مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1241|ئىنكاس: 15

يۈرىكمنى قۇمغا كۈمۈپ قويدۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4803
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 07:45:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۈرىكمنى قۇمغا كۈمۈپ قويدۇم

ياسىن ئەبەيدۇللا


مەن دىڭىزغا قاراپ ماڭدىم، مېڭىشتىن ئاۋۋال يۈرىكىمنى قۇمغا كۈمۈۋەتتىم، ئەمدى يۈرەك ئۇغرىسى مەندىن يۈرەك سورىسا ئۇنىڭغا يىراقتىكى قۇمغا كۈمۈپ قويغىنىمنى ئېيتىمەن.
-سەن ماڭا مايمۇن كاردان بىلەن تاشپاقىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمۇ؟
- ئۇ قانداق ھىكايە؟- ئەجەپىلنىپ سورىدىم.
- ئۇ ھىكايە مۇنداق:مايمۇن كاردان بىر كۈنى دەريا بۇيىدىكى دەرەختە ئارام ئىلىپ ئولتۇرسا ، بىر تاشپاقا كىلىپ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن مېۋىلەرنى يىگىلى تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۇپ مايمۇن ئۇنى جىقراق يەۋالسۇن دەپ دەرەختىن ئۈزۈپ تاشلاپ بېرىپتۇ. تاشپاقىمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن تاشپاقا پات -پات كىلىپ بۇ يەردە مېۋە يەيدىغان بۇلۇپ قاپتۇ. مايمۇنمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ دەرەختىن مېۋە تاشلاپ بېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇلار دۇسىت بۇلۇپ قاپتۇ. بارا- بارا بۇلارنىڭ دۇستلۇقى شۇ دەرىجىگە بېرىپتۇكى، بىر- بىرىنى دائىم كۆرۇپ تۇرمىسا چىداشمايدىكەن. تاشپاقىنىڭ مايمۇننىڭ يېنىدا تۇرىدىغان ۋاقتىمۇ ئۇزىراپ كىتىپتۇ، بەزى چاغلاردا ھاتتا ئايلاپ ئۆيىگە قايىتمايدىكەن.
بىر كۈنى تاشپاقا ئەمدى مايمۇننىڭ يېنىغا ماڭاي دەپ تۇرسا ئايالى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- ھەي تاشپاقا نەگە ماڭدىڭ؟ مۇشۇ كۈنلەردە دائىم سىرتقا قاترايدىغان ، ئۇزاق يۇقاپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدىڭ.- دەپتۇ.
تاشپاقا بۇنىڭغا جاۋابەن مايمۇن بىلەن دۇسىت ئىكەنلىكنى شۇنىڭ قىشىغا كىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كىتىپتۇ. تاشپاقىنىڭ ئايالى بۇنى ئاڭلاپ مايمۇنغا رەشىك قىپتۇ. گويا مايمۇن ئۇنىڭدىن ئېرىنى تارتىۋالدىغاندە بىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭلىگە بىر ھىيلە پۈكۈپتۇ. تاشپاقا قايتىپ كىلىپ قارىسا، ئايالى ئاغرىق ئازابىدا تولغىنىپ ياتقان ئىكەن.
-نىمە بولدۇڭ، نىمە كىسەل سىنى بۇنچە قىينىدى. مەن دورىسىنى تاپاي -دەپتۇ ئۇ ئايالىغا.
-ماڭا قاتتىق كىسەل تەگدى. تىۋىپ مايمۇن يۈرىكى دورا دەيدۇ. باشقا نەرسە شىپا قىلماسمىش، ئۆلىدىغان ئۇخشايمەن- دەپتۇ ئايالى.
نادان تاشپاقا بۇنى ئاڭلاپ دەرھال دۇستى كارداننى يادىغا ئاپتۇ ، ئايالىمۇ بىكار ئولتۇرماي ئۇنى كارداننىڭ يۈرىكىنى ئەكىلشكە كۈشكۈرتۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ تاشپاقا مايمۇننىڭ يۈرىكىنى ئالماقچى بۇلۇپ مىڭىپتۇ. ھىلقى دەرەخ بۇيىغا كىلىپ مايمۇننى چاقىرىپتۇ. مايمۇن ئۇنى يەنە قىزغىن قارىشى ئاپتۇ.
- ۋاي ئاداش، بىز دۇسىت بولغىلى ئۇزۇن بولدى ئۆيگىمۇ بېرىپ باقمىدىڭ. مەن سىنى مېھمان بۇلۇشقا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم -دەپتۇ تاشپاقا.ۋە يەنە بىر مۇنچە شېرىن گەپلەرنىمۇ قىپتۇ. مايمۇن بۇنى ئاڭلاپ تاشپاقىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ماقۇل بۇلۇپ تاشپاقىغا مىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشپاقىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مىڭىپتۇ. دەريانىڭ ئۇتتۇرسىغا كەلگەندە مايمۇن قارىسا تاشپاقىنىڭ ئەپتى باشقىچە، كۆڭلى بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشپاقىغا:
- ئاداش كۆڭلۈڭدە ماڭا دەيدىغان گىپىڭ باردەك قىلىدۇ دىگىن، بىز دىگەن ئەل -ئاغىنە، دىيىشمەيدىغان نىمە گىپىمىز بولسۇن ؟ - دەپتۇ.
نادان تاشپاقا ئۆزىنىڭ مايمۇننىڭ يۈرىكىنى ئالماقچى بۇلۇپ كەلگىننى ئېيتىپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ مايمۇن قورقۇپ كىتىپتۇ. قاچاي دىسىمۇ قاچالمايدىكەن، چۈنكى مايمۇن سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال بىر ئەقىل تىپىپتۇ.
- چاتاق بۇپتۇ ئاداش بالدۇرراق دىگەن بولساڭ يۈرىكىمنى ئىلۋالاركەنمەن. بىز مايمۇنلار ئادەتتە سەپەرگە چىقساق يۈرەكنى ئۆيگە تاشلاپ قۇياتتۇق. مەنمۇ يۈرىكىمنى تاشلاپ قويغانىدىم. ئەمدى كەينىمىزگە قايىتساق بۇلىدىغان بولدى. دەپتۇ مايمۇن.
تاشپاقا بۇ گەپكە ئىشىنىپ كەينىگە قايتىپتۇ. قىرغاققا يىقىنلاشقاندا مايمۇن بىر سەكرەپ دەرەخكە چىقىۋاپتۇ ۋە چۈشمەي تۇرىۋاپتۇ. تاشپاقا ساقلاپ -ساقلاپ بىر چاغدا تاقىتى تۈگەپ:
- مايمۇن ئاغىنە، يۈرىكىڭنى تاپتىڭمۇ، تاپقان بولساڭ ماڭايلى -دەپتۇ.
-ھەي ئەخمەق. سەن دۇسىتلۇقىمىزنى ۋەيران قىلدىڭ. جىنىمنى ئالاي دىسەڭ، مەن يەنە ئالدىڭغا چۈشەتتىممۇ . خۇش، ئەمدى بىز ئەبەدى دۇسىت ئەمەس،- دەپتۇ.

كۆڭۈل ئۇغرىسىنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم ۋە مۇنداق دىدىم:
-سەن بۇرۇنقى زاماندىكى ئەزىمەتلەرنىڭ دۇشمەن قىلىچ- شەمشەرلىرىدە ئۆلمەيدىغانلىقىنى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ تىنىدە ئەمەس، باشقا بىر جايلاردا ئىكەنلىكنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ مەن ساڭا لەيلى –مەجنۇننىڭ، پەرھات- شېرىننىڭ ۋە يەنە غېرىپ –سەنەمنىڭ ھىكايىلىرىنى سۆزلەيمەن.
- يۈرىكىڭ قۇمدا چىرىپ كەتمەسمۇ؟
-سەن قۇمغا كۈمۈلگەن قەدىمقى شەھەرلەرنى كۆرگەنمۇ؟ پاكىز قۇمدا چىرىمەي ساقلانغان نۇرغۇن- نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىمغانمۇ؟ بۇلارنى بىلگىنىڭدە مىنىڭدىن بۇنداق سۇئالنى سورىمغان بۇلاتتىڭ. قۇم ھەقىقەتتە سۇدىنمۇ پاكىز. - مەن كۆڭۈل ئوغرىسىنىڭ سۇئالىغا مۇشۇنداق جاۋاپ بېرىمەن.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 08:13:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكتىماكاندىمۇ نۇرغۇن يۈرەكلەر كۆمۈكلۈك ، شۇ يۈرەكلەردىمۇ نۇرغۇن ئارزۇ - ئۈمىدلەر بار بولغىيدى بەلكىم ...

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 08:16:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنىش بىر تەجرىبە. ئالداش  بىر ۋاستە. سىنىڭ ۋاستەڭ بولمىسىمۇ بىر تەجرىبەڭ بولغاي!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 08:17 PM  


قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 08:21:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر جانلىقنىڭ نەپسى ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلمىغان دەيسىز. شەخسىيەتچىلىك، خىيانەتچىلىك، كۆرەلمەسلىك ھەر كويغا سالىدۇ كىشىنى.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 08:56:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسرارىنىڭ ئىنكاسى ELDئىكراندەكلا چىقپتۇغۇ،مۇشۇنداق ئىنكاس يازسىمۇ بولغۇدەك جۇما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7424
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 09:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇم ھەقىقەتتە سۇدىنمۇ پاكىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 09:15 PM  


زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71623
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3762
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2011-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 09:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرەكنى تەكلىماكاننىڭ قۇمىغا كۆمسە   

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:02:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىبىر كىشىلەرگە نىسپەتەن مايمۇننىيڭ تاشپاقىغا كۆرگەن چارىسىنى ئۆگىنىپ قويۇشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر....

مەنمۇ بەزىدە يۈرىكمىنى كۆمۈپ قويىمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بۇ تېمىنى ئوقۇپ بىر ئويغا كەپ قالدىم.  ئەتە ئىشتىن چۈشۈپلا يېراق يېزامدىكى قۇملۇققا بېرىپ، ‹يۈرەك› ىمنى قۇيۇپ كېلىمەن. كەلگەندىن كېيىن، بارلىق دەرت ـ ئەلەملەرنى، بېسىملارنى، ئازاپلارنىمۇ يۈرىكىمگە قوشۇپ قۇيۇپ قويسامكەن دەيمەن.   ئىلگىرى يۇقىرىقى ھېكايىنى ئوقۇغىنىمدا بۇنداق ئويغا كەپ باقماپتىكەنمەن، قۇم ھەققىدىكى تەپەككۈرلەر تەسىرىدىن پىكىرىم ئۆزگەرگەن بولسا كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 10:26 PM  


ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3948
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:54:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكنى كۆمۈپ قويسا بەزى ئېغىر بېسىملاردىن قۇتلامدۇ قانداق؟ئەمما بۇ ئاغزاكى سۆز خالاس،يۈرەكنى ھەرقانچە قۇمغا كۆمگەن بىلەن ئىنساننىڭ تېنىدە يەنىلا جۇش ئۇرۇپ تۇرۇپ،يۈرەكتىكى ئېغىر بېسىمنى يىنىكلىتىش تەس،بىر ئامال بار.ئادەمنىڭ ئېچى سىقىلىپ كەتسە تاغلارغا چىقىپ ئىچىدىكى بارلىق سۆزلىرنى ۋاقىراپ چىقىرۋەتسە يىنىكلەپ قالىدۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش