بىر ئۆمۈر قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان كىشىلەرنى بىلەمسىز
سىز ھەقىقى سۆيدىغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈڭ ھەم ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز قىلىڭ. چۈنكى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ، كىيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ .
ئىشەنچىلىك دوسىتنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈڭ. چۈنكى ، ئادەمنىڭ ئۆمرىدەئۇچرايدىغان سىرداش دوستى ھەقىقەتەن كۆپ ئەمەس .
كىشىلىك ھاياتىڭىزدا ئالىيجاناپ كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .چۈنكى ، ئۇ كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى .
ھازىر سىز بىلەن بىللە ئۆتۈۋاتقان ھەمراھىڭىزنى چوقۇم قەدىرلەڭ . چۈنكى ، سىلەر ھازىر بەخىت ۋە ھەقىقىي سۆيگۈگە ئېرىشتىڭلار .
سىز ئىلگىرى خۇپيانە ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ . چۈنكى ، سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەن چېغىڭىزدا ، ئۇنىڭ بەخىتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىڭىزغۇ ؟
ئوتتۇراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن كىشىنى ئۇچراتقىڭىزدا ، ھازىرقى پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېنىق چۈشەنچە بېرىڭ . چۈنكى ، سىزگە مۇشۇ بىر قىتىملا پۈرسەت كېلىشى مۇمكىن .
ئىلگىرى سىز نەپرەتلەنگەن كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . چۈنكى ، ئۇ سىزنى تېخىمۇ قەيسەر قىلغان ، ناۋادا ئۇ بولمىسا ، سىزمۇ بۈگۈنكىدەك پىشىپ يېتىلمىگەن بولاتتىڭىز .
_ _ _ _ _ _
مەنبە : شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى 1696 -سان
ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى
خوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنتى
ئىمىنجان ھىدايەت رەتلىدى
2012 - يىل 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جۈمە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-14 07:46 PM