ئادەملەر
نەسىر
بىز بۇ دۇنياغائاپىردە بولۇپ تۇغۇلىمىز ، تۇغۇلغان ئىكەنمىز ياشايمىزئەلۋەتتە !
قانداقياشايمىز؟
ھەي!دۇنيادا شۇنداق ياخشى ئادەملەر باركىن ،شۇنداق كۆڭلىكۆكسى كەڭ خۇددى دەريادەك كەڭ ،باھاردەك ئىللىق ،مھىرىنى چاچسا خۇددى گۈلھىدىلىرىنى پۇراپ ھوزۇرلانغۇدەك ھوزۇرلىنىپ كېتىمىز ، بىز دۇنيانى رەزىل دېسەكرەزىل ،ياخشى دېسەك ياخشى ، بۇ يەنىلا ئاپىرىدە بولغان ئادەملەرگەباغلىق .
ھەي! بەزى ۋاقىتلاردا شۇنداق خۇرسۇنۇپ كېتىمەن ،بۇ ئادەملەربىر –بىرگە يامانلىق قىلغۇدەك زادى نېمە ئش قىلغان بولغىيتى ، نېمىشقا كىچىككىنەئشلار ئارقىلىق مىن بىر-بىرنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغاندۇ ، بۇ چەكلىك ھاياتنىنېمىشقا ئەھمىيەتلىك ئشلار بىلەن ئۆتكۈزمەي ئۆچ ئېلىش ، ئاداۋەت ساقلاش بىر-بىرگەئوۋ كولاش بىلەن ئۆتكىزىدغاندۇ؟
توغرا دۇنيادائادەمنى چۈشىنمەن دېگەندىن كۆرە تونۇيمەن دېگەن ياخشى
ئادەملەر بەك ئۆزگىرىشچان كېلىدىكەن ، شۇ ئۆزگىرشچانلىقىبىلەن يەنە قانداقتۇر ياخشى بولىدىكەن .
يىغلاش گەرچە ئاجىزلارنىڭ قۇرالى بولسىمۇ ، بىراق ئۇئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس
ئۇلار ھاياتلىقتا كەلگەن سىناقلارغا ،ئوڭايىسىزلىقلارغا،ئۇچۇرغان چاغدا چىدىيالماي قەلبىدىن ئازابلىق ياشلىرىنى تۆكسە ،ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان كىشى ئۇنىڭغا قاراپ ھجىيىپ كۈلىدىكەن.
ئەسلى ئۇنىڭغا،ياردەم قىلىش كېرەك ئىدىغۇ ؟ ئەلۋەتتە يەنە ياخشى ئادەم ساڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ ئۇلارچىن قەلبىدىن كۆيىنىدۇ يەنە قانداقتۇر بىر كۈنلەرساڭازىيانكەشلىك قىلىدۇ .
ھەي !ئادەم دېگەن ئۆزنى بىلىپ يۈرگۈلۈك . سىز ئىللىق مھېرىگە، يولۇقسىڭىز ئچىڭىز ئسىقلا بولۇپ قالىدۇ ئازىراقلا قوپال مۇئامىلىگە يولۇقسىڭىزبىئارام بولۇپ كېتىسىز ۋە كەچۈرۈڭ دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن شۇ بىئاراملىقنىتۈگىتىسىز ئەمما سىز بىر ئادەمگە بىر ئشقا ھەققى تۈردە نەپىرەتلەنگەن بولسىڭىز بۇنەپىرەتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ياكى ئۆزگەرتىش ناھيتى تەسكە توختايدۇ ئادەملەر ياشايمەندەيدىكەن جاپا مۇشەقەتنىڭ تەمىنى تېتېپ ،قېقىلىپ سوقۇلۇپ يۈرۈپ پىشىپ تۇرمۇشنىچۈشىنىدۇ ئەلۋەتتە ! شۇنداقلا شۇ تارتىقانجاپالىرىنىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرىنىمۇ كۆرىدۇ ،شۇڭا ھەر قانچە ئوڭايسىزلىقائۇچىرغان بولسىمۇ ئادەم ئچىگە ئېلىپ كەتمىگۈلۈك ئۆزىنى تاشلىمغۇلۇق يامانخىيالارنى قىلمىغۇلۇق.
جاھان ساڭا باقمىسا سەن جاھانغا باق! رېئالىق ئادەملەر مەۋجۇت قىلىپ تۇرغان ،رېئالىق بىرئادەمنىڭ ئش قىلغانلىقى خەيىرىلىك ئشلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى بىلەن تەقدىرتونىنى ئېچىپ تۇرمايدىكەن ، چۈنكى شۇ تونى ئوڭمۇ قىلغىنى تەتۈرمۇ قىلغىنى يەنە شۇئادەملەر!
ئادەم دېگەن تومۇرچې كېلىدىكەن ، رھېم قىلسا ئۆزىنى بىلمەيشىلتاڭ ئاتىدىكەن ، رەيىمىسىزلىك قىلسا ئتتەك ئاياغ ئاستىدا كۈچىكىلىندىكەن ئەگەربىر كىشى چىرايلىق گەپلەرنى تىزىۋەتسە ، ئەمما ئۇنىڭ تەبىيتى ئەسكى بولسا ،ئۇنداقتا ئۇ قانچە ئۇستىلىق قىلسىمۇ سۆز ھەركىتىدىن ئىپادىسىدىن ياسالىمىلقىدىنبولسىمۇ بىرەر ھېلىگەرلىكىنى چاندۇرماي قالمايدۇ . ئەلۋەتتە ! مانا بۇ روھيەتنىڭئادەمنى ئاشكارلىشى ، ئادەم ئىنساب ، بىلەنھەققى ئادەم بولالايدۇ .
ھەي ! ئنسانلار ، سىلەر ئالدى – كەينىڭلارغىلا ئەمەس ، ئىككىيېنىڭلارغىمۇ قاراپ قويۇڭلار!!!