مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1259|ئىنكاس: 23

ئىبرەتلىك قىسسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6798
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:08:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىبرەتلىك قىسسە

ئەي قېرىنداش بۇ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن،

بىر ئاجايىپ قىسسەلەردىن ئىبرەت ئالغىن .

بۇ ۋاپاسىز دۇنيالارغا ئالدانماستىن،

شۇ ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭدىن ھىساپ ئالغىن.


ئىككى دۇنيا مىزانىنى قولغا ئالغىن ،

قىلىپ ئۆتكەن ئەمىلىڭنى ئۆلچەپ كۆرگىن.

ئاخىرەتلىك بېسىپ كەتسە، تارازاڭنىڭ،

شۇ تەرەپنى ئەڭ قىممەتلىك ئۆمۈر بىلگىن.


مۆمىن بولساڭ بەش پەرىزنى ئادا قىلغىن،

سەھەر تۇرغىن، شەيتانلاردىن جۇدا بولغىن.

ھەر-بىر قىلغان ئىبادىتىڭ خالىس بولسۇن،

ئىبادەتنىڭ  جەۋھەرلىرى دۇئا بىلگىن.

— — —

قىسسە قىلاي، غاپىل ئۆتكەن بىر ئازغۇندىن،

يۈز ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغان بىر قاتىلدىن.

بىر كۈنلىرى ئۆز-ئۆمرىدىن قورىققان قاتىل،

تەۋبە يۇلىنى بىلمەك بوپتۇ بىر دەرۋىشتىن.


دەرۋىش دەپتۇ خۇدا ئۆتمەس سەن قاتىلدىن،

يەر يۈتمەستە، دەرھال "يۇقال" ھۇزۇرىمدىن.

بۇ سۆزلەرگە جىدىيالماي ئازغۇن قاتىل،

ئۆلتۈرۈپتۇ دەرۋىشنىمۇ تۇرغان يەردىن .


قاتىل بېرىپ سورىغانكەن بىر ئالىمدىن ،

ئالىم دەپتۇ، پۇشمانمۇسەن قىلىمىشىڭدىن ؟
خۇدا ساتتار، خۇدا غاففار، ھەم مېھرىبان،

ئەگەر بولساڭ چىن پۇشايمان قىلمىشىڭدىن-

ئابىد بۇلۇپ تەۋبە قىلغىن، ئۆتمۈشىڭدىن .


قاتىل بېرىپ ئورۇن ئەپتۇ پىنھان جايدىن ،

كېچە كۈندۈز تەۋبە قىپتۇ قىلمىشىدىن.

ساخاۋەت قىپ يولدىن ئۆتكەن كارۋانلارغا ،

خىزمەت قىپتۇ، ئۆزۈر سوراپ  مەزلۇملاردىن .


يىللار ئۆتۈپ ئەمىن بولماي تەشۋىشىدىن ،

بايان قىپتۇ قىلغان تەۋبە-خەيرىسىدىن .

ئالىم دەپتۇ، كۈچەت تىككىن يول ئۈستىگە ،

مىۋە بەرسە، ئىجابەت بىل دۇئايىڭدىن .


خۇرسەن بۇلۇپ ئالىم بەرگەن مەسلىھەتتىن ،

باغ ياساپتۇ،  بىر چۆللۈككە ھەر كۈچەتتىن .

يىللار بۇيى پەرۋىش قىلىپ ئىشلىسىمۇ ،

بىخ چىقماپتۇ، ئۇ باغدىكى بىر كۈچەتتىن .


ئالىم دەپتۇ، دۇئا ئالغىن كارۋانلاردىن ،

سۈيۈڭ ئىچمەي قۇش ئۆتمىسۇن بۇ يوللاردىن .

ئابىد چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ يولنى تۇسۇپ ،

ئاش-نان بېرىپ، دۇئا ئېلىپ، ئۆتكەنلەردىن .


كېپتۇ بىركۈن، بىر يولوچى ئالدىراشتىن ،

يولنى بۇشات، دەپ توۋلاپتۇ چۈشمەي ئاتتىن .

ئابىد دەپتۇ، خەيرى قىلدىم بىر يەپ كېتىڭ .

ھەققىمىزگە دۇئا قىلىڭ، مەغفىرەتتىن .


ئاتلىق دەپتۇ، ئالدىراشمەن زۆرۈرەتتىن ،

يولنى بۇشات، بىھاجەتمەن ساخاۋەتتىن .

ئابىد يىغلاپ بۇ يولچىغا يالۋۇرۇپتۇ ،

ئېشىم يىمەي كېتەرمۇ دەپ، خىجالەتتىن .


يولچى دەپتۇ، سەن قاراقچى ئۇيالماستىن ،

خەيرى قىپسەن ئەلنى ئالداپ ھارام ئاشتىن .

ھىچ يىمەسمەن سەن قاتىلنىڭ ئاش-نېنىنى-

دەپ ۋاقىراپ، راۋان بوپتۇ چۈشمەي ئاتتىن .


بۇ ئابىدنىڭ قېنى قايناپ ھاقارەتتىن ،

سۇغۇرۇپتۇ خەنجىرىنى كۆن-غىلاپتىن .

ئاتقان ئىكەن خەنجىرىنى  شۇ ئاتلىققا- ،

كۆز يۇمۇپتۇ يەرنى چىشلەپ، غۇلاپ ئاتتىن .



ئابىد يىغلاپ، پۇشمان بۇلۇپ، قىلمىشىدىن ،

يىللار بۇيى قىلغان خەيرى-تەۋبىسىدىن .

غەم-پۇشايمان گىريانىدا باققا كىرسە ،

ئېچىلىپتۇ گۈل-چىچەكلەر ھەر كۈچەتتىن .


غەمكىن ئابىد ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ قورىققىنىدىن ،

بىلمەك بوپتۇ بۇ ئىشلارنى  ئول ئالىمدىن .

ئابىد دەپتۇ، مەن ئۆلتۈردۈم  يۇزبىر كىشى،

سەۋەپ نېمە ؟ گۈل ئېچىلدى ھەر كۈچەتتىن ؟.


ئالىم دەپتۇ، مەلۇمات بەر شۇ ئاتلىقتىن ،

خەۋەر بەرگىن، ئات-ئىگەرى ھەميانىدىن .

دەپتۇ ئابىد، تېپىلغىنى ئۈشبۇ مەكتۇب،

چىقتى بۇ خەت، ئۇ ئاتلىقنىڭ ھەميانىدىن .


ئالىم ئېچىپ خەتنى ئۇقۇپ ئالدىرەشتىن ،

ساقاللىرى تىتىرەپتۇ  دەر-غەزەپتىن .

ئالىم ئېيتىپ، ئۆلتۈرگىنىڭ بىر خائىنكەن ،

يېزىلغىنى، مەخپىيەتلىك بۇ ۋەتەننىڭ .


ئۆلتۈرۈپسەن ئول ئاتلىقنى دەر-غەزەپتىن ،

ئامان قەپتۇ شول سەۋەپلىك ئەل ئاپەتتىن .

"مەۋلامىزنى" خۇرسەن قىلغاچ  مەزكۇر ئىشىڭ -

ئېچىلىپتۇ گۈل-چىچەكلەر ھەر كۆچەتتىن-.

بىشارەتتۇر، قىلغان تەۋبەڭ  ئىجابەتتىن !!!.


مۆلجەرلى              


2008-8-17  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 11:08 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 2047
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27934
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 7835 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:14:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى قىسسە ئىكەن، ھەر بىر مۇسۇلمان بولغۇچى گۇناھىنى ھاياتلىقىدا تۆۋبە قىلىۋالسا ئەڭ ئەۋزىلى شۇ، ئاللاھ مىھرىباندۇر.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 137
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 961 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:15:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەقىيقەتەنمۇ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇ ھەر قانچە گۇناھ ئۆتكۈزسەكمۇ چىن قەلبىمىزدىن تەۋبە قىلساق ئاللاھ كەچۈرۈدۇ .بىراق بىز بەك غەپلەتتە ياشاۋاتىمىز ئىبادەتنىمۇ كوڭۈلدىكىدەك قىلماي دۇنيا ئىشلىرىغا مەشغۇل بۇلىۋاتىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى كەچۈرگىن گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن .ئامىن

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8003
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:24:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي قېرىنداش بۇ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن،

بىر ئاجايىپ قىسسەلەردىن ئىبرەت ئالغىن .

بۇ ۋاپاسىز دۇنيالارغا ئالدانماستىن،

شۇ ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭدىن ھىساپ ئالغىن.
خۇدايىم بۇيرىسا چوقۇم ئالىمىز بۇ ھىسابنى.ئاللاھ شۇ كۈنلەرگىچە ئۆمرۈمنى ئۇزۇن قىلغايلا.

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 1974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10675
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:45:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈم دېگەننى ئاللاھ بىزگە ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن بېرىدۇ .

بۇ ئالەمنىڭ ھادىسىلىرىدىن ۋە ئۆتمۈش ۋەقەلىرىدىن تەجرىبە ھاسىل قىلىپ ئىبرەت ئېلىش لازىم.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3666
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:08:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەتلىك ياخشى قىسسىكەن،رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3201
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى بەكلاچوڭقۇركەن،ھەربىرىمىزنىڭ ئىبرەت ئىلىشىغا،ئويلۇنىشىغائەرزىدىكەن،رەھمەت سىز گە،.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5297
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:28:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتالىشىش ھەممە ئادەمدە بولىدۇ ئەمما گۇناھىنى تونۇماسلىق ئىغىر جىنايەت...........
ئاللاھ خاتالىق ئۆتكۈزمىگۈچىلەرنى ئەمەس خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ خاتالىقىنى تونۇپ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ........بۇ ھەقتە ئايەت ۋەھە ھەدىس كەلگەن!

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 12:59:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز،                                                                                                                 ئادەم بىلەن شەيتان گۇنا ئۆتكۈزدى،ئادەم ئاللا نىڭ رەخمىتىدىن ئۈمۈتۋار بولدى،.ئاللا ئۇنى كەچۈردى، شەيتان ئاللا نىڭ رەخمىتىدىن ئۈمۈتۋار بولمىدى،شۇڭا ئاللا ئۇنى رەخمىتىدىن يىراق قىلدى، دىمەك ئاللا نىڭ رەخمىتىدىن ئۇمۈتسىزلىنىش نىڭ ئوزى بىر گۇنا ئىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 01:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتالىشىش ھەممە ئادەمدە بولىدۇ ئەمما گۇناھىنى تونۇماسلىق ئىغىر جىنايەت...........
ئاللاھ خاتالىق ئۆتكۈزمىگۈچىلەرنى ئەمەس خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ خاتالىقىنى تونۇپ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ........بۇ ھەقتە ئايەت ۋەھە ھەدىس كەلگەن!                                                                                                                                                                                                                                                                                               ناھايىتى توغرا دەيسىز!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش