىملەر» باش تېما قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا «يىپەك يولى» كىيىم-كېچەك بايرىمى بەش كۈن داۋاملىشىپ، 11-سېنتەبىر كەچتە ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇتەللىپ قاسىم يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ بايرامغا قازاقىستان، تۈركىيە، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر، مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ مىللىي كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 322 كارخانا قاتنىشىپ، يېڭى پاسون، يېڭى مودىدىكى كىيىم-كېچەكلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. بۇ بايرامدا يەنە 20 مەيدان كىيىم – كېچەك مودا كۆرسىتىش نومۇرى ئورۇنلاندى. ئاسىيا – ياۋروپا كىيىم – كېچەك ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى. شىنجاڭ 2 – نۆۋەتلىك ئاياللارنىڭ چېۋەر قوللاردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە چېۋەر قوللىرىدا ئىشلەنگەن توقۇلما ۋە كەشتە بۇيۇملىرى نامايان قىلىندى.

بۇ نۆۋەتلىك كىيىم-كېچەك بايرىمىدا «ئىلچى» ، «ئەلتاجى» ، «شىن تيەنسەي» ، «تاسبۇلاق»، «مارىياننا»، «باشئەگىم»، «مىنەۋەر»، «گۈزەل»، «چىمەن»، «يىپەك يولى» قاتارلىق ئون ماركا شىنجاڭنىڭ ئون داڭلىق مىللىي كىيىم – كېچەك ماركىسى بولۇپ باھالاندى. ئۈرۈمچىلىك ما چىڭجى بىلەن خوتەنلىك روزىنساخان تاشتۆمۈر شىنجاڭ 2-نۆۋەتلىك ئاياللارنىڭ چېۋەر قوللاردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ كەشتىچىلىك تۈرى ۋە ئىلمە توقۇلما تۈرىدە ئايرىم-ئايرىم 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى، بۇ ئىككى ماھىرغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى» دېگەن نام بېرىلدى. ياڭ جيەنشاڭ بىلەن گۈلنارخان مەترېيىم كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى كۆرسىتىشتە مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ ئىككى ماھىرغا ئاپتونوم رايوننىڭ «كەسپىي تېخنىكا ماھىرى » دېگەن نام بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ ياخشى يايما بېزەش مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئورۇن ۋە كارخانىلار مۇكاپاتلاندى.



مەنبە   :     جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

http://www.uycnr.com/xwzx/lwxj/201209/t20120914_382923.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 07:21:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللى كارخانىللىرىمىزنىڭ روناق تىپىشى ئۇچۇن ھەسسە قوشايلى!

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12830
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 07:28:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇتىۋەر ، مىراس دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق ، ئۇلار ئۇخلاپ قالغانمىدۇ

سىنى سۆيگىنىم خاتا ئەمەس ،ئۇچراتقىنىم خاتا

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2083
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58061
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2979 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 07:59:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىتنە تېرىغىنىم ئەمەس. كىچىككىنە نارازىلىقمنى بىلدۈرۈپ قوياي .ئۇيغۇردىن مودىل چىقمىغان ،ئاۋۇ ئۇيغۇرنىڭ كىيمى ‹‹ئېلچى›› 10 مۇنەۋەر كىيىم -كىچەك ماركىسىغا كىرىپتۇ،  تەبرىكلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 08:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15713
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 08:14:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سادا ، مۆتىۋەر ، كامال ماركىسىنى داڭلىق ماركا دەپ ئويلايتىم .  ئۇلار زاپەر ئوخشايدۇ ھە.

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 08:39:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالاپىتڭىزىنىڭ نامايەندىسى مۆتۋەر كىيىملىرى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19520
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 08:44:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ باقمىغان كىيىملەرنىڭ ماركىللىرىمۇ باركەن ، بىلدىغىنىم 3-4 تال ئىكەن .
زاماننىڭ كەينىدە قالمىغاندىمەن ،
مىللى كارخانچىلار تولۇق قاتناشمىدىمۇ نىمە بۇ مۇسابىقىگە

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2654 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 08:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەلتەنەت،مۆتىۋەر،كامال،يايىلون،مىراس. يىڭى ئەسەرنىڭ جۇلاسى ئىلچى كىيىم-كېچەكلىرى...  

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32788
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4924
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 08:57:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېلۋالدېم،داڭلىق ماركىغۇ دەپ قارغانلىرىم دېن  ئەسەرمۇ يوققۇ،

قانچىلىك سۆيسەڭ سۆي، ئەمما ھامان بىر كۈنى ئايرىلىسەن، ئۇلۇغ ئاللا ھەممىىزنڭ ئشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 09:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىمەن كىيىملىرىنىىڭ  10نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىگىنى كۈرۈپ خوشال بولدۇم   چىمەن ماركىسىنى ئاقسۇ شەھەرىدە بىلمەيدىقانلار بولمىسا كېرەك ، چىمەنگۈل ئۆز ئىسىمنى ماركا قىلىپ قوللىنىپ ، ئاددى تىككۈچىدىن كارخانچىغا  ئايلىنىپتۇ ، بۇ ئاياللارنىڭ كىيىمىنى تىكىدىقان، ئاقسۇدىكى  بىر  كىيىم تىكىش دۇكىنى ئىدى  ، غەلبە  ساقلاپ تۇرغانلارغا ئەمەس ، تىرىشقانلارغا  مەنسۈپ ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش