مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 11

رۇبائىي ۋە پارچىلار (ئۆڭمەس) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79876
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4798
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:20:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇبائىي ۋە پارچىلار


مەخمۇت ئاۋۇت (ئۆڭمەس)


ھەقنى-ھەق دىيىشكە ئىرادەم پەۋەس،
ساقتىغا خوشۇم يوق، قىلمايمەن ھەۋەس؛
كۆز بوياپ ياشاشنى خالىماس كۆڭلۈم،
ئۈندىمە مېنى سەن، بولدى قىلغىن-بەس!

ھاياتلىق يولۇڭدا مۈشكۈللەر تولا،
شەيتاننىڭ دامىغا بولما مۇپتىلا؛
چاغلىماي كىرسەڭ گەر كۆڭۈل كەينىگە،
قالىسەن پىنھانە، يالغۇز چۆلدىلا.

ئالدامچى ئۇستىدۇر يالغان توقۇشقا،
ماھىردۇر كۆز بوياپ چوتنى سوقۇشقا؛
ئازغىنا دەسمىينى قىلىپ ئۇ يەمچۈك،
ئۈلگۈرەر ناداننى ئالداپ-ئۇتۇشقا.

ھالالنىڭ مېھنىتى-جاپاسى باردۇر،
ھارامنىڭ لەززىتى-تاماسى باردۇر؛
مېھنەتسىز راھەتنى قوغلاشساڭ ئەگەر،
تېگىشلىك بەدىلى-جازاسى باردۇر.

ھالاللاپ ياشىساڭ ئۆتۈسەن غەمسىز،
بىل ئەمما بولمىغىن ئەقىلسىز-پەمسىز؛
ئەجىرنىڭ مېۋىسى شۇنچىدۇر شىرىن،
ئۆتمۈسۇن كۈنلىرىڭ مىشچان بوپ تەمسىز.

بىراۋنىڭ كۆڭلىگە بەرمىگىن ئازار،
بىر ئېغىز يامان سۆز قىلار ئەلنى زار؛
گەپ-سۆزدە سىپايە،ئىلمىي بولمىساڭ،
<<توڭ>>لىقىڭ يارىماس،ئەل سەندىن تازار.

ئاتاڭنى ھۆرمەتلە -ئۇنىڭ ئوغلىسەن،
ئاناڭنى قەدىرلە-ئۇنىڭ باغرىسەن؛
قاخشىتىپ ئۇلارنى،قارغىشىن ئارتساڭ،
پۇشايمان ئىلكىدە ياقاڭ يىرتىسەن.

ھاياسىز ياشاش ئۇ ھايۋاننىڭ ئىشى،
ھاياسىزغا ياغىسۇ ئەلنىڭ قارغىسى؛
بولغاچ ئۇ شەيتانغا ھەمراھ،قول-چوماق،
ئەخلاقۇ-ئىمانسىز كېتىدۇ بېشى.

ئۆتمىسۇن كۈنلىرىڭ غەپلەتتە ھەرگىز،
ئىلىمۇ-ئىرپاندىن قالدۇرغىن بىر ئىز؛
يەپ-ئىچىپ ئۇخلاش ئۇ ھايۋانغا خاستۇر،
كەتمېگىن دۇنيادىن نامۇ-نىشانسىز.

ئۆم-ئىناق ئائىلە گوياكى جەننەت،
تاپىدۇ ھاياتمۇ چىن مەنا-قىممەت؛
ئەر-ئايال،پەرزەنتلەر ئۆتسە گەر ئىجىل،
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تاپىدۇ نۇسرەت.

ئاقىلغا بىرلا سۆز بولۇر كۇپايە،
نادانغا تاياق ھەق، سۆز بولۇر زايە؛
ناداننى ئاقىلغا ئۆزگەرتمەك قىيىن،
بولمىغاچ ئۇنۈڭدا ئىنتىلىش-غايە.


مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم.
يېزىلغان ۋاقى: 2012-يىل 13-سېنتەبىر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 11:19 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bugaltir + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
bayhenim + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:25:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيىتىڭىزگە بارىكاللا  .نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى قامچىلاش بوپتۇ بۇ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:43:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-9-14 11:25 AM
ئىجادىيىتىڭىزگە بارىكاللا  .نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى قام ...

ئوخشاش  قاراشتا ....

(مەنمۇ شۇناق ئىنكاس يازماقچى ئىدىم شۇڭا مۇشۇۇنداق يازدىم بەزىبىرلەرنىڭ قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقى ئۈچۈن بۇ ئەسكەرتىش سۆزىنى يېزىپ قويدۇم )

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 ياخشى ئويلاپسىز قالاي.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74386
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3346
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-1-31
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:49:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:57:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالاللاپ ياشىساڭ ئۆتۈسەن غەمسىز،
بىل ئەمما بولمىغىن ئەقىلسىز-پەمسىز؛
ئەجىرنىڭ مېۋىسى شۇنچىدۇر شىرىن،
ئۆتمۈسۇن كۈنلىرىڭ مىشچان بوپ تەمسىز.


ماۋۇ بىر كۇبلىت بەك ياخشى چىقىپتۇ   ، رەھمەت   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:05:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتا-قايتا ئۇقۇدۇم، ياخشى يېزىپسىز،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5357
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:36:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىگە زوق بىرىدىغان شېئىركەن................

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:37:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن،ياخشى يېزىپسز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84002
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3043
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73979
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 02:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشې  چېقېپ تۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش