يۇقىرى قان بېسىم بولساتىنىچ ھالەتتە تۇرغاندا ئارتىرىيە تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى140 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرىكىدىن ، ئېچىلىش بېسىمى90 مىللىمېتېر سىماب تۇۋرىكىدىن ئىشىپ كېتىشنى ئاساسلىق ئالامەت قىلغان سوزولما كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ .
بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ھەقىقىي قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇخىل قان بېسىمى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ95% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئادەتتە قان بېسىم كېسىلى مۇشۇ بىرلەمچى قان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇزاق مەزگىل ھەتتا بىر ئۆمۈر دورا ئىچىپ داۋالاش كىرەك بولىدۇ.
ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى بولسا بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ، ساختا قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ5% نى تەشكىل قىلىدۇ.مەسىلەن: بۆرەك شارچە يالۇغىدىكى قان بېسىمى ئۆرلەش ئالامىتى، بۆرەك خىرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسى، بۇرەك ئارتىرىيەسى تارىيىش كېسىلى قاتارلىقلاردا قان بېسىم ئۆرلەش ئالامىتى بولىدۇ، قان بېسىم يۇقۇرلاش بۇ خىل كېسەللەرنى داۋالىغاندىن كىيىن يوقىلىدۇ..
يۇقۇرى قان بېسىمىنىڭ بۆلۈنىشى:
قان بسىمىنىڭ بۆلۈنىشى | قان بېسىمىنىڭ بۆلۈنىشى
|
كېڭىيىش بېسىمى(mmHg) | قىسقىرىش بېسىمى(mmHg)
|
80〉 | 120〉
| ئۆلچەملىك قان بېسىم
|
85〉 | 130〉
| نورمال قان بېسىم
|
89~85 | 139~130
| نورمال يۇقۇرى بېسىم
|
99~90 | 159~140
| (يېنىك)1-دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم
|
94~90 | 149~140
| كېلىنىك يۇقۇرى قان بېسىم
|
109~100 | 179~160
| (ئوتتۇرا)2-دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم
|
110≤ | 180≤
| (ئېغىر)3-دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم
|
90〉 | 140≤
| قىسقىراش بېسىمى يۇقۇرلاش خاراكتىرىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم
|
90〉 | 140~149
| كېلىنىك قىسقىراش بېسىمىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم |
مەنبەسى يوق ياكى ئېنىق يېزىلمىغان تېمىلار تەستىقلانمايتتى. بۇ تېما نۆۋەتتە كۆپلىگەن يۇقرى قان بېسىم كېسىلى باركىشىلەرگە
مەلۇم جەھەتتىن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى بېرەلەيدىكەن.شۇڭا تەستىقلاندى.مەنبەسى: تور دۇنياسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار جەۋھىرى
خارۋارد ئاممىۋى ساغلاملىق ئېنىستوتىدىن ۋورفىنوۋ ۋېنكمېرنىڭ ئېيتىشچە ئۇ مەزكۇر تېمىنى 12 يىل تەتقىق قىلغان بولۇپ ،تەخمىنەن155مىڭ نەپەر ئاياللار ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا كۈندە 3 ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ كۈندە 3 ئىستىكاندىن ئاز قەھۋە ئىچىدىغان ياكى قەھۋە ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا يۇقۇرى قان بېسىم كېلىشىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 7%~12%گىچە بولغان. نىسبىتىدە سەللا پەرق بولىدىكەن، بۇنىڭدىن قارىغاندا يۇقۇرى قان بېسىمنى كوفىئىن ئەمەس بەلكى كولانىڭ تەركىبىدىكى بەزى خىمىيىلىك تەركىبلەر مەسلەن ناترىي دىگەندەك تەركىپلەر ئۆرلىتىۋېتىدىكەن.
مەيلى بىز قەنت تەركىبى قانچىلىق تۆۋەن بولغان كولانى ئىچمەيلى ئوخشاشلا يۇقۇرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرىنى ئازايتقىلى بولمايدۇ،كوفىئىن قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ دىگەن گەپنىڭ ئاساسى يوق بولۇپ، كولانىڭ تەركىبىدىكى ناترىي قاتارلىق خىمىيىلىك تەركىپ يۇقۇرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق خەتەردۇر.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە يۇقۇرى قان بېسىم كېسلى يۈرەك كېسەللىكى، شامالدارىش ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ شۇڭا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەتتە تۇزلۇق ، ئاچچىق ، مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش كېرەك.
<<سەكسەن خالتا>>دىكى بىلىملەر
|
يۇقىرى قان بېسىم بولسا تىنىچ ھالەتتە تۇرغاندا ئارتىرىيەتومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى140 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرىكىدىن ،ئېچىلىش بېسىمى 90مىللىمېتېر سىماب تۇۋرىكىدىن ئىشىپ كېتىشنىئاساسلىق ئالامەت قىلغان سوزولما كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتەبىرلەمچى ي
يۇقىرى قان بېسىم بولساتىنىچ ھالەتتە تۇرغاندا ئارتىرىيە تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى140 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرىكىدىن ، ئېچىلىش بېسىمى90 مىللىمېتېر سىماب تۇۋرىكىدىن ئىشىپ كېتىشنى ئاساسلىق ئالامەت قىلغان سوزولما كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ .
بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ھەقىقىي قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇخىل قان بېسىمى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ%95 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئادەتتە قان بېسىم كېسىلى مۇشۇ بىرلەمچى قان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇزاق مەزگىل ھەتتا بىر ئۆمۈر دورا ئىچىپ داۋالاش كىرەك بولىدۇ.
ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى بولسا بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ، ساختا قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ%5 نى تەشكىل قىلىدۇ.مەسىلەن: بۆرەك شارچە يالۇغىدىكى قان بېسىمى ئۆرلەش ئالامىتى، بۆرەك خىرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسى، بۇرەك ئارتىرىيەسى تارىيىش كېسىلى قاتارلىقلاردا قان بېسىم ئۆرلەش ئالامىتى بولىدۇ، قان بېسىم يۇقۇرلاش بۇ خىل كېسەللەرنى داۋالىغاندىن كىيىن يوقىلىدۇ.
قان بېسىمىنى داۋالاش قان بېسىمىنى داۋالاشداۋالاشتا: تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە دورا بىلەن داۋالاش تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.
u ئەگەر يۇقىرى قان بېسىمى يېنىك ( 1 – دەرىجىلىك) يۇقىرى قان بېسىمى( 140-159 /90-99 ) بولۇپ، ھازىرچە يۈرەك، مېڭە، بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمىغان بولسا ، دورا ئىشلەتمەي داۋالاش (تۆۋەندىكىدەك تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ) ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، ئادەتتە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە قوللىنىپ ئۇنۇمى كۆرۇلمىسە دەرھال دورا بىلەن داۋالاشنى باشلاش لازىم ،بولمىسا ئەگەشمە كىسەللەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. سەل قاراپ دورا ئىچمەي يۇرۇشكە قەتئى بولمايدۇ. قان بېسىم تۇراقلاشقاندىن كىيىنلا دورا مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئەمما توختاتماسلىق كىرەك. ھەتتاكى بىر ئۆمۈر دورا ئىچىلىدۇ.شۇندىلا ئەگەشمە كىېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە يۇقۇرى قان بېسىمىنى140/90mmHg〉دىن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
u تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش(دورائىشلەتمەي داۋالاش):1. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە دىققەت قىلىش، قوبۇل قىلىدىغان ئاش تۇزىنىڭ مىقدارنى ئازايتىش، قوي گۆشى قاتارلىق ياغ تەركىبى(خولىسترول) يۇقىرى بولغان ھايۋانات گۆشلىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىش، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولغان ئۆي قۇشلىرى، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم.2. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن تىپكە كىرىدىغانلار ئورۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، نورمال پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىش ياكى يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئېغىرلىقتىن، 10% ئېشىپ كەتمىگەن ھالەتتە ساقلىشى كېرەك. كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئىغىرلىقى بولسا بوي ئىگىزلىكىدىن (سانتىمىتىر ئاساس قىلنىدۇ) ئەمەلىي بەدەن ئېغىرلقىنى ئېلىۋەتكەنگە تەڭ بولۇپ،10% ئېشىپ كەتمىگەن ھالەتتە ساقلىشى كېرەك3. جىسمانىي ھەرىكەتنى كۈچەيتىش، سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، تەيجى گۇمپىسى ئويناشقا ئوخشاش نورمال ھەرىكەتلەر بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللىنىش لازىم. ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان دەرىجىدە ئوكسىگېنلىق شارائىتتا ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، جىددىي ھەرىكەت يەنى، تېز يۈگۈرۈش، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشكە ئوخشاش چارچىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق لازىم.4. روھى بېسىمنى ئازايتىش، ئۇزۇن مۇددەت جىددىي روھى جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش، نورمال كەيپىياتنى ساقلاپ، ئىمكانقەدەر ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.5. ھاراققا چەك قويۇش، ھەمدە تاماكا چەكمەسلىك لازىم. يۇقىرىقىدەك دورىغا تايانماي داۋالىنىش ھەمدە يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋپلىك ئامىللارنى تىزگىنلىگەندىن باشقا، قان بېسىمىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. ئادەتتە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە قوللىنىپ ئۇنۇمى كۆرۇلمىسە دەرھال دورا بىلەن داۋالاشنى باشلاش لازىم ،بولمىسا ئەگەشمە كىسەللەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. (مۇھىم ئەسكەرتىش :) بۇ ئۇسۇلنى ئادەتتە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە قوللىنىپ ئەگەر يەنىلا نورمال قان بېسىم ئۆلچىمىگە يەتمىسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىش زۆرۈر.سەل قاراپ دورا ئىچمەي يۇرۇشكە قەتئى بولمايدۇ.
u دورا بىلەن داۋالاش
دورا بىلەن داۋالاشقا ماس كېلىدىغانلار: u قان بېسىمى داۋاملىق يۇقۇرى بولغىلى 6ئايدىن ئاشقانلار،تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ قان بېسىمى كونترول بولمىغان يەڭگىل دەرجىدىكى ( 1-دەرىجىلىك قان بېسىم )بىمارلىرى ئەگەر يەنىلا نورمال قان بېسىم ئۆلچىمىگە يەتمىسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىش زۆرۈر.سەل قاراپ دورا ئىچمەي يۇرۇشكە قەتئى بولمايدۇ.u ئىككىنچى دەرىجىدىكى ( ئوتتۇرا دەرىجىدىكى )يۇقۇرى قان بېسىم ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار چوقۇم تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە دورا بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۇرۇشى ۋە ئۇزاق مەزگىل ھەتتاكى بىر ئۆمۈر دورا بىلەن داۋالىنىشى كېرەك.؛u يۇقۇرى قان بېسىمىغا دىئابىت قوشۇلۇپ كەلگەنلەر ياكى رەئىس ئەزالار زەخمىلەنگەن ۋە ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگەنلەر
قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارقان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار 5تۈرگە بۆلۈنىدۇ.l 1. سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار ( 利尿剂 )l 2. β قوبۇللىغۇچ تەنچىنى ئۈزگۈچى دورىلار (β受体阻滞剂) l 3 . قان تومۇرنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى فرمىنت خىزمىتىنى تورموزلىغۇچىلار (ACEI ) ( 血管紧张素转换酶抑制剂 )l 4 . كالتىسىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈزگۈچىلەر ( 钙离子拮抗剂)l 5. قان تومۇرنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچىII قوبۇللىغۇچ تەنچىنى ئۈزگۈچىلەر ( ARB ) (血管紧张素II受体阻滞剂 )
u سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارمىخاينىزىمى_ناترىينى چىقىرىپ تاشلاپ، ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، قان تومۇرنىڭ قارشلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.ماس كېلىدىغانلار:يېنىك ، ئوتتۇرا ھال تىپتىكى يۇقۇرى قان بېسىم، تۇزغا سەزگۈر بولغان يۇقۇرى قان بېسىم، سېمىزلىكتىكى يۇقۇرى قان بېسىم، دىئابىت قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇرى قان بېسىم،كېلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار ۋە ياشانغانلاردىكى يۇقۇرى قان بېسىم. ۋەكىللىك دورىلار-ھىدرو خىلور تىئىازىدى(双氢克尿噻)، سۇنىياۋ(速尿)، لونىيجى(螺内酯)،چەكلىنىدىغانلار: شامال دارىش قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇرى قان بېسىمىغا سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،كالى ساقلاپ قالغۇچى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىنىACEIتۈرىدىكى دورىلار بىلەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۆرەك زەئىپلەشكەنلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. u β قوبۇللىغۇچ تەنچىنى ئۈزگۈچى دورىلارۋەكىللىك دورىلار: بىتالوك(倍他乐克) ، شىندېئەن(心得安) ، كاۋىيدىلور(卡维洛次)،ماس كېلىدىغانلار: ھەر خىل دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم بولۇپمۇ يۈرەك ھەركىتى تىزلىشىپ كەتكەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك سانجىقى قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇرى قان بېسىم، ھەركەت قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قان بېسىمى تۇيۇقسىز يۇقۇرىلاپ كېتىش قاتارلىقلار.چەكلىنىدىغانلار: جىددى خاراكتىرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، كاناي زىققىسى،سوزولما كانايچە ياللۇغى، دالانچە قىرىنچىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئەتراپ قان تومۇر كېسەللىكى، دىئابىت كېسەللىكى. u كالتىسىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈزگۈچىلەرمىخاينىزىمى- كالتسى ئىئونىنىڭ قان تومۇرھۆجەيرىسى ئىچگە كىرىشىنى توسىدۇ.ۋەكىللىك دورىلار :شىياۋ بېندىپىڭ(硝苯地平)، ۋىراپامىل(维拉帕米)،ئەنلۈدىپىڭ(氨氯地平)،فېي لۈدىپىڭ(非氯地平)ماس كېلىدىغانلار- ھەر تۈرلۈك دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى يۇقۇرى قان بېسىم، ياللۇغ قايتۇرغۇچ دورا، ياكى يۇقۇرى ناترىيلىك دورا ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقانلار، ھاراق ئىچىدىغانلار، دىئابىت قوشۇلۇپ كەلگەنلەر، تاجىسىمان يۈرەك كېسلى بارلار، ئەتراپ قان تومۇر كېسەللىكى.چەكلىنىدىغانلار- ئۆتكۈر خاراكتىرلىك يۈرەك زەئىپلەشكەنلەر،، يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلار؛u قان تومۇرنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى فىرمىنت خىزمىتىنى تورموزلىغۇچىلارACEIمىخاينىزىمى-قان تومۇر ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا نى بىركتۈرىدىغان فىرمىنىت بىلەن بىرىكىۋىلىپ بۇ فىرمىنىتنىڭ رولىنى توسۇش ئارقىلىق قان تومۇر ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىنىڭ بىرىكىشىنى توسىدۇ. ۋەكىللىك دورىلار :كاتۇپۇلى(卡托普利/开博通)، يىناپۇلى(依那普利)،بىناپۇلى(比那普利)،فۇشىنپۇلى(蒙诺/福辛普利)ماس كېلىدىغانلار-سېمىزلىك ،دىئابىت قوشۇلۇپ كەلگەن ۋە يۈرەك كېسىلى قوشۇلۇپ كەلگەنلەر، ھەمدە بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالار زەخمىلەنگەن يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكىگە نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى.بولۇپمۇ يۈرەك زەئىپلىگۈچى قوشۇلۇپ كەلگەنلەر، يۈرەك تىقىلمىسىدىن كىيىنكى يۇقۇرى قان بېسىم، قەنتكە قارىتا قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن ياكى دىئابىتلىق بۆرەك كېسلى قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكى.چەكلىنىدىغانلار- قاندا كالىي يۇقۇرىلاپ كەتكەنلەر، ھامىلدارلار، ئىككى تەرەپ بۆەك ئارتىرىيسى تارايغانلار، قاندىكى 3mg肌酐دىن ئېشىپ كەتكەنلەرناچار تەسىرى: ئايرىم بىمارلاردە قۇرۇق ھۆتەل پەيدا قىلىدۇ.u قان تومۇرنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچىIIتەنچىنى ئۈزگۈچىلەر (ARB)ۋەكىللىك دورىلار : لۈشاتەن(氯沙坦)، لوشاتەن(络沙坦)ماس كېلىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلارACEIتۈرىدىكىلەرگە ئوخشاش.ئەمما قۇرۇق يۈتەل كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ داۋالاش پىرىنسىپىu ھىچقانداق ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلمىگەنلەرگە 5تۈردىكى قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىنىڭ ھەر قاندىقىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگۈچىلەرگە قارىتا شۇ خىل كېسەل ماس كەلگەن تۈردىكى دورىنى ئىشلىتىش كىرەك. u دورا ئىشلىتىشتە ئاۋۋال كىچىك مىقداردىن باشلاش ۋە بارا-بارا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ياكى دوار بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كىرەك.u 2- دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىمىغا قارىتا باشلىنىشتىلا 2خىل تۈردىكى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كىرەك.2خىل قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش لاھىيسى: 利尿剂+β受体阻滞剂利尿剂+ACEI/ARB钙拮抗剂+β受体阻滞剂钙拮抗剂+ACEI/ARBu 3خىل قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشتە چوقۇم چەكلىنىدىغان كېسەللىككە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە 3خىلنىڭ ئىچىدە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورا بولۇشى كىرەك.u قان بېسىم تۇراقلاشقاندىن كىيىنلا دورا مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئەمما توختاتماسلىق كىرەك. ھەتتاكى بىر ئۆمۈر دورا ئىچىلىدۇ.شۇندىلا ئەگەشمە كىېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.u دوختۇر- بىمار پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، قان بېسىمىنى دائىم ئۆلچەپ تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك. شارائىتى بلسا قان بېسىم ئۆلچىگۈچ سېتىۋىلىپ ئائىلىدە قان بېسىمىنى دائىم ئۆلچەپ كۆزىتىش كىرەك.u ئادەتتە يۇقۇرى قان بېسىمىنى140/90mmHg〉دىن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. |
|
تەھرىردىن : قان بېسىمى باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشىمايدۇ، دۇرىنى ئىستىمال قىلغاندا مەخسۇس دوختۇرنىڭ دورا رېتسىپى، داۋالاش لاھىيەسى، ئۇزۇقلىنىشقا قارىتا بەرگەن تەكلىپلىرىگە ئاساسەن ئىستىمال قىلىشىنى تەكىتلەيمىز. تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇنازىرە مۇنبىرىگە يۇقىرىقىدەك تېما يوللىغاندا ئىستېمال ئۇسۇلى، ئىستىمال مىقدارى، ئىستىمالچىلار ئوبېيكتى ھەققدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشتىن سىرىت يۇقىرىقى ئىزاھاتنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.نۇرغۇن كىشىلەر توردىكى ئۇچۇرلارنى مۇتلەق راس دەپ ئويلايدۇ. ئەمما تىببى ساھە بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ. مۇنبەردە تەستىقلانغان تېمىلار پەقەت ئۇچۇر تارقىتىشنى مەقسەت قىلىنغان. تېمىنىڭ تەستىقلىنىشى تېمىدىكى ھەربىر مەزمۇننىڭ توغرىلىقىنى، ۋە شۇ مەزمۇننى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ . مۇنبەر ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ھەر بىر يازما ئۆز ئىگىسىگە ۋەكىللىق قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-14 10:55 PM