مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6439|ئىنكاس: 80

كېۋەز تەرگۈچى قېرىنداشلىرىمىزغا سۆز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز دەۋىرنىڭ  ج

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11246
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:42:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛
سەييارە كېۋەز تەرگۈچىلەردە ئۆزۈم ھېس قىلغان،ئۇلار ئىلگىرى-كىيىن يولۇققان ئەمەلىي ئىشلارنى ئويلاش جەريانىدا قېرىنداشلىرىمغا سۆزلىگۈم كەلدى.
بىزنىڭ يۇرتقا ئاساسەن (مارالبېشى 49-تۈەن) يەكەن ۋە قاغىلىقتىن  كىشىلەر كۆپرەك كېلىدۇ. ئالدىغا كېلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى، كەپ باقمىغان بۇ يىل كەلگەنلەرمۇ بار. بۇلاردىن بەزىلىرى بەكلا گۆدەك،ئىش ئۇقماس ھەم ئىشنىڭ ئالدى - كەينىنى ئويلىمايدىكەن
4~5مىز كەچلىك تاماقتىن كىيىن چۆگلەپ بانكا ئالدىغا كەلدۇق،كەلگەنلەر ئاساسەن شۇ يەردە كېلىشىدۇ. 20 نەچچىدەك ئۇرۇق تۇققان كېلىشىدىغان قېرىندىشىمىز سوپەككە نەرسە-كېرەكلىرىنى بېسىپ ماڭغىلى تۇرۇپتۇ. بىر ئاغىينەم نەگە ماڭدىڭلا، قاندا دىيىشتىڭلا دەپ سوراپتى ئۇلار تېخى دىيىشمىگىنىنى، تېرەمسە دېسە ھەئە دەپلا مېڭىشقىنىنى دېدى. ھەيرانلاقتا قالدۇق، كۈلۈشۈپمۇ كەتتۇق. ياندۇرۇپ دېدۇق؛ ھەي باللا، كېۋەز تېرىيدىغان كىشى مۇشۇنداقلا ماڭامدا؟  نەچچە پۇلدىن تېرىيدىغاننى ،يېتىپ قوپىدىغان ئورنۇڭلارنى،سىلەرگە تەمىنلەپ بېرىدىغان ئۇن-ياغ،سەي-كۆكتات ئۇچى-بۇچىنى دىيىشىپ ماڭمامسىلە، ئاپىرىۋېلىپلا سېنى ئەكەلدىم سوپەكتە، ماي كېتىدۇ بۇنىڭغا،كەتسەڭ ئۆزەڭ كېتىش، كىرا پۇلىنى بېرىش دەيدىغان گەپ چىقىدۇ. بۇندا ئىشنى جىق كۆرىۋاتىمىز.....دېدۇق
ئاغىينىمىزنىڭ تويىدىن يېنىپ مارالبېشىدا ماشىنىغا چىقىپ قارىساق 7 ئادەم تۇرۇپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نەچىسى بۇ يىل ئەمدى چىقىپتۇ،بۇلارنى بىر خەنزۇ ئېلىپ مېڭىپتۇ. قىززىق يېرى بۇلارمۇ دىيىشمەپتۇ تېرەمسە دېسە ھە دەپلا مېڭىپتۇ. ئۇلا خۇشچىراي تېخى. كىرايىمىزنى تۆلەپ بارغاندا تاماق ئەپ بېرىدىغان بولدى...ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ئانىسىدىىن چارە كۆرۈپ  ماختىغاندەك قىپ كېتىشتى،ئۇلار سۆزلەپ توختىغاندىن كىيىن بىز ئەمەلىي مىساللارنى دەپ ئاخىرىدا ئۇلارغا؛ كىرايىڭلارنى ئۆزۈڭلار تۆلەڭلار،بۇ تۆلىسە ئۇنىماڭلار،تاماق ئەپ بەسىمۇ يېمەڭلار، كەپ باققان بىرسىڭلار بېرىپ ھەممىنى دىيىشىپ ئاندىن قانۇن ئورگانلىرىغا كىرىپ توختاملىشىپ ئىش قىلىڭلار دەپ جىق گەپ قىلدۇق
بۇنداق ئاغزاكى قىلغان گەپلىرىمىز ئاز ئەمەس نەچچە يىلدىن،شۇنداق بولسىمۇ يەنە دەۋاتىمىز،مەن ئۆزۈم ئاددىي دېھقان بالىسى، يېرىمىزمۇ ھەم ئادەم سېلىپ تەرگۈزگۈدەكمۇ بار.كاللامغا كەلگىنى بويىچە كېلىۋاتقان ھەم كېلىدىغانلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالار دەپ بۇ تېمىنى يازماقتىمەن

مەقسەت؛ دوستلىرىم، قېرىنداشلىرىم. بولسا ئۇيغۇرنىڭكىنى تېرىڭلار،خەنزۇنىڭكىنى تەرسەڭلار دىققەت قىلىڭلار.
يۇقارقىدەك تاماق ئەپ بەرسە، كىرايىڭلارنى تۆلەپ قويسا بۇلارغا ئۇنىماڭلار ھەم ئىشىنىپمۇ كەتمەڭلار. قانۇن ئورۇنلىرىغا كىرىپ توختاملىشىپ ئىش قىلىڭلار،توختاملىشىشتىن بۇرۇن  تېرىيدىغان كېۋىزىڭلارنى، ياتىدىغان ئورنۇڭلارنى،سىلەرگە بېرىدىغان(ۆكپىنچىسى ئاخىرىدا ھېساپلاپ پۇل تۇتۇۋالىدۇ) ئۇن-ياغ،سەي كۆكتات مەسىلىسى، قۇربان ھېيىتتا قانداق قىلىش مەسىلىسى،كېۋەزنى قاچانغىچە تېرىيدىغانلىقىڭلارنى، تۈگۈگۈچە تېرەمسىلەر ياكى مەلۇم ۋاقىتقىچە تېرەمسىلەر؟ پۇلىنى تولۇق بېرەمدۇ ياكى يېرىمىنى بېرىپ يېرىمىنى يىل ئاخىرىدا بېرەمدۇ؟(ئاساسەن تۈگسىلا بېرىدۇ،ئاندا ساندا يېرىمىنى بېرىمەن دەپ تۇرۇۋالىدىغانلىرىمۇ بار)
ئاندىن ئەڭ مۇھىمى؛ جىڭغا بەك-بەك، يەنىمۇ بەك دىققەت قىلىڭلار. بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان ھېساپلاپ جىڭغا قەتئىي ساختا قىلمايمىز(ئىنشائاللا) ئەمما ئۇلاردىن بەزىلىرى قىممەت بېرىمىز،پۇلنى جىق بېرىمىز دەپ قىزىقتۇرۇپ جىڭدا سىزنى موكلايدۇ.موكلايدىغانلىرى ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك بىر خىل تەڭشىۋالىدۇ، جىڭىڭ چاتاقكەن دېسەڭلار ئەمسە ئىشەنمىسەڭ ئانىڭكىگە ئاپىرىپ سىنايمىز دەپ يەنە شۇنداق تەڭشەلگەن جىڭغا ئاپىرىدۇ،بۇنداق جىڭلار ئاساسەن 50كىلودىن ئاشقاندىن كىيىن ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ ،81 كىلو كېۋەزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ جىڭىدا 93كىلو كەلگىنىنى نېمە دەيمىز؟!!!  (تۆۋەندە يەنە بىر مىسال كۆرسىتىلىدۇ) گەپلىرىم بەلكىم چالا قالغاندۇ. قالغىنىنى ئۆزۈڭلار بىلىپ ئۆزۈڭلارغا،ئىشىڭلارغا،قېرىنداشلىرىڭلارغا چىڭ بولۇڭلار.بىر بىرىڭلارغا قارا سانىماڭلار،ئالدىماڭلار

مىسال؛ مەلۇم ليەندۈيدە 10 نەچچىدەك بىر يەردىن چىققان بىر نەچچىسى ئۇرۇق تۇققان كېلىدىغانلار بىر خەنزۇنىڭكىدە يېتىپ قوپۇپ باش ئاخىرى كېۋەز تېرىيدۇ،خەنزۇ جىڭنى ئۆزۈڭ تۇت دەپ ئۇلارغا بېرىدۇ.مەلۇم يامغۇر ياغقان كۈنى بۇلاردىن بىرى ئاغزى ئېچىلمىغان 25كىلولۇق ئۇننى ئىچى پۇشۇپ جىڭلاپ باقىدۇ.قىززىق،بۇ ئۇن 22 كىلو كەپ قالىدۇ،ھوي بۇ نېمىش ئەمدى؟ يەنە بىر خالتا ئۇننى جىڭلايدۇ يەنە ئوخشاش،بۇلار پاتپاراق بوپ خەنزۇ بىلەن گەپلىرىنى يېرىم يارتا ئۇقتۇرۇپ ۋارقىرىشىپ كېلىشەلمەيدۇ. ئەرز قىلىمىز دەپ ماڭسا خەنزۇ ليەنجاڭنى قىچقىرىپ ئىشنى يوقاتماقچى بولىدۇ،ئەمما ئىش بېسىقماي ئۇلار توختىمايدۇ.ئاخىرى ليەنجاڭ ھازىر ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ كەتتى،ئەتە قانۇن ئورگىنىغا (سىفاكۇ) بېرىپ ھەل قىلايلى،ھازىر ئارىمىڭلارنى ئېلىڭلار دەيدۇ.ئۇلار ماقۇل بوپ قايتىشىدۇ،جىڭنى بولسا بىر بىرسىگە ئىشەنچ قىلىشالماي ئەڭ ئىشەنچلىك دېگەن بىرسىنى سەن ئاپىرىپ تىقىپ قوي دەيدۇ. بۇنى بىلىۋالغان خەنزۇ ھېلىقى تىقىپ قويغان ئاداشنى ئالداپ يۈرۈپ 3000كوي پۇل بىلەن جىڭنى ئەكەلدۈرۈپ ئورنىغا يېڭى ساق جىڭدىن بىرنى ئاپارغۇزۇپ قويىدۇ. ئەتىسى جىڭنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلگەن ئۇلار شۇنداق بولسىمۇ قانۇن ئورگىنىغا بارىدۇ،ئەمما ئىسپات يوق،ئۇ يەردە گېپى ئاقمايدۇ. يېنىپ چىقىپ نېمە قىلىشىنى بىلەممەي تۇرغاندا خەنزۇ ئۇلارنى مېھمان قىلىپ گەپنى يوقىتىپ كېۋىزىنى تەرگۈزمەكچى بولۇپ ئاشخانىغا كىرىپ ئۇلارنى راس مېھمان قىلىدۇ. ئىشلاردىن گۇمانلىنىپ تۇرغانلار گەپتىن گەپ چىقىپ ئالماشتۇرۇۋەتكەن كىشىنى بىلىپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنى بولۇشىغا تىللايدۇ،ئەمما ئۇ كىشى يەنىلا ئۇلار بىلەن بىللا كېۋەز تېرىپ پۇلىنى ئېلىپ قايتىدۇ

ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز غاجاۋاتىمىز،شىلىۋاتىمىز،گاھىمىز بىلىپ تۇرۇپمۇ قىلىۋاتىمىز
ھازىر تېخى بىر يولداش بىلەن بىر قۇر سوقۇشىۋېتىپ كىرىپ يېزىشىم،(يەنە شۇنداق ھېچنىمىنى دىيىشمەيلا مېڭىشىپتۇ، ئۇ يولداش سەن ئىشىمنى ببۇزدۇڭ دەپ جېدەل قىلغۇسى با)شۇڭا ھسەل ھاياجاندا گەپلەر قولاشماي قالدى، توغرا چۈشەنگەيسىلەر


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pansat + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
قەدىر + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:39:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېۋەزنى ئاساسەن ئىچكىرىدىكى خەنزۇلار تېرامدۇ ياكى مۇشۇ ئۇيغۇرلارمۇ

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3474
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2363 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقاننى ئويلاپ يوللانغان ياخشى تېمىكەن !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6900
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1218 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:50:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يەرلەرگىمۇ خوتەندىن كۆپرەك كىلىدۇ . ئۇلار شۇنداق ياخشى .

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75074
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3387
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ پۇل ئۈچۈن ۋىجدانىنى ساتىدىغان گۇيلار تۈپەيلى،...................................................... بولدىلا قايناپ قالغۇدەكمەن،.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 31382
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7367 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىم ئىشلارنى يېزىپسىز،مەن ئۆيۈمدە ئىشلەۋاتقان سۆيۈملۈك،مۇساپىر بوپ چىققان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ بېرىمەن ھەمدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى تۇنۇشلۇرۇمغا بىلدۈرۈپ قويىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5297
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:56:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئۇلارغا قىلىدىغان تەۋسىيەم...ئاللاھ چەكلىگەن ئىشتىن يىنىڭلار بۇيرىغاننى قىلىڭلار .....جاپا تارتىپ تاپقان پۇلۇڭلارغا ھارام ئارلىشىپ قالمىسۇن.......ئاڭلىسام ئۇ يەرگە بارغاندىن كىيىن نامازنى تەرق ئىتىدىغانلار كۆپمىش........ناماز ئوقۇمايدىغان ئادەمنى مۇسۇلمان دىگىلى بولمايدۇ...........

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 39 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83322
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2819
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇشۇ دىھقاندىگەنمۇ دەيمە ،  ماڭا دىسە چىكتىۋىرىدىكەن ،  ئاۋال گەپ ئۆزىمىزدە  ...

بىز دەۋىرنىڭ  ج

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11246
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:59:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە راس، ئۇلار 1-2- تېرىم كېۋەزنى تەرگۈزۈپلا قەستەن جېدەل تېپىشقىمۇ ئۇرۇنىدۇ،ئۇنداق بولغاندا توختام بىكار قىلىنىپ بالگىلەنگەن ھەقتىن ئەرزان ھېسابلىنىپ تېرىگۈچىلەر تەڭ دېگۈدەك زىيان تارتىدۇ. ئامالنىو بېرىچە قىززىپ سوقۇشۇپ كەتمەي سوغۇققان بوپ مەسىلىنى جايىدا ھەل قىلىشقا دىققەت قىلغايسىلەر

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4833
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 12:03:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش