پۇراتتى ھىدىڭنى ئىللىق شوخ شامال
شاماللار ئۇچۇرغان سېرىق غازاڭدەك،
روھىمدا سەرسانلىق قىلماقتا جىلۋە.
كۆڭلۈمنى كەزسىمۇ غېرىپ تەنھالىق،
مەن سېنى كۈتىمەن- كۈتىمەن يەنە.
نە سەۋەپ سەن مىنىڭ ئوتلۇق تىلىكىم،
سەنسىز بۇ ھاياتىم يەلكەنسىز كىمە.
دىلدىمدىن ئۇرغۇيدۇ سۆيگۈ ئەقىدەم،
روھىمنى سۇغارغاچ ئوتلۇق مېھرىڭدە.
شۇرۇلداپ ئاقماقتا قېنىمدا ئۇرغۇپ،
دىلىمدا، تىلىمدا سېنىڭلا ئىسمىڭ.
چۇلغۇسا قەلبىمنى ئاچچىق تۇيغۇلار،
بىرىدۇ تەسەللى ئۇنتۇلماس مېھرىڭ.
ھەرتاڭدا سورايمەن ئىللىق شامالدىن،
ۋەسلىڭگە شۇنچىلىك تەقەززار بۇلۇپ.
شاۋقۇنسىز بىرىدۇ شاماللار جاۋاپ،
كىرپىكلەر ئارسىغا شەبنەمدەك قۇنۇپ.
خىيالىم كىزەر شامالغا قۇشۇلۇپ،
شىرىن ئارزۇنىڭ پەرقاققان پەيتىدە.
شاماللار توختىماي سۆزلەپ تەرپىڭنى،
يەتكۈزەر ئىللىقلىق تىزىپ گۈلدەستە.
پۇراتتى ھىدىڭنى ئىللىق شوخ شامال،
مېھرىڭنىڭ سۈيىدە ئاققۇزۇپ مېنى.
مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ئۆزگەرمەس قەلبىم،
تىنقىمدىن قالغۇچە سۈيىمەن سېنى.
مەنبە قەلىمىم