ئاپتورى: پەرھات ئەمەت( سۆيگۇم)
ماڭلاي سۇرۇخ يېقىندا بىزنىڭ تىلىمىزگە تەرجىمە قىلىنغان ھېندىستان تۇرمۇش فىلىمدۇر. بۇ فىلىم بىز بىلەن يۈز كۆرۇشىشى بىلەن ناھايىتى قىزغىن ئالقىشقائېرىشتى. تېخى يېقىندىلا كۆپچلىك تۈركىيە فىلىم قىزغىنلىقىنى باشتىن كەچۇرگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى ماڭلاي سۇرۇخ دەپ بىر كىنو پەيدا بولۇپ دىققتىمىز دەرھال ھېندىستان تەرەپكە بۇرالدى.شارۇلخاننىڭ تالاي كېنولارنى كۆرۇپ شاما قىلىۋەتكەن خەلقىمىزدە ھېندى فىلىم قىزغىنلىقى پەسكويغا چۈشۇپ ئۇنتۇلۇپ ئارقا تەرەپتىكى< بۇدساتۋا دۆلىتى> بولغان خوشنمىزنى ئۇنتۇپ قالاي دېگەندە يەنە ھېندسىتان يېڭى بىر فىلىمنى مەيدانغا كەلتۇرۇپ بىزگە سۇنۇپتۇ. خەيرىيەت ،بىزدىكى كۆپ قسىملىق تېلىۋزىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى دەسلەپ كورىيە تەرجىمە فىلىملىردىن باشلانغان بولسا كېيىن تۈركىيە فىلىملىرىگە يۆتكىلىپ ئاخىرى مانا ئەمدى ھېندسىتانغا ئۇلاندى. ئەمدى يەنە قايسى دۆلەتتىن قالتىس كىنولار مەيدانغا كېلىدۇ بۇنىسى نامەلۇم ئىشقلىپ بىز ھەر ھالدا قۇرۇق قالمايمىز.دوستلاردىن سۈرۇشتۇرسەك ،نېمە قىلۋاتسەن دېسەكلا ئۇلار :پالانىيەنىڭ پوكۇنچى دېگەن فىلىمنى كۆرۋاتىمەن قالتىسكەن دەيدۇ شۇنىڭ بىلەن تېلىۋزورغا ياكى كومپيوتىرغا يۈگۈرەيمىز. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى چوڭ ئۆيگە بارسام ئاتا ئانام تېلىۋوزردىن ماڭلاي سۇرۇخنى كۆرۇپ تاماق يەۋىتىپتۇ. غۇلجىغا مەلۇم ئىش بىلەن كىرىپ سودا سارايلارغا بارسام كومپيوتىر بارلا دۇكانلارنىڭ ھەممسسدە دېگۇدەك پۈتۈن دىققىتى بىلەن ماڭلاي سۇرۇخنى كۆرۇپ ئولتۇرغان پىركازچىلارنى ئۇچراتتىم. بەكىرەك چاقىرىپ ماۋۇ مالنى ئالاتتىم دېمسىڭىز ،،ئۆزىڭىز تاللاپ كۆرۋىلىڭ دەپ كومپيوتىرغا بېرلىپ ئولتۇراتتى. باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۇزمەي دەپ چىقپ كەتتىم. سەل نېرىدا خەنزۇ سودىگەرلەر مېنى كۆرۇشى بىلەنلا :__لەي ،لەي،،كەن كەن. دەپ ماللىرنى تونۇشتۇرۇپ دۇكانغا مەرھەمەت قىلىدى.سودا دەۋرىدە خېرىدارلارنىڭ ئاياغ تېىۋشنى ئاڭلاپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەنلەر بىلەن خېرىدار زولاپ سورىمىغچە گەپ قىلماي بۇدرىپ تۇرۋالدىغان كىشلەرنىڭ تاپاۋىتى ئەلۋەتتە پەرقىلىق
ئىلىگىرى تۈركىيە فىلىملىرنى تولا كۆرەتتىم چەكلەنگەن سۆيگۇ،ئادانالىق،ناتىۋانلار،دېگەندەك بۇلارنىڭ بەزىلىردە زور دەرىجدىكى ئەخلاقى چۈشكۈن ھادىسلەر مەۋجۇد ئىدى. ۋەقەلىكى ئادەمنى بالداقمۇ بالداق قىزىقتۇرشى بىرگەپ ،كىنولاردىكى ئەخلاقسىزلىق قىلىمشلار ۋە پىرسوناژلارنىڭ يۈرۇش تۇرۇشلىرى بىزگە چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. بۇلاردىن قايتا ئويلىنىپ تۇرغاندا مانا ئەمدى <ماڭلاي سۇرۇخ>مەيدانغا كەپتۇ. بۇ تازا روزا ئايلىرىغا قويۇلدى. روزا ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتنى تولا قىلىدىغان،ئاللاھنى كۆپرەك زىكىرى قىلىدىغان،كۆپرەك ساۋاب تېشپقا تىرشدىغان پەسلىى .بۇ ئاينىڭ قەدىرنى بىلمەي بېھۇدە ئۆتكۈزگەن ئادەملەر ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالاتتى. ھالبۇكى ئادەملىرىمىزدىكى كۆپ قسىم كىنو قىزغىنلىقى بۇ خىل ئەھمىيەتنى ھېس قىلىشقا ئۈلگۈرتمەيلا قالماستىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سائەت سائەتلەپ ۋاقتىنى سېلىپ بەردى. شۇنداق بولغاچقا بۇ ھەقتە ئويلانماي بولمىدى.
فىلىم كۆرۇشنىڭ ئەھمىيتى با ئەلۋەتتە مەن بولۇپمۇ بىز بىر نەرسسلەرگە ئاسانلا قىزىقىپ نېرى بېرسىنى سۈرۇشتۇرۇپ يۈرمەيمىز. كۆزىمىز ئېچقىلىق تۇرسلا جاھاننىڭ ھەممە يېردىكى فىلىملەرنى كۆرۇپ باقىمىز كېلىدۇ.
بىز ئەڭ ئاۋۋال شۇنى بىلىشمىز كېرەككى بىز قىزىقىپ كۆرىۋاتقان فىلىم ماڭلاي سۇرۇخقا ئوخشاش ھېندسىتان فىلىملىرىدە خۇراپاتلىق ئىدىيلەر ،بۇتلارغا چوقۇنۇش ،ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش پال ئاچقۇزۇش پالغا ئىشنىشقا ئوخشاش ھەرخىل خۇراپىي كۆرۇنۇشلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ.پىرسوناژلار بىرەر قېينچلىققا يولۇقسىلا بۇدنىڭ ئالدىغا كېلىۋالىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى بىز ،پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز دىققتىمىز بىلەن كۆرۋاتقان نەرسىدە
مەدەنيتىمىزگە ياد ھادىسلەرنى كۆرگەندە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشمىز كېرەك.چۈنكى ئۇنىڭ چېچىۋاتقان ئۇرۇقى نېمە بۇنى بىلىپ قويۇش كېرەك. بىر فىلىم يالغۇز ۋەقەلىكنىلا ئەمەس شۇ خىل كىشلەر توپنىڭ خاس مەدەنىيتىنمۇ ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ يىلتىىزى مەدەنىيەت تۇپرىقدا ئۆسۈپ بارلىققا كەلگەن. سىز قىزىقپ كۆرىۋاتسىز ئەزان ئاۋازى كۆكتە ياڭراپ توختاپ قالدى سائەتنىڭ چىكلىدىشىمۇ يادىڭىزدىن بەلكىم چىقىپ كەتتى،،،ناماز ۋاقتلىرى ئۆتۈپ كەتتى،،،سىز بولسڭىز ئاز قالدى ،،،يەنە ئازىراق كۆرۋىلاي ھازىرلا ناماز ئوقۇيمەن دەيسز،،ئاندىن يەنە سەل تۇرۇپ ئوقۇساممۇ بولدىغۇ دەپ فىلىم ئىچىگە كىرىپ كېتىسىز. ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇنكى قېرىندشىم ،،،بىراۋ قايسى قەۋىمگە قىزىقسا شۇلارغا مايىل بولسا قىيامەت كۈنى شۇلارنىڭ قاتارىدا قوپىدىغانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك ھەدسىلەر بار فىلىم كۆرسىڭىز كۆرۇڭ قىزىقسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق.لىكىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىڭكى بۇ پەقەتلا بىر فىلىم ھەرقانچە قالتىس بولسىمۇ سىزنىڭ ئىبادىتڭىزدەك قالتىس ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمەس. ھەرقانچە مول مەزمۇنلۇق بولسىمۇ ئەتراپىڭىزدىكى ئاددى تۇرمۇشڭىزچلىك مەنىلىك ئەمەس. ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىكلەرنى ھېلىقى يازغۇچى سىنارسىت ئەتراپلىق پىلانلاپ ئاندىن تالاي قېتىم مەشق قىلىپ سەكسەن قېتىم قايتا قايتا ياندۇرۇپ فىلىمگە ئېلىپ بازارغا سالغان نەرسە خالاس.
سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز كىنو فىلملەر بىلەن خاتىرجەملىككە ،خوشاللىققا تولدىغان بولسا سىز دۇنيادىكى ئەڭ بەختىسىز ئادەم. ھەقىقى بەخىت دەل بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ،خوشنلىرىڭىز بىلەن بىرە بەش ئون مېنۇت پاراڭلشىش،كىشلەرگە سالام قىلىش، ئاللاھنى چىن دىلدىن ياد ئېتىپ ئىككى رەكەت نەفلە ناماز ئوقۇش، ئەھمىيەتلىك خەۋەر پراگراملارنى كۆرسىڭىزمۇ ئوخشاشلا خوشاللىق تاپالايسىز.
ماڭلاي سۇرۇخ، قىزغىنلىقى بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىڭىمىزغا،ۋاقتىمىزغا شۇنداقلا ھەر كۈنلۈك ئىشلىرىمىزغا تەسىر يەتكۈزمىسۇن!
يۇقارىقى قاراشلىرىمدا بىر تەرەپملىك ۋە خاتالىقلار بولسا كۆپچلىكنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىشنى ئۈمىد قىىلىمەن. تەنقىد بەرسەڭلارمۇ مەن رازى پەقەت ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرنى بايان قىلدىم.
2012.9.13 كەچ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-14 12:24 AM