مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1970|ئىنكاس: 30

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق ديىش توغرىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 11:00:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     يېقىنى يىللاردىن بېرى ،ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ،ئۆزگىچە تەسىرلىرى بىلەن ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئورگانىمىزنىڭ ئېممونېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئەزالار مىزاجى، خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش، پۈتۈن بەدەننى قۇۋەتلەش قاتارلىقلاردىكى ئالاھىدە ئۈنىمى بىلەن كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشمەكتە. لىكىن ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ يۇقىرقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، يەنە بەزى دورىلار بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، يەنى يۈرەكنى قۇۋەتلىگۈچى، خۇشلۇق كەلتۇرگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى مەرۋايىت، سەدەپ ،لاجۋەرد، زەھرى موھرە قاتارلىق مەدەن دورىلارنى لايىقلاشتۇرغاندا تالقانلىنىش ئۆلچىمىگە يەتمەسلىكى تۈپەيلىدىن، مەدەن دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى خېمىيلىك ماددىلار پارچىلانماي، ئەزالاردا چۆكمىگە چۈشۈپ ئۆت، بۆرەك تاش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلماقتا. بەدەننى قۇۋەتلەپ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، مەنى تۇتقۇچى دورىلاردىن ۋاڭ ئۇرۇغى، بەزىرۇلبەنجى، كۇچۇلا، سىر قاتارلىقلارنى گىلى ھىكمەت قىلىپ لايىقلاشتۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتمىگەندە، ئورگانىزىمدا بەزى پاتافىزىئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ ھاياتلىققا خەۋىپ يەتكۈزىشى مۇمكىن، تەركىبىدە  ئەپىيۈن، نەشە قاتارلىق دورىلار بولغان مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىنمۇ نېرۋا ئاجىزلىقى، پەي موسكۇللار بوشىشىپ، خۇما پەيدا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، بۇندىن باشقا يەنە بەزى ياللۇغلىنىش  خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەسىلەن:يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى، بوۋاسىر، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئاللېرگىيلىك بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ سىماب، چايان، سەكسەن پۇت، ئۇچقۇر پاقىغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەل ھەيدىگۈچى قان تازلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەللىكنى داۋالاش مەقسىتىگە ئېرىشىلسىمۇ، ئەمما شۇ خىل كېسەللىكنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىنكى قايتا قوزغىلىش ھالىتىگە ئىشلىتىلگەندە، دورا بەدەنگە تەسىر قىلمايدىغان، ھەتتا باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن، يەنە بەدەننى قۇۋەتلەش ، يەل ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش مەقسىتىدە  ئاقمۇچ، زىرە، پىلپىل، كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، تاشاڭ دىگەنگە ئوخشاش ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشتىن قاننىڭ ھارارىتى ئېشىپ كېتىش، قان قۇيۇلۇش، يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، مېڭە قان تۇمۇر تارىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەن يۇيۇنۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك مايلار بىلەن ياغلىنىش سەۋەبىدىن تېرلەرنىڭ مىزاجى بوزۇلۇپ پەي مۇسكۇللار يېغىلىپ قېلىش قاتارلىق  ئەھۋاللار، ئۇنىڭ ئەكىسچە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن ئورگانىزىمنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ، خېلىتلار تەڭپۇڭلىقى بوزۇلۇپ ئاق كېسەل، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىبابەت دورۇللىرنى سېتىۋالغاندا مۇنتىزىم دۇكان ياكى دوختۇرخانلاردىن سېتىۋېلىش، كىسەللىك ئەھۋالنى تىۋىپ ۋە تىۋىبەلەرگە ئىنىق ئېيتىپ ماس دورىنى تاللاش، كىسەللىك كونتۇرۇل بولغاندىن كىيىن دورىنى توختۇتۇش كىرەك.
مەنبە: ئەلسىھەت مۇنبىرى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12799
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7237 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 11:39:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان  تىمىكەن بۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69015
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3023
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-12-7
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 01:27:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلسىخات ئەپەندى. گەرچە تېمىڭىزدىكى مەزمۇنلار ئورۇنلۇقتەك قىلسىمۇ ئەمما بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھىيىتى تۆۋەن. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئەكىس تەسىر بىرىش ئېھتىماللىقى غەرىپ دورىگەرلىكى ۋە سىز يەۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ، ئىچىۋاتقان ھەرخىل تۈر، ھەرخىل نامدىكى ئېچىملىكلەرنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. بىزلەر ئىستېمال قىلىۋاتقان ھەر قانداق نەرسە، بىزلەر ئۇچۇراتقان ھەرقانداق مۇھىيتنىڭ بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە ھەر دائىم ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ تۇرۇشى ئىنىق ئەھۋال. سىز يېگەن- ئىچكەن ھەر قانداق نەرسە چەكتىن ئاشقا زىيان قىلىدۇ. مۇھىيت ئالماشتۇرۇپ تۇرمايدىغان ئادەمگە ئۆز مۇھىيتىمۇ زىيان قىلىدۇ. ئوپراتسىيە، ناركوز دورىلىرى، غەرب دورىگەرلىكى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بارلىق دورىلار بىر يەرگە پايدا قىلسا يەنە بىر جايغا زىيان قىلىدۇ. كىسەلگە داۋا قىلىش ئۇسۇلىمۇ خاتا...  يوقارقىدەك ئەھۋاللارغا قارىغاندا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئۆسۈملۈك ۋە تەبئىي مەدەنلەردىن ياسىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەكىس تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. سىز  ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىزاھلىماي تۇرۇپ بىۋاستە زىيانلىق تەرىپىنى ئوتتۇرىغا چىقارسىڭىز، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئەكس تەسىر بىرىدىكەن دېگەن خاتا كۆز قاراشنىڭ شەكىللىنىشى ئىنىق ئەھۋال. شۇڭلاشقا بۇنداق تۇترۇقسىز ئىشنى ئازراق قىلساق.
ھېلىھەم پۇلنىڭ غېمىغا چۈشكەن چالا ساۋات كىشىلەرنىڭ كاساپىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىڭ نامى بارغانسىرى خۇنۇكلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ يادرولۇق مەدەنىيتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ تېبابەتنى تېخىمۇ يارا قىلماڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43830
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3197
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 01:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي مەن تېخى پەقەت ئەكىس تەسىرى يوق دەپ قاراپ كەپتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 1974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10675
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 01:38:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئادەتتە  ماددەتۇل ھايات دورىسى بىلەن داۋا ئىلمىشكى  دورىسىنى كۆپرەك يەيمەن .
بۇ ئىككى خىل دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى بارمۇ  - يوق بىلمەيمەن .
مۇشۇ ھەقتە چۈشۈنچە  ھاسىل قىلغۇم بار  ئىدى  ،  بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ  ، ئۆز مەخسىتىمنى بايان قىلدىم   .
ماددەتۇل ھايات دورىسى بىلەن داۋا ئىلمىشكى  دورىسى توغرىسىدا ماتىريال بولسا يوللاپ قويغان بولسىڭىز   .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 01:39 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5297
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 03:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پۈتۈنلەي يوق دەپ قارىمايمەن ئەمما تەسىرى بولسىمۇ ئانچە دىگۈدەك ئەمەس ئەگەر دورىنى خاتا يەۋالمىسىڭىزلا.........دورىنى خاتا يەۋالسىڭىز پايدا قىلىدىغان دورىمۇ زىيان قىلىدۇ جىنىڭىزنى ئىلىشىمىۇ مومكىن!

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84514
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 03:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
`ھازىرقى ياشلار ئىچىدە ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرىنى ئىستىماق قىل؛ىدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىكەن،،،،،

ھەممىسى شۇ ئاغرىپ قالسا خەنلەرنىڭ ھارام ئوكۇلىنى بىلىكىگە ئۇرغۇزىدۇ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 05:58:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسىمۇ ئىشقىلىپ جوڭيى دورىلىرى ۋە چەتنىڭ دورىلىرىغا قارىغاندا ئاز ، ئۈنىمىمۇ ياخشى.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6841
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 07:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulistan.cn يوللىغان ۋاقتى  2012-9-15 01:27 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلسىخات ئەپەندى. گەرچە تېمىڭىزدىك ...


تىمىنى چۈشەنمىگەندەك قىلىسىز.   

تىمىنىڭ تىمىسىغا قارىسىڭىزلام  بۇ تىمىنىڭ قايسى خىل قاراش توغۇرلۇق يىزىلغانلىقىنى بىلىسىز.

تىمىنىڭ تىمىسىدىنلام  ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرىنىڭ غەرىپچە دورىلارغا قارىغان ئەكىس تەسىرىنىڭ ئازلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.  يەنى تىمىسىنى ئىككىگە بۆلسەك ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرىنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق  دىگەن  گەپ بار. دىيىش توغرىمۇ دىگەن سۇئال  بار.

ئەمدى تىما مەزمۇنىغا كەلسەك  شۇنداق دىيىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنىبىر قىسىم مىساللار بىلەن ئىسپاتلاپتۇ.


ئەكىس تەسىرى ئازىراق بار دىگەن گەپ بىلەن غەرىپ دۇرىللىرىغا ۋە ياكى بەزى يىمەكلىكلەرگە قارىغاندا  ئەكىس تەسىرى ئاز دىگەن گەپنىڭ پەرقى بار.   

قىسقىسى  سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز مىللى تىبابەت دورىلار بىلەن غەرىپ دورىللىرىنى سىلىشتۇرۇش  بولسا ، ئۇشبۇ تىمىدا سۆزلىنىۋاتقىنى تىمىنىڭ تىمىسىدىكى (ماۋزۇسىدىكى) مۇ قوشىمچىسى بار سۇئالغا جاۋاب بىرىش.

دىمەك سىز دەۋاتقان سىلىشتۇرۇش باشقا، تىمىدا دىيىلىۋاتقان جاۋاب باشقا ئىدى.

بولمىسا   مىللى دورىلارنىڭ كەمچىلىكىنى بىلگەن تىما ئىگىسى ئارتۇقچىلىقىنى سىزچىلىك بىلەر ئىدى.لىكىن تىمىنىڭ ماۋزۇسىدا گەپ باشقا ئەمەسما؟شۇنىڭغا جاۋاب بىرىش ئۈچۈن سۆزلەپتۇ.

يەنى تىمىدا  ئەكىس تەسىر توغۇرلۇق سۇئالنى ماۋزۇ قىلىپ ،شىپالىق تەرىپىنى يازسا مىنىڭچە  ھەم سىزنىڭچە قانداق بولا؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 07:33 PM  


ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 07:52:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئەكىس تەسىرى ....ئىسىك - سۇغاكتىن
پەرىقلىنىدۇ.....  قاراپ يىسەكلا  تەسىرى  چۇڭ ئەمەس[  ئەكىس  تەسىرىنى پەقەت يوق دىگىلى بولماس.]  گەپ دىققەت قىلىشىمىز دا،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش