مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 5

بۆھران [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قاراڭغۇدىن زارل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7054
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 11:47:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۆھران

(ھېكايە)

    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ

ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى ئۈزىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدىكى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىغىغا  ئاچچىقى كىلىپ يېرىلغۇدەك بۇلۇپ   "كاتتىلار " ئارامگاھىدىن ئۈيىگە قايتىپ كەلدى . ئۇ ئالى دەرىجىلىك كىرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرغىنىچە "جۇڭخۇا" ماركىلىق پاپىرۇسنى يېنىشلاپ شوراپ  تۇرۇپ؛-" مەن بۈگۈن نېمە ئىشلارغايۇلۇقتۇم ،نېمە ئىشلارنى كۆردۈم ، ئاھ ...تەڭرىم ! ئەمدى ماڭا نە نومۇس!نە ئات !نېمەكۆرگۈلۈك ؟!..."دەپ نالە  قىلاتتى، پۇچىلىناتتى. ئۇنىڭ يۈرىگى شۇ دەمدە زىققا ئۆتكۈزۈلۈپ قېپ -قىزىل چوغقا قاقلىنىۋاتقان كاۋاپتەك پىژىلداپ كۈيەتتى، ئىچ-ئىچىدىن قورۇلۇپ ئېچىشاتتى .ئۇ ئۈزىنىڭ شۇدەمدىكى ھەيرانلىق ،نومۇس ،پۇشايمان گىرەلىشىپ كەتكەن ئازاپلىق دەرت ھەسرىتىنى ئايالى گۈلشەن خانىم ،ياكى بىرەر يېقىن يۇرىقى ۋەياكى ھەرقانداق بىر ئۇرۇق -تۇغقان ، دوست -بۇرادىرىگە تىنالمايتتى.

ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلىنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىلا  يۈز بەرگەن"كاتتىلار" ئارامگاھىدىكى ئىشلار بىر- بىرلەپ قايتا نامايەن بولماقتا ئىدى.

                   *                  *           

ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى بۈگۈن ئالدىن پىلانلانغان كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ئالاقىدار بۈلۈمچىلەر باشلىقلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلۇپ تۈنۈگۈن شەھەرلىك پارتىكومدىن چۈشۈرۈلگەن قىزىل تامغىلىق ھۆججەتنى كۈرۈپ ئولتۇراتتى. بىردىنلا يانفۇنى سايرىدى . تېلىفۇندا ھېلىم بىدىكنىڭ خىرقىراق ئاۋازى ئاڭلاندى.

-سا جۈيجاڭ تېچلىقمۇ ئۆزلىرى ؟

-تېنچلىق .

-سۆزلىشىش قۇلايلىقمۇ ؟

قېنى سۆزلەۋىرىڭ .

-ھە…مۇنداق ئىش ئىدى . بۈگۈن كەچ ھېلىقى  كونا ماكانىمىز "كاتتىلار"مەيخانىسىدا    ئۈچ تۆت ئاغىينىلەر بىلەن يەنە ئازراق كۆڭۈل ئاچايلىمىكىن دىيىشكەن …شۇ... ئۆزلىرىنى ئاۋۋال تەكلىپ قىلىشىم ئىدى…

-ھە….يەنە تۇمۇچۇقلار بار دىگىنە ؟

-ئەلۋەتتە شۇنداق بولمامدىغان سا جۈيجاڭ...! سىلى خوش بولىدىغانلىكى ئىش بولسا ئاسماندىكى ئاي بولسىمۇ ئۈزۈپ ئېلىپ كېلىپ ئالدىلىرىدا تەييار قىلىمەندە؟!…

-ياخشى گەپ .-دېدى- ئىدارە باشلىغى  سادىر ئېلى گۆشلۈك يۈزىگە سۇس كۈلكە يۈگۈرتۈپ:

–يەنە شۇ تۇمۇچۇقلار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىش بولسا…مەيلى. لېكىن ئادەم  كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن. ئىس-بۇسى چىقمىسۇن.

-ئەلۋەتتە دىگەنلىرىدەك بولىدۇ …كەچ سائەت دەل يەتتىدە "كاتتىلار ئارامگاھى" نىڭ ھېلىقى  "قوشماق ئۆردەك" ئايرىمخانىسىىدا كۈرىشەيلى ئەمىسە.

-بولىدۇ …

ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى بۈگۈن ئىدارىدىكى بىركۈنلۈك ئالدىراش خىزمەتلەرنى تۈگۈتۈپ ،ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، شوپۇرىنى قايتۇرىۋەتتى . ئۇ ئايالى گۈلشەن خانىمنىڭ ياردىمىدە كىيىم ئالماشتۇرۇپ ئۈزىنىڭ  "本田" ماركىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ساتىراچخانىغا بېرىپ چاچ ساقاللىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ياساتتى. ئاندىن ئۈستى بېشىغا ئالى دەرىجىلىك ئەتىر پۈركۈتۈپ دەل سائەت يەتتىدە  تەكلىپ قىلىنغان ئارامگاھنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ كەلدى.

ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى ھەشەمەتلىك بىزەلگەن ئايرىم خانىگە كىرىپ كەلگەندە ، مۇشۇنداق رەڭلىك سورۇنلارنىڭ چىرايلىق تۇمۇچۇقلارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشتە ھەمدەستۇرخان بۇلىشىدىغان ھەم گەپ سۈزى ، نىيەت-ئىقبالى بىريەردىن چىقىدىغان ھەقەمسايىلىرىدىن ؛-ئەركىن مۇدىر  ، قاسىم سىكىرتار يەنە ھېلىم بىدىكلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ ئامانلىق سوراشتى. بۇ ئايرىمخانىدىكى 45-50 ياشلار ئەتراپىدىكى تۇلۇپ سەمىرىپ قۇرساق سېلىشقان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندائەمدىلا 18-20 لەرگە كىرگەن ،ئەركەكلەرنىڭ قىزلىرى دىمەتلىك ، زامانغا لايىق مودا كىيىنگەن ئىككى نەپەر قىزمۇ  ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلىغا تاتلىققىنە تەبەسسۇملىرىنى قوشۇپ يىنىككىنە باش لىڭشىتقىنىچە ئەھۋال سورىغان بولدى . سادىر ئېلىمۇ قىزلارغا جاۋاب سالام قايتۇرۇپ تۇرۇپ تۈرلۈك مېۋە –چىۋىلەر تىزىلغان يۇمۇلاق ئەينەك شىرە ئەتراپىغا قۇيۇلغان بوش ئورۇندۇققا كېلىپ ئورۇن ئالدى ھەم پاپىرۇس تۇتاشتۇرۇش باھانىسىدە ئۆز يېنىدا ئولتۇرۇشقان ئىككى نەپەر قىزغا ئاچكۆزلۈك بىلەن نەزەر تاشلاشقا باشلىدى "…ئىنچىكە ئەگىم قاشلار ئاستىدىكى بىرلا قارىغان كىشىنى مەس ئەلەس قىلىپ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قۇيىدىغان  قاپ قارا بۇلاق كۆزلەر…خۇددى پەقەت سۆيۈش ئۈچۈنلا  يارالغان ئېچىلىش ئالدىدىكى قىزىلگۈل غۇنچىسىدەك  قىزىل لەۋلەر ….بۇرۇن ئوينىغان ھەرقاندىغىدىن سەتەڭ ئوينىغۇچىلار ئىكەنغۇ بۇلار ؟ تازا پەيزى قىلىدىكەنمەن- دە بۈگۈن ئاخشام "-دەپ ئويلىدى سادىر ئېلى ئىچىدە .

شۇ ئەسنادا ھېلىم بىدىك ھىلىگەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان قىزىل پىت كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ خوشامەتكۈيلۇق بىلەن ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلىدىن سورىدى .

-سا جۈيجاڭ ، يەنە ئىككى نەپەر قىز مېھمىنىمىز ھازىرلا كەلمەكچى … شۇنىڭغىچە تاماق ۋە قورىمىلارنى كەلتۈرۈشكە باشلىسۇنمۇ ؟

-دىگىنىڭىزدەك بولسۇن

ھېلىم بىدىك شۇئان مېھمانلارغا چاي قۇيىۋاتقان مۇلازىمغا قاراپ ؛-

-ئېلىپ چىقىڭلار –دەپ بۇيرىدى.

مۇلازىملار مەزىلىك پۇراق تارقىتىپ تۇرغان تائاملارۋە قۇرۇملارنى ئېلىپ چىقىپ بىر- بىرلەپ يۇمىلاق ئەينەك شىرە ئۈستىگە تىزىشقاباشلىدى . قورىمىلار كەلتۈرۈلۈپ  ئارقىدىنلا شىرە ئۈستىگە تۈرلۈك  سوغاق ئىچىملىك ۋە "ماۋتەي" ماركىلىق ئاق ھاراق ، شۇنداقلا يەرلىك مەھسۇلات بولغان  ئاۋاتنىڭ مۇسەللەسلىرىمۇ بىر بىرلەپ كەلتۈرۈلدى. مۇلايىم سىلىق سۆزلىرى بىلەن خۇشامەتنى ھەق دادىغا  يەتكۈزىدىغان ھېلىم بىدىكنىڭ قىزغىن ئەتراپلىق مۇلازىمىتى نەتىنجىسىدە رۇمكىلار بېلىق كۈزى تۇلدۇرۇلۇپ ،ئارقا ئارقىدىن سۇقاشتۇرۇلۇپ سورۇن تىزلا جانلىنىپ كەتتى ...بىرنەچچە رومكا كۈچلۈك ھاراق  تەسىرىدىن قانلىرى قىزىپ ئولتۇرالماي قالغان سادىر ئېلى مۇڭلۇق ئىشقى مۇھەببەت كۈيىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن  بىرىنچى بۇلۇپ يانداش  ئولتۇرغان قىزنى تانسىغا تارتتى ...

سادىر ئېلى كۈتۈرۈلۈپ چىققان قۇرسىغىنى قىزغا ئېھتىيات بىلەن مەھكەم چاپلاشقا تىرىشىپ غۇۋا  رەڭلىك چىراق نۇرىدا مۇڭلۇق ئېيتىلغان مۇھەببەت سىمفۇنىسىيسىگە  تانسا ئوينىماقتا . تانسا ئويناۋېتىپ كۈچلۈك ھارارەت تەسىرىدىن شۇئان ئىرىپ كىتىپ بارغان مۇزدەك پۇت قۇلى بۇشاپ قىزنى تېخىمۇچىڭ قۇچاقلىماقچى بۇلاتتى ... سادىر ئېلى ھاياجان بىلەن ؛-

-ئىسمىڭىزنىمە ؟-دەپ قىزنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلىدى  

-ئىسمىم ئادىلە .-جاۋاپ بەردى قىز  -گەرچە جىسمىنى سادىر ئېلىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرسىمۇ ئەمما نارازىلىق ئىپادىسىزلىق چىقىپ تۇرغان كۈزىنى سادىر ئېلىدىن ئېلىپ قېچىپ تۇرۇپ .

سادىر ئېلى ئۈزىگە چاپلىشىپ تۇرغان قىزنى ماختاشقا باشلىدى

-شۇنداق مىزىلىك تاتلىق پۇرايدىكەنسىز

-....

-قايسى ئىدارىدە ئىشلەيسىز ؟

-ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ، تېخى خىزمەت تاپالمىدىم  ...

-ياخشى .... مەن سىزنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىڭىزغا ياردەم بىرەلەيمەن

مۇشۇ سۆزلەرنى قىزنىڭ قۇلىغىغا شىۋىرلاۋاتقان دەقىقىدە سادىر ئېلىنىڭ كۈزى ئىشىك تەرەپتىن كىلىۋاتقان بەكمۇ تۇنۇش بىر كۆز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى . سادىر ئېلى دەرھال ئەس ھۇشىنى يىغىپ ئۇزىگە تىكىلىپ تۇرغان ئۇكۆزگە يەنە بىرقېتىم قارىدى ... ئەمما سادىر ئېلىنىڭ كۈزى بىردىنلا نەق ئۆزىنىڭ ئامراق جان جىگەر قىزى نەرگىزەنىڭ كۈزى بىلەن ئۇتتۇرمۇ ئۇتتۇر دوقۇرۇشۇپ تۇرغانلىغىنى چۈچۈش ئىچىدە بىلىپ يەتتى  . دادا بىلەن قىزنىڭ كۈزى مۇشۇنداق بەزمەخاندىكى ئايرىمخانىدا ئۆز دادىسىنىڭ ناتۇنۇش بىر قىز بىلەن چاپلىشىپ تۇرۇپ تانسا ئويناۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىشىپ قالدى-يۇ ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى شۇدەمدە ئۆزىنىڭ كۈزىنى ، ياق بەلكى جىسمىنى قىزى نەرگىزەنىڭ كۈزى ئالدىدا قەيەرگە يوشۇرۇشنى ، قىزى نەرگىزەگە نېمە دىيىشىنى ، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى بىلەلمەي ئۆز ئورنىدا قېتىپ تۇرۇپلا قالدى … نەرگىزەنىڭ سوغاق ، نەپرەتلىك كۆزلىرى ئۆز دادىسى بولغۇچى سادىر ئېلىنىڭ ئەلەڭلەپ تۇرغان كۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇراتتى …

دادا بىلەن قىزى ئوتتۇرىسا بۇلىۋاتقان ئىشلارنى  ئازراقمۇئىلغا قىلالمىغان ھېلىم بىدىك دەرھال مۇزىكىنى توختۇتۇپ يېڭىدىن كىرىپ كەلگەن ئىككى نەپەر قىزنى قارشى ئالماقتا ئىدى .

-كېلىڭلار ئوماق قىزلار كىلىڭلار . يولۇڭلارغا تۆت كۆز بىلەن قاراپ تۇرۇشقان ئىدۇق … بەھۇزۇرئورۇن ئېلىڭلار …بەھۇزۇر… ساجۈيجاڭ ، مانا كۈتكەن مېھمانلارمۇ ئاخىر كېلىپ بۇلۇشتى، ئەمدى …

چىرايى كونا گېزىت قەغىزىدەك تاتىرىپ ، بۇتتەك قېتىپ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپلا قالغان ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى ھېلىم بىدىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشىدىن دەر ھال ئەس ھۇشىنى يىغىپ ؛-

-ھە...ئە… مىنىڭ شۇ… ئازراق ... ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى … سىلەر ئولتۇرۇۋېرىڭلار–دېدى-دە ئايرىمخاندىن چىقىپ كەتتى . زادى مۇشۇ مىنۇتلاردا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى ھېچ بىلەلمىگەن ھېلىم بىدىك شۇئانلا ئىدارە باشلىغىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ سۆزلەشكە باشلىدى ؛

-ساجۈيجاڭ…سا جۈيجاڭ بۇ…بۇ …قانداق بولغىنى ؟ نېمە ئىشلاردىن خاپا بولۇپ قالدىلا زادى؟!

سادىر ئېلى قەدىمىنى توختۇتۇپ كەينىدىن پالاقلىغىنىچەئەگىشىپ چۈشىۋاتقان ھېلىم بىدىككە غەزەپ بىلەن ھۈمۈيۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى؛-

-ئەمدى بۇ زىياپىتىڭگە يەتمىش پۇشتۇڭنى يىغىپ كېلىپ قاتناشتۇرىۋال !…ئەمدى كەينىمدىن ئەگەشمەي ئورنۇڭدا جىم تۇرۇۋال  -بىلدىڭمۇ؟

*             *                  *

گىرۋەكلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئاسما سائەت ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلىنىڭ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىسىنىڭ تېمىدا كەچ سائەت ئوننى كۆرسىتىپ ، يىنىك چىكىلداپ كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزاتتى ... ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلىنىڭ ئازاپلىق خىياللىرى شۇ دەمدە مېھمانخانا ئىچىنى قاپلىغان قويۇق تاماكائىسىدەك بوشلۇقتا لەيلىمەكتە ئىدى .

-ھەي… ھەممىنى قىلغان شۇ ھېلىم بىدىك دېگەن نا ئەھلى … ئۇ قانداق بولۇپ نەرگىزەنى شۇ ئايرىمخانىغا باشلاپ كىرىدۇ؟ ھەممە ئىشنى تېرىغان شۇ ئىتنىڭ كۈچىگى …ماڭىمۇ ئاز، ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىنى بۇزۇپ شۇنداق بىر نەچچە نائەھلىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغاندىكىن !! ئۇلار '- "ۋايسا جۇيجاڭ، تۇمۇچۇقتەك چىرايلىق ئوينىغۇچلار ئىكەن ، يىگىتلىگىمىزنىڭ بارىدا ئويناپتۇرمايمىزمۇ " -دەپ كۈن ئارىلاپ زىياپەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ  ئۆزىمىزنىڭ قىزلىرىمىز دىمەتلىك قىزلارنى تېپىپ ئالدىمىزغا تاشلاپ بەرسە نېمىشقا بىر ئېغىز " ياق !بولمايدۇ، ئۇلارمۇ بىزنىڭ قىزلىرىمىز بىلەن دىمەتلىككەن ..." دىيەلمەيمەن؟ شۇ ھېلىم بىدىك ۋە باشقا نائەھلىلەر ماڭا بەرگەن پۇل ماللىرى، سېلىپ بەرگەن داچىلىرى ئايدا ئىككى ئۈچ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن زىياپەتلىرى … تېپىپ بەرگەن قىزلىرى بەدىلىگە شەھەرگە يۆتكىلەلمىگەننى يۆتكەپ، باشقىلارغا ۋاكالىتەن بېجىرەلمىگەن ئىشلىرىنى بىجىرىپ، ئاخىرقى ھىساپتا ئارىدىن يەنە نەچچە ھەسسە پايدا ئېلىپ يېنىنى توملاپ خۇددى گەندە يەپ ئېغىزىنى تۇپىغا سۈرتۈۋەتكەن قاغىغا ئوخشاش بەخىرامان ياشاۋىرىدۇ . ئەمدى ماڭىچۇ ؟ ئاقىۋەت قانداق بولدى ؟ مىنى قانداق قىسمەتكە دۇچار قىلدى  ؟ ئاخىر ئۈزۈمگە ياندى !! ئەمدى قىزىم نەرگىزەنىڭ ئالدىدا بۇ يۈزۈمنى قانداق كۈتۈرۈپ يۈرۈيمەن؟ شۇ قىزىمنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نىمىشقىدۇر مەن بىلەن مۇڭداشمايدىغان، ماڭا سۇغۇق  سوئال نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغان بۇ قىزىمغا شۇ ئايرىمخانىدىكى ئىشنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن ؟ ھەممىسى تۈگىدى … شۇ قىزىم ئالدىدىكى ئىززەت ئابرۇيۇم، دادىلىق ئىززەت –ھۆرمىتىم  ھەممىسى يەر بىلەن يەكسەن بولدى … ئەمدى قانداق قىلماق كېرەك ؟!!

مۇھىم ئىشى بولمىسا چىش يېرىپ ئاي- يىللاپ يولدىشى سادىر ئېلىغا گەپ ئاچمايدىغان ئايالى گۈلشەن خانىم خاس ياتالغۇسىدىن چىقىپ يولدىشى سادىر ئېلىغا قاراپ سوغۇق تەلەپپۇزدا سۆزلىدى ؛-

-كىچە سائەتمۇ ئوندىن ئاشتى … نەرگىزەگە بۈگۈن نېمە بولدىكىن ؟ شۇ چاغقىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى …تېلىفۇنى ئېتىككەن … ئۇرۇق تۇققانلار  نەرگىزەنىڭ مەن بىلگەن ساۋاقداشلىرى، دوستلىرىنىڭ ھەممىسىگە تېلېفون قىلىپ ئالاقىلەشتىم  … كەلمىدى- دەيدۇ …

ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى ئۈزىنى يوقاتقان ھالدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ كىرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرغىنىچە ئايالى گۈلشەن خانىمنىڭ سۈزىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى . شۇنداق ! يەنە قانداق ئىنكاس قايتۇرسۇن ؟ نېمە دىيەلىسۇن "نەرگىزە ھېلىلا مەيخانىنىڭ  ئايرىمخانىسىدا قالغان …" دىيەلىسۇنمۇ ؟…

سادىر ئېلى بىلەن ئايالى شۇ كىچە تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدى … ئۇرۇق تۇققانلار نەرگىزەنىڭ ساۋاقداش- دوست بۇرادەرلىرى بىلەن نەرگىزەنىڭ دىرىگىنى قىلىپ تەكرار ئالاقىلاشتى . ئەمما نەرگىزە شۇ كىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى .

بېشى خۇددى ھازىرلا پارتىلاپ كىتىدىغاندەك تىنماي لوقۇلداپ ئاغرىپ، پىكىر خىيالى توزغاقتەك توزۇپ تاشتەك ئېغىرلاشقان جىسمىنى نەگەقۇيۇشنى ، قەيەرگە يوشۇرۇشنى بىلمەي قالغان سادىر ئېلى سىرىتتا ساقلاۋاتقان خاس شوپۇرىنىڭ "يەنە ئازراق ساقلايمەنمۇ؟…"  دەپ دىرەكلەپ تېلېفون قىلىشى بىلەن ئەتىگەنلىك ئىشقا بارىدىغان ۋاقىتنىڭ ئاللا قاچان تۇشۇپ كەتكەنلىگى ئىسىگەكېلىپ ، ناشتا قىلىپ ئۈستى بېشىنى تۈزەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ ئىشخانىسىغا يىتىپ كەلدى . ئۇزۇن ئۆتمەي كاتىپ قىز نەچچە كۈندىكى ئادىتى بۇيۇنچە " مۇھىم تاپشۇرۇقلار بولۇپ قالسا…" دېگەن ئوي بىلەن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ، ئىدارە باشلىقىنىڭ روھى ھالىتىنىڭ چاغ ئەمەسلىگىنى پەملەپ ، ئۈنسىز تۇرۇپ قالدى . ئىشخانىغا كاتىپ قىزنىڭ كىرىپ كەلگەنلىگىنى كۆرگەن سادىر ئېلى ؛-

-بۈگۈن مىجەزىم يوق!! … ئىش بولسا مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغىنى ئىزدەڭ …. يەنە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغىغا يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ … بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىپ تۇرسۇن …

كاتىپ قىز ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى…

كاتىپ قىز ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىپ تۇرىشىغا سادىر ئېلىنىڭ يان تېلىفۇنى سايرىدى . سادىر ئېلى تېلىفۇننى ئۇلىغان ئىدى ، ئايالى گۈلشەنخانىمنىڭ پەس ئاۋازدا يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان "نەرگىزە ئۆيگە خەت كىرگۈزۈپتۇ…دەرھال كەلسىلە …" دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. سادىر ئېلى دەرھال شوپۇرىنى چاقىرتىپ ئۈيىگە قايتىپ كەلدى ۋە كىرىسلودا مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇرغان گۈلشەنخانىمنىڭ ئالدىدىكى ئەينەك شىرە ئۈستىدە تۇرغان خەتنى قۇلىغا ئالدى . خەتنىڭ بىرىنچى بەتتىكى قۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى قانداقتۇ سۇ تامچىسى بىلەن بۇيالغان بولۇپ، نەرگىزە دادىسى بىلەن ئانىسىغا يازغان بۇ خېتىنى يىغلاپ تۇرۇپ يازغاندەك قىلاتتى . ئىدارە باشلىغى سادىر ئېلى ئامراق قىزىنىڭ خېتىنى تەقەززالىق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى . خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى .

‹‹مۇشۇ تۇرقۇمدا ئۆز دادام بولغۇچىنى "دادا !" دەپ ئاتاشتىن تۇلىمۇ نومۇس قىلىۋاتىمەن. ھەم  مەن نىمىشقىدۇر شۇنداق ئازغۇن لاياقەتسىز دادىنىڭ بەخىتسىز قىزى بولۇپ قالغاندىمەن! – دەپ چەكسىز ئازاب دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ تۇرۇپ بۇ خېتىمنى يېزىۋاتىمەن .

دادا … بەلكىم سەن ، ئاخشامقى ئۇ ئايرىمخانىدىكى ئولتۇرۇشتا سەن بىلەن مىنىڭ ، يەنى بىر ئىدارە باشلىغى بولغان دادا بىلەن ئۇنىڭ ئەمدىلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئاز كۈندىن كېيىن خىزمەتكە چىقىپ جەمىيەتكە قەدەم ئالىدىغان قىزىنىڭ ئۈزەڭنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا "رەڭلىك ئولتۇرۇش" سورۇنىدا دوقۇرۇشۇپ قالغانلىقىمىزنى  ، سىنىڭ چالا مەس ھالەتتە  مىنىڭ يېشىم بىلەن تەڭ دىمەتلىك كىلىدىغان بىرقىز بىلەن غۇۋا چىراق يۇرۇقىدا چاپلىشىپ تۇرۇپ تانسا ئوينۋاتقان ھالىتىڭنى  قانداقتۇر بىرەر ئۇقۇشماسلىق باھانە كۈنلىگى ئاستىغا ئېلىشنى ئويلاۋاتساڭ كېرەك … ئەمما ئەمدى ھەرگىز ئارتۇقچە ئورۇنۇشلاردا  بولۇپ بىكار ئاۋارە بولۇپ يۈرمە …

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قىرائەتخانىدا كىتاب ئارىلاپ يۈرسەم ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان  ساۋاقدىشىم رەنا تېلىفون قىلىپ "خىزمەتكە چۈشۈپ بولغۇچە ئۆيۈڭدە زىرىكىپمۇ قالغانسەن ، بۈگۈن كەچتەرېستۇرانغا بېرىپ ئويناپ كىلەيلى ، كۈزۈڭنى ئېچىپ قۇياي، چوقۇم كەلگىن" دېدى.  ئۆزۈڭ بىلىسەن ، مىنىڭ ئەزەلدىن ئارتۇقچە ئويۇن تاماشا بىلەن خۇشۇم بولمىغاچقا بارمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ چىرايلىقچە رەت قىلدىم . ئەمما رەنا يەنە تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە باشلاپ مۇنداق دېدى ؛

"ھەي…ئەخمەق بۇقېتىمقى سورۇندا كىم بىلەن ئولتۇرىدىغانلىغىمىزنى بىلەمسەن ؟ شەھەرلىك ** * ئىدارىنىڭ باشلىغى سادىر جۈيجاڭ دېگەن كىشى بىلەن ئولتۇرىدىكەنمىز … ئۈزەڭغۇ دادام قايسى بىر ئىدارىنىڭ باشلىغى دەۋاتاتتىڭ ، شۇنداق بولسىمۇ پىچىقى كىسىدىغانراق بىرەر ئەمەلدار بىلەن تۇنۇشۇپ قويغاننىڭ زىيىنى يوققۇ ؟ دەل بىز بۈگۈن بىرگە ئولتۇرىدىغان سا جۈيجاڭ دېگەن كىشىنىڭ پىچىقى بەك كىسەرمىش؟ ھەم ئۇ كىشى گەرچە يېشى چوڭ بولغىنى بىلەن ئولتۇرۇشلاردا بەك شوخ ئولتۇرارمىش .. يەنە كېلىپ تۆت جۈپلەر رەڭلىك ئولتۇرىدىكەنمىز !…تېخى شۇ سورۇندا ئۇ سا جۇيجاڭ دېگەن كىشىنىڭ بىرەرسىمىزگە كۈزى چۈشۈپ قالسا تەلەي بەختىمىز دىگەن شۇ …قالغان تەرىپىدىن ئارتۇقچە غەم قىلما ، يەنە مەن ساڭا دەي- ئادەمدىچۇ ئەخلاق بىلەن قابىليەتمۇ مۇناۋىسەتمۇ بولۇش كېرەك! … قابىلىيىتم ئەخلاقىم بار دەپ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ نېمە قىلىسەن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ نەگە ، نېمىشقا بارغانلىقىمىزنى  ھېچكىم بىلمەيدۇ ..." مەن رەنانىڭ تېتىقسىز گەپ- سۆزلىرىنى يەنە ئارتۇقچە ئاڭلاپ قالماي دەپ تېلىفۇننى دەرھال ئۇزۇپ ئىتىۋەتتىم .. شۇ مىنۇتتىن باشلاپ قەلب  يارىلىرىم قايتا تاتىلىنىپ يۈرەك باغرىم خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كۆز ئالدىمدا سىنىڭ يەنى دادام بولغۇچىنىڭ تۈتەك ئىچىدىكى خۇنۈك ئوبرازى قايتىدىن پەيدا بولۇپ پىكىر خىيالىم توزغاقتەك تۇزۇشقا  باشلىدى ."ئاھ  تەڭرىم … شۇ دەمدە مەن كىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىدىم ؟ يەنە شۇ دادامنىڭ ئىسمى !…دېمەك مەن شۇدەمدە دادام بىلەن بىر سورۇندا بۇلىدىغان رەڭلىك سورۇنغا تەكلىپ قىلىنماقتا ئىدىم … يەنە كېلىپ قايسى بىر ئايرىمخانىدىكى تۆت جۈپلەر ئولتۇرىدىغان … تېخى يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن قىزى دىمەتلىك يۈزى ئېچىلمىغان قىزلار بىلەن…

ياق! ياق!...

مەن بەلكىم خاتالىشىۋاتقاندىمەن ، بۇ شەھەردە سادىر ئىسىملىك باشقا ئىدارە باشلىقىنىڭ بۇلىشىمۇ مۇمكىنغۇ ؟ مەن ئۈچۈن شۇنداق بولغىيدى ؟ ئىلاھىم…" ئەمما مەن شۇھامان نەۋرە ئاكامغا تېلېفون قىلىپ بۇ شەھەردە "سادىر" ئىسىملىك باشقا ئىدارە باشلىقىنىڭ بار يوقلىغىنى ئاتايىن سورىدىم . نەۋرە ئاكام ئېنىق جاۋاب بىرىپ ؛- بۇ شەھەردە "سادىر" ئىسىملىك ئىدارە باشلىقىدىن پەقەت بىرسىلا بارلىغىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى

دىمەك مەن تەكلىپ قىلىنغان رەڭلىك ئولتۇرۇشتا سىنىڭمۇ بارىدىغانلىغىڭنى جەزملەشتۈردۈم … گۇمانىم قارار تاپقاندىن كېيىن بىردىنلا كۆڭلىم قايتىدىن پەرىشان بولۇپ چۈشلۈك تاماققىمۇ ئۆيگە بارغۇم كەلمىدى . مەقسەتسىز كۈچا ئايلاندىم … باغچىدا ئۈزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ كەچ كىرگىچە خۇددى يۈرىگىنى بىرسى سۇغۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن مۇردىدەك بىر ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئويلاندىم ، ئۈزەمنىڭ بەخىتسىزلىگىمگە ، مىنىڭ بىچارە ئانامنىڭ شور پېشانىلىكىگە ئىچ ئىچىمدىن پۇچىلىنىپ يىغلىدىم … نىمىشقا مەندەك بىر بەخىتسىز قىزنى سەندەك لاياقەتسىز بۇزۇق چىرىك دادىغا بالا قىلغاندۇ؟- دەپ ياراتقان ئاللاغا نالىلەر قىلدىم …

ئاخىرى … يەنىلا دەرھال ئەس- ھۇشۇمنى يىغىپ ، ئەمدى قانداق قىلىشىم ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم … كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىيىن  بىرقارارغا كەلدىم- دە يەنە رەناغا تېلېفون قىلىپ بۈگۈنكى رەڭلىك ئولتۇرۇشقا ئەمدى بارىدىغانلىغىمنى بىلدۈردۈم  ؛يەنى سەن بارسورۇنغا بىر بېرىپ ، سىنى شۇنداق رەڭلىك سورۇندا ئۇچرىتىپ سىنىڭ كۆزۈڭگە نەپرەت بىلەن بىر قارىۋېلىشنى قارار قىلدىم … دېمەك مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ مەخسەتلىك ھالدا سەن بار شۇ سورۇنغا بارغان ئىدىم …

بەلكىم سەن شۇ دەمدە ئاخشام يۈز بەرگەن ئاچچىق مەسخىرىلىك ، پاجىئەلىك ئاقىۋەتتىن ئازاپلىنىپ پۇچىلىنىپ ئۆزەڭنىڭ گۆشىنى ئۈزۈڭ  يىگۈدەك بولۇپ  ئولتۇرىدىغانسەن. ئەمەلىيەتتە  ئانامنىڭ ، بۇلۇپمۇ مىنىڭ دەرد ئازابىم بەختسىزلىكىم مەن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندىلا باشلانغان

مەن ئەقلىمنى بىلگۈدەك بولۇپ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا سەن ھەممە ئىشتا پاكىزلىقنى ھالاللىقنى ئىستەيدىغان ، ماڭا ئانامغا بولغان كۈيۈمچانلىغىڭ ، كەمتەر ، ئىشچان سەمىمى ، يۇمۇرىستىك، ئۇچۇق يۇرۇق ياخشى پەزىلىتىڭ بىلەن مىنىڭ تۇلىمۇ ئامراقلىقىمنى كەلتۈرۈپ ھەر دائىم ئۆزۈڭگە  بولغان ئىززەت ھۆرمىتىمنى نۇرلاندۇرىدىغان سۆيۈملۈك دادا ئىدىڭ . شۇ چاغلاردا مەن ئۈزۈمنى ساڭا ئوخشاش قاملاشقان سالاپەتلىك تەقى تۇرقىمۇ پەزىلىتىمۇ بار، بىلىملىك سەمىمى ، يۇمۇرىستىك، ئۇچۇق يورۇق مېھرى ئىللىق دادام بولغانلىقىدىن  ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك قىز ھېسابلايتتىم … بىراق مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىلى  سىنىڭمۇ ئۆزۈڭ ئىشلىگەن ئىدارىدە بىر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئۆسكەنلىگىڭنى  ئۆز ئاغزىڭدىن ئاڭلاپ، تۇنجى مۇۋاپىقىيىتىڭ بىلىپ دەسلىۋىدە خېلى خۇشال بولغان ئىدۇق . ئەمما ئانچە ئۇزۇنغا قالماي كۈنسېرى سىنىڭ مەن ۋە ئانامدىن تەدرىجى يىراقلىشىپ كېتىپ بارغانلىغىڭنى بۇرۇنقى مەن ھۆرمەتلەپ ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان  سۆيۈملۈك دادامغا زادىلا ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىنى ئازاب بىلەن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. چۈنكى سەن ئەمەل مەنسىپىڭ ئۆسكەندىن كېيىن ئىشتىن سىرىتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ سىنىڭ ئۆيدە تۇرىدىغان ، بىز بىلەن بىرگە تاماق يەيدىغان ، مەن ۋە ئانام بىلەن سىردىشىدىغان ۋاختىڭ كۈنسېرى ئازلاپ كېتىپ باراتتى . بىلىپ تۇراتتىمكى ھەركۈنى كەچتە قايسى بىر ئولتۇرۇش ياكى زىياپەتلەرگە چاپاتتىڭ . يەنە ئارىلاپ ئۈيىمىزدە بولغان  ۋاختىڭدىمۇ ئانام بىلەن ماڭا كەمدىن كەم گەپ قىلىدىغان گەپ قىلغاندىمۇ ، نېمىشقىدۇر قاپىقىڭنى تۈرۈپ ، چىرايىڭنى ئاچماي تۇرۇپ گەپ قىلاتتىڭ ….

مىنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنى سىنىڭ ھەر ھېيت  – بايرام يىتىپ كېلىش ھارپىسىدىكى كىشىنى نومۇس قىلدۇرىدىغان يىرگىنىچلىك قىلمىشىڭ بولدى…. سەن بۆلۈم باشلىغىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ھەر ھېيت – بايرامدا چوڭ دادام، چوڭ ئاناملار ، ئۇرۇق تۇققانلار ، ئەل- ئاغىنىلىرىڭنى كەمدىن كەم يوقلايتتىڭ- يۇ ئەمما ھەرھېيت -بايرام يىتىپ كېلىش بىلەن سەن قاسساپلارغا ، ۋە تاللا بازىرىغا نۇرغۇن قىممەتلىك گۆش ، بېلىق ، ھاراق، تاماكا ، چاي، ھۆل- قۇرۇق مىۋىلەر دىگەندەك بۇيرۇتمىلارنى بۇيرۇتۇپ مەخسۇس ماشىنىغا بېسىپ بىرباشتىن قايسى بىر ئىدارەباشلىغى، قايسى بىر شەھەر باشلىقىنىڭ يەنە قايسى بىر ئەمەلدارنىڭ ئۆيىنى پەتىلەپ مەخسۇس قىممەتلىك بۇيۇملار بىلەن ئۇلارنىڭ بايرام ھېيتىنى مۇبارەكلەشكە  باشلايتتىڭ … ئۆيدىكى ھەممە ئەھۋالنى بىلىپ تۇراتتىم …ئۇ چاغلاردا ئۆيىمىزنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالىمۇ ئائىلىمىزنىڭ كۈندىلىك چىقىمىغا ئاران يىتىدىغان سېرىق تال كۈن ئېلىۋاتقان ئائىلە بولۇپ، ھەتتا سەن مەندەك بىر قىزىڭنىڭ  خېلى بويغا يىتىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ ھېيت بايراملاردا تۈزۈك بىر قۇر كىيىم ئېلىپ بەرمەيتتىڭ ياكى ھەپتە ئون كۈندىمۇ خەجلەڭ- دەپ ھەرگىز پۇل بەرمەيتتىڭ . ئەمما سەن مەخسۇس باشلىقلارنى يوقلايدىغان سوغا سالام ئېلىش ئۈچۈن ئۆز يېنىڭدىكى پۇل يېتىشمەي قالغاندا باشقىلاردىن  قەرىز ئالاتتىڭ !!... مىنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنى …. بىر باھار بايرىمى كۈنى ھارپىسىدا سەن ئانامنى ۋىلايەتتىكى قايسى بىر باشلىققا بىر سومكا پۇل ئاپىرىپ بىرىشكە زورلىدىڭ ، ئانام:-" مەن خەنزۇتىلىنى ئانچە ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان تۇرسام ، يەنە كېلىپ مەن بىر ئايال تۇرسام ، بۇ كېچىدە ئۇ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا بارسام قانداق بولىدۇ…؟- دەپ بارغىلى ئۇنىمىدى … ئانام بىلەن ئىككىڭلار خېلى كۆپ جىدەللەشتىڭلار… ئاخىرى بىچارە ئانام لىۋىنى چىڭ چىشلەپ قار – يامغۇر يىغلاپ تۇرۇپ سىنىڭ زورۇڭ بىلەن پۇلنى ئېلىپ چىقىپكەتتى… شۇ كۈنلەردىن باشلاپ سىنىڭ بىزدىن ، ئەقەللىسى بىر ئادەملىك سۈپىتىڭدىن بارا بارا يىراقلاپ تونۇغۇسىز بىر غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ كېتىپ بارغانلىغىڭنى  ھېس قىلىپ تۇردۇم

باشلىققا شۇ قېتىملىق ئانامدىن پۇل ئېۋەتىپ بىرىپ ئۇزۇنغا قالماي سەن ھەقىقەتەن مۇئاۋىن ئادارە باشلىغى بولدۇڭ . شۇنىڭدىن باشلاپ يەنە سەن ھەر ھېيت- بايرامدا مەخسۇس سوۋغات تارتۇقلارنى تەييارلاۋەردىڭ ، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۆيگىمۇ سوغا سالاملار بىر- بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى… تىزلا ئائىلىمىزمۇ باياشاتلىشىپ كىيىدىغىنىمىز خەجلەيدىغىنىمىز، ئىشقىلىپ قايسى جەھەتتىكى لازىمەتلىكلىرىمىز بولسۇن ئېشىپ- تېشىپ تۇرىغان بولدى …. ناۋادا بىرەر ھېيت بايرام بولغۇدەك بولسا توڭلاتقۇ يەر ئاستى、ئىسكىلات ئۆيىمىز خۇددى گۆش سودىسى قىلىدىغان قاسساپ دۇككىنىغا ياكى تاللا بازىرىغا ئايلىنىپ قالغاندەك بۇلاتتى … ئازراقمۇ ئەجىرقىلماي، ھۇقۇق قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ تاپقان تۇتام تۇتام پۇللار ماڭا خۇددى ھارامكالىنىڭ گۆشىدەك كۆرۈنسە ، سوۋغات ئۈچۈن ئېلىپ كىلىنگەن قىممەت باھالىق كىيىم-كىچەكلەر نىمىشقىدۇ بەدىنىمگە شۇنداق يىرىك ئۇرىناتتى … ھېيت- بايرام ، شەنبە يەكشەنبىدىكى ئالى دەرىجىلىك  رېستۇرانلاردا خۇشامەت ئۈچۈن سېلىنغان داستىخاندىكى يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تىگىپ قالغاندا بولسا  نىمىشقىدۇ ئۇ يىمەكلىكلەر بۇرۇن ئۈيىمىزدە يەيدىغان  ئاددى يىمەكلىكچىلىك لەززەتلىك تېتىمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى …

دادا سەن ئېيتىپ باقە ؟بۇ ھاياتتا ئادەم زادى قانداق ياشىمىقى لازىم؟ يەنە سەندەك ئەل باشى بولغانلار قانداق ئەل باشى بولمىقى لازىم؟؟… تۆت كۈنلۈك بۇ ھاياتتا ئادەم ئادەمدەك ھالال پاكىز  ياشىمىغى، ئەل باشى بولغانلار تېخىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك پاكىز ياخشى ياشىغاندىن باشقا ئەل بەرگەن شۇ ھۇقۇقنى ئەل ئۈچۈن، خەلىقنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن ئىشلەتمىگى لازىمغۇ ؟ بىراق سەن شۇنداق قىلالىدىڭمۇ؟ ئەقەللىسى ئادەمدەك ياشىيالىدۇڭمۇ ؟!! ياق سەن ئەمەلدار بولغان شۇ كۈندىن باشلاپ كۈزۇڭ پايدا مەنپەئەتتىن باشقىنى تۇنىمايدىغان ، ئەمىلىڭ ئالدىدا ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئادىمىلىكتىن ، پەزىلەتتىن چىقىپ كەتكەن غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردۇڭ … مەن ھەمىشە شۇنداق ئويلايمەن … ئادەم دېگەن مۇشۇ كەڭچىلىك زاماندا قەيەرگە بارسا ئاخىر بىر قاچا تاماقتا قۇساق تۇيىدىغۇ ؟ زادى پايدا مەنپەئەت ئالدىدا شۇنچە ئادىمىيلىكتىن  چىقىپ ھايۋان كەبى ئاچ كۆزلۈك، شۇنچە ھارامخورلۇق كىبىر قىلىشنىڭ زۆرۈريىتى بارمىدى …؟ ئەمما سەن دەل شۇنداق قىلدىڭ ، ئۆز ئادىمىلىگىڭنى يوقۇتۇپ تۇيۇق يولدا بەك ئۇزاپ كەتتىڭ .

بەلكىم سەن بۇ شەھەردىكى خەلقلەرنىڭ  ساڭا  "سادىق ساقال"  ، "سادىق گۈمبەز"  ، "سادىق تەيجۈن" دېگەن ئاچچىق مەسخىرىلىك  لەقەمنى قۇيۇشقانلىغىنى زادىلا بىلمىسەڭ كېرەك. ھەتتا مەن سەندەك دادامنىڭ بۇنداق مەسخىرىلىك لەقەملەرگە دۇچار بولغانلىغىڭغا  چىداپ تۇرالماي بۇ لەقەملەرنىڭ كېلىش تارىخىنىمۇ تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتىم . بىلەمسەن ؟ سەن ھەمىشە جەمئىيەت مۇقىملىققا باھانە قىلىپ دائىم كىشىلەرنىڭ ساقىلى بىلەن ئېتىشىدىكەنسەن  ، يەنى ئۇزۇن ساقال قۇيۇپسەن – دەپ كىملەرگىدۇ ئازار بىرىپ جەرىمانە قۇيىدىكەنسەن. ساقال قۇيۇپسەن - دەپ خالىغانچە تۇتۇپ سۇلاپ قۇيىدىكەنسەن . ياكى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازالايدىكەنسەن. يەنە شەھەرنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى ئۈستى گۈمبەز شەكىللىك بىر مەكتەپ بىناسىنى "دىنى قىياپەتنى تەشۋىق قىلىپ شەھەر قىياپىتىگە يامان تەسىر كۆرسەتتى"- دەپ شەھەرلىك ھۆكىمەتكە كۆپتۈرۈپ دوكلات يېزىپ پاش قىلىپ چاقتۇرىۋېتىپسەن … يەنە سەن تۆلەمگە رازى بولماي تېمىنى چېقىپ بەرمىگەن بىرنەچچە كىشىنىڭ تېمىنى قۇراللىق ھەربى قىسىمنى چاقىرتىپ ئېلىپ كىلىپ مەجبۇرى چاقتۇرۋېتىپسەن ، سىنىڭ  خەلىقنىڭ تېمىنى قۇراللىق ھەربى قىسىمنى باشلاپ چاقتۇرغانلىغىڭنى كۆرگەن كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ياپۇن ئالۋاستىلىرىنىڭ خەلىقنى باستۇرغان ۋاقىتتىكى قەبىھ قىلمىشىغا ئوخشىتىپ سىنى " سادىق تەيجۈن" دەپ ئاتىشىپتۇ  . خەلىق ئەنە شۇنداق لەنەتگەردى ئاچچىق مەسخىرىلىك لەقەملەرنى قۇيۇپ ئۈزىنىڭ ساڭا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى بىلدۈرۈپتۇ …دىمەك سىنىڭ ياخشى ساۋاپلىق ئىشتا نامىڭ چىقماي ، نەپرەتلىك يىرگىنىچلىك نامىڭ چىقىپتۇ …. قارا خەلق نېمە دېگەن ئادىل باھا بەرگۈچى ھە؟ دىمەك سەندەك بىر ئىدارە باشلىقىنىڭ بۇ شەھەر خەلق ئالدىدىكى ئوبرازىڭ شۇنچىلىك لەنەتگەردى ، نەپرەتلىك بولماقتا …

بەلكىم سەن ئۆز قىزىڭ بولغان مىنى ۋە ئەتراپتىكى سىنى بىلىدىغان شەھەرخەلقىنى  ؛- قىلغان ئەتكىنىمنى ، ماڭغان يولۇمنى ھەرگىز بىلمەيدۇ ، بىلسىمۇ مەن باشلىق بولغاندىكىن ھېچنىمە دىيەلمەيدۇ، ئۈنسىز سۈكۈت قىلىدۇ -دەپ ئويلىغان بۇلىشىڭ مۇمكىن . ھەقىقەتەن مەن بىلەن ئانام سىنىڭ نۇرغۇن بولمىغۇر ئىشىڭنى بىلىمىز، ھەتتا ئانامنى قان قان يىغلىتىپ تۇرۇپ ئۆز ئىدارەڭدىكى ئالدىنقى يىلىلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تېخى ياتلىق بولمىغان چىرايلىق قىز خۇرشىدە بىلەن ئىدارەڭدىكى كىشىلەرنىڭ كۈزىچە قانداق ئىش پەش تارتىشىپ يۈرگەنلىكىڭنى بىلىمىز. ئەمما بۇلار ئۈچۈن بىچارە ئانام كۈن بۇيى يۇشۇرۇن يىغلاپ يۈرۈپمۇ ساڭا قىلچە نارازىلىق بىلدۈرمىدى…مەنمۇ شۇ چاغلاردا سەندەك بۇزۇق شاللاق دادام بولغانلىغىڭغا غەزەپ نەپرىتىم ھەرقانچە قايناپ تاششىسىمۇ…ھەممىنى ئىچىمگە يۈتكەن ئىدىم … ئەمما سەن شۇ تۇيۇق يولدا ئۇزاپ كىتىۋىرىپ ، قىلغان– ئەتكەنلىرىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ، داۋاملىق ھالدا ماڭا ھېچكىم تۇسالغۇ بۇلالمايدۇ - دەپ ئويلاپ بەكمۇ خاتا قىلغان ئىدىڭ . ئاخىرى سەن مىنى مانا شۇنداق ئىنكاس قايتۇرغۇزۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ … ئاخىرى ئاخشامقى سىنىڭ رەڭلىك سورۇن ئورۇنلاشتۇرغان ئايرىمخانىغا مىنى بېرىشقا مەجبۇر قىلدىڭ …

ساڭا دەيدىغان يەنە نۇرغۇنلىغان سۆزلىرىم بار ئىدى…. ئەمما قايسى بىرسىنى دەي … بەرىبىر كۆڭلىم يېرىم بولۇپ مەن ئازاپلىنىدەكەنمەن… شۇڭا سۆزۈمنى قىسقارتاي …

دادا ، گەرچە ئېغىزىمدا سىنى شۇنداق دەپ ئاتىساممۇ ئەمدى ئەمەلىيەتتە سىنى ھەرگىز ئۆز دادام ئورنىدا ھىساپلىغۇم يوق . چۈنكى مىنىڭ قەلبىمدىكى سىنىڭ مۇقەددەس دادىلىق ئوبرازىڭ ئاللىقاچان كۈكۈم تالقان بولۇپ چېقىلىپ كەتكەن …. مەيلى مەن سىنى قايسى تەرەپتىن ئويلاپ سىنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا دادام دېگۈدەك كىچىككىنە سالاھىيىتىڭ بارمىدۇ- دەپ ھەرقانچە ئىزدىسەممۇ ئەمما مەن ئەمدى سىنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىن ئىزدىگەن نەرسەمنى ئازراقمۇ بولسا تاپالمىدىم . شۇڭا ساڭا مۇشۇ خېتىم ئارقىلىق شۇنداق باياناتىمنى بىلدۈرمەكچىمەنكى – ئەمدى سەن مېنىڭدەك بىرقىزىڭ بارلىغىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كەت ! مەنمۇ ئەمدى سەن بار ئۆيگە ھەرگىز ئاياق باسمايمەن …سەن بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقاندا بەلكىم مەن ئاللىقاچان يىراق بىريەرگە ، سىنى كۈزۈم كۆرمەيدىغان سەن توغرۇلۇق ھېچقانداق مەسخىرىلىك ئاھانەتلىك گەپ سۆز ئاڭلىمايدىغان يەرگە قاراپ يولغا چىققان بولىمەن … مىنى ھەرگىز ئۆيدىن چىقىپ كەتتى دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىڭنى ئەسكەرتىشكە مەجبۇرمەن . چۈنكى ئەمدى ھالال ئەجىر بىلەن كەلمىگەن پاكىز بولمىغان ، مەئىشەتلەر ئېشىپ تېشىپ تۇرىدىغان ، ھەرخىل بۇزۇقچىلىق- چىرىكلىكلەر قۇتراپ تۇرغان ئائىلە ، جەمئىيەت مۇھىتىدا تۇرۇپ يەنە شۇ ئائىلىدە ياشاشقا ئامالسىزمەن .

مەن كەتتىم . بەلكى خىزمەت تېپىپ بولغۇچە تۇرمۇشۇم ۋاقىتلىق سەل جاپالىقراق بولسىمۇ ئۆز ئەجرىم بىلەن كەلگەن ھالال ، پاكىز ئاش - نان، پاكىز كىيىم - كىچەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بار جايغا كەتتىم …

قەدىرلىك ئانا …  "سەن بىر قىز بالا تۇرساڭ، تۇرمۇشتا قانداق قىلارسەن"- دەپ مىنىڭدىن ھەرگىز غەم قىلما . مەن ئاللىقاچان مەركىزى شەھەردە ئوقۇۋاتقاندا ئۆز ئۈگەنگەن بىلىمىم ئەقىل پاراسىتىمنى جارى قىلدۇرىدىغان ، ھالال ئەجرىم بىلەن كۈن كۆچۈرىدىغان ھەم ئۆگەنگىنىم ئاساسىدامۇستەقىل قۇدرەت تاپىدىغان بىر يولنى تېپىپ قويغان مەن . ئەگەر قوشۇلساڭ سىنىمۇ پات يېقىندا ئېلىپ كېتىپ تۇرمۇشۇڭدىن ئۈزۈم بىرقوللۇق خەۋەر ئالىمەن

خەير خوش ئانا مەندىن خاتىرجەم بولغىن … ئۆزەڭنى ياخشى ئاسرىغىن …. "

سادىر ئېلى يىغلىماقتا … خۇددى كىچىك بالىدەك ئۈنسېلىپ يىغلىماقتا …. يىغلاپ تۇرۇپ سىمىز گۆشلۈك يۈزىنى كاچاتلىماقتا … ئۈنلۈك ئاۋازدا نالەزار قىلماقتا …

-مانا پارە بىرىپ ھوقۇق تۇتقانغا توي… پارە ئالغانغا توي … باشقىلارنى خۇشامەت قىلدۇرۇپ ئالدىڭدا تىزلاندۇرغانغا توي! … بۇلىشىچە ئەيشى ئىشرەت قوغلىغانغا … رەڭلىك سورۇنغا توي…. قىز ئوينىغانغا توي ….توي … مانا گېلىڭغىچە توي …

ئاھ قىزىم …!!! نەرگىزە  …. مىنى بۇنداق تاشلاپ كەتمە …. قىزىم مىنى بۇنداق تاشلاپ كەتمە … مىنى كەچۈر …. مىنى ئەپۇ قىل …. قىزىم نەرگىزە

تەھرىردىن: تېما يوللىغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 02:24 PM  


ئادەمدەك  ياشىسام دەيمەن

ياشىسۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇر

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2089
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24044
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2314 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 01:01:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نىمە  دېگەن  گەپ  ئۇ  بۆھران  دېگەن، قايسىڭلار بىلىسىلەر.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12799
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7237 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 01:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم بۇ ھكايىنى ،  جەمىيەتتە نەرگىزەلەر كۆپەيسە جەمىيەت ئامان بولغان بولاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73477
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 04:09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيۋى ئەھمىيتى باركەن ھىكايىنىڭ.

يۇزۇڭنى قايىسى تەرەپكە قاراتساڭ ئاللاھ شۇ يەردۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 06:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرۇسۇن ئۇنداق سادىر ئېلىدەك باشلىقلار   تۈفى..........

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

قاراڭغۇدىن زارل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7054
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 10:25:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-9-15 01:01 PM
نىمە  دېگەن  گەپ  ئۇ  بۆھران  دېگەن، قايسىڭلار بىلىسىلە ...

بۆھران -جان ھەلقۇمغا كىلىش  ،ۋەيران بۇلۇش ..ۋە ياكى تىببى ئىلىم چۈشەنچىسى بۇيۇنچە كىسەلنىڭ ئەڭ ئېغىرلاشقان ھالىتى .

ئادەمدەك  ياشىسام دەيمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش