|
|
|
|
5-ئايدا خوتەنگە بارغان چېغىمدا خوتەن قەغىزى ياسايدىغان بۇۋاينى زىيارەت قىلىپ،خۇتەن قەغىزىنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى كۆرگەن ،ھەم بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارىتقان ئىدىم. رەسىمنى بەزىلىرنى ماشىنىدا ماڭغاچ تېلفۇندا تاتقاچقا ئانچە ياخشى چىقمىغان بولىشى مۇمكىن،شۇنداق بولسىمۇ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
بۇۋاينىڭ ئۆينىڭ دەرۋازىسى بىرخىل كونىلىقنى ئەسلىتىپ قويدىكەن.ھۆكۈمەت قەغەزچى بۇۋاينىڭ ئۆيىگە بارغۇچە بولغان نەچچە كىلومىتىرلىق يولنىڭ ياقىستىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى دەرۋازىسىنى ئالاھىيدە ياساپ چىقىپتۇ.قەغەزچى بوۋاينى زىيارەت قىلىپ تۇردىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن.
قەغەزنى مۇشۇنداق تاختايدەك نەرسىدە قۇرتىدىكەن مانا!
تويغا ماڭغان ئۇماقلار،ۋۇتان،ۋۇتان تاتلىقلىقىنى.
ئاددى-ساددى بۇلۋاتقان توي،تويلۇقنى ساندۇققا سېلىپتۇ .
بىزنىڭ باغ ،قىزىل گۈلنىڭ پۇرقى بىلەن باغدىكى يېشىللىق ئادەمگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بىرىدۇ.
مەن ئىشلەيدىغان توك ئىلىكتىر ئورنى،بۇ يەرنىڭ كىچىلىك مەنزىرسى تۇلىمۇ گۈزەل.ئېگىزگە چىقىپ قارايدىغان بولساق ،يېنىپ تۇرغان چىراقلار ئاسماندىكى يۇلتۇزدىنمۇ كۆپ كۆرنىدۇ.مانا مۇشۇ تەرپى بىلەن بۇ يەر تۇلىمۇ چىرايلىق كۆرنىدۇ.
مەنبە :مەن ۋە تېلفۇنۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 02:49 AM
|
|
|
|
|
|